ئۇيغۇردا ئەبگالىق
ئۇيغۇردا ئەبگالىق (ئەبگا ئۇيغۇرلار)
ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانى
[تەھرىر]
ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانى 1950 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى قەشقەر شەھىرىنىڭ يۇمۇلاقشە كۆلبېشى مەھەللىسىدە بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
ئۇ 1966 ـ يىلى قەشقەر ئۇيغۇر تولۈق ئوتتۈرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1972 ـ يىلى بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1975 ـ يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇتقۈچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. ئۇ 1978 ـ يىلدىن 1982 ـ يىلغىچە بېيجىڭ چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەرەب تىلى ئۆگەنگەن. 1986 ـ يىلدىن 1988 ـ يىلغىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا پارس تىلى ئۆگەنگەن. ئۇ ھازىر بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر شۈناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ مۈئاۋىن باشلىقى، پروفېسسور.
ئابدۇرەئۇپ ئەپەندى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ھەر قايسى نەشرىياتلاردا، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى»، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىن ئىلمىي ماقالىلەر»، «ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيىسى»، «ئەلىشىر ناۋائى ــ ئىككى تىل توغرۇلۇق مۇھاكىمە» قاتارلىق ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرى، «كور خېرىدار»، «تەكلىماكاندىن كەلگەن نىدا»، قاتارلىق ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەسەرلىرى، شۇنداقلا «بەيتۈللاھنىڭ تارىخى»، «ئەنگۈشتەر»، «مەخدۈم قۈلى شېئرلىرى توپلىمى»، «ئەممە پارە تەپسىرى»، «ياشلار يېتەكچىسى»، «مېۋە رىسالىسى»، «يىگىرمە ئۈچىنچى سۆز» قاتارلىق تەرجىمە ئەسەرلىرى ۋە قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب بولۇپ، جەمئىي ئون تۆت پارچە كىتاب نەشىر قىلدۇرغان بىر بىلىم ئادىمىدۇر، ۋەسسالام.
1 ـ ئەقىدىسىزلىك
[تەھرىر]ھەركىم بىلىدۇكى، ئىنسان ― تەن (بەدەن) بىلەن روھ (جان) دىن تۈزۈلگەن مەخلۇق. روھ بولمىغان بەدەن بەجايىكى بىر قۇرۇق جاھازدۇر. ئەمدى ئەقىدە بولسا، ئىنسان روھىيىتىنىڭ تۈۋرۈكى، ئىنسان ئېڭىنىڭ جەۋھىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەقىدىسىز روھ ئەمەلىيەتتە چاھارپاي روھىدۇر. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، پەقەت ئەقىدىلىك ئىنسانلا، ئاندىن يۈكسەك ئاڭ پەزىلىتى ئارقىلىق مەخلۇقاتلار سېپىدىن ئايرىلىپ چىققان ھەقىقى ئىنسان سانىلىدۇ.
ئەقىدە يەككىلىك دۇنياسىنىڭ ھاسىلى ئەمەس، بەلكى ئومۇملۇق ئالەمىنىڭ مۇبارەك مەھسۇلاتى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەقىدە ھېچقانداق بىر شەخسكە تەئەللۇق خۇسۇسىي مۈلۈك ئەمەس، بەلكى ئۇ ئومۇمغا، كوللىكتىپقا ئورتاق بولغان مەنىۋى قۇۋۋەت مەنبەسى. ئۇنى كۈندۈزدىكى پارلاق قۇياشقا، كېچىدىكى تولۇن ئايغا ئوخشاتسا بولىدۇكى، ئەقىدىلىك ئىنسانلارنىڭ قەلبى ئاشۇ قۇياش ۋە ئاشۇ ئاينىڭ سېخى نۇرى بىلەن ھەمىشە يورۇق تۇرىدۇ. ئەقىدەنى پەقەت كۆپۇل كۆزى بىلەنلا كۆرگىلى بولىدىغان خاسىيەتلىك رىشتە دېسە بولىدۇكى، ئەقىدىلىك مىللەتنىڭ قەلبى ئاشۇ خاسىيەتلىك رىشتە شاراپىتىدىن بىر ـ بىرىگە ھەر دايىم چىڭ باغلانغان بولىدۇ.
ئەقىدە ― سەن، مەن، ئۇ، يەنى بىزنىڭ ئۆز ئارا بىر ـ بىرىمىزگە ئىشىنىشىمىزنى، بىر ـ بىرىمىزگە چىنپۈتۈشىمىزنى، بىر ـ بىرىمىزنى ئۆز ئارا قوللىشىمىزنى مىزان يادروسى قىلىدۇ. ئۇ ـ سەن، مەن، ئۇ، يەنى بىزنىڭ ئوتتۇراق ئىستەك، ئوتتۇراق غايىمىزنى كۈرەش نىشانىسى ۋە مەقسەت مەنزىلى قىلىدۇ. ئەگەر سەن ماڭا ئىشەنمىسەڭ، مەن قوپۇپ سەندىنمۇ، ئۇنىڭدىنمۇ گۈمانلانسام، بىز ئۇچىمىزنىڭ جانىجان مەنپەئىتىمىزگە تەئەللۇق ئىشتا، ئۇچىمىز ئىشنى ئۇچ تەرەپكە تارتساق، تەبىئىيكى مەسىلە ھەل بولمايدۇ. ئەجەللىك يېرى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە، سەن بىزگە تەئەللۇق مەنپەئەت باشقىلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كېتىدۇ، سەن بىز بولساق، ھەقلىق نېسىۋىمىزدىن ئايرىلىپ، ئاشۇ روۋۇك پېتى قېلىۋېرىمىز.
ئەڭ مۇھىمى، ئەقىدە ئىنسانىيەت مۇئەييەن توپىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتى ئاساسىغا قۇرۇلغان بولىدۇ. ئىسلام دىنى ئۇنىڭ ئەھلى ئۈچۈن بىر خىل يۈكسەك ئەقىدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆز زامانىسىدىكى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ياشىغۇچى ئەرەب مىللىتىنىڭ جىددى ئېھتىياجى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. ماركسىزم بولسا، پرولىتارلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنى ئۇل قىلىپ بەرپا قىلىنغان. دەرۋەقە كېيىنچە، مىللەت ئايرىمىسى خىلمۇ خىل بولغان قەۋملەر ئۆز ۋاقتىدا ئەرەبلەرنىڭ توغرا يولغا يۈزلىنىشى ۋە ئىسلاھاتى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئىسلام ئەقىدىلىرىنى بەزىلىرى قىلىچتىن قورقۇپ، بەزىلىرى ئاڭلىق ھالدا قوبۇل قىلىپ، ئەرەبلەرگە ئەقىدىداش مۇسۇلمان (ئىسلامغا ئەقىدە قىلغۇچى) لاردىن بولغان. ئۇيغۇرلارمۇ شۇلار جۈملىسىگە كىرىدۇ.
بىراق ئەبگالىق ئىللىتى ۋۇجۇدىنى چىرماپ كەتكەن ئۇيغۇرلاردا ئەقىدە بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ «ئەلھەمدۇ لىللاھ مەن مۇسۇلمان» دېگەنلىرى يالغان. بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ «ناماز ئوقۇش كونىلىق بولىدۇ» دېگەن زامانلاردا، مەھەللىسىدىكى مەسجىدلەرنى تاقاپ، ئۇنى ئەسكى ـ تۈسكىلەرنى قويىدىغان ئامبار قىلغانلىقى پاكىت. ئۇلارنىڭ «مەن ماركسىزمچى، كوممۇنىستمەن» دېگەنلىرىمۇ كاززاپلىق. بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ياش ۋاقتىدا كادىر بولۇپ، ناماز ئوقۇغان ئۇيغۇرنىڭ ساقىلىنى يۇلۇپ، نامازغا ئەزان ئېيتقان مۇسۇلماننىڭ قۇلىقىغا مۇشتلاپ، ھاياتىي كۈچى بار ئۆمرىنى ئاۋام خەلقنى قاقتى ـ سوقتى قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن تۇرۇقلۇق، ئەمدىلىكتە بىر يۇمۇلىنىپلا تەقۋادار مۇسۇلمان قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، مەسجىد جامائېتىنىڭ قاتارىغا قوشۇلىۋالغانلىقى، ساقاللىرىنى ئۇزۇن قويىۋېتىپ، قوللىرىدىن تەسۋىنى چۈشۈرمەي «سۇبھانەللاھ» دېيىشىپ يۈرگىنى، شۇنداقلا ئۆز زامانىسىدا ئاۋامنىڭ يىلىكىدە سۇ ئىچىپ يۈرۈپ توپلىغان پۇل بىلەن مەككە ـ مەدىنەنى تاۋاپ قىلىپ «ھاجى ھەرەم» بولىۋاتقانلىقى شاھىت. ئۇلارنىڭ «مەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان كادىرمەن» دېگىنى ئالدامچىلىق. چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبى ئۆز خەلقى ئۈچۈن يورۇيدىغان ئەقىدە چىرىغىدىن مەھرۇم. ئۇيغۇرلار قەلبى ئەقىدە چىرىغىدىن مەھرۇم ئادەمنى «كۆڭلى قارا ئادەم» دەيدۇكى، قارا كۆڭۇل ئادەملەرنىڭ دىلىدا زۇلمەتكە غەرق بولغان يېگانە «مەن» دىن ئۆزگە ھېچكىم بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ كۈنى ئەمەتنى قانداق يىقىتىش، سەمەتنى قانداق يوقىتىشنىڭ كويىدا، يەنى قانداق قىلىپ ئۆز قېرىنداشلىرىغا ـــ ئۇيغۇرغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ كويىدىلا ئۆتىدۇ. مانا بۇ ــ 21 ـ ئەسىرگە كىرىش ئىشىكىدە تۇرغان بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بولىۋاتقان ئەھۋال!
دەرىخا! پاكىتلىق ساۋاق شۇكى، ئەقىدىسىز ئەلدە شەخسىيەتچىلىك يامراپ كېتىدۇ. ئەقىدىسىز ئەلدە، گۇمانخورلۇق، ساتقىنلىق قايناپ كېتىدۇ. ئەقىدىسىز ئەلنىڭ شانلىق تارىخىمۇ، پارلاق ئىستىقبالىمۇ بولمايدۇ.
كېلەچەكشۇناس ئالىملارنىڭ گويا بىردەك قارىشى شۇكى، 21 ـ ئەسىر پەن ـ تېخنىكا يۈكسەك تەرەققى قىلغان، مەدەنىيەت يۈكسەك تەرەققى قىلغان، دېموكراتىيە يۈكسەك تەرەققى قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، پەن ـ مەدەنىيەت جەھەتتىكى رىقابەتمۇڭ ئەڭ ۋايىغا يەتكەن ئەسىر بولىدۇ. 21 ـ ئەسىردە كىمنىڭ پەن ـ تېخنىكىسى ئۇستۈن، كىمنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى يۇقىرى بولسا، شۇ كۈچلۈك بولىدۇ. كىم ئۆز مىللىتىنىڭ، ئۆز خەلقىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان ئىلغار ئەقىدىگە ئىگە بولسا، شۇ مۆھتەرەم، شۇ ئېتىبارلىق بولىدۇ.
سەنمۇ ئادەم ئاتامنىڭ ئەۋلادى، سەنمۇ ھاۋا ئانامنىڭ يۈرەك باغرى، ھالبۇكى سەنمۇ ئۆزەڭنى قەدىرلە، ئۆزەڭنى سۆي، ئۆزەڭگە ئىشەنچ قىل. بىلگىنكى، ھەرقانداق مەۋجۇدات مۇئەييەن قىممەت بىلەن قەدىرلىك. ئىنسانمۇ شۇنىڭغا تەئەللۇق. سېنىڭ قىممىتىڭ بولسا قەدىرلىك يارسەن، ئەگەر قىممىتىڭ بولمىسا، قەدىرسىز خارسەن. قەدىرسىزلىك، خارلىق ساڭا ۋە ماڭا ھەرگىز خاس ئەمەس! شۇنداق ئىكەن، قەددىڭنى كۆتۈر، ئەتراپىڭغا قاراپ باق، قەلبىڭگە ئەقىدە چىرىغىنى ياق! مانا بۇ ـــ نۈسرەت قەدىمىنىڭ ئىپتىداسى، غالىپ ۋە مەنىلىك ھاياتنىڭ بىسمىللاسى.
دوپپاڭنى ئالدىڭغا ئەپقويۇپ تۇرۇپ، ئوبدان ئويلان، ئەبگا!
2 ـ ئىناقسىزلىق ۋە ئىپتىدائى مەھەللىۋازلىق
[تەھرىر]ئادەمى ئېرسەڭ دېمەگىل ئادەمى،
ئانىكىم خەلق غەمىدىن يوقتۇر غەمى.
― ئەلىشىر نەۋائى
ئۇيغۇر پىسخولوگىيىسى ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ ئىزدىنىۋاتقان بەزى ئالىملار «ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنچە ياۋاش ۋە مۇنچە ساددا بولۇشى ئۇلارنىڭ ھەمىشە قوي گۆشى يەيدىغان ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن» دەپ قارىماقتا. مېنىڭچە بۇ خىل قاراشنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى يەر شارىدا ئىنساننىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭ روناق تېپىشى ئۇنىڭدىكى سۇ، ھاۋا ۋە كۈن نۇرى قاتارلىق تەبىئى مۇھىت بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. تەبىئى مۇھىتى ۋە جۇغراپىيىلىك ماكانلاشقان ئورنى ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەرنىڭ پىسخىكىسىدا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەر مەۋجۇد. مەسىلەن، تاغلىقلاردا تاغ پىسخىكىسى، چۆل ـ باياۋانلاردا ياشايدىغانلاردا چۆل پىسخىكىسى، دەريا ـ دېڭىز بويلىرى ۋە تۈزلەڭلىكلەرنى ماكان قىلغانلاردا بولسا، شۇ كونكرېت مۇھىت شەكىللەندۈرگەن خاس پىسخىكا بولىدۇ. ئەمدى كۈندە ئۇچ ۋاخ ئىستېمال قىلىنىدىغان يېمەكلىكلەردىكى پەرقلەرمۇ ئىنساننىڭ پىسخىكىسىدا مۇئەييەن ئىزلارنى قالدۇرماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىسلام شەرىئىتى ئىجازەت بەرگەن ئاچا تياق جانۋار كالىنىڭ گۆشىنىمۇ «تەبىئىتى سوغۇق، ئادەمگە سوغۇق كېلىدۇ» دەپ يەكلەپ تۈزۈك يېمەيدىغان، يىل ئون ئىككى ئاي ئاساسەن قوي گۆشى بىلەنلا ھەپىلىشىدىغان ئۇيغۇرغا قوي مىجەزىنىڭ سىپىپ قېلىشىمۇ ئابايقى گەپ. بىراق خۇدا بىلىدۇ، ئەبگا ئۇيغۇرغا ئاشۇ جانۋار قوينىڭ ئەڭ مۇبارەك خۇسۇسىيىتى ھېسابلىنىدىغان ئۆملۈك، ئىناقلىق خىسلىتىنىڭ مۇتلەق سىڭمىگەنلىكى ئىنساننىڭ ئەقلىنى لال قىلىدۇ. ئالايلۇق، تۆت توڭگۈزنى باققىلى ئېلىپ چىقسا، ئېغىلدىن چىقىپلا تۆتى تۆت تەرەپكە پىتىراپ كېتىدۇ. بىراق ئوتتۇز قوينى بىر كىچىك بالا دەلنەزى باقالايدۇ. چۈنكى قوي دېگەن بىر ـ بىرىگە ئەگىشىدۇ، توپ ئوتلايدۇ. ئەڭ ئەھمىيەتلىك يېرى شۇكى، نىسبەتەن چېچىلىپ ئوتلاۋاتقان قويلار ئەگەر بۆرىنىڭ ۋەھىمىسىنى سەزسە، دەرھال «دۈررىدە» كېلىپ، بىر جايغا مەھكەم توپلىشىۋالىدۇ ــــ شۇ يۇۋاش، ساددا قويمۇ ئۆم بولۇپ، ئۇيۇشۇپ تۇرۇپ، بۆرىنىڭ ھۇجۇمىنى تار ـ مار قىلىدۇ! بىراق ئەبگا ئۇيغۇردا ئۆملۈك، ئىناقلىق ھۇجەيرىسى كەم ياكى تەرەققى قىلمىغان بولغاچ، ئۇلار ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆملۈكتە ئۆزلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىشنى بىلمەيدۇ. نەتىجىدە خۇددى توپتىن ئايرىلغان قوي بۆرىگە يەم بولغاندەك تەقدىرگە ئۇچراڭلا تۇرىدۇ.
تارىخ كىتابلىرىدا قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئۇچقاندەك ئالغا كېتىۋاتقان ئات ئۈستىدە مەزمۇت ئولتۇرۇپ، گاھى ئاتنىڭ قورسىقىغا شۇڭغۇپ تۇرۇپ، ئوقيانى ئالدى تەرەپتىكى نىشانغا قانداق دەل تەككۈزسە، بەل ئۈستىنى «شاپپىدە» كەينىگە بۇراپلا ئوق ئۈزۈپ، ئارقا تەرەپتىكى دۈشمەننىمۇ تىك موللاق چۈشۈرىدىغان جەڭگىۋار مىللەت ئىدى دەپ تەرىپلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆم ـ ئىناقلىقى ھەققىدىمۇ مۇنداق بىر يارقىن رىۋايەت ئەلمىساقتىن بۇيان، ئېغىزدىن ـ ئېغىزغا، كىتابتىن ـ كىتابقا كۆچۈپ، داستان بولۇپ كېلىۋاتىدۇ: «ئۇيغۇرنىڭ مەئناسى بارچەغە مەلۇم ياپۇشقۇچى مەئناسىدادۇر. مەسىلەن، ئايتەلەر سۈت ئۇيۇدى دېپ. سۇيۇق ھالدا بىرسى بىرسىندىن ئايرىلە ئىدى. قاتىق بولغاندان سوڭ بىرى بىرىنە ياپۇشدى ۋە دەخى ئايتەلەركى ئىمامغە ئۇيۇدى. ئىمام ئوتۇرسا ئوتۇرار، تۇرسا تۇرادۇر بەس، ياپۇشقانى بولماي مى؟ ئانلار كەلىپ ئوغۇزخاننىڭ ئېتەكىنە قوللارى ئىلەن مۇھكەم ياپۇشقاچ، خان ئانلارغە «ئۇيغۇر» دەدى، ياپۇشقۇچى دېگەن سۆزدۇر» («ئۇيغۇر» نىڭ مەنىسى ھەممىگە ئايان بولغىنىدەك، «يېپىشقۇچى» دېگەن بولىدۇ. مەسىلەن، سۇت ئۇيۇدى دېگەنگە ئوخشاش. سۇيۇق ھالدا بىرسى بىرسىگە ھىملەشمەي تۇرغان نەرسە، قاتقاندىن كېيىن بىر ـ بىرىگە يېپىشىدۇ. يەنە تېخى «ئىمامغە ئۇيۇدى» دېگەن گەپمۇ بار. ئىمام ئولتۇرسا ئولتۇرىدۇ. تۇرسا تۇرىدۇ، بەس. مانا بۇ يېپىشقىنى بولماي نېمە؟ ئۇلار كېلىپ ئوغۇزخاننىڭ ئېتىكىگە قوللىرى بىلەن مەھكەم يېپىشقاچ، خان ئۇلارنى «ئۇيغۇر» دېگەن. بۇ «يېپىشقۇچى» دېگەن سۆزدۇر.) [ قاراڭ: ئەبۇلغازى بەھادىرخان يازغان «شەجەرەئى تۈرك» (تۈركىي خەلقلەر شەجەرىسى) 11 ـ بەت، قازان ئۇنىۋېرىستېتى نەشرىياتى 1891 ـ يىل نەشرى ]. دېمەككى، ئۇيغۇرلار ئەسلىدە ئۆم ـ ئىناق بولغاچ، «بىر ـ برىگە يېپىشىپ ئۇيۇيدىغان»، «ئۇيۇشقاق خەلق» مەنىسىدە «ئۇيغۇر» دەپ ئاتالغان. ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا، ئام ـ ئىناقلىق ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تىپىك پەزىلىتى ۋە يۈكسەك خىسلىتى ئىدى. ئۇزاق قەدىمدىكى ئۇيغۇرلار پەقەت ئۆم ـ ئىناق ۋە ئۇيۇشقاق بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئاشۇنداق جەڭگىۋار مىللەت بولۇپ شەكىللىنىپ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە بۇيۈك قاراخانىيلار زامانىسىدىكىدەك شانلىق مەدەنىيەت دەۋرىنى بەرپا قىلالىغان.
ۋاھالەنكى كېيىنكى چاغلاردا، خېلى بىر بۆلەك ئۇيغۇرلارغا ئۆز يۇرتلىرىنى ئوراپ تۇرغان تەكلىماكاندىكى قۇمنىڭ خۇسۇسىيىتى سىڭىپ قالغاچقا، ئۇلار ئۆملۈك، ئىناقلىق ئەنگۈشتىرىنى يوقىتىپ قويغان. نەتىجىدە تەدرىجى ئەبگالىشىپ، بۈگۈنكىدەك ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى ئۆزئارا ئۆم ـ ئىناقلىقتا بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ، بىر ــ بىرىنى قوللىشىش بىلەن ئەمەس، بەلكى دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۆزئارا ھەسەتخولۇق قىلىش، بىر ـ بىرىنىڭ كۆتىنى كولاش، بىر ـ بىرىنى ھۆل خىشقا دەسسىتىش، كادىرى پۇقراسىنى ئالداش، شەھەرلىكلىرى يېزا ـ سەھرالىقلىرىنى گوللاش، مەست بولغاندا ھال ئوقۇپ دەرتلىشىش، يېشىلگەندە بىر ـ بىرىنى داۋاملىق قەستلىشىش بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ قالغان.
يەككە ـ يەككە ئىناقسىزلىقنى ئازدەپ، توپلىشىپ ئىناقسىزلىق قىلىشنىڭ مودا بولۇپ قېلىۋاتقىنىغا ئەييۇھەنناس! ئالايلۇق، يۇرتۋازلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى تەرەققىي قىلىپ تازا قىيامىغا يەتكەن بىر جاھىل ئىللەت. ئۇنى «ئىتتىپاقلىشىش، ئۆز ئارا قوللىشىش» دەپ پەدەزلەۋاتقان ئەبگالارغا لەنەت!
سەمىمىيەت بىلەن ئېيتقاندا، يۇرتۋازلىق ھازىرقى زامان مىللەتلىرى تېخى رەسمىي مىللەت بولۇپ شەكىللەنمىگەن چاغلاردىكى ئىپتىدائى مەھەللىۋازلىقنىڭ قالدۇقى؛ ئوتتۇرا ئەسىر قالاقلىق ۋە قاششاقلىق ھارۋىسىنىڭ ئەبجەق جابدۇقى. ئىپتىدائى مەھەللىۋازلىقنى دۇنيا مىللەتلىرى ئۆز ئېڭىدىن چىقىرىپ تاشلىۋەتكىنى نەۋاخ؛ بىز ئۇيغۇرلار ئۇنى ئومۇملاشتۇرىۋاتىمىز تىخى باشتىن ئاياغ. يىگىرمە ـ ئوتتۇز يىلنىڭ ئالدىدا، «شىماللىق» ۋە «جەنۇبلۇق» دەپ ئىككىگىلا ئايرىش بار ئىدى. ھازىر جەنۇبلۇقلار يەنە ئاقسۇلۇق، كاشغەرلىك ۋە خوتەنلىك دەپ ئايرىلىدىغان، كاشغەرلىكلەر يەنە ئۆز ئىچىدىن قاغىلىقلىق، پوسكاملىق ۋە يېڭىسارلىق دەپ تۈرلىنىدىغان بولىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئايرىش بۇرۇن ئاۋاملار ئارىسىدا كۆپرەك ئىدى. شۇڭا، ئۇنىڭغا باھانە كۆرسىتىپ: «پۇقرالىرىمىزنىڭ ئاڭ ــ سەۋىيىسى تۆۋەن» دەيتتۇق. ھازىر بولسا، بۇ بىر قىسىم كادىرلارنىڭ دەۋران سۈرۈش ۋاسىتىسى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئەمدى، بۇنىڭغا نېمە دەپ باھانە كۆرسىتەرمىزكىن؟ بولدى، باھانە كۆرسەتمەيلى، گەپنىڭ پوسكاللىسىنى ئېچىپلا دەيلى ــ بۇ دەل قىسمەن ھەر دەرىجىلىك كادىرلىرىمىزنىڭ بارغانسېرى ئەبگالىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ روشەن دەلىلى!
زىيالىلار قوشۇنى ئىچىدىكى مەھەللىۋازلىق ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرىدۇ، قۇسقۇسىنى كەلتۇرىدۇ. ھېكايەت، مەلۇم بىر ئىدارىنىڭ يېڭىدىن تەشكىللەنگەن بىر بۆلۈمىگە يۇقىرىدىن بەش شىتات بېرىلگەن بولۇپ، ھايت ــ ھۇيت دەپ بولغىچە، بۆلۈم باشلىقى ئۆزى بىلەن يۇرتداش بولغان ئۇچ ئادەمنى مۇقىملاشتۇرۇپ بولغان. نەتىجىدە ئاممىنىڭ بۇنىڭغا پىكرى چىققان، چوڭ باشلىقنىڭمۇ سەل خۇيى تۇتقان. شۇڭا بەشىنچى شىتات ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، شۇ بۆلۈم خىزمىتىگە تازا باب كېلىدىغان، بىراق بۆلۈم باشلىقى بىلەن يۇرتداش بولمىغان بىر ياشنى بەرگەن. ئۆز كەسپىگە ماس خىزمەت ئورنىغا ئىگە بولغانلىقىدىن خۇشال بۇ ياش بۆلۈمگە ئەتىگەن كېلىپ، كەچ قايتىپ، خىزمەتلەرنى شۇنچە جانپىدالىق بىلەن ئىشلىسىمۇ، بۆلۈم باشلىقى تۇخۇمدىن تۈك ئۇندۈرۈپ، ئۇنى سېسىق گەپلەر بىلەن ئەيىبلەپ خاپا قىلغان. بۇنى ئاز دەپ، ئۇدا بىر نەچچە كۈنگىچە كۆپچىلىكنىڭ ئالدېدىلا بۆلۈمنىڭ بۇلۇڭىدىكى تۈكۈرۈك قاچىسىنىڭ لېۋىگە قوندۇرۇپ ساپ ـ سېرىق خەپرۈك تۈكۈرۈپ، ھېلىقى غەيرى يۇرتداش ياش بالىنى «تۈكۈرۈك قاچىسىنى يۇيۇپ كىر» دەپ بۇيرىغان. ياش بالا ئۇن ـ تىنسىز ئۇنى يۇيۇپ كىرگەن. يەنە بەش ئون مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن بۆلۈم باشلىقى ئۇ ئىپلاس قىلىقىنى يەنە تەكرارلىغان. غەيرى يۇرتداش ئۇيغۇر ئاشۇنداق خارلانسا، يۇرتداشلار بىر تەرەپتە «خىر ـ خىر» كۈلۈشۈپ ئولتۇرغان. شۇنداق قىلىپ ئۇ بۆلۈم باشلىقى مەزكۇر غەيرى يۇرتداش بالىنى دوكلات يېزىپ، باشقا بۆلۈمگە يۆتكېلىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان. كېيىن باشقىلار ئۇ بۆلۈم باشلىقىدىن بۇ ئىشنىڭ ئۇجۇر ـ بۇجۇرىنى سۈرۈشتۈرگەندە، جانابى بۆلۈم باشلىقى ھېچبىر خىجىل بولماستىن: «نېمىشقىدۇر مېنىڭ كۆزۈمگە باشقا يۇرتلۇقلار زادىلا سىغمايدىكەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. يەنە ھېكايەت، مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپتە فىلولوگىيە پەنلىرى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان بىر ئۇرۈمچىلىك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى، ئىككى يىل ئوقۇب بولغاندىن كېيىن يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭدىن ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىسېرتاتسىيە ماقالىسىنىڭ ماۋزۇسىنى مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇ «تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ ئاپتورى ۋە ئۇنىڭ يۇرتى توغرىسىدا ئىزدىنىش» دېگەن بىر ماۋزۇنى سۇنغان. ئۇستازى ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن بۇ ماۋزۇ ھەققىدە يازىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ: «خەقلەر، مەھمۇد كاشغەرى، مەھمۇد كاشغەرى، دېسە، قۇلىقىمغا مۇشت ئۇرغاندەك ئاڭلىنىدۇ. مەن ئۇ ئادەمنى كاشغەرلىك ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئۇرۈمچىلىكمىكىن دەپ ئويلايمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇنىڭسىزمۇ شىماللىق ئۇيغۇر شائىر تېيىپجان ئېلىيۇپنىڭ نامايەندە شېئىرى «تۈگىمەس ناخشا» نى جەنۇبلۇق شائىرلار «ئۇ شېئىر ئەمەس، بەلكى ئىككى ئېغىزلا گەپ» دەپ قەستەن چۈشۈرۈپ ماقالە يازىدىغان، جەنۇبلۇق ئالىم موللا مۇسا سايرامى ۋە نىم شەھىد ئارمىيە ئېلىلەرنىڭ تۇپراق بېشىغا بولسا، شىماللىق ئەدىبلەر يولاپمۇ قويمايدىغان ئەھۋال بىر قىسىم زىيالىلىرىمىز ئارىسىدا غەيرى ھال ھېسابلانمايدىغۇ؟!
دەرۋەقە، يۇرتداشلار بىر يەرگە كەلسە، ھېلىقى تونۇش تار كوچىنىڭ دوقمۇشى ۋە ھېلىقى دوڭغاق سۆگەتنىڭ يېنىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان ئۆستەڭنىڭ سۈيى ھەققىدە مەھەللىۋى تەلەپپۇز بىلەن بىردەم ـ يېرىمدەم كاسىلدىشىۋالسا، ئادەم خېلى پۇخادىن چىقىپ قالىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يۇرتداشلارنىڭ ئۆز ئارا ئىزدىشىشى ۋە بىرگە ئولتۇرۇپ ـ قوپۇش قىلىشىنى ئاداققى ئەيىبلىك ئىش دېگىلىمۈ بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. بىراق يۇتداشلار ئارىسىدىكى يېقىنچىلىقنى سىياسى سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ، خىزمەت مەيدانىدا ھېچقانداق بىر ئىقتىدار ئۆلچىكى يوق مەھەللىۋى مەزھەب بولۇپ ئۇيۇشۇۋالسا، ئۇ ئاقىۋەتتە پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىللەت تۈگۈنى بولۇپ قالىدۇ. مېنىڭچە يۇرتۋازلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سىياسى گەۋدىسىگە چىققان بىر خىل ئۆسمە. ھالبۇكى ئۇنى پەقەت ئۆز ۋاقتىدا كېسىپ تاشلىغاندىلا، ئاندىن جەمئىيەتنىڭ نورمال تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
خوش، ئەبگالىق ئىللىتىگە ئەسىر بولغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار زادى نېمە ئۈچۈن ئۆز ئارا ئىناقلىشالمايدۇ؟ نېمىشقا بىر ـ بىرى بىلەن چىقىشالمايدۇ؟ مېنىڭچە بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ، بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز تونۇش جەھەتتە، ئەجدادلىرىمىز ئەسىرلەر مابەينىدە ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن تەۋەررۇك ئاڭ ــ ئوتتۇراق مەنپەئەت ۋە بىر پۈتۈن گەۋدە ئېڭىغا ئۇزۈل ـ كېسىل خىيانەت قىلغان. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلاردا ئىچكى ئىتتىپاقلىقنىڭ بۇ دەرىجىدە ناچار بولۇشى ئۇلاردا ئوتتۇراق مەنپەئەت ئېڭى ۋە بىر پۈتۈن گەۋدە ئىدىيىسىنىڭ يوقلۇقىدىن بولىۋاتىدۇ.
روناق تېپىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ئەمەلىيىتى بېرىۋاتقان پاكىتلىق ساۋاق شۇكى، مەيلى قانداق قەۋم، قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر ئۇ مەنمۇ گۇللىنەي، تەرەققى قىلىپ باشقا ئەللەر قاتارىدا يۈكسەك مەدەنىي ھايات باياشاتلىقىنىڭ پەيزىنى سۈرەي دەيدىكەن، ئۇ ئالدى بىلەن ئۆز ئېڭىدا، ئۆز قەۋمى، ئۆز مىللىتىنىڭ جامائىتى ئۈچۈنلا تەئەللۇق بولغان ئوتتۇراق مەنپەئەت ۋە بىر پۈتۈن گەۋدە قارىشىنى ئەبەدىيلىك قىلىپ تۇرغۇزۇشى لازىم. ھېكايەت، گېرمانىيىدە ئەخلەت تۆكىدىغان جاي ئاھالىلار ئولتۇراقلاشقان بىنالاردىن خېلىلا يىراقتا بولىدىكەن. ئاھالىلار ئۆز ئۆيلىرىدىن چىقىدىغان كۈندىلىك ئەخلەتنى ئاشۇ خېلى يىراق جايدىكى ئەخلەتخانىغا ئۆزلىرى ئاپىرىپ قويىدىكەن. كىشىگە تەنبىھ بولىدىغان يېرى شۇكى، ئۇلار ئەخلەتنى قارا ـ قويۇق پوملاپلا تاشلاپ قويماستىن، ئۆزلىرى ئۇلارنى تۈرلەرگە ئايرىپ، مەسىلەن، سەي ـ كۆكتات ئېشىندىلىرى ۋە مېۋە ـ چىۋە شۆپەكلىرىنى ئايرىم، قەغەزلەرنى ئايرىم، تۆمۈر بوتۇلكىلارنى ئايرىم ۋە ئەينەك بوتۇلكىلارنى ئايرىم قىلىپ، خاس خالتىغا چىرايلىق قاچىلاپ، ئاندىن ئاپىرىپ قويىدىكەن. بۇ ھالنى كۆرگەن زىيارەتچى ئۇلاردىن: «ئەخلەتخاناڭلارنىڭ يېنىدا، ھەممىنى پوملاپلا تاشلىدىڭ، دەپ تۇتىۋالىدىغان ساقچىلارغۇ كۆرۈنمەيدۇ. ھالبۇكى مۇنچىۋالا زىللىق قىلىپ نېمە قىلىسىلەر؟» دەپ سورىغاندا، ئۇلار تولىمۇ تەبىئى قىياپەتتە: «بۇ ئەخلەتلەر ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىغا بارغاندا، ھامىنى تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ. ھالبۇكى ئەگەر بىز تۈرلەرگە ئايرىپ بەرسەك، ھۆكۈمەتنىڭ ئەخلەتلەرنى تۈرلەرگە ئايرىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان سەرپىيات ۋە ئاجرىتىدىغان خىراجىتىنى تىجەپ قالىمىز. بۇ ئەمەلىيەتتە ھەممىمىز ئۈچۈن پايدا. ئەڭ مۇھىمى ئاشۇ پايدا، ئاشۇ مەنپەئەتتە بىزنىڭمۇ تېگىشلىك نېسىۋىمىز بار» دەپ جاۋاب بەرگەن. يەنە ھېكايەت، ياۋرۇپادا ئىشلەمچى بولۇپ يۈرگەن تۈركلەر يىلدا بىر قېتىم تۈركىيىگە قايتىپ، ھۆكۈمەتكە شەخسى تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى لازىمكەن. ھەۋەس قىلىشقا تېگىشلىك ئاڭ شۇكى، ئۇلاردىن ھېچكىم بۇ باجدىن قېچىپ چەتئەللىك بولىۋالمايدىكەن. ھەر يىلى بەلگىلەنگەن مۆھلەتنىڭ دەل ئۆزىدە، كېلىشلىك باجنى ئاشۇرۇپ تاپشۇرسا تاڭشۇرىدىكەنكى، ھەرگىزمۇ كەم تاپشۇرمايدىكەن، باج ئوغۇرلىمايدىكەن، ھۆكۈمەتنى ئالدىمايدىكەن. نېمىشقا؟ ھۆكۈمەتنى ئالدىساق، ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزنى ئالدىغان، ئۆزىمىزنىڭ ئېشىمىزغا ئۆزىمىز توپا سالغان بولىمىز دېگەن تونۇش ئۇلارنىڭ كاللىسىدا خۇددى ئوچۇق ئاسماندىكى كۈندەكلا روشەنىكەن. مانا بۇ ــــ ھازىرقى مىللەتلەرنىڭ ئوتتۇراق مەنپەئەت ۋە بىر پۈتۈن گەۋدە ئېڭىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى تەبىئىي ئىنكاسى!
دۇرۇس، سەن قانۇن جەھەتتە، مۇستەقىل بىر ئىنسانسەن. شۇڭا، قانداق ياشاش سەندىكى دەخلى تەئەررۇزسىز ھوقۇق. بىراق سېنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇرنىڭ شەنىنى بۇلغاشقا مۇتلەق ھەققىڭ يوق. چۈنكى سەن ئالدى بىلەن بىر ئۇيغۇرسەن، ھازىرقى جۈڭگو نوپۇس دەپتىرىدە، يەتتە مىليون ئىككى يۈز ئون تۆت مىڭ تۆت يۈز ئوتتۇز سەككىز سانىلىۋاتقان (1990 ـ يىلىدىكى سان) ئۇيغۇرنىڭ بىر نەپىرىسەن. دېمەككى، سەن ئۇنداق يەككە ــ يېگانە، يېتىم ــ يېسىر بىر ئىنسان ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى، «ئۇيغۇر» ئاتلىق بۇ بىر پۈتۈن گەۋدىنىڭ بىر ھۇجەيرىسىسەن. ھالبۇكى، سەن ئۇيغۇر گەۋدىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن مەۋجۇت. ئۇيغۇر گەۋدىسى نابۇت بولسا، سەنمۇ بولىسەن نابۇت. بىر پۈتۈن ئۇيغۇر گەۋدىسى كۈچلۈك بولسا، سەنمۇ كۈچلۈك، ئۇيغۇر گەۋدىسى ئاجىز بولسا، سەنمۇ ئاجىز روۋۇك. بۇ يەردىكى كۈچلۈك ۋە ئاجىزلىقنى بەلگىلەيدىغان نەرسە، پۈتكۈل ئۇيغۇر گەۋدىسىنىڭ قۇۋۋەت مەنبەسى ۋە جان تومۇرى بولغان ئوتتۇراق مەنپەئەت، ئەلۋەتتە!
سەندە ئورتاق مەنپەئەت ئېڭى تۇرغۇزۇلغاندىلا، ئاندىن ئۆزى ئۈچۈن ئوتلىغان ئېشەكتەك ئۆزەڭنىڭ گېلى ۋە ئۆزەڭنىڭ ئەمىلىنىڭ كويىدىلا سوكۇلداپ يۈرىدىغان بىچارە ھالەتنى ئۆزگەرتەلەيسەن؛ ئورتاق مەنپەئەت ئېڭى بولغاندىلا، ئاندىن شەخسى مەنپەئەتتىن كېچەلەيدىغان، ئۆز نەپسىڭنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە باشقا قېرىنداشلىرىڭ ئۈچۈن ئۆز كۈچۈڭنى ۋە زېھنىڭنى بېغىشلىيالايدىغان بولىسەن. سەندە بىر پۈتۈن گەۋدە ئېڭى تۇرغۇزۇلغاندىلا، ئاندىن ئەمەتنىڭ ئەمىلى سەندىن يۇقىرى بولۇپ كەتسىمۇ خاتىرجەم ئۇخلىيالايدىغان، سەمەتنىڭ سىيىرى سېنىڭكىدىن ئوشۇق موزايلىسىمۇ خۇيۇڭ تۇتۇپ قالماي خوشال يۈرەلەيدىغان بولىسەن. ئەڭ مۇھىمى، سەندە بىر پۈتۈن گەۋدە ئېڭى تۇرغۇزۇلغاندىلا، ئاندىن مەيلى گۇاڭجۇ، مەيلى شاڭخەي ۋە مەيلى ئىستانبۇل ياكى بېرلىندە بولساڭمۇ، يۈرىكىڭ سېلىپ كەتمەي، «مەن ئۇيغۇرمەن» دېيەلەيدىغان، ئۆز ۋەتىنىڭ، ئۆز خەلقىڭنىڭ غېمىنى ئۆز غېمىڭ بىلىپ يېيەلەيدىغان بولىسەن.
يەكۈن شۇكى، ئورتاق مەنپەئەت ۋە بىر پۈتۈن گەۋدە ئېڭى يوق ئەلدە، ئۆملۈك، ئىناقلىق بولمايدۇ. ئۆملۈك، ئىناقلىق يوق يەردە، بىچارىلىكتىن باشقا نەرسە مەۋجۇت بولمايدۇ.
بىچارىلىك ساڭا باقىمەندىمۇ، ئويلان،
3 ـ ساتقىنلىق ۋە مۇناپىقلىق
[تەھرىر]يولۇڭنى تۈزەتكىن، خۇي پەيلىڭ تۈزەت،
بول ئىككى جاھاندا تۆردە ئولتۇرا.
(يۇسۇپ خاس ھاجىپ: «قۇتادغۇبىلىك» 6641 ـ بېيت)
ساتقىنلىق ــ ئەبگالىقنىڭ يەنە بىر ئالامىتى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى روناق تاپقۇزمايۋاتقان ئەڭ ئەجەللىك ئىللەتلەرنىڭ بىرى. ھېكايە، ۋەتەنپەرۋەر شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىپتىخارى، غۇرۇرى. ئۇ ئۆزىنىڭ مەھەللىسىدىكى ئۆزى بىلەن بىر تىلدا سۆزلەيدىغان، ئۆزى بىلەن بىر دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئىنسان روزى موللىنىڭ ساتقىنلىقى بىلەن ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھەپسىگە ئېلىنىپ، 1933 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى پاجىئەلىك ھالدا قەتلى قىلىنغان. شۇ يىلى ئۇ تېخى ئەمدىلا 32 ياشقا كىرگەن بىر ياش ئەزىمەت ئىدى.
بۇ يەردە مۇنداق بىر سوئال تۇغۇلىدۇ: ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى ــ ئۇيغۇر، روزى موللىمۇ ئۇيغۇر. شۇنداق تۇرۇقلۇق، زادى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر روزى موللا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى چېقىشتۇرۇپ، ئۆلتۈرگۈزىۋېتىدۇ؟ بۇ يەردىكى تۈپ مەسىلە روھ جەھەتتىكى ئوخشىماسلىقتا. يەنى بۇ ئىككەيلەن گەرچە دىنداش ۋە مىللەتداش بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى روھ بىر ـ بىرسىنىڭكىگە تۈپتىن ئوخشىمايتتى: ئابدۇخالىق ئۇيغۇر پۈتكۈل خەلقىم، پۈتكۈل مىللىتىمنىڭ ئوتتۇراق مەنپەئەتى مېنىڭ مەنپەئەتىم؛ مىللىتىمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پىدادۇر جېنىم دەيدىغان مىللەتپەرۋەرلىك، خەلقپەرۋەرلىك روھىنىڭ ئىگىسى ئىدى؛ روزى موللا بولسا، مېنىڭ گېلىم ــ مېنىڭ بارلىقىم؛ ھاكىم گېلىمغا نان بەرسىلا ئۆز مىللىتىمنىڭ، ئۆز خەلقىمنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى بەش پۇلغا سېتىۋەتسەممۇ شۇركەنمەس تېنىم دەيدىغان ساتقىنلىق روھىنىڭ بەندىسى ئىدى.
سەمىمىيەت بىلەن ئېيتقاندا، بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ھەر قانداق ئىرق، ھەر قانداق دىن ۋە ھەر قانداق بىر مىللەتكە تەۋە ئادەم ئۈچۈن، ئەمەلىي پائالىيىتى ئارقىلىق ئۆز مىللىتىنى سۆيۈش، ئۆز خەلقىغە كۆيۈش، ئۆز مىللىتىنىڭ بەخت ـ سائادىتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بېغىشلاشنى تۈپ مەزمۇن قىلىدىغان مىللەتپەرۋەرلىك ئەزەلدىن ئەبەدكە گۈناھ ھېساپلانمايدۇ ۋە شۇنداق بولۇشى كېرەك. چۈنكى، مىللەتپەرۋەرلىك ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ مۈستەھكەم ئۇلى ۋە تەۋرىمەس ئاساسى. ئۆز مىللىتىنى سۆيمىگەن ئادەم تەبىئىي ھالدىلا ئۆزىنىڭ يۇرتىنىمۈ سۆيمەيدۇ. ئەمدى، ئۆزىنىڭ يۇرتىنى سۆيمىگەن ئادەمنىڭ ئۆز ۋەتىنىنى چىندىن سۆيۈشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ھالبۇكى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئاداققى نىشان قىلىنغان مىللەتپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغۇتۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە، ھەر قايسى مىللەتلەرگە خاس تۈرلۈك ئادەملەرنىڭ قەلبىدە باراۋەرلىك ۋە خوجايىنلىق تۇيغۇسىنى تۇرغۇزۇش، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ تېگىشلىك رولىنى تولۇقى بىلەن جارى قىلدۇرۇش ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيىتى بار، ئەلۋەتتە. ئەگەر بۇ چۈشەنچە توغرا دەپ قوبۇل قىلىنىدىكەن، ئۇ ھالدا، مىللي ساتقىنلىق ۋە مىللي مۇناپىقلىق تىتاڭ تومۇرىغا تەككۈزۈپ ئەيىبلىنىشى ۋە خەلقى ئالەم ئالدىدا سازايى قىلىنىپ، ئادەمي ئەخلاق بابىدىن ۋە ئىنساني پەزىلەت مەيدانىدىن ئەبەدىيلىك قىلىپ قوغلاپ چىقىرىلىشى لازىم.
ئوچۇق كۆپۇللۈك بىلەن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان ئىچكى تارىخىدا، ھامان زور ــ زور پاجىئەلەر بىلەن نەتىجىلىنىپ كېلىۋاتقان بىر كۈرەش بار. ئۇ بولسىمۇ، مىللەتپەرۋەرلىك بىلەن مىللي ساتقىنلىق ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتۇر. 30 ـ ۋە 40 ـ يىللاردىكى ئويغىنىش دەۋرىدە بىھۈدە قەتلى قىلىنىپ كەتكەن ئاتاقلىق تەرەققىيپەرۋەر دىني زات ئابدۈقادىر داموللام، مەرىپەتپەرۋەر ئوقۇتقۇچى مۇھەممەد ئەلى تەۋفىق ئەپەندى ۋە ئوتيۈرەك شائىر، تاغ يۈرەك تالانت لوتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ خىل مىللەتپەرۋەرلىك بىلەن مىللي ساتقىنلىق ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ غوللۇق قۇربانلىرى. شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىدىن يەكۈنلەپ ئېيتقاندىمۇ، ئۇ ئۆز زامانىسىدىكى ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە، روزى موللىلارنىڭ كۆپلۈكىنىڭ قانلىق نەتىجىسى. شۇنىسى ئېنىقكى، ئارىدىن ئاتمىش ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتكەن بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ مىللەتپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا ۋارىسلىق قىلغانلارمۇ، ساتقىن روزى موللىنىڭ ئىپلاس جەندىسىگە مىراسخورلۇق قىلغانلارمۇ بار. ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئىچىدە، خۇسۇسەن ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئىچىدە، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئەۋلادلىرى كۆپمۇ ياكى روزى موللىنىڭ ئەۋلادى كۆپمۇ؟ ئەتراپىڭلارغا قاراپ بېقىڭلار، ۋىجدانىڭلاردىن سوراپ بېقىڭلار!
بىز «ئۇ مىللەتمۇ بولمايدۇ، بۇ مىللەتمۇ يارىمايدۇ. دۇنيادا مەن ئاكاڭ بىرىنچى» دەيدىغان تار مىللەتچىلىككە ئىنتايىن ئۆچمىز. بىز مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىقنى، ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىناقلىقنى كۆز قارچۇقىمىزدىن بەكرەك ئەزىزلەيمىز ۋە ئاسرايمىز. چۈنكى، بۇ يۇمۇلاق يەر شارىدا ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ھەر قانداق ئىشلىرىنى پەقەت يۇمۇلاق شىرە ئەتراپىغا جەم بولۇپ، ئۆپكىسىنى بېسىۋېلىپ ئولتۇرۇپ، ھەممە تەرەپلەرنى ئوخشاش كۆزدە تۇتقان ھالدا، ئەستايىدىل سۆزلىشىش، پىكىرلىشىش ۋە سىردىشىش ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ دەپ قارايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز «مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاق، ئىناق بولۇش» دېگەن ئەسلىدىن توغرا ۋە ھەقلىق شوئارنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە بۇرمىلاپ، «ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىنى پۈتۈنلەي قۇربان قىلىش، ئۆز خەلقىنىڭ ھەقلىق نېسىۋىسىنىمۈ قالدۇرماي سېتىۋېتىش» قىلىپ چۈشىنىۋاتقان ۋە چۈشىەندۈرىۋاتقان ئەبگالارغا لەنەت ئوقۇيمىز!
سەن قېرىنداشلىق مۇناسىۋەت مەركىزىي تۈۋرۈك قىلىنغان ئەلدىكى بىر ئۇيغۇر كادىرسەن. ئەڭ ئەقەللىي ساۋات شۇكى، سەن ئالدى بىلەن ئۇيغۇرنىڭ، ئۇيغۇر مەنپەئىتىنىڭ ۋەكىلىسەن. چۈنكى ئەگەر سەن ئىسسىق قانلار بەدىلىگە كەلگەن بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىلىق بىر ئۇيغۇر بولمىغان بولساڭ، ساڭا ئۇ ھوقۇق، ئۇ ئورۇندۇق مۇتلەق يوق ئىدى. شۇڭا، سەن ھەر خىل مەجلىسلەردە، تۈرلۈك قانۇني سورۇنلاردا ئالدى بىلەن ئۆز خەلقىڭنىڭ يىغىسى ئۈچۈن يىغلىشىڭ، ئۆز مىللىتىڭنىڭ كۈلكىسى ئۈچۈن كۈلىشىڭ كېرەك. ئەگەر سېنىڭ پىكرىڭ، سېنىڭ بايانىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، راست بولىدىغانلا بولسا، يىغىن رىياسىتى، قانۇن ــ تۈزۈم مەمۇرىيىتى سېنىڭ پىكرىڭنى قوبۇل قىلىدۇكى، پەقەت شۇ چاغدىلا سەن ھەقىقىي ئۇيغۇر كادىرى بولغان بولىسەن. ئەكسىچە سەن «مەن ئۇيغۇر كادىرمەن، ھالبۇكى ئۇيغۇر ئۈچۈن گەپ قىلسام، شەخسىيەتچىلىك قىلغان، مىللەتچىلىك قىلغان بولىمەن. بۇ ھالدا يولداشلارنىڭ ماڭا پىكرى چىقىپ قالىدۇ» دەپ، ھەقىقەتكە چاپان ياپساڭ، ئۆز خەلقىڭنىڭ تۇرمۇشىدىكى يۇقىرىغا يەتكۈزۈشكە تېگىشلىك دەرد ـ ئەھۋالىنى راستى بىلەن دوكلات قىلمىساڭ، ئۇنى ئاز دەپ باشلىقنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشىش تەمەسىدە پاكىت ئويدۇرۇپ يالغان گەپ قىلساڭ، بۇ ھالدا سەن ئۇيغۇرنىڭ مەنپەئەتىنى ساتقان ئەبگا كادىر بولغان بولىسەن، خالاس.
بىر مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئىچىدە، مەلۇم ساندىكى ساتقىنلارنىڭ بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. ئەجەبلىنەرلىكى ۋە خەۋپلىنەرلىكى، ساتقىنلىق ئىللىتىنىڭ يامراپ كېتىشى ۋە ئۇنىڭ شۇ مىللەت ئەزالىرىنىڭ خېلى بىر قىسمى ئۈچۈن جاھاندارچىلىق ۋاستىسى بولۇپ قېلىشى. ساتقىنلىق بىر مەرەز ئىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ سوبيېكتىپ ۋە ئوبيېكتىپ جەھەتتىكى تۆرىلىش ۋە يامراش سەۋەبلىرىگىمۇ ئىگە.
نەپسانىيەتچىلىك ــــ ساتقىنلىق تۆرەلمىسىنى پەيدا قىلىدىغان ۋە ئۇنى ئۆستۈرىدىغان پارنىك. «كۆڭلى تىلەركى دەھردە بار پۇلنى ئالسا ئول، بولسا ئاڭا نەسىب بۇ ئالەمدە بارچە ھەرام» ( كۆڭلى بۇ دەۋردىكى ھەممە پۇلنى مەنلا ئالسام، ھەتتا بۇ ئالەمدىكى بارلىق ھارام نەرسىلەرمۇ ماڭا نېسىب بولسا، دەپ تىلەيدۇ) مانا بۇ 18 ـ ئەسىر ئۇيغۇر شائىرى ئەمىر ھۈسەين سەبۇرى قەلىمى سىزغان نەپسانىيەتچىنىڭ ئوبرازى. نەپسانىيەتچى ئادەمنىڭ ئولتۇرسا ـــ قوپسا ئويلايدىغىنى شەخسى ئۆزىنىڭ نەپسى، ئۆزىنىڭ مەنپەئىتى، ئۆزىنىڭ تويماس گېلى. ئۇنىڭ تونۇشىدا يا ھالال ـ ھارام ئېڭى، يا ھەق ـ ناھەق قارىشى مەۋجۇد بولمايدۇ. ئۇنىڭغا پۇل بەرسىلا، گېلىغا ھەلەڭنىڭ ئورنىدا بىر يېگۈلۈك بەرسىلا، ئاشۇ پۇل بەرگۈچى ۋە ئۇنى باققۇچى ئۈچۈن ئېشەككە ئوخشاش ئىشلەۋېرىدۇ. مۇنداق ئادەملەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، پۇل ئۈچۈن، ھارام تاماق گال ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەزىز مەنپەئىتىنى سېتىۋېتىش يېڭىغا قونۇپ قالغان توپىنى قېقىۋەتكەنچىلىكمۇ بىلىنمەيدىغان ئىش. ھالبۇكى قەيەردە نەپسانىيەتچى كۆپ، شۇ يەردە ساتقىن كۆپ؛ قەيەردە ساتقىن كۆپ، شۇ يەردە بۇرۇختۇملۇق، ئاھ ئۇرۇش ۋە روھى ۋەيرانىلىق كۆپ.
بىپەرۋالىق بىلەن رەزىللىككە سۇكۇت قىلىش ـــــ ساتقىنلىقنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرىدىغان روھلاندۇرۇش دورىسى. ھەممە ئادەم بىلىدۇ، ئابدۇ خالىق ئۇيغۇر ئەڭ يۈكسەك ئىنسانىي پەزىلەتكە ئىگە مەرد ئوغۇل ئىدى؛ روزى موللا بولسا، روھىي دۇنياسى ئەڭ پاسكىنا، ئىنسانىيەت ئىللەت بابىدىكى پەسنىڭ پېسى سانىلىدىغان ساتقىنلىقتىن ئىبارەت مەخلۇق روھىغا قۇل ئىدى. ئابدۇ خالىق ئۇيغۇر ھەتتا ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىمۇ ئەيمىنىدىغان، دوستلىرى، قېرىنداشلىرى بولسا، سۆيۈنۈپ تەلپۈنىدىغان سەردار ئۇيغۇر ئىدى؛ روزى موللا بولسا، ئاقكۆڭۈل ئۇيغۇرلارنىڭ نومۇسىنى كەلتۈرىدىغان سېپى ئۆزىدىن بولغان ئەبگا ئۇيغۇر ئىدى. يەنە ھەممە ئادەم بىلىدۇكى، بۈيۈك ئىنسان ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى ھايۋان تەبىئەت روزى موللا ساتقىنلىق قىلىپ ئۆلتۈرگۈزىۋەتكەن. ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلگەنۇ، ئۇنى ناھەق ئۆلتۈرگۈزىۋەتكەن روزى موللا بولسا، يەنىلا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بەخىرامان يۈرىۋەرگەن. ھېچقانداق بىر تارىختا، ھېچقانداق بىر ئادەمنىڭ ئۇ ساتقىننىڭ ھەتتا بىر تال مويىغىمۇ چېقىلغانلىقى سۆزلەنمەيدۇ. بۇ نېمە؟ بۇ ــــ رەزىللىككە سۇكۇت قىلىش! ئۇ ئالىممۇ ياكى زالىم، ئۇ قەھرىمانمۇ ياكى خائىن، ھېچكىم پەرۋا قىلمايدۇ. مۇھەببەتنىمۇ، نەپرەتنىمۇ ئوخشاشلا بىر قەبرىستانلىققا كۆمىۋېرىدۇ. بەك ئاچچىغى كېلىپ كەتسە، «خۇدايىم جازاڭنى بېرەر، ئىلاھىم»، «ئەلقىساسۇ مىنەلھەق» (قىساسنى ئاللاھ ئېلىپ بېرىدۇ) دەپ قارغاپ قويۇپ، يەنىلا مىسكىن يولىغا قاراپ كېتىۋېرىدۇ. لەنىتى ساتقىن تېگىشلىك جازاسىنى يېمىگەنلىكى، ھەتتا مۇۋاپىق سورۇندا، ھەقلىق تۈردىكى ئەيىبلەشكىمۇ ئۇچرىمىغانلىقى ئۈچۈن، خورىكى ئۆسۈپ، سېتىش تىجارىتىنى داۋاملىق قىلىۋېرىدۇ.
كۆتۈرمىچىلىك ــــ ساتقىنلىقنى خېرىدار بىلەن تەمىنلەيدىغان بازار. ئىلىمدارنى پەگاھتا قويۇپ، ئەمەلدارنى ئۇنىڭ قورسىقىدىكى ئۇمىچىغا قارىماي ھامان تۆرنىڭ كاللىسىغا مىندۈرۈپ قويۇش، ئىلىمداردىن ئەيمىنمەي، ئەمەلداردىن قورقۇش، ئۇ ئەمەلنىڭ نېمە بەدىلىگە كەلگەنلىكى بىلەن ھېسابلاشماي، ئەمەلدار بولسىلا چوقۇنۇش، ئەمەلدار بولسىلا چاپىنىنى كۆتۈرۈش ـــ بۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە خېلى زامانلاردىن بويان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان يامان ئىللەت. ياڭ زىڭشىڭ، شېڭ شىسەيلەر ئۆز زامانىسىدا، ئۇيغۇر خەلق ئاممىسىغا نىسبەتەن نادان قالدۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن. ئۇيغۇر يەرلىك ئەمەلدارلىرى ئۈچۈن مىللىي ساتقىنلىققا يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەن. كىم زالىم ھۆكۈمەتكە قولچوماق بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەنپەئىتىنى ساتسا، شۇنىڭغا ئەمەل بەرگەن؛ كىم ئۇيغۇر ئاممىسىنى نادانلىق، قاششاقلىق، مۇتەئەسسىپلىك يولىغا بەكرەك باشلىيالىسا، شۇنىڭغا ئىمتىياز بەرگەن. ئەلەملىك يېرى شۇكى، ئاشۇ 30 ـ يىللاردا، بىچارە نادان خەلق «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مەندىن كېيىن ئەمدى پەيغەمبەر كەلمەيدۇ دەۋەتكەنىكەن، ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا، شېڭ شىسەي جانابلىرى پەيغەمبەر بولغان بولاتتى ُ دېگەن ئەبلەخنىمۈ قولىدا ئەمەل ۋە ئىمتىيازى بولغانلىقى ئۈچۈنلا كاتتا دىنىي ئۆلىما بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىخلاس نامىزىنى ئوقۇپ يۈرگەن. يامانغا يانتاياق بولۇپ، ئاۋام خەلقنى قىيناپ جېنىنى جاڭگالدا قويىۋاتقان بەگ، قازى، موللىلارنىڭ ئالدېدىمۇ، داۋانچىڭنىڭ دەرەخلىرىدەك تەكشى ئىگىلىپ تۇرۇپ كۆنۈپ كەتكەن.
جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىنكى زاماننى خەلقىمىز بەجايىكى يېڭى ئېرا بىلىپ، ئادەتتە «ئازاتلىقتىن كېيىن» دەپ ئاتايدۇ. «ئازات زامان» ناخشىسىنى ھەممە ئادەم روھلىنىپ ئېيتىشنى بىلىدۇ. ھالبۇكى ئازات زاماننىڭ خەلقىدە، زامانغا خاس بولغان ئازات ئاڭ، ئازات ئىدىيە ۋە ئازات تونۇش بولۇش كېرەككى، ھەممەيلەن ساتقىنلىق ئۈچۈن يول ئېچىپ بېرىدىغان نەپسانىيەتچىلىك، رەزىللىككە سۇكۇت قىلىش ۋە كۆتۈرمىچىلىك ئىللەتلىرىنىڭ يىلتىزىغا قەتئىي پالتا چېپىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەقلىق مەنپەئەتىنى ئۆزلىرى قوغدىيالايدىغان بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن روزى موللىلارنى لەنەت ئەخلەتخانىسىغا تاشلىۋەتكىلى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى ئەمەلىي پائالىيەت ئارقىلىق قوغداپ قالغىلى، شۇنداقلا لوتپۇللا مۇتەللىپلەرنىڭ ياش غۇنچە گۈلىنىمۇ راسا ئېچىلدۇرغىلى بولىدۇ.
مۇناپىق ــــ ئۇيغۇر تىلىغا چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەۋرىدە ئەرەبچىدىن كىرىپ ئۆزلەشكەن سۆز بولۇپ، ئۇ «ئېغىزىدا دېگىنى بىلەن ئەمەلىيىتىدە قىلغىنى تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئادەم» دېگەن بولىدۇ. مۇناپىقلىق ساتقىنلىقنىڭ ھامىيسى. ساتقىنلىق ھامان مۇناپىقلىق ئارقىلىق پەدەزلىنىپ تۇرۇپ، ئاندىن ئۆزىنىڭ ياۋۇز غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرىدۈ. ھىكايەت، 20 ـ يىللاردىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ داھىسى تۆمۈر خەلىپەنى بىر مۇسۇلمان قۇرئان تۇتۇپ تۇرۇپ: «سىزنىڭ ئامانلىقىڭىز مېنىڭ ئامانلىقىم» دەپ قەسەم قىلىپ، ئالداپ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتكە تۇتۇپ بېرىپ ئۆلتۈرگۈزىۋەتكەن.
سەن نارەسىدە قىز ۋە بالاغەتكە يەتمىگەن ئوغۇلغا ئاتا ـ ئانىسەن. ھالبۇكى ئېغىزىڭدا «بالىلارنى ئەدەبلىك، غايىلىك قىلىپ تەربىيىلەش ئاتا ـ ئانىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى» دېگەن تۇرۇقلۇق، ئەمەلىيەتتە بالىلارنى ئەستايىدىل ياخشى تەربىيىلىمەي، ئوبدان يېتەكلىمەي، ئاقىۋەتتە بۇرچۇڭنى ئادا قىلالمىغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن ئۇلارنى جىنايەت سادىر قىلىدىغان جەمئىيەت داشقاللىرىغا ئايلاندۇرۇپ قويساڭ، بۇ ئەمەلىيىتىڭ بىلەن سەن مۇناپىقلىق قىلغان بولىسەن.
سەن ***ڭ ئاق سۇتى، داداڭنىڭ يۈمشاق نېنىنى يەپ چوڭ بولغان بىر بالىسەن. ھالبۇكى سەن ٌ ئاتا ـ ئانىنىڭ نەسىھەتىنى قۈلاقتا تۇتۇش پەرزەنت ئۈچۈن پەرز ُ دەپ نەچچە رەت ئېيتقان تۈرۈقلۈق، ئەمەلدە خىروئىن تۇتۇنىگە ئەسىر بولۇپ، پاسكىنىلىق كوچىسىدا لاغايلاڭ يۇرسەڭ، بۇ قىلمىشىڭ بىلەن سەن مۇناپىقلىق قىلغان بولىسەن.
سەن بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسىسەن. ھالبۇكى خىزمەتكە كىرگەن چاغدا «دەرسلەرنى ئەستايىدىل تەييارلاپ بالىلارغا ياخشى بىلىم بېرىمەن. گەپ ـ سۆزدە، يۈرۈش ـ تۇرۇشتا ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە، ئەدەب ـ ئەخلاقتا، مەدەنىي تۇرمۇشتا ساۋاقداشلارغا ئۆرنەك بولىمەن» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن تۇرۇقلۇق، ئەمەلىيەتتە ھەم ئىچىپ ھەم چېكىپ، بەزىدە تېخى تۈرلۈك ناشايان ئىشلارنى قىلىپ يۈرىسەپ، بۇ ھال بىلەن سەن تەھقىق مۇناپىقلىق قىلغان بولىسەن.
سەن بىر خەلق كادىرىسەن. ھالبۇكى ئېغىزىڭدا «خەلق ئۈچۈن بەجانىدىل خىزمەت قىلىش» نى تەكەللۈمىسىنى كەلتۈرۈپ دەپ يۈرۈپ، ئەمەلىيىتىڭدە، خەلقنىڭ ئاھ ـ دادىغا يەتمىسەڭ، ئاممىنىڭ ئادەتتىكى ھاجىتى ئۈچۈنمۇ سوۋغا ـ سالامسىز ئالدىغا چىققىلى ئۇنىمىساڭ، ئەمەلنى قالقان قىلىپ تۇرۇپ، شەخسى مۇرادىڭ، خۇسۇسىي مەنپەئىتىڭ ئۈچۈنلا كەتمەن چاپساڭ، بۇ ھالىتىڭ بىلەن سەن سۆزسىز بىر مۇناپىق كادىرسەن. بىلگىنكى، خەلق ئۆزلىرىگە سادىق كادىرغا ئاشنا؛ مىللەت ئۆزلىرىگە ئىخلاسمەن كادىرغا تەشنا. ئەكسىچە خەلق مۇناپىق كادىردىن بىزار، كىمدەكىم بولسۇن، مۇناپىقلىقى ئۈچۈن خەلق ئالدىدا ھامان تارتقاي ئىزا!
جۇڭگودا ئەللىك ئالتە مىللەت بار. ئەللىك ئالتە مىللەت بەجايىكى ئەللىك ئالتە تال گۈل. بىز بىلىمىز، ئۇيغۇر ــ جۇڭخۇا رەيھانزارىدىكى بىر سەرخىل گۈل؛ ئۇيغۇر ـــ جاھان مەدەنىيەت گۈلىستانىدىكى بىر خۇشناۋا بۇلبۇل. ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ گۈلنىڭ سولىشىپ قېلىشىنى، قۇرۇپ نابۇت بولۇپ كېتىشىنى ھېچكىم خاھلىمايدۇ، بۇنىسى روشەن. بىراق شۇنى ئېنىق تونۇش كېرەككى، ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ خۇشناۋا بۇلبۇلنىڭ ئەبەدىلئەبەد خەندان ئۇرۇپ سايرىشىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلار ئاخىرقى ھېسابتا، دەل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزى! شۇنداقىكەن، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئومۇمىي ئىقتىدارى بوز يېرىنى ئېچىش، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، شۇ ئارقىلىق بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئومۇمىي گۈللىنىش دولقۇنىغا پائال ماسلىشىش ـــ بۇ دەۋرنىڭ جىددىي تەلىپى!
پەقەت مۇشۇ تەلەپنى چىقىش قىلىش نوقتىسىدا تۇرۇپ، ئىللەت يېغىرىڭنى ئېچىپ ئۆزەڭگە كۆرسەتتىم. مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى مېنىمۇ ساتامسەن، مېنىمۇ چاقامسەن، ئويلان، ئەبگا!
4 ـ ھۇرۇنلۇق ۋە شۇكرىۋازلىق
[تەھرىر]ھۇرۇن ئادەم يەرگىمۇ يۈك.
ــ ئۇيغۇر خەلق ماقالى
بۈگۈنكى دۇنيادا مۆھتەرەم سانىلىۋاتقان ھەرقايسى مىللەتلەردە تۈرلۈك دەرىجىدىكى ئوخشىماسلىق ۋە پەرقلەرنىڭ بولۇشى تەبىئى. بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە بىر بۈيۈك ئوتتۇراقلىق بار، ئۇ بولسىمۇ، مىللەتنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىدىن ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئىشچانلىق، خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئادەتتىكى ئىش ـ ھەرىكەتلىرىدىنمۇ روشەن ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان ئەمگەكچانلىق ۋە تىرىشچانلىقتىن ئىبارەت. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئەبگا ئۇيغۇرنىڭ ئەپتىدىن تۆكۈلۈپ تۈرىدىغان بىر ئىشنى ئۆزى قول تىقىپ قىلماسلىق، ئۆزى كاللا قاتۇرۇپ ئىزدەنمەسلىك، ئۆزى ئىشلىمەي تۇرۇپ، ئىشلىگەننى تېخى كۆرەلمەسلىك، ئىزدەنگەنگە ھەسەت قىلىش، ئۆگىتىپ قوياي دېسىمۇ ئۆگەنمەسلىك، ئەۋزەل شارائىت ۋە قانۇنىي ئىمتىيازلاردىن پايدىلانماي ياكى پايدىلىنالماي، ھامان پاسسىپ ئورۇندا قېلىش، چىدامسىزلىق، ئىرادىسىزلىك قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان ھۇرۇنلۇق ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركۈندۈرىدۇ؛ ئۇنىڭ تەبىئىتىدىن يېغىپ تۇرىدىغان تەييارتاپلىق كىشىنى «ئەستاغپىرۇللاھ» دېگۈزىدۇ. بۇنىڭغا مۇشۇ مىلادى 20 ـ ئەسىرنىڭ 90 ـ يىللىرىدا، ھەر يىلنىڭ بېشىدا، ئۆزىنىڭ تەسەررۇپىدىكى ئادەم تېرىسىمۇ ھايال بولماي ئۈنگىدەك قارا چىلان توپىلىق ئۈنۈمۈۇك زېمىننىڭ تېرىقچىلىقىنى ئۆزى گۈل چىقىرىپ قىلماي ياكى قىلالماي، ئۇنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرگە ئىجارىگە بېرىۋېتىپ، ئىجارە ھەققى ئۈچۈن ئالغان پۇلنى يېرىم يىلدىلا خەجلەپ ئۈكلەپ بولۇپ، يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئاشۇ ئۆزىنىڭ ئىشلەمچىلىرىگە مەدىكار بولۇپ ئىشلەۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئىنساننىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان ئەلەملىك ئاقىۋىتى مىسال بولالايدۇ.
تارىخىي پاكىتلار تاغدەك دۆۋلىنىپ تۇرۇپتىكى، ھۇرۇنلۇق ئۇيغۇرنىڭ خاراكتېرىدىكى تۇغما ئىللەت ئەمەس. چۈنكى ئۆز زامانىسىدا، قەلئە سوقۇپ، شەھەر بىنا قىلىپ، جاھان سورىغان ئۇيغۇر ئەسلىدە ھۇرۇن مىللەت ئەمەس ئىدى. ئۇيغۇر مىللىتى ئەسلىدە ئىشچان، تىرىشچان ۋە ئەمگەكچان مىللەت بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇ تارىختا شانلىق ئۇيغۇر خانلىقىنى، ئىدىقۇت خانلىقىنى ۋە بۈيۈك قاراخانىيلار سۇلالىسىنى بەرپا قىلالىغان. شۇنداقلا بىزنىڭ بۇ زامانىمىزدىمۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى بارلىققا كەلتۈرەلىگەن. ئۇنداق بولسا، بۈگۈنكى زامان بىر قىسىم ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەبىئىتىدىكى شۇ قەدەر ئېغىر دەرىجىدىكى ھۇرۇنلۇق ئىللىتى زادى قەيەردىن كەلگەن؟ بۇ مەسىلىنى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش ۋە پاكىتقا ھۆرمەت قىلىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىپ، ئىللەتنىڭ تۈگۈن يىلتىزىنى تېپىپ چىقىش، شۇ ئارقىلىق ئۇنى تۈزىتىش ۋە تۈگىتىشنىڭ چارىسىنى قىلىشىمىز لازىم.
مېنىڭچە بۈگۈنكى خېلى بىر بۆلەك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋۇجۇدىدا مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان ھۇرۇنلۇق ئىللىتىنى ئاساسلىقى ئۇلارنىڭ ئەقىدە چۈشەنچىسىدىكى زەئىپلىك بىلەن تۇرمۇش پەلسەپەسىدىكى نامراتلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان.
مەلۇمكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرى ئومۇمىيەت جەھەتتىن مۇسۇلمان مىللەت سانىلىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ تۈپ ئەقىدىسى يەنىلا ئىسلام ئەقىدىسىنى يادرو قىلىدۇ. كۆپ سانلىق كىشىلىرىمىزنىڭ ئالەم ۋە ئادەم، ھاياتلىق ۋە ماماتلىق قارىشىنى ئومۇمەن ئىسلام تەلىماتلىرى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ. ۋاھالەنكى كېيىنكى چاغلاردا، ئىسلام ئەقىدىلىرى سىياسەتۋاز ئۆلىمالار تەرىپىدىن زور دەرىجىدە پۈچەكلەشتۈرىۋېتىلگەنلىكتىن، ئادەمنىڭ بۇ دۇنياغا يارالمىش بىر ئىنسان بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئىگە بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ ئەقەللىي دەرىجىدىكى ئۆز ـ ئۆزىگە خوجا بولۇش، ئۆز تەقدىرىنى ئۆز قولىدا تۇتۇش ئىرادىسى ئېغىر دەرىجىدە نابۇت قىلىنغان؛ خەلقنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، ئۆزلىرى يېڭىلىق يارىتىپ ئىجادىي ياشاش روھى بوغۇپ قويۇلغان. ھەممىمىز بىلىمىز «ئىسلام» نىڭ تۈپكى مەنىسى «بويسۇنۇش» بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇخلىسلىرىنى ئۆز ئېتىقادىدىكى ئىلاھ ـــ ئاللاھقا شەرتسىز بويسۇنۇشنى تۈپ مىزان قىلىدۇ. دۇرۇس، ھەقىقىي مۇسۇلمانلىق ئەقىدىسىدىكى «بويسۇنۇش» ھېچقانداق بىر يارالمىش بەندىگە بويسۇنۇشنى كۆرسەتمەيدۇ. بىراق ئەمەلىي تۇرمۇش سورۇنىدا، ھېلىقى ئۆز ئىمتىيازى ئۈچۈنلا ئويلايدىغان ۋە ئۆزىنىڭ شەخسى نەپسىنىلا كۆزلەيدىغان بىر قىسىم ئاتالمىش ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت، ئەمرۇمەرۇپلىرىدىكى «بەندىنىڭ رىزقىنى ئاللاھ بېرىدۇ»، «ئاللاھ ئۆز بەندىسىنى ئاچ قويمايدۇ»، «كەمبەغەللىك ۋە كېسەللىكنىمۇ ئاللاھ مېنى دائىم ياد ئېتىپ تۇرسۇن دەپ، ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن بەندىلىرىگە بېرىدۇ»، «ئاللاھ مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ دۇنيالىقىنى ئەمەس، بەلكى ئۇ دۇنيالىقىنى بەرگەن» دېگەنگە ئوخشاش بولمىغۇر ۋە ھېچقانداق بىر كلاسسىك ئىسلام دەستۇرلىرىدىن ئېنىق شاھادەت كۆرسەتكىلى بولمايدىغان بىمەنە تەرغىباتلار ئاخىرىقى ھېسابتا، خەلقنىڭ تۇغما ئېڭىدىكى يېڭىدىن يېڭى تۇرمۇش ئۈچۈن ئەمگەك قىلىدىغان ئىشچانلىق، ھەمىشە ئۆز ھالىنى ئۆزگەرتىش، ئۆز كۈنىنى ياخشىلاشنىڭ كويىدا بولىدىغان تىرىشچانلىق روھىنى چالا ئۆلۈك قىلىپ قويغان. نەتىجىدە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھايات مۇساپىسىدە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدىنىپ، بۇ ئالەمدىكى كونكرېت ھالاۋەت ئۈچۈن جاپالىق ئەمگەك قىلىش پائالىيىتىنى ئۆزىنىڭ ئىنسانىي بۇرچى ۋە مۇقەددەس مەجبۇرىيىتى دەپ بىلمەيدىغان، ئەكسىچە، ھەممىدە «ئىلاھ» قا يۆلىنىۋېلىپ، «خۇدايىم بېرىدۇ» دەپ ئاسمانغا قاراپ ئولتۇرىدىغان بولۇپ قالغان. ئاپتورنىڭ سەمىمىي قارىشىچە، ھالا بۇ كۈنگە كەلگەندە، مىللەتپەرۋەر، خەلقپەرۋەر ۋە ۋەتەنپەرۋەر ئىسلام ئۆلىمالىرىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىسلام ئەقىدىلىرىنى پۈچەكلەشتۈرىدىغان ساختىپەزلىكلەرنى ئۆزلىرى توغرىدىن توغرا ئەيىبلىشى، كومپارتىيە دىنىي سىياسىتى يول قويغان دائىرىدە ئادىل تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ھەقىقىتىنى كەپ پۇقرالارغا ئەينى بىلەن چۈشەندۈرۈشى، شۇ ئارقىلىق خەلقنىڭ ئېڭىدا، كۈچلۈك ۋە بېجىرىم بولغان پاك ئەقىدە قارىشىنى تىكلەشكە تۆھپە قوشۇشى لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن ھازىرقىدەك ئۆزىنىڭ دىنداش قېرىنداشلىرى ياتىدىغان گۆرنىمۇ پۇل بېرىپ يات دىندىكىلەرگە كولىتىدىغان ھۇرۇنلارنىڭ تەييارتاپلىق ۋە زەئىپ ئەقىدە ئىدىيىسىگە ئەجەللىك زەربە بەرگىلى ۋە ئۇلارنىڭ ئەبگالىق كېسىلىنى ئاداققىي شىپاغا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.
«بۈگۈن قورسىقىم تويسىلا بولدى، ئەتىگە خۇدايىم بار» ـــ بۇ ھۇرۇنلارنىڭ تۇرمۇش دەستۇرى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئەبجەق ۋە نامرات جاھاندارچىلىق پەلسەپىسى.
بۇ ئالەمنىڭ زامان كاتىگورىيىسى تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتىنى يادرو قىلغان ۋاقىت ئوربىتىسىنى دەۋرقىلىش بىلەن مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيا تۈنۈگۈندىن كەلگەن، يەنى تۈنۈگۈن بۈگۈننى بارلىققا كەلتۈرگەن، بۈگۈننى تۇغقان ئانا بولۇش سالاھىيىتى بىلەن تولىمۇ قەدىرلىك. تۈنۈگۈن دېمەك ۋاقىت ئېتىبارىدىن ئۆتمۈشتۇر. ئىشچان ئۇيغۇردا: «ئۆتمۈشۈڭنى ئۇنتۇما، شور چورۇقۇڭنى قۇرۇتما» دەيدىغان ماقال بار. بۇ ــ بۈگۈنكى پاراۋانلىقنى يارىتىش ئۈچۈن تۈنۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان ئەمگەكلەرنى، بۈگۈنكى پاراغەتلىك تۇرمۇش ئۈچۈن تۈنۈگۈن تەر تۆككەن ئەمگەكچىلەرنى ئۇنتۇماسلىقنى چۈشەندۈرىدۇ. بىراق، ھۇرۇنلار ئۇنتۇغاق كېلىدۇ. ئۇلار تۈنۈگۈننىڭ قۇياشى تاغنىڭ كەينىگە چۆكۈشى بىلەن تەڭلا، ئاشۇ تۈنۈگۈنكى جاپالىق ئەمگەكلەرنى، تۈنۈگۈنكى كۈرەشچان ئەجدادلارنى ئۇنتۇپلا كېتىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ شۇ دەرىجىدە ھۇرۇن بولۇشى ۋە ھۇرۇنلۇقنى ئادەتكە ئايلاندۇرىۋېلىشى ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ تۈنۈگۈننى، تارىخنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىدىن بولغان.
بۈگۈن يېڭى، بۈگۈن رېئال، بۈگۈن نەق. شۇڭا، ئۇ تولىمۇ قىممەتلىك. بۈگۈن ــ تۈنۈگۈن يوق ئىدى. ئۇ ئەتە مەۋجۇد بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۈگۈننى تولىمۇ قەدىرلەش كېرەك. دەرۋەقە ھۇرۇنلار بۈگۈننى قەدىرلىمەيدۇ ئەمەس، بەلكى تازا قەدىرلەيدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ بۈگۈننى قەدىرلىشى ئۆزلىرىنىڭ پەلسەپىسى بويىچە باشقىچە بولۇپ، ئەمگەكچان ئادەملەرنىڭ بۈگۈننى قەدىرلىشى بىلەن تۈپتىن ئوخشاشمايدۇ. يەنى ئىشچان ئادەملەر بۈگۈننى تۈنۈگۈنكى ئەمگەكنىڭ ھاسىلى، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ يەنە ئەتىكى تۇرمۇش بىناسىنىڭ ئۇل ــ ئاساسى يۈكسەكلىكىدە تونۇپ قەدىرلەيدۇ. شۇڭا، ئۇلار بۈگۈنكى نېمەتكە قول ئۇزىتىشتىن بۇرۇن شۈ نېمەت قىممىتىگە باراۋەر ئەمگەكنى ئاڭلىق قىلغاندىن باشقا، ئەتىكى كۈننىمۈ كۆزدە تۇتۇپ، ئەتىكى تۇرمۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئەمگەكلەرنى تەر ئاققۇزۇپ قىلىدۇ. ھۇرۇن ئادەملەر بولسا، «تۈنۈگۈننى كىم كۆرۇپتۇ»، «ئەتە بىز بارمۇ ــ يوق، خۇدا بىلىدۇ» دېيىشىپ، ھامان تەييارغا ھەييار بولىدۇ. بۈگۈنكى نېمەتنى بۇزۇپ ــ چېچىپ، قوينۇم ئوغرى ــ قونجۇم ئوغرى قىلىپ قارنىغا تىقىشنىلا بىلىدۇ، ئەتە ئۈچۈن بولسا، ئويلاپمۇ قويمايدۇ.
ئىشچان، ئەمگەكچان ئادەملەرنىڭ نەزىرىدىكى ئەتە ئۇمىد، ئىشەنچ ۋە ئارزۈ ــ ئارمانلارنى ئۆزىگە مۈجەسسەم قىلغان تەپداشسىز گۇزەل ۋە مىسلىسىز جازىبىلىك كۈن. ئەتە دېمەك ئىستىقبال دېمەك، غايە دېمەكتۈر. ئەتىنى كۆزلەش، غايىلىك بولۇش بۈگۈنكى زامان مەدەنىي ئادەملىرىنىڭ يۈكسەك پەزىلەتلىرىدىن بىرى. بىراق ھۇرۇن ئادەملەردە غايە بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپى ناماز شام قارىغۈسى كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلب كۆزى ئەتىنىڭ پارلاق قۈياشىنى كۆرەلمەيدۇ. شۇڭا ئەتە ئۈچۈن ئىشلەش، كەلگۈسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ھۇرۇنلار ئۈچۈن بەجايىكى ٌ بىكاردىن بىكار ئۆزىنىڭ جېنىغا ئۆزى زۇلۇم سېلىش ُ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بىراق ئەمەلىيەت شۇكى، سەن ياشاۋاتقان بۈگۈنكى بۇ يۇقىرى دەرىجىدە ئىجتىمائىيلاشقان جەمئىيەتتە، بۈگۈن سەن بەھرىلىنىۋاتقان ھەر قانداق بىر نېمەت تېگى ــ تەكتىدىن ئېيتقاندا، سېنىڭ بىۋاستە تۇغقانلىرىڭنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەجدادلار ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلاتى. دېمەككى، سەن بۈگۈن يەۋاتقان نان ئاددىي ھالدىكى ئىككى تەڭگە پۇلنى تۆلەش بىلەنلا ئاپىرىدە بولۇپ قالغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۇ سەن بىلەن ھاياتلىقتا مۇساپىداش بولغان باشقا جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ سېنىمۇ كۆزدە تۇتقان ھالدا، تەر تۆكۈپ قىلغان ئەمگىكىنىڭ سەمەرەسى. ھالبۇكى، سەن بۈگۈننىڭ ھالاۋەت قوينىدا ئۈزۈپ، بۈگۈننىڭ مەئىشەتلىرى بىلەن قورسىقىڭنى تويغۇزۇپ كېكىرىپ يۈرگەن ۋاقتىڭدا، ئەتىنى ئويلىشىپ، ئەتە ئۈچۈن خۇددى باشقىلارغا ئوخشاشلا كۈچ سەرپ قىلىپ ئەمگەك قىلىشىپ لازىم. ئەگەر سەن ئەتىنى ئويلىساڭ، ئەتە ئۈچۈن ئەمگەك قىلساڭ، ئەتىنىڭ قۇياشى كۆتۈرۈلگەن چاغدا، ھەممە ئادەم ئالدىدا سېنىڭمۇ يۈزۈڭ يورۇق بولىدۇ. ئەكسىچە، ئەگەر سەن ئەتىنى ئويلىمىساڭ، ئەتە ئۈچۈن تەر ئاققۇزۇپ ئەمگەك قىلمىساڭ، ئەتىنىڭ نېمەت داستىخىنى سېلىنغان چاغدا، سېنىڭ يۈزۈڭ تەھقىق چورۇق بولىدۇ.
دەرىخا! زاكۇنغۇ شۇنداق. بىراق ھۇرۇن ئادەملەر تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتىدىن ئىبارەت مۇشۇ كىشىلىك ھاياتتىكى تەبىئى ۋاقىت لېنىيىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە، ئۆزىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل جەمئىيەت ئەزالىرىنى ئەقىدە، ئىخلاس ۋە «ئەمگەك» ماركىلىق خاسىيەتلىك زەنجىر بىلەن مەھكەم باغلاپ تۇرىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ. ھەتتا ھۇرۇنلۇقىدىن ئۇنى چۈشىنىشنىمۇ خاھلىمايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى بۈگۈن پەيزىنى سۈرىۋاتقان مەئىشەتنى غايىبانە ئامەتتىن دەپ بىلىدۇ. ئەتىكى كۈننى تەقدىرگە ياكى قىسمەتكە ئامانەت قىلىپ كېتىۋېرىدۇ. ئەتە نېمە كۈننى كۆرسە پەرۋايى پەلەك. ھەتتا بۈگۈنكى ھالاۋەتنىڭ ئەكسىچە، ئەتە ئۇ ئەڭ نەس كۈن ــ جاھالەتنى كۆرسىمۇ، «شۈكرە دېدىم، شۈكرە!» دەپ قويۇپ يۈرىۋېرىدۇ.
شۈكرىۋازلىق ـــ ھۇرۇنلۇقنىڭ ھىمايە سايىۋىنى. ھۇرۇن ئادەملەر ئۆزىنىڭ لەنىتى ھۇرۇنلۇقىنى مەزكۇر سايىۋەننىڭ ھىمايىسى ئاستىدا، «شۈكرە قانائەت قىلىش، سەۋرىچانلىق» دەپ پەدەزلەيدۇ. دۇرۇس، ئىسلام تەلىماتلىرى ئىچىدە، «ئىنسان شۈكرە ـ قانائەت قىلىشى، سەۋرىچان بولۇشى لازىم» دەيدىغان بىر ماددىمۇ بار. بىراق ئەسلىدە، ئىنسانىي تۇرمۇشنىڭ ئىمكانىيەت چېكىدىن ھالقىغان ھالدىكى خىيالىي دۇنيانى قوغلىشىدىغان ئەسەبىي قارانىيەتچىلىككە قارشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان توغرا تەلىمات «شۈكرىچان، سەۋر ـ قانائەتچان بولۇش» كېيىنكى چاغلاردا پۈچەكلەشتۈرۈلۈپ، نورمال ئۆلچەكتىن نەچچە غۇلاچ تۆۋەن بولغان ئەڭ مىسكىن ھالەتكىمۇ باش ئىگىپ تازىم بىلەن تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىدىغان شۈكرىۋازلىق ئىللىتى دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ قويۇلغان. نەتىجىدە ئەبگا ئۇيغۇر بۇ ئىللەتنى تېرىۋېلىپ ئۆزىنىڭ ھۇرۇنلۇق تۇمىقىغا تۇمار قىلىپ تىكىۋالغان ۋە ئۇنى تەييارتاپ گەۋدىسىگە زۇننار قىلىپ ئېسىۋالغان.
ئەگەر بۇ دۇنيادا بىر مىللەتنى بىھۇدە ئاسسىمىلياتسىيە قىلدۇرىۋېتىدىغان ۋە ۋاقىتسىز پاجىئەلىك ھالدا يوقىتىۋېتىدىغان بىر ئەجەللىك ئىللەت بار دېيىلسە، ئۇ دەل ھۇرۇنلۇق ئىللىتىدۇر. ئەگەر بۇ دۇنيادا بىر ئادەمنى نورمال ئىنسان سىياقىدىن چىقىرىۋېتىدىغان ۋە ئۇنى ئىنسانىي خوجايىنلىق سالاپىتىدىن قىلچە ئىز ـ ئەسەر يوق، ھەمىشە ئۇرۇلۇپ ــ سوقۇلۇپلا يۈرىيدىغان پاسسىپ مەخلۇققا ئايلاندۇرۇۇپ قويىدىغان بىر ئوسال ئىللەت بار دېيىلسە، ئۇ دەل تەييارتاپلىق ئىللىتىدۇر. ھالبۇكى پەقەت ھۇرۇنلۇقتىن قول ئۈزگەن، ئىشچانلىق، تىرىشچانلىق ۋە ئەمگەكچانلىق بىلەن ئۆزىگە تۈرمۈش يولىنى تۈزگەن ئادەملا بۇ ئالەمنىڭ پەيزىنى سۈرەلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ مىسلىسىز لەززەت ھالاۋىتىنى كۆرەلەيدۇ. قاراپ باق، بۇ دۇنيا نېمە دېگەن رەڭدار، نېمە دېگەن قوۋناق. ئىنسان تۇرمۇشىنى تېخىمۇ راھەت، تېخىمۇ يارقىن، تېخىمۇ گۈزەل قىلىش ئاداققىي مەقسەت قىلىنغان يېڭىلىقلار، ئىجادىيەتلەر، مۆجىزىلەر ھەر كۈن، ھەر سائەت، ھەر ماكان، ھەر جايدا، ھەتتا سېنىڭ بۇرنۇڭنىڭ ئاستىدىلا تۈشمۇ تۈشتىن بارلىققا كەلمەكتە. باشقىسىنى قويۇپ تۇرايلى، ھەر يىلى مىليونلاپ ئىشلەمچىلەر ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزغا ئىككى قولىنى سېلىپلا كېلىپ، باش باھاردىن كەچ كۈزگىچە، يەر تېرىشتىن تارتىپ يەر سۈپۈرۈشكىچە بولغان خىلمۇ خىل ئەمگەك، تۈرلۈك تۈمەن پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، چاغان ئەرپىسىدە ھەميانلىرى توم ـ توم ھالدا قايتىشماقتا. بۇ ئالتۇن دىيارغا ئۇسقىنى چۈشۈپ قالغانلىرى بىر ئىككى يىلدىلا تۆت قاتلاپ بېيىپ، يېڭى كەلگەن چېغىدىكى ساياقلىق ھالىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، ئەمدىكى قوللىرىدا «داگادا» تۇتقان، يەتتە قىتئەنىڭ ھەممىسى بىلەن تەڭ سۆزلىشىپ يۈرگەن يېڭى قىياپىتى بىلەن كۆزۈڭدىن ئوت چىقىرىپ يۈرىدۇ. بۇ نېمە؟! مانا بۇ ــ ئەمگەك، مېھنەت ۋە تىرىشچانلىق سېنىڭ ئالدىڭغا تىكلەپ بەرگەن ئۆرنەك. مانا بۇ ـــ ئىشچانلىق، ئەمگەكچانلىق ساڭا كۆرسىتىۋاتقان نامايىش ۋە كۆرەك!
ھۇرۇنلۇق بىر قورقۇنچلۇق ئىللەت. بىلگەن ئادەمگە ئەبگا ئۇيغۇرنىڭ ھۇرۇنلۇقى شۇ تاپتا، پۈتكۈل مىللەتكە كېيىن تولدۇرىۋېلىش قىيىن بولغان ئېغىر زىيان كەلتۈرمەكتە. ئۇنىڭ بىۋاستە ۋە قاقشاتقۇچ تەسىرى ئۇيغۇرنىڭ ئالغا كەتكەن باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان پەرقىنى بارغانسېرى زورايتىۋەتمەكتە. ھالبۇكى شۈكرىۋازلىق پەرەنجىسى بىلەن نىقاپلانغان ھۇرۇنلۇق ئىللىتىنى يىلتىزى بىلەن قومۇرۇپ تاشلاش سېنىڭ، مېنىڭ، ئۇنىڭ ـــ بىز ھەممىمىزنىڭ تەخىرسىز مەجبۇرىيىتىمىز بولۇپ قالدى. ھۇرۇنلۇقنى ئۈزۈل ـ كېسىل يوقىتىش بىز ھەممىزنىڭ مىللەت ئالدىدىكى جىددىي مەسئۇلىيىتىمىز بولۇپ قالدى!
سەن بىر خەلق كادىرىسەن. ئەگەر سەن ھۇرۇنلۇق ئىللىتىگە ئەسىر بولغان ئەبگا بولمىساڭ، ئىشخاناڭنى ساقلاپ ئولتۇرىۋەرمەي، نەزىرە يەپ، ئولتۇرۇش كېزىپ يۈرىۋەرمەي، خەلقىڭ ھاجەتمەن ئەڭ جاپالىق ئەمگەك مەيدانىغا بېرىپ ئۇلارغا ھەمدەم بولىسەن. خەلقنىڭ ئېڭى، ئويلايدىغىنى ۋە غېمى نەدە يۈرىۋاتىدۇ، زاماننىڭ تەرەققىيات رىتىمى، دۇنيانىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمى نەگە يۈرىۋاتىدۇ بۇنى سېلىشتۇرۇپ، ئوتتۇرىدىكى پەرقنى تاپىسەن. ئاندىن ئۇنى مۇناسىۋەتلىك رەھبىرىي ئورگانلاردىكى يولباشچىلارغا، داھىيلارغا ئەينەن دوكلات قىلىپ، چارە ئويلاپ، خەلقنىڭ ئەمەلىي دەردىگە داۋا، مەۋجۇد كېسىلىگە شىڭا تاپىسەن.
سەن بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسىسەن. ئەگەر ھۇرۇنلۇق ئىللىتىگە مۇپتىلا بولغان ئەبگا ئەپەندى بولمىساڭ، باشقىلار يېزىپ تەييار قىلىپ قويغان كىتابنى ئوقۇغۇچىلارغا ئەينەن ئوقۇپ بېرىشنىلا بىلىدىغان تەييارتاپ بولۇپ ئولتۇرمايسەن، بەلكى سەن ئۆزەڭمۇ يازىسەن، ئىجاد قىلىسەن. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، تەييارغا ھەييار بولىدىغان، جان باقارمەن پاسسىپ ئوقۇتۇش ئۇسلۇبىنى ئەبەدىيلىك چۆرۈپ تاشلايسەن. ئۇنىڭ ئورنىغا ئوقۇتۇش بىلەن تەتقىق قىلىشنى، ئوقۇتۇش بىلەن بوشاشماي ئىزدىنىشنى ئورگانىك ھالدا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز ئەمەلىيىتىڭ ئارقىلىق ئەۋلادلارنى كەلگۈسى ئۈچۈن كۆپرەك تەپەككۇر قىلىدىغان جانلىق ۋە مەنىلىك ھايات يولىغا دادىل باشلايسەن.
سەن بىر ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىسەن. ئەگەر سەن ھۇرۇنلۇق ئىللىتىگە گىرىپتار ئەبگا ئەۋلاد بولمىساڭ، سىنىپىڭنىڭ قارا دوسكىسىغا بەندە، ئۆتمىش نومۇرغا قۇل داپەندە بولۇپ ئولتۇرىۋەرمەيسەن. كۇتۇبخانىلارغا بېرىپ كىتابلارنى يار تۇتىسەن. ئەقىل دەپتىرىڭگە ئىزدىنىش، ئىلگىرىلەش غايىسىنى پۈتىسەن. ئۇندىن باشقا، جەمئىيەتكە چىقىپ ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىسەن. سەن ياشاۋاتقان بۇ زېمىن زادى قانچىلىك كېلىدۇ، تارىمنىڭ سۈيى قەيەردىن باشلىنىدۇ، زەرەپشاننىڭ سۈيى نەگە قۇيۇلىدۇ، ئۆزەپ كۆرۈپ باقىسەن. ئىلى دەرياسىدا ئۆزەڭ ئۈزۈپ كۆرىسەن، يۇرۇڭقاش دەرياسىدىن ئۆزەڭ گۆھەر سۈزۈپ كۆرىسەن. بىلگىنكى، كىچىكىدىنلا ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈش ئىنساندا ئىشچانلىق، ئەمگەكچانلىق ئېڭىنى تۇرغۇزىدۇ، ئۇنىڭ پايدىسى ئادەمنىڭ ئىجاد قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش قېنىنى جۇش ئۇرغۇزىدۇ!
ھۇرۇنلۇق كالۋالىقنىڭ ھامىلىسى ئەمەس. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، كالۋالىق ھۇرۇنلۇقنىڭ تەبىئى تۆرەلمىسى. بۇ ئالەمدە ھېچقانداق بىر مىللەت تۇغۇلۇشىدىنلا تەبىئىي ئەقىللىق يارالغان ئەمەس، بەلكى ئىشچانلىق، ئەمگەكچانلىق ئۇنى ئەقىللىق قىلغان. ئىشچانلىق، ئەمگەكچانلىق تىگى ـ تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئىنسان كاللىسىدىكى پىكىرچانلىق، مۇلاھىزىچانلىقتىن كېلىدۇ. كىمنىڭ كاللىسىدا يېڭى ـ يېڭى پىكىرلەر كۆپ بولسا، شۇنىڭ تۇرمۇشىدا يېڭىدىن يېڭى پائالىيەتلەر، ئەمەلىي ھەرىكەتلەر جىق بولىدۇ. كىم پىكىرچان، تەپەككۇرچان بولسا، شۇنىڭ قەدىمى ئىتتىك، قولى ئەپچىل، ھەرىكىتى چاققان، ۋۇجۇدى كۈرەشچان بولىدۇ. بۇ دۇنيا پەقەت ئىش ـ ئەمگەك بىلەن گۈللىنىپ بۈگۈنكى مۇشۇ كۆركەم ۋە قايناق ھالغا كەلگەن. دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر مىللەت بارلىققا كېلىشى بىلەن تەڭلا مۆتىۋەرلىك تاجىنى ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن كىيىپ چۇشكەن ئەمەس. شۇنداقلا ھە دېگەندىلا ھەممە تەلپۈنىدىغان مەدەنىي مىللەت تەختىگە ئولتۇرغانمۈ ئەمەس. ھازىرقى دۇنيادا، «سەن ئەمەس مەن» دەپ مەيدىسىگە ئۇرۇپ يۈرگەن خېلى خېلى مىللەتلەرنىڭمۈ ئۆز زامانىسىدا، ئۆز ئەھلىنىڭ ھۇرۇنلۇقى تۇپەيلىدىن ئەبگالىق پاتقىقىغا پېتىپ قېلىپ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا خارلىنىپ يۈرگەن چاغلىرى بولغان. ئۇلار پەقەت ۋاقتىدىلا ئويغىنىپ، ھۇرۇنلۇق چاپىنىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۆز ۋۇجۇدىدا ئىشچانلىق، ئەمگەكچانلىق خىسلىتىنى يېتىشتۈرگەندىن كېيىنلا، ئەقلى ئېچىلىپ، پەم ـ پاراسىتى بېيىغان ۋە ئاخىرىدا، كۈرەش ئارقىلىق بۈگۈنكى مۇشۇ ئەقىللىق، پەن ـ تېخنىكىدا ئىلغار، مەدەنىي مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالالىغان.
ھۇرۇنلۇقتىن قۇتۇلۇشنىڭ پەقەت بىرلا چارىسى بار. ئۇ بولسىمۇ، ئۆگىنىش ۋە ئۆگەنگەننى تەدبىقلاپ ئەمەلىي ئەمگەككە قاتنىشىش. ئەگەر سەن ئۆگىنىشنى خاھلىساڭ، ئالدى بىلەن شۈكرىۋازلىق ئىللىتى بىلەن بېكىك پىكرىڭنى، سەۋر ـ قانائەت قۇلۇڭى بىلەن ئېتىك تەپەككۇرىڭنى ئاچ! قەدىناس مەھەللەڭنى، كونا ئورۇندۇقۇڭنى ساقلاپ ئولتۇرىۋەرمەي، ئويان ـ بۇيانغا بېرىپ، باشقىلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىش ـ ئەمگەكلىرىنى كۆر. باشقىلار بىلەن ئۆزەڭنى سېلىشتۇرۇپ كۆپرەك مۇلاھىزە قىل. ئاندىن سېنىڭمۈ قولۇڭنىڭ پەنجىسى بەش بولغاندىكىن، يەپ شىمايلاپ ئەمەلىي ئەمگەككە قاتناش. ناۋادا مۇئەييەن بىر ئىشنى قىلىپ مەغلۈب بولساڭ، بەلگىلىك بىر ئەمگەكنى ئىشلەپ يېڭىلىشىپ قالساڭ، بۇنى ئالدىراپ ئۆزەڭنىڭ ئەقلىڭنىڭ كەملىكىدىن كۆرمە. ئەينى ۋاقىتتا يەنە ئەگەر سېنىڭ بىرەر ئىشىڭدىكى ئوڭۇشسىزلىقنى كۆرۈپ، باشقىلار سېنى «كاللىسى ئاددى، كالۋا» دېسە، ھەرگىز ئىشەنمە. بىلگىنكى، ھەرقانداق بىلىك تەكرار ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ. كىمدە كىم ئەمەلىيەت بىلەن كۆپ شۇغۇللانسا، ئەمگەك بىلەن تەكرار مەشغۇل بولسا، ئۇنىڭ بىلىك خەزىنىسى تەدرىجى موللىشىدۇ، كاللىسى ئەقىل ھۇجەيرىلىرى بىلەن تولۇپ غوللىشىدۇ.
ھۇرۇنلۇقتىن قۇتۇلۇشنى ئويلىماسلىق جەمئىيەت سۆيىدىغان، ۋەتەن ـ خەلق كۆيىدىغان ۋە ئاتا ـ ئانا رازىمەن بولىدىغان بىر ھەقىقىي ئىنسان بولۇشنى خاھلىماسلىق بىلەن باراۋەردۇر. ھۇرۇنلۇق بىر ئىنسان ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەيىبلەرنىڭ ئەيىبى. ھالبۇكى ھۇرۇنلۇقنى تاشلاش جەمئىيەتنىڭ، زاماننىڭ، شۇنداقلا سەن ياشاۋاتقان مۇشۇ بوز زېمىننىڭ جىددى تەلىپى!
سېخى تەبىئەت ئاتا قىلغان شۈنچە كەڭ ۋە شۈنچە باي زېمىن ساڭا قۇچاق ئېچىپ تۇرۇپتۇ. پۈتكۈل ئەقىل ـ ئىدرىكىڭنى ئىشقا سېلىپ، ھەممە ئىقتىدارىڭنى نامايەن قىلىپ، غۇلىچىڭنى كەڭ يېيىپ ئىشلىسەڭ، ئىشلىگەننى كۆتۈرىدىغان تېپىلماس پۇرسەت ساڭا كۆكسىنى يېقىپ تۇرۇپتۇ. ئەمدى، بۇ ھالدىمۇ كۆز ئېچىپ ئويغانمىساڭ، ئىشچانلار سېپىگە قېتىلىپ، سېنى بېقىپ ئۆستۈرگەن بۇ ئالتۇن زېمىننىڭ ئەتىسى، كەلگۈسى ئۈچۈن زۆرۈر ۋە ئەھمىيەتلىك بولغان بىر ئۇلۇش ئەمگەك قىلمىساڭ، تاڭلا مەھشەر كۈنى يۈزۈڭ قىزارماسمۇ، ئويلان، ئەبگا!
5 ـ ۋەتەن قەدرىگە يەتمەسلىك ۋە ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بىلەلمەسلىك
[تەھرىر]ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا،
رەڭگى رويۇڭ سامان بولماس.
― ئۇيغۇر خەلق ماقالى
بۈگۈنكى بۇ يەر شارىدا، پەقەت بىرلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بار. ئۇ بولسىمۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدۇر. يەر مەيدانى بىر مىليون ئالتە يۈز مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان، ئەلمىساقتىن تارتىپ «ئالتۇن تاۋاق» دەپ پەخىر نامى بار بۇ مىسلىسىز باي زېمىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاتا مىراس دىيارى، ئومۇمىي ئۇيغۇر گەۋدىسىنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتلىق مەنبەسى، شۇنداقلا جاھان ئۇيغۇرلىرىنىڭ زاكا يۇرتى، يىلتىزگاھى ۋە سېغىنىش قىبلىگاھىدۇر.
جۇڭگونىڭ تارىخ كىتابلىرىدا، «شىيۇ» (غەربى دىيار)، «شىنجياڭ» (يېڭى چېگرا) دەپ ئاتىلىپ كەلگەن بۇ زېمىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئۇنداق ئۆزلىكىدىن، ئاسانلىقچە روياپقا چىقىپ قالغان ئىش ئەمەس. بەلكى ئۇ پىداكار ئەجدادلار ئىنقىلابىي كۈرىشىنىڭ شانلىق نەتىجىسى، شۇنداقلا ياراملىق ئەۋلادلار چېلىشلىرىنىڭ ئۆلمەس سەمەرىسى. ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈندە، كومپارتىيە ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدا، ھەممە ئەقىل ـ پاراسەتنى قاناتلاندۇرۇپ، بارلىق كۈچ ـ قۇدرەتنى جەۋلان قىلدۇرۇپ، مەزكۇر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى قوغداش، ئۇنىڭ قەدرىگە يېتىش ۋە ئۇنى گۈللەندۈرۈش بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىرىنچى بۇرچى ۋە مۇقەددەس ۋەزىپىسىدۇر. بىراق ئەبگالىق ئىللىتى بىلەن زەئىپلەشكەن ئۇيغۇردا بۇ خىل تونۇش، بۇ خىل ئاڭ ۋە بۇ خىل زۆرۈر تۇيغۇ تولىمۇ كەمچىل. سەمىمىيەت بىلەن ئېيتقاندا، ئۇلار ۋەتەن دېگەن نېمە، ۋەتەنپەرۋەرلىك دېگەن نېمە بىلمەيدۇ. ئاپتونومىيە دېگەن نېمە، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونوم رايونى زادى نېمە ئۈچۈن قۇرۇلغان چۈشەنمەيدۇ. مېنىڭچە، قانۇن ئومۇمەن ئادىل. بىراق ئەبگا ئۇيغۇر نادان ۋە جاھىل؛ قانۇنشۇناسلار ھەقىقەتەنمۇ ئالىم، بىراق ئەبگا ئۇيغۇر ئۆزىگە ۋە ئۆز قېرىنداشلىرىغا بەكمۇ زالىم!
بىلىش كېرەككى، بىر مىللەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، ۋەتەن دېمەك ئەمەلىيەتتە ئاداققىي مەۋجۇدلۇق دېمەكتۇر. ھېكايە، يەھۇدىيلار بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي ۋە ئەڭ مەدەنىي مىللەتلەر قاتارىغا كىرىدۇ. ئۇلار ئۇزاق قەدىم زاماندىلا يەھۇدى دىنىنى ئىجاد قىلىپ، دۇنياغا مۇئەييەن ئەقىدە ئاساسىدا ئۆملۈشۈپ، ئومۇملىشىپ ياشاشنىڭ نەمۇنىسىنى يارىتىپ بەرگەن ئۇيۇشقاق مىللەت بولۇپمۇ سانىلىدۇ. بىراق كېيىنچە، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەبگالىق ئىللىتى يامراپ كېتىپ، بۇ ئىللەتكە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئۆتە شەخسىيەتچىلىكى، ئۆتە بېكىنمىچىلىكى ۋە بەرەھىملىكى كاساپىتىدىن، شۇنداقلا يەنە باشقا بەزەن تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۇلار مۇندىن تەخمىنەن مىڭ يىللار بۇرۇن ئۆز يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ، يۇرت ـ ماكانسىز قارا سەرگەردانلارغا ئايلىنىپ قالغان.
ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلغان، قارا سەرگەردانغا ئايلانغان يەھۇدىيلار يەر شارىدا، بېشى قايغان، پۇتى تايغان بويىچە ئېقىپ يۈرۈپ، دۇنيانىڭ تۈرلۈك بۇلۇڭ ـ پۇچقاقلىرىدىن ئۆزلىرىنى تىرىكچىلىك، جاھاندارچىلىق ۋە كۈن كەچۈرۈش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئېتىدىغان ئەمىن جاي ئىزلىدى. دۇرۇس دەسلەپكى چاغلاردا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سودا ـ تىجارەتتىكى ماھىرلىقى بىلەن بەزەن دۆلەتلەردە خېلى ياخشى كۈن كۆردى. ئۆزلىرىنىڭ ئىشچانلىقى ۋە ئىلىم ـ پەندىكى ئىجادچانلىقى بىلەن ھەر قايسى ئەل زىيالىلىرىنىڭ سېپىدە بىر مەھەل تېگىشلىك ئورۇنغا ئىگە بولغانمۇ بولدى. كىم بىلىدۇ، ئۇلار بەلكىم ئۆز ۋەتىنىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ سەرگەردانلارغا ئايلىنىپ قالغان دەسلەپكى چاغلاردا: «بىزنىڭ مۇشۇ ئىشچان قولىمىز بىلەن پىكىرچان بېشىمىزلا بولىدىكەن، جاھاننىڭ ھەر قانداق يېرىدە، ھەر قانداق ئادەمنىڭ قولىدىن نان تېپىپ يېيەلەيمىز ۋە دۇنيادىكى ھەر قانداق ھالاۋەتتىن بەخىرامان بەھرىمەن بولالايمىز» دەپ ئويلىغان بولغىيدى. بىراق، رەھىمسىز رېئاللىق، كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ئەمەلىيەت شۇ بولدىكى، ئۇلارنىڭ ئىشچان، ئەمگەكچانلىقىمۇ، ئۇلارنىڭ كېلىشىملىك، چىرايلىقلىقىمۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ زېھنى ــ زۇكاۋەتلىك، ئەقىللىقلىقىمۇ ھېچقانداق بىر يات ئەلدە ئۇلارغا ئاداققىي ئارامچىلىق ۋە ئەبەدىي پاراۋانلىق ۋە خاتىرجەملىك يارىتىپ بېرەلمىدى. ۋەتەنسىز يەھۇدىيلار «دۇنيادا ئەڭ مەدەنىي مىللەتبىز» دەپ مەيدىسىگە مۇشتلايدىغان ياۋرۇپالىقلار ئالدىدىمۇ، ئەڭ ئاق كۆڭۈل، يۇۋاش سانىلىدىغان ئاسىيالىقلار ئالدىدىمۇ ئاخىرقى ھېسابتا، ئوخشاشلا ھەقىقىي كىشىلىك ھوقۇقى يوق خار ــ زارلىقتىن باشقا ھېچبىر خوۋلۇق كۆرمىدى. ئاخىرىدا، ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى مەزگىلىدە، قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ بولمىغان ئالتە مىليۇن يەھۇدى «جاھاندا ھەممىدىن ئۈستۈنبىز» دەپ مارش ئوقۇيدىغان نېمىسلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، خۇددى ياۋايى ئېشەكنى سويغاندەك سويۇلدى ۋە تېرىسى تۇلۇم قىلىنىپ، يېغىدا سوپۇن قۇيۇلدى. تەخمىنەن مىڭ يىللىق كەچۈرمىش سەرگۈزەشتە ۋە ئەمەلىي پاكىت ئۇلارغا شۇنداق جاۋاب بەردىكى، ۋەتىنى بار مىللەت دېگەن شۇ دەرىجىدىكى كەڭ ئىختىيارلىققا ۋە شۇ دەرىجىدە چەكسىز ھوقۇققا ئىگە بولىدۇكى، ئۇلار مۇھاجىر مىللەتنى خاھلىسا، زېمىنىدە تۇرغۇزىدۇ؛ خاھلىسا، بىر بولمىغۇر بەدنام بىلەن ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىگە سولايدۇ؛ خاھلىسا، بىر يوقىلاڭ بۆھتان بىلەن ئۇنى دامغا چۈشۈرۈپ، قۇش قىلىپ ئوۋلايدۇ. شۇنداق، رەھىمسىز پاكىتلار بىلەن تولغان ئۇزاق ئەسىرلىك ۋەتەنسىزلىك، يۇرت ــ ماكانسىزلىق ئاخىرىدا، يەھۇدىيلارنى جېنىدىن جاق تويغۇزغان، شۇنداقلا ئۇلارنى ئويغىتىپ دىلىغا ۋەتەن ئۇقۇمىنى چوڭقۇر قىلىپ ئويغۇزغان!
مىڭ شۈكرەكى، سېخى تەبىئەت ئۇيغۇرغا دۇنيادىكى ھەر قانداق قەۋمنىڭ زەۋقىنى كەلتۈرگىدەك مىسلىسىز گۈزەل بىر زېمىننى ئاتا قىلغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاتىلىدىغان بۇ زېمىندا، مەيلى ئىلى بوستانلىقى، مەيلى تۇرپان ئۇزۇمزارلىقى، مەيلى قاراماي نېفىتزارلىقى، مەيلى كورلا نەشپۈتزارلىقى، مەيلى ئاقسۇ ئالمىزارلىقى، مەيلى كاشغەر ئانار ـ ئەنجۇرزارلىقى، مەيلى ياركەند ياڭاقزارلىقى ۋە مەيلى خوتەن ئۈجمەزارلىقى بولسۇن، ھەر قايسىسى ئۆزلىرىگە خاس بولغان ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بۇ كەڭ دىياردا زۈمرەتتەك جۇلالاپ تۇرىدۇ. بۇ زېمىننىڭ تۆت پەسلى ئېنىق: خۇش ئىللىق باھارىدا، ھۈپپىدە ئېچىلغان گۈل ــ چېچەكلەر زېمىننى ئوراپ تۇرىدۇ؛ پاراۋان ياز ناھارىدا، پارلاق قۇياش يېتىك نۇرى بىلەن زېمىننى تاۋلاپ تۇرىدۇ؛ بەرىكەت كۈز پەسلىدە، سەلكىن شاماللار زېمىنغا ھەمىشە باياشاتلىق تۆكۈپ تۇرىدۇ؛ ئاراملىق قىش پەسلىدە، كۈمۈش قار زېمىننى رەھمەت يوپۇقى بىلەن پۈركۈپ تۇرىدۇ. بۇ دىياردا، تەكلىماكان، تارىم، جۇڭغار ئاتىلىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى زور خەزىنە ئامبارلىرى بار. بۇ زېمىننىڭ بايلىقتا تەڭداشسىزلىقىغا پۈتۈن دۇنيا ھەيرەتتە، بەلكى جىمى ئالەم ئاڭا زوقمەندە!
جاھان ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەڭ مەئىشەتلىك، ئەڭ خاتىرجەم، ئەڭ مەزمۇنلۇق ۋە ئەڭ مەنىلىك تۇرمۇش ئاخىرقى ھېساپتا مۇشۇ مۇبارەك ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا. چۈنكى، بۇ زېمىننىڭ چۆلىمۇ، كۆلىمۇ ئۇيغۇرغا ئۆز. «ئۆز ئۆيۈمنىڭ بوشلۇقى، پۇت ــ قولۇمنىڭ خوشلۇقى» دەپ، ئۇيغۇر پەقەت مۇشۇ زېمىندىلا ئېچىلىپ ــ يېيىلىپ، ئۇيغۇرچە ئولتۇرۇپ، ئۇيغۇرچە قوپۇپ يۈرەلەيدۇ. پەقەت مۇشۇ دىياردىلا قىلچىمۇ قىسىلماي، ئازراقمۇ يېتىرقىماي، ئۇيغۇرچە ئويناپ، ئۇيغۇرچە سۆزلەپ كۈلەلەيدۇ. بۇ زېمىننىڭ تاغۇ تاشلىرىمۇ ئۇيغۇرغا «مەن سېنىڭ» دەپ ئىللىق باقىدۇ. بۇ دىيارنىڭ دەريا ــ ئېقىنلىرىمۇ ئۇيغۇرغا «مەن ساڭىلا خاس» دەپ جىلۋىلىك ئاقىدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇر بۇ زېمىننى تولىمۇ ئەتىۋارلىشى، بۇ دىيارنى بەكمۇ ئەزىزلىشى، «ئانا ۋەتەننىڭ ئۆز بالىسى» تۇيغۇسى بىلەن ۋەتەننىڭ قەدرىگە ھەقىقىي يۇسۇندا يېتىشى لازىم. ئەگەر كىمكى بۇ زېمىننىڭ قەدرىگە يەتمىسە، تۇز كورلۇق تۆقى ــ لەنىتى بىلەن شەرمەندە بولغاي ئاقىۋەتتە!
ۋەتەننىڭ قەدرىگە يېتىش ئالدى بىلەن ۋەتەننىڭ بارلىقىغا ــــ تاغ ــ دالالىرىغا، ئېقىن ــ دەريالىرىغا، يۇرت ــ قىرلىرىغا ۋە مەھەللە ــ كويلىرىغا يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئىگىدارچىلىق قىلىشنى باش بەلگە قىلىدۇ. ۋەتەن سېنىڭ ئىكەن، زېمىن سېنىڭ ئىكەن، بۇ ھالدا، ئۇنىڭغا تىكىلگەن ھەر بىر تال كۆچەت، ئۇنىڭغا ئۈندۈرۈلگەن ھەر تال گۈل ــ گىياھتىمۇ سېنىڭ خوجايىنلىقىڭ گەۋدىلىنىپ تۇرۇشى كېرەك. «دۆڭكۆۋرۈك» ئەسلىدە سېنىڭ ئەجدادىڭ بىنا قىلغان كوچا ئىكەن، ئۇ ھالدا، ئۇنى سېنى تۇغقان ***ڭ تىلى بىلەن ھەمىشە «دۆڭكۆۋرۈك» دەپ ئاتىغىنكى، ئەكسىچە، ھەرگىزمۇ ئەبجەشلەشتۈرۈپ «ئەردوچو» دېمە! «نۇرباغ» سېنىڭ تىلىڭ بىلەن ئاتالغان شۇنداق گۈزەل نام. ھالبۇكى، ئۇنى «مىڭيۇەن» دېۋالدىڭ، بۇنىڭ بىلەن ئەمەلىيەتتە، ھەم تىلىڭنى ھەم دىلىڭنى يوقاتتىڭ. بىخەستىلىكىڭ ۋە ھاماقەتلىكىڭ ئۈرۈمچى كوچىلىرىنى «بىيمىڭ»، «نەنمىڭ» لەشتۈرۈپ بولدى. ئەمدى، بۇ ئىللەتنى بۈيۈك بوۋاڭ مەھمۇد ياشىغان، ئۇيغۇرنىڭ بۆشۈك شەھەرلىرىدىن بولغان كاشغەرگە سۆرەپ بېرىپ، ئەلمىساقتىن تارتىپ «يار باغ» نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن كۆۋرۈكنى «بېيداچياۋ» ، «تۆشۈك دەرۋازا» ئاتىلىپ كەلگەن قەدىمى قەلئە دەرۋازىسىنى «دۇڭمېن» ئاتاشقا رايىڭ بېرىۋاتىدۇ. بىر ئوبدان «تۆمەنكۆل» دېگەن نامنى تاشلاپ «دۇڭخۇ» ئاتاشقا تىلىڭ كېلىۋاتىدۇ. «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دىن «ئۇيغۇر» نى چىقىرىپ تاشلاپ «ئاپتونوم رايون» ئاتاشقا دىلىڭ يول بېرىۋاتىدۇ ــــ بۇ ئەبگالىقىڭ بولماي زادى نېمە؟! بىلگىنكى، بىر يۇرت ــ ماكاننىڭ ئىسىم ـ نامى شۇ جاينىڭ خوجىدارلىق تارىخىدىن گۇۋاھلىق بېرىدىغان مەڭگۈ يىقىلماس ئابىدە. ئۇنى قانداق ئىشلىتىش سېنىڭ ئىختىيارىڭدىكىلا ئىش ئەمەس، بەلكى ئۇ ئەجدادلاردىن ئەۋلادلارغا مىراس قالىدىغان ئامانەت نامايەندە!
ۋەتەننىڭ قەدرىگە يېتىش ۋەتەننى قۇرۇش، ۋەتەننىڭ ئەتىسى ۋە ئۇزاق كەلگۈسى ئۈچۈن سېلىنىۋاتقان تەرەققىيات بىناسىغا ئۆز قولى بىلەن خىش قويۇشنى ئاساسلىق مەزمۇن قىلىدۇ. «بىز مۇشۇ زېمىندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. بۇ بىزنىڭ ئاتا مىراس دىيارىمىز» دەپ ھۆكۈرەپ قويۇپ، ئىچىپ، چىچىپلا يۈرسەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىلغان، ۋەتەننىڭ قەدرىگە يەتكەن بولمايسەن. ۋەتىنىڭنىڭ قەدرىگە يەتسەڭ، ئۆزەڭنىڭ گېلى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى يەنە ۋەتىنىڭ ئۈچۈن، ئومۇمىي خەلقىڭ ئۈچۈن تەر تۆكۈپ ئىشلەيسەن. يۇرتۇڭ ئۈچۈن جانپىدالىق بىلەن ئەمگەك قىلىسەن. ئۆز ئەمگىكىڭ بىلەن ياراتقان نەتىجەڭنى بۇ زېمىن ئۈستىگە ئۆزەڭ بىرمۇ بىر تىزىسەن ۋە ئۇنى جاھان ئەھلىگە نامايىش قىلىپ كۆرسىتىسەن. كۆرسىتىپ باقە قېنى، يۇرتۇڭدىكى قايسى زامانىۋى قۇرۇلۇش، قايسى ئىگىز بىنانى سەن لايىھىلىدىڭ، قايسى ماشىنا، قايسى ئايرۇپىلاننى سەن ياسىدىڭ. سەندىن قانچە ئۇچقۇچى، نەچچە نېفىت چارلىغۇچى، قانچە ئالتۇن كانلىرىنى قىدىرىپ تەكشۈرگۈچى بار؟ ئەگەر سەن ئۆزەڭنى، ئۆز مىللىتىڭنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، بۇ جەھەتتىكى يېتىشسىزلىكىڭنى سەزسەڭ، مۇھىمى كەمچىلىكىڭنى ئېتىراپ قىلساڭ، بۇ ھالدا مائارىپقا بولغان، ئادەم تەربىيىلەشكە بولغان تونۇشۇڭ ئۆسىدۇ. پەرزەنتلەرنى تۈرلۈك ئىلىم ـ پەن ساھەسى بويىچە، يالغۇز ئىجتىمائىي پەندىلا ئەمەس، بەلكى تەبىئىي پەنلەرنىڭ ھەرقايسى تۈرلىرى بويىچىمۇ زور تۈركۈملەپ تەربىيىلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى ۋە تەخىرسىزلىكىگە بولغان كۆز قارىشىڭ گرانىت كاللاڭنى بۆسىدۇ.
ۋەتەن ئۈچۈن ئىشلەپ خەلقى ـ ئالەم قايىل بولغىدەك نەتىجە يارىتىش ئىلىم ـ پەن ئىقتىدارىدىن كېلىدۇ. ئىلىم ـ پەن ئىقتىدارىنى بولسا، پەقەت مەكتەپ، خۇسۇسەن ئالىي پەن ـ تېخنىكا مەكتەپلىرىلا يېتىشتۈرەلەيدۇ. سەن بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىسەن، ئەگەر ئۆيۈڭدە بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىمۇ بولمىسا، بۇ چوڭ نومۇسلۇق ئىش. ھالبۇكى ئۆزەڭ ئاز يېسەڭمۇ، كەم كىيسەڭمۇ، جاپا تارتساڭمۇ، رىيازەت چەكسەڭمۇ پەرزەنتىڭنى مەكتەپكە بەر، بالاڭنى ئوقۇت. «ماڭا باشقىلار ئادەم تەربىيلەپ بەرمىدى» دەپ ھېچكىمدىن ئاغرىنما. «بالامنى ئوقۇتۇپ قويمىدى» دەپ ھېچكىمدىن زارلانما. بادام دوپپاڭغا تايانغىچە، شۇ بادام دوپپاڭنىڭ ئاستىدىكى ساغلام كاللاڭغا تايان. ئۆزەڭ ئامال قىل، ئامال قىلساڭ، ئىلىمنىڭ داغدام يولى ئالدىڭدا جەزمەن بولۇر ئايان. ئىلىم بولمىسا پەلەككە تاقاشقان ئىگىز بىنالارنى خوجايىنلىق ۋە مېمار ــ مۇھەندىسلىك سالاھىيەت بىلەن سالالمايسەن. بىلىم بولمىسا، مەدەنىي ئىنسان بولۇپ، مەدەنىي ھاياتتىن بەھرە ئالالمايسەن. ئەڭ مۇھىمى، ئىلىم بولمىسا، گەرچە ئۆزەڭنىڭ ۋەتىنىدە ياشاۋاتساڭمۇ، ۋەتەن لەززىتىنى ھەقىقىي تېتىيالمايسەن.
ۋەتەننىڭ قەدىرىگە يېتىش ئەمگەك ئارقىلىق، كۈرەش ئارقىلىق ۋەتەنداشلىق سورۇنىدا ھەقلىق ئورۇننى تېپىشنى ئاداققىي مەقسەت قىلىدۇ. ۋەتەن بىر ئىنسان ئۈچۈن تەڭدىشى يوق، تۈگىمەس بايلىق. بىر ئىنسان ئۈچۈن ھەرقانداق نەرسە بولمىسا بولىدۇكى، ۋەتەن بولمىسا زادى بولمايدۇ. ۋەتەنسىز ئادەم بەجايىكى ئىگىسىز ئېشەككە ئوخشايدۇ. ئىگىسى يوق ئېشەكنى كىم كۆرسە، شۇ مىنىدۇ، خاھلىغىنىچە ئىشلىتىپ كۆتلىرىگە تېپىدۇ. ۋەتىنى يوق ئادەمنى باشقىلار ئېشەكتىنمۇ بەتتەر خارلايدۇ. بىراق، ۋەتەن دېگەن ئۇنداق غايىبتىن مىراس قالغان، ھېلىقىدەك بانكىغا سېلىپ قويۇپ، پايدا ـ ئۆسىمىنى ئېلىپ خەجلەپ، ئاپتاپتا سۇنايلىنىپ يېتىپ كۈن ئۆتكۈزسىمۇ بولىدىغان ئۆلۈك بايلىق ئەمەس. بەلكى ئۇ پەقەت ئۆزلۈكسىز ھالدىكى ماددىي ئىشلەپچىقىرىش كۈرىشى ۋە ئىزچىل ھالدىكى مەنىۋى كۈرەشلەر بىلەن قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، كۈچلەندۈرۈپ تۇرۇشقا موھتاج جانلىق بايلىقتۇر. سەن بىر ۋەتىنى بار، دىيارى بار، خاس زېمىنى بار ئادەم ئىكەنسەن، ئۇ ھالدا ئۆزەڭنى ۋەتەن بىلەن بىر جان، بىر تەن قىلىپ، گەرچە سېنىڭ ھازىرلىق تۈرمۇشۇڭ ئۈچۈن ئانچە لازىملىق بولمىسىمۇ، بىراق ۋەتەنگە كېرەكلىك، ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماددىي ئەمگەكلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشىڭ، ۋەتەننىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەنىۋى كۈرەشلەرگە تولۇق ئىشتىراك قىلىشىڭ لازىم. ۋەتەننىڭ تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئەمگەكلەرگە قاتناشمايدىغان ياكى ئاز قاتنىشىدىغان، يۇرت ـ دىيارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى بەلگىلەيدىغان مەنىۋى كۈرەشلەردىن ئۆزىنى ھەمىشە قاچۇرىدىغان ئادەمنىڭ ۋەتەنداشلىق سورۇنىدىكى ئورنى ئاقىۋەت پەگاھقا چۈشۈپ قالىدۇ. چۈنكى ۋەتەن دېگەن ئەمەلىيەتتە، ۋەتەن ئۈچۈن جانپىدالىق بىلەن ئىشلەيدىغانلارنىڭ ۋەتىنى بولىدۇ. ۋەتەننىڭ قەدرىگە يېتىدىغان ئادەم ئاڭلىق ھالدا ۋەتەن ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدۇ. پەقەت ۋەتەن ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ، جان پىدا قىلىپ ئىشلىگەن ئادەملا ۋەتەنداشلىق سورۇنىدا ھەقلىق ھالدىكى يۈكسەك ئورۇنغا ئىگە بولالايدۇ.
بىلگەن ئادەمگە بۈگۈنكى دۇنيانىڭ مەدەنىيەت سورۇنىدا مۇنداق بىر ئالاھىدىلىك ھۆكۈم سۈرمەكتە. ئۇ بولسىمۇ، تۈرلۈك مىللەتكە تەۋە ئىنسانلار ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتپەۋەرلىك تۇيغۇسىنى ئۆز قەلبىگە مەھكەم پۈككەن ھالدا، ئىلمىي رىقابەت قىلىپ، ھەرقايسەيلەن ئۆزلىرىنىڭ كېيىنكى ئەسىردىكى مەۋجۇدلۇق ئورنىنى چەنلەشتىن ئىبارەت. ھالبۇكى سەن، مەن ۋە ئۇ ـــ بىز ئۇيغۇرلارمۇ پەقەت ئەمەلىي ئەمگىكىمىز ئارقىلىق، كۈرەش ئارقىلىق مۇبارەك دىيارىمىزنىڭ قەدرىگە يېتىدىغانلا بولساق، جاھاندىكى تۈرلۈك مىللەتلەر قاتارىدا بىزنىڭمۇ بېشىمىز ئىگىز، سۆزىمىز بىگىز بولىدۇ. كېيىنكى ئەسىرنىڭ مەدەنىي ھالاۋەت ۋە ماددىي دارامەت داستىخانىدا بولسا، ئىگىلىگەن ئورنىمىز ئۆزىمىزگە يەتكىدەك كەڭ، ئېرىشكەن نېسىۋىمىزمۇ ھېچبولمىغاندا باشقىلار بىلەن تەڭ بولىدۇ!
ۋەتەننىڭ قەدرىگە يېتىش دېگەنلىك قەدىناس بۇلاقنىڭ سۈيىنى ئىچىپ، قەدىم جاينى بېسىپ بىر ئۆمۈر يېتىش دېگەنلىكمۇ ئەمەس. ئۇيغۇردا: «مۇساپىر بولمىغىچە مۇسۇلمان بولماس» دېگەن ئۇدۇم ماقال بار. بۇ «ئادەم ئۆز ۋەتىنىنىڭ قەدرىگە يېتىدىغان ھەقىقىي بىر ۋەتەنپەرۋەر ئىنسان بولۇش ئۈچۈن، يۇرت كېزىپ، جاھان كۆرۈپ سەپەر قىلىشى، مۇساپىر (سەپەر قىلغان ئادەم) بولۇشى شەرت» دېگەنلىك بولىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ۋەتەننى سۆيۈش تۇيغۇسى ۋە مىللەتكە كۆيۈش مۇددىئاسىنى چىقىش قىلىپ، ئىلغار ئەل ۋە ئالغا كەتكەن خەلقلەردىن ئۆگىنىش ئۈچۈن، باشقا يۇرت، چەتئەللەرگە سەپەر قىلىش، ھەتتا شۇ يەرلەرگە ماكانلىشىپ ئىككىنچى يۇرت ئېچىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى باشقا يۇرت، چەتئەللەردە تۇرۇپمۇ ئۆزىنىڭ ۋەتىنى ۋە ئۆزىنىڭ مىللىتى ئۈچۈن ناھايىتى ئوبدان خىزمەتلەرنى قىلغىلى، بەلكى ئالاھىدە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقىلى بولىدۇ. بۇنىڭغا ئامېرىكىغا كۆچۈپ بېرىپ ماكانلاشقان خەنزۇلار ئىچىدىكى بايلارنىڭ، ئالىملارنىڭ ۋە سىياسىئونلارنىڭ تارىختىن بۇيان جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە پەن ـ تېخنىكا تەرەققىيات ئىشلىرىغا تۈشمۇ تۈشتىن تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقانلىقى پاكىت بولالايدۇ. بىراق ئۆز دىيارىدىكى قىسمەن ناچار مۇھىت ۋە ئۆز يۇرتىدىكى مەلۇم قىيىنچىلىقلار تۈپەيلىدىن، ۋەتەننى تەرك قىلىپ، ياقا يۇرت، چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىش، كەتكەندىمۇ شۇ كەتكەنچە خۇددى دېڭىزغا تاشلىۋەتكەن تاشتەك ئىز ـ دېرەكسىز يوقىلىپ كېتىش، ئۆزىنى تۇغقان، ئەجدادىنى باققان ۋەتىنىنى ھېچقانداق بىر ئەمەلىي پائالىيىتى بىلەن ياد ئەتمەي، چەتئەلدە بىر ئۆمۈر كاندىدات گراژدان بولۇپ ئۆتۈش ـــ بۇ كەم دېگەندىمۇ ئۆز يۇرت، ئۆز ۋەتىنىگە يۈز كېلەلمىگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئەلۋەتتە. يەنە دېسەك، چەتئەللەردىكى ھەرقانداق مۇھاجىرنىڭ تۇرمۇشى، كۈنى شۇ ئادەمنىڭ مۇئەييەن كونكرېت ئىشتىكى شەخسى ئىقتىدارىنىڭ ئۈستۈن ياكى تۆۋەن بولۇشىغا باغلىق بولغاندىن باشقا، ئەڭ مۇھىمى شۇ كىشىنىڭ ئەسلى ۋەتىنىنىڭ كۈچى، ئانا يۇرتىنىڭ يۈزى ۋە ئۆز دىيار خەلقىنىڭ خەلقئارادا تۇتقان ئورنىغا بېقىپ بولىدۇ. ئەگەر ۋەتىنىڭ كۈچلۈك، خەلقىڭ يۈزلۈك، دىيارىڭ خەلقئارادىمۇ ھۆرمەت ـ ئېتىبارلىق بولسا، ئۇ ھالدا مۇھاجىر بولساڭمۇ چەت ئەل، ياقا يۇرتلاردا قەددىڭنى رۇس قىلىپ، «گۈس، گۈس» دەسسەڭ يۈرەلەيسەن. ئەكسىچە بولسا، ھېچگەپتىن ھېچگەپ يوق خارلىنىسەن، بىھۇدە بوزەك ئېتىلىپ ئارلىنىسەن. بۇنىڭغا شۇ كۈنلەردە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىز بىلەن ھەم دىنداش ھەم تىلداش ئاتىلىدىغان بەزىلەرنىڭ زېرىكىپ قالسا، «ئاخۇن ئاكىلارنى ئۇرۇپ كېلەيلى» دەپ، سودىگەر ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ ـ مۇشتلاپ يۈرگەنلىرى شاھىد بولالايدۇ! يەكۈن شۇكى، ئۆز زېمىنىڭنى ئەزىزلە، ئۆز ۋەتىنىڭنى قەدىرلە. چۈنكى سېنىڭ ئىززىتىڭ ئۆز ۋەتىنىڭ بىلەن تومۇرداش ؛ سېنىڭ قەدىر ــ قىممىتىڭ ئۆز دىيارىڭ بىلەن ئۆمۈرداشتۇر!
ئەبگا ئۇيغۇرنىڭ ۋۇجۇدىدا ۋەتەننى قەدىرلىمەسلىك ئىللىتى بىلەن قوشكېزەك مەۋجۇد بولۇپ كېلىۋاتقان نەرسە، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئۆزى بىلەلمەسلىك نۇقسانىدۇر.
مەلۇمكى، ئۇيغۇرنىڭ مۇشۇ ئۆزى ياشاۋاتقان زېمىنىدا ئالاھىدە ئىمتىيازى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنىڭ نامى بىلەن مەزكۇر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان. بۇ ـــ قانۇنىي ئاساسى بار پاكىت. ئۇيغۇر بۇ زېمىنغا مىھمان ئاھالە ئەمەس، بەلكى يەرلىك ئاھالە؛ ئۇيغۇر بۇ زېمىندا ئاز سانلىق مىللەت ئەمەس، بەلكى كۆپ سانلىق مىللەت، تۈۋرۈك مىللەت، خوجايىن مىللەتتۇر. پەقەت شۇنىڭ ئۈچۈنلا بۇ زېمىندا رەئىس ئۇيغۇردىن چىقىدۇ، ۋالىي ئۇيغۇردىن بولىدۇ، ھاكىم ئۇيغۇردىن سايلىنىدۇ. بۇمۇ ھېچكىم كۆز يۇمالمايدىغان رېئاللىق.
دۇنيادا ھېچبىر ئىنسان «ياق، ئۇنداق ئەمەس» دېيەلمەيدىغان ئەمەلىيەت شۇكى، ئۇيغۇر قىممەتلىك، ئۇيغۇرنىڭ زېمىنى قىممەتلىك. شۇڭا جاھاندا نى ـ نى ئالىملار ئەجدادنى ئەۋلادقا ئۇلاپ ئۇيغۇرنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ؛ ئۇيغۇر ئەقىللىق. مەھمۇد كاشىغەرى، يۇسۇپ خاس ھاجىپ، موللا مۇسا سايرامىلاردىن كېيىن، ئۇيغۇردا ئالىم تۈگەپ قالغىنى يوق، خالمۇرات غوپۇردەك نەۋقىران ئالىملار ئونلاپ چىقىپ، يۈزلەپ يېتىشىپ، ئىلىم ـ پەن مەيدانىدا بۈيۈك نەتىجىلەر قازىنىپ كېلىۋاتىدۇ؛ ئۇيغۇر مەدەنىيەتلىك. ئۇيغۇرنىڭ ئون ئىككى مۇقامى دۇنيادا تەڭدىشى يوق مەدەنىي مىراس بولۇپ، قىتئەلەر ئارا ياڭراۋاتىدۇ. دېمەككى، ئۇيغۇرنىڭ ھېچبىر مىللەتتىن قالغۇچىلىكى يوق!
ئىنسان ئۈچۈن ئۆزىنى چاغلىماي لاپ ئۇرۇش قانچىلىك ئەيىب ۋە قانچىلىك نۇقسان ئىش بولسا، ئۆزىنى خالىس تونۇپ، ئۆزىنى تولۇق چۈشىنىش، لىللاھ باھا بىلەن ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇشمۇ شۇنچىلىك ياخشى ۋە شۇنچىلىك ئوبدان ئىش. چۈنكى ھاياتلىقتىكى ھەرقانداق نەتىجە ۋە غەلىبە يېتىك ئىشەنچنى ئۆزىگە مۇستەھكەم ئۇل قىلىدۇ؛ ھەرقانداق زەپەر ۋە نۈسرەت كامىل ئىماننى ئۆزىگە مەزمۇت يول قىلىدۇ!
شۇ تاپتا ئىدراك بىلەن زەڭ سالساڭ، رېئاللىقتىن نىدا شۇنداق: سەن ئۇيغۇر ئۆزەڭنىڭ قىممىتىنى ئۆزەڭ تولۇق بىلىشىڭ كېرەك. ئۆزەڭنىڭ يۈكسەك باھالىق قىممىتىڭگە ئۆزەپ جەزمەن ئىشىنىشىڭ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزەڭنى ھامان باشقىلارنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇشقىلا لايىق چاغلايدىغان، ئۆزەڭنى ھەمىشە باشقىلار بۇرنۇڭدىن يېتىلەپ يۈرۈشكە مۇناسىپ ھېسابلايدىغان مەھكۇم مىجەزلىكىڭنى قەتئىي چۆرۈپ تاشلىشىپ لازىم. بىلمەك كېرەككى، ئىنسان ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بىلگەندىلا، ئاندىن ئۇنىڭدا جاسارەت بولىدۇ؛ ئادەم جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ ياشىغاندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا ھەقىقىي مەززە ۋە چىن ھالاۋەت بولىدۇ!
ئىگىز بۇرنۇڭنىڭ ئۇچىنىلا كۆرمەي، يىراققا نەزەر تاشلاپ تۇرۇپ ئويلان، ئەبگا!