Jump to content

ئۆزۈڭلاردىن كەتتى...

ئورنى Wikipedia

ئۆزۈڭلاردىن كەتتى...

شۇنى قەيت قىلىش ھاجەتكى، كاشغەرنى مەركەز قىلغان تۈركىستان ھاۋزىسىدا، ئۇنىڭ تىلى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ ئىجادىي مەھسۇللىرى بولمىش تۈركىي ئەسەرلەر بىز ئۈچۈن قانداق مەدەنىي مىراس ھېسابلانسا، ئۇشبۇ مەدەنىيەت ھاۋزىسىنىڭ يېتىشتۈرگەن ئالىم - ئەللامىلىرىنىڭ، شائىر - شۇئەرالىرىنىڭ، فازىل - ئارىفلىرىنىڭ، ھەكىم - دانالىرىنىڭ قەلىمىدە پۈتۈلگەن، ئۇلارنىڭ مەپكۇرىلىرىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن ئەرەبچە ۋە پارسچە ئەسەرلەرمۇ بىزنىڭ ئېلىشىمىز ھەقلىق بولغان مىراسلاردۇر. تۈركىي ئەسەرلەردىكى مەنە ۋە دۇنيا قاراشلار، ئەخلاق - مىزان ۋە تەلىم - تەربىيە ئۈگۈتلىرى، تىل ۋە مەنە بايلىقلىرى بىز ئۈچۈن قانچىلىك قىممەتلىك مىراس بولغان بولسا، تۈركىستان ئىلمىي مىراسلىرىغا تەۋە بولغان ئەرەبچە ۋە پارسچە ئەسەرلەرمۇ ئوخشاشلا بىزنىڭ مىراسىمىزدۇر. خۇددى ياۋروپا ئويغىنىش دەۋرىدىكى بىر گېرمان پەيلاسوپىنىڭ يازغان ئىنگلىزچە ئەسىرى دۇنيا ئىلىم مىراسىنىڭ بىر قىسمى بولۇش بىلەن بىرگە، گېرمانلارنىڭ مىللىي مەپكۇرىلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەسەر بولۇشتىن چىقىپ كەتمىگەن بولسا، تۈركىستاننىڭ مەرىپەت خەزىنىسىدىكى ھەرقانداق تىللىق ئىلمىي مىراسلارمۇ ئىنسانىيەت ئىلىم مىراسىنىڭ بىر قىسمى بولۇش بىلەن بىرگە، ئوخشاشلا بىزنىڭ مىللىي مىراسىمىز، قەدەرىيەتلىرىمىزدۇر. مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگاننىڭ «تارىخى رەشىدى»سى بۈگۈنكى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقى ئۈچۈنلا بىزگە ئائىت ئىلمىي مىراس بولۇپ قالغىنى يوق. ئۇ پارسچە يېزىلغان ھالىتى بىلەنمۇ خۇددى ئەرەبچە يېزىلغان «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»كە ئوخشاشلا بىزنىڭ ئەجدادىمىزنىڭ ئىلمىي مىراسىدۇر. ئۇنىڭدىكى مەپكۇرە، دۇنيا قاراش، پىكىر - ئىدىيەمۇ ئۇشبۇ ئەجدادقا ئائىت بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزنىڭ مىراسلىرىمىزدىندۇر. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش تۈركىستانىمىزنىڭ مەدەنىيەت ھاۋزىسىدا مىللىي كىملىكىمىز ۋە دۇنيا قاراشلىرىمىزغا تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن، بۇ جۇغراپىيەدە مەيدانغا كەلگەن ئۆز دەۋرىنىڭ مەدەنىيەت تىلى، سۆھبەت تىلى، ئىلىم - پەن تىلى ۋە تەپەككۇر تىلىدا يېزىلغان ھەر ساھەدىكى ئەسەرلىرى، جۈملىدىن تۈركىستان پەيلاسوپلىرىنىڭ، تۈركىستان سىياسىيونلىرىنىڭ، تۈركىستان فەقىھلىرىنىڭ، تۈركىستان مۇھەددىسلىرىنىڭ، تۈركىستان مۇپەسسىرلىرىنىڭ، تۈركىستان قارى - قۇررالىرىنىڭ، تۈركىستان مۇتەسەۋۋۇپلىرىنىڭ ۋە تۈركىستان تەبىبلىرىنىڭ ئەسەرلىرىمۇ بىزنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتىمىز بولۇشى كېرەك بولغان مىراسلىرىمىزدىندۇر. ۋەتەن ئىچىدە ئىمكان بولمىغانلىق سەپسەتىسىگە ماقۇل بولساقمۇ، چەتئەللەرگە يۈزلەپ، مىڭلاپ چىققان ئىستۇدېنت، تالىپ، تەتقىقاتچى، بىلىم ئاشۇرغۇچى ۋەھاكازالىرىمىزدا بۇ ھەقتە جەدىدچىلىككە قول ئۇرغانلىقلىرىنى كۆرەلمىدۇق. ئەكسىچە بۇ تۈر خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىش پىچىمىنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكىدىن پەرقلەنمىگەن ھالدا زىيالىيغا تەقسىم بولۇنغىنى زىيالىينىڭ ئىشىغا، موللىغا تەقسىم بولانغىنى موللىنىڭ ئىشىغا ئايلانغان بويىچە داۋاملاشتى. كۆنۈكتۈرۈلگەن سۈنئىي تەقسىماتلارنى بۇزۇپ تاشلاپ يېڭىچە بىر يولغا چىغىر ئېچىش ئۇرۇنۇشلىرى كۆزگە چېلىقىپ كەتمىدى.

ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ئېيتالايمىزكى، ئاسارەت خۇرۇچلىرى تەسىرىدە، ئىچكى ماسلىشىش ۋە تاشقى ئىستراتېگىيەنىڭ «ئۇنتۇلدۇرۇش» پىروجىلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە تىلدا، دىلدا، دىندا، مەدەنىيەتتە بىردەكلىك ۋەزىيىتىمىز بەربات بولدى. موللا - زىيالىي ئوبرازىنىڭ شەكىللەندۈرۈلۈشىدىن باشلانغان بۇ تۈر تىراگېدىيەلەرنىڭ زەنجىرسىمان تەرەققىياتى مىللىي كىرىزىسىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئەڭ چىگىكلىك ھالىتىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە روھىي زېمىن ھازىرلىدى. ئەجەبا بۈگۈنكى ياشاۋاتقان پاجىئەلىرىمىز «ئۇنتۇلدۇرۇش خۇرۇچلىرى»نىڭ زەنجىرسىمان تەسىرلىرىدىن قۇتۇلالمىغانلىقىمىزنىڭ، روھىي تەسلىمچىلىك ۋە زېھنىي تەقلىدچىلىك ھاڭلىرىغا نەقەدەر چوڭقۇر پېتىپ كەتكەنلىكىمىزنىڭ تىراگېدىيەلىك خۇلاسىلىرى بولماي نېمە؟ بۇ دەرىجىدە ئۇنتۇش، ھەتتا ئۇنتۇغاننىمۇ ئۇنتۇشقا قاراپ مېڭىۋاتقان ھالىتىمىز مەشھۇر تارىخشۇناس ۋە مەدەنىيەت پەيلاسوپى ئارنولد تويىنبى ئېيتقان: «مەدەنىيەتلەر قىرىلىپ مۇنقەرز بولمايدۇ، ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرۈپ (يىمىرىپ) يوق بولىدۇ»، دېگەن يەكۈنىنىڭ رېئال كۆرۈنۈشلىرى بولماي نېمە؟!

...

بىز تارىخشۇناسلارنىڭ ۋە مەدەنىيەتشۇناسلارنىڭ نەزەرىيەۋى مۇئەييەنلەشتۈرمىلىرى ئارقىلىق ۋەزىيىتىمىزگە دىياگنوز قويغان، «ئۈزۈڭنى ئۆزگەرت، تارىخىڭ ئۆزگەرسۇن!» نۇقتىئىنەزەرىگە كۆرە ھال - ۋەزىيىتىمىزنىڭ ئىسلاھاتقا، يېڭىلىنىشقا موھتاج ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولساق، دېمەك بۇ بىزنىڭ «ئۇنتۇلدۇرۇش» خۇرۇچلىرىنىڭ تەسىرىدىن تەلتۆكۈس قۇتۇلۇشنىڭ چارىسىنى قىلىشىمىزنىڭ ئەقلىي ۋە رېئال تەقەززالاردىن بولۇۋاتقانلىقىنىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىشىمىز نە پەقەت ئەقلىي ۋە رېئال تەقەززالا ئەمەس، بەلكى يەنە قۇرئانىي تەقەززادۇر. چۈنكى قۇرئان بىزگە ئىنساننىڭ تەڭرىدىن ئۆزگە ھېچبىر مەۋجۇتلۇققا قۇللۇق قىلىنمايدىغانلىقىنى، ھەتتا بۇ قۇللۇقنىڭ ئىنساننىڭ ئۆز ئىستەك-خاھىشلىرى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنى ھامان نىجاتلىقتىن مەھرۇم قويىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىرگە يەنە بۇخىل روھىي ئاسارەتكە پاتقۇچىنىڭ قۇللۇق كۆرسىتىۋاتقان ئوبيېكتىدىن باشقىسىنىڭ ھەق سۆزى قۇلىقىغا كىرمەيدىغان، قەلبى تۇيمايدىغان، ئەقلى ئۇ ھەقتە ئويلىنىشقا قېيىق ھالغا كېلىپ قالىدىغانلىقىنىمۇ ناھايىتى روشەن خەۋەر بېرىدۇ[1]. قۇرئان كەرىمدە بىر مىللەتنىڭ ھال ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئۆزىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ نەتىجىسىگە باغلىغانلىقى مەلۇم[2]. ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ئىپادىسى قۇرئانىي ئىستىلاھ بويىچە (التغير النفسي)، يەنى «روھىي ئۆزگىرىش» يادرو قىلىنغان بولۇپ، قۇرئان مەيلى كىشىلىك ياكى ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش بولسۇن ئىنساننىڭ ئىرادە تاللىشى ۋە ئەقىل - ئىدراكى رول ئوينايدىغان ئىشلاردا، مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى مەزكۇر قانۇنىيەتكە باغلايدۇ. روھىي ئۆزگىرىشتىن ئىبارەت يادرولۇق ئۆزگىرىش پەقەتلا ياخشى ھالەتتىن يامانغا، يامان ھالەتتىن ياخشى ھالەتكە ئۆزگىرىشتە، يەنى ئىجابىي يەكى سەلبىي بۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسىدە مەركەز بولۇپلا قالماستىن يەنە بۇ ھەق بىلەن باتىل كۆرۈشىدىكى غەلىبە ۋە مەغلۇبىيەت قانۇنىيەتلىرىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. مەسىلەن تارىختىكى مەشھۇر ئوھۇد غازىتىدا مۇسۇلمانلارنىڭ جەڭدىكى مەغلۇبىيىتى ئۇلارنى چۆچۈتكەن. ئۇلار نۇسرەتنىڭ ئۆزلىرىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكى ھەققىدە ئالدىنئالا خۇش خەۋەر ئالغان بولۇشىغا قارىماي ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەت تەرەپدارلىرى تۇرۇقلۇق مەغلۇپ بولغانلىقى ئۈستىدە ئويغا چۆمگەن. ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ نۇسرىتى ۋەدە قىلىنغان تۇرۇپمۇ يەنە مەغلۇپ بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى سوراش ئارقىلىق زېھنىدىكى تۈگۈننى يەشمەكچى بولدى.  ئۇلار سوئالىغا جاۋاب ئالماقچى بولغىنىدا قۇرئان كەرىمنىڭ جاۋابى تۆۋەندىكىچە بولغانىدى: «(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلاردىن بولدى»[3].

ئايەتتىكى «ئۆزۈڭلاردىن كەتتى»، دېگەن بۇ يەكۈن دەرۋەقە ئۇھۇدتىكى مەغلۇبىيەتنىڭ تېگىدە ياتقان سەۋەبلەرگە ئىشارەت قىلماقتا. يەنى مەغلۇبىيەتنىڭ شۇ چاغدا يۈز بەرگەن ئەسكىرىي تۈزۈمگە ئىتائەتسىزلىك قىلىش، قوماندان (رەسۇلۇللاھ) نىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپ ھالدا ھېچبىر زۆرۈرىيەتسىز ھالەتتە ياۋنىڭ غەنىيمەتلىرىنى ئولجا ئېلىشقا ئالدىراپ بىسوراق تاغدىن چۈشۈش، مۇھىمى ئۇرۇشتىكى ئەڭ ئەجەللىك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇننى ئايرىلماسلىق بۇيرۇقى بولۇشىغا قارىماي ئۇنى دۈشمەنگە تاشلاپ بېرىشتەك خاتالىقلارغا يول قويغانلىقتىن، دۈشمەننىڭ غەلىبىسىگە يوچۇق ئېچىپ بېرىشتىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. شۇنداقلا بۇ يەكۈن ئىلاھىي نۇسرەتنىڭ سەۋەب - نەتىجە ئاساسىدا قولغا كېلىدىغانلىقىنىڭ، ئىچكى جەھەتتە چۈرۈكلۈك كۆرۈلگەندە تاكى بۇ چۈرۈكلۈك تۈزەلگەنگە قەدەر ئىلاھىي نۇسرەتنىڭمۇ ئاسقۇدا بولىدىغانلىقىنىڭ، ئىچتىن تۈزۈلۈش ئەمەلىيلەشكەندىلا ئاندىن غەلىبىنىڭ ھەقىقەت ئەھلى تەرەپتە بولىدىغانلىقىنىڭ دەلىلى ۋە تارىخىي ئۆرنەكلىرىدىندۇر.

ئايەت يەنە، يەر يۈزىدە يولغا قويۇلغان قانۇنىيەتلەرگە رىئايە قىلمايمۇ، نوقۇل ئۆزىنىڭ زۇلۇم تارتقانلىقى ياكى ھەق تەرەپتە بولغانلىقى ئۈچۈنلا نۇسرەت قازىنىدىغانلىق تەمەسىنىڭ غەلىبە تۈگۈل ئەكسىچە مەغلۇبىيەتكە يول ئاچىدىغانلىقىنى، ئاخىرىغا بېرىپ ماددىي ۋە مەنىۋى زىيان تارتىشقا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بېشارەت قىلماقتا. دېمەك، قۇرئاننىڭ «ئۆزگىرىش قانۇنىيىتى» ھەققىدىكى مەيدانىمۇ ئوخشاشلا ئاقىل - دانالارنىڭ تارىخىي تەجرىبىلەردىن ئالغان خۇلاسىلىرى ۋە بۇ ئاساستا ئوتتۇرىغا قويغان پەلسەپەۋى نەزەرىيە ۋە مۇلاھىزىلىرى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە. بۇ بىزگە جىددىي تەرزدە ئۆزىمىزنى سىلكىشىمىز كېرەكلىكىنى، بۈگۈننىڭ پاجىئەلىرىنى نەتىجىلەندۈرگەن «ئۇنتۇلدۇرۇش خۇرۇچلىرى»نىڭ تەسىرىدىن، «مىللىي خاتىرىمىزنى يۇيۇش» ئوپېراتسىيەلىرىدىن مەيدانغا كەلگەن زېھنىي قۇللۇق ئاسارەتلىرىدىن تازىلىنىشىمىزنىڭ زۆرۈر بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. بۇ نۇقتىدا بىز بۈگۈننىڭ پاجىئەلىرىنىڭ ئۇندىن ئىلگىرىكى غەپلەتچە ياشامنىڭ، تەسلىمىيەتچىل روھنىڭ ئاسارىتىدىن مەيدانغا كەلگەن تالايلىغان «كەتكۈزۈپ قويۇشلار»نىڭ ئاقىۋىتى ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىپ يەتمىكىمىز زۆرۈر. بىزگە غەرەزلىك سۈلھى - سالالار، ھەر تۈرلۈك نەيرەڭلەر ئارقىلىق بوي ئەگكۈزۈشكە ئۇرۇنغان مۇستەملىكىچىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى شەپقەتسىزچە، ھېچبىر سۈلھى سالاسىز ھالدا خالىغان خورلۇق ۋە دەپسەندىچىلىكنى قىلالايدىغان جۈرئەتكە كېلىۋاتقاندىكى ئاسمان - زېمىن پەرقلىقلەرمۇ بىزنىڭ دۈشمەن نەزەرىدىكى ئوبرازىمىزنىڭمۇ قەيەردىن قەيەرگە چېكىنگەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىشكە يېتەرلىك. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە قانۇنىيەتلىك دۇنيادا ھەر بىر نەپەسنىمۇ سەگەكلىك بىلەن ئېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدىغان ئارىفلارنىڭ مۇنۇ دۇئاسىنىڭ نەقەدەر مەنىدار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ: «رەببىم، بىزدىن كەتكەنلىكى تۈپەيلى سەندىنمۇ قورقمايدىغان، بىزگىمۇ شەپقەت قىلمايدىغانلارنى ئۈستىمىزگە مۇسەللەت قىلىپ قويمىغىن!».

نەقىل مەنبەلىرى:

[1]  سۈرە فۇرقان،  42~43  - ئايەتلەر؛ سۈرە جاسىيە، 23 – ئايەت.

[2]  سۈرە رەئد، 11 – ئايەت.

[3]  سۈرە ئال ئىمران، 165 – ئايەت.

مەنبە: ئاپتورنىڭ «ئاسارەت ئەپسانىلىرى بىزگە نېمە دەيدۇ» ناملىق ئەسىرى

مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى