Jump to content

ئۇنىڭ قاپاقلىرى ئاستىدا

ئورنى Wikipedia

ئۇنىڭ قاپاقلىرى ئاستىدا

ئۇنسىي ئەلھاج


رەڭلەرنى سۆيىدۇ، بىلمەيمەن نېمىشقا ئىچ پۇشۇقى، بەزىدە، يەلكىلىرىدە.

بېشىنى ئەگكەن بولسا، تارلارنىڭ ئەڭ چوڭقۇرى بولغانلىقىدىن. بەزىدە، بىلمەيمەن نېمىشقا بەزىدە، ئاڭلىمايدۇ.

قېنى، سۆيۈملۈكۈم، قېنى؟ سورايمەن، بەزىدە، ئالدىمدا سۆيۈملۈكۈم!

كەلگەن ھەر بىر كۈن غايىب بولىدۇ.

كەلمىگەن ھەر بىر كۈنمۇ غايىب بولىدۇ!


سۆيگۈدىن ئايرىلمايمەن، ئۇرۇشىمدىن ئايرىلمايمەن. ئەگەر سۆيۈملۈكۈم رەڭلەرنى كۆرگەن بولسا، مېنىڭ ئۆزىنى قانچىلىك قوغداۋاتقانلىقىمنى، ئۆزىدە قانچىلىك يۈرىۋاتقانلىقىمنى كۆرىدۇ.

مەن ئۇ سۆيگەن ئوچۇق رەڭ ھەم ئۇ سۆيىدىغان تۇتۇق رەڭ.

مەن ئۇنىڭ قاپاقلىرى ئاستىدا يۇمۇلغان.


(ئەرەبچىدىن ئەخمەتجان ئوسمان تەرجىمىسى)


مەنبە: «بەرقىي» مۇنبىرى




ئەرەبچىسى:


تَحْتَ جَفْنَيْهَا

أنسي الحاج


تُحِبُّ الْأَلْوَانَ، وَلَا أَعْرِفُ لِمَاذَا الضَّجَرُ، مَرَّاتٍ، عَلَى

كَتِفَيْهَا.

إِذَا حَنَتْ رَأْسَهَا فَلِأَنَّهَا أَعْمَقُ الْأَوْتَارِ. وَمَرَّاتٍ، لَا أَعْرِفُ

لِمَاذَا مَرَّاتٍ، هِيَ لَا تَسْمَعُ.

أَيْنَ حَبِيبَتِي أَيْنَ، أَسْأَلُ، مَرَّاتٍ، وَحَبِيبَتِي أَمَامِي!

كُلُّ يَوْمٍ يَأْتِي، يَغِيبُ.

كُلُّ يَوْمٍ لَا يَأْتِي، يَغِيبُ أَيْضًا!

...

لَنْ أُغَادِرَ الْحُبَّ لَنْ أُغَادِرَ حَرْبِي. وَإِذَا حَبِيبَتِي تُشَاهِدُ

الْأَلْوَانَ سَتُشَاهِدُ كَمْ أَحْمِيهَا وَأَسِيرُ فِيهَا.

فَأَنَا اللَّوْنُ الْفَاتِحُ الَّذِي تُحِبُّهُ وَاللَّوْنُ الْغَامِقُ الَّذِي

سَتُحِبُّهُ.

أَنَا الْمُغْمَضُ تَحْتَ جَفْنَيْهَا.




ئەرەبچە – ئۇيغۇرچە:


تَحْتَ جَفْنَيْهَا

ئۇنىڭ قاپاقلىرى ئاستىدا


أنسي الحاج

ئۇنسىي ئەلھاج


تُحِبُّ الْأَلْوَانَ، وَلَا أَعْرِفُ لِمَاذَا الضَّجَرُ، مَرَّاتٍ، عَلَى كَتِفَيْهَا.

رەڭلەرنى سۆيىدۇ، بىلمەيمەن نېمىشقا ئىچ پۇشۇقى، بەزىدە، يەلكىلىرىدە.


إِذَا حَنَتْ رَأْسَهَا فَلِأَنَّهَا أَعْمَقُ الْأَوْتَارِ.

بېشىنى ئەگكەن بولسا، تارلارنىڭ ئەڭ چوڭقۇرى بولغانلىقىدىن.


وَمَرَّاتٍ، لَا أَعْرِفُ لِمَاذَا مَرَّاتٍ، هِيَ لَا تَسْمَعُ.

بەزىدە، بىلمەيمەن نېمىشقا بەزىدە، ئاڭلىمايدۇ.


أَيْنَ حَبِيبَتِي أَيْنَ، أَسْأَلُ، مَرَّاتٍ، وَحَبِيبَتِي أَمَامِي!

قېنى، سۆيۈملۈكۈم، قېنى؟ سورايمەن، بەزىدە، ئالدىمدا سۆيۈملۈكۈم!


كُلُّ يَوْمٍ يَأْتِي، يَغِيبُ.

كەلگەن ھەر بىر كۈن غايىب بولىدۇ.


كُلُّ يَوْمٍ لَا يَأْتِي، يَغِيبُ أَيْضًا!

كەلمىگەن ھەر بىر كۈنمۇ غايىب بولىدۇ!


لَنْ أُغَادِرَ الْحُبَّ لَنْ أُغَادِرَ حَرْبِي.

سۆيگۈدىن ئايرىلمايمەن، ئۇرۇشىمدىن ئايرىلمايمەن.


وَإِذَا حَبِيبَتِي تُشَاهِدُ الْأَلْوَانَ سَتُشَاهِدُ كَمْ أَحْمِيهَا وَأَسِيرُ فِيهَا.

ئەگەر سۆيۈملۈكۈم رەڭلەرنى كۆرگەن بولسا، مېنىڭ ئۆزىنى قانچىلىك قوغداۋاتقانلىقىمنى، ئۆزىدە قانچىلىك يۈرىۋاتقانلىقىمنى كۆرىدۇ.


فَأَنَا اللَّوْنُ الْفَاتِحُ الَّذِي تُحِبُّهُ وَاللَّوْنُ الْغَامِقُ الَّذِي سَتُحِبُّهُ.

مەن ئۇ سۆيگەن ئوچۇق رەڭ ھەم ئۇ سۆيىدىغان تۇتۇق رەڭ.


أَنَا الْمُغْمَضُ تَحْتَ جَفْنَيْهَا.

مەن ئۇنىڭ قاپاقلىرى ئاستىدا يۇمۇلغان.