ئۆزىمۇ ئازىدۇ، ئۆزگىنىمۇ ئازدۇرىدۇ (1)
ئۆزىمۇ ئازىدۇ، ئۆزگىنىمۇ ئازدۇرىدۇ (1)
‐ مۇجمەل تالىپچاقنىڭ مۇجمەل بايانىنى كۆرگەندىن كېيىن ‐
بۇرۇنقىلاردا «دەلتىنىڭ بىرى قۇدۇققا تاش ئېتىپتۇ، قىرىق ئاقىل ھەپىلىشىپمۇ تاشنى سۈزۈپ چىقىرالماپتۇ» دەيدىغان تەمسىل بار. دەلتىلىك كۆپىنچە ھالدا پاراسەت يوقسۇزلۇقى، دىت كەمچىللىكى، ئەقلىي يېتەرسىزلىك ۋە خاراكتېر بىنورماللىقى قاتارلىقلارنىڭ بىرگەۋدىلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. دەلتىلىك بەزىدە يۇقىرىقىلاردىن باشقا، مۇئەييەن خۇلقىي بۇزۇقلۇق، ساپاسىزلىق، ئۆز مەپتۇنلۇق قاتارلىق كىشىلىك بۇزۇقلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مەنىۋى ئىللەتلەرنىڭ سۆز ۋە ھەرىكەتكە ئەكس ئېتىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. يەنە بەزىدە دەلتىلىكنىڭ سەۋەبى يوشۇرۇن بولىدۇ. چۈنكى ھەرىكەت، گەپ – سۆز ۋە ئەمەلىي جەھەتتىن ئوتتۇرىغا تۆكۈلگەنلەر مەسىلىنىڭ دەلتىلىكتىنمۇ ھالقىغان، ئاڭسىزلارچە قىلىپ سېلىش، دەپ سېلىش، ئېتىپ سېلىشلاردىن بەكرەك ئەتەيلىك، قەستەنلىكلەرگە چېتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ قويىدۇ. مانا بۇ ئىشنىڭ تۈگۈنلۈك قىسمى بولۇپ، بۇنى نوقۇل خاراكتېر بۇزۇقلۇق بىلەن، ياكى نوقۇل ئەقلىي بىنورماللىق بىلەن ۋەياكى نوقۇل بىلەرمەنلىك قىلىش خاھىشى ئىزاھلاش مۇمكىن. ئەمما شۇنى كېسىپ ئېيتقىلى بولىدۇكى، قىلىنغان، دېيىلگەن ۋە ئېتىلىۋاتقان ئىشلار سېپى ئۆزىدىن دەلتىلىك قىلىشتۇر، خالاس!
رامىزان ئېيى ئىبادەت ۋە تەپەككۇر ئېيى، شۇنداقلا ئەقلىي ۋە جىسمانى ئىبادەتنىڭ، ماددىي ۋە مەنىۋى خەيرلىكلەرنى جەم قىلىۋېلىشنىڭ مەۋسۇمى بولۇش ئېتىبارى بىلەن ھەر جەھەتتىن ئىسلامىي شوئۇرنى ئۆستۈرۈش، مۇسۇلمانلىق كىملىكنىڭ مىللىي روھتىكى ئىزلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئۇنتۇلغان ھەمدە ئۇنتۇلدۇرۇلغان قىممەتلەرنى تىرىلدۈرۈشنىڭ مۇھىم پەيتلىرىدىن بىرى. شۇنداق ئىكەن، بۇ پەيتنى قانداقتۇر «قۇدۇققا تاش ئېتىش» پەيتىگە ئايلاندۇرۇۋالماسلىق، ئەكسىچە شۇنداق بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ سەگەك تۇرۇش ھەممە بىردەك دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەردىن بىرى. ئەمما كۆرمەكتىمىزكى، ئورتادا نە قۇدۇق بار، نە ئاقىل. ئەكسىچە بىر دەلتى چىقىپ تاش ئاتسا، دەلتىنىڭ دەلتىلىك ئۇيۇنىغا دەسسەپ سېلىشتىن ئېھتىيات قىلىش ئورنىغا، دەلتىنىڭ دەلتىلىكىگە قوشۇلۇپ «قۇدۇققا تاش ئېتىشىپ بېرىش» قەيەرچە ئاقىللىق!؟
ئالايلۇق، نۇر ئېكرانى نامى بىلەن ۋەز - تەبلىغچىلىقنىڭ كامېرالىق نەشرىنى بازارغا سېلىۋاتقان، ئاتالمىش تەتقىقاتچىلىق داۋرىڭى بازارغا تۇتمىغاندىن كېيىن دىنىي دەۋەتچىلىك قالپىقى بىلەن ۋەزچى يۇتۇبىرلار سېپىنى قىزىتىپ كېلىۋاتقان، يېقىنقى مەزگىللەردە پودكاست تەبلىغچىلىقىنىڭمۇ مېزىنى چىقىرىپ دىنىي خىتابنىڭ سەۋىيە دەرىجىسىنى كوت - كوتلۇق تۈسىدە ئىنتايىن تۆۋەن سەۋىيە بىلەن ئېلىپ كېتىۋاتقان نۇر ئېكرانى «دەۋەتچى»سىنىڭ زاكات مەسىلىسى ھەققىدە ئىشلىگەن «پىروگرامما»سى ئىجتىمائىي تارماقلاردا ئاكتىپ كۆرۈنۈپ كېلىۋاتقان بىر سىياسىي پائالىيەتچى تەرىپىدىن تەنقىد نىشانىغا ئېلىندى. ئەلۋەتتە، ئازراق ئىسلامىي ئىلىملەردىن خەۋىرى بولغان، ياكى ساھەنىڭ ئەھلى بولغان ۋەياكى سۈپەتلىك ئىسلامىي مەزمۇنلارنىڭ كۆرۈرمەنلىرى تەرىپىدىنمۇ ئانچە ئېتىبارغا ئېلىنىپ كەتمەيدىغان بۇ قانالنىڭ تەشۋىقاتلىرىنىڭ تەنقىتلىنىشى بىرىنچى قېتىملىق ئىشمۇ ئەمەس. تېلېفون ياكى ئىجتىمائىي تارماقلاردا ۋىدىيولىرى كۆزگە پۇتلاشقان زامان ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان، بولۇپمۇ ئىسلامىي ئىلىملەردە كۆزگە كۆرۈنگەن، شەرئىي ئىلىمدە دەۋرىمىزدە پېشىۋا ھېسابلىنىدىغان بىرەر ئىلىم ئەربابى ياكى مۇئەسسەسەنىڭ ھېچقانداق ئېتىراپىغا، دەۋەت مېتودىنىڭ، مەزمۇن سۈپىتىنىڭ ساغلاملىقى خۇسۇسىدا ئەقەللىي «تەزكىيە»گىمۇ ئېرىشەلمىگەن، ئەكسىچە زامان – زامان نامەلۇم ئېغىز مايماق كېتىشى تۈپەيلى ئۇلارنىڭ تۈزەتمە بېرىشلىرىگە، سەزگۈر ئەقىدىۋى خاتالىقلىرىغا تۈزەتمە بېرىپ، ئەخلىتىنى تازىلاشقا مەجبۇر قىلىشتەك ۋەزىيەتلەرنىڭ باش پېرسوناژى بولغان مەزكۇر تالىپچاق ئەمدىلىكتە دىنىي ساھەدىكىلەرنىڭ سۈزگۈچىگە ئىلناشماستىن سىياسىي ساھەدىكىلەرگە، يەنە كېلىپ دىنىي ساھە بىلەن يېقىندىن مۇناسىۋىتىمۇ يوق، بەلكى دىنىي سەۋىيىسى ئاۋام دەرىجىسىدىكىلەرنىڭمۇ ئەلگىكىگە سۈزۈلۈپ چىقىپ قالىدىغان دەرىجىدە پاش بولىشى ئاجايىپ. چۈنكى، ئەگەر مەزكۇر يۇتۇبىرچى كوتكوت تالىپ ھەقىقەتەن سۈپەتلىك ئىسلامىي مەزمۇنلار بىلەن ساھە ئەھلىلىرىنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولغۇدەك، سەۋىيە – ساپانى ئىلغا قىلغۇدەك كۆرۈرمەنلەر توپىنى ئۆزىگە جەلپ قىلالىغىنىدا ئىدى، تەنقىد سۈزگۈچىدە بىرىنچى بولۇپ سىياسىي پائالىيەتچىنىڭ ئەمەس، بەلكى شەرئىي ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئەلگىكىگە چۈشكەن بولاتتى. ئەمما مەزكۇر تالىپچاقنىڭ چالا بىلەرمەنلىك بىلەن شەرئىي ساھەنى پېتىغداشقا ئۇرۇنغانلىقى بىر دىنىي ساھەنىڭ تەنقىدچىسىدىن ئەمەس، سىياسىي ساھەدىكى ئاۋامۇنناس قاتارى دىنىي سەۋىيەگە ئىگە بىر مۇسۇلمان پائالىيەتچىنىڭ بايقىشىدىن خەۋەر تاپقان بولدۇق. بۇمۇ دىنىي ۋە ئىلمىي ساھەلەرنىڭ تەنقىد جەھەتتىكى قەيتسىزلىك، بىپەرۋالىق ۋەزىيىتىنى يورۇتىدىغان ئەپسۇسلۇق بىر ۋەزىيەت، ئەلۋەتتە. تەنقىد ئوتتۇرىغا چىققانىكەن، ئەلۋەتتە مەسىلىگە توغرا دىياگنوز قويۇش، تارقالغان زاكات ھەققىدىكى ۋىدىيونى سوغۇققانلىق بىلەن ئولتۇرۇپ زادى شۇنداق بىر تەنقىدكە لايىق بولغانمۇ يوق، مەسىلىگە ئەسلىدە بۇ دەۋەتچى كۆڭلىدە مۇنداق دېمەكچى ئىدى، پەدىسىدە ئەمەس، ئاتالمىش دەۋەتچىمىز زادى مەزكۇر زاكات تېمىسىدا ھەقىقەتەن دەۋەتچىلىك قىلدىمۇ ياكى ئاتىكارچىلارچە مۇپتىلىق ۋە پەتىۋا ساھەسىنىڭ رولىنى ئېلىشقا زورۇقتىمۇ، پىشقان ئىلىم ئەھلىگە خاس مەزمۇن بايان قىلغانمۇ ياكى ھەدسىزلارچە خۇددى نائۇستا ۋىدىيو تەھرىرچىلىرىدەك شەرئىي ھۆكۈملەر ئۈستىدە يىرتىپ – كېسىش، پىچىپ سۆكۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانمۇ؟ ئەگەر بۇ تالىپچاق ھەددىنى ئېشىپ مۇپتىلىق قىلىۋاتقان بولسا، ئىشلىگەن ۋىدىيوسى ئۆزى ئىددىئا قىلغاندەك راستتىنلا «زاكات ھەققىدە تەپسىلىي بايان» دېگۈدەك، كۆرۈرمەنلەرنى كۆزگە ئىلمىغۇدەك ۋە ھەتتا سىياسىي قاتلامدىكىلەرنىڭ ھەقلىق ئېتىرازىغا دۇچ كەلگۈدەك چالا – چالپاقچە، تومتۇۋاقچە مەسىلە بايان قىلىش، مۇجمەل بولغاندىن سىرت پىچىلغان ھۆكۈم قانچىلىك دۇرۇس ۋە توغرا بولغان، دېگەن نۇقتىلارغا قاراش، تولۇقلىغۇدەك، ياكى تۈزەتكۈدەك نۇقتىلار بولسا چۈشەنچە بېرىش، ئۇقۇشماسلىق بولغۇدەك ئەھۋال بولسا بۇنى تەنقىد قىلغۇچى تەرەپكە سوغۇققانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ قويۇشتەك ئەقەللىي تۇتۇم كۆرسىتىشى، ئىلىم ئەخلاقغا توغرا كېلىدىغان توغرا پوزىتسىيەنى كۆرسىتىشى كېرەك بولاتتى. لېكىن ۋەزىيەتنىڭ روھى ھالىتىدىن مەلۇم بولدىكى، بۇنداق بىر توغرا يوسۇندىكى مەسىلە ھەل قىلىش ئۇرۇنۇشى نە تالىپچاقتىن، نە قارىسىغا چاپان ياپقۇچىلىرىدىن كۆزگە چېلىقمىدى. ئەكسىچە تالىپچاقنىڭ داستىخانداش، كونا ئۈلپەتداش ۋە تاپاۋەتداش سانىلىدىغان بىر قىسىم «موللا» تائىپىسى ئاۋۋال ئىشنى سىياسىي تەنقىدچىنىڭ ئاللىقانداق سىياسىي تۇتۇملىرىنى پەش قىلىپ ئېغىز تۇۋاقلاشقا، سەن ئۆزۈڭ ئۇنداقتىڭ، بۇنداقتىڭ، دېگەن تەرىقىدە مەسىلىنىڭ رېلىسىنى بۇراشقا ئۇرۇندى. كۆردۇقكى، ساھەدە مەسىلە كۆرۈلسە، ئاۋۋال ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈپ كۆرىلى، ئۆزىمىز ئىلىم ۋە شەرئىي ساھەلەرنىڭ ئەلىم -تەلىمىنى بىلىدىغانلار بولغاندىكىن، ئاۋۋال ئۆزىمىزدىن تەكشۈرۈپ كۆرەيلى، تەنقىد قىلىنغان تېمىدا ھەقىقەتەن مەسىلە بارمۇ، يوق، قاراپ چىقايلى، دەيدىغان ئىنساب ئىگىلىرى چىقىشى كېرەك ئىدى. مەسىلە ھەل قىلىش تەرەپدارلىقىدىكىلەر كۆزگە چېلىقىش تۈگۈل ئەكسىچە تەنقىد قىلغۇچىنىڭ نىيىتىدىن كىر ئىزدەش، ئۇنىڭ ئاجىز دەپ قارىغان نۇقتىلىرىنى تاتىلاپ قاماللاش ئارقىلىق مەسىلىنى باشقا ياققا بۇراش، توغرىسى دەلتىنىڭ دەلتىلىكىگە بولۇشۇپ «قۇدۇققا تاش ئېتىشىپ بېرىشىش» ھادىسىسى كۆرۈلدى. توغرا بولغان مۇنازىرە يۆنىلىشى ھازىرلىنىش ئورنىغا، «ئوغرىنىڭ قولى ئەگرى ئەمەسلىكىگە يانچۇقچى گۇۋاھ» بولغان تەرىقىدە، قىلچە باھا بېرىش سالاھىيىتى يوق تىپلار ئارىغا چۈشۈپ ئاتالمىش دەۋەتچى تالىپچاقنى «ئەھلى سۈننەت» دەۋەتچىسى، يەنە بىرنېمە بىرنېمىچىسى دەپ «تەزكىيە» قىلىپ ئاقلاپمۇ ئۈلگۈردى. شۇنىڭدەك، مەسىلىنىڭ باش جاۋابكارىمۇ ئۆزىنىڭ نېمە دېگەنلىكى ۋە دېمەكچى بولغانلىقىنى چىقىپ ئىككى ئېغىز ئىپادىلەش ئارقىلىق، تومتاقلىقىنى بوينىغا ئېلىپ چىرايلىق ئىزاھات بېرىپ رەددىيە بېرىش ئورنىغا، يۇقىرىقىدەك قۇتۇپلىشىشقا، جودالىشىشقا ياتىدىغان ئاتموسفېرانىڭ شامالىدىن ھۇزۇر سۈرۈپ جىممىدە تاماشا كۆرۈشتىن باشقا سايىسىنىمۇ كۆرسەتمىدى. دېمەك، مەسىلىنىڭ بۇ تەرىپىمۇ دەلتىلىكنىڭ سەۋىيەسىنىڭ قايسى دەرىجىدىكى چاكىنىلىق ۋە بەغەرەزلىك بىلەن خاراكتېرلەنگەنلىكىنىمۇ ئۇقتۇرۇپ بەردى. دېمەك، ئورتادا بۇنداق بىر قوچۇش، نائىنسابلارچە مەسىلىدىن مەسىلە شاخلىتىپ، ئەسلىدىكى مەسىلىنى بىمەنە ۋە ئەھمىيەتسىز ماجىراغا يۆنەلدۈرۈش بولغان ئىكەن، بۇ ھەقتە مەسىلىنى ئۇنىڭ ساھەسىنىڭ نۇقتىئىنەزەرى بويىچە تەھلىل قىلىپ كۆرۈش ئەقەللىيدۇر، ئەلۋەتتە. ئەجەبا، مەزكۇر تالىپچاقنىڭ پەتىۋا ماقامىنى پېتىقلاپ ئوينىغان ئاتالمىش دەۋەت قانىلىدىكى «زاكات ھەققىدىكى تەپسىلىي بايان» ناملىق ۋىدىيوسى تەنقىد قىلىنماسلىقى كېرەك بولغان، تەنقىت يۈزلەندۈرۈلگەن نۇقتىلارمۇ كۆرمەسكە سېلىنسا بولىۋېرىدىغان مەسىلىلەرمىدى؟ ئورتادا بۇ دەرىجىدە ئاينىش يۈز بېرىۋاتقان ئىكەن، ئۇنداقتا بىز تەنقىتچى نەزىرى بىلەن ۋىدىيودىكى مەسىلە بار دەپ قارالغان نۇقتىلارغا ياققال بىر نەزەر بىلەن كۆز يۈگۈرتۈپ چىقايلى:
1 . ھەددىنى بىلمەسلىك ۋە ئۆزىنى چاغلىماسلىق
كۆرگىنىمىزدەك، ۋىدىيونىڭ ئىسمى «زاكات ھەققىدە تەپسىلى بايان» بولۇپ، 33 مىنۇت ئەتراپىدا. ۋىدىيودا زاكاتقا دائىر ساۋات خاراكتېرلىك چۈشەنچىلەر، زاكاتنىڭ ئەھكاملىرى، كىملەرگە ۋە قانداق شەكىلدە بېرىش كېرەكلىكى قاتارلىقلار سوئال – جاۋابلىق دىيالوگ سۈپىتىدە سۆزلەنگەن. قويۇۋالغان ئىسمى ئىچىدىكى مەزمۇنى بىلەن ئۇيۇشمىغانلا بىر تەرزدە ئىشلەنگەن بۇ ۋىدىيونى زاكات ھەققىدە «تەپسىلى بايان» دېگىلى بولمىغاندەك، بايان قىلىش جەھەتتىنمۇ بىر يۇتۇبىرچىنىڭ، ياكى ئۆزى ئىددىئا قىلىۋالغاندەك بىر دەۋەتچىنىڭ، ياكى بىرەر ۋائىزنىڭ ئۇسلۇبىنى ئەكس ئەتتۈرمىگەن. زاكاتنىڭ شەرىئەتتىكى ئەھكاملىرىنى ئاشۇ ساھەنىڭ نوپۇزلۇق ئالىملىرىدىن، ياكى شۇ ساھەدىكى مۇئەييەن مەزھەپ ياكى مۇجتەھىدنىڭ نۇقتىئىنەزەرى بويىچە تەرتىپلىك بايان قىلمىغان. ياكى بولمىسا زاكاتنىڭ ئەھكامىغا دائىر مەزمۇنلارنى بىرەر فىقھىي ئېقىننىڭ ئىلمىي مەنبەسىگە تايىنىپ تۇرۇپ، ئەستايىدىل مۇراجىئەت قىلىپ تۇرۇپ ئاندىن كۆرۈرمەنگە ئاغدۇرۇشتەك، پەقەت بولمىغاندا سۆزلەنگەن شەرئىي بايانلارنىڭ مۇئەييەن فىقھىي كىتاب ياكى مەنبەدىكى بايانلىرىنى نەقىل قىلىپ بەرگۈچى، چۈشەنچىلەرنى كۆرۈرمەنگە ئاغدۇرۇپ بەرگۈچى يوسۇنىدىكى بايان قىلىش شەكلىگە رىئايە قىلىشتەك ئەقەللىي قائىدىلەرگىمۇ رىئايە قىلىپ يۈرمىگەن. ئەكسىچە مەزكۇر تالىپچاق مەسىلىلەرنى گويا مۇپتىلارنىڭ ماقامىدىكى بىرىدەك، رەتسىز بىر شەكىلدە، تومتاقلارچە، مۇجمەل شەكىلدە ئەھكام بايان قىلىشقا، خۇددى ئايەت ۋە ھەدىسنى ئوقۇپ ئۇدۇل ھۆكۈم ئېلىۋاتقان، ھەدىس ۋە ئايەت مەتىنلىرىدىكى كەلىمىلەرنىڭ مەنىسىدىن زاكاتنىڭ ئەھكاملىرىنى سۈزۈپ چىقىرىپ بېرىۋاتقان پەتىۋاچىنىڭ رولىغا كىرىۋېلىپ ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتكەن. ھۆكۈملەرنى سۆزلىگەندىمۇ كۆپىنچە ئەھۋالدا «بۇنىڭغا ئالىملار...»، «بۇ قاراشقا نۇرغۇن ئالىملار»، ئىشقىلىپ گەپنىڭ بېشى «ئالىملار» دېيىلگەنۇ، قايسى ئېقىن، قايسى پىكىردىكى، جۇمھۇرمۇ، ياكى مەلۇم مەزھەپلەرمۇ، سەلەفلەرمۇ ياكى مۇتەئەخخىرىنمۇ، جۇمھۇر ھەنەفىيلەرمۇ، ياكى ھەنبەلىيلەرمۇ، ياكى ئىككى خىل قاراش بار مەسىلە بولسا، بۇنىڭغا قايسى مەزھەپ ياكى كۈنىمىزدە ئىككى قاراشقا مەنسۇپ دەپ ئايرىغىلى بولىدىغان جۇمھۇر ۋە بىر قىسىم ئۆلىمالار شەكلىدە تىلغا ئېلىش مۇمكىن بولىدىغان قايسى مۇجتەھىد ياكى قايسى مۇقەللىد ئۆلىمالار توپى شۇنداق قارايدۇ، دېگەن ھەققىدە ئادرېس بەلگىلەشكە بولىدىغان ھېچبىر ئۆلىمالار توپى زىكرى قىلىنماستىن «بۇنىڭغا ئالىملار» دېگەن جۈملە ئىچىدە ئۇدۇل كەلگەنچە زاكاتقا دائىر مەسىلىنىڭ ھۆكمى بايان قىلىنىۋەرگەن. مانا بۇ شەرئىي ئەھكاملارنى بايان قىلىشنىڭ ئەدەپ – يوسۇنىغا خىلاپ بولۇپلا قالماي، ھەتتا پەتىۋا ماقامىدىكى شەخىسمۇ رىئايە قىلمىسا بولمايدىغان پەتىۋا بېرىش ئۇسۇلى ۋە ئەدەپلىرىگە زىت بولغان، ئېغىزدىن چىققان گەپنىڭ ھۆكمىنىڭ قايسى مەنبە ياكى قايسى دەلىلگە ئاساسلانغانلىقى ئىخچام ياكى تەپسىلى بولسۇن قىلچە بايان قىلىنمىغان ئاساستا سۆزلەپ مېڭىلغان. نەتىجىدە ۋىدىيونى ئېلان قىلىشتىكى ئاتالمىش «تەپسىلى بايان» ئىددىئاسىنىڭ قىلچە ھەققى بېرىلمىگەن. ئۆرنەك بېرىشكە توغرا كەلسە، دەۋرىمىزنىڭ فىقھىي ئالىملىرىنىڭ، جۈملىدىن ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر فەقىھلىرىنىڭ مەيلى ئاۋازلىق مەيلى فىقھىي دەرسلىرىدە بولسۇن، يازما پەتىۋالىرىدا بولسۇن، بىز تەكىتلەۋاتقان، رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك دېيلىۋاتقان پەتىۋا بېرىش سالاھىيىتىگە لايىق پەتىۋا ئۇسلۇبىنى، بايان قىلىش مېتودى ۋە ئىلمىي يۆنىلىشىنى تولىمۇ ئېنىق كۆرۈپ ئالالايمىز. قىسقا ۋە ئۇدۇل ھۆكۈملەرنى بەرگەندىمۇ، ئۇنىڭ نەق ھۆكمىنى قىسقا ۋە دەل جاۋاب بىلەن تۈگەللىگەنلىكىنى كۆرىمىز. «تەپسىلى بايان» دەپ قويۇپ، ئەھكام قائىدىلەر دۆۋىسىنى دەلىلسىز ۋە مەنبەسىز شەكىلدە ئوقۇرمەن ياكى ئاڭلارمەنلەرگە تۆكمە قىلغانلىقىنى كۆرمەيمىز. ئەلۋەتتە، بۇ فىقھىيدىن نېسىۋىلەنگەن، ئېتىراپقا ئېرىشكەن، پەتىۋا بېرىش سالاھىيىتىنى تىكلىگەن، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ پەتىۋا ماقامىدا ئىكەنلىك ئىددىئاسىنىڭ ھەققىنى بېرىپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا چىققانلارنىڭ ئەھۋالى.
بىر مەسىلە ھەققىدە تەپسىلى بايان قىلىشقا توغرا كەلسە، ئاشۇ مەسىلىدە مەزكۇر «تەپسىلىي» سۆزىنىڭ ھەققىنى بېرىشنى بىلىدىغان، تومتاقلارچە ھۆكۈملەر دۆۋىسىنى بۇنىڭ شەرئىي ھۆكمى مۇشۇ دەپ ئوتتۇرىغا ئاتىدىغان دەلتىلىكتىن خالىي بولغان فىقھىي ساھەسىنىڭ ئەھۋالى مانا بۇ. ئەمما زاكات ھەققىدە تەپسىلى بايان شەكىلدە دىن تەشۋىقى قىلىۋاتقان مەزكۇر يۇتۇبىرچىمىز ئەگەر راستتىنلا دەۋەتچى بولسا، دەۋەتچىلىك سىزىقىنى مۇھاپىزەت قىلغان ھالدا، شەرئىي ھۆكۈم، پەتىۋا بايان قىلىش ئىشلىرىنى ئەھلىگە تاپشۇرۇشى، مۇناسىپ ئەسەر ۋە مەنبەلەرگە، شۇنداقلا زاكاتقا شەرئىي ئەھكاملارنى ئەتراپلىق بايان قىلالايدىغان ئۆلىمالار توپىغا، دېگەن سۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ساغلام ئىلىم ئىگىلىرىگە قالدۇرۇپ قويۇشى ئاقىلانە ئىدى. ئەمما بۇ خۇسۇستىمۇ مېتود ۋە ئۇسلۇب جەھەتتىن، بايان قىلىشتا تۇتۇلغان تەرز ۋە شەكىل جەھەتتىن پۈتۈنلەي شەرئى ئەھكام بايان قىلىشتىكى ئىلمىي ئەخلاقنى چەيلەش، پەتىۋا سالاھىيىتى يوق تۇرۇپ سالاھىيەتسىزچە پەتىۋا تېمىلىرىغا بۇرنىنى تىقىشتەك ھەدسىزلىكنى خۇددى ئۆزىنى ئاتالمىش تەتقىقاتچى كۆرسىتىش تەشۋىقاتىدا قانداق سادىر قىلغان بولسا، بۇنىڭدا ئالدىنقىدىنمۇ ئاشۇرۇپ سادىر قىلىشتىن ساقلىنالمىغان. نەتىجىدە مەزكۇر يۇتۇبىرچى 33 مىنۇتلۇق سۈپەتسىز مەلۇماتلار دۆۋىسىنى تۆكۈشتىن باشقا ئىش قىلمىغان. 33 ۋىدىيوغا بۆلسىمۇ ئۇزۇنلۇق قىلمايدىغان ئىسلامنىڭ زاكات چۈشەنچىسىنى 33 مىنۇتقا پىرىسلاشقا تىرىشقان ۋە زاكات ھەققىدە تەپسىلىي دېگىلى بولمايدىغان چالا چالپاق بىر نەرسىنى ئىشلەپ تارقىتىش بىلەن كۈنىمىزدىكى تىپىك مودىپەرەس ۋائىز يۇتۇبىرچىلار باشقا مىللەتتە قانداق پودكاست تەقلىتچىلىكى ئارقىلىق شەرئىي ساھەنى بولغىۋاتقان بولسا، مەزكۇر تالىپچاقمۇ قاتاردىن قېلىشمىغان.
2. مۇجمەللىك ۋە چالا چالپاقلىق
چالا چالپاق بىر نەرسە ئىشلەش، دېگەندە، يۇقىرىقىدەك سۈپەت ۋە ئەھكام بايان قىلىش مېتودى جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلەردىن باشقا ئىزاھلاش كېرەك بولغان نۇقتىلاردىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىش، مۇجمەل قالدۇرۇش ۋە كونكرېتلاشتۇرۇلغان نۇقتىلاردىمۇ يۆگەپ يىغۇشتۇرۇش شەكلىكىنى ئېلىشى، ماددىمۇماددا، نۇقتىمۇ نۇقتا تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك جايلاردا يۇقىرىسى مانىڭدىن، تۆۋىنى مانىڭغىچە دېگەن شەكىلدە تەپسىلىيلەشمىگەن بىر چەمبىرەك سىزىش بىلەن كۇپايىلىنىشى كۆزدە تۇتۇلغاندۇر. مەسىلەن، مەزكۇر تالىپچاق پىروگراممىسىنىڭ ئاتىقىغا «تەپسىلى» دەپ يېزىۋالغىنىغا قارىماي، مەسىلىدە گۇڭگا قويۇشقا بولمايدىغان نۇقتىلارنى تومتاقچە يۈزەكى بايان قىلىپ قويۇپلا ئۆتۈپ كېتىۋەرگەن. توغرىسى ئۆزىنىڭ ئىشىغا كەلمىگەن نۇقتىلارنى يامىداپ ئۆتۈپ كەتسە، ئىشىغا كەلگەن نۇقتىلارنى پارچىلاپ ئىزاھلاشقا زورۇققان. «كۆڭۈلدە بارى ئېغىزغا تايىن» دەپ، زاكات ئايىتى خۇسۇسىدىكى «المؤلفة قلوبهم» بىلەن «في سبيل الله» توغرىسىدىكى گەپلىرى بۇنىڭ تىپىك مىسالى. قارايدىغان بولساق، تالىپچاق كۆڭۈل مايىل قىلىنغۇچىلار تۈركۈمى توغرىسىدىكى مەزمۇنغا نۆۋەت كەلگەندە ئايەتنىڭ ئىزاھاتىغا، تەتبىقلاش شەكلى قاتارلىقلارغا قىلچىمۇ كىرمەيدۇ. ئايەتنىڭ تومتاق ۋە يۈزەكى مەنىسىنى تېز سۈرەتلىك يولدا ماشىنا ھەيدىگەن تەرىقىدە بېسىپ ئۆتۈپ كېتىشكە زورۇقىدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە زاكات ئېلىشقا ھەقلىق نامزاتلار تۈركۈمىنى رەت رېتى بىلەن، كونكرېت ۋە تارماقلىرى بىلەن بايان قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەن. مۇجمەللىككە يول قويمىغان. شۇڭىمۇ زاكات ئەھكامى ئۆز ئالدىغا چوڭ تېما بولۇپ، فىقھ ۋە تەپسىر ئەسەرلىرىدە تىلغا ئېلىنغان ھەربىر تارماق ئۈچۈن مەخسۇس ئەھكاملار، تۈرلۈك ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئۇچرايدىغان ئىشلارغا قارىتا شەرئىي ھۆكۈملەر سۆزلەنگەن. شۇنداق ئىكەن، زاكات ھەققىدە تەپسىلىي بايان بەرمەكچى بولغان ۋاقىتتا، ھەربىر تارماق ئۆز ئالدىغا بىر ۋىدىيو قىلىنسىمۇ تەپسىلىي دېيىشكە ئاران تىل بارىدىغانلىقى زاكات فىقھىسىنىڭ ئۇجۇر بۇجۇرىدىن خەۋەردار بىرى ئۈچۈن دەپ ئولتۇرۇش ھاجەتسىز. ئەمما تالىپچىقىمىز خۇددى نەچچە ئەسىر دەۋر سۈرگەن سۇلالىلەر تارىخىنى نەچچە مىنۇتقا سىغدۇرۇپ ۋىدىيو ئىشلەپ مەۋجۇت ئېھتىياجنى قاندۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈۋاتقىنىدەك، مەزكۇر تېمىدىمۇ ئوخشاش يول تۇتسا بولىۋېرىدىغاندەك، چالا – چالپاقلىقى دىققەتكە چۈشمەيدىغاندەك ئىش قىلىدۇ. مەسىلەن، ئايەتتىكى «المؤلفة قلوبهم»، «الغارمين»، «في سبيل الله» كاتېگورىيەلىرى تەپسىلاتقا كىرىپ تۇرۇپ چۈشەندۈرۈش كېرەكلىكتە بىر – بىرىدىن قېلىشمايدىغان، ھەربىرىدە كۈنىمىز ئۈچۈن لازىملىق تارماق مەسىلىلەرنى سۈزۈپ چىقىپ كۆرۈرمەنلەرگە يورۇتۇش كېرەك بولغان نۇقتىلار بار. مەسىلەن، ئايەتتىكى «كۆڭۈل مايىل قىلىنىدىغانلار» دېگەندە، بۇ مۇنداقلا دەپ ئۆتۈپ كېتىلىدىغان تېما ئەمەس. كۆڭۈل مايىل قىلىنغۇچىلار كونكرېت كىملەرنى كۆرسىتىدۇ، پەيغەمبەر دەۋرىدە قايسى تەبىقە ۋە قانداق تۈركۈمدىكىلەر بۇ كاتېگورىيەگە كىرگەن، ئىشلىتىلگەن، كېيىن قانداق تەتبىقلانغان، ھەتتا قانداق بولۇپ تەتبىقلىنىش ئەمەلدىن قالغان، كۈنىمىزدە بۇ ئايەتنىڭ تەتبىقلىنىش ئورنى بارمۇ، يوق. بار بولسا، كۈنىمىزدە مايىل قىلىنىش ئوبيېكتىلىرى كونكېرت قايسىلار؟ يېقىنقى زامان ئالىملىرى بۇ خۇسۇسقا قانداق قاراشلاردا بولغان؟ «ئاللاھنىڭ يولىدىكىلەر» دېسەك، يۇقىرىسى مانىڭدىن، تۆۋىنى مانىڭغىچە شەكلىدە تومتاقلارچە زىكرى قىلىپ ئۆتۈپ كەتمەستىن، ئاشۇ دائىرىگە كىرىدىغان، بولۇپمۇ بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدە بۇ تۈر قايسى يۆنىلىشنى، قانداق ئىدىيە بىلەن كېتىۋاتقانلارنى كۆرسىتىدىغانلىقى، نېمە ئۈچۈن كىتاب، دەۋەت، مائارىپ قاتارلىقلارنى ئاللاھ يولى دائىرىسىگە، جىھادنىڭ ئورنىدىكى ھەرىكەت ۋە ئەمەللەر دائىرىسىگە تىزىلىدىغانلىقى تەپسىلى يورۇتۇلۇشى كېرەك بولغان مەسىلىلەر ھېسابلىنىدۇ. ئەمما كۆرۈمىزكى، تالىپچىقىمىز تېما ھەققىدە تەپسىلاتتىن گەپ ئېچىپ قويغانۇ، ئەمىللەشتۈرۈشكە كەلگەندە، دېگەن، دەۋاتقان ۋە تېگىش قىلغان نۇقتىلىرىنىڭ ھەربىرىدە شۇ قەدەر ئىخچاملاشتۇرۇشقا زورۇققانكى، ئوتتۇرىغا تاشلىغان ۋىدىيوسى زاكات ھەققىدە قىسقىدىن قىسقىچە بىر نەرسە دېگىلى بولغىدەك، ھەتتا ئۇنىمۇ ئالدىراپ دېگىلى بولمىغىدەك بىر نەرسە بولۇپ قالغان.
- بۇرھان مۇھەممەد
2023-03-26
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى
كېيىنكىسى: ئۆزىمۇ ئازىدۇ، ئۆزگىنىمۇ ئازدۇرىدۇ (2)