ئۇيغۇرلاردىكى قول يۇيۇش مەدەنىيتى

ئورنى Wikipedia

      قول يۇيۇش ئۇزاق تارىخقا ئىگە بىر خىل ئېسىل ئەنئەنە بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تازىلىققا ، پاكىزلىققا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسىدۇر.

    ئۇيغۇرلار تازىلىق — ساغلاملىقنىڭ ئانىسى، بارلىق گۈزەللىكنىڭ ئاساسىي، ئىنسان تەبىئىيتى ۋە ئەخلاقنىڭ زىننىتى دەپ قارايدۇ. شۇنداقلا كېسەللكنىڭ قول ئارقىلىق ئېغىزدىن كىرىدىغانلىقىنى، قول پاكىز بولسا بەدەن ساغلام، ئۆمرى ئۇزۇن بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ، شۇنداقلا تازىلىققا رىئايە قىلىشنى شەرەپ، رىئايە قىلىشنى شەرەپ، رىئايە قىلماسلىقنى نومۇس دەپ بىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن تازىلىقنى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بارلىق ئىش – ھەرىكەتنىڭ ئالدىغا قويۇپ، ئومۇمىي بەدەن تازىلىقى، يېمەك – ئىچمەك تازىلىقى، كىيىم – كېچەك ۋە مۇھىت تازىلىقى قاتارلىقلارغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىشتىن سىرت، قول يۇيۇشنى ئائىلە مەدەنىيتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قاتارىدا مەركەزلىك ئورۇنغا قويۇپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلار ھەر قېتىم ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ ئورنىدىن تۇرغاندا، ئالدى بىلەن قولىنى، ئاندىن باشقا ئەزالىرىنى يۇيىدۇ. كۆكتات ئادالاش، يېمەك – ئىچمەك تەييارلاش، ئاش – تاماق ئېتىش، باشقا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ئاۋۋال ۋە كېيىن قولىنى پاكىز يۇيىدۇ. بولۇپمۇ توي – تۆكۈن، نەزىر – چىراغ، مېھماندارچىلىق قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا قول يۇيۇش ئالاھىدە چوڭ ئىش قاتارىدا ھۆرمەت – ئېكرام بىلەن قائىدە – يوسۇنلۇق ھالدا تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىدۇ. مېھمانلارنىڭ قولىغا سۇ بېرىشتە نەپىس ئىشلەنگەن ئاپتۇۋا – چىلاپچىلار ھازىرلىنىدۇ. ساھىبخان قولىغا سۇ قۇيۇشقا مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرىدۇ، قولىغا سۇ قۇيغۇچىلار سۇنىڭ ئىسسق – سوغۇقلۇقىنى ئوبدان تەڭشەپ، ئوڭ قولىدا ئاپتۇۋانىڭ بېغىنى تۇتۇپ، سول قولىنىڭ ئالقىنىنى ئاپتۇۋانىڭ قورسىقىغا يەڭگىل تەگكۈزۈپ، ياشتا ۋە ھۆرمەتتە چوڭ بولغانلاردىن باشلاپ، مېھمانلارنىڭ ئالدىغا ئېگىلىپ تۇرۇپ، نۆۋەت بىلەن ئالدىرىماي قولىغا سۇ قۇيىدۇ. قولىغا سۇ بېرىشنىڭمۇ مۇناسىپ قائىدىسى بار بولۇپ، ئادەتتە ئۈچ قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە سۇ قۇيۇش بويىچە داۋاملىشىدۇ، يەنى 1– قېتىمدا ئازراق، 2– قېتىمدا ئوتتۇرا ھال، 3– قېتىمدا يەڭگىل، ئۈزۈلدۈرمەي سۇ قۇيۇش كېرەك. مەيلى قانداق جايدا بولسۇن كىچىكلەر چوڭلارنىڭ، پەرزەنتلەر ئاتا – ئانىلارنىڭ قولىغا سۇ قۇيىدۇ ۋە بۇمۇ ئوخشاشلا يۇقىرىقىدەك قائىدە – تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇيغۇرلار قويۇق تاماق ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى پاكىز قول بىلەن يېيىشنى كىچىكىدىن باشلاپ ئادەت قىلغان بولۇپ، بۇنداق يېيىلگەن تاماقنىڭ تەمى قوشۇق ۋە چوكا بىلەن يېيىلگەن تاماققا قارىغاندا تاتلىق ۋە يېيىشلىك بولۇپ، كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ قول يۇيۇش مەدەنىيتى ئەنئەنىۋىلىككە ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇرلا ئادەتتە ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە ئوڭايلىقچە گىرىپتار بولمايدۇ ھەمدە بۇنىڭ خاسىيتى تەن قۇرۇلۇشى، چىراي گۈزەللىكى، روھىي كەيپىياتى جەھەتلەردىنمۇ گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىمىز، ھەتتا دۇنيا بويىچىمۇ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدىغان مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىمۇ قول يۇيۇش ئاساس قىلىنغان تازىلىق مەدەنىيتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، دەپ قاراشقا بولىدۇ. [1]

  1. مۇھەررىر : قەيـسەر ؛مەنبە:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ؛ۋاقىت:2008- 11- 06 15:23؛ تور ئادىرسى:http://uy.ts.cn/wenhua/content/2008-11/06/content_125724.htm؛