Jump to content

ئۇيغاقلار دۇنياسىدىن فەخرى كائىنات، سەرۋەرى ئالەمگە سالام!

ئورنى Wikipedia

ئۇيغاقلار دۇنياسىدىن فەخرى كائىنات، سەرۋەرى ئالەمگە سالام!

ھاياتىمىز ۋە ماماتىمىزنىڭ مەنىسى سېنىڭ يولۇڭدا ئىپادە تاپاتتى. ئەپسۇسكى ئۇنتۇدۇق، خار بولدۇق، خارلىقىمىزنىڭ پەرقىگە بارمىدۇق، نەتىجىدە ئۇنتۇغىنىمىزنىمۇ ئۇنتۇشقا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتىمىز. ئۇنتۇش گىردابلىقى بىزنى ئۆزىمىزدىن قانچىلىك يىراقلاشتۇرسا، سېنىڭدىن، سېنىڭ يولۇڭدىنمۇ ھەسسىلەپ يىراقلاشتۇرۇپ بارماقتا. ھالبۇكى، ھۆرلۈك سېنىڭ ئىلە، يۈكسىلىش ۋە كامالەت سېنىڭ ئىلە مۇمكىن ئىدى. ھېكمەت ۋە ئېرفاننىڭ ئوچۇقى سەن ئىدىڭ. سېنىڭدە تاۋلىناتتۇق، سېنىڭدە ئۆزىمىزنى تاپاتتۇق، رەببىمىزگە يۈكسىلەتتۇق. سېنىڭ ئىلە بىز ھەقىقىي بىز بولاتتۇق. چۈنكى قۇللۇقتىن ئىستىقلالغا كۆچۈشنىڭ ماھىيىتى سەنسىز چۈشىنىلمەس. ھەقىقىي مەنىدە كۈچ نېمە ئىنسانلىق نېمە، ھايا نېمە، ئىمان نېمە، مەۋجۇتلۇق نېمە، ھاياتلىق نېمە، بارلىقىمىز نېمە، يوقلۇقىمىز نېمە، كېلەچىكىمىز نېمە ھېچبىرى سەنسىز مەزمۇن تاپماس، مەنە ياراتماس. ئۆرنەك سەندە، ئەخلاق سەندە. ئويغىنىش سەندە، كامالەت سەندە. تىرىلىش سەندە، ۋەھدانىيلىق سەندە. كۈچلىنىش سەندە، غالىبىلىق سەندە. سىر سەندە، يېشىم سەندە. يەنى ھەممىسى سېنى چۈشىنىشتە، سېنىڭ يولۇڭدا يۈرۈشتە. ھېچبىرى سېنىڭسىز ئەمەلىيلەشمەس، كامال تاپماس. ھېچبىرى  سېنىڭسىز ئېرىشىلمەس، سېنىڭسىز قىممەت تاپماس. ھېچبىرى سېنىڭ رەھبەرلىكىڭسىز ھەقىقەت تاپماس. سېنى ئارىمىزدىن تاللىغان، پەخرى كائىنات مەرتىۋىسى بىلەن سېنى بىزگە ئەۋەتكەن، بىزگە ھەدىيە قىلغان، سېنىڭ يولۇڭنى بىز ئۈچۈن ھەديى (يول) مىز قىلغان پەرۋەردىگارغا چەكسىز ھەمدۇسانالار بولسۇن!!! سېنىڭ قۇتلۇق يولۇڭنى يۈرگەن، يايغان ئەسھابى كىراملارغا، ئەتبائى ئەزىزلەرگە سالام بولسۇن! سېنىڭ ھەقىقەت سادالىرىڭغا لەببەي دېگەن، سۆزىدە ۋە تۇتۇملىرىدا سابىت قەدەملىرى بىلەن بۈيۈك بىر مەدەنىيەتنىڭ ئۇلىنى تىكلىگەن، سېنىڭ ھەق يولۇڭنى ئۆز يولى بىلگەن، سېنى سۆيگەن، سېنىڭ يولۇڭنىڭ يولۇچىلىرى بولۇشنى شەرەپ بىلگەن ئۇلۇغ ئەجدادلىرىمىزغا سالام بولسۇن! ئۇلارنىڭ ساڭا ئاتىغان كۈيلىرىگە قانداق جور بولۇشنىمۇ بىلمىگۈدەك دەرىجىدە زەئىف، ئۇلارنىڭ مىراسلىرىغا قانداق ئىگە چىقىشتىمۇ گاڭگىرايدىغان دەرىجىدە سەركەشلەشكەن بۇ كۈنلىرىمىزدە، ئۈمىدسىزلىكنىڭ بىزگە ياراشمايدىغانلىقىنى، ئۈمىدۋارلىقنىڭ ئىمانىمىز تەركىبىدىن ئىكەنلىكىنى تەلىم بەرگەن سېنىڭ ئۈگۈتلىرىڭ ئارقىلىق سېنى ئەسلىمەكتىمىز. ھېلىھەم سېنىڭ ئەسلەتكۈچى ئىكەنلىكىڭنى ئەسلىتىپ تۇرغۇچى ئىلاھىي كالام بىزگە سېنىڭ مەۋجۇدىيەت ئالىمى ئۈچۈن رەھمەت ئىكەنلىكىڭنى، زۇلمەت قۇيۇنلىرىدا بۇغۇلۇۋاتقانلارغا نۇر ۋە ئايدىڭلاتقۇچى ئىكەنلىكىڭنى، تېڭىرقىغانلارنىڭ يولىنى يورۇتقۇچى مەشئەل ئىكەنلىكىڭنى يادقا سېلىپ تۇرۇپتۇ. سېنى ئەسلەشنى كۈلتۈرىمىزنىڭ پارچىسى قىلغانىدۇق، ياتلاشقان ئاڭ، سۈنئىيلەشكەن زېھنىيەت سەۋەبلىك سېنىڭدەك ئۆلگىمىز، يولباشچىمىز بۈگۈن مىللەت ئېڭىدىن خىرەلىشىپ بارماقتا. سېنىڭ يولۇڭ سۇيىئىستېمالچىلارنىڭ، جانباقارلارنىڭ، ساپاسىز ماڭقۇرتلارنىڭ دەخلىسىدىن قۇتۇلالماي كەلمەكتە. سېنى ئەسلەشنى شەرەپ بىلىدىغان بىر مىللەتتىن، سېنى ياد ئېتىشتىن ئۆركۈيدىغان ئىككى پۇتلۇقلار توپىغا قانداق قىلىپ ئايلىنىپ قالغانلىقىمىز مۇئەمما  ۋە جاۋابقا مۇنتەزىر تېپىشماق، يېشىشكە تېگىشلىك تۈگۈن بولۇپ تۇرۇپتۇ. خەير، بۈگۈن سېنىڭ بارلىقىڭ، نېمەتلىكىڭ يەر يۈزى مىقياسىدا قۇتلۇقلىنىپ، بىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارچە ئىنسان ئەۋلادىغا تەڭرىنىڭ رەھمىتى، بۈيۈك سوغىسى، ئەلچىسى ئىكەنلىكىڭ ئەسلىنىپ تەنتەنە قىلىنىپ تۇرۇپتۇ، ھەققىڭدە مەدھىيە ۋە گۈزەل ئەسلىمىلەر خاتىرلىنىپ تۇرۇپتۇ. ئەجدادىمىزنىڭ بىر ئۈلۈش مىراسخورى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز ھەم بۈگۈن ئۇلارنىڭ تىلى ئارقىلىق سېنى كۈيلەيمىز. خۇش كەلدىڭ، ئەي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئۈممەتنىڭ ئۈلگىسى، مىللەتنىڭ غەمگۈزارى. ئاللاھ سەن ئارقىلىق تەكرار بۇ ئۈممەتنى ئىسلاھ قىلغاي! سەن ئارقىلىق قايتىدىن بۇ مىللەتنى ھەقىقەتپەرۋەرلىككە ئىنتىلگۈچى، سېنىڭ يولۇڭدا ئۆتمۈشىدە قانداق شانلىق تارىخلارنى ياراتقان بولسا، كەلگۈسىدىمۇ ئۆز ئىستىقلالىيىتىنى قايتۇرۇپ كېلىش ۋە ساڭا لايىق ئۈممەت بولۇش يولىدا تارىخ ياراتقۇچىلاردىن بولۇشقا مۇۋەپپەق قىلغاي! پۇرسەت، ئىمكانىيەتلەرنى ئاڭقىرىدىغان پاراسەت نۇرىنى زىيادە قىلغاي!!! سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم...

قوڭۇر يەر، يېشىل كۆكتە ئەردى ئەزىز،

ئاڭا بەردى تەڭرى قىممەت ئېيتقۇسىز.

بۇرۇندىن ئىدى باش پۈتۈن باشچىغا،

كېيىن بولدى تامغا پۈتۈن ساۋچىغا.

ئۇنىڭ مەن يولىغا كۆڭۈل باغلىدىم،

ئىشەندىم، سۆيۈپ ھەم سۆزىن ئاڭلىدىم.

ئىلاھا، كۆزەتكىن بۇ كۆڭلۈمنى سەن،

قوپاردا رەسۇللە قوپار مېنى تەڭ.

- يۈسۈپ خاس ھاجىب


2021-10-17

- بۇرھان مۇھەممەد


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى