ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئوبرازىغا قارىتا بىر تەرەپلىمە قاراشلارنى لوگىكىلىق تەھلىل قىلىش
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئوبرازىغا قارىتا بىر تەرەپلىمە قاراشلارنى لوگىكىلىق تەھلىل قىلىش
يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئېتىقاد ۋە ئېھتىيات سەۋەبىدىن ئۆز كىملىكىنى يوشۇرۇپ پائالىيەت قىلىشىنى «ياۋايىلىق» ياكى «ياتلىشىش» دەپ ئەيىبلەيدىغان يۈزەكى قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ تەنقىدلەرنىڭ ئارقىسىدا كۈچلۈك بىر رېدۇكسىيونىزم (مەسىلىنى ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش) ۋە تارىخىي پاكىتلارنى تاللاپ ئىشلىتىش خاھىشى يوشۇرۇنغان.
1. تارىخىي رومانتىزم ۋە رېئاللىقنىڭ بۇرمىلىنىشى
تەنقىدچى «ئات مېنىپ ئوقيا ئاتقان جەڭگىۋار ئاياللار» ئوبرازىنى بۈگۈننى ئەيىبلەشنىڭ قورالى قىلىپ كۆرسىتىپتۇ. ئەمما تارىخىي تەرەققىيات لوگىكىسىدا شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى: ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تاشقا ئايلانغان بىر مۇزېي بۇيۇمى ئەمەس، ئۇ بىر تەرەققىيات جەريانىدۇر. ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلىش بىر مىللەتنىڭ «ئەرەبلىشىشى» ئەمەس، بەلكى قىممەت قارىشىنىڭ يېڭىلىنىشىدۇر. تارىختىكى ئايال خاقانلىرىمىز بىلەن يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى ئىسلامىي ئېتىقاد روھى بىلەن جەڭ قىلغان نۇزۇگۇملار، مايىمخانلار ، رىزۋانگۈللەر ئارىسىدا بىر «ئۈزۈلۈش» ئەمەس، بەلكى بىر «ۋارىسلىق» بار.
بۈگۈنكى كۈندە ئاياللارنىڭ تەشۋىقات سېپىدە ئۆز ئېتىقادى بىلەن كۈرەش قىلىشى ؛ دەل ئاشۇ قەدىمكى جەڭگىۋار روھنىڭ ئۇچۇر دەۋردىكى زامانىۋى ئىپادىسىدۇر. جەڭگىۋارلىق كىيىمنىڭ قىسقا-ئۇزۇنلۇقىدا ئەمەس، بەلكى پىكىرنىڭ ئۆتكۈرلۈكىدە ۋە دۈشمەنگە بولغان غەزەپ-نەپرىتىدە ئىپادىلىنىدۇ.
2. «ئەرەبلىشىش» قالپىقى
ئاياللارنىڭ ئورۇنۇشىنى ياكى يۈزىنى يوشۇرۇشىنى «ئەرەب كۈلتۈرى» دەپ ئاتاش بىر ئىلمىي خاتا چۈشەنچىدۇر. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەتلەس، دۇپپا ياكى ئۆزىگە خاس يېپىنچە كىيىملىرى ئەرەبلەرنىڭ «نىقاب» ياكى «ئابايا»لىرىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق كۆز قاراشقا ئىگە. بۇنى بىر تاياقتىلا «ياتلىشىش» دەپ ئاتاش، مىللەتنىڭ مىڭ يىللىق دىنىي مەدەنىيەت تارىخىنى ئىنكار قىلىش ۋە خۇنۈكلەشتۈرۈشتۇر.
ئەگەر بىز دىنىي تاللاشنى «ئەرەبلىشىش» دەپ رەت قىلساق، ئۇنداقتا غەربنىڭ لىبېرال قاراشلىرىنى، مەسىلەن جىنسىي ئەركىنلىك ياكى كىملىك قاراشلىرىنى مىللىي تۇرمۇشىمىزغا تېڭىشنى نېمە ئۈچۈن «غەربلىشىش» دەپ تەنقىد قىلمايمىز؟ تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي قىممەت قاراشلىرىنىڭ ھېچبىر يېرىدە ئورۇن بېرىلمىگەن «ھەمجىنىسلىق» نى تاللىغان بۇ بالا ، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلۇققا ئىگە چىقىشنى ئاۋال ئۆزىنى تەنقىد قىلىشتىن باشلىمايدۇ؟ ۋەتەن سىرتىدا ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيىتىمىز نوپۇسىمىزنى كۆپەيتىش ئىكەن؛ بۇ بالىنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش ئىقتىدارىدىن قالىدىغان بۇ يولغا «زامانىۋىلىق» لىباسى ئاستىدا قەدەم ئېلىشى ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەنپەئەتىگە قىلىنغان ئەڭ چوڭ خىيانەت ئەمەسمۇ؟ بۇ يەردە ئاشكارا بىر مەدەنىيەت جەھەتتىكى قوش ئۆلچەم ۋە سەمىمىيەتسىزلىك مەۋجۇت.
3. مۈلۈكلەشتۈرۈش كىمنىڭ قارىشى؟
يازما ئاپتورى ئاياللارنى «ئەرلەرنىڭ مۈلكى» دەپ ئاتاش ئارقىلىق ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ ئىرادىسىنى ئىنكار قىلماقتا.
بىر ئايالنىڭ مودا ياكى جەمئىيەتنىڭ جىنسىي بېسىمىغا قارىماي، ئۆز ئېتىقادى ئۈچۈن ئورۇنۇشنى تاللىشى ؛ ئۇنىڭ ئۆز بەدىنى ئۈستىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئىگىلىك ھوقۇقىدۇر.
غەربچە لىبېرالىزمنىڭ ئاياللارنى چوقۇم «ئېچىلىپ كۆرسىتىشكە» مەجبۇرلىشى ؛ ئايال كىشىنى ئەركەكلەرنىڭ خاھىشى ئۈچۈن بىر جىسىمغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشتۇر. تەنقىدچى دەل مۇشۇ خىل ئوبېكتلاشتۇرۇش سىستېمىسىنى «ئىلغارلىق» دەپ تەشۋىق قىلماقتا.
4. سىياسىي ئىستراتېگىيە ۋە ئانانىمىتلىق
بىر ئاخپاراتچى سۈپىتىدە، تەنقىدچى «مەنبەنى قوغداش» ۋە «بىخەتەرلىك» ئۇقۇملىرىنى ئوبدان بىلىشى كېرەك: بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئاياللىرى يۈزىنى يوشۇرۇپ تەشۋىقات قىلسا، بۇ سىياسىي رېئاللىق تەلەپ قىلغان بىر ئىستراتېگىيەلىك ئانانىمىتلىقتۇر. يۈزىنى يوشۇرۇپ سۆزلەۋاتقان ئايال ئۆزىنى ۋە يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قوغداش بىلەن بىرگە، مىللىتى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا. بۇنى «ياۋايىلىق» دەپ ئاتاش، ئاكتىپ كۈرەش قىلىۋاتقان ئاياللارنىڭ مىللىي مەسئۇلىيىتىگە ۋە قەھرىمانلىقىغا تىل ئۇزارتىشتۇر.
شۇنداقلا ، سۈنئىي ئەقىل شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان بىرپەيتتە ، قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ ئۆز چىرايىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن خالىي تۇتىشى ، ئۇلارنىڭ ھەرخىل نىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ھەتتا شەھۋانىي تىجارەتكە دەسمىي بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈنمۇ ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر.
ھەقىقىي ئىلغارلىق — ئاياللارنى مەلۇم بىر خىل شەكىلدە ياشاشقا مەجبۇرلاشتا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆز ئېتىقادى ۋە ئىرادىسى بىلەن جەمئىيەتتە باراۋەر ئورۇن ئېلىشىغا ھۆرمەت قىلىشتىدۇر. ئۆز مىللىتىنىڭ يىلتىزىغا تىغ ئۇرۇش ئارقىلىق، ياتلارنىڭ پىكىر تاشلاندۇقلىرى بىلەن «مەدەنىيەتلىك» بولغىلى بولمايدۇ. ئەجدادلىرىمىزنىڭ «ئات ئۈستىدىكى روھى» بۈگۈنكى ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئېتىقادلىق كۈرەش ئىچىدە ياشىرىۋاتىدۇ.
5. كىملىكنى تارتىۋېلىشقا بولمايدۇ
ئۇيغۇر ئاياللىرى مەلۇم قىلىپ ئاستىدا ياشايدىغان تاشقا ئايلانغان جىسىم ئەمەس. بىزنىڭ كىملىكىمىز ھەم ئەجدادلىرىمىزنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى، ھەم مىڭ يىللىق ئېتىقادىمىزنىڭ ھاياسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە مىللەتنىڭ ئېتىقادىغا «يات كۈلتۈر» دەپ ھۇجۇم قىلىپ تۇرۇپ، يەنە بىر يات كۈلتۈر بولغان غەرب لىبېراللىقىنى (مەسىلەن، ھەمجىنىسلىق ياكى چەكلىمىسىز يالىڭاچلىقنى) مىللىي قىممەت دەپ تېڭىش ، پىكىر جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت ۋە تەسلىمىيەتچىلىكتۇر.
ھەقىقىي ئىلغارلىق — ئاياللارنى مەلۇم بىر خىل شەكىلدە كىيىنىشكە مەجبۇرلاشتا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆز ئېتىقادى، پىكىرى ۋە سىياسىي ئىرادىسى بىلەن جەمئىيەتتە باراۋەر ئورۇن ئېلىشىغا ھۆرمەت قىلىشتىدۇر.
2-مۇستەملىكە ۋە ئېزىكلىك پىسخىكىسى
ماقالىنىڭ يۇقىرىقى بۆلەكلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تالاش-تارتىشلارنىڭ تېگىگە چوڭقۇر چۆككىنىمىزدە، بىز پەقەت بىرلا مەدەنىيەت توقۇنۇشىنى ئەمەس، بەلكى مۇستەملىكە قىلىنغان ياكى بېسىم ئاستىدا قالغان مىللەتلەردە كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىل « ئېزىكلىك پىسخىكىسى» نى كۆرىمىز. جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە پىسخولوگىيە نوقتىسىدىن ئېيتقاندا، بۇ بىر خىل مەدەنىيەت كېسەللىكى بولۇپ، ئۇنىڭغا تۆۋەندىكىدەك دىئاگنوز قويۇش مۇمكىن:
1. غالىبقا تەقلىد قىلىش سىندرومى
ئەرەب دۇنياسىنىڭ مەشھۇر مۇتەپەككۇرى ئىبنى خالدۇن بۇنىڭدىن يەتتە ئەسىر بۇرۇنلا ئۆزىنىڭ «مۇقەددىمە» ناملىق ئەسىرىدە: «مەغلۇبلار - ھەر ۋاقىت غالىبنىڭ كىيىم-كېچىكى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە پىكىرلىرىگە تەقلىد قىلىشقا ھېرىسمەن بولىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. مۇستەملىكە قىلىنغان مىللەتلەرنىڭ زىيالىي قاتلىمىدا دائىم مۇشۇنداق بىر پىسخىك بۇزۇلۇش كۆرۈلىدۇ: ئۇلار ئۆز مىللىتىنىڭ كۈچىنى، يېڭىلىشىنى ۋە «ئىلغارلىقىنى» ئۆز كىملىكىنىڭ جەۋھىرىدىن ئەمەس، بەلكى غالىب كۈچنىڭ (مەيلى ئۇ غەرب بولسۇن ياكى ھازىرقى ھۆكۈمران سىستېما بولسۇن) ئۆلچەملىرىدىن ئىزدەيدۇ.
زامانىۋى پىسخولوگىيە بويىچە ئېيتقاندا، بۇ «تاجاۋۇزچى بىلەن كىملىك بىرلىكى ھاسىل قىلىش» ھادىسىسىدۇر. يازما ئاپتورىنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ دىنىي قىممەت قاراشلىرىنى «ياۋايىلىق» دەپ ئاتاپ، غەربچە لىبېراللىقنى «ئىلغارلىق» سۈپىتىدە تاشقى كۆرۈنۈش قىلىۋېلىشى، دەل مۇشۇ پىسخىك زەربىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئۇلار ئۈچۈن «ئىلغار» بولۇشنىڭ بىردىنبىر يولى ، ئۆزىدىكى «مىللىي ۋە دىنىي بولغان» ھەر قانداق نەرسىنى چەتكە قېقىش، ھەتتا ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىشتۇر.
2. مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۆز-ئۆزىنى خارلاش
مەشھۇر پىسخولوگ فرانس فانون (Frantz Fanon) ئۆزىنىڭ «قارا تېرە، ئاق نىقابلار» ناملىق كلاسسىك ئەسىرىدە، مۇستەملىكە قىلىنغان كىشىنىڭ يات بىر مەدەنىيەتنىڭ نىقابىنى كىيىۋېلىپ، ئۆز مىللىتىگە شۇ نىقابنىڭ كۆزى بىلەن قاراش پاجىئەسىنى بايان قىلغان. بۇ تەنقىدچىنىڭ يازمىسىدىكى «ئاياللارنىڭ ئورۇنۇشى ياۋايىلىق» دېگەن سۆزلەر، ئەسلىدە مۇستەملىكە قىلغۇچىنىڭ ئۆز تىلىدۇر. مۇستەملىكە قىلغۇچى سىستېما دائىم بېسىم ئاستىدىكى مىللەتنىڭ ئېتىقادىنى «قاراڭغۇلۇق»، ئادىتىنى «كونىلىق» دەپ تەشۋىق قىلىدۇ. مىللەت ئىچىدىكى مارگىناللاشقان زىيالىيلار بۇ تەشۋىقاتنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز خەلقىگە خۇددى بىر «سىرتتىن كەلگەن مەدەنىيەت تارقاتقۇچى» سۈپىتىدە قاراشقا باشلايدۇ.
بۇ يەردە كۆرۈلۈۋاتقان ئەھۋال شۇكى، تەنقىدچى بىر تەرەپتىن «ئەرەبلەردىن كەلگەن يات ئادەت» دەپ دىنغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆزى تېخىمۇ چوڭ بىر يات مەدەنىيەتنىڭ (غەربچە ھەمجىنىسلىق ، ماددىي ئەركىنلىك ۋە كىملىكسىزلىكنىڭ) مەنىۋى قۇللۇقىغا چۈشۈپ قالغان. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىززىتى پەقەت غەربنىڭ ئۆلچەملىرى بويىچە يۈزىنى ئاچقاندىلا ئاندىن «ئەركىنلىك» كە ئېرىشەلەيدۇ. بۇ ، پىكىر جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ «مەدەنىيەت چېكىنىشى»دۇر.
3. سىياسىي مانقۇرتلىشىش ۋە كىملىك كىرىزىسىگە دىئاگنوز
جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بۇ بىر خىل «ئۆز-ئۆزىنى يوقىتىش» جەريانىدۇر. مۇستەملىكە بولغان مىللەتلەردە بىر قىسىم كىشىلەر، ئۆزىنى ئەتراپىدىكى «نورمال، دىندار، مىللەتچى» ئاممىدىن يۇقىرى كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۆزىنى زامانىۋى دۇنيانىڭ بىر پارچىسى قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرگە ياكى ئاياللارنىڭ ئورۇنۇشىغا بولغان نەپرىتى ، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ «مۇستەملىكە قىلىنغان، خارلانغان، ئاجىز» كىملىكىدىن قېچىش ئۇرۇنۇشىدۇر. ئۇلار ئۆز مىللىتىنىڭ مەنىۋى قوراللىرىنى (ئېتىقادىنى) يوقىتىش ئارقىلىق، تاجاۋۇزچىنىڭ كۆزىدە «ياخشى، ئىلغار، مەدەنىيەتلىك» كۆرۈنمەكچى بولىدۇ.
ئاخىرىدا سەمىمىي تەۋسىيە:
ھەقىقىي زىيالىي ۋە ئاخپاراتچى بولۇش ، ئۆز مىللىتىنىڭ كىملىكىنى ياتلارنىڭ پىچىقىدا پارچىلاش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ جەۋھىرىنى قوغداش ۋە بۈگۈنكى رېئاللىققا ماسلاشتۇرۇشتۇر. ماھىيەت مۇنبىرى سىزگە شۇنى سەمىمىي تەۋسىيە قىلىدۇكى:
مىللەتنىڭ ئېتىقادىنى دۈشمەن كۆرۈش ، مىللەتنىڭ جېنىنى سۇغۇرۇۋېلىش بىلەن باراۋەر. بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ئۇنىڭ قەدىمكى جەڭگىۋارلىقى بىلەن بۈگۈنكى ئېتىقادىنى ئۆز-ئارا زىتلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى بىر گەۋدە قىلىپ، زامانىۋى بىر «ئۇيغۇر روھى» يارىتىش ئارقىلىق بولىدۇ.
بىر ئايالنىڭ ئورۇنۇشىنى «ئەرلەرنىڭ بېسىمى» دەپلا كۆرۈش، سىزنىڭ ئاياللارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىغا بولغان ئىشەنچىڭىزنىڭ نەقەدەر تۆۋەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنى بىر «مۈلۈك» سۈپىتىدە ئەيىبلەشتىن توختاپ، ئۇلارنىڭ مۈشكۈل شارائىتتا كىملىكىنى قوغداش ئۈچۈن قىلىۋاتقان پىداكارلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ.
سىزنىڭ «ئىلغارلىق» دەپ تۇتقان تۇتقۇڭىز، ئەسلىدە سىزنى ئۆز خەلقىڭىزدىن ئايرىۋەتكەن بىر پىسخىك «ماسكا» بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. ھەقىقىي ئەركىنلىك ، غالىب كۈچلەرنىڭ پىكرىگە ئەگىشىش ئەمەس، بەلكى ئۆز كىملىكىنىڭ يىلتىزىغا تايىنىپ تۇرۇپ دۇنياغا يۈزلىنىشتۇر.
ھۆرمەت بىلەن:ماھىيەت مۇنبىرى