Jump to content

ئۇيغۇر تارىخى (كىتاب، ليۇ زىشياۋ)

ئورنى Wikipedia

ئۇيغۇر تارىخى (خەنچە ئاددىيلاشتۇرۇلغان: 维吾尔族历史؛ ئەنئەۋىي: 維吾爾族曆史) ليۇ زىشياۋ (خەنچە: 刘志霄؛ ئوقۇلۇشى: Liú Zhìxiāo؛ ليۇ جشياۋ) ئاتلىق خەنزۇ تارىخچى، تەتقىقاتچى تەرىپىدىن يېزىلغان، جۇڭگو تەۋەسىدە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخىغا دائىر ئېتىراپ قىلىنغان تۇنجى ئەسەردۇر.[1]

ئۇمۇمىي چۈشەنچە

[تەھرىر]

ليۇ زىشياۋ بۇ ئەسەرنى 1967 - يىلىدىن باشلاپ يېزىشقا باشلىغان بولۇپ، 1976 - يىلى ئالدىنقى سەككىز بابنى تەييارلاپ سەيپىدىن ئەزىزىگە تاپشۇرغان.[2]

ئەسەرنىڭ خەنچىسى «ئۇيغۇر تارىخى تۇنجى قىسىم» (维吾尔族历史 上编) ۋە «ئۇيغۇر تارىخى ئوتتۇرانچى قىسىم» (维吾尔族历史 中编) شەكلىدە ئاتلاندۇرۇلغان بولۇپ، بەلكىم مۇئەللىف «ئۇيغۇر تارىخى كەنجى قىسىم» (维吾尔族历史 下编) دەپمۇ بىر كىتابنى يېزىشنى پىلان قىلغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، كىتاب جەمئىي پەقەت ئىككى قىسىم نەشر كۆرگەن. 2003 - يىلىدىكى ئۇيغۇرچە نەشرى ئېلان قىلىنغاندا ئاپتور ئاللىبۇرۇن ۋاپات بولغان بولۇپ، بەلكىم كىتابنىڭ ئۈچىنچى قىسمىنى يېزىشقا ئ‍ۆمرى يەتمىگەن بولۇشى مۇمكىن.

ئەسەرنىڭ نەشر ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچى قىسىم خەنزۇچە نەشرى 1985 - يىل 8 - ئايدا (书号: 11049.17)، ئۇيغۇرچە نەشرى[3] ئىككى كىتاب بولۇپ، كىتاب (1) 613 بەت، كىتاب (2) 596 بەت، توپلام 1209 بەت؛ 1987 - يىل 10 - ئايدا تۇنجى قېتىم مىللەتلەر نەشرىياتىدا نەشردىن چىققان (书号:M1149(4)28).

ئەسەرنىڭ بىرىنچى قىسمى خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە ئىككى نۇسخىسى بولۇپ، ھەر ئىككى تىلدىكى نۇسخىغا ليۇ زىشياۋ ئۆزى قاتناشقان.[4]

ئ‍ىككىنچى قىسىم خەنزۇچە نەشرى 1996 - يىل 12 - ئايدا نەشردىن چىققان (ISBN 7-5004-1950-3). ئۇيغۇرچە نەشرى (1) كىتاب 844 بەت، (2) كىتاب 852 بەت، توپلام 1696 بەت؛ 2003 - يىل 6 - ئايدا تۇنجى قېتىم شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا نەشردىن چىققان (ISBN 7-228-08108-0).

ئەسەرنىڭ ئىككىنچى قىسمىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئابلەت نۇردۇن، ئەخمەت روزى ۋە ئەخمەتجان مۆمىن قاتارلىقلار تەرجىمە قىلغان.

مۇندەرىجە

[تەھرىر]

بىرىنچى قىسىم

[تەھرىر]
  • كىرىش سۆز ئورنىدا
  • سۆز بېشى
  • مۇقەددىمە
  • بىرىنچى باب ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىدا ياشىغان قەدىمكى قەبىلىلەر
  • ئىككىنچى باب ئۇيغۇر خانلىقى
  • ئۈچىنچى باب ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى
  • تۆتىنچى باب خېشى ئۇيغۇرلىرى
  • بەشىنچى باب شىجۇ (قوچۇ) ئۇيغۇرلىرى
  • ئالتىنچى باب غەربىي پامىر ئۇيغۇرلىرى
  • يەتتىنچى باب تارىم ۋادىسى ئەتراپىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۇيغۇرلىشىشى
  • سەككىزىنچى باب موڭغۇل ئىمپېرىيىسى ۋە يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار
  • توققۇزىنچى باب چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار
  • ئونىنچى باب دەسلەپكى مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى تيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى
  • ئون بىرىنچى باب يەركەن خانلىقى
  • ئون ئىككىنچى باب ئۇيغۇر رايونىدىكى بۆلۈنۈش
  • ئون ئۈچىنچى باب چىڭ سۇلالىسىنىڭ تيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى
  • ئون تۆتىنچى باب چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قوللانغان تەدبىرلىرى
  • ئون بەشىنچى باب جاھانگىر خوجا توپىلىڭى
  • خاتىمە

ئ‍ىككىنچى قىسىم

[تەھرىر]
  • كىرىش سۆز
  • مۇقەددىمە
  • بىرىنچى باب ئەپيۇن ئۇرۇشى ۋە ئۇيغۇرلار
  • ئىككىنچى باب پاراكەندە يىللاردىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى
  • ئۈچىنچى باب چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇيغۇلارر رايونىدا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى
  • تۆتىنچى باب تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى قوراللىق قوزغىلاڭلار
  • بەشىنچى باب ياقۇپبەگ باندىتلىرىنىڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ياقۇپبەگ باندىتلىرىغا قارشى كۈرىشى
  • ئالتىنچى باب ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيىتى
  • يەتتىنچى باب چىڭ سۇلالىسىنىڭ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب - شىمالىنى قايتۇرۇۋېلىشقا تەييارلىنىشى
  • سەككىزىنچى باب شىنجاڭ ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدا ئېلىپ بارغان زور ھەرىكىتى
  • توققۇزىنچى باب شىنخەي ئىنقىلابى ۋە ئۇيغۇرلار
  • ئونىنچى باب ياڭ زېڭشىننىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدا يولغا قويغان تەدبىرلىرى
  • ئ‍ون بىرىنچى باب شىنجاڭنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى
  • ئون ئىككىنچى باب قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ جىن شۇرېننىڭ چىرىكلىك قارشى كۈرىشى
  • ئون ئۈچىنچى باب تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جىن شۇرېننىڭ چىرىكلىك قارشى كۈرىشى
  • ئون تۆتىنچى باب ھەر خىل كۈچلەرنىڭ قەشقەردىكى توقۇنۇشلىرى
  • ئون بەشىنچى باب ئۇيغۇلارنىڭ داۋالغۇش ئىچىدىكى سىياسىي ھاياتى
  • ئون ئالتىنچى باب قىيىنچىلىق ئىچىدە قايتىدىن باش كۆتەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىكى ۋە مەدەنىيىتى
  • ئون يەتتىنچى باب ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى
  • ئون سەككىزىنچى باب شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت
  • خاتىمە

مەنبە(لەر)

[تەھرىر]
  1. بەيدۇ «ئۇيغۇر تارىخى» ماددىسى. 2025-04-21 كۈنى مۇقىمدالدى.
  2. ليۇ زىشياۋ، «ئۇيغۇر تارىخى»، كىرىش سۆز ئورنىدا 1- بەت، مىللەتلەر نەشرىياتى، بېيجىڭ، 1987.
  3. كىتابنىڭ PDF نۇسخاسىنى چۈرۈشۈش ئادرېسى. https://turkistanilibrary.com/ug/node/1883
  4. ليۇ زىشياۋ، «ئۇيغۇر تارىخى»، كىرىش سۆز ئورنىدا 4- بەت، مىللەتلەر نەشرىياتى، بېيجىڭ، 1987.