ئۆزبېكلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻮﻥ ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺷﻪﺭﻗﺘﯩﻜﻰ ﺩﻩﺷﺘﻰ ﻗﯩﭙﭽﺎﻕ ﻳﺎﻳﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﻠﻪﺭ "ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻼﺗﺘﻰ، ﺩﻩﻳﺪﯗ . ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﻧﺎﻡ ﺋﻮﻥ ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﻮﺭﺩﺍ ( ﻗﯩﭙﭽﺎﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ -- ﺋﺎﻳﭽﯩﯟﻩﺭ ) ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ "ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﺧﺎﻥ" ﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﻩﻳﺪﯗ . ﻳﯜﻩﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻫﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭ "ﻳﯚﺟﯩﺒﯩﻲ" 月即别 ﻳﺎﻛﻰ "ﻳﯚﺯﯗﺑﯧﻲ" 月祖别

ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ . ﺋﻮﻥ ﺋﺎﻟﺘﯩﻨﭽﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﻣﺎﯞﻩﺭﺍﺋﯜﻧﻨﻪﻫﺮ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘﯗﺭﻧﻘﻰ ﻳﻪﺭ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯩﯔ، ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻫﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺪﻟﯩﻜﻠﻪﺭ، ﻗﻮﻗﻪﻧﺪﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ، ﺑﯘﺧﺎﺭﯨﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ، ﺋﻪﻧﺠﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺩﻩﭖ ﻳﻪﺭ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﻪﻧﺠﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺋﻪﯓ ﻛﻪﯓ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻥ . ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭ ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﮔﻪﯞﺩﻩ ﺋﯩﺪﻯ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰﯨﻨﭽﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺳﻮﻓﯩﺰﻡ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ﺑﻪﻙ . ﺋﻪﯞﺝ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ، ﺋﻮﻧﯩﻨﭽﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﻪﺑﯘﻧﻪﺳﺮ ﺳﺎﻣﺎﻧﯩﻴﻨﯩﯔ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﯘﺗﯘﻕ ﺑﯘﺧﺮﺍﺧﺎﻧﻨﻨﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﻪﻳﺌﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ 80 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻦ ﺋﺎﺗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﻰ، ﺩﻩﻳﺪﯗ . ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ، ﻳﻪﻛﻪﻥ، ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻳﻨﻰ - ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﭼﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﻛﻪﺳﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ، ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ .

ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﻧﻰ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﺧﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭﻯ (1312 - 1342 - ﻳﯩﻠﻼﺭ ) ﺩﻩ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺩﯨﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ . ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﺧﺎﻥ 1314 - ﻳﯩﻠﻰ ﻣﯩﺴﯩﺮ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻰ ﻣﻪﻟﯩﻚ ﻧﺎﺳﯩﺮﻏﺎ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ "ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺟﻮﯕﮕﻮﺩﯨﻦ ﻏﻪﺭﺏ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﯧﺮﯨﻘﻰ ﭼﯧﺘﯩﮕﯩﭽﻪ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ" ﻧﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﯩﮕﻪﻥ . ﺋﯘ : " ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﺪﺍ (ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ -- ﺋﺎﻳﭽﯩﯟﻩﺭ ) ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺑﻪﻳﺌﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﻣﻪﻥ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﯖﻼﺭ، ﻳﺎ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﯖﻼﺭ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﯘﺭﯗﯕﻼﺭ، ﺩﯦﺪﯨﻢ . ﺋﯘﻻﺭ ﺩﯨﻨﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﻛﯩﺮﺩﻯ . ﻣﻪﻥ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ، ﻗﯩﺮﺩﯨﻢ، ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ، ﻳﻮﻗﺎﺗﺘﯩﻢ " ﺩﯦﮕﻪﻥ (ﺏ. ﺩ. ﮔﺮﯦﻜﻮﯞ، ﺋﺎ. ﯞ. ﻳﺎﻛﻮﺑﻮﯞﯨﺴﻜﻰ "ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺶ - ﺧﺎﺭﺍﺑﻠﯩﺸﯩﺶ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ" ﺩﯨﻦ ). ﺋﯚﺯ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭﻣﯘ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ . ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﺍ : " ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﺧﺎﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻣﯘ ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺑﺎﺭ ( ﻧﯩﻐﻤﻪﺕ ﻣﯩﯖﺠﺎﻧﯩﻨﯩﯔ "ﻗﺎﺯﺍﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ" ﺩﯨﻦ ) .

ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﻓﯩﺰﻡ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯘﺑﺮﯨﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻪﻗﺸﯩﺒﻪﻧﺪﯨﻴﻪ ﺋﻪﯓ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﻯ ﺧﯩﯟﺍ (ﺧﺎﺭﻩﺯﻡ) ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﻧﻪﻗﺸﯩﺒﻪﻧﺪﯨﻴﻪ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯘﻟﻐﯩﻴﯩﭗ، ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﺯﻫﻪﭘﻠﻪﺭ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﺳﻪﯞﻯ ﻣﻪﺯﻫﯩﭙﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﯩﺪﻩ ﻫﻪﺭﻛﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﻗﺎﺩﯨﺮﯨﻴﻪ ﻣﻪﺯﻫﯩﭙﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻗﻮﻗﻪﻧﺪ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭼﯩﺴﺘﯩﻴﻪ ﻣﻪﺯﻫﯩﭙﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﻪﻗﺸﯩﺒﻪﻧﺪﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺨﻼﺳﻤﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﯦﮕﻪﻥ . ﺳﻮﻓﯩﺰﻡ ﻛﺎﺳﯩﭙﻼﺭ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻥ، ﺷﯘﯕﺎ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻣﻪﺯﻫﻪﭖ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﺎ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭ ﺩﻩﺭﯞﯨﺸﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺵ ﻛﺎﺳﯩﭙﻼﺭ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﯜﻧﻪﺭﯞﻩﻧﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﺋﺎﻻﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ . ﻣﻪﺯﻫﻪﭖ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﺷﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﺎ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﺎﻱ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ، ﻣﻪﺯﻫﻪﭘﻨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﻜﻪﻥ . ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺳﻮﻓﯩﺰﻣﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺯﺍﺩﻯ ﺋﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ . ﺑﺎﺷﺘﺎ ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩﻙ 1533 - ﻳﯩﻠﻰ ﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺳﻮﻓﯩﺰﻣﭽﻰ ﺋﯩﺴﻼﻫﯩﻴﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺱ، ﻧﻪﻗﺸﯩﺒﻪﻧﺪﯨﻴﻪﻧﯩﯔ 5 - ﺋﻪﯞﻻﺩ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ ﻣﻪﺧﺪﯗﻡ ﺋﻪﺯﻩﻡ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﯚﻫﺒﻪﺕ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﻯ ﻳﻪﻛﻪﻥ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ . ﺋﻮﻥ ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺪﺗﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺧﻮﺟﯩﻼﺭ ﻗﺎﺭﯨﻘﺎﺷﻨﯩﯔ ﺯﺍﯞﺍ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﻣﺎﻛﺎﻧﻼﺷﻘﺎﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﻪﻝ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﺋﯚﺑﯧﻜﻠﻪﺭ ﺋﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺋﻮﻥ ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ - ﺋﻮﻥ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰﯨﻨﭽﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﻩ ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﻪ، ﻧﻪﻣﺎﮔﺎﻥ، ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺘﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﺧﻮﺟﯩﻼﺭ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ . ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭ ﺋﻮﻧﺒﻪﺷﯩﻨﭽﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﭼﯩﻠﯩﻚ، ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺑﺎﻏﯟﻩﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ .

ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﯩﻠﻰ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ، ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺋﯧﻠﯩﺒﺒﻪﺳﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﻠﯩﺒﺒﻪﻟﯩﻚ ﻳﯧﺰﯨﻖ . ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭘﻼﺭ، ﺋﻪﺩﯨﺒﻠﻪﺭ، ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ . ﺋﻮﻥ ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ -ﺋﻮﻧﺴﻪﻛﻜﯩﺰﯨﻨﭽﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﺘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺑﺎﺑﺎﺭﻩﻫﯩﻢ ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﻳﯩﻞ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ . ﺋﯘ ﺋﻪﻧﺠﺎﻧﺪﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ، ﻳﺎﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎ ﻣﻮﻟﻼ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ . ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﭘﭙﺎﻕ ﺧﻮﺟﯩﻐﺎ ﻣﯘﺭﯨﺖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺋﯘ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻗﺎﺗﻼﻡ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺭﺍ ﻛﻮﻟﯩﺸﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﯜﺭﮔﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺗﻪﺭﻛﯩﺪﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ، ﻳﻪﻛﻪﻥ، ﺧﻮﺗﻪﻥ، ﺋﺎﻗﺴﯘ، ﺋﯩﻠﻰ، ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ، ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ، ﺧﻮﺟﻪﻧﺪ، ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺪ، ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺨﺎﻥ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻟﺨﺘﻪ ﺩﺍﺭﻏﺎ ﺋﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ . ﺋﯘ" ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﻰ ﺩﯨﯟﺍﻥ " ، "ﺗﺎﯓ ﻧﯘﺭﯨﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ . ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻫﯘﯞﻩﻳﺪﺍ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﺋﻪﻧﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﭼﯩﻤﻴﺎﺋﯩﻦ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﯧﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﻮﯞﯨﺴﻰ ﺧﻪﺋﯩﭗ ﻧﺎﺯﺍﺭ ﺋﺎﭘﭙﺎﻕ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺷﯘ ﺟﻪﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﯞﻟﯩﯟﻯ ﺳﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯚﺗﯩﯟﻩﺭﻣﯘ ﺧﻮﺟﯩﻼﺭ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻳﻪﻛﻪﻧﮕﻪ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪﻩ ﯞﻩﺯﯨﭙﻪ ﺋﯚﺗﯩﮕﻪﻥ . ﻫﯘﯞﻩﻳﺪﺍ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﭘﭽﻰ ﺋﯩﺸﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ، ﺋﯘ "ﻫﯘﯞﻩﻳﺪﺍ ﭼﯩﻤﻴﺎﻧﻰ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﻫﻪﻡ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ . ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﻪﺳﻪﺭ "ﭼﺎﻫﺎﺭ ﺩﻩﺭﯞﯨﺶ" ﻧﻰ ﭘﺎﺭﺱ - ﺋﻮﺭﺩﯗ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﯩﻐﺎ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .

ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﭼﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺧﯧﻠﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺕ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﯨﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﺧﻮﺟﯩﻼﺭ "ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻨﻰ ﭘﻪﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯓ ﻫﯚﺭﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ "ﺧﻮﺟﺎ"، "ﺗﯚﺭﻩ"، "ﻣﻪﺧﺴﯘﻡ"، "ﻣﯩﺮ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻓﺎﻣﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺗﻮﻳﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯜﺯﯛﻡ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﻘﺎﻥ . ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﻛﺎﻧﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﻗﻮﻗﻪﻧﺪﻟﯩﻚ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻮﺩﺍ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ . ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﯩﻜﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ، ﻗﻮﻗﻪﻧﺪﻟﯩﻚ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﺩﺍ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ . ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﭼﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯧﺰ ﺑﯧﻴﯩﭗ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯩﻜﻠﻪﭖ، ﻳﻪﺭ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﯧﺮﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻮﺯ ﻳﻪﺭ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﮔﻪﻥ، ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﺍﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ، ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺑﺎﻻ - ﭼﺎﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻧﻮﭘﯘﺳﻘﺎ ﺋﯚﺗﯜﭖ، ﺑﺎﺭﺍ - ﺑﺎﺭﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ . ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﯞﻩ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺑﻪﺯﻯ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ "ﺋﻪﻧﺠﺎﻥ ﻛﻮﭼﯩﺴﻰ"، "ﺋﻪﻧﺠﺎﻥ ﺭﻩﺳﺘﯩﺴﻰ" ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ . ﺩﯨﻨﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺳﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺋﻪﻧﺠﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻰ، ﺋﻪﻧﺠﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﻛﯚﻟﻰ، ﺋﻪﻧﺠﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﻣﺎﺯﯨﺮﻯ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ