Jump to content

ئىنسان مېڭىسىنىڭ ئىقتىدارى قانچە ياشتا يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ؟

ئورنى Wikipedia

ئىنسان مېڭىسىنىڭ ئىقتىدارى قانچە ياشتا يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ؟

نۇرغۇن كىشىلەر 30-40 ياشتىلا «قېرىپتىمەن، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىم ياخشى ئەمەس» دېگەن گەپنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. ئاۋسترالىيەنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىنسانلارنىڭ 55 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان ۋاقتىدا چوڭ مېڭىسىنىڭ ئومۇمىي ئىقتىدارى ئاندىن يۇقىرى پەللىگە يېتىدىكەن، مۇرەككەپ ۋەزىپىلەرنى بىر تەرەپ قىلغاندا ھەمدە خىزمەت سورۇنىدا يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرى بولغاندا، ئىپادىسى ياش ۋاقتىدىكىدىن تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 16-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاۋسترالىيەدە ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك ئاغدۇرمىچىلىق خاراكتېرلىك تەتقىقات ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەرگە يېڭىچە نەزەر ئېلىپ كەلدى: ئىنسان مېڭىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى ياشلىق دەۋرىدە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقمايدۇ، بەلكى 55 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا ھەقىقىي يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ.

بۇ تەتقىقات بىلىش ئىقتىدارى، شەخسىيەت ئالاھىدىلىكى ۋە پىسخىكىلىق ئىقتىدارنىڭ مۇناسىۋىتىنى سىستېمىلىق ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، «ئالتۇن ياش» قا قايتىدىن ئېنىقلىما بەردى.

تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى، ئەستە تۇتۇش دائىرىسى، ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتى، بىلىش جانلىقلىقى، بىلىش ئېھتىياجى ۋە سىرتقا يۈزلىنىش خۇسۇسىيىتى قاتارلىقلار 18 ياشتا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىدىكەن. ھېسداشلىق قىلىش ئىقتىدارى 25 ياشتا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ؛ يېڭى شەيئىلەرنى قوبۇل قىلىش دەرىجىسى 35 ياشتا ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ؛ (EQ) ھېسسىيات بۆلۈنمىسى 40 ياشتا ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ؛ باشقىلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسى 50 ياشتا ئەڭ ياخشى بولىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، بىلىم زاپىسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە پۇل-مۇئامىلە ساپاسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى 65 ياشتا ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يېتىدۇ؛ ھېسسىيات مۇقىملىقى ۋە ئەخلاقىي تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى 75 ياشتا ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ؛ 80 ياشتا، پايدىسىز تاللاشلاردىن ئاقىلانە ھالدا ۋاز كېچىش ئىقتىدارى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ.

تەتقىقات گۇرۇپپىسى خۇلاسە قىلىپ مۇنداق دېدى: گەرچە نۇرغۇن تەتقىقاتلار «ئاقما بىلىش ئىقتىدارى» (يەنى فىزىئولوگىيەگە ئاساسلانغان بىلىش ئىقتىدارى، مەسىلەن، تونۇش، ئەستە تۇتۇش، ھېسابلاش سۈرئىتى، تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى قاتارلىقلار) نى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تەتقىقاتى شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ئەگەر تېخىمۇ كەڭ خۇسۇسىيەتلەرنى ئويلىشىشقا كىرگۈزۈلسە، ئىنسان مېڭىسىنىڭ ئىقتىدارى ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا ياشتا ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدۇ.

بۇ بايقاش «ئوتتۇرا ياشتىكى ئەندىشە» دېگەن ئەنئەنىۋى قاراشنى بۇزۇپ تاشلاپ، 55 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان ئارىلىقنى «پىسخىكىلىق ئىقتىدارنىڭ بىرىكمە يۇقىرى پەللىسى» دەپ قايتىدىن بېكىتتى.

تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: «ياشلىق ئاستا-ئاستا يىراقلىشىپ كەتكەنسېرى، سىز قېرىشتىن ئەنسىرەشكە باشلىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما بىزنىڭ تەتقىقاتىمىز شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە كەلگۈسىگە ئۈمىد باغلاشقا ئاساسى بار. نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن، ئومۇمىي پىسخىكىلىق ئىقتىدار ئەمەلىيەتتە 55 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدۇ. بەلكىم كىشىلەر ئوتتۇرا ياشنى ئەمدى ۋاقىت ساناشنىڭ ئاخىرى دەپ قارىماسلىقى، بەلكى ئۇنى ھاياتلىقنىڭ يۇقىرى پەللىسى دەپ قارىشى كېرەك.»


مەنبە: ئالپ سالونى