Jump to content

ئۇنىڭ يالىڭاچ كىيىمى

ئورنى Wikipedia

ئۇنىڭ يالىڭاچ كىيىمى

ئۇنسىي ئەلھاج (لىۋان)


قۇياش ئاياللارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇراتتى.

قۇياشنىڭ قوللىرىمدا ئېيى بولىدۇ ھەمدە ئاڭا كېچىنىڭ قولىنى بېرىمەن.


سۆيگۈ ھەققىدە سۆزلىمەس ھېچكىم. ئولتۇرغان نىگارنى تېپىۋالغىنىمدا خىجىل بولدۇم، چۈنكى ئاڭا كۆرگەنلىكىمنى دېمىدىم. ئۇنى كۈنلەرنىڭ بىرىدە تاپىدىغانلىقىمنى بىلەتتىم. بىراق، دەلتىدەك قاراپ تۇردۇم.

كۆزۈم ئاۋازىمغا پىستىرما قويىۋىدى، پاش بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەن ئاۋازىم كۆزىنى قاچۇردى.

مېنى قۇياش ئوۋلىسۇن دەپ ئورماندىن چىقتىم.


سائادىتىم دەرەخلەرگە خىتاب قىلىپ، سەۋەبسىزلا ھەسرەتلىنىدۇ.

سائادىتىم پۇتلىرىمنىڭ ئاستىدىكى چۆپ.

نىگارىم يۇمران قۇياش. ئۇنىڭ پىشانەمدە تاتىرىشى بار. نىگارىم سۈت بىلەن چىم. بورانلار ئۇنىڭ يەلكىلىرىدىن كەلگەن. ئۇنى ئاتەش قۇل قىلغان ھەمدە ئاڭا بۇلاقلار بىلەن گۆھەرتاشلار مۇستەبىتلىك قىلىشقان.

مېنى دەپ چىڭ تۇرغان خەزىنىلەرنىڭ خەزىنىسى.

ئۇ تېخىمۇ يارقىن ئەكس ئەتسۇن دەپ مىسقا ئايلىنىمەن، ئاڭا قايتىپ كېلەي دەپ شولىغا ئايلىنىمەن، ئۆزىنى ئۇندا يالغۇز ھېس قىلسۇن دەپ سۇغا ئايلىنىمەن.

ئۇنىڭ يالىڭاچ كىيىمى ھەممە دەرياغا كەلكۈن بىلەن يانغىندىن تەھدىت سالىدۇ.

ئەگەر يانغىن تۇتاشسا، خۇددى كۆزىنى ئېچىۋاتقاندەكلا يېشىنىدۇ ھەمدە قەدىمقى بىر چۈشكە ئاساسەن لايىھەلەنگەن يالىڭاچلىقى بىلەن، نۇرغا ئوخشاش غۇلاپ چۈشكەن يالىڭاچلىقى بىلەن، بوغۇپ قويۇشقا ئوتقا قاراپ يۈگرەيدۇ.

ئۇنىڭ، ئەينەكتە پۇتلىرىغا قاراپ ئېگىلگەن ئايالدەك، دۇنيانىڭ ئۈستىگە ئېگىلىشى بار!

كىچىكسەن ھەمدە ئىككى پۇتۇڭ ئىككى بەلدەك. تېنچلىقىڭ شاراب ھەمدە ئۇرۇشىڭ ئالتۇن.

سېنى بىلگەنلەر ئەتە سېنى بىلمەيدۇ. بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئانىسىغا ئايلىنىسەن - دە، تېنىڭگە جىمجىت يۈزلىنىسەن.


(ئەرەبچىدىن ئەخمەتجان ئوسمان تەرجىمىسى)

مەنبە: «بەرقىي» مۇنبىرى


ئەرەبچىسى:


ثوبها العاري

أنسي الحاج


كانت الشمس جالسة بين النساء. سيكون للشمس قمر على يديَّ وسأُعطيها يد اللّيل.

لا يتكلّمْ عن الحُبْ أحد. عندما عثرتُ على الجالسة خجلتُ إذ رأيتها فلم أقل لها. كنت أعرف أنّي أحدَ الأيّام سأجدها. لكنّي وقفت كالأبله.

نظراتي نصَبت مكمناً في صوتي، فأشاح صوتي بنظره خوف الفضيحة. وخرجتُ من الغابة لتفترسني الشمس.

سعادتي تُخاطب الأشجار وتحزن بلا سبب. سعادتي حشيش تحت قدميّ.

حبيبتي شمس طريّة، لها على جبيني شحوب. حبيبتي حليب وعشب. إنحدرت عن كتفيها العواصف. إستعبدَتها النار واستبدّت بها الينابيع والأحجار الكريمة. كنز الكنوز الصامد من أجلي.

وأنا أصير نُحاساً ليشتدّ انعكاسها عليّ، وشُعاعاً لأعود إليها، وماء كي تظنّ نفسها وحيدة فيه.

وثوبها العاري يُهدّد كُلَّ نهر بالفيضان والحريق. وإذا الحريق احترق، تخلع ثوبها كمن يفتح جفنيه. وتركض إلى النار تخنقها بعُريها المُصمَّم في ضوء منام عتيق، عُريها المنهار كالنور.

ولها، فوق العالم، انحناءةُ امرأة على ساقيها في مرآة!

صغيرة وقدماك كخاصرتين. سلامُك نبيذ وحربك ذهَب.

من كان يعرفك فغداً لن يعرفك. ستُصبحين أُمّاً لجميع الأشياء وبهدوء تتَّجهين نحو جسدك.



ئەرەبچە - ئۇيغۇرچە:


ثَوْبُهَا الْعَارِي

أنسي الحاج

ئۇنىڭ يالىڭاچ كىيىمى

ئۇنسىي ئەلھاج (لىۋان)


كَانَتِ الشَّمْسُ جَالِسَةً بَيْنَ النِّسَاءِ.

قۇياش ئاياللارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇراتتى.


سَيَكُونُ لِلشَّمْسِ قَمَرٌ عَلَى يَدَيَّ وَسَأُعْطِيهَا يَدَ اللَّيْلِ.

قۇياشنىڭ قوللىرىمدا ئېيى بولىدۇ ھەمدە ئاڭا كېچىنىڭ قولىنى بېرىمەن.


لَا يَتَكَلَّمْ عَنِ الْحُبِّ أَحَدٌ.

سۆيگۈ ھەققىدە سۆزلىمەس ھېچكىم.


عِنْدَمَا عَثَرْتُ عَلَى الْجَالِسَةِ خَجِلْتُ إِذْ رَأَيْتُهَا فَلَمْ أَقُلْ لَهَا.

ئولتۇرغان نىگارنى تېپىۋالغىنىمدا خىجىل بولدۇم، چۈنكى ئاڭا كۆرگەنلىكىمنى دېمىدىم.


كُنْتُ أَعْرِفُ أَنِّي أَحَدَ الْأَيَّامِ سَأَجِدُهَا. لَكِنِّي وَقَفْتُ كَالْأَبْلَهِ.

ئۇنى كۈنلەرنىڭ بىرىدە تاپىدىغانلىقىمنى بىلەتتىم. بىراق، دەلتىدەك قاراپ تۇردۇم.


نَظَرَاتِي نَصَبَتْ مَكْمَنًا فِي صَوْتِي، فَأَشَاحَ صَوْتِي بِنَظَرِهِ خَوْفَ الْفَضِيحَةِ.

كۆزۈم ئاۋازىمغا پىستىرما قويىۋىدى، پاش بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەن ئاۋازىم كۆزىنى قاچۇردى.


وَخَرَجْتُ مِنَ الْغَابَةِ لِتَفْتَرِسَنِي الشَّمْسُ.

مېنى قۇياش ئوۋلىسۇن دەپ ئورماندىن چىقتىم.


سَعَادَتِي تُخَاطِبُ الْأَشْجَارَ وَتَحْزَنُ بِلَا سَبَبٍ.

سائادىتىم دەرەخلەرگە خىتاب قىلىپ، سەۋەبسىزلا ھەسرەتلىنىدۇ.


سَعَادَتِي حَشِيشٌ تَحْتَ قَدَمَيَّ.

سائادىتىم پۇتلىرىمنىڭ ئاستىدىكى چۆپ.


حَبِيبَتِي شَمْسٌ طَرِيَّةٌ، لَهَا عَلَى جَبِينِي شُحُوبٌ.

نىگارىم يۇمران قۇياش. ئۇنىڭ پىشانەمدە تاتىرىشى بار.


حَبِيبَتِي حَلِيبٌ وَعُشْبٌ.

نىگارىم سۈت بىلەن چىم.


انْحَدَرَتْ عَنْ كَتِفَيْهَا الْعَوَاصِفُ.

بورانلار ئۇنىڭ يەلكىلىرىدىن كەلگەن.


اسْتَعْبَدَتْهَا النَّارُ وَاسْتَبَدَّتْ بِهَا الْيَنَابِيعُ وَالْأَحْجَارُ الْكَرِيمَةُ.

ئۇنى ئاتەش قۇل قىلغان ھەمدە ئاڭا بۇلاقلار بىلەن گۆھەرتاشلار مۇستەبىتلىك قىلىشقان.


كَنْزُ الْكُنُوزِ الصَّامِدُ مِنْ أَجْلِي.

مېنى دەپ چىڭ تۇرغان خەزىنىلەرنىڭ خەزىنىسى.


وَأَنَا أَصِيرُ نُحَاسًا لِيَشْتَدَّ انْعِكَاسُهَا عَلَيَّ، وَشُعَاعًا لِأَعُودَ إِلَيْهَا، وَمَاءً كَيْ تَظُنَّ نَفْسَهَا وَحِيدَةً فِيهِ.

ئۇ تېخىمۇ يارقىن ئەكس ئەتسۇن دەپ مىسقا ئايلىنىمەن، ئاڭا قايتىپ كېلەي دەپ شولىغا ئايلىنىمەن، ئۆزىنى ئۇندا يالغۇز ھېس قىلسۇن دەپ سۇغا ئايلىنىمەن.


وَثَوْبُهَا الْعَارِي يُهَدِّدُ كُلَّ نَهْرٍ بِالْفَيَضَانِ وَالْحَرِيقِ.

ئۇنىڭ يالىڭاچ كىيىمى ھەممە دەرياغا كەلكۈن بىلەن يانغىندىن تەھدىت سالىدۇ.


وَإِذَا الْحَرِيقُ احْتَرَقَ، تَخْلَعُ ثَوْبَهَا كَمَنْ يَفْتَحُ جَفْنَيْهِ. وَتَرْكُضُ إِلَى النَّارِ تَخْنُقُهَا بِعُرْيِهَا الْمُصَمَّمِ فِي ضَوْءِ مَنَامٍ عَتِيقٍ، عُرْيُهَا الْمُنْهَارُ كَالنُّورِ.

ئەگەر يانغىن تۇتاشسا، خۇددى كۆزىنى ئېچىۋاتقاندەكلا يېشىنىدۇ ھەمدە قەدىمقى بىر چۈشكە ئاساسەن لايىھەلەنگەن يالىڭاچلىقى بىلەن، نۇرغا ئوخشاش غۇلاپ چۈشكەن يالىڭاچلىقى بىلەن، بوغۇپ قويۇشقا ئوتقا قاراپ يۈگرەيدۇ.


وَلَهَا، فَوْقَ الْعَالَمِ، انْحِنَاءَةُ امْرَأَةٍ عَلَى سَاقَيْهَا فِي مِرْآةٍ!

ئۇنىڭ، ئەينەكتە پۇتلىرىغا قاراپ ئېگىلگەن ئايالدەك، دۇنيانىڭ ئۈستىگە ئېگىلىشى بار!


صَغِيرَةٌ وَقَدَمَاكِ كَخَاصِرَتَيْنِ.

كىچىكسەن ھەمدە ئىككى پۇتۇڭ ئىككى بەلدەك.


سَلَامُكِ نَبِيذٌ وَحَرْبُكِ ذَهَبٌ.

تېنچلىقىڭ شاراب ھەمدە ئۇرۇشىڭ ئالتۇن.


مَنْ كَانَ يَعْرِفُكِ فَغَدًا لَنْ يَعْرِفَكِ.

سېنى بىلگەنلەر ئەتە سېنى بىلمەيدۇ.


سَتُصْبِحِينَ أُمًّا لِجَمِيعِ الْأَشْيَاءِ وَبِهُدُوءٍ تَتَّجِهِينَ نَحْوَ جَسَدِكِ.

بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئانىسىغا ئايلىنىسەن - دە، تېنىڭگە جىمجىت يۈزلىنىسەن.