Jump to content

ئۆلىمالار جەمئىيىتىنىڭ بەرگەن ئۈمىدى

ئورنى Wikipedia

ئۆلىمالار جەمئىيىتىنىڭ بەرگەن ئۈمىدى

بىر مىللەتنىڭ ئۆز ئۆزىدىن دىنىي ۋە مىللىي ئىشلىرىنى تەرتىپ - نىزامغا سېلىشقا ئۇرۇنۇشى ئۇ مىللەتنىڭ ئويغانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. كۈنىمىزدە ھەر ساھەدە ئىلگىرىلىيەلىگەن مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك، دەسلەپكى قەدەمدە بىر پۈتۈن ئويغىنىش ھەرىكەتلىرىنى دىنىي ۋە مىللىي تەشكىلاتلار بىلەن باشلىغان ۋە بۇ يول ئارقىلىق تەرتىپ - ئىنتىزامدىن چىقىپ كەتكەن دىنىي ۋە مىللىي ئىشلارنى بىر قېلىپقا سالغان ئىدى. بۈگۈن (شەرقىي) تۈركىستان مۇنەۋۋەرلىرىنىڭ بۇ يېڭى ھەرىكەتكە بەل باغلىغانلىقى ھەممىمىزنى سۆيۈندۈرىدىغان دەرىجىدىكى ئىشلاردىندۇر.

ۋەتىنىمىز ئۇ بېشىدىن بۇ بېىشىغىچە جاھالەت توزىقىغا ئايلانغانلىقى، ئۆلىمالىرىمىزنىڭ مۇتەئەسسىپلىك ئىچىدە قالغانلىقى بىزگە بەش قولدەك ئايان. بۇنىڭ زىينىنى ھېلىھەم تارتماقتىمىز. دەرۋىش ۋە ئۆلىما قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ دىنىي ۋە مىللىي مەۋقەلەردە ئەڭ مۇھىم يەرنى ئىگىلىۋالغان بىر بۆلۈك مۇتەئەسسىپ ئۇنسۇرلارنىڭ جەنۇبتا قىلىۋاتقان ئەكسىلھەرىكەتلىرى چەكتىن تولىمۇ ئاشقان ئىدى. ئەڭ مۇقەددەس دىنىي ئۇنۋانلارنى ئۆزىگە تاقىۋېلىپ، خەلق ئۈستىدىن زۇلۇم قىلىشقا سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقلىرى ئەفكارى ئومۇمىيەمىزگە ناھايىتىمۇ يامان ۋە خەتەرلىك تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. بۇ ئورۇندا ساقچى ئىدارىلىرىغا، سىياسىي مۇئەسسەسەلەرگە سىغىنغان، شەرئىي ھۆكۈملەرنى تەلەپكە لايىق ئىجرا قىلمىغان ۋە جىمى ئىشنى مەنپەئەتپەرەسلىك كۆزى بىلەن كۆزەتكەن بىر بۆلۈك ئەلەم، ئاخۇن ۋە سوپىلارنى ساناپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.

ئىلمىي، مەدەنىي ۋە مىللىي سەپ قوشۇنىمىز ئەسكىلىككە ۋە جاھالەتكە قارشى بىر ئېقىن شەكىللەندۈرۈۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، مەزكۇر مۇتەئەسسىپ ئۇنسۇرلارنىڭ ئۇشبۇ پارلاق ھەرىكىتىمىزگە نەقەدەر ئەكىس تەسىر بېرىۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. بۇ ۋەجىدىن پۈتكۈل غەيرىتىمىز بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپمۇ دەمال ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەيۋاتقان ئىدۇق. كۈنىمىزدىكى يېڭىلىق ھەرىكىتىمىز ۋە مەدەنىي تەشەببۇسلىرىمىزنىڭمۇ ئۈنۈمى بولماي، ئېلىپ بېرىۋاتقان پايدىلىق ئىشلىرىمىز يەنە ئۆزىمىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قۇيۇۋاتقان ئەھۋالدا ئىدى.

يېڭىلىق ۋە مىللەتپەرۋەرلىك يولىمىز بۇ قەدەر ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قىلىۋاتقان ئىكەن، بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تەبئىي ھالدا، دىنىي مۇئەسسەسەلىرىمىزنىڭ سىستېمىلاشمىغانلىقىدىن، مىللىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ھۆرلۈكىنى ۋە ئەمىنلىكىنى قوغداش ئورنىغا، مۇتەئەسسىپلىكنىڭ ھامىيچىلىرىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىدىن كۆرۈشكە ھەقلىقمىز. ھەمدە پۈتكۈل قاباھەتنى مۇشۇ ئورۇنلارغا، مۇقەددەس دىنىي ئىشلىرىمىزنىڭ ئالدىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان مۇتەئەسسىپ ئۇنسۇرلارغا ئارتىشقا ئەلۋەتتە ھەققىمىز بار.

ئەجەبا، بۈگۈنكى بۇ ئېغىر خەستە (كېسەل تەگكەن) مۇئەسسەسەيىمىزنى شەھرىمىزدىكى مۇنەۋۋەر ھەمدە ھەقىقىي ئۆلىمالىرىمىزنىڭ پاش قىلغانلىقىنى ۋە داۋالاشقا كىرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ شۈكران تۇيغۇسى كۆڭلىدىن كەچمىگەن بىرەر دىنىي قېرىندىشىمىز بارمىدۇ؟

ھەرھالدا شەھرىمىزدىكى ھەقىقى ئالىملار، مۇنەۋۋەرلەر تەرىپىدىن 13 - نويابىر كۈنى تەشكىل قىلىنماقچى بولغان «چىنى (شەرقىي) تۈركىستان ئۆلكىلىك مەركىزى جمعية العلماء (ئۆلىمالار جەمئىيىتى)» نىڭ ئەفكارى ئومۇمىيەدە بۈيۈك بىر دىققەت - ئېتىبار ئويغاتقانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. ھەركىم بۇ جەمئىيەتنىڭ ئىش باشلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتمەكتە ۋە ئۇنىڭ تەشكىللىنىشىگە يېقىندىن ئاشىنا (تولۇق ۋاقىپ) بولۇپ تۇرۇشنى ئىستىمەكتە.

مەھكىمە شەرئىييە (شەرىئەت مەھكىمىسى) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ئۆلىما جەمئىيىتى 7 بۆلۈملۈك ئورۇننى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ بۆلۈملەر: كىتابەت (يېزىقچىلىق) بۆلۈمى، مەھكىمە شەرئىي (ئەدلىيە) بۆلۈمى، تەپتىش بۆلۈمى، تەشۋىقات بۆلۈمى، ئىلمىي خىزمەتلەر بۆلۈمى، ئىمامەتچىلىك ئىشلىرى بۆلۈمى، مالىيە بۆلۈمى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ھەر بۆلۈمنىڭ ئۆز ئالدىغا تارتىپ قىلىدىغان بۈيۈك پىلانلىرى، مەقسەت - غايىلىرى بار بولۇپ، پۈتكۈل (شەرقىي) تۈركىستان بويىچە مەركىزى ماقامدىكى جەمئىيەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز ئالدىغا تەشكىلىي قۇرۇمغا، نىزامنامىگە ئىگە بىر جەمئىيەت ئىكەنلىكىدىن خەۋەردار بولماقتىمىز. ئەلۋەتتە بىردىنلا ئۈمىد نۇرىنى چاقناتقان بۇ جەمئىيەتكە تۆۋەندىكىچە تەكلىپ - پىكىرلىمىزنى، تۇيغۇ - تەسىراتلىرىمىزنى بايان قىلماي تۇرالمايمىز:

بىرىنچىدىن، مەزكۇر ئۆلىمالار جەمئىيىتى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسى ئاساسىدا ۋەتىنىمىزدە ناھايىتىمۇ چوڭ مەرتىۋە قازانغۇسى ۋە بۇندىن كېيىن پۈتكۈل دىنىي مەسىلىلىرىمىز، دىنىي ئورۇنلىرىمىز پەقەت مۇشۇ جەمئىيەتكىلا قاراشلىق ھالەتتە مەركەزلىشىپ ماڭغۇسى.

ئىككىنچىدىن، دىنىي ھەق - ھوقۇقلار، شەرئىي ھۆكۈملەر بۇ جەمئىيەت ئارقىلىق ئىجرا قىلىنغۇسى.

ئۈچىنچىدىن، جاھالەتكە سەۋەب بولغۇچى ھەر تۈرلۈك ئويدۇرمىلارنى، دىنىي مۇتەئەسسىپلىكلەرنى تازىلاپ، ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىىتى بولغان ئىلىمنى قانات يايدۇرۇشقا چاقىرىق قىلىش ۋەزىپىسى تولۇق مەنىسىنى تاپقان ھالدا تەشۋىق قىلىنغۇسى. دىن ۋە پەن ئىلىملىرىگە بولغان تەتۈر تەشۋىقات ۋە ئەكسىلھەرىكەتلەرگە قارىتا مەۋقە - مەيدان بىرلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغۇسى.

تۆتىنچىدىن، بۇ جەمئىيەت ئىسلام دىنىنىڭ توغرىلىقىنى، شانۇشەۋكىتىنى، شىجائەتپەرۋەرلىكىنى نامايان قىلدۇرغۇسى.

بەشىنچىدىن، مۇئەييەن ۋاقىت ئىچىدا بىر «دار العلوم (ئالىي ئىلىم يۇرتى)» قۇرۇپ چىقىپ، ھەقىقىي دىن ئالىملىرىنى يېتىشتۈرگۈسى ۋە بۇ ئاساستا مەكتەپلەر، مەدرىسىلەر ئىسلاھ قىلىنغۇسى.

ئەفكارى ئاممەگە بۇ قەدەر بۈيۈك ئۈمىدلەرنى بەخىش ئەتكەن بىر جەمئىيەتنىڭ نەقەدەر ھۆرمەتكە، ھىمايىگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى بۇ يەردە تەسەۋۋۇر قىلىپ بولالمايمىز. مىللەت ئالدىدا ئېغىر بىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان، قاراڭغۇلاشقان ئۇپۇقىمىزنى ئايدىڭلاتماقچى بولغان بۇ جەمئىيەتنىڭ نام - شەرىپىنى، تەرتىپ - نىزامى ۋە پىلانلىرىنى قۇرۇق مۆھۈرلەردە، ياكى بولمىسا يالغۇز قەغەز يۈزىدىلا ئەمەس، تارىخ بەتلىرىدە، يۇرتداشلارنىڭ قەلبىدەك كۆرۈشنى ئىستەيمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن «ئۆلىمالار جەمئىيىتى» نىڭ باشقا مۇئەسسەسەلەرگە ئۆلگە يارىتىشى، ئۆزىنى نامايان قىلىشى، كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئارقىلىق دىنداشلىرىمىزنىڭ رىغبىتىنى قولغا كەلتۈرۈشى تولىمۇ زۆرۈردۇر.

مەنبە: «ئەرك گېزىتى»، 220 - سان، 1948 - يىل، 17 - نويابىر.

ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرغۇچى: بۇرھان مۇھەممەد