ئۇلۇغساي يېزىسى

ئورنى Wikipedia
ئۇلۇغساي يېزىسى

乌鲁克萨依乡.Ulughsay town

چىرا ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە چىرا ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 8 دانە
نوپۇس 5 مىڭ
يەر مەيدانى 989 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت چىرا ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

ئۇلۇغساي يېزىسىچىرا ناھىيىسى نىڭ غەربىي جەنۇبىغا،تەكلىماكان قۇملۇقى نىڭ جەنۇبىي چېتىگە، كۇئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان بۇلۇپ، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، يېزا ئىگىلىكىنى قوشۇمچە قىلىدۇ. تاغلىقچارۋىچىلىق كەنتى، يەنە چەت، يىراق تاغلىق رايوندىكى دۆلەت دەرىجىلىك نامرات يېزا. يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ چىرا ناھىيەسى چىرا بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 90 كىلومېتىر كېلىدۇ، نۇرى يېزىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 25 كىلومېتر،چاقا يېزىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 30 كىلومېتىر كېلىدۇ. غەربىي تەرىپى خوتەن،لوپ ناھىيەسى گە، شەرقتە كېرىيە ناھىيەسى گە تۇتىشىدۇ.

بايلىقى[تەھرىرلەش]

يېزىنىڭ مۇھىم كان بايلىقلىرىدىن ئالتۇن، قاشتېشى، ھاك تاش، مىس كان، كىۋارتىس، كرىستال قاتارلىقلار بار. ياۋايى ھايۋانلاردىن ئاساسلىقى جەرەن، تۈلكە، سۇغۇ، ياۋا توشقان، بۈركۈت، ئۇلار، كەكلىك قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرىدىن ئاساسلىقى مەزەنجۈش، يەر مەدىكى، قار لەيلىسى قاتارلىقلار بار. يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى تۆگە يۇڭى، يۇڭ، تېرە، ئۆرۈك قېقى قاتارلىقلار بار. ئېشەك يېلىمى بولسا ئېشەك تېرىسى ئارقىلىق ئاساسىي خام ئەشيا قىلغان بۇلۇپ، جۇڭگو تېبابەت دورىلىرىنىڭ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا مۇھىم خام ئەشيا قىلىنىدۇ. سۈپەتلىك ئېشەك تېرىسى شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا داڭلىق.