ئۇنىۋېرسىتېت (ئالى مەكتەپ)

ئورنى Wikipedia

ئۇنىۋېرسىتېت (باشقىچە ئاتىلىشى: بىلكان، ئىلكان؛ ئېنگلىزچە: University، يۇنىۋېرسىتي؛ ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنچە: 大学، داشۆ) ئالى بىلىم ۋە تەتقىقات يۇرتىدۇر. ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلانى يېتىشتۈرۇپ جەمئىيەتكە ۋە خىزمەتكە ھازىرلىق سالدىغان، باكلاۋىرلىق، ماگىسترلىق، دوكتۇرلۇق ئۇنىۋانى تارقىتىدىغان، ھەرخىل تەتقىقات ۋە ئىزدىنىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ئاقىللار ۋە بىلىم ئەھلىلىرىنىڭ توپلاشقان، بىلىم تارقىتىدىغان، پۈتۈن ئىنسانىيەت كۈلتۈرى ۋە مەدەنيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ھارماي تەتقىقات ۋە تەپەككۈر قىلدىغان جايىدۇر. مەسلەن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى، كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دېگەندەك. ئۇنىۋېرسىتېت ئادەتتە ھەر قايسى پەنلەر ۋە ساھەلەر بويىنچە تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدۇ ۋە كەسىپلىرى بىر قەدەر مۇكەممەل كېلىدۇ. ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ئادەتتە ستۇدېنت دېيىلدۇ.

ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان، لېكىن پەقەت مەلۇم بىر ساھە ياكى كەسىپكە قارىتلغان ئورگان ئىنستىتۇت دېيىلدۇ. مەسلەن سەنئەت ئىنستىتۇتى، ماسساچۇستېس تېخنىكا ئىنستىتۇتى، كالىفورنىيە تېخنىكا ئىنستىتۇتى (كالتەك).

ئوكىسفورد ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بەلگىسى
كورىيە يونسەي ئۇنىۋېرسىتېتى
موسكىۋا دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى
ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى