ئۆستەڭدىن سەكرەش ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

بۇ ئويۇن جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلىرىنىڭ كۆپرەك ئوينىلىدۇ. ئۇ ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ بەدىنىنى چېنىقتۇرۇپ، قاڭقىش كۈچىنى ئاشۇرۇشتا، ئۇلارنى جۈرئەتلىك قىلىپ تەربىيلەشتە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. بەسلىشىش ئۇسۇلى: بۇ ئويۇنغا قانچە بالا قاتناشسا بولىۋېرىدۇ. ئويۇنغا قاتناشقۇچى بالىلار بىرلىكتە ئېرىق - ئۆستەڭلەرنىڭ مەلۇم بىر جايىنى تاللاپ بېكىتكەندىن كېيىن، بىر - بىرىدىن نۆۋەت بىلەن يىراقتىن يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۆستەڭنىڭ ئۇ قىرغىقىغا سەكرەپ ئاتلاپ ئۆتىدۇ. ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەنلەر ئۇنىڭدىن كەڭرەك بىر جاينى تاللاپ يەنە ئاتلىشىدۇ. بۇ ئورۇندىمۇ ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەنلەر، يەنىمۇ كەڭرەك بىر جايدىن ئاتلىشىدۇ. ئۆستەڭدىن سەكرەپ بەسلىشىش ئويۇنى ئاشۇ تەرىقىدە داۋاملىشىپ، ئاخىر قايسى كىشى ئەڭ كەڭ جايدىن سەكرەپ ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسە، شۇ يەڭگەن بولىدۇ."[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]