ئىنسان ھەققىدە (ئاچچىق) تەپەككۇرلار
ئىنسان ھەققىدە (ئاچچىق) تەپەككۇرلار
ئىنسان كۆرۈنۈشتە قاتتىق ۋە ئېغىرلىق جىسىمدىنلا ئىبارەت بولۇپ قالسا، ئۇ چاغدا ئىنساننى پۈتكۈل جانلىق ۋە جانسىز جىسىملار بىلەن ئورتاق بەئەينى بىر جىسىم دېيىشكە بولىدۇ. ئەگەر ئىنسان دېگەنلىك «ئۆسۈپ يېتىلىش»، «رىزىق ئىزدەش»، «كۈچلۈكلىرى كۈچسىزلەرنى ئېزىپ يوق قىلىش»تىن ئىبارەت بولۇپ قالسا، ئۇ چاغدا ئىنسان پۈتۈن جانلىق مەۋجۇداتلاردىن پەرقى بولمىغان بىر قېلىپتىكى جىسىم بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى ئۆسۈملۈكلەر سۇسىز قالسا، ياپراقلىرى سولىشىپ سارغىيىدۇ. بەزى ئۆسۈملۈكلەر ئەلەمنى، قايغۇنى سېزىدۇ. ئۆسۈملۈكلەر يەردىن ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان رىزىقنى ئىزدەپ، يىلتىزى ئۆزئارا كۆپ بولغان ئۆسۈملۈكلەر يىلتىزى ئاجىز ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يەردىن ئالىدىغان رىزىقىنى تارتىۋېلىپ قۇرۇتۇپ قويىدۇ. بەزى شاخلىرى باراقسان، كۈچلۈك ئۆسۈملۈكلەر ئۆزىدىن ئاجىزلىرىغا سايە سېلىپ كۈن نۇرىنى بەرمەستىن قۇرۇتۇپ قويىدۇ. مانا بۇنىڭغا قارىغاندا، ئىنساننى ئۆسۈملۈكتىن ھېچ پەرقى يوق، بىر ھايۋان دېيىشكە توغرا كېلىدۇ.
ئىنسان ئەگەر بەش سەزگۈ ئەزادىنلا ئىبارەت بولۇپ قالسا، ئۇ چاغدا ئىنساننى بىر قىسىم ھايۋانلاردىنمۇ پەس بولغان بىر ھايۋان، دېيىشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى بەزى ھايۋانلار ئۆزىگە پايدىلىق نەرسىنى يىراق يەردىنمۇ كۆرىدۇ، سېزىدۇ. دۈشمەننى يىراق يەردىن سېزىپ قاچىدۇ. چامى يەتسە قارشى تۇرۇپ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىدۇ ياكى قېچىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەپمۇ بولسا، بىر ئامال قىلىپ ئۆز ھاياتىنى ساقلايدۇ.
ئەگەر ئىنسان دېگەنلىك ئائىلە ۋە جەمئىيەتنى تەشكىل قىلىپ ياشاشتىنلا ئىبارەت بولغىنىدا، ئۇ چاغدا ئىنسان قاناتلىق ۋە قاناتىسز ھايۋانلاردىنمۇ بەتتەر پەس ھايۋان بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، بەزى ھايۋانلار ئائىلە تەشكىل قىلىپ، جەمئىيەتلىشىپ ياشايدۇ. بۇلار ھەرگىز جەمئىيىتىدىن ئايرىلمايدۇ. بەزىلىرى جەمئىيىتىگە ۋە ئۆزىگە قانداش بولسىمۇ، رەڭداش ۋە ئىسىمداش بولمىغانلىرى بىلەن جۈپلىشىپ ئارىغا ئالىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ. بۇلار قانداشلىرىغا زىيان سالماستىن دائىم دېگۈدەك بىر - بىرىنى ھىمايە قىلىپ، دۈشمەنگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇپ، ئۆزىنى قوغدايدۇ. بىر - بىرىنى دۈشمەنگە تۇتۇپ بېرىپ گۆشىنى يېمەيدۇ. بۇلارنىڭ دۈشمەندىن ئۆزىنى قوغداپ قالالىغۇدەك ماددى ۋە مەنىۋى قورالى بار. ئاشۇ قورالى ئارقىلىق ئۆزىنى ھىمايە قىلىدۇ. ھالبۇكى ئىنسان ئاشۇ ھايۋانچىلىك يىراقنى كۆرەلمىدى. دۈشمەننى سېزەلمىدى.
ناۋادا ئىنسان دېگەنلىك ئۆي تۇتۇپ ئائىلىسىگە ئىگە چىقىشتىنلا ئىبارەت بولىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئىنسان يەنە بىر قىسىم ھايۋانلاردىنمۇ پەس ھايۋان دېمەكتۇر. چۈنكى ئۆيىگە ئىگە چىقىدىغان بەزى ھايۋانلار ھېچقاچان ئۆز ئۆيىنى ئۆزىدىن كۈچلۈك ياكى كۈچسىز بىرەر ھايۋانغا بەرمەيدۇ. مەسىلەن، قاغىنىڭ ئۆيىنى يىرتقۇچ ھايۋانلاردىن سار تارتىۋالماقچى بولسا، باشقا قارغىلار بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلىپ سارغا بەرمەيدۇ.
ئەگەر ئىنسان دېگەنلىك خوتۇن ئېلىپ، بالا تېپىش، بالا تەربىيەلەشتىنلا ئىبارەت بولىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئىنسان يەنە ئوخشاش ھايۋاندىنمۇ پەس ھايۋاندۇر. چۈنكى بەزى ھايۋانلار بالا تېپىش ۋە تەربىيە قىلىشتا يات بىلەن بەسلەشمەستىن، ئەقەللى ھالدا ئۆز بالىلىرىغا رىزقىنى تېپىپ يېيىشنى، دۈشمەندىن قوغدىنىشنى، قېچىشنى ۋە دۈشمەنگە قارشى تۇرۇشنى ئۆگىتىدۇ. بالىلىرىمۇ ئاتىلىرى ئۆگەتكەن تەربىيەنى قوبۇل قىلىپ نەسلىنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ. بەزى ئىنسانلار بالا تېپىپ تەربىيە قىلمىغانلىقتىن، بالىلىرى تەربىيەسىزلىكى تۈپەيلى تۈرلۈك تەبىئەت ھادىسىلىرىگە ئۇچراپ يوق بولۇپ، نەسلى قۇرۇيدۇ.
ناۋادا ئىنسان تەلىم - تەربىيەنى قوبۇل قىلىش بىلەنلا ئىنسان بولۇپ قالىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئىنسان ھايۋانغا ئوخشاش دەرىجىدىكى بىر ھايۋان بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، مايمۇنغا شاھمات ئويناشنى، كىيىم تىكىشنى، گەزمال توقۇشنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ھۈنەرلەرنى ئۆگەتسە، ئۆگىنىپ كېتەلەيدۇ.
ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا پوچتا كەپتىرىگە خەت توشۇش، جاسۇسلۇق قىلىشنى ئۆگەتسە، ئۈگەتكەن ئىشنى بېجىرىدۇ. ئىتقا ئوغرى تۇتۇشنى، جاسۇسلۇق قىلىشنى، ئۇرۇش ۋاقتىدا خەت - چەك توشۇشنى ۋە مۇندىن باشقا ھەربىي خىزمەتلەرنى ئۆگەتسە، قوبۇل قىلىپ ئىشنى باشقۇرۇپ كېتىدۇ.
ئەگەردە ئىنسان كۈچ - قۇۋۋەت ۋە بۈيۈك جىسىمدىنلا ئىبارەت بولىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئىنساننى كۈچ - قۇۋۋەتلىك، بۈيۈك جىسىملىك ھايۋاندىنمۇ پەس ھايۋان دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى بۈيۈك جىسىمغا ئىگە كۈچلۈك يىرتقۇچ ھايۋانلارمۇ ئۆز شەخسىيىتى ئۈچۈن مەسلەك ئىجاد قىلىپ قانداشلىرىنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىپ بىر - بىرىنى ئۆلتۈرمەيدۇ. ئوخشاش تۈردىن تۇرۇپ باشقا ئىككىنچى بىر سىنىپتىكىلەرنىڭ ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئۇلارنى يوق قىلىۋەتمەيدۇ.
ئىنسان قانچە تەلىم - تەربىيە كۆرگەن، بۈيۈك بىر مەلۇمات ئىگىسى بولسىمۇ، ئۇنى ئەخلاقىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن يەنىلا يىرتقۇچ ھايۋاندىن پەس دېيىشكە بولىدۇ. مەسىلەن، ئىتنىڭ قاندىشى كۆپ ئەمما ئۆزىگە ئىسىم ۋە سۈپەتدىشى بولمىغان سۈلەيسۈن ياكى تۈلكە بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلمايدۇ. يىرتقۇچ ھايۋانلارمۇ ئۆزىنىڭ قاندىشىغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ.
ئەمما ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ئاجىز تۈرداشلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، مال - مۈلۈكىنى، يۇرت ۋە ۋەتىنىنى بۇلاپ تالان قىلىدۇ. يىرتقۇچ ھايۋانلار ياشىغان جاڭگاللاردا ئۇزاق تارىختىن بېرى ئاجىز ھايۋانلارمۇ ئۆز نەسلىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. كۈچلۈك يىرتقۇچلار ئاجىزلارنىڭ قېنى ۋە نەسلىگە ھۇجۇم قىلىپ يوق قىلىپ تاشلىمايدۇ. ئەمما ئىنسانلار ئۆزىدىن ئاجىز تۈرداشلىرىنى يوق قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك چارىلەرنى ئويلاپ تېپىپ ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مىليونلىغان ئىنسانلارنى ئۆلتۈرىدۇ. مۇشۇنىڭغا قارىغاندا، ئىنسان مەدەنىيەتنىڭ قانچە چوقىغا يېتىپ كەتمىسۇن، ئالىم - ئەللامە بولۇپ كەتمىسۇن، زەھەرلىك ۋە يىرتقۇچ ھايۋاندىنمۇ پەس ھايۋان ئىكەن.
ئەگەردە ئىنسان ئۆرە مېڭىش، سۆزلەشتىنلا ئىبارەت بولىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئىنسان ھايۋانغا ئوخشاش بىر ھايۋاندۇر. چۈنكى مايمۇن ۋە ئېيىقمۇ خالىسا ئۆرە ماڭىدۇ، خالىسا تۆت پۇتلاپ ماڭىدۇ. تۇتى قۇش، تورغاي ۋە قىزىل تۇمشۇق، تاغ قارغىسى قاتارلىقلارغىمۇ سۆز ئۆگەتسە ئادەمگە ئوخشاش سۆزلەيدۇ. بۇلار سۆزلىگەنگە ئىنسان بولۇپ قالالىدىمۇ؟
قارايدىغان بولساق، ھەربىر ھايۋاننىڭ قارشىسىدا بىر دۈشمىنى بار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ھايۋانلاردا دۈشمىنىدىن ئۆزىنى ساقلىغۇدەك ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن مەخسۇس قورالى بار. ئۇلار بۇ قوراللىرى ئارقىلىق دۈشمەندىن ئۆزىنى ۋە نەسلىنى ھىمايە قىلىدۇ. بىزنىڭ ئۆزىمىزنى ۋە نەسلىمىزنى ساقلىغۇدەك ماددىي ۋە مەنىۋى قورالىمىز بارمۇ؟!
دېمەك، ھايۋانلاردا نەسلىنى ساقلاش، مۇستەھكەم جەمئىيەت قۇرۇش، تۈردىشى بولسىمۇ، ئەمما ئىسىم ۋە سۈپەتدىشى بولمىغانلار بىلەن جۈپلەشمەسلىك، بىر - بىرىنى ھىمايە قىلىش خۇسۇسىيەتلىرى بار. ئەجەبا، بىزدە مۇشۇنداق خۇسۇسىيەتلەر، مۇشۇنداق جەمئىيەتلەر قالدىمۇ؟
ئىنسانلىق سۈپىتىگە لايىق بولۇش دېگىنىمىز، دەرۋەقە ما فوق الطبيعة (تەبىئەتتىنمۇ ئۈستۈن بولغان) بىر مۇئەسسىرنىڭ (جانابى ھەقنىڭ) تەرىپىدىن كەلگەن مەنىۋى تەسىرلەر سايىسىدە بولۇش، ئۇنىڭ قەھرى - غەزىپىدىن قورقۇپ، ساپ ئىمان ۋە ساپ ۋىجدانغا ئىگە ئىنسان بولۇش دېمەكتۇر. شۇنداقلا ھەربىر ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ ھەققى بولمىش مېلى، جېنى، ئىپپەت – نومۇسى قاتارلىقلارنى تونۇشى، ئۆزىنىڭ ۋە ۋەتىنىنىڭ ھۆرلىكىنى، نەسلىنى ۋە ئىنسانىي ھەقلىرىنى تونۇشى ھەمدە باشقا ئىنسانلارغىمۇ تونۇتۇشى ۋە ئەمەلىي رەۋىشتە بىر - بىرىنى باۋارەر ئورۇندا كۆرۈشى دېگەنلىكنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداق قىلالىغاندىلا، ئىنسان ھەقىقىي ئىنسان بولايدۇ. ئېغىزدا سۆزلەپ قويۇپ، ئەمەلدە ھېچ ئىش قىلمىسا، بايىقى يىرتقۇچلۇقلارنىڭ سۈپىتىدە تۇرۇۋەرسە، ئۇ چاغدا بۇنداق ئىنسان بەئەينى ھايۋاندىنمۇ پەس ھايۋاندۇر.
ئاپتورى: ئەسەدۇللاھ شەيخزادە
مەنبە: «ئەرك گېزىتى»، 225 - سان، 1948 - يىل، 5 - دېكابىر.
ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرغۇچى: بۇرھان مۇھەممەد
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى