ئۇلۇغۋار ئىشلار خۇدانى سۆيۈندۈرىدۇ
ئۇلۇغۋار ئىشلار خۇدانى سۆيۈندۈرىدۇ
مەلۇم بىر ئالىي جاناب كىشى بىر كۈنى ماڭا نامازلىرىمنى تۈگەتكەندە ئىشلىتىشىم ئۈچۈن نەپىس ئىشلەنگەن بىر تال تەسۋى سوغا قىلدى. مەن ئۇنىڭغا رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپ سوغىسىنى قوبۇل قىلدىم-دە، ئۆيگە قايتتىم ۋە تەسۋىنى نەۋرەمگە ھەدىيە قىلىۋەتتىم. بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ ئۇ كىشى مەندىن سوراپ قالدى:
- سىلىنىڭ ھېلىقى ھەدىيە قىلىنغان تەسۋىنى ئىشلەتكەنلىكلىرىنى كۆرمەيمەنغۇ؟!
مەن ئۇ كىشىگە:
- سىلىنىڭ ئۇ ئېسىل ھەدىيەلىرىدىن بەك مىننەتدار بولدۇم. قارىسام نامازدىن كېيىن دېيىشكە تېگىشلىك زىكىر-تەسبىھلەر ئىككى ياكى ئۈچ مىنۇتتىن ئارتۇق ۋاقىت ئالمايدىكەن، ھېسابلاش قورالىغا ئېھتىياجىم بولمىغاندىكىن، يەنىلا بارماقلىرىمنى ئىشقا سېلىشنى ئەۋزەل كۆردۈم، دېدىم.
ئۇزاق ئۆتمەي مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قىزىقارلىق ھېكايىلەرنىڭ پېيىدە يۈرۈيدىغان بىر ياش مەن بىلەن كۆرۈشۈپ ماڭا:
- نېمىشقا ئۇنىڭغا "تەسۋى سىيرىش بىدئەت" دېمىدىڭ؟ دەپ سوئال قويدى.
مەن ئۇ ياشقا ھېلىقى ئالىي جاناب كىشىنىڭ تەسۋى سىيرىشنى چوقۇم رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك دەستۇر ئورنىدا كۆرمەيدىغانلىقىنى، ئۆزۈمنىڭمۇ ئۇنداق ئۇششاق ئىشلارغا چېپىلىپ قالىدىغانلاردىن ئەمەسلىكىمنى ئېيتتىم. ئۇ مەندىن:
- ئەمىسە قۇرئان تىلاۋىتى قىلغاندا "سەدەقەللاھۇلئەزىيم" (يەنى، ئۇلۇغ ئاللاھ راست ئېيتتى) دەپ ئاخىرلاشتۇرۇشقا قانداق قارايسەن، دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭغا:
- ئۇنى ئاشۇ ئىپادىسىدە سەمىمى بولۇشقا چاقىرىمەن، دېدىم.
ئۇ ياش:
- نېمىنى كۆزدە تۇتۇۋاتقىنىڭنى چۈشەنمەيلا قالدىم، دېدى.
مەن ئۇنىڭغا:
- مۇئمىنلەر ئۆزلىرى ئىنتىزار بولۇپ كۈتكەن بىرەر مۇھىم ئىش ياكى ۋەقەلەر يۇز بەرگەندە ئاشۇنداق سۆزلەر ئارقىلىق ئىپادە بىلدۈرۈشەتتى. مەسىلەن، مۇئمىنلەر ئەھزاب ئۇرۇشى بولغان ۋاقىتتا ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ ئۆزلىرىگە ۋەدە قىلغان نۇسرىتىنى كۆرۈپ "ۋەسەدەقەللاھۇ ۋە رەسۇلۇھۇ" دېگەن. [ئەھزاپ: 22-ئايەت] يەنە بىر ئورۇندىمۇ "سەدەقەللاھ دېگىن!" [ئال ئىمران: 95-ئايەت] يەنى، ئاللاھ راست ئېيتتى، دېگىن، دەپ ئايەت كەلگەن. بولسا مەن قۇرئان تىلاۋەت قىلغان ئاشۇ قارىينىڭ قۇرئاننىڭ بۈيۈكلىكىنى، ئۇ ئىلىپ كەلگەن ھىدايەتنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭ مۆجىزانە كۈچ-قۇدرىتىنى تۇيغان ھالدا يۈرىكىدىن "سەدەقەللەھۇلئەزىيم" دېيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدىم.
ئۇ ماڭا:
- "سەدەقەللاھۇلئەزىيم" دەڭ دەيدىغان بۇيرۇق كەلگەن ئەمەس، دېدى.
مەنمۇ ئۇنىڭغا:
- دېمەڭ دېگەن چەكلىمە كەلگەنمۇ ئەمەس، دېدىم.
ئۇ دېدى:
- سەن بىدئەتكە ھەقىقەتەن سەل قارايدىكەنسەن.
مەن دېدىم:
- ئەكسىچە، مەن بۇنداق بىمەنىلىكلەر بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېتىشتىن ئۆزۈمنى تارتىمەن... بىر تال چىۋىننىڭ پاراكەندىچىلىكىگە قارشى ھاشارەت تازلاش ئەترىتىنى ئاۋارە قىلماقچى بولغان كىشى ئەخمەقتىن باشقا ئەمەس. بۇنداقلار بىر تال چىۋىنغا بۇنچە قىلىپ كەتكەن يەردە، بىرەر تال قاغىنىڭ پاراكەندە سېلىشىغا ئېنىقكى، بولالماي بەدەر تىكىۋېتىدۇ.
ئاندىن مەن ئۇنىڭغا تەرىمنى تۈرگەن ھالدا قوشۇمچە قىلىپ دېدىمكى: دۇنيانىڭ ئىگىدارچىلىقىنى زورىغا تارتىۋېلىش ھەمدە ئۇنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ئېلىكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئاجىز كەلگەن جاھان زومىگەرلىرى ئاجىزلار ئۈستىدىن سۈيىقەست پىلانلىشىۋاتسا، نادانلار بولسا، ئالىملارنى يوقۇتۇش قەستىدە بولۇۋاتسا، سىلەر مەندىن مېڭەڭلەرگە قاچىلىۋالغان ئاشۇ ئەرزىمەس ئىشلارغا بەنت بولۇپ ئۆتۈشۈمنى خالاۋاتامسىلەر!؟
نۆۋەتتە، جاھانغا خوجايىنلىق قىلىۋاتقانلار ئىسلامنى سىرتماقلىرىدا بوغۇش ۋە ئىمان خەزىنىلىرىنى قۇرۇتۇپ تاشلاش ئۈچۈن پۇختا پىلان قۇرۇپ بولۇشتى. ئۇلار ئىسلامنى قەتلى قىلىش نىيىتىدە مۇسۇلمانلار زېمىنىغا ئىچكىرىلەپ بۆسۈپ كىرىشمەكتە. ئەجەبا، سىلەر ئەنە شۇنداق ھالاكەت گىرۋىكىدە تۇرۇپمۇ ئۈممەتنى ئىبادەتنىڭ تارماق مەسىلىلىرى سانىلىدىغان نەدىكى بىر فىقھىي ئىختىلاپلارغا ۋەياكى مەلۇم بىر سۆزنى چۈشىنىشكە دائىر شەكلىي دە-تالاشلارغا بەنت قىلىپ قويماقچىمۇ؟!
ئېيتىڭلارچۇ، سىلەر زادى كىم؟ سىلەر ئەمەلىيەتتە، خاۋارىجلارنىڭ بۇ ھەزىلكەش زاماندىكى پۇشتى خالاس! ئىمانىي ئەھدىلەر، ئېسىل ئەخلاقى-پەزىلەتلەر، ئۇلۇغۋار ئىشلار قەيەردە قالدى؟! ئەقىل ئىگىلىرىچۇ؟!
مەن دەۋەتچىلەرگە، شۇنداقلا تەلىم-تەربىيە بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا مۇنۇ ھەدىسنى يادىغا كەلتۈرۈشىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن. ئۇ بولسىمۇ: "جەزمەنكى، ئاللاھقا ئىشلارنىڭ ئۇلۇغۋار ۋە ئەڭ شەرەپلىك بولغىنى سۆيۈملۈكتۇر. ئاللاھ ئەرزىمەس ئىشلارنى يامان كۆرىدۇ." [تەبەرانىي رىۋايىتى]
ئاپتور: ئەللامە مۇھەممەد غەززالىي
تەرجىمىدە «مۇئەللىم»