Jump to content

ئۆمەرنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى

ئورنى Wikipedia

ئۆمەرنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى

بۇ چاغدا قۇرەيش قەبىلىسىدىن ئېسىل، شىجائەتلىك ئۆمەر ئىبنى خەتتاب مۇسۇلمان بولدى. ئۇ بۇرۇن مۇسۇلمانلارغا ئادەتتىن تاشقىرى دۈشمەن ئىدى ۋە قاتتىق ئازار بېرەتتى. ئېرى بىلەن ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغان لەيلا مۇنداق دەيدۇ: «ئۆمەر ئىبنى خەتتاب بىزنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمىزنى ئەڭ يامان كۆرەتتى. مەن ھەبەشىستانغا بېرىش ئۈچۈن تۆگەمگە مېنىپ تۇرۇشۇمغا، ئۆمەر نەگە بارىدىغانلىقىمنى سورىدى. مەن: «مۇسۇلمان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن بىزگە زىيانكەشلىك قىلىۋاتىسىلەر، بىز ئەزىيەت تارتمايدىغان بىر يەرگە بارماقچىمىز» دېدىم. ئۆمەر: «سىلەرگە ئاق يوق يول بولسۇن» دېدى. ئېرىم ئامىر كەلگەندە ئۇنىڭغا ئۆمەرنىڭ مۇلايىملىقىنى دەپ بەردىم. ئامىر: «ئۆمەرنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىۋاتامسەن؟ ئەزبىرايى خۇدا، ئۆمەرنىڭ ئېشىكى مۇسۇلمان بولمىغىچە، ئۆمەر مۇسۇلمان بولمايدۇ» دېدى. ئۆمەرنىڭ مۇسۇلمانلارغا قوپاللىقى ۋە قاتتىقلىقىنى بىلىدىغان ئامىر شۇنداق دېگەنىدى. لېكىن، ئۆمەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنىڭ خاسىيىتىدىن مۇسۇلمان بولدى. ئۆمەر مۇسۇلمان بولۇشنىڭ ئالدىدىلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئاللاھ، ئۆمەر ئارقىلىق ئىسلامنى كۈچەيتكىن» دەپ دۇئا قىلغان ئىدى. ئۆمەر مۇسۇلمانلارنىڭ توپلىنىدىغان جايى بولغان ئەرقەم ئىبنى ئەبى ئەرقەمنىڭ ھويلىسىدا مۇسۇلمان بولدى. ئاللاھ ئۆمەرنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىنى ئۇنىڭ دىلىغا سېلىش بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈمىدىنى ئىشقا ئاشۇردى. «سەھىھۇلبۇخارىي» كىتابىدا رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد: «ئۆمەر مۇسۇلمان بولغاندىن تارتىپ بىز كۈچلۈك بولۇپ كەلدۇق» دېگەن. ئۆمەرنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن رەسۇلۇللاھ نامازنى مەسچىتتە ئاشكارا ئوقۇشقا باشلىغان. ئۆمەرنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى كۆرۈپ كاپىرلارنىڭ بېشىغا قاتتىق غەم چۈشكەن، ئۇلاردىن بىر توپ كىشى ئۆمەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ، ئۆمەرنىڭ ھويلىسى ئەتراپىدا ئۇنى كۈتۈپ تۇرغاندا، ئۆمەرنىڭ قەۋمى بەنى ئەدىنىڭ ئىتتىپاقچىسى بەنى سەھىملىك ئاس ئىبنى ۋائىل كېلىپ قالغان. ئۇ ئۇچىسىغا يوللۇق تون، چۆرىسىگە يىپەك رەختتىن چىلتەك تىكىلگەن كۆينەك كىيىۋالغان. ئۇ ئۆمەردىن نېمە بولغانلىقىنى سورىغاندا، ئۆمەر: «سېنىڭ قەۋمىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىم ئۈچۈن مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇشۇۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئاس: «بۇنىڭغا مەن يول قويمايمەن، سېنى ھىمايە قىلىمەن» دەپ، ئۆمەرنى خاتىرجەم قىلغان. ئاس سەلدەك ئېقىپ كېلىۋاتقان كىشىلەردىن ئۇلارنىڭ قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇلار: «دىنىنى ئۆزگەرتكەن ئۆمەرنىڭ قېشىغا بارىمىز» دېيىشكەن. ئاس: «ئۆمەرنىڭ قېشىغا بېرىشىڭلارغا يول قويمايمەن» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئارقىسىغا قايتىپ كېتىشكەن.

إسلام عمر

وفي ذلك الوقت أسلم الشهم الهمام عمربن الخطاب العدوي القرشي بعد ما كان عليه من كراهية المسلمين وشدة أذاهم. قالت ليلى – إحدى المهاجرات لأرض الحبشة مع زوجها – كان عمر بن الخطاب من أشد الناس علينا في إسلامنا، فلما ركبتُ بعيري أُريد أن أتوجه إلى أرض الحبشة إذا أنا به، فقال لي: إلى أين يا أُم عبد الله؟ فقلت: قد آذيتمونا في ديننا، نذهبُ في أرض الله حيث لا نؤذى، فقال: صحبكم الله، فلما جاء زوجي عامر أخبرته بما رأيت من رِقَّةِ عمر، فقال: ترجين أن يُسْلم؟ والله لا يسلم حتى يسلم حمار الخطاب وذلك لما كان يراه من قسوته وشدته على المسلمين، ولكن حصلت له بركة دعوة المصطفى صلى الله عليه وسلم، فإنه قال قبيل إسلامه: «اللهم أعِزّ الإسلام بعمر». وكان إسلامه في دار الأرقم بن أبي الأرقم التي كان المسلمون يجتمعون فيها وقد حقق الله بإسلامه ما رجاه عليه الصلاة والسلام، فقد قال عبد الله بن مسعود من رواية البخاري: ما زلنا أعزّة منذ أسلم عمر. فإنه طلب من رسول الله أن يعلن صلاته في المسجد ففعل وقد أدرك الكفارَ كآبةٌ شديدة حينما رأوا عمر أسلم، وكانوا قد أرادوا قتله حتى اجتمع جمع حول داره ينتظرونه، فجاء العاص بن وائل السَّهْمي وهو من بني سهم حلفاء بني عدي قوم عمر وعليه حُلَّة حِبَرَة، وقميص مكفوف بحرير، فقال لعمر: ما بالُكَ؟ فقال: زعم قومك أنهم سيقتلونني إنْ أسلمتُ. قال: لا سبيل إليك فأنا لك جار، فأمِنَ عمر، وخرج العاص فوجد الناس قد سال بهم الوادي، فقال: أين تريدون؟ قالوا: نريد هذا ابن الخطاب الذي صبأ. قال: لا سبيل إليه. فرجع الناس من حيث أتوا.

[مەنبە: مۇھەممەد خۇزەرىينىڭ «نور اليقين في سيرة سيد المرسلين محمد صلى الله عليه وسلم» ناملىق كىتابى ۋە مەزكۇر كىتابنىڭ مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى» ناملىق ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى]