ئۆزبېكلەر

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search


ئۆزبېكلەر ئۆزبىكلەرمۇ مەملىكىتىمىزدىكى ئۇزاق تارىخقا ۋە پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۆزبېكلەر ئاساسەن سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزبېكىستان رېسپۇبلىكىسىغا مەركەزلەشكەن، ئومومى نوپۇسى تەخمىنەن24 مىليوندىن كۆپىرەك .ئۇنىڭدىن باشقا ئافغانىستاندىمۇ ئۆزبەكلەر ياشايدۇ. مەملىكىتىمىزدىكى ئۆزبېكلەر ئاساسەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتىنوم رايونىدىكى ئىلى، ئاقسۇ، ئۈچتۇرپان، ئۈرۈمچى چۆچەك، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا ئولتۇراقلاشقان. 2005-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئۆزبېكلەرنىڭ نوپۇسى 15 مىڭ 100 بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ ٪0.08 تىنى تەشكىل قىلغان. مىللەت نامى ۋە مەنبەسى «ئۆزبېك» سۆزى ئەڭ دەسلەپ 14- ئەسىردىكى موڭغۇل دۆلىتىگە قاراشلىق  تۆت چوڭ خانلىقنىڭ بىرى ھېسابلانغان ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان سۇلتان مۇھەممەتتىن باشلاپ بارلىققا كەلگەن. ئۆزبېكلەر ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ماۋارائۇننەھىردە ياشايدىغان ئىران تېلى سىستېمىسى، تۈركىي تىل سىستېمىسى، موڭغۇل تىل سىستېمىسىدىكى بىر مۇنچە قەدىمىي قەبىلىلەردىن شەكىللەنگەن.    چىڭگىزخاننىڭ چوڭ ئوغلى جۇجىخان ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى باتۇخان تەخىتكە چىققان. باتۇخان ئالتۇن ئوردا خانلىقىنى قۇرغان ، لىكىن چوڭ موڭغۇل خانلىقىنىڭ تەركىبى قىسمى بولغان. ئۇ ئۆلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ ئوغلى سارتان ۋە ئۇلاغچىن تەخىتكە چىققان ئەمما باتۇخاننىڭ ئىنىسى بۆرىكە تەخىتنى تارتىۋىلىپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ بۇنى دۆلەت دىنى قىلغان ۋەموڭغۇل خانلىقىنىڭ مەركىزى ئوقىدىن ئاجىراپ كىتىشكە يۈزلەنگەن. 1266-مەڭگۈ تۆمۈر تەخىتنى تارتىۋىلىپ ئىسلام دىنىنىڭ تەرەققى قىلىشىنى توسۇپ ئاق ئوردا تەرەپدارلىرىغا مايىل بولغان، ئۇنىڭ ۋارىسلىرى تۇدا تۆمۈر، تولا بۇغا ۋە توقا دەۋىرلىرىدىمۇ شۇنداق بولغان.1312-يىلى مەڭگۈ تۆمۈرنىڭ نەۋرىسى ئۆزبىكخان تەخىتكە چىققان.     چىڭگىزخاننىڭ 6-ئەۋلادى ئۆزبېكخان ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان بولۇپ تەخىتكە چىققاندىن تارتىپ ئىسلام دىنىنى كۈچەپ تەرغىپ قىلىپ ئىسمىنى مۇھەممەد ئۆزبېكخانغا ئۆزگەرتكەن. ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە (1312~1345)، خانلىقى بىر مەھەل ئىنتايىن گۈللەنگەن، ئۆزبېكخاننىڭ نامىمۇ كەڭ تارقالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەينى چاغدا كىشىلەر ئۇنىڭ دۆلىتىنى ئۆزبېك خانلىقى دەپ ئاتىغان، خانلىقتىكى ئارمىيە-خەلقنى ئۆزبېك خەلقى دەپ ئاتىغان. ئۆزبېكخاننىڭ دەۋرى گەرچە ناھايىتى قىسقا بىر دەۋىر بولسىمۇ بىراق بۇ دەۋىر ئۆزبېك مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئەڭ مۇھىم باسقۇچدۇر. 15-ئەسىردە، ئالتۇن ئوردا خانلىقى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىچكى توپىلاڭ سەۋەبىدىن يىمىرىلىپ ئەسلىدە ئۇلارنىڭ تەركىبىي قىسمى بولغان ئاق ئوردا خانلىقى تەدرىجىي كۈچىيىپ، غەربىي سىبىرىيە ۋە قازاق ئوتلىقىدىكى كەڭ زېمىننى ئىگىلىگەن شۇنىڭ بىلەن ئاق ئوردا خانلىقى تەۋەسىدىكى تۈرك تىلى ۋە موڭغۇل تىلىدا سۆزلىشىدىغان كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ ھەممىسى قارا-قۇيۇقلا ئۆزبېكلەردەپ ئاتالغان. 1360-يىللىرى ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئۆزبېكلەرگە ئىستىلاسى. 1428-يىلى ئۆزبېك خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى.15-ئەسىرنىڭ ئوتتىرلىرىدىن 16-ئەسىرنىڭ ئوتتىرلىرىغىچە ئۆزبېكلەرنىڭ يەكەن خانلىقى دائېرىسىگە تارقىلىشى. (سودا ئىھتىياجى، دىنى مەزھەپ ئىھتىياجى ۋە سىياسى ئىھتىياجلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك) 1709- قوقان خانلىقى دەۋرىدە، مىلادىيە 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بولۇپمۇ 1864-يىلىدىكىبەدەۋلەت تاجاۋۇزىدا نۇرغۇن ئۆزبىكلەر بۇ يەرگە كەلگەن، 1877-يىلى بەدەۋلەت ھاكىمىيىتى پاچاقلانغاندىن كىيىن ئۇلار   مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قالغان.

     تارىختا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېكلەر دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن قۇيۇق ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ساقلاپ كەلگەن. ئۆزئارا بېرىش-كېلىش جەريانىدا، بىرقىسىم كىشىلەر ئارقا-ئارقىلاپ شىنجاڭغا كۆچۈپ كەلگەن ھەمدە بۇيەردە ئولتۇراقلىشىپ، جۇڭگونىڭ ئۆزبېك ئاھالىسىغا ئايلانغان. چىڭ سۇلالىسى ۋەسىقىلىرىدە خاتىرىلىنىشىچە، داۋگۇاڭنىڭ 8-يىلى(1828)، كۇچا، ئاقسۇ، ئۇچتۇرپان، يەركەن، خۇتەن، قەشقەر، يېڭىسار قاتارلىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يەتتە شەھەردە جەمئىي 3602 ئائىلىلىك ئۆزبېك ئولتۇراقلاشقان. شىمالىي شىنجاڭدىكى يالغۇز ئىلى رايونىدىلا 1460 ئائىلىلىك ئۆزبېك  ئولتۇراقلاشقان.     تىل-يېزىقى: ئۆزبېك تىلى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىنىڭ تۈركىي تىللار تۈركۈمى ئۇيغۇر-قارلۇق تىلى گۇرۇپپىسى  غەربىي جەنۇب قارلۇق تىلى تارمىقىغا مەنسۇپ  بولۇپ، 15~16-ئەسىرلەردە قىپچاق تىلى ئاساسىدا شەكىللەنگەن. تارىختا ئۆزبېكلەرنىڭ ئەجدادلىرى تۈرك يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، ئەرەب يېزىقى، پارس يېزىقى، چاغاتاي يېزىقى قاتارلىق يېزىقلارنى قوللانغان. 19~20-ئەسىرلەدە ئۆزبېك تىلى، پارس تىلى،  ئەرەب تىلى، قىرغىز تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ زور تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر تىلىغا  بىر قەدەر يېقىن كېلىدۇ. ھازىرقى زامان ئۆزبېك تىلى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىنىڭ تۈركىي تىللار تۈركۈمى غەربىي ھۇن تىلى تارمىقى قارلۇق تىلى گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ بولۇپ، مورفولوگىيىلىك قۇرۇلمىسى جەھەتتە يېپىىشقاق تىللارغا تەۋە. ئۆزبېكلەر ئومۇمەن ئۆز مىللىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئانا تىلىنى قوللىنىدۇ. ئەمما شەھەر ۋە يېزىلاردا ئولتۇراقلاشقان ئۆزبېكلەر كۆپرەك ئۇيغۇر تىلىنى قوللىنىدۇ. چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئۆزبېكلەر كۆپرەك قازاق تىلىنى قوللىنىدۇ. ھازىرقى زامان ئۆزبېك تىلى قارلۇق دىئالېكىتى، تاشكەنت پەرغانە شېۋىسى (شەرقىي جەنۇب دىئالېكىتى) ۋە تاشكەنت تەلەپپۇزى ئاساسىدا شەكىللەنگەن. ئۆزبىكلەرنىڭ دەسلەپكى ئەدەبىي تىلى 14-15-ئەسىرلەردە شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئېغىز تىلى دېئالىكىتلار ۋە دېئالىكىتلارغا بېقىنغان ھالدا مەۋجۈت بولۇپ تۇرىۋاتقان شېۋە ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك بولغان بىرلىكلەردىن تەركىپ تاپقان مۇرەككەپ بىر سېستىما. ھازىرقى زامان ئۆزبېك تىلىدا ئەرەب، پارس، رۇس، خەنزۇ تىللىرىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر خېلى كۆپ سالماقنى تەشكىل قىلىدۇ. تۈركىي تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ ئوقۇلۇشى، مەنىسى ۋە گرامماتىكىلىق تۈزۈلۈشى ئۇيغۇر تىلىدىكىگە ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشايدۇ، تىلى ئۇيغۇرچىلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. شىنجاڭدىكى ئۆزبېكلەر ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىدۇ. ئۆزبېكلەر 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن باشلاپ ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى ئۆزبېك يېزىقىنى قوللانغان، سوۋىت ئىتتىپاقىدىكى ئۆزبېكلەر 1940-يىلىدىن باشلاپ سىلاۋىيان يېزىقى ئاساسىدىكى ئۆزبېك يېزىقىنى ئىشلىتىشكە باشلىغان. مەن بۇ ھاقدا ئويىمدان ئەشىتدىم. Об этом я узнал от матери بۈگۈن بىزنىكىگا قىشلوقدان مەھمونلار كەلىشدى. Сегодня к нам  приехали  гости из деревни گاپدا سو‘زلارنىڭ بوگ‘لانىشى Связь слов в предложении سوۋىت ئۆزبىكلىرىنىڭ تىلى ئۈچ دىئالىكىتقا بۆلىنىدۇ: قىپچاق دىئالېكىتى (غەربىي شىمال دىئالېكىتى) ئوغۇز دىئالېكىتى (غەربىي جەنۇب دىئالېكىتى) قارلۇق ياكى چاغاتاي دىئالېكىتى (شەرقىي جەنۇب دىئالېكىتى)     ئۆزبېك تىلىدا ئالتە سوزۇق تاۋۇش، 25 ئۈزۈك تاۋۇش بار. ئۆزبىك تىلىدا «ئا» نىڭ «ئو» بولۇپ تەلەپپۇز قىلىنىشى ناھايىتى روشەن بىر ئالاھىدىلىك بولۇپ، بەزىلەر بۇنى ئىران تىلىنىڭ تەسىرگە ئۇچىرىغانلىقتىن دىسە، بەزىلەر «ئا» تاۋۇشىنىڭ ئالدى كەينىدىكى تاۋۇشلارنىڭ تەسىرىدىن بولغان دەپ قارايدۇ.   ۋاپا vafo  ئىستىلا(ئەرەپچە)       istilo  باھا     baho ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزبىك تىلىدا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىقى تامامەن يوقالغان. كىتابتا kitobda  كۇتۇپخانا kutubhona يازدى yozdilar ئۆزبېك تىلىدا ئۇيغۇر تىلىدىكىگە ئوخشاش نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ ئوتتىرسىدا قوشما ئۈزۈك تاۋۇش كېلىدۇ. Ikki,  uttuz, sodda, issik      ئۆزبېك تىلىنىڭ ئادەتتە سۆز ئۇرغۇسى بىرلا بولىدۇ، ھەم سۆزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بوغىمىغا چۈشىدۇ. بەزى كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ ئىككى ئۇرغۇسى بولىدۇ.گىرامماتىكا جەھەتتە ئۆزبېك تىلىنىڭ گرامماتكىلىق قۇرۇلمىسى، مورفولوگىيىلىك ئۆزگىرىشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان جايلىرى ناھايىتى كۆپ. ئىسىملار شەخس، سان، كېلىش گرامماتىكىلىق كاتېگورىيىسىگە ئىگە. قوشۇمچىلارنىڭ شەكىللىرى ناھايىتى ئاز. كېلىشلەر باش كېلىش، ئىگىلىك كېلىش، چۈشۈم كېلىش، يۆنىلىش كېلىش، ئورۇن كېلىش، چىقىش كېلىشتىن ئىبارەت بەش خىلغا بۆلىنىدۇ. سانلار بىرلىك سان، كۆپلۈك سان دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. شەخسلەر بىرىنچى شەخس، ئىككىنچى شەخس، ئۈچىنچى شەخس دەپ ئۈچكە بۆلىنىدۇ. سۈپەتلەر دەرىجە گرامماتىكىلىق كاتېگورىيىسىگە ئىگە. ئىسىملارنىڭ كۆپلۈك شەكلى «لار» قوشۇمچىسى بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ. ئۆزبېكلەرنىڭ ئادىتى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر سەۋەبىدىن، ئۆزبېكلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزئارا نىكاھلىنىشى بىرقەدەر كۆپ بولغان. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى ئۆزبېكلەرنىڭ بىر ئەۋلاد ياكى بىرقانچە ئەۋلات كىشىلىرى ئۇيغۇرلار بىلەن نىكاھلانغان بولۇپ، كۆپ قىسمى ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەيدۇ، سىرتقى قىياپىتىدىنمۇ ئۇلارنى ئۇيغۇرلاردىن پەرقلەندۈرۈش ناھايىتى تەس كىيىنىشى، ئەنئەنىۋى مىللىي ھېيت-بايراملىرى ۋە تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇرلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ. توي-تۆكۈن، ئائىلە تۇرمۇشى ۋە بەزى مىللىي ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە كۆپرەك ئۆزبېك تىلىدا سۆزلىشىدۇ، يېزىق تىلىدا ھازىرقى زامان ئۆزبېك يېزىق تىلىنى قوللىنىدۇ.      شىنجاڭنىڭ غۇلجا شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقان ئۆزبېكلەر بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، ئۆزبېكلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى نىسبەتەن مۇكەممەل ساقلاپ قالغان، مىللىي تىلىنىمۇ بىرقەدەر كەڭ قوللىنىدۇ. بەزى ياشلار ئائىلىسىدە ۋە ئۆز مىللىتىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلەشكەندىمۇ ئۆزبېك تىلىنى قوللىنىدۇ، بىراق كەڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە يەنىلا ئۇيغۇر تىلى ياكى قازاق تىلىنى قوللىنىدۇ. كۈنەس، تېكەس، گۇچۇڭ، مورى قاتارلىق ناھىيىلەردىكى ئۆزبېك چارۋىچىلار روشەن ھالدا قازاقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپمۇ بەزى ئۆسمۈر بالىلارنىڭ كىيىنىشى، تۇرمۇش ئادىتى ۋە تىلى قازاقلارنىڭكىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ.

قاراڭ[تەھرىرلەش]

ئالتۇن ئوردا ۋە ئۆزبېكلەر

   مەنبە: شەۋقىي تورى http://www.shewqiy.com