Jump to content

ئۆزىنى ئۆزى ئەيىبلەش كىشىگە ئالىيجانابلىق ھېس قىلدۇرىدۇ

ئورنى Wikipedia

ئۆزىنى ئۆزى ئەيىبلەش كىشىگە ئالىيجانابلىق ھېس قىلدۇرىدۇ

ئەگەر بىراۋنىڭ بىزنى چوقۇم ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلسەك، ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئەيىبلىسەك كۆپ ياخشى ئەمەسمۇ؟ ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قىلغان تەنقىد بىراۋنىڭ تەنقىدىدىن كۆپ ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟

ئەگەر سىز بىراۋ تەنقىد بېرىشنى ئويلاۋاتقاندا ياكى تەنقىدلەشكە تەمشىلىۋاتقاندا، ئۇ گەپ ئېچىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى تەنقىد قىلسىڭىز ئەسلىي ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولغان قۇلايلىق شارائىتقا سىز ئېرىشىسىز ئەمەسمۇ؟ بۇنداق بولغاندا بىراۋ كەڭچىلىك، كەچۈرۈم قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولىدۇ ۋە خاتالىقىڭىزمۇ يەڭگىللەپ قالىدۇ.

ھەرقانداق ھاماقەت كىشى ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى كۈچىنىڭ بارىچە ئاقلايدۇ. كۆپ ساندىكى ھاماقەتلەر مۇشۇنداق قىلىدۇ. بىراق، ئۆز خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىق ئادەتتىكى كىشىلەردىن ئۆزىنى پەرقلەندۈرگەنلىك بولۇپلا قالماي، بەلكى كىشىگە ئالىيجانابلىق ھېس قىلدۇرىدۇ.

(«كارنىگ ھېكمەتلىرى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى)