Jump to content

ئىچ پۇشۇش

ئورنى Wikipedia
ئىچ پۇشۇش
ئىچ پۇشۇش

ئىچ پۇشۇش

(بەنپاڭزىدا)

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

كۆزۈم يۇمسام بىلەلمەيمەن، ئۆزۈم ئۇخلاقمۇ، ئويغاقمۇ؟

كۆزۈم ھەم ئىلغىيالماس ئۇ قارامۇ يا بۇ ئاقمۇ؟

قوپۇرمەن، ئولتۇرۇرمەن، ئۆز- ئۆزۈمنى ھېچ بىلەلمەسمەن،

بېسىپ تۇرغان يېرىم ھازىر سىلىق- غىلتاڭمۇ، تايغاقمۇ؟

سۆزى قاتتىق، كۆزى قىيپاش، بۇ كەلگەن دارىن – ئامبالنىڭ،

غەزەپلىك كۆزلىرى بىزدە، مەقسىتى بىزنى چاپماقمۇ؟

گۇناھسىز بىز، ئەيىبسىز بىز، بۇ شۇملار ئالدىدا قىلچە،

ۋە ياكى بىز ئۈنۈپ چىققان ئورۇپ تاشلاشقا چاققاقمۇ؟

جاھان تارىخىدا مەشھۇر ئاتالغان نامىمىز ئۇيغۇر،

قېلىشمايمىز بۇ شۇملاردىن، ئەمەسمىز ياكى ئاقساقمۇ.

بۇلار قىلماقتا بىزلەرگە تۈمەن تۈرلۈك ھاقارەتلەر،

بىلەلمەيمەن بۇ سۆزلەرنى، قىلىنغان بىزگە چاقچاقمۇ؟

ئاتايدۇ بىزنى چيەنتۇ دەپ، قوشۇپ ھايۋان بىلەن بىر سەپ،

چىداشقا زەررە تاقەت يوق، ھاياتلىق بىزگە شۇنداقمۇ؟

شۇڭا ئالدۇق تاياق- توقماق ۋە ھەم پالتا، قارا مىلتىق،

باشلىدۇق بىر ئۇلۇغ جەڭنى قارا تاغلارنى ئاتلايمۇ…

خەۋەر تاپتىم بۇ ئەھۋالدىن، قۇمۇلدىن پارتلىغان بۇ جەڭ،

خۇشاللىقتىن تۇرۇپ كەتتىم، ئورۇن- كۆرپەمنى تاشلايمۇ؟

داۋاملاشتى بۇ جەڭ دەھشەت، چۆچۈتۈپ ھۆكۈمرانلارنى

(زۇلۇمدىن تارتمىغان قولنى، گۇناھسىز ئەلنى باغلاپمۇ)

ئىشتىراك قىلدىم سەپەرگە، ئۆزۈمنى دەڭسىمەي دوستلار،

ئوزۇق كەمچىل ئۇزۇن يولغا، بۇ يول ئوي – دۆڭمۇ، پاتقاقمۇ؟

بۇ دۈشمەن چامدىدى ئالغا، چېكىندۇق ئاز بۇ دۈشمەندىن،

لېكىن، غايەت ئېغىر ئەھۋال، ئاسارەتتىن قۇتۇلساقمۇ.

ياۋاشنىڭ دۈشمىنى كۆپتۇر، ياۋاشلىق بىر بىلىمسىزلىك،

بىلىمسىزلىك جاھالەتتە ياشاش مۇمكىنمۇ قانداقمۇ.

چۇۋۇلدى ساپ زېھىن، تارقاپ پىكىر، باشنى خىيال باستى،

بۇ ئىش ماقۇلمۇ يا ئۇ ئىش ۋە ياكى جىملا تۇرماقمۇ؟

يۈرەكتە بارمۇ يا بىر دەرد، نېمىشقا سالىدۇ تىترەپ،

كۆيۈك دەردىمۇ، قۇللۇقمۇ ۋە يا تېگىدە قورقاقمۇ؟

يىراقتا پارقىرار يۇلتۇز، ئەجەب ئايمۇ ۋە يا چولپان،

كېچەمۇ ياكى كۈندۈزمۇ ۋە ياكى ئىچ پۇشار چاغمۇ؟

تىلىم ھەم ئىلغىيالماس تاتلىق بىلەن ئاچچىق ئاراسىنى،

چۈچۈكمۇ بۇ ئىچىملىك ياكى شورمۇ ۋە ياكى قىرتاقمۇ؟

بولالماي ئاھۇ تارتىپ، ئەيلىدىم پەريادى ۋاۋەيلا،

ئېغىزدىن كۆككە چىققاي ئوت، بۇ ئىش دەردىمگە ئايغاقمۇ؟

ئۇزۇن تۈن قاپقاراڭغۇ، بارچە زىجان ئىستىراھەتتە،

بىلەلمەيمەن نە بولدۇم، ئاغرىدىممۇ ياكى مەن ساقمۇ؟

قوپۇپ ماڭماقچى بولسام يۈرەلمەيمەن نە ھادىس بۇ،

بېسىپ تۇرغان يېرىم ياكى خەتەرلىك پەستۇ قىرغاقمۇ؟

قېنى، مۇڭداشقىلى يارەي مۇۋاپىق، بارمۇ بۇ دەمدە،

ۋە يا مىسكىن پېقىر ئۇيغۇر ئاسارەتتە ئ‍ۆزى تاقمۇ!؟…

1933- يىل 3- ئاي، تۇرپان

بەنپاڭزا- تۈرمە كامېرى