ئۇمەييە سۇلالىسى

ئورنى Wikipedia

ئۇمەييە سۇلالىسى ئىسلام دىنىدىكى تۆت خەلىپىدىن كېيىن ئوتتۇرا شەرىقتە ھۆكۈم سۈرگەن، ئىسلام دىنىدىكى تۇنجى ئاتىدىن بالىغا قالىدىغان پادىشاھلىق بولۇپ، سۇلالىنى قۇرغۇچى مۇئاۋىيە ۋە كېيىنكى ئەۋلادلىرى 3-خەلىپە ئوسمان رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ ئۇمەييە جەمەتىدىن بولغاچقا سۇلالە ئۇمەييە سۇلالىسى دەپ ئاتالغان. سۇلالە ھۆكۈمرانلىرى گەرچە نامدا خەلىپە ئاتالغان بولسىمۇ ئەمما مۇئاۋىيەنىڭ ئوغلى يەزىدنىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىشى بىلەن تەختنىڭ ئەۋلادتىن -ئەۋلادقا قېلىشى باشلىنىپ سۇلالىگە ئايلىنىپ كەتكەن. ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ پەيدا بولۇش ئاساسىنى ئوسمان رەزىيەللاھۇئەنھۇ ھۆكۈم سۈرگەن دەۋرلەردىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ، ئەينى چاغدا يېڭىدىن ئىستىلا بولغان سۈرىيە، مىسىر، ئىراق، پېرسىيە قاتارلىق جايلار ئىستىلا قىلغان قوماندانلارنىڭ قولىدا بولغاچقا خەلىپىلىكنىڭ ھوقۇقنى مەركەزگە مەركەزلەشتۈرۈش كۈچى ئاجىزلىشىپ كەتكەن بولۇپ، خەلىپە ئوسمان رەزىيەللاھۇئەنھۇ خەلىپىلىكنىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇمەييە جەمەتىدىن بولغان كىشىلەرنى كۆپلەپ ۋەزىپىگە قويغان بولۇپ بۇ كېيىنكى كۈنلەردە ئۇمەييەلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە يۇشۇرۇن مىنا بولۇپ قالغان ئىدى. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئەينى چاغدىكى سۈرىيە ۋالىسى مۇئاۋىيە قاتىلنى تېپىپ بېرىسنى تەلەپ قىلىشنى باھانە قىلىپ خەلىپە ئەلىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ مەدىنىگىچە ھۇجۇم قىلىپ كەلدى، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىۋەتكەن، مىسىرنى پەتھى قىلغان سابىق مىسىر ۋالىسى ئەمىر ئىبنى ئاس ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلامنىڭ ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھۇلارنىڭ قوللىشى بىلەن مۇئاۋىيە غەلىبە قىلدى ۋە ئىلام خەلىپىلىكىنىڭ ھۆكۈمرانىغا ئايلاندى. مۇئاۋىيەدىن كېيىن ئوغلى يەزىدنىڭ دەۋرىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلامنىڭ ئۇمەييەلەرگە نارازى بولغان نەۋرىلىرى ھەسەن رەزىيەللاھۇئەنھۇ ۋە ھۈسەين رەزىيەللاھۇئەنھۇ قانلىق باستۇرۇلۇپ شېھىد قىلىنغانلىقتىن، ئۇمەييەلەر مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالدى. ئەمما ئۇمەييەلەر كۈچلۈك ھەربى قوشۇن ۋە مۇنەۋۋەر دىپلوماتىيە سىياسىتىگە تايىنىپ ئىسلام ئىمپىرىيىسىنىڭ زىمىنىنى كېڭەيتتى. بولۇپمۇ ئابدۇمالىك (685-يىلىدىن 705-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان)دەۋرىدە ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈپ ، ياتلارنى باستۇرۇپ ئەرەپلەشتۈرۈش قەدىمى تېزلەشتۈرۈلدى. توختىماي غازات ئېلىپ بېرىلىپ ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ زىمىنى شەرقتە ھىندى دەريا ۋادىسىدىن غەرپتە ئىتالىيەنىڭ جەنۇبى ۋە ئىسپانىيەگە، شىمالدا بۇخارا ۋە ئازەربەيجان چېگرىسىدىن جەنۇپتا نىلدەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىغىچە يەتكۈزۈلۈپ سۇلالە ئۈچ قىتئەدىن ھالقىغان ئىمپىرىيەگە ئايلاندى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسەلامنىڭ ئىككى نەۋرىسىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن قوزغالغان ئاممىۋى نارازىلىق نەتىجىسىدە 750-يىلى ئۇمەييەلەر سۇلالىسى ئابباسىلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلدى. ئۇمەييە جەمەتىدىن بولغان ئابدۇرەھمان ئىسپانىيەگە قېچىپ بېرىپ ئىسپانىيە ۋالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ئۆزىنى ئەمىر دەپ جاكارلىدى. 761-يىلى ھۇجۇم قىلپ كەلگەن ئابباسىلارنىڭ قوشۇنىنى ۋە فرانسىيە پادىشاھى چارماننىڭ ياۋروپا بىرلەشمە قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈرۈپ ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملىدى. ھازىرقى ئىسپانىيەنىڭ باسىك زىمىنىدىن باشقا پۈتكۈل قىسمى ۋە پۈتكۈل پورتۇگالىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، جەبىلتارقى بوغۇزى ئارقىلىق باشقا ئىسلام زىمىنى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرغان كېيىنكى ئۇمەييە سۇلالىسى قۇرۇلۇپ ئەڭ ئاخىرى 1497-يىلى خەلىپىلىك پارچىلىنىپ ۋە كىچىكلەپ ، ئاخىرقى مۇسۇلمانلار ئىبىرىيە يېرىم ئارىلىدىن قوغلانغانغا قەدەر ھۆكۈم سۈردى.توم خەت''''توم خەت'