ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسى

ئورنى Wikipedia

تەلەپپۇز قائىدىسى ھەققىدە[تەھرىرلەش]

تەلەپپۇز قائىدىسى توغرا سۆزلەش قائىدىسى دېگەنلىكتۇر. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، تەلەپپۇز قائىدىسى مەلۇم بىر ئەدەبىي تىلدا سۆزلىشىدىغان ۋە ئالاقە قىلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ شۇ تىلدىكى سۆزلەرنى توغرا تەلەپپۇز قىلىشىنى تەمىن ئېتىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ نۇتۇقتا ئورتاق ئەمەل قىلىشى زۆرۈر بولغان قائىدىلەر سىستېمىسىدۇر. تىلنىڭ ئىملا قائىدىسى بىلەن تەلەپپۇز قائىدىسى تىل ئارقىلىق ئالاقىلىشىش ئېھتىياجىنى ھەل قىلىشتىكى ئىككى مۇھىم قائىدە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تىلنى قېلىپلاشتۇرۇش دېگەنلىك، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئىملاسى بىلەن تەلەپپۇزىنى قېلىپلاشتۇرۇش دېگەنلىك. ئىملانىلا قېلىپلاشتۇرۇپ، تەلەپپۇز تاشلاپ قويۇلسا، تىلنى قېلىپلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ. ئىملا قائىدىسى مەلۇم بىر ئەدەبىي تىلنىڭ يېزىق شەكلىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلسە، تەلەپپۇز قائىدىسى ئەدەبىي تىلنىڭ ئېغىزچە شەكلىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلىدۇ. تىلدا ئالاقىلىشىش شارائىتىنىڭ ۋە ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تىلنى بۇ ئىككى جەھەتتىن قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ لازىملىقىنى بەلگىلىگەن.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ مەركىزىي دىيالېكىتى ۋە ئۆلچەملىك تەلەپپۇزى ھەققىدە[تەھرىرلەش]

مەلۇم بىر ئەدەبىي تىلنىڭ شەكىللىنىشىدە شۇ تىلغا تەۋە بولغان دىيالېكتلاردىن بىرسى ئاساس بو- لىدۇ. قايسى دىيالېكتنىڭ ئاساس بولىدىغانلىقىنى كىشىلەرنىڭ سوبيېكتىپ خاھىشى ئەمەس، بەلكى شۇ دىيالېكتنىڭ شۇ تىل قوللىنىلىۋاتقان جەمئىيەتتە تۇتقان ئورنى بەلگىلەيدۇ. ئەگەر مەلۇم دىيالېكت رايونى شۇ جەمئىيەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى بولسا ۋە شۇ دىيالېكتتا سۆزلى- شىدىغانلارنىڭ نوپۇسىمۇ كۆپ بولسا، بۇ دىيالېكت شۇ جەمئىيەتتە ئەڭ مۇھىم ھېسابلىنىپ، ئەڭ تەسىرچانلىققا، ۋەكىللىك خاراكتېرغا ئىگە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەدەبىي تىلنىڭ ئاساسىي دىيا- لېكىتى بولۇش شەرتىنى ھازىرلىغان بولىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئاساسىي دىيالېكىتى دېگەندە ئۈرۈمچى، ئىلى، تۇرپان، قومۇل، ئاقسۇ، قەشقەر ۋە مۇشۇ رايونلارغا قاراشلىق ناھىيىلەردە ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بىز بۇ رايونلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان مەركىزىي رايونلار ئىكەنلىكىگە قاراپ، بۇ دىيالېكىتنى مەركىزىي دىيالېكىت دەپ ئاتىدۇق. مەركىزىي دىيالېكىت رايونىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان يۇقىرىدىكى رايونلار تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ رايونلاردا سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇرلار پۈتۈن ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ 80 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. كۆلەم جەھەتتە، بۇ دىيالېكت رايونى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. مۇشۇ شەرتلەر ئاساسىدا مەركىزىي دىيالېكىت ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى ۋە ئوينىماقتا. بىر ئەدەبىي تىلنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولغان دىيالېكىتتا ئالاقە قىلىشىدىغانلارنىڭ تەلەپپۇزى ئومۇمەن ئالغاندا شۇ تىلنىڭ ئەدەبىي تەلەپپۇزىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئۈلگىلىك رول ئوينايدۇ ۋە شۇ تىلنىڭ ئەدەبىي تەلەپپۇزىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولالايدۇ. گەرچە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەركىزىي دىيالېكىتىدا سۆزلىشىدىغانلارنىڭ تەلەپپۇزى مۇشۇن- داق مۇھىم رولغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن مەركىزىي دىيالېكىت ئىچىگە كىرىدىغان ھەر قايسى شېۋىلەر ئارا بەزى فونېتىكىلىق پەرقلەر بولغانلىقى ئۈچۈن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەدەبىي تەلەپپۇزىنى بېكىتىشتە مەركىزىي دىيالېكىت تەۋەسىدىن شۇ دىيالېكت رايونىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئېتىراپ قى- لىدىغان، نىسبەتەن ئۆلچەملىك بولغان تەلەپپۇز رايونىنى تاللاپ چىقىش لازىم بولىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدە 20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلغان تىل تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولغان دىيالېكىتنىڭ مەركىزىي دىيالېكىت ئىكەنلىكى ۋە نىسبەتەن ئۆلچەملىك بولغان تەلەپپۇز رايونىنىڭ ئۈرۈمچى ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن. بۇ نۇقتىنى ئۈرۈمچى رايونىنىڭ زامانىمىزدا ئالدى بىلەن سىياسىي مەركەز، شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغانلىقى، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بۇ رايونغا توپلىنىشى ۋە ھەر قايسى دىيالېكىتلار ۋە شېۋىلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى يىغىنچاقلىغان ھالدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي ئېغىز تىلىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر ئۆلچەملىك ئېغىز تىلى تەلەپپۇزىنى شەكىللەندۈرگەنلىكى، بۇنىڭ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن ئورتاق ئېتىراپ قىلىنغانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ 20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن ئېتىبارەن، بۇ رايوندا مەدەنىيەت-مائارىپ ئىشلىرىنىڭ كۈنسېرى گۈللىنىشى، كىنو-تىياتىر، رادىيو-تېلېۋىزىيە، ئاخبارات ۋە نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشى، ھەر دەرىجىلىك ئوقۇتۇش ئورۇنلىرىنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق كۆپلىگەن ئاكتىپ ئامىللار ئۈرۈمچى تەلەپپۇزىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەدەبىي تەلەپپۇزىغا ئاساس بولالايدىغان، مەركىزىي دىيالېكت ئىچىدىكى باشقا شېۋىلەر تەلەپپۇزىغا نىسبەتەن ئۆلچەملىك تەلەپپۇز بولۇپ قالغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. بىر مىللەت تىلىدىكى دىيالېكىت ۋە شېۋە ئالاھىدىلىكلىرى ئۇزاق بىر مەزگىل ئىچىدە ئۆزىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ قالىدۇ. ئۇلار ئۆز تەرەققىياتى جەريانىدا بىر تەرەپتىن ئەدەبىي تىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقىتىپ بارىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن پايدىلىق تەركىبلىرى بىلەن شۇ ئەدەبىي تىلنى بېيىتىپ بارىدۇ ۋە ئاخىرى شۇ ئەدەبىي تىل بىلەن بولغان پەرقلىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىدۇ. مۇنداق تەرەققىيات جەريانى ھەر قايسى مىللەت تىللىرىدا ۋە ئۇلارنىڭ دىيالېكت، شېۋىلىرىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە داۋاملىشىدۇ. بۇ نۇقتىدا ئاساسىي ھەل قىلغۇچ ئامىل مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن-تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەدەبىي تىل بىلەن دىيالېكىت ۋە شېۋىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت شۇنداق بولغاچقا، بىز ئەمەلىي تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق مۇئەييەنلەشتۈرگەن، نىسبەتەن ئۆلچەملىك تەلەپپۇزغا ۋەكىللىك قىلغان شېۋىدىمۇ مەلۇم مەزگىل ياكى ئۇنداق، ياكى مۇنداق شېۋە ئالاھىدىلىكلىرى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. شۇڭا،ئەدەبىي ئېغىز تىل نورمىلىرىنى بېكىتىش بىر تىلدىكى فونېتىكىلىق خۇسۇسىيەتلەرنى تەلەپپۇز جەھەتتىن بىر قېلىپقا سېلىشنى، جۈملىدىن نىسبەتەن ئۆلچەملىك تەلەپپۇز رايونىدىكى شېۋىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدىمۇ مەلۇم دەرىجىدە شاللىۋېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مانا بۇ ئەدەبىي تەلەپپۇزنى قېلىپلاشتۇرۇش مەسىلىسىدۇر.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسىنى تۈزۈش پىرىنسىپلىرى[تەھرىرلەش]

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنى قېلىپلاشتۇرۇشتا سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزىغىمۇ ئوخشاشلا ئېتىبار بېرىش ئىنتايىن مۇھىم. ئادەتتە ئىملا قائىدىسى كىشىلەرنى خاتا يېزىشتىن چەكلىسە، تەلەپپۇز قائىدىسى سۆزلەرنى توغرا، ئۆلچەملىك تەلەپپۇز قىلىشقا يېتەكلەيدۇ. تەلەپپۇز قائىدىسى ئىمكانقەدەر ئىملا قائىدىسىگە بېقىنىشى، يەنى سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزى ئىمكانقەدەر ئىملاسى بىلەن ئوخشاش بولۇشى شەرت. جانلىق تىل ئۆزگىرىشچان بولغانلىقتىن تىزگىنلەنمىسە، ئىملا بىلەن تەلەپپۇز ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بارا-بارا چوڭىيىپ بېرىپ، جانلىق تىل بىلەن يېزىق تىلنىڭ ئۆزئارا ماسلاشماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ-دە، ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا، ئىجتىمائىي ئالاقىگە مەلۇم قىيىنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلمىي بولغان تەلەپپۇز قائىدىسىنى تۈزۈش ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. تەلەپپۇز قائىدىسىنى تۈزۈشتە ئالدى بىلەن ئۇنىڭ پىرىنسىپلىرىنى بەلگىلەش لازىم. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسىنى تۈزۈشتىكى پىرىنسىپلار تۆۋەندىكىچە: 1) ئىمكان قەدەر سۆز تەركىبىدىكى ھەر بىر تاۋۇشنى ئېلىپبەدە بېكىتىلگەن تاۋۇش نورمىسى بويىچە تەلەپپۇز قىلىش، سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزىنىڭ شۇ سۆزنىڭ ئىملاسى بىلەن بىردەك بولۇشىنى تەكىتلەش؛ جۈملە تەركىبىدىكى سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلىشتا، نوقۇل ھالدا نۇتۇقنىڭ راۋانلىقىنى قوغلىشىپ كەتمەسلىك؛ جۈملە تەركىبىدىكى مەلۇم سۆزنىڭ تەلەپپۇزىدا ئۆزىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى سۆزلەرنىڭ تەسىرىدىن يۈز بېرىدىغان فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنى ئىپادە قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئەھۋاللاردا ئىملانى ئاساس قىلىش. ھەرقانداق يېزىق تىل ئېغىز تىل ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ. لېكىن ئۇ شەكىللەنگەندىن كېيىن يېزىقنىڭ چەكلەش رولى ۋە ئىملا قائىدىسى ئارقىلىق ئېغىز تىلغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇنى توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ ھەمدە تەلەپپۇزنىڭ بىر قېلىپقا چۈشۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز نورمىلىرىنىڭ ئىملا نورمىلىرى بىلەن بىر خىلدا بولۇشىنى تەكىتلەش تولىمۇ مۇھىم. 2) فېزىيولوگىيىلىك شارائىت يار بەرمىگەن ئايرىم ئەھۋالدا سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى قوغلاشماي، تەلەپپۇزغا مەلۇم جەھەتتىن يول قويۇش. ئېغىز تىلمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. بەزى سۆزلەر كونكرېت ئالاقە شارائىتىدا يېزىقتا ئىپادىلەنگىنى بويىچە تەلەپپۇز قىلىنسا، نۇتۇقنىڭ راۋانلىقى ۋە يېقىملىقلىقىغا تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا تەلەپپۇز قائىدىسىنى بېكىتىشتە، ھەممىلا ئورۇندا سۆزلەرنىڭ ئىملاسى بىلەن تەلەپپۇزىنىڭ بىردەك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك دېگەن تەلەپنى قويغىلى بولمايدۇ.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسى[تەھرىرلەش]

سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزى ئاساسەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. ئەمما ئايرىم ئەھۋاللاردا يۇقىرىدىكى ئىككىنچى پىرىنسىپ بويىچە ھەل قىلىنىدۇ. بۇ قېتىم تەلەپپۇز قائىدىسىنى بېكىتىشتە، سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزى بىلەن ئىملاسىنىڭ بىردەك بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلدى. بۇنىڭدا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار تۆۋەندىكىچە: 1) بوغۇم ئاخىرى بولۇپ كەلگەن”ر،ل، ھ“تاۋۇشلىرى نۇتۇقتا ھەرقانداق ئەھۋالدا چۈشۈرۈلمەيدۇ. ئەمما سىلىقراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى تەلەپپۇزى ئانار ئانار (ئانا: ئەمەس) دۇتار دۇتار (دۇتا: ئەمەس) بارغان بارغان (با:غان ئەمەس) كۆرگەن كۆرگەن (كۆ:گەن ئەمەس) ئالغان ئالغان (ئا:غان ئەمەس) بولغان بولغان (بو:غان ئەمەس) چالماق چالماق (چا:ماق ئەمەس) سالماق سالماق (سا:ماق ئەمەس) پادىشاھ پادىشاھ (پادىشا ئەمەس) ئارامگاھ ئارامگاھ (ئارامگا ئەمەس) ھېيتگاھ ھېيتگاھ (ھېيتگا ئەمەس) 2) پېئىللارنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى شەخس قوشۇمچىلىرىنىڭ ئايىغىدىكى ”ن“ تاۋۇشى چۈشۈرۈلمەي، ئۆز پېتى تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى تەلەپپۇزى بارىمەن بارىمەن (بارىمە ئەمەس) كېلىمەن كېلىمەن (كېلىمە ئەمەس) بارىسەن بارىسەن (بارىسە ئەمەس) كېلىسەن كېلىسەن (كېلىسە ئەمەس) 3) ⑴ رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان، ”س“ ياكى ”ش“ جا- راڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلىرى ئۆزىدىن باشقا جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن قاتارلىشىپ، ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش سۆز بېشى بولۇپ كەلگەن سۆزلەرنىڭ ئالدىغا ”ئى“ سوزۇق تاۋۇشى قوشۇلۇپ، جاراڭسىز ۋە قىسقا تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى: تەلەپپۇزى: ئىستىل ئىستىل ئىستاكان ئىستاكان ئىشتات ئىشتات ئىشكاپ ئىشكاپ ⑵ رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان، ”س“ ياكى ”ش“ جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلىرىدىن باشقا جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن قاتارلىشىپ، ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش سۆز بېشى بولۇپ كەلگەن سۆزلەرنىڭ ئارىسىغا ”ئى“سوزۇق تاۋۇشى قوشۇلۇپ، جاراڭسىز ۋە قىسقا تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى: تەلەپپۇزى: پىتومائىن پىتومائىن پىتېروكارىيە پىتېروكارىيە فىتور فىتور ⑶ رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان، ئالدىنقىسى جاراڭسىز، كېيىنكىسى جاراڭلىق ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش قاتارلىشىپ سۆز بېشى بولۇپ كەلگەن سۆزلەردە، بۇ ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ئارىسىغا ”ئى“سوزۇق تاۋۇشى قوشۇلۇپ، جاراڭلىق ۋە قىسقا تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى تەلەپپۇزى: سىمولا سىمولا سىلانېتس سىلانېتس شىلانكا شىلانكا پىرىنسىپ پىرىنسىپ تىراكتور تىراكتور خىروم خىروم كىلاسسىك كىلاسسىك ⑷ رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان، ئىككى جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش قاتارلىشىپ سۆز بېشى بولۇپ كەلگەن سۆزلەردە، بۇ ئىككى جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش ئارىسىغا ”ئى“سوزۇق تاۋۇشى قوشۇلۇپ، جاراڭلىق ۋە قىسقا تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى: تەلەپپۇزى: بىراخما بىراخما بىرىتۋا بىرىتۋا بىرىليانت بىرىليانت بىروم بىروم بىرونېۋىك بىرونېۋىك دىراپ دىراپ دىرامما دىرامما ⑸بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ بىرىنچى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇشنىڭ كەينىدىكى ئۈزۈك تاۋۇش تارىخىي فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن چۈشۈپ قېلىپ، ئەسلى يېپىق بوغۇم ئوچۇق بوغۇمغا ئايلانغان بولسا، چۈشۈپ قالغان ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ ئالدىدىكى سوزۇق تاۋۇش ئۇزۇنراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى  : تەلەپپۇزى: ئەتە (ئەسلى ئەرتە) ئە:تە باغاق (ئەسلى بارغاق) با:غاق چۇقان (ئەسلى چۇۋقان) چۇ:قان ئەسكەرتىش: ①”ر“تاۋۇشىنىڭ ئالدىدا ”ئا، ئو، ئې“لار بوغۇم ئاخىرى بولۇپ كەلسە، ئۇزۇنراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى : تەلەپپۇزى: ئارا ئا:را ئورۇق ئو:رۇق يورۇق يو:رۇق بېرىپ بې:رىپ يېرىپ يې:رىپ ②”ر، ل“ تاۋۇشلىرىنىڭ ئالدىدا ”ئۇ، ئۈ، ئى“ لار بوغۇم ئاخىرى بولۇپ كەلسە، قىسقىراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى : تەلەپپۇزى: تۇرۇپ تۇرۇپ تۇلۇم تۇلۇم كۈلۈپ كۈلۈپ كۈرۈك كۈرۈك بىلىم بىلىم بىلىپ بىلىپ چىرىك چىرىك قىرىپ قىرىپ بىراق بىراق بىلەن بىلەن تىلىم تىلىم چىلىم چىلىم ③ جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئالدىدا، ”ئۇ، ئۈ، ئى“سوزۇق تاۋۇشلىرى كەلسە، بۇلار تەلەپپۇزدا جاراڭسىزلىشىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى: تەلەپپۇزى: ئۇت ئۇت ئۇچ ئۇچ كۈت كۈت كۈچ كۈچ ئىت ئىت پىت پىت ⑹ ئەرەب، پارس تىللىرىدىن قوبۇل قىلىنغان بىر قىسىم سۆزلەردىكى ”ئا“، ”ئە“ تاۋۇشى ئۇزۇنراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى : تەلەپپۇزى: ئادەم ئا:دەم نالە نا:لە ئىئانە ئىئا:نە ماھىر ما:ھىر زالىم زا:لىم نامەرت نا:مەرت سايە سا:يە ⑺ بىر قىسىم ”ر، ل“ بىلەن ئاياغلاشقان بىر بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ تەركىبىدىكى ”ئا“ۋە ”ئە“تا- ۋۇشلىرى ئەسلىدە سەل ئۇزۇنراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مۇنداق سۆزلەرگە قوشۇمچە قوشۇلغاندىمۇ، بۇ ”ئا“ ۋە ”ئە“ تاۋۇشلىرى ئۆز ئۇرغۇسىنى يوقاتمىغانلىقتىن، ”ئې“ غا نۆۋەتلەشمەي، تەلەپپۇزدا ئۇزۇنراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى: تەلەپپۇزى: سان – سانى سا:نى پال – پالى پا:لى زال – زالى زا:لى شال – شالى شا:لى ھال – ھالى ھا:لى يال – يالى يا:لى قار – قارى قا:رى تار – تارى تا:رى يار – يارى يا:رى تەر – تەرى تە:رى كار – كارى كا:رى پار – پارى پا:رى شار – شارى شا:رى دار – دارى دا:رى گار – گارى گا:رى ⑻”ت، ن، پ، ز، ش“ قاتارلىق ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە تىل ئورنى ياكى تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى مۇشۇ تاۋۇشلارغا ئوخشاش بولغان تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، نۇتۇقتا ئومۇمەن ئاسسىمىلىياتسىيە ھادىسىسىگە يول قويۇلماي، سۆزنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى ئۈزۈك تاۋۇش ئۆز پېتى تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى : تەلەپپۇزى: ئاتسا ئاتسا (ئاسسا ئەمەس) ساتسا ساتسا (ساسسا ئەمەس) كەتسە كەتسە (كەسسە ئەمەس) ئونبىر ئونبىر (ئومبىر ئەمەس) شەنبە شەنبە (شەمبە ئەمەس) تۇرپانغا تۇرپانغا (تۇرپاڭغا ئەمەس) يامانغا يامانغا (ياماڭغا ئەمەس) ئوقۇپباق ئوقۇپباق (ئوقۇپپاق ئەمەس) يېزىپبەر يېزىپبەر (يېزىپپەر ئەمەس) مەنمۇ مەنمۇ (مەممۇ ئەمەس) يامانلىق يامانلىق (ياماللىق ئەمەس) يۈزسىز يۈزسىز (يۈسسىز ئەمەس) تۇزسىز تۇزسىز (تۇسسىز ئەمەس) پىشسۇن پىشسۇن (پىسسۇن ئەمەس) ⑼ بوغۇم ئاخىرى بولۇپ كەلگەن ”د، ب“ ئۈزۈك تاۋۇشلىرى تەلەپپۇزدا، جاراڭسىز پارتلىغۇچى ”ت، پ“ تاۋۇشلىرىغا يېقىنراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى: تەلەپپۇزى: ئەۋلاد ئەۋلاد (ئەۋلات ئەمەس) تەنقىد تەنقىد (تەنقىت ئەمەس) ئىقتىساد ئىقتىساد (ئىختىسات ئەمەس) ئازاب ئازاب (ئازاپ ئەمەس) ئەدىب ئەدىب (ئەدىپ ئەمەس) كىتاب كىتاب (كىتاپ ئەمەس) ⑽ بوغۇم ئاخىرى بولۇپ كەلگەن ”ق، چ“ ئۈزۈك تاۋۇشلىرى تەلەپپۇزدا، ئۆز پېتى تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى : تەلەپپۇزى: ئاقساقال ئاقساقال (ئاخساقال ئەمەس) ساقچى ساقچى (ساخچى ئەمەس) ئۇقتۇرۇش ئۇقتۇرۇش (ئۇختۇرۇش ئەمەس) تۇراقسىز تۇراقسىز (تۇراخسىز ئەمەس) ئاچقان ئاچقان (ئاشقان ئەمەس) قاچقۇن قاچقۇن (قاشقۇن ئەمەس) ئۇچقان ئۇچقان (ئۇشقان ئەمەس) ئاچقۇچ ئاچقۇچ (ئاشقۇچ ئەمەس) ⑾ بوغۇم ئاخىرى بولۇپ كەلگەن ”ج“ تاۋۇشى نۇتۇقتا ”ژ“ تاۋۇشىغا نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي، ئۆز پېتى يېنىكرەك تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى : تەلەپپۇزى: باج باج (باژ ئەمەس) كاج كاج (كاژ ئەمەس) ئۈجمە ئۈجمە (ئۈژمە ئەمەس) ئىجتىمائىي ئىجتىمائىي (ئىژتىمائىي ئەمەس) ⑿ ئىككىنچى تەركىبى ”ب “ بىلەن باشلانغان بىرىككەن سۆزلەرنىڭ ئىككىنچى تەركىبىنىڭ بوغۇم بېشىدىكى ”ب“ تاۋۇشى تەلەپپۇزدا ”ۋ“ غا نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي، ئىملاسى بويىچە ئۆز پېتى تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى : تەلەپپۇزى: بەلباغ بەلباغ (بەلۋاغ ئەمەس) گۈلباغ گۈلباغ (گۈلۋاغ ئەمەس) قاپاقباش قاپاقباش (قاپاقۋاش ئەمەس) كاتتىباش كاتتىباش (كاتتىۋاش ئەمەس) ئونبېشى ئونبېشى (ئونۋېشى ئەمەس) يۈزبېشى يۈزبېشى (يۈزۋېشى ئەمەس) يۈزبېگى يۈزبېگى (يۈزۋېگى ئەمەس) مىڭببېگى مىڭبېگى (مىڭۋېگى ئەمەس) ئەمەتباقى ئەمەتباقى (ئەمەتۋاقى ئەمەس) ⒀ بىرىنچى تەركىبىنىڭ ئاخىرىدا ”ئا“ ۋە ”ئە“ تاۋۇشلىرى كېلىدىغان بىرىككەن سۆزلەر، يەر-جاي ناملىرى ۋە جۈپ سۆزلەرنىڭ ئىملاسىدا، ئەگەر بىرىنچى تەركىبىدىكى ”ئا“ ۋە ”ئە“ تاۋۇش- لىرى ”ئى“ غا نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي ئۆز پېتى يېزىلغان بولسا، بۇ يەردىكى ”ئا“ ۋە ”ئە“ تاۋۇشلىرى تەلەپپۇزدا سەل قىسقا تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى: تەلەپپۇزى: قاراماي قاراماي (قارىماي ئەمەس) ئاراساي ئاراساي (ئارىساي ئەمەس) ئارائۆستەڭ ئارائۆستەڭ (ئارىئۆستەڭ ئەمەس) جاغداساي جاغداساي (جاغدىساي ئەمەس) جىگدەمازار جىگدەمازار (جىگدىمازار ئەمەس) دۈشەنبەبازار دۈشەنبەبازار (دۈشەنبىبازار ئەمەس) ئاتا-ئانا ئاتا-ئانا (ئاتى-ئانا ئەمەس) ئانا-بالا ئانا-بالا (ئانى-بالا ئەمەس) خالتا-خالتا خالتا-خالتا (خالتى-خالتا ئەمەس) ئارقا-ئارقىدىن ئارقا-ئارقىدىن (ئارقى-ئارقىدىن ئەمەس) ئەتە-ئۆگۈن ئەتە-ئۆگۈن (ئەتى-ئۆگۈن ئەمەس) كەلسە-كەلمەس كەلسە-كەلمەس (كەلسى-كەلمەس ئەمەس) ئەگەر ”ئا“ۋە ”ئە“ تاۋۇشلىرى ئىملادا ”ئى“ غا نۆۋەتلەشتۈرۈلۈپ بېكىتىلگەن بولسا، ئوخشاشلا بۇ يەردىكى ”ئى“ تاۋۇشى سەل قىسقا تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى تەلەپپۇزى قاغىتۇمشۇق قاغىتۇمشۇق قارىمۇچ قارىمۇچ بالىياتقۇ بالىياتقۇ تۆگىتاپان تۆگىتاپان ⒁ كىشى ئىسىملىرى ئىملاسى بويىچە تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى تەلەپپۇزى يۈسۈپ ئاكا يۈسۈپ ئاكا (يۈسۈۋاكا ئەمەس) تالىپ ئاخۇن تالىپ ئاخۇن (تالىۋاخۇن ئەمەس) زەينەپ ئاچا زەينەپ ئاچا (زەينىۋاچا ئەمەس) ئەركىنئاي ئەركىنئاي (ئەركىناي ئەمەس) گۈزەلئاي گۈزەلئاي (گۈزەلاي ئەمەس) ⒂”ئىدى، ئىكەن، ئىمىش“ ياردەمچى پېئىللىرى ئوچۇق بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەردىن كېيىن كەلگەندە (بولۇپمۇ ئاخىرقى بوغۇمى ”ئا، ئە، ئى“ سوزۇق تاۋۇشلىرى بىلەن ئاياغلاشقان تۇرغۇن سۆزلەردىن كېيىن كەلگەندە)، بوغۇم ئاخىرىدىكى ”ئا، ئە“ تاۋۇشلىرى تەلەپپۇزدا ”ئى“ غا نۆۋەتلەشتۈرۈلمەيدۇ. ”ئىدى، ئىكەن، ئىمىش>> ياردەمچى پېئىللىرى بولسا، ئۆزىنىڭ ئالدىدىكى سۆزگە قوشۇلماي تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى  : تەلەپپۇزى: ئالما ئىدى ئالما ئىدى (ئالمىدى، ئالمىكەن، ئالمىمىش ئەمەس) ئالتە ئىدى ئالتە ئىدى (ئالتىدى، ئالتىكەن، ئالتىمىش ئەمەس) توختى (كىشى ئىسمى) ئىدى توختى ئىدى (توختىدى،توختىكەن توختىمىش ئەمەس) ⒃”ئىدى، ئىكەن، ئىمىش“ ياردەمچى پېئىللىرى يېپىق بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەردىن كېيىن كەلگەندە، ئۆزىنىڭ ئالدىدىكى تۇرغۇن سۆزلەرگە قوشۇلماي تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى  : تەلەپپۇزى: تاش ئىدى تاش ئىدى (تاشىدى ئەمەس) چايدان ئىدى چايدان ئىدى (چايدانىدى ئەمەس) تۇمار ئىدى تۇمار ئىدى (تۇمارىدى ئەمەس) چەينەك ئىدى چەينەك ئىدى (چەينەكىدى ئەمەس) قەغەز ئىدى قەغەز ئىدى (قەغەزىدى ئەمەس) ⒄ جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش ”غ، گ“ بوغۇم ئاخىرى بولۇپ كەلگەن سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ مۇشۇ تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان ۋارىيانتى قوشۇلغاندا، ئۆزەكنىڭ ئاخىرىدىكى جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن قوشۇمچىنىڭ بېشىدىكى ئوخشاش ئىككى جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشنى بىرلا ۋاقىتتا ئارقا- ئارقىدىن تەلەپپۇز قىلىش قىيىن توختىغانلىقتىن، بۇ سۆزلەرگە ئىملادا قوشۇمچىلارنىڭ مۇشۇ تاۋۇشلارغا يېقىن جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش ”ق، ك“بىلەن باشلانغان ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. ئەمما تەلەپپۇزدا بوغۇم ئاخىرىدىكى ”غ، گ“ تاۋۇشلىرى ”ق، ك“ گە نۆۋەتلەشتۈرۈلۈپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى : تەلەپپۇزى: باغقا باققا تاغقا تاققا تۇغقان تۇققان ئەگكەن ئەككەن تەگكەن تەككەن بەگكە بەككە ⒅ خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن سۆزلەردە، قوشما يۈنمۇلار تەركىبىدىكى ئۆتكۈنچى سوزۇق تاۋۇشلار ئاساسىي سوزۇق تاۋۇش بىلەن بىر بوغۇم قىلىپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى  : تەلەپپۇزى: جۇڭخۇا جۇڭخۇا (جۇڭ-خۇ-ا ئەمەس) گۇاڭدۇڭ گۇاڭدۇڭ (گۇ-اڭ-دۇڭ ئەمەس) تيەنئەنمېن تيەنئەنمېن (تى-يەن-ئەن-مېن ئەمەس) ⒆ ئۇيغۇر تىلىدا باش ھەرپ بويىچە قىسقارتىلغان سۆزلەر شۇ ھەرپلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسىدىكى نامى بويىچە تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى  : تەلەپپۇزى: ش ئۇ ئا ر (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى) شې ئۇ ئا رې ج ك پ (جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى) جې كې پې ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) بې دې تې ش ئا ئە ت (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) شې ئا ئە تې ⒇خەلقئارادا ھەرپ بويىچە قىسقارتىپ قوللىنىش ئادەتلىنىپ كەتكەن قىسقارتىلغان سۆزلەر تىلىمىزغا قوبۇل قىلىنغاندا، خەلقئارادىكى لاتىن ھەرپلىرىنىڭ ئوقۇلۇشى بويىچە تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى  : تەلەپپۇزى: WTO -- (دۇنيا سودا تەشكىلاتى) دابليۇ تې ئوۋ GDP -- (ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى) جې دې پې BBC -- (ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتى) بې بې سې KGB -- (دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى) كې گې بې VCD -- (ۋېدىيولۇق ئوپتىكىلىق دىسكا) ۋې سې دې DVD -- (سېفىرلىق ۋېدىيولۇق دىسكا) دې ۋې دې CD -- (ئوپتىكىلىق دىسكا) سې دې (21) خەلقئارادا قىسقارتىپ يېزىلىپ كېلىۋاتقان ئۆلچەم بىرلىكلىرى ئۇيغۇر تىلىدىكى تولۇق نامى بويىچە تەلەپپۇ‍ز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى : تەلەپپۇزى: س م (cm) سانتىمېتىر ك م (km) كىلومېتىر ك ل (kl) كىلولىتىر ك ۋ (kv) كىلوۋات م گ (mg) مىللىگىرام م م (mm) مىللىمېتىر (21) تېلېفون ۋە پوچتا نۇمۇرلىرىنى ئوقۇشتا، ئالدىنقى ئۈچ خانىسى بىر ئوقۇلۇپ، قالغان خانىلىرى ئىككى-ئىككىدىن ئوقۇلىدۇ. ئەگەر ئالدىنقى ئۈچ خانىسىدىن كېيىن بىرقانچە نۆل قاتار كېلىپ قالسا، ئىككى نۆلدىن كېيىن ”دانە“دېگەن سۆز قوشۇپ ئوقۇلىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى  : تەلەپپۇزى: 8552357 سەككىز يۈز ئەللىك بەش، يىگىرمە ئۈچ، ئەللىك يەتتە 13669923310 بىر يۈز ئوتتۇز ئالتە، ئاتمىش توققۇز، توقسان ئىككى، ئوتتۇز ئۈچ، ئون 830001 سەككىز يۈز ئوتتۇز، ئىككى دانە نۆل، بىر

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]