Jump to content

ئۇيغۇر تىلىغا ئەرەب، پارس، رۇس تىللىرىدىن كىرىپ ئۆزلەشكەن سۆزلەر

ئورنى Wikipedia

(ئۇيغۇر تىلىغا ئەرەب، پارس، رۇس تىللىرىدىن كىرىپ ئۆزلەشكەن سۆزلەر)

1. ئەرەب تىلىدىن كىرىپ ئۆزلەشكەن سۆزلەرنىڭ تۈرلىرى

ئەرەب تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا كىرىپ ئۆزلەشكەن سۆزلەر لېكسىكىنىڭ ھەممە تەركىبلىرىنى دېگۈدەك ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاڭلىتىدىغان ئۇقۇم دائىرىسى بويىچە ئومۇملاشتۇرۇپ، تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ:

1) دىنىي ئاتالغۇلار: ئاللاھ، رەسۇلۇللاھ، مالائىكە، جەننەت، ئەۋلىيا، شەرىئەت، قۇرئان، ھەدىس، ساھابە، مۇشرىك، جىن، دىن، كاپىر، قىيامەت، تەيەممۇم، غۇسل، ئىبادەت، مەسچىت، سەجدە، رۇكۇ، سالات، ھەج، ھاجى، ھارام، باتىل...

2) مەدەنىيەت - مائارىپ ئاتالغۇلىرى: مەدەنىيەت، ئىلىم، ئالىم، ئالەم، دۇنيا، تەھسىل، مۇتالىئە، مەدرىسە، مۇدەررىس، مەكتەپ، دەپتەر، قەلەم، كىتاب، مۇئەللىم، دارىلمۇئەللىمىن، مەدەنىي، مۇتەپەككۇر...

3) ھاكىمىيەت، سىياسەت ۋە قانۇنغا دائىر سۆزلەر: جىنايەت، مۇپەتتىش، مەھكىمە، ۋىلايەت، ناھىيە، ۋالىي، ھاكىم، كادىر، دۆلەت، ۋەتەن، مەملىكەت، دىيار، قەتل، قاتىل، ۋەزىر، قارار، قانۇن، تەشۋىقات، تەشكىلات، تەرغىبات، شىركەت، جەمئىيەت، نىزام، ئىنتىزام...

4) ئەدەبىياتقا دائىر سۆز - ئاتالغۇلار: بەدىئىي، ئەدەبىي، شېئىر، نەزم، نەزمە، ماقالە، ھېكايە، قاپىيە، مىسرا، بېيىت، غەزەل، قەسىدە، رۇبائىي، مۇھتەمىلات، مۇسەددەس، مۇخەممەس، مۇرەببە، ئەسەر، لەتىپە، قىتئە...

5) فولكلور ئاتالغۇلىرى ۋە ئەدەپ - قائىدە سۆزلىرى: تەزىيە، دەپنە، نەزىر، ئىسقات، سەدىقە، خەتنە، زىيارەت، دۇئا، تاۋاپ، سەيلە، بىسمىللاھ، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئاللاھۇ ئەكبەر، ئەلھەمدۇلىللاھ، ماشائاللاھ، ئىنشائاللاھ، ئەلھۆكمۇلىللاھ، ئەستەغپىرۇللاھ، ئەپۇ، رەھمەت، خەير...

6) ھۈنەر - كەسىپ ئاتالغۇلىرى: قاسساپ، باققال، سەرراپ، ھاممام، كاسىپ، رەسسام، نەققاش، رەممال، ھاممال، ئەتتار، مۇنەججىم...

7) ياردەمچى سۆزلەر: ئەمما، لېكىن، ۋە، لازىم، ھەم، ھەتتا، دائىر، ئائىت، ئىبارەت، ھالا، ۋەھاكازا...

سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار: «- ئە، - ئىي»: شائىرە، مۇئەللىمە، مەلىكە (ئايال پادىشاھ)؛ كاشغەرىي، ياركەندىي، نەۋائىي، ئىنسانىي (ئىنسانلىق)، ئەبەدىي (مەڭگۈلۈڭ)، خۇسۇسىي (شەخسكە تەئەللۇق)...

9) ماقال ۋە ئىدىيوملار (ئايرىم سۆزلەر كېيىن قوشۇلغان):

ئاۋۋال تائام، ئاندىن كالام (مەنىسى: زۆرۈر ئىشنى ئالدىن قىلىش، قۇرۇق گەپنى كېيىن قىلىش)؛ ئىلاھائامىنغا بەرمەك (مەنىسى: بىكارغا بەرمەك).

2. ئەرەب تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى

ئەرەب تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچىدا ئۆزلىشىش دائىرىسى كەڭ ۋە چوڭقۇر بولۇپ، ئون ئەسىردىن كۆپرەك ئەمەلىي ئىستېمال جەريانىدا ئېتىمولوگىيەسى ئەرەبچە بولغان نۇرغۇنلىغان سۆزلەر ئۆزلىشىپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسىي سۆزلۈك سوستاۋىغا قوشۇلۇپ كەتكەن. مەسىلەن:

ۋەتەن، دۆلەت، مەملىكەت، دۇنيا، ئالەم، ئادەم، ئايال، سالامەت، ئامان، ئادالەت، ئىشق، مۇھەببەت، ئىناق، ئىتتىپاق...

گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، مۇتلەق كۆپ سانلىق ئەرەب تىلىدىن كىرگەن سۆزلەر ئۆزلىرىگە خاس بولغان تۈزۈلۈش ۋە تەلەپپۇز قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاھىدىلىكلىرى ئارقىلىق ئەنئەنىۋى ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئومۇمەن قىلغاندا، ئۇيغۇرچىغا ئۆزلەشكەن ئەرەبچە سۆزلەرنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكلىرى دەپ تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ:

بىرىنچى، «فائىل» شەكلىدىكى سۆزلەر تەركىبىدىكى «ئا» تاۋۇشى ئەرەب تىلىنىڭ ئۆزىدە ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇش بولۇپ، ئۇزاق ئەسىرلىك ئىستېمال جەريانىدا، ئۇيغۇرچىدىمۇ ئۆزىنىڭ ئاشۇ ئۇزۇن سوزۇقلۇق شەكلىنى ساقلاپ قالغان. شۇڭا، بۇ خىلدىكى سۆزلەرگە بىر قاراشتىلا ئەرەبچىدىن ئۆزلەشكەن سۆز دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن:

ئالىم، زالىم، قادىر، كادىر، زاھىر، سادىر، نادىر، سالىم، تاھىر، ئاخىر، داخىل، جاھىل، شائىر، ناتىق، پازىل، پاسىل، ناسىر، مايىل، سائىل، شاكىر، ماھىر، نائىل ...

ئىككىنچى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئىستېمال قىلىنىۋاتقان «تەفەئئۇل، مەفئۇل، تەفئىل، فەئئال، فەئىل، (فەئىلە)، مەفئەل» قاتارلىق شەكىللەردىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەرەبچىدىن كىرىپ ئۆزلەشكەن سۆزلەر دەپ ھۆكۈم قىلسا، يېڭىلىش كېلىپ چىقمايدۇ. مەسىلەن:

تەئەججۈپ، تەپەككۇر، تەبەسسۇم، تەلەپپۇز، تەشەككۈر، تەكەللۇپ، تەكەللۇم (تەكەللۇمىسىنى كەلتۈرمەك)، تەسەددۇق، تەسەۋۋۇپ، تەسەۋۋۇر، تەئەللۇق، تەنەپپۇس، تەۋەللۇت، تەكەببۇر، تەخەللۇس، تەقەددۇس، تەيەممۇم؛ مەھسۇل، مەمنۇن، مەزكۇر، مەقبۇل، مەنزۇر، مەشغۇل، مەخسۇس، مەزلۇم، مەزمۇن، مەلئۇن، مەھكۇم؛ تەستىق، تەسلىم، تەشكىل، تەرغىب، تەركىب، تەمكىن، تەكبىر، تەسكىن، تەمسىل، تەشۋىق، تەتقىق، تەخمىن؛ نەققاش، رەسسام، كاززاپ (ئەسلى كەززاب)، مەككار، قەللاب، دەججال، ئەللام؛ كەرىمە، سەلىمە، جەرىمە، ھەلىمە، جەمىلە، ئەزىزە، ھەبىبە؛ مەشئەل، مەقسەت، مەزھەپ، مەستەر، مەسلەك، مەشرەپ، مەكتەپ، مەنسەپ، مەھرەم، مەھشەر ...

ئۈچىنچى، ئاخىرقى بوغۇمى ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشلۇق بولغان يېپىق بوغۇملۇق ئەرەبچە سۆزلەر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئەنئەنىۋى ئۇرغۇ قائىدىسى، شۇنداقلا بوغۇم ئاخىرىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشنى ئېنىق تەلەپپۇز قىلىش يۈزىسىدىن ئادەتتە قىسقا سوزۇق تاۋۇش تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. بىراق، بۇ خىلدىكى سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى ئۇلانغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشلۇق ھالىتى تەلەپپۇزدا ئەسلىگە كېلىدۇ. مەسىلەن:

ئىقتىساد ئىقتىسادى (iqtisa:di)، ئىقتىسادىم

ئىمكان ئىمكانىم (imka:nim)، ئىمكانىڭ

ئېتىقاد ئېتىقادىڭ (etiqa:ding)، ئېتىقادى

ئىستىقبال ئىستىقبالىم (istiqba:lim)، ئىستىقبالى

ئاخىرقى بوغۇمى ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇش بولغان ئوچۇق بوغۇملۇق ئەرەبچە سۆزلەر ئادەتتە، خۇسۇسەن قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا، ئەرەبچىسىدىكى بىلەن ئوخشاش ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشلۇق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

دۇنيا دۇنياسى (dunya:si)، دۇنيادا (dunya:da)

مەنبە مەنبەسى (menbe:si)، مەنبەدىن (menbe:din)

قەلئە قەلئەسى (qel'e:si)، قەلئەدىكى (qel'e:diki)

تۆتىنچى، ئەسلى «فەئالەت» شەكلىدە بولۇپ، ئۇيغۇرچىغا «فائالەت / پائالەت» شەكلىدە ئۆزلەشكەن ئەرەبچە سۆزلەر تەركىبىدىكى ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇش «ئا» (ئىككىنچى بوغۇمدا) ئۇيغۇرچىدىمۇ ئوخشاشلا ئۇزۇن سوزۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

كاپالەت، شاپائەت، مالامەت، كاساپەت، ئالامەت، پاساھەت، ساداقەت، ئادالەت، نادامەت، جاھالەت، قاباھەت، قانائەت، جاراھەت، سالامەت، ئامانەت، داۋامەت، كارامەت ...

بەشىنچى، ئەسلىدە «مۇفائەلە» شەكلىدە بولۇپ، ئۇيغۇرچىغا «مۇفائىلە / مۇپائىلە» شەكلىدە ئۆزلەشكەن ئەرەبچە سۆزلەرمۇ ئۆز تەركىبىدىكى «ئا» ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشىنى ئەينەن ساقلاپ قالغان. مەسىلەن:

مۇنازىرە، مۇھاكىمە، مۇئامىلە، مۇزاكىرە، مۇقابىلە، مۇشائىرە، مۇسابىقە، مۇداخىلە، مۇداپىئە، مۇبالىغە ...

ئالتىنچى، ئەسلىدە تەركىبىدىكى ساكىنلىق «ئەين» ۋە «ھەمزە» ھەرپلىرى ئۈزۈك تاۋۇش «ئى» تەللەپپۇز قىلىنىدىغان خېلى بىر بۆلەك ئەرەبچە سۆزلەر ئۇزاق ئەسىرلىك ئىستېمال جەريانىدا، تەركىبىدىكى مەزكۇر ئۈزۈك تاۋۇش «ئ»نى تەلەپپۇزدا چۈشۈرۈپ قويىدىغان بولۇپ ئۆزلەشكەن. نەتىجىدە، ئۈزۈك تاۋۇش چۈشۈپ قالغان بوغۇمدىكى قىسقا سوزۇق تاۋۇش ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشقا ئايلىنىپ كەتكەن. بۇ ھال گەرچە ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەر تەركىبىدىكى «ھ، ي، ر» تاۋۇشلىرى چۈشۈپ قالغاندىن كېيىنكى ئەھۋالغا ئوخشىسىمۇ، ئەرەبچە سۆزلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ يەنىلا بىر خىل ئالاھىدىلىك ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن:

ئەرەبچىدە ئۆزلەشكىنى

تەئتىل تەتىل (te:til)

تەئخىر تەخىر (te:xir)

تەئمىن تەمىن (te:min)

ئېئتىبار ئېتىبار (e:tibar)

نېئمەت نېمەت (ne:met)

يەتتىنچى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئىستېمال قىلىنىۋاتقان ئاخىرقى بوغۇمى ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشلۇق ئوچۇق بوغۇمدىن تەركىب تاپقان سۆزلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەرەبچىدىن كىرىپ ئۆزلەشكەن ئۆزلەشمە سۆزلەر ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن:

ئەلۋىدا (el:wida)، ناۋا (na:wa)، ھاۋا (ha:wa)، نىدا (ni:da)، بىنا (bi:na)، جۇلا (ju:la)، ئەلا (e:la) ...

سەككىزىنچى، ئەرەبچىدىن كىرگەن ئۆزلەشمە سۆزلەرنىڭ پېئىل شەكلى كۆپىنچە «بول»، «قىل»، «ئەيلە» قاتارلىق ياردەمچى پېئىللارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ھاسىل بولىدۇ. مەسىلەن:

دىققەت قىل، بىنا قىل، ئىقتىساد قىل، ئىمكان قىل، ئىزھار قىل، تەپەككۇر قىل؛ ئىنتىزار بول؛ ھەزەر ئەيلە، ناۋا ئەيلە، نىدا ئەيلە ...

يۇقىرىقىلار ئۇيغۇرچىغا ئۆزلەشكەن ئەرەبچە سۆزلەرنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىر قەدەر مۇھىملىرى ھېسابلىنىدۇ.

(ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانىي: «ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيەسى ۋە لېكسىكا تەتقىقاتى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2011 - يىل 4 - ئاي 1 - نەشرى، 171 _ 176 - بەتلەر)

1. پارس تىلىدىن ئۆزلەشكەن سۆزلەرنىڭ تۈرلىرى

ئۇيغۇر تىلىغا پارس تىلىدىن كىرىپ ئۆزلەشكەن سۆزلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى كونكرېت ئۇقۇمنى ۋە شەيئىلەرنىڭ نامىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە پېئىلدىن باشقا بارلىق سۆز تۈركۈمىگە تەئەللۇق سۆزلەر تېپىلىدۇ دېيىش مۇمكىن. مەسىلەن:

نان، ئاش، ئاسمان، باھار (ئىسىم)؛ بەلەن، ناچار، كىچىك (سۈپەت)، دانە، چارەك (مىقدار)، پاھ، ئاپىرىن (ئىملىق)، خۇد (خۇدۇم - ئۆزۈم)، ھەممە (ئالماش)، دەرھال، ھەمىشە، ھامان، گاھى، قەھرىمانانە (رەۋىش)، بەلكى، كى، ھەم، دەرۋەقە، ۋەھالەنكى، تاكى، چۈنكى (باغلىغۇچى)، قاھ - قاھ (تەقلىد سۆز)، دۇ، سە، چاھار، پەنج (سان) ...

ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىر بۆلەك سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار ۋە سۆز ئالدى قوشۇمچىلىرىمۇ پارس تىلىدىن كىرىپ ئۆزلەشكەن. ئالايلۇق:

با: با مەسلىھەت (مەسلىھەتلىك)

بەت (ئەسلىي بەد): بەتقىلىق، بەتنىيەت، بەتتام، بەتنام...

بى: بىمەنە، بىمەززە، بىگۇناھ، بىنومۇس، بىھايا، بىھېساب...

پەرەس (ئەسلىي پەرەست): بۇتپەرەس، ئاتەشپەرەس، ئاپتاپپەرەس...

پۇرۇش: كىتابپۇرۇش، دورىپۇرۇش، ۋاپۇرۇش، كىسپۇرۇش...

باز (ۋاز): كىتابباز، قىمارۋاز، كەپتەرۋاز، ئىشقۋاز...

پەز: ئاشپەز، سامسىپەز، مانتىپەز...

خان: كىتابخان، ساھىبخان...

خانا (ئەسلىي خانە): كىتابخانا، ئاشخانا، چايخانا، ئىشخانا، دوختۇرخانا، ئوتۇنخانا...

خور: چايخور، جازانىخور، پارىخور، ئادەمخور، جىلىخور...

دان: سۇدان، چايدان، كۈلدان، ئوقدان، شامدان...

زار: گۈلزار، دەرەخزار، ئۈزۈمزار، چىمەنزار، پاختىزار...

پەرۋەر: ۋەتەنپەرۋەر، خەلقپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر...

شۇناس: تىلشۇناس، تارىخشۇناس، ئۇيغۇرشۇناس...

كار: سەنئەتكار، بىناكار، پاختىكار...

گەر: دەۋاگەر، سودىگەر، زەرگەر، ئىغۋاگەر...

گۇي: دۇئاگۇي، پارسىيگۇي، تۈركىيگۇي...

گاھ: ئارامگاھ، جەڭگاھ، سەيلىگاھ، ھېيتگاھ، پەگاھ...

كەش: ھارۋىكەش، جاپاكەش، كىراكەش، قەلەمكەش...

كەم: كەمدىدار، كەمسۇخەن، كەمقۇۋۋەت، كەمئەقىل...

نامە: گۇۋاھنامە، تەقدىرنامە، جەڭنامە، يىلنامە، سالنامە...

ھەم: ھەمسۆھبەت، ھەمپىكىر، ھەمداستىخان، ھەمدەم...

داش: مەسلەكداش، يولداش، خىزمەتداش، سىرداش...

ئىستان: گۈلىستان، قەبرىستان...

ۋەن (ئەسلىي بان): باغۋەن، سارايۋەن، دەرۋازىۋەن...

تىراش (ئەسلىي تەراش): ھەيكەلتىراش، ساتىراش...

ساز: قۇلۇپساز، تۇنىكىساز، ماشىنىساز...

دەر: دەرگۇمان، دەرۋەقە، دەرھەقىقەت، دەرھال، دەرمەھەل...

مەن (ئەسلىي مەند): دۆلەتمەن، بىلەرمەن، دەردمەن، سۆزمەن، باقىمەندە...

پارس تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنى ئاڭلىتىدىغان ئۇقۇم دائىرىسى بويىچە تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە ئايرىپ كۆرسىتىشكىمۇ بولىدۇ:

1) دىنىي ئاتالغۇلار: خۇدا، ناماز، جايناماز، گۇناھ، دوزاخ، ناماز بامداد، ناماز پېشىن، ناماز دېگەر (ناماز ئەسىر)، ناماز شام، خۇپتەن...

2) سىياسىي ئاتالغۇلار: سەردار، رەھبەر، جاھانگىر، دۆلەتمەن، نامرات...

3) يېمەك - ئىچمەك سۆزلىرى: نان، گىردە، مېۋە، نەشپۈت، خورما، جۇلاب، گۇلاب...

4) ھۈنەر - كەسىپ ئاتالغۇلىرى: ساتىراش، مىسكەر، زەرگەر، موزدۇز، چۆپگەز، رەندە، بۈرەندە، زەخمەك، خەرەك، كامانچە...

5) بەدەن ئەزالىرى ئاتالغۇلىرى: گەردەن، پېشانە، لەۋ...

6) مۇزىكا ئاتالغۇلىرى: سازەندە، ئاھاڭ، ئاۋاز، دۇتار، ساتار، خۇشتار، سۇناي، كاناي، نەي...

7) ئۆي - سەرەمجان ئاتالغۇلىرى: ئاپتۇۋا، چىلاپچا، قوشۇق، گەردۇن چىنە، جانان چىنە، پىيالە، پەردە...

كۈن ناملىرى: يەكشەنبە، دۈشەنبە، سەيشەنبە، چارشەنبە (چەھار شەنبە)، پەيشەنبە (پەنجشەنبە)، شەنبە، ھەپتە، مىنەپتە...

9) ئورۇن - جاي ئاتالغۇلىرى: پايتەخت، لەڭگەر، پەگاھ، ئەۋرەز، كارخانا، مويكا (مويگاھ)، گۆرىستان، دالان...

(ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانىي: «ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيەسى ۋە لېكسىكا تەتقىقاتى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2011 - يىل 4 - ئاي 1 - نەشرى، 181 _ 183 - بەتلەر)

(بۇ سۆزلەرمۇ پارس تىلىدىن ئۆزلەشكەن سۆزلەركەن: نان، ئاش، پۇل، گۆش، دوست، بۇرادەر، رەخت، دەرەخ، ئاسمان، زېمىن، رويى زېمىن (يەر يۈزى)، ۋاقتى مۆرىت، دۇئايى بەد (يامان تىلەك، قارغىش)، رەخت، قەنت، كەنت، بەند، پەند، مەرد، سەركەردە، سەرخىل، سەرمايە، سەرسان، سەركەش، سەرخۇش، سەرپاي، سەرپۇش ...)

1. ئۇيغۇر تىلىغا رۇس تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ تۈرلىرى

ئۇيغۇر تىلىغا رۇس تىلىدىن ۋە باشقا ياۋروپا تىللىرىدىن كىرگەن سۆزلەر زامانىۋى پەن - تېخنىكا ئاتالغۇلىرى بىلەن ماركسىزملىق سىياسىي ئاتالغۇلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلىدۇ.

ئۇلارنى كونكرېت مەزمۇنى ۋە ئۇقۇم دائىرىسى بويىچە تۈرلەرگە ئايرىغاندا، مۇھىملىرى دەپ تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ:

1) ئومۇمىي پەن - تېخنىكا ئاتالغۇلىرى: فىزىكا، خىمىيە، مېدىتسىنا، بىيوخىمىيە، ئالگېبرا، لوگىكا، ئاسترونومىيە، ئاناتومىيە، گېئومېتىرىيە، گېئولوگىيە، گېنېتىكا، كېگتوگراف، گېئوفىزىكا، گېئودېزىيە، گىنگېلوگىيە...

2) تېبابەت ئاتالغۇلىرى: ئاكۇشېر، ئاكۇشېركا، ئامبولاتورىيە، ساناتورىيە، رېتسېپ، مىكروب، مىكروسكوب، ئوپېراتىسىيە، ۋراچ، لابوراتورىيە، پىناندوسكوپ، دىياگنوز، فىلدشېر، ئاتپوسكام سانتاركا...

3) مۇزىكا ۋە سەنئەت ئاتالغۇلىرى: ئاككورد، ئاككوردىيون، پائۇزا، ئوركېستىر، دېكوراتسىيە، ئارتىس، ئارتىسكا، رېپىتېتسىيە، رېژىسسور، دراما، دراماتورگ، تىراگېدىيە، كومېدىيە، كىنو، فىلىم، دىرىژور، ئوپېراتور، گارموشكا، گارمون، ئىسكىرىپكا...

4) ئەدەبىياتقا دائىر سۆزلەر: ئابزاس، ئىپىزوت، ئاپتور، پېرسوناژ، دىيالوگ، رېتورىك، سۇژىت، پوئىما، پوۋېست، رومان، لىرىك، لىرىكا، ئىپىك، دىداكتىك، پىروزا، پوئىزىيە...

5) تىلشۇناسلىققا دائىر سۆزلەر: تېكىست، كونتېكىست، ئىنتوناتسىيە، سىنتاكسىس، مورفولوگىيە، گىرامماتىكا، سېمانتىكا، فىرازىيولوگىيە، سېماسىئولوگىيە، ئىستىلىستىكا، ئېتىمولوگىيە، فونېتىكا، لېكسىكا...

6) تەنتەربىيە ئاتالغۇلىرى: گىمناستىكا، دىسكا، تورنىك، پۇتبول، ۋالىبول، ۋاسكېتبول، بوكسىر، شتانكا، چېمپىيون، ۋارتا، ئوسەي، كورنى، بىك، خوپبىك، ئاتلېتكا...

7) ئۆلچەم ئاتالغۇلىرى: مېتىر، سانتىمېتىر، دېتسىمېتىر، كىلومېتىر، كىلوگىرام، گىرام، توننا، گېگتار، ئابيوم، ماسسا، پىرىمېتىر، كىۋادرات، كۇب، كۇبمېتىر، كىلومېتىر...

ئۇنۋان ئاتالغۇلىرى: ئاكادېمىك، پىروفېسسور، دوتسېنت، لېكتور، باكلاۋر، ماگىستىر، خىمىك، مورفولوگ، لېكسىكولوگ، گېئولوگ، مارشال، ئادمىرال، پولكوۋنىك، ئادۋوكات، ئاديۇتانت...

9) ھەربىي تۈزۈلمە ۋە قورال – ياراغ ئاتالغۇلىرى: باتالىيون، پولك، دىۋىزىيە، ئارمىيە، شىتاب، ئاكوپ، مانېۋر، تاكتىكا، گارنىزون، ئىستراتېگىيە، بومبا، راكېتا، پىلىموت تانكا، برونېۋىك، برىگادا، بومباردىمان، پارتىزان، ئاتاكا، كاتيۇشيا، كارابىن...

10) مەمۇرىي ئورگان ناملىرى: كوپېراتىپ، كوممۇنا، كولخوز، ئوبكوم، رايكوم، ۋىلكوم، پارتكوم، ئاپتونوم رايون، ئوبلاست...

11) ئاي ناملىرى: يانۋار، فېۋرال، مارت، ئاپرېل، ماي، ئىيۇن، ئىيۇل، ئاۋغۇست، سېنتەبىر، ئۆكتەبىر، نويابىر، دېكابىر...

12) كۈندىلىك تۇرمۇشقا دائىر ئاتالغۇلار: كورۇشكا، بېلەت، كىنىشكا، كارتۇچكا، ۋىچىركا، ۋارىنا، كاپوستا، كاستۇرۇلكا، بولكا، گاز، لامپا، لامپۇچكا، توك، ۋېلىسىپىت، موتوسىكلىت...

13) سىياسىي ئاتالغۇلار: كوممۇنىزم، سوتسىيالىزم، ئىدېئالىزم، ماتېرىيالىزم، دوگماتىزم، ئوپۇرتونىزم، ئاتېئىزم، ئىدېئولوگىيە، ئاكتىپ، پاسسىپ، ئاۋانگارت، ئابستراكت، فاشىست...

ئۇنىڭدىن باشقا رۇس تىلى ۋاسىتىسى بىلەن باشقا ياۋروپا تىللىرىدىن كىرگەن سۆزلەرنىمۇ ئايرىپ كۆرسەتكىلى بولىدۇ. مەسىلەن:

رۇس تىلى ئارقىلىق كىرگەن ئىتالىيانچە سۆزلەر: بېنزىن، گېزىت، كونسېرت، تىياتىر، پومىدور...

گرېك تىلىدىن كىرگەن سۆزلەر: گىرامماتىكا، پېداگوگ، پېداگوگىكا، پاراللېل، تالانت، كافېدرا، تاكتىكا، مېتىر، ئىدىيە، نېفىت...

گىرمان تىلىدىن كىرگەن سۆزلەر: راكېتا، كىران، فرونت، تانسا...

ئىنگلىز تىلىدىن كىرگەن سۆزلەر: پىئونېر، دوللار، تانكا، پۇتبول...

فرانسۇز تىلىدىن كىرگەن سۆزلەر: كاستوم، سېكرىتار، شەپكە، بوتۇلكا، مارشال، مىنىستىر، بانكا...

(ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانىي: «ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيەسى ۋە لېكسىكا تەتقىقاتى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2011 - يىل 4 - ئاي 1 - نەشرى، 188 _ 191 - بەتلەر)