ئۆمەر قانات

ئورنى Wikipedia
ئۆمەر قانات
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى
ۋەزىپىدە
ۋەزىپىگە ئولتۇرغان 2017-يىلى 12-نويابىر
رەئىس دولقۇن ئەيسا
مۇئاۋىن رەئىس ئەركىن ئەكرەم،
پەرھات مۇھەممەد
شەخسىي ئۇچۇرلىرى
تۇغۇلغان 1961-يىلى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى
غۇلجا شەھىرى

مىللىتى ئۇيغۇر
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
تۇرار جايى ۋاشىنگتون، ئامېرىكا
كەسپى ئۇيغۇر سىياسەتچى، ئىنقىلاپچى
ۋەزىپىسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى[1]
تور بەت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى


ئۆمەر قانات (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Ömer Qanat ) ئەپەندىم 1961- يىلى غۇلجا شەھرىدە پىشقەدەم ئىنقىلابى ئائىلىدە تۇغۇلغان. 1970- نچى يىلى نۇرغۇنلىغان ئىنقىلابى كىشىلەر قاتارىدا، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ئافغانىستانغا چىقىپ مۇھاجىرەت ھاياتىنى باشلىغان. 1980- نچى يىلدىن باشلاپ تۈركىيەدە، شەرقى تۈركىستان مىللى داۋاسىنىڭ رەھبرلىرىدىن مەرھۇم ئەيسا يۇسۇپ ئالىپتەكىنگە ياردەمچى بۇلۇپ ئىشلىگەن، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بىلەن بىرلىكتە داۋا پائالىيەتلىرىدە پائال ھەرىكەت قىلغان.

سىياسىي ھاياتى[تەھرىرلەش]

  • 1986 – نچى يىلدىن 1988 -نچى يىلغىچە، شەرقى تۈركىستان داۋسىنىڭ مۇھىم رەھبەرلىرىدىن بىرى، تۈركىيە دۆلەت ئەربابى رىزا بەكىن پاشانىڭ يېنىدا ، پاشانىڭ ياردەدمچىسى بۇلۇپ خىزمەت قىلغان، داۋانىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىنىڭ يۈرگۈزلىشىگە تۈرتكە بۇلۇپ ئاساسلىق رول ئوينىغان.
  • 1986 -نچى يىلى ئىستانبۇلدا ، شەرقى تۈركىستان ۋەقپىنىڭ قايدىتىن جانلاندۇرىلىشىدا مۇھىم رول ئالغان، شەرقي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى سۈپىتىدە ۋەقىپنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ قايتىدىن جانلىنىشىغا بىۋاستە تۆھپە قوشقان.
  • 1988 -نچى يىلى گىرمانىيەگە كېلىپ، ياۋرۇپادا شەرقى تۈركىستان داۋاسىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، ئەركىن ئالپتېكىن، ئەنۋەرجان، ۋە ئەسقەرجان قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە، 1990 -نچى يىلى ياۋرۇپا شەرقي تۈركىستان بىرلىكىنى قۇرۇپ چىققان. ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى غەرىپ دۇنياسىدا قۇرۇلغان تۇنجى ئۇيغۇر تەشكىلاتى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ تەشكىلات ياۋرۇپادا شەرقي تۈركىستان داۋاسىنىڭ تۇنۇلىشى، بۈگۈنكى ھالغا كېلىشى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم رول ئوينىغان. ئۆمەر قانات ئەپەندى 1988- نچى يىلدىن 1999 -نچى يىلغىچە گىرمانىيەدە ئەركىن ئالپتېكىن بىلەن ھەمكارلىشىپ داۋا پائالىيەتلىرىنى يۈرۈتۈپ ماڭغان.

ئۆمەر قانات ئەپەندى 1988 -نچى يىلدىن 1996 -نچى يىلغىچە گىرمانىيەدىكى ئازادلىق رادىئوسىدا مۇخبىر بۇلۇپ خىزمەت قىلغان.

  • 1992-نچى يىلى ئىستانبۇلدا ئېلىپ بېرىلغان شەرقى تۈركىستان مىللى قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئالغان، ھەم مىللى قۇرۇلتاينىڭ تاشقى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بۇلۇپ سايلانغان، ۋە شۇ ئۇرۇندا خىزمەت قىلغان.

1996 -نچى يىلى دولقۇن ئەيسا بىلەن بىرلىكتە ياشلار قۇرۇلتىنى قۇرۇپ چىققان، ۋە ئىككى نۆۋەت دۇنيا ئۇيغۇر ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

1999 -نچى يىلدىن باشلاپ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىشقا باشلىغان، ھەم ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمىيىتىنىڭ باش كاتىپ ، مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئامرېكا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ تەشكىللىنىش ئىشلىرىدا ئاساسلىق ئۇرۇندا تۇرغان، ئامرېكا ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى مۇھىم رولىنى، شۇنداقلار مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى بۈگۈنگىچە داۋام قىلماقتا.

2004 -نچى يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى قۇرۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان، د ۇ ق نىڭ قۇرۇلۇش، تەشكىللىنىش ئىشلىرىغا بىۋاستە ۋە ئاساسلىق خادىم سۈپىتىدە قاتناشقان. 2005-نچى يىلى رابىيە قادىر خانىم تۈرمىدىن چىقىپ، ئامرېكىغا كەلگەندىن باشلاپ، داۋا پائالىيەتلەردە رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشقا باشلىغان. 2006 -نچى يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە د ۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، د ۇ ق نىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە د ۇ ق نىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەر ، شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللى ھەركىتىنىڭ لىدېرى رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىرلىكتە داۋا پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ كەلمەكتە.

  • نۆۋەتتە ئۆمەر قانات ئەپەندى ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى پروجېكتىنىڭ دىرېكتورى، ئامرېكا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئسىى بۇلۇپ خىزمەت قىلماقتا.
  • مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۆمەر قانات ئەپەندىن ۋەتەندىن ئايرىلغان ئاخىرقى 40 يىل جەريانىدا، ۋەتەن سىرتىدىكى شەرقى تۈركىستان داۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك تۈركىيە ۋە ياۋرۇپادا قۇرۇلغان كۆپىنچە چوڭ كىچىك مىللى تەشكىلاتلارنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشى ۋە خىزمىتىدە مۇھىم رول ئېلىپ، ھەر ۋاقىت ئۇيغۇر مىللى داۋاسى لىدېرلىرىگە ھەمدەم بۇلۇپ مىللىتىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلغان، ئۇيغۇر مىللى داۋاسىدىكى مول تەجىربىسى، رەھبەرلىك بىلىمى، بۇلۇپمۇ ئىگىلمەس-سۇنماس ئىرادىسى ھەم پىداكارلىق روھى بىلەن شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.

بۇلۇپمۇ ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ مىللى داۋانى تۈركىيە ۋە غەرىپ دۇنياسىدا تۇنۇتۇشتا مۇھىم رولى بولغان، ئامرېكا، ياۋرۇپا پارلامېنتلىرى، د ب ت ، ھەر خىل كىشىلىك ھۇقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن زىچ ئالاقىنى ساقلاپ، ھەر خىل خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، مىللى داۋانى يەنە بىر بالدار يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ سىياسى ۋە مىللى داۋا پائالىيەتلىرىدىكى تەجىربىسىلا ئەمەس، بىر قانچە خىل تىلنى پىشىق بىلىدىغان ئالاھىدىلىكى، تەمكىن ۋە يىراقنى كۆرەلەيدىغان خاراكتىرى، ۋە يىتىشكەن نۇتۇق قابىلىيىتى ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللى داۋاسىنىڭ كېيىنلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلالىشىغا تۇللۇق ئاساس سالغاندۇر.

باشقا[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. "د ئۇ ق نۆۋەتتىكى رەھبەرلىك ھەيئىتى(2017-يىلىدىن 11-ئايدىن بېرى)". Archived from the original on 2018-05-07. Retrieved 2018-05-02.

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]