Jump to content

ئۆلىمالىرىمىز نەدە؟

ئورنى Wikipedia

جۇمھۇرىيەت مىللىي مەپكۇرىسىدىن تەرمىلەر (7)

ئۆلىمالىرىمىز نەدە؟

«ئۆلىمالىرىمىز نەدە؟» ناملىق ماقالىگە ئىلاۋە

توغرا سورالغان سوئال جاۋابنىڭ يېرىمىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن بولىدۇ، دەيدۇ دانالار. ئۆلىمالىرىمىز نەدە؟ دېگەن بۇ سوئال مەيلى قانداق دەۋر ۋە قانداق زاماندا تاشلىنىشىدىن قەتئىينەزەر، سوئالنىڭ ئۆزىلا شۇ دەۋرنىڭ تىراگېدىيەسىنىڭ دەرىجىسىنى ھېس قىلىشقا يېتەرلىك بولسا كېرەك. نۆۋەتتىكى ماقالىمىز بىر مىللەت ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە ئۆزلىرى قارار بېرىشكە جۈرئەتلەنگەن، قارارىنى بەرگەن ۋە ھۆرلۈكنى تاللىغان بىر زاماندا سەرخىللار قاتلىمىدىن باشلاپ ئوقۇمۇشلۇقلار تائىپىسىغىچە بولغان ۋە يېتەكچىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە چوڭ توپنىڭ باشتىن كەچۈرۈۋاتقان كىرىزىسى قەلەمگە ئېلىنغان. داھىيىلار يول ئاچىدۇ، مەردلەر بۇ يولدا جان پىدا قىلىدۇ، غازىلار بۇ يولنى ھىمايە قىلىدۇ. ئۇنداقتا ئىلىم ئەھلىلىرىچۇ؟ ئۇلارنىڭ رولى خەلق ئۈچۈنمۇ، رەھبەرلىك قاتلىمى ئۈچۈنمۇ ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇلار سەرخىللار قاتلىمىنىڭ خەلق تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. خەلقنىڭ سەرخىللارنىڭ رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىشىنى، ئۇلارنىڭ ھەق ۋە ئادالەت يولىدىكى كۆرۈشىنى قوللىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. يولباشچىنىڭ خەلقنى توغرا يېتەكلىشىگە ھەمدەم بولسا، خەلقنىڭ يولباشچىلار باشلىغان يولدىن يۈرۈشىگە سەپەرۋەر قىلىش رولىنى ئۆتەيدۇ. ئالىم - ئۆلىما ئۈچۈن نە شەخس، نە قۇرۇم مۇھىم. مۇھىم بولغىنى ئادالەت ۋە ھەققانىيەت، ھەقىقەت ۋە توغرىلىق. ھەققانىيەت ۋە ئادالەتتىن ئىبارەت بۇ ئىككى مىزان دىن ۋە دۇنيا ئىشلىرىنىڭ تەرتىپكە چۈشۈشى، ياراتقۇچىنىڭ ئورۇنباسار قىلىپ تەيىنلىگەن تۇپراقنى بۇلغىنىشتىن، تاجاۋۇزلۇقتىن، پاساتچىلىقتىن، خىيانەتتىن ۋە ئاسارەتتىن پاك تۇتۇشنىڭ رېئاللىق يۈزى كۆرۈشى ئۈچۈن ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان ئىككى چوڭ ئاساستۇر.  شۇڭا ئالىم - ئۆلىمانىڭ ئىشى مانا بۇ ئاساسلارنى بەرپا قىلىدىغان مېخانىزمىنى يەنى دۆلەتنى بەرپا قىلغۇچى پاسىبانلارنى يېتىشتۈرۈش، خەلقتىن ئىبارەت ھىماتچىلار توپىنى تەربىيەلەشتۇر. پەيغەمبەر سامادىن كىتاب ۋە سۈننەتنى مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن بولسا، شەرىئەتتىن ئىبارەت ئادالەت مۇئەسسەسەسىنىڭ ئۇل - يىلتىزىنى تەلىم بېرىپ ۋە ئەمەلىي ھاياتى بىلەن تەتبىقلاپ كەتكەن بولسا، بۇنىڭ ھېكمىتىنى دەل ھەققانىيەت ۋە ئادالەتتىن ئىبارەت ئىنساننى ئىنساندەك ياشاش يولىنى كۆرسەتكۈچى مىزاننى بەرپا قىلىشتىن ئىزدەش مۇمكىن. ئۆلىمالارنىڭ مىراس ئالغىنى مانا بۇ مىزاننى مىزان قىلىپ تۇرغۇچى ئىلىم - ھېكمەت، يەنى قۇرئان ۋە سۈننەت ھېكمەتلىرىدۇر. ئەپسۇسكى جۇمھۇرىيەت تارىخىمىزنىڭ دەسلەپكى دۆلەت ئەركانلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكى ئالىم - ئۆلىما ۋە مۇتەپەككۇرلارنىڭ تەشكىللىنىشىدىن بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، يول ئاچقۇچى مەزكۇر ئۆلىما داھىيلار، سىياسىيون مۇتەپەككۇرلار ساھەداشلىرى بولمىش ئىلىم ئەھلىلەر توپىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالغان. ئوقۇمۇشلۇق بولمىسىمۇ، ئاق - قارىنى پەرق ئەتكۈدەك ئەقلى باركى كىشىنىڭ غەزەپ - نەپرىتىنى قوزغايدىغان دەھشەتلىك زۇلۇملار مەرد - ئەزىمەتلەر توپىنى شەكىللەندۈرۈپ چىققان بولۇشىغا قارىماي، كۆپ سانلىق ئىلىم ئەھلىلەر توپى بۇ ئىككى تەبىقىنى خەلق كۈچى بىلەن قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، خاھ ئىنقىلابىي قوشۇنغا بولسۇن، خاھ ئاۋام خەلققە بولسۇن، كوللېكتىپچە ئاسارەتكە قارشى سادا چىقىرىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى چۈشەندۈرۈشتەك ئەقەللىي ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە سەل قارىغان. توغرىسى قولىدا قورال، قەلبىدە ئىمان ۋە ۋەتەن مۇھەببىتى جۇش ئۇرۇپ تۇرغان ۋەتەن ئەۋلادلىرىنىڭ قىلىۋاتقان ئىنقىلابىنىڭ ئەھمىيىتىنى، قۇرۇلۇۋاتقان جۇمھۇرىيەتنىڭ، يەنە كېلىپ شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا بۇندىن ئىلگىرى ھېچ تەتبىقلىنىپ كۆرمىگەن جۇمھۇرىيەت رىجىمىنى ئېلان قىلىشنىڭ نېمە مەنىگە كېلىدىغانلىقىنى، مىللىي ھۆكۈمەت، يەنى بىر مىللىي دۆلەت قۇرۇپ دۇنياغا جاكارلاشنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن قانداق ئىستىقبالنى كۈتۈۋېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلاشقا تەڭ بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش، ئادالەت ۋە ھەققانىيەت يولىدىكى بۇ يولدا خەلقنىڭ قايسى دەرىجىدە ئاڭلىقلىشىشى لازىملىقىنى، قايسى دەرىجىدە ئىمانىي ۋە جىھادىي تەييارلىقلارغا ئۆزىنى تەييارلىشى كېرەكلىكىنى ئاڭلىتىش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەردە ئىلىم ئەھلىلىرى تۈگۈلۈۋالغان. مىللەتنىڭ تەقدىرى قىل ئۈستىدە كېتىۋاتقان پەيتلەردە قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتنى تەرك قىلىش، مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلمىغان بولۇۋېلىش، مىللەت ئېھتىياجلىق بولغان ئىسلامىي غايىلەرنى ئۇلارغا كېرەكلىك تىل ۋە ئۇسلۇبتا چۈشەندۈرۈشتە سۇسلۇق قىلىش، قىسقىسى ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرى مەسىلىسى كۈن تەرتىپ بولۇۋاتقاندا، خىيالىدا يوق باشقا ئىشلار بىلەن بەند بولۇۋېلىپ، خەلق ئالدىدا قىلىشقا تېگىشلىك ھەقىقىي مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىقتەك پاجىئەلىك بىر كىرىزىسنىڭ رولچىلىرى بولغان. تەقدىر - قىسمەتلەردىن مەلۇمكى، تارىخىمىزدا قولدىن كەتكەن دۆلىتىمىز ۋە بۈگۈنكى مەلئۇنلۇق ئىستىقبال بىلەن يۈزلىشىشىمىزنىڭ نەچچە يۈزلىگەن سەۋەب - ھېكمەتلىرى قاتارىدا ئەنە شۇ تارىخىي شارائىت ۋە دەۋرلەردە قىلىنغان مەسئۇلىيەتسىزلىكلەرنىڭ، ناچارلىقلارنىڭ، تەپسە تەۋرىمەس بولۇۋېلىشلارنىڭ بەلگىلىك ھەسسىسى يوق دېگىلى بولمايدۇ.

ئۇنداقتا، بىز مەزكۇر «ئۆلىمالىرىمىز نەدە»؟ دېگەن سوئالنى كۈنىمىز ئۈچۈن سوراپ كۆرەيلى. دەرۋەقە، ئۆلىمالىرىمىز زادى نەدە؟

شۇنى ئېتىراپقا ئېرىشتۈرۈش كېرەككى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالىرى بۇ مىللەتنىڭ بەدەل تۆلىگەنلەر قاتلىمى ئىچىدە دائىم بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلەپ كەلگەن، شۇنداقلا بۇ مىللەتنىڭ مىللىي غۇرۇرىنى، ئىمان - ئەقىدىسىنى، ئەخلاقى ۋە مۇسۇلمانغا خاس ياشاش تەرزىنى ھىمايە قىلىش، نەسىلدىن نەسىلگە كۆچۈرۈپ مۇھاپىزەت قىلىشتىمۇ سەپنىڭ بىرىنچىسى بولۇپ كەلگەن. مىللەتنىڭ سىياسىي مۇجادەلە تارىخىنىڭ ئەڭ جەۋلان قىلغان دەۋرىدىن ئەڭ شىددەتلىك كۈرەش دەۋرلىرىگىچە بولغان مۇساپىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۆلىمالارنىڭ قوشقان ھەسسىسى غايەت زور. مىللەت ئەۋلادلىرى ئۇلارنىڭ تەلىم - تەربىيەسىدە ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا قارشى جەڭ ئېلان قىلغان كۇپپار بىر قەۋمنىڭ زالىم ھاكىمىيىتى ئاستىدا قۇل قىلىنىپ كەلگەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن، ئابا ئەجدادلىرىنىڭ قېنى شۇلارنىڭ قولى بىلەن بويىلىپ كەلگەنلىكىنى چۈشەنگەن، بۇ تۇپراقنىڭ ئىسلام فەتھىسى بىلەن مۇشەررەپلەنگەن ھۆر تۇپراق ئىكەنلىكىنى، ئىستېلاچىلارنىڭ خەلق ۋە ھاكىمىيەت ئايرىپ ئولتۇرماستىن ئومۇميۈزلۈك شەرقىي تۈركىستاندىن يوقىلىشى كېرەكلىكىنى، بۇلارنى ۋەتەن تۇپراقلىرىدىن تازىلاپ، تەلتۆكۈس قوغلاپ چىقىرىشنىڭ ئاللاھ بۇيرىغان پەرز ۋە ئەڭ ئالىي مەرتىۋىگە سازاۋەر جىھاد ئىبادىتى ئىكەنلىكىنى ئەقىدىسى ۋە ئىمانى تەركىبىگە كىرگۈزگەن. گاھ جەنۇبتا، گاھ شىمالدا ئەسكەن جەڭگىۋار سادالار، ئۇلۇغ - ئۇششاق قارشىلىق ھەرىكەتلەر، دائىما خەلقنىڭ غەپلەت گىردابىغا پاتقان مەزگىللىرىنى ئۆزلىرىنىڭ پۇت قولى باغلانغان، زەنجىرلەنگەن ھالدا ئۆلۈم جازاسىغا ئېلىپ بېرىلغان كۆرۈنۈشلىرى بىلەن بولسىمۇ، خەلققە ئىدارە قىلىۋاتقان بۇ ھاكىمىيەتنىڭ بەتبەشىرە يۈزىنى كۆرسىتىشكە مۇيەسسەر بولغان تالاي قەھرىمان يىگىت - قىزلار، ئاتا - ئانىلار ئەنە شۇ ۋەتەن ئىچىدە يېتىشكەن، پەيغەمبەر مىراسىغا ئىگە چىقىش ۋە ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزۈشنى بۇرچ بىلگەن ئالىم - ئۆلىمالارنىڭ تەلىم - تەربىيەسىسىز يېتىشىپ چىققان ئەمەس.

ئۇنداقتا ھازىرچۇ؟ بۇندىن ئوتتۇز نەچچە يىل ئاۋۋالقى ئۆلىما ۋە ئىلىم ئەھلىلەر قوشۇنى ئاسارەتنىڭ بوران - چاپقۇنلىرىدا قايسى دەرىجىدە ئازلاپ ماڭغان بولسا، بۈگۈنكى كۈنىمىزدە ئاز دېگىلىمۇ بولمايدىغان، بەلكى يوق دېيەرلىك ھالدا سان ۋە سۈپەتتە ھەسسىلەپ چېكىنگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. يوق دېيەرلىك دېيىشىمىز ئەلۋەتتە ۋەتەن ئىچىدىكى ھالەتلەرنى كۆزدە تۇتقانلىقتىندۇر. بۇنىڭ جاۋابكارىمۇ ئەلۋەتتە مۇستەملىكىچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سۇيىقەستلىرى. مىليونلاپ سېلىنغان مەبلەغلەر، مىللىي كىملىكنى بۇلغاشقا سېلىنغان شۇنچىۋالا ئىقتىساد، ئادەم كۈچى، ۋاقىت ۋە تۈزۈلگەن پىلان - لايىھەلەرنىڭ شۇنچە يىل ئۆتۈپ كەلگەن نۇقتىسىنىڭ يەنىلا مۇستەملىكىچىلىكنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولماسلىقى، مىللەتنىڭ دىنى ۋە ئىمانىغا يىللاردىكىدىن نەچچە ھەسسە يۈزلىنىش ۋە يېپىشىش دولقۇنىنىڭ كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئۇلاردا يوقىتىشقا تېگىشلىك ئۇنسۇرلارنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن دىن ۋە بۇ دىننىڭ ھاياتىيلىقىنى مۇھاپىزەت قىلىۋاتقان دىن ئىلىم ئەھلىلىرىدىن باشلىنىشى لازىملىقىنى تونۇتقۇزدى. قىرغىنچىلىقنىڭ دەسلەپكى يىغىشتۇرۇش ئوبيېكتىمۇ قۇرئان ساۋادىلا ئەمەس، ئېلىپبە ساۋادى بارلارنىمۇ مېڭە يۇيۇش لاگېرلىرىغا ئەكىرىپ بىر تەرەپ قىلىش، ئىلىم ئەھلى سۈپىتىدە دەپتەرگە چۈشكەن كىملا بولسا، ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك ھاياتىنى تۈگەشتۈرىدىغان ئۇزۇن يىللىق تۈرمە كېسىمى بىلەن بىر تەرەپ قىلىش، خەلقنى ئاۋۋال ئۆزىنى سوراپ بارچە دىنىي كىتابلارنى مەھەللە كومىتېت ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تاپشۇرۇپ تۆۋە نامە قىلىش، ئارقىدىن مەجبۇرىي ئاختۇرۇپ تەكشۈرۈش، بايقالغانلىرىنى ئېغىر جازالاش قاتارلىق بىر قاتار ياۋۇزلاشقان، فاشىستلاشقان غالجىرانە ئۇسۇللار ئارقىلىق دىن بىلەن باغلىنىشقا تېگىشلىك نېمە بولسا ھەممىنى كۆپ تەرەپلىمە يوللار ئارقىلىق سۈپۈرۈشنى باشلىدى. مانا بۇ چوڭ تازىلاش، توغرىسى مىللەت ۋە مەدەنىيەتنى تەڭ نىشانغا ئېلىپ باشلانغان بۇ چوڭ قىرغىنچىلىقتا ئەڭ دەسلەپكى يوقىتىش ئوبيېكتىلىرى ئەنە شۇ پىداكار ۋە تۆھپىكار ئالىم - ئۆلىمالار، غايىسى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك بالا - قازالارغا كۆز يۇمۇپ يولىدىن ۋاز كەچمەيدىغان ئىلىم ئەھلىلىرى بولدى. نەتىجىدە ئاسارەتنىڭ بۇ خىل ياۋۇزلۇقلىرى بىزنى ئالىم - ئۆلىمالار سىنىپىدىن ئايرىلىپ قېلىشىمىزنى، ئۇلارسىز بىر دۇنيانى ياشاۋاتقان بىر مىللەتنىڭ قاراڭغۇ كېلەچىكىنى تېلېسكوپ مىسالى يىراقتىن كۆرۈپ تاماشا قىلىشتەك پاجىئەگە مەھكۇم قىلىپ تۇرۇپتۇ.

ئۇنداقتا بىز يۇقىرىقى سوئالنى يەنە بىر قېتىم سورايلى: ئۆلىمالىرىمىز نەدە؟

بىز بۇ سوئالنى ۋەتەن سىرتىغا قارىتىپ سورىغىنىمىزدا، يەنە كېلىپ سەمىمى جاۋاب بەرگۈمىز بولسا، بۇنىڭغا جاۋاب سۈپىتىدە «تاغدا يولۋاس بولمىسا، مايمۇن پادىشاھ» دېگەن ماقال - تەمسىلدىن باشقىسى مۇناسىپ كەلمىگىدەك ئەھۋالدا بولساق كېرەك. بىلىمىزكى، مۇھاجىرەتتە سىياسىي ھەرىكەتلەر تۇرغۇن سۇ مىسالى كۆلچىكىدىن تاشالمايۋاتقان، ئوخشاش بىر چەمبىرەك ئىچىدە بىر ئىزىدا لەيلەپ يۈرۈۋاتقان زامانلار ئۆز نۆۋىتىدە ئىلىم - ئېرپان ئۈچۈن ئاتلىنىش ئەۋج ئالغان، جۈملىدىن دىنىي ئىلىم ساھەلىرى ئۈچۈن يول داغداملاشقان بىر زامان بولغانىدى. بۈگۈنكى مۇھاجىرەتتە بولسا، سىياسىي ئويغىنىش رىقابەتلەر بىلەن كۈچ سىنىشىۋاتقان پەيتلەردە بۇ ئويغىنىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە بولالمىغانلارنىڭ، ھەتتا بۇ ئويغىنىشنىڭ بىر پارچىسى ھېسابلىغىلىمۇ بولمايدىغان توپنىڭ «ئىلىم ئەھلىلەر» توپى بولۇپ قالغانلىقى پاجىئەيىمىزنىڭ ئەڭ ئاچچىق تۈگۈنلىرىدىن بىرى، دېيىشكە بولىدۇ. بۇ يەردە ئەلۋەتتە ئۆلىمالار دەپ ئېلىشنىڭ ھېچ زۆرۈرىيىتى يوق. چۈنكى، بىز كۈنىمىز مۇھاجىرىتىدە ئۆلىما ئاتلىق توپنى تېخى كۆرۈپ ئۆلگۈرمىدۇق. پەقەتلا شۇنداق ئاتلىق ۋە شۇنداق سىياقتىكى تىپلارنىڭ خۇددى مۇئەييەن كۇلۇبنى قىزىتىدىغان ئانسامبىللارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينايدىغان كۇلۇب ئەزالىرىغا ئوخشاش بىر توپ ئۆلىما ئاتلىق تائىپىلەرنى كۆردۇق خالاس. يالاڭ كۆز ئالدىشى مۇمكىن، لېكىن پاراسەت كۆزى ئالدىمايدۇ، دەپ ئېيتىلغاندەك، كۆرۈنگەنگە بىر مەزگىل ئىشىنىپ قېلىشلار ماھىيەتتىكى ساختىلىقنى ئاغدۇرۇپ تاشلىۋېتىشنىڭ باھانىسى بولالمايدۇ. بىز ئىلىم ئەھلى بولغان، يەنى ئىلىمدىن، دىندىن سۆزلەيدىغان تائىپىلەرنى كۆردۇقكى، ئۆلىما ئۇقۇمىنىڭ جانلىق تەن ھالىتىگە كىرگەن، ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە پائالىيەتلىرى بىلەن ھاياتلىقىنى ئىسپاتلاۋاتقان ھەقىقىي ئۆلىمالار توپىنى تېخى ئۇچراتقىنىمىز يوق. شۇڭا بۇ يەردە ئۆلىما دىن ئىبارەت بۇ شەرەپ ۋە ئىززەتكە سازاۋەر ئىسىم ئورنىغا ئىلىم ئەھلىلەر دەپ ئېلىش بىر قەدەر مۇناسىپ بولسا كېرەك. ئۆلىما ئاتلىق توپ، يەنى تىرناق ئىچىدىكى «ئىلىم ئەھلى» تائىپىسىچۇ؟ بىز بۇلار ھەققىدىمۇ خۇددى بۇندىن بىر ئەسىر ئىلگىرىكى داۋالغۇشلۇق زامانلاردا قانداق سوئال تاشلانغان بولسا، ئوخشاش سوئالنى تەكرارلىشىمىز مۇمكىن. «ئۆلىما»لىرىمىز زادى نەدە؟

جاۋاب شۇكى، كۈنىمىزدىكى ئۆلىما ئاتلىق توپ ۋە شۇنىڭسىمان تىپلار شەرقىي تۈركىستاندا تۇغۇلغان، شۇ يەردە ياكى ۋەتەن سىرتىدا ئوقۇش تارىخى بولۇشتەك ئەۋزەللىكتىن تاشقىرى بۇ ئەزىز تۇپراقنىڭ ئىلمىي ۋە مەپكۇرەۋى مىراسلىرى بىلەن نە يىراقتىن نە يېقىندىن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن، بەلكى ئالاقىسى ئاساسەن قالمىغان بىنورمال خاراكتېرسىز تائىپىلەر توپىدىن باشقا بولمايۋاتىدۇ. كۈنىمىز ئۆلىمالىقى بارچە ساھەلەرنىڭ سۇيۇقلاندۇرمىلىرىغا ئوخشاش بىر تۈرلۈك دىن ۋە دىنىي مەپكۇرىلەرنى سۇيۇقلاندۇرۇش، ھەقىقەت ۋە ئادالەت مىزانىنى قوغداش ۋە ھىمايە قىلىشتەك بىر مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدىن ئەسەر قالمىغان، شۇنداقلا بۇ خىل مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىققۇدەك ئىلمىي سالاھىيەت، كىشىلىك لاياقەت بولمىغان بىر تائىپە بولۇپ كۆرۈنمەكتە. ئەلۋەتتە بىز بۇ خىل تائىپىلەر ھەققىدە خۇددى بىر ئەسىر ئاۋۋالقى ئەجدادلار قانداق تەنقىدىي پىكىرلەر بىلەن قامچىلىغان، ئۇلارنى ھەقىقەتكە، توغرىلىققا، سەمىمىيەتكە چاقىرغان بولسا، بۈگۈننىڭ تىلى ۋە ئەدەبىياتىدا ئىپادىلەپ ئاڭلىتىشقا بولغۇدەك بارچە قاتتىق - قۇرۇق، ئىسسىق - سوغۇق تەنقىدلەرنى بېرىپ كەلدۇق ۋە بېرىپ كېلىۋاتىمىز. تامغا چىققۇسى يوق گومۇشنى قوڭىدىن ئىتتىرىپ يۆلىسىمۇ چىقارغىلى بولمىغاندەك، بۇ توپنىڭ ھالى ئورتادا. داستىخاندارچىلىقتا بار، زۇۋاندازلىقتا بار. پۇل، ئىقتىسادى كىرىم كىرىدىغان بارچە دىنىي مەركەز، كۇرسلار مۇشۇ تائىپىدىكى ۋەياكى مەزكۇر تائىپىنىڭ ئەزالىرىسىمان تىپلىرىنىڭ چاڭگىلىدا. پۈتكۈل ئوقۇغۇچىلارنى يىغسا ئىككى ياكى ئۈچ كۇرس ھەل قىلالايدىغان قۇرئان كۇرسلىرى مۇشۇلارنىڭ سايىسى ۋە قۇۋۋەتلىشى بىلەن سانى يۈزلەپ كۆپ. كىرىۋاتقان مەبلەغ ۋە كىرىملارغا قارالسا، كۇرس ياكى مەكتەپنىڭ ئىددىئاسىغا ئۇيغۇن رەۋىشتە پۈتتۈرۈپ چىقالىغانلارنىڭ سان ۋە سۈپىتى بەكلا تۆۋەن. ئۆزى دەرس ئالمىغان ئەرەبچە كىتابنى ئوڭ تۇتۇپ ئوقۇشنىمۇ بىلمەيدىغان سەۋىيەدىكى بىر توپ لايغەزەللەر بىلەن بىر داستىخاندا تەڭ مەرتىۋىدىكى ئۆلىما ئاتىلىشتىن قىلچە تېنى شۈركىنىپ سالمايدىغان، دىنىي ۋە سىياسىي قىممەتلىرى، قىزىل ياكى يېشىل سىزىقلىرى ھېچ كېلىشمەيدىغان سىياسىي قانات ياكى ئانسامبىللار بىلەن بىر سەپ ۋە بىر مەۋقەدە تۇرۇشتىن ھايا قىلمايدىغان، ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ زىيىنىغا قارشى سىياسىي ئويۇنلارغا، خەلقنى تېڭىرقاشقا سالغۇچى مۇرەككەپ ۋەزىيەتلەردە ئاق ۋە قارا، ھەق ۋە ناھەق ئوپئوچۇق بولۇشىغا قارىماي قىلچە ھەققانىي مەيدان ۋە مەۋقەسىنى كۆرگىلى بولمايدىغان، پايدىلىق خىزمەتلەرنى مۇستەقىل ھالدا مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىن، زىيانلىق خىزمەتلەرنى ۋاقتىدا پاش قىلىپ ياكى قارشى ئىپادە بىلدۈرۈپ توغرا ئىشقا چاقىرىق قىلىشتەك ئەقەللى مەسئۇلىيەتتىنمۇ يوقسۇن بولغان، ھەق - ناھەق مەسىلىلەردىكى قوش ئۆلچەم قوللىنىشلىرىدىن ئىلىم ئەھلىلىك خاراكتېرى تۈگۈل ئىنسانلىق خاراكتېرىمۇ بەزىدە سوئال قويۇشقا تېگىشلىك بولغان بىر بىنورمال تائىپە قارشىمىزغا چىقىدۇ. قىسقىسى ئۆزىگە خاس دۇنيا قاراش تىكلەپ بولالماي تۇرۇپ ئۆلىما قالپىقىنى كىيىپ قالغان، قانداق بىر قالپاق ياكى ئاتاق بىلەن سەھنىگە چىققان بولسا، شۇنىڭ خاراكتېرىگە ئۇيغۇن ئىش - ھەرىكەت ياكى خىزمەتتىن ئەسەر تېپىلمايدىغان بىر تائىپە مەۋجۇت بىر ۋەزىيەتتە، يۇقىرىقى سوئالنىڭ جاۋابسىز قېلىشى بىر مۇقەررەرلىك، ئەلۋەتتە! شۇڭا دەيمىزكى، مۇھاجىرەتتە، يەنە كېلىپ بىر سىياسىي خىتاب قىلغۇچى سۈپەتتە «ئۆلىمالىرىمىز نەدە؟» دېگەن سوئالنىڭ پاراللېل جاۋابى يوق. لېكىن كۈنىمىزدە شۇنداق بىر ئۆلىما توپى مەۋجۇتكى، بۇلاردىكى خاراكتېر ۋە سۈپەتلەر، خاھىش ۋە تۇتۇمسىزلىقلار بەئەينى بىر ئەسىر ئاۋۋال ئۆتكەن ۋە نۆۋەتتىكى تارىخىي ئوبزوردا قەلەمگە ئېلىنغان تائىپىلەر بىلەن ئوخشاش. ھەتتا ئۆتمۈشتىكىلەرنىڭ بولۇمسىز ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكلىرىگە قارالسا، بۈگۈنكى داۋامى بولغان ئۆلىما تائىپىسى سەلبىيلىكتە ئۇلاردىن بەتتەر. ئۇلار ھېچ قىلمىسا ئۆيدىن چىقماسلىقنى، كىتابتىن باش كۆتەرمەسلىكنى تاللاپ مىللەتنىڭ تەقدىرى مەسىلىلىرىگە قوشۇق سېلىشتىن باش تارتىشتەك مەسئۇلىيەتسىزلىكنى سادىر قىلغان. بۈگۈنكىلەر بولسا دەل ئەكسىچە نە كىتاب خالتىسى، نە ئۆيىدە ئولتۇرالايدۇ. بەلكى ئۇلار شۇ قەدەر خاراكتېرسىز ۋە لاياقەتتە يېتەرسىز بولۇشلىرىغا قارىماي مىللەتنىڭ تەقدىرىنىڭ دەردىدە يۈرگەنلەرنىڭ تەرىپىدە ئەمەس ئورا كولايدىغانلارنىڭ تەرىپىدە. تۇتقان يولى قۇرئان ۋە سۈننەت مىزانىغا چۈشىدىغان يول بولماستىن پىراگماتىست ۋە داستىخاندارچىلىق يولى. مائاش ۋە كىرىم يولى. نە چىقارغان ساداسى ھەقىقەتنى مىزان قىلىشتىن كەلگەن، نە قىلغان سۈكۈتى توغرىلىقتىن نېسىۋېلەنگەن. بۇنىڭدىنمۇ ئېچىنارلىقى ئىلمىىي ۋە ئەدەبىي جەھەتتىن دەۋرگە لايىق ساپاسى يوقلۇقىغا، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئ‍ۆلگۈرتۈشتەك ئەقەللىي تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىن پەقەتلا چىقمىغان بولۇشىغا قارىماي قۇرئان تەتقىقاتىدىن تارتىپ قانداقلىقى ساھە بولسۇن، ئىلىم ساھەسىگە ھەسسە قوشمايدىغان، ئەكسىچە پېتىقلايدىغان تىپلارنىڭ ھىماتچىلىرىغا ئايلىنىۋېلىشى، سىياھىغا زەھەر تېمىتىلغان قەلەملەردىن چىققان، خەلقنىڭ ئېڭىنى بۇلغايدىغان ياكى پۇچەكلەشتۈرىدىغانلىقى ئىېنىق تۇرسىمۇ نوقۇل مۇناسىۋەت ياكى مەنپەئەتداشلىق يۈزىسىدىن كۆز يۇمۇشى، ئۆزلىرى قول تىقىپ قىلالمىسىمۇ ساھەنىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسىنى دەڭسەپمۇ بولسا قولىدىن كېلىشىچە ئىلمىي ساھەنىڭ پۇچەكلىشىشىنى توسۇش تەرەپدارى بولماسلىقى، پىكىر ۋە ئەقىدە - ئېتىقادتەك نازۇك ساھەلەردە چىقىۋاتقان لاياقەتسىز تەرجىمە ۋە كۆچۈرۈلمە ئەسەرلەرگە، ئەسەر دېيىشكىمۇ سالاھىيىتى توشمايدىغان مەشىق دەپتىرى سەۋىيەسىدىكى يازمىلار دۆۋىسىگىمۇ ۋەزخانلىق تەرىقىسىدە ئاتالمىش تەزكىيە، تەقرىزلىرى بىلەن قوللاپ تەشۋىق قىلىشلىرى، بۇندىن نەچچە يىل ئاۋۋال قانداق ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشنى توختاتقان بولسا، ھېلىھەممۇ شۇ توختاپ قالغان پېتى ئايلاپ – يىللاپ قولىغا كىتاب ئالماس، ئىزدىنىش دېگەننىڭ تۇز – تەمىنىمۇ تۈزۈك تېتىمىغان بولۇشىغا قارىماي چوڭ تېما ۋە ساھەلەردە ھۆكۈمۋازلىق قىلىشلىرى، ئۆزىنى ۋە پىكىر ئىدىيەسىنى توختاۋسىز يېڭىلاشقا، دىنىي ئىلىم ساھەسىدە لاغايلاۋاتقانغا يارىشا تۈزۈكرەك تەجدىد قىلىشقا ئەھمىيەت بەرمەس بولۇپ كېتىشى، بىر ئاش پىشىملىق ۋاقىتقىمۇ يەتمىگەن كۆز يۆگۈرتۈش مۇددىتىدە يىغىپ تۆشەپ ئۈلگۈرگەن تەبلىغ ماتېرىياللىرىدىن ھاسىل بولغان، سورۇندىن قوپۇپ كېتىشتىن بۇرۇن سۆزلەنگەنلەر ئاڭلىغۇچىنىڭمۇ، سۆزلىگۈچىنىڭمۇ يادىدىن ئاللىقاچان كۆتۈرۈلۈپ كېتىپ بولىدىغان بىئىخلاس ۋەز – تەبلىغلەر بىلەن جان ساقلاشتىن باشقا قىممىتى قالمىغان ۋەزىيەتكە چۈشۈپ بېرىۋاتقانلىقى، بۈگۈننىڭ ئىلمىي سەۋىيە دەرىجىسىنىڭ قانداق باسقۇچتا ۋە ئۆلىمالىق ئۈچۈن قانداق ساپا تەلەپ قىلىدىغانلىقىدىنمۇ بىخەۋەر ھالدا ھەم ساھەنىڭ بۇلغىنىشىغا، ھەمدە دىنىي نەشر ئەپكارچىلىقنىڭ ئەخلەتلىشىشىگە مەسئۇلىيەتسىزچە مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقى ۋە قىلچە نومۇس قىلماستىن ئىسمى ۋە جىسمى بىلەن ھەسسە قوشۇۋاتقانلىقى، ئۆز جەمئىيىتى ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆز ساھەسى ۋە ئۆز ئارىلىرىدىمۇ تا ھازىرغا قەدەر دىنىي ساھەدە تۇتامى بار بىرەر دىنىي تەنقىدچىنىڭ چىقىپ بولالمىغانلىقى قاتارلىق بۇ يەردە يېزىپ ياكى سۆزلەپ تۈگىتىپ بولغىلى بولمايدىغان تالايلىغان بولۇمسىزلىق ۋە ئەبجەقلىقلەرنى ھېسابقا قاتىدىغان بولساق، بىر ئەسىرگە سوزۇلغان مۇساپىدىكى ئۆلىما ئاتلىق بۇ تائىپە ئارىسىغا چۈشكەن مىتىلىشىش ھادىسىسىنىڭ قۇرت -قۇڭغۇزلاشقان ئاپەت تۈسىگە قاراپ ئىلگىرلەۋاتقانلىقى، ساھەدە يۈز بېرىۋاتقان سەلبىيلىكلەرنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئۆتمۈش ۋە يېقىنقى زامانلاردىكى ئىبرەت – ساۋاقلار سايىسىدە تۆۋەنلىمەكتە يوق، ئەكسىچە ئەدەشكە، سېسىشقا قاراپ مېىڭىۋاتقانلىقى قارشىمىزغا چىقىدۇ.   مانا بۇلار 100 يىللىق مۇساپىدە مىللەتنىڭ ئىستىقلال ۋە ئىستىقبالى يولىدا پۇچۇلانغان، دۆلەت قۇرغان ۋە بۇ يولدا شەھىد بولغان ئالىم - ئۆلىما تەبىقىسى ھەمدە ئۇنىڭ ئىزىنى باسقان ۋەتەندىكى ئۆلىمالار قوشۇنى بىلەن ئۆز دەۋرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىز ئىلىم ئەھلىلىرى ھەمدە بۈگۈننىڭ خاراكتېرسىز «ئىلىم ئەھلى» تائىپىسى ئارىسىدىكى قىسقىچە رېئال كارتىنىلار.

ئىلاۋە قىلغۇچى:  بۇرھان مۇھەممەد

______________________________________________________

ئۆلىمالىرىمىز نەدە؟

ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئوقۇغان، بىلىم ئىگىلىگەن كىشىلىرى ئەل - يۇرتنىڭ دىنىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئىشلىرىغا رەھبەر ۋە يولباشچىدۇر. خەلق ھەر ۋاقىت ئالىم - ئۆلىمالىرىنىڭ ئارقىسىدىن، ئۇلارنىڭ ئېيتقان سۆزى ۋە سىزغان سىزىقلىرىنى بويلاپ ماڭىدۇ. ھەقىقىي ئىلىممۇ، ئاللاھنىڭ ئەمرى ۋە رىزاسىمۇ، ساپ ۋىجدانىي سادامۇ ھەرقاچان ئىلىم ئىگىلىرىنى كىشىلەرگە خەيرخاھلىق قىلىشقا، ئۆز مەملىكىتىگە كۆيۈنۈش ۋە رەھنەمالىق قىلىشقا چاقىرىدۇ.

دەرۋەقە، ئۆلىمالار - ۋەرەسەتى ئەنبىيا (پەيغەمبەرنىڭ ۋارىسلىرى) دۇر. پەيغەمبەردىن ۋارىسلارغا مال - دۇنيا مىراس قالمىغان، بەلكى ئىلىم مىراس قالغان. دېمەك، ئۆلىما بولغۇچىلار مىللەتكە پەيغەمبەر تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن دىننىڭ ۋە دۇنيانىڭ يولىنى خالايىقلارغا كۆرسىتىپ بېرىشى، بايان قىلىپ بېرىشى كېرەك. نەچچە ئايدىن بېرى مەملىكەتتە ئىنقىلاب كۆتۈرۈلۈپ چوڭ ۋەقەلەر يۈز بېرىپ كەلدى. يۇرت ۋە مىللەت مۇھىم دەۋرلەرنى، ھەل قىلغۇچ تارىخىي شارائىتلارنى باشتىن كەچۈرمەكتە. ھالبۇكى خەلق شاشقىن (تېڭىرقاش)، ھەيرەتلەر ئىچىدە رەھبەرلىرىگە مۇنتەزىر بولماقتا. ئەجەبا، خەلقنى دىن ۋە دۇنيا ئىشلىرىدا توغرا يولغا باشلاپ، بەخت - سائادەتكە ئېلىپ چىققۇچى ئۆلىمالىرىمىز نەدە؟ ئەجەبا، ئۇلار مۇشۇنداق چاغدا قىلمىغان رەھنەمالىقنى يەنە قاچان قىلماقچىدۇ؟

ئاللاھنىڭ ئەمرىنى يەتكۈزگۈچىلەرنى «ئۆلىمالىرىمىز» دەپ ھۆرمەت ۋە ئىززەت كۆرسەتكەن بۇ مىللەتكە ئىمكانىيەت يار بېرىشىچە ئۇلارنىڭ خەيرلىكى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش بىرىنچى بولۇپ ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ۋەزىپىسى. ئۆچ - تۆت كىشىنى يىغىۋېلىپ نەھۋى، فىقھى، مەنتىق ئۆگىتىپ دەرس بېرىپ قويغانغا گەدەندىكى مەجبۇرىيەت ئادا بولۇپ كەتمەيدۇ. پەيغەمبەر ۋارىسلىرىنىڭ پەيغەمبەر ئىزىنى بېسىپ ئومۇم مۇسۇلمانلارغا يېتەكچىلىك قىلمىقى زۆرۈر. ئۆلىمالىرىمىز ئوقۇۋاتقان كىتابلاردا نوقۇل تاھارەت، ناماز ۋە روزىغا دائىر مەسىلىلەر سۆزلەنمىگەن، بەلكى مۇسۇلمانلارنىڭ بىر گەۋدە بولۇپ ئىتتىپاق ھالدا مىللەتنىڭ پايدا - زىيىنىنى دەڭسەپ ھەرىكەت قىلىشىنىڭ، بىرلىكتە جىھادقا ئاتلىنىشنىڭ قانۇن - قائىدىلىرى، ئەھكاملىرى، شۇنداقلا ھەق - ھوقۇق مەسىلىلىرى، جازا قانۇنلىرى، ئەدەپ - ئەخلاق ۋە گۈزەل پەزىلەتكە دائىر تەلىملەر، ھالال ۋە ھارام ئەندىزىلىرى قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر بايان قىلىنغان. ئەھۋال شۇنداق تۇرسا، ئۆلىمالارنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشى، ھەرىكەتسىزلىكى ئاجايىپلىق (بىنۇرماللىق) جۈملىسىدىندۇر.

ھازىر مەملىكەتتە ئۇرۇشلار، جېدەل - ماجىرالار، قورالسىز مۇسۇلمان پۇقرالار ئۈستىدىن دەھشەتلىك زۇلۇملار ئېلىپ بېرىلماقتا. مۇسۇلمانلارغا پېشۋا ۋە يېتەكچى بولۇشى كېرەك بولغان ئۆلىمالار نېمە ئۈچۈن خەلقنىڭ كۈندىن كۈنگە ئېزىلىپ مېڭىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئەل - يۇرتنىڭ قورقۇنچلۇق ھالغا چۈشۈپ قېلىشىنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن ھىممەت قىلىشمايدۇ؟ (قەتئىيلىك بىلەن مەيدان ئىپادىلىمەيدۇ؟). نېمە ئۈچۈن شەرىئەت ئەھكاملىرىدىكى ئوچۇق بايانغا ئاساسەن چارە كۆرۈشمەيدۇ؟ نېمىگە ئاساسلىنىپ ئۆيلىرىدىن چىقماي، ئۆزى يالغۇز ئاھ، ۋاھ قىلىشىپ خامۇش تۇرۇۋېلىشىدۇ؟ پېشۋايى ئۈممەت بولغان بۇ ئۆلىمالار نېمە ئۈچۈن خەتەرلىك ئەھۋالغا قارشى مۇداپىئە كۆرۈش، مۇسۇلمانلارنىڭ غەم - غۇسسە، دىشۋارچىلىقلاردىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن مەيدانغا چىقىپ توپلىشىپ ئومۇم ھەربىيلەر توپىغا، ھەمدە ئومۇم خەلققە قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ يوليورۇقلىرىنى يەتكۈزمەيدۇ؟

ئۇلار مانا مۇشۇنداق چاغدا چىقىپ قۇرتۇلۇش ۋە نىجاتلىق يولىنى تەلقىن قىلىشقان بولسا ئىدى (ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىشكەن بولسا ئىدى)، چوقۇم بۇنىڭ غايەت زور پايدىسى كۆرۈلگەن بولاتتى. پايدىسى كۆرۈنەرلىك بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار زىممىلىرىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان، ئىلمىي ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغان ھېسابلىناتتى. ئەجەبا، بۇ نېمانچە تىنجىقلىق، نېمانچە زەئىپلىك، نېمانچە تىمتاسلىق؟!

بىر چەتتە تەنھا بولۇۋېلىپ سەھىھۇلبۇخارىينى تىلاۋەت قىلىپ ئولتۇرغانغا، خەتمە قىلىۋەتكەنگە ئىش تاڭ ئاتمايدۇ. پەيغەمبىرىمىز «تەلەپ قىل، سەۋەب قىل» دەپ كۆرسەتكەن. پەيغەمبىرىمىزمۇ ھەدىس سۆزلەپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۆزى بىۋاسىتە ئۇرۇشلارغا، مۇھىم ۋەقەلەردە چارە - تەدبىر قىلىشلارغا ئىشتىراك قىلغان. ئەگەر ھەممە ئىش دۇئا - تىلاۋەت بىلەن پۈتۈپ كېتىدىغان ئىش بولسىدى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ دۇئاسى بىزنىڭ دۇئالىرىمىزدىن تېزراق ئىجابەت بولاتتى ئەمەسمۇ؟!

بۇ ۋەجىدىن يۇرتىمىزدىكى بارچە ئۆلىما ۋە سۇلەھالىرىمىزدىن (ئىسلاھاتپەرۋەرلىرىمىزدىن) بۇ مۇھىم كۈنلەردە مۇمكىنقەدەر ھەر كۈنى بىر ئورۇنغا جەم بولۇشۇپ مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى ھال - ۋەزىيىتى ھەققىدە پىكىر - مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىشىنى، ۋەزىيەتنىڭ ياخشى تەرەپكە يۈرۈشۈشى، مەملىكەتتە ئەمنىيەت ۋە ئاسايىشلىقنىڭ تەڭ ئەمەلىيلىشىشى ھەمدە شەرىئەتنىڭ ھەممە ھۆكۈملىرىنىڭ چالا قالماي ئىجرا بولۇشى ھەققىدە چارە - تەدبىرلەر قىلىشىنى، مەيلى ئەسكەرلەر بولسۇن مەيلى ئاۋام - پۇقرالار بولسۇن، ھەممىسىگە ئىسلامنىڭ كەسكىن ھۆكۈملىرىنى بايان قىلىپ يەتكۈزۈشتە ئەمدى بولسىمۇ كېچىكىشنى بەس قىلىشىنى خۇدا رىزاسى ئۈچۈن ئۆتۈنۈپ سورايمىز. ناۋادا مۇسۇلمانلار (خەلق) مانا مۇشۇنداق نازۇك دەۋرنى باشتىن كەچۈرۈپ تۇرۇۋاتسىمۇ، ئالىم - ئۆلىمالار يەنە سۈكۈتنى تاللاپ يۈرۈۋەرسە، (بىلىنسۇنكى) دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىممىلىرىدىكى مەسئۇلىيەت بەكمۇ ئېغىردۇر.

مەنبە: «ئەركىن تۈركىستان» گېزىتى، 14 – سان، 1933 - يىل، 22 - نويابىر، كاشغەر.

ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرغۇچى: بۇرھان مۇھەممەد


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى