ئۇرۇق

ئورنى Wikipedia

ئۇرۇق پەقەت ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەردىلا بولىدىغان كۆپىيىش ئەزاسىدۇر. ئۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يېڭى ئىندىۋىدلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆسۈملۈك ھاياتىنىڭ ئەتىسى ئۈچۈن بېشارەت بېرىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدا ئۇرۇق شەكىللەندۈرەلەيدىغان ئۆسۈملۈكلەر200 مىڭ تۈردىن ئارتۇق بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ. ئۇرۇقلارنىڭ شەكلى خىلمۇخىل، تۈزۈلۈشىمۇ ئوخشاشمايدىغان بولغاچقا، ناھايىتى زور ئۇرۇقلار جەمەتىنى تەشكىل قىلغان.

ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقى ئومۇمەن ئۇرۇق پوستى، تۆرەلمە ۋە تۆرەلمە سۈتىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەشكىل تاپقان. ئۇرۇق پوستى ئۇرۇقنىڭ «ساۋۇت» ى بولۇپ، ئۇرۇقنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. سويا پۇرچاق، باقىلىلەرنىڭ ئۇرۇق پوستى قېلىن ھەم پۇختا كېلىدۇ؛ شاپتۇل، خاسىڭلارنىڭ ئۇرۇق پوستى خۇددى قەغەزدەك نېپىز كېلىدۇ؛ كېۋەزنىڭ ئۇرۇق پوستىدا تېخى تۈك (پاختا) بولىدۇ.

تۆرەلمە ئۇرۇقنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى بولۇپ، ئۆسۈملۈكنىڭ دەسلەپكى شەكلى ھېسابلىنىدۇ. تۆرەلمە پەللە يوپۇرماققا تۇتىشىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، پەللە يوپۇرماق سانىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئۇرۇقلار (ئۆسۈملۈكلەر) جەمەتىنى تاق (بىر) پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر ۋە قوش (ئىككى) پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەردىن ئىبارەت ئىككى كىچىك جەمەتكە بۆلۈشكە بولىدۇ. شال، بۇغداي، كۆممىقوناق، باش پىياز قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئۇرۇقىدا پەقەت بىرلا پەللە يوپۇرماق بولىدىغان ئۆسۈملۈكلەر تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر دېيىلىدۇ؛ پۇرچاق، كاۋا ۋە كېۋەز قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئۇرۇقىدا ئىككى پەللە يوپۇرماق بولىدىغان ئۆسۈملۈكلەر قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر دېيىلىدۇ. تۆرەلمە سۈتى ئۇرۇقنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلارنى يىغىپ ساقلايدىغان ئورنى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، تۆرەلمە سۈتى يوق ئۇرۇقلار بولسا ئوزۇقلۇق ماددىلارنى پەللە يوپۇرماققا يىغىپ ساقلايدۇ. تۆرەلمە سۈتى تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار ئۆسۈملۈك تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. بۇغداي، شال قاتارلىقلارنىڭ ئۇرۇقى تەركىبىدە كراخمال مىقدارى كۆپرەك بولۇپ، %70 كە يېتىدۇ؛ سويا پۇرچاق ئۇرۇقىنىڭ پەللە يوپۇرمىقى تەركىبىدە ئاقسىل بىرقەدەر كۆپ بولىدۇ؛ «دۇنيادىكى ماي شاھى» دەپ ئاتىلىدىغان ماي پالمىسى ئۇرۇقىنىڭ تەركىبىدە يېرىمىدىن كۆپرەك ماي بولىدۇ.

ئەڭ چوڭ ئۆسۈملۈك ئۇرۇقى كوكۇس پالمىسى دەرىخىنىڭ ئۇرۇقى بولۇپ، دىئامېتىرى20 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى10 −20 كىلوگرام كېلىدۇ. ئەڭ كىچىك ئۇرۇق چىپار ئوتنىڭ ئۇرۇقى بولۇپ، پەقەت مىكروسكوپ ئاستىدىلا ئاندىن ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ2 مىليون تال ئۇرۇقىنى بىرلەشتۈرگەندە ئاران1 گرام چىقىدۇ.

ئۇرۇق ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقىدىمۇ پەرق ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. بەزى ئۆسۈملۈك ئۇرۇقىنىڭ ئۆمرى ئالاھىدە ئۇزۇن بولىدۇ، مەسىلەن، قەدىمكى نېلۇپەر ئۇرۇقىنىڭ ئۆمرى نەچچە مىڭ يىل بولۇپ، ئۇرۇقلار جەمەتىدىكى «ئۆمۈر چولپىنى» ھېسابلىنىدۇ. كاۋچوك دەرىخى، سۆگەت ئۇرۇقىنىڭ ئۆمرى پەقەت نەچچە ھەپتىلا بولىدۇ. تېرىپ ئۆستۈرۈلىدىغان زور كۆپچىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقى پەقەت1 −2 يىللا ئۆمۈر كۆرىدۇ، ئەمما دانلىق زىرائەتلەرنىڭ بەزى ئۇرۇقلىرى5 ~10 يىلدىن كېيىن تېرىلسىمۇ يەنىلا ئۈنۈپ ئەي بولىدۇ.

پىشقان ھەم ھاياتىي كۈچكە ئىگە بەزى ئۇرۇقلار سۇ، ئوكسىگېن، تېمپېراتۇرا قاتارلىق شارائىتلار مۇۋاپىق بولغان ئەھۋالدىمۇ يەنىلا بىخلىنالمايدۇ، بۇنداق ھادىسە ئۇرۇقنىڭ ئۇخلىشى دېيىلىدۇ. كۆپ ساندىكى ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقىدا روشەن ھالدىكى ئۇخلاش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. زىرائەتلەرنىڭ ئۇرۇقىدا بولسا ئۇخلاش ھادىسىسى ئانچە روشەن بولمايدۇ. ئۇخلاش ھادىسىسى كۆرۈلگەن ئۇرۇقلار پەقەت ئۇخلاش دەۋرىدىن ئۆتكەندىن كېيىنلا ئاندىن بىخلىنالايدۇ. ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەر ئۇرۇقىنىڭ ئۇخلاش دەۋرىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى ئوخشاش بولمايدۇ.