ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى يەككە دورىلار ۋە خۇسۇسىيەتلىرى
ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى يەككە دورىلار
[تەھرىر]ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى خام دورا ۋە پىششىق دورا دەپ بۆلۈنگەندىن سىرت، ياسالما شەكلىگە ئاساسەن سۇيۇق دورا ياسالمىلىرى، سۇپۇپ دورا ياسالمىلىرى، مەجۈن دورا ياسالمىلىرى، قۇرۇس دورا ياسالمىلىرى، ھەب دورا ياسالمىلىرى، شىياف دورا ياسالمىلىرى، زىمات دورا ياسالمىلىرى، مەلھەم دورا ياسالمىلىرى دېگەندەك بىرقانچە تۈرلەرگە، خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن پىشۇرغۇچى دورىلار، سۈرگۈچى دورىلار، تەڭشىگۈچى دورىلار، قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار دېگەندەك تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلار «ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلىرى ئىلمى» ۋە «ئۇيغۇر تېبابىتى پىششىق دورىلىرى ئىلمى»دە تەپسىلىي بايان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يەردە تەپسىلىي توختالمايمىز.
دورا – ئەشيالارنى تەبىئەتكە ئايرىش
[تەھرىر]دورا – ئەشيالارنى تەبىئەت، خۇسۇسىيەتكە ئايرىش ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىك نەزەرىيىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، كىلىنىكىلىق داۋالاش ئەمەلىيىتىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئۇيغۇر تېبابىتى ئۇزاق مۇددەت داۋالاش ئەمەلىيىتى جەريانىدا دورىلارنىڭ بەدەندە پەيدا قىلغان تەسىرلىرىگە ئاساسەن ئۇلارنى بىر قانچە خىل تەبىئەتلەرگە ئايرىلغان.
ئەگەر مەلۇم بىر خىل خام دورىنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن بەدەننى قىزىتىپ، قاننى جانلاندۇرۇپ، تومۇر ھەرىكىتىنى تېزلەشتۈرگەن بولسا ئىسسىق تەبىئەتلىك دورا دەپ قارىغان. ئەگەر قىزىتما قايتۇرۇپ، سۈيدۈك مىقدارىنى كۆپەيتكەن، تومۇر ھەرىكىتىنى ئاستىلاشتۇرغان بولسا سوغۇق تەبىئەتلىك دورا دەپ قارىغان. ئەگەر بەدەننى قىزىتىپ، ئېغىزنى قۇرۇتۇپ، سەپرا خىلتىغا خاس بولغان ئالامەتلەرنى پەيدا قىلغان بولسا قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك دورا دەپ قارىغان. ئەگەر بەدەننى قىزىتىپ، قان نومۇر ھەرىكىتىنى جانلاندۇرۇش بىلەن بىرگە ئەسنەش، كېرىلىش پەيدا قىلىپ، قان خىلىتىغا خاس ئالامەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن بولسا ئۇنى ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك دورا دەپ قارىغان. ئەگەر بەدەننى سوۋۇتۇپ، ھېس – تۇيغۇنى سۇسلاشتۇرۇپ بەدەندە ئېغىرلىق پەيدا قىلغان بولسا ھەم بەلغەم خىلتىغا خاس بولغان ئالامەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن بولسا ئۇنى ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك دورا دەپ قارىغان. ئەگەر بەدەننى سوۋۇتقاندەك قىلسىمۇ ئەمما ئېغىزىنى قۇرۇتۇپ، ئاشقازان كىرىش قىسمىدا سانچىلغاندەك سېزىم پەيدا قىلسا ھەم سەۋدا خىلتىغا خاس بولغان ئالامەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن بولسا ئۇنى قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك دورا دەپ قارىغان.
يۇقىرىقىلار پەقەت دورىلارنىڭ بەدەندە كۆرسەتكۈچ تەسىرلىرىگە ئاساسەن تەبىئەتكە ئايرىش ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئۇنىڭدىن باشقا ھەر بىر دورىنىڭ كېلىش مەنبەسى، رەڭگى، پۇرىقى، تەمى قاتارلىقلارغا ئاساسەن دورىلار يەنە تەبىئەتكە ئايرىلىدۇ. دورىلار يۇقىرىقىدەك ھەرخىل تەبىئەتلەرگە ئايرىلىشتىن سىرت يەنە، ھەر بىر دورىنىڭ تەبىئەت دەرىجىسىمۇ بېكىتىلىپ، 1 – دەرىجىلىك، 2 – دەرىجىلىك، 3 – دەىجىلىك، 4 – دەرىجىلىك دەپ ئايرىلغان. ئادەتتە ئۇيغۇر تېبابىتىدە 1 – دەرىجىدىكى ۋە 2 – دەرىجىدىكى تەبىئەتلىك دورىلار كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. 3 – دەرىجىلىك تەبىئەتتىكى دورىلار ئاز ئىشلىتىلىدۇ ياكى ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىلىدۇ. 4 – دەرىجىلىك دورىلار زەھەر دەپ قارىلىدۇ.
دورىلارنى خۇسۇسىيەتلەرگە ئايرىش
[تەھرىر]ئۇيغۇر تېبابىتى داۋالاش ئەمەلىيىتىدە دورىلارنىڭ تەبىئىتىنى بەلگىلەشتىن سىرت، ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ئايرىپ چىقىش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
دورىلارنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بەدەندە كۆرسەتكەن تەسىرلىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، دورىنىڭ خۇسۇسىيىتى دېيىلىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتىدە دورىلار – تەڭشىگۈچى دورىلار،قان تازىلىغۇچى دورىلر، پىشۇرغۇچى دورىلار، سۈرگۈچى دورىلار، توسالغۇنى ئاچقۇچى دورىلار. ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلار، قىزىتما قايتۇرغۇچى دورىلار، ئىششىق تارتقاتقۇچى دورىلار، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار، تاش پارچىلىغۇچى دورىلار، يەل ھەيدىگۈچى دورىلار، يۇمشاتقۇچى دورىلار، قۇرت ئۆلتۈرگۈچى دورىلار، ھەيز ماڭدۇرغۇچى دورىلار، قۇستۇرغۇچى دورىلار، تەرلەتكۈچى دورىلار، بەلغەم بوشىتىپ يۆتەل پەسەيتكۈچى دورىلار، ئاغرىق پەسەيتكۈچى، تېنچلاندۇرغۇچى دورىلار، تۇتقۇچى، قۇرۇغۇچى دورىلار، قان توختاتقۇچى دورىلر، تېرىنى قىزارتقۇچى دورىلار، قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار،قان كۆپەيتكۈچى دورىلار، زەھەر قايتۇرغۇچى دورىلار، تېرىنى پارقىراتقۇچى دورىلار، تارتقۇچى دورىلار، سۈت ۋە مەنى كۆپەيتكۈچى دورىلار، چۈشكۈتكۈچى دورىلار، بىھۇش قىلغۇچى دورىلار، كۆيدۈرگۈچى دورىلار، كۆڭۈلنى ئاچقۇچى دورىلار، مېڭە ۋە يۈرەككە خۇشلۇق كەلتۈرگۈچى دورىلار... دېگەندەك خۇسۇسىيەتلەرگە ئايرىلىدۇ.
يۇقىرىقىدەك دورىلارنىڭ تەبىئىىتى ۋە خۇسۇسىيىتىنىڭ ئايرىلىشى ئۇيغۇر تېبابىتى ئاساسىي نەزەرىيىسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىدىن ئىبارەت بولۇپ، قەدىمقى ئۇيغۇر تېۋىپ، ھۆكۈمالىرى ئۇزاق مۇددەتلىك داۋالاش ئەمەلىيەتلىرى جەريانىدا ھەر خىل دورىلارنىڭ كېلىش مەنبەسى، تەبىئىي، شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرىنى تېپىپ چىقىپ ئۇلارنى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ۋە داۋالاش ئىشلىرىدا قوللانغان ھەم بۇ ھەقتە قىممەتلىك مەلۇمەت ۋە تەجرىبىلەرنى قالدۇرغان. شۇڭا قەدىمقى ئۇيغۇر تېۋىپ ھۆكۈمالىرىنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى تەجرىبىلىرى ۋە بىزگە قالدۇرۇپ قويغان قىممەتلىك مىراسلىرى توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇيغۇر تېبابەت – دورىگەرلىكىنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتىپ بىر قىسىم دورىگەرلىك نەزەرىيىلىرىنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى تېپىپ چىقىپ ئۇنى تېخىمۇ سىستېمىلاشتۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۇزاق زامانلاردا تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا شىپالىق گىياھلار، مەدەنلەر، ھايۋانات ئەزالىرى ئۈستىدە ئەتراپلىق كۆزىتىش ۋە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ زىيانلىق ياكى زىيانسىز، پايدىلىق ياكى پايدىسىز تەرەپلىرىنى پەرق ئېتىپ، تەدرىجىي تونۇپ يېتىپ ئۇنىڭ شىپالىق تەسىرى بويىچە ھەرخىل كېسەللىكلەرنى داۋالاش جەريانىدا بارلىققا كەلگەن ھەمدە ئۇنى بىز ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ كەتكەن بىز بۈگۈنكى كۈندە، شۇ نۇسخىلار ئارقىلىق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، داۋالاپ كېلىۋاتىمىز
جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ،ئۇيغۇر تېبابىتى بەلگىلىك داۋالاش باسقۇچىغا يەتكەندىن كېيىن، ھەر خىل كېسەللىكلەرنى بولۇپمۇ مۇرەككەپرەك كېسەللەرنى بىر خىل يەككە دورا بىلەن داۋالاشتىن، ئىككى-ئۈچ خىل بەلكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ، داۋالاش تەدبىرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
مەزكۇر بىرىكمىلەردىن ياسالغان دورىلارنى تەييارلاش ئۇسۇللىرى بىر قەدەر ئىپتىدائىيراق بولۇپ، ھازىر زامانىۋى يېڭى تېخنىكىلار قوللىنىلغانلىقتىن، دورىلارنىڭ سان ۋە سۈپەت ئۈنۈمدارلىقى يۇقىرى كۆتىرىلدى. ئۇيغۇر تېبابىتىمىزدە تارىختىن بۇيان كېسەل داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان دورىلار، خام(يەككە)دورىلار ۋە پىششىق(مۇرەككەپ )دورىلار دەپ چوڭ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
1.خام (يەككە)دورىلار دېگىنىمىز ئاساسەن تەبىئەت دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان يالغۇز دورىنى ياكى دورا ئەشيالىرىنى ياساشتا ئىشلىتىدىغان خام ئەشيالارنى كۆرسىتىدۇ. خام دورا سۆزى قەدىمدىن تارتىپ تېبابىتىمىزدە قوللىنىلىپ ۋە شۇ بويىچە ئادەتلىنىپ ئاتىلىپ كەلگەن. خام دورا سۆزىنىڭ ئشلىتىلىشى ۋە كېلىش مەنبىيى مۇنداق: ياپونىيە ئالىملىرى فارماكوگۇنوزىيە(Pharmacognosy)نى خام دورا ئىلمىي، دىروگېن Drogen))نى خام دورا دەپ تەرجىمە قىلغان. ۋەتىنىمىزدىكى تېببىي دورىگەرلىك ئىنىستىتوتلىرى مۇشۇ ئەسىرنىڭ20-يىللىرىدىن باشلاپ خام دورىگەرلىك دەرسلىكلىرىنى(تەبىئىي خام دورا ئىلمى) دەپ ئاتاشقا باشلىغان. ھازىر خام دورا سۆزى تېببىي دورىگەرلىك، مائارىپ، پەن-تېخنىكا ئاپپاراتلىرى ئىچىگە سىڭىپ كىرىپ قوللىنىلماقتا. ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىك ئىلمى تەبىئەت دۇنياسىدىن ئېلىنغان ھەر خىل دورىلارنىڭ كېلىش مەنبىيى، سۈپىتى قاتارلىق بىلىملەرنى تەتقىق قىلىدىغان بىر پەن. ئۇ يەنە، دورىلارنىڭ ساپلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، كىلىنكىدا سىناق قىلىش، راست-يالغان دورىلارنى تەكشۈرۈپ ئايرىش ۋە زامانىۋى تەبئىي پەن يېڭىلىقلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق دورا ئەشيالىرىنىڭ خىمىيىۋى تەركىبى ۋە فارماكولوگىيىلىك تەسىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلاردىن ئېلىنىدىغان دورىلارنىڭ كېلىش مەنبىيى ۋە باشقا تەرەپلىرىنى ئىگىلىۋېلىشى ھەمدە ئىلىم پەن ئارقىلىق، دورا ئەشيالىرىنى ۋە ئۇنىڭ ياسالما سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، بىخەتەر ۋە ئۈنۈملۈك دورا ئىشلىتىشنى كاپالەتلەندۈرۈش، تەتقىقاتقا ئاساس سېلىشتىن ئىبارەت.1. خام (يەككە) دورىلار ئاساسەن ئۈچ مەنبەگە بۆلىنىدۇ. 1. ئۆسۈملۈك دورىلار2. ھايۋانات دورىلار3. مەدەن دورىلاردىن ئىبارەت. ئۆسۈملۈك دورىلار دېگىنىمىز، گۈل-چېچەك، يوپۇرماق، ياغاچ، مېۋە، يىلتىز، ئۇرۇق، قوۋزاق، يىلىم، ياغ، سۈت، شىرە، ئۇسارە قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ھايۋانات دورىلار دېگىنىمىز، ھايۋانات ئىچىدىن ئېلىنىدىغان قانلىرى، گۆشلىرى، سۆڭەكلىرى، ماياقلىرى، ئۆتلىرى، تۇياقلىرى، مېڭىلىرى، ياغلىرى، جىگەرلىرى، مويلىرى، ئوغۇز سۈتلىرى، مۈڭگۈزلىرى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. 3. مەدەن دورىلار كان مەھسۇلاتلىرىدىن، تاغلاردىن ئېلىنىدىغان بولۇپ، مېتال جىنسلىق، تاغ جىنىسلىق، سۈرمە، تاش تۈرى، زۇمرەت، ئالماس، ھېقىق، شىڭراپ قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. لاي جىنسلىق دورىلاردىن، گىلى مەختۇم، گىلى ئەرمىنى، دېھقان لېيى ۋە باشقىلار.
ئۇيغۇر تېبابىتىدە خام(يەككە) دورىلار بىر قانچە خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۇلارنىڭ تەبىئىتى(مىزاجى)مەسىلەن، ئىسسىق-سوغۇق، ھۆل-قۇرۇق دېگەندەك بىر نەچچە خىل خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولۇپ، داۋالاشتا ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. 2. پىششىق(مۇرەككەپ) دورا دېگىنىمىز-كۆرۈنەرلىك داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە ۋە تەجرىبىدىن ئۆتكەن دورا نۇسخىلىرى(رېتسىپلىرىغا)ئاساسەن، بىر نەچچە ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ قىسىم خام(يەككە)دورىلارنى كېسەلنىڭ مىجەزى، تەبىئىتىگە ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، دورىلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى بويىچە مايىللاشتۇرۇپ ياكى قاينىتىپ سوقۇپ، چىلاپ، زەھىرىنى چىقىرىۋېتىپ، تېخنىكىلىق قائىدە-ئۇسۇللار بىلەن ھەر خىل شەكىللەردە ياساپ قۇتا، قاپ، خالتىلارغا قاچىلانغان، ئىشلىتىشكە قۇلايلىق، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك تەييار دورىلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇلارنىڭ شەكلى ئادەتتە ھەرخىل بولىدۇ. مەسىلەن، مەجۇن(خېمىر)لەر، قۇرس(تابلېت)لار، سوپۇپ(تالقان)لار، شەربەتلەر، ئەرەقىلەر، مايلار، زىمادلار شەكلىدە ياسىلىپ، ھەممىسى كېسەلنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. دېمەك، ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار. كۆرۈنۈشتە دورىنى ئىستېمال قىلىپ تېز تەسىر قىلمىغان بىلەن ئۈنۈمى ئاستا-ئاستا بولىدۇ ۋە كېسەلنى تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتىدۇ. كېسەل ساقايمىغان تەقدىردىمۇ، دورىنىڭ قۇۋۋىتى بەدەندە ساقلىنىپ تۇرۇپ بەدەنگە ئوزۇق بولىدۇ. ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ يۇقىرىقىدەك بەلگىلىك داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇشى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە ، چوقۇم بىخەتەر، سۈپىتى تۇراقلىق ، ئۇزۇن مۇددەت ساقلاشقا قۇلايلىق بولۇشتەك تەرەپلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىگەن.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﺧﺎﻡ ﺩﻭﺭﯨـﻻﺭ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ
[تەھرىر]ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﺧﺎﻡ ﺩﻭﺭﯨـﻻﺭ ﺋﯩﻠﻤﻰ − ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ, ﺩﯨﺌﺎﮔﻨﻮﺯ ﻗﻮﻳﯘﺵ, ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ, ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺕ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻖ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺳﺎﭘـﻻﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎﺩﺩﯨـﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ.
ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ, ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺕ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺧﺎﻡ ﺩﻭﺭﯨـﻻﺭ − ﺋﯩﻨﺴﺎﻧـﻻﺭ, ﮬﺎﻳﯟﺍﻧـﻻﺭ ﯞﻩ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺕ, ﮬﺎﯞﺍ, ﺳﯘ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ «ﺗﯚﺕ ﺗﺎﺩﯗ» ﺋﯚﺯ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ, ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﺎﺩﺩﯨـﻻﺭﻏﺎ ﮬﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ, ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﻣﯩﺰﺍﺟﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧـﻻﺭ ﺗﯚﺕ ﭼﻮﯓ ﻣﺎﺩﺩﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﻣﯩﺰﺍﺟﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻗـﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ, ﺷﯘ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻗـﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﻩ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯚﺕ ﺧﯩﻠﯩﺖ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﻪﺩﯨﻨﻰ ﺷﯘ ﺧﯩﻞ ﺧﯩﻠﯩﺘـﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣـﻻﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﺎﺱ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﻩ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﻣﯩﺰﺍﺝ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﺰﺍﺝ ﯞﻩ ﺧﯩﻠﯩﺘﻨﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﺳﺎﻏـﻻﻣﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﭽﻜﻰ - ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﻣﯩﺰﺍﺝ ﯞﻩ ﺧﯩﻠﯩﺘـﻻﺭﺩﺍ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﻪ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﯩﺰﻣﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﯞﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ, ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﻳﻪﻧﯩـﻻ ﺗﯚﺕ ﭼﻮﯓ ﻣﺎﺩﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﯩﺰﻣﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﺴﯩﺰﻟﯩﻘـﻻﺭﻧﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ, ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﻪﻧﯩـﻻ ﺗﯚﺕ ﭼﻮﯓ ﻣﺎﺩﺩﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﻣﯩﺰﺍﺝ (ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ) ﯞﻩ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻣﺎﺩﺩﯨـﻻﺭ(ﺩﻭﺭﯨـﻻﺭ)ﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﭗ, ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﺧﻪﯞﭖ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺷﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﺩﯦﻤﻪﻙ, ﺩﻭﺭﺍ ﺗﯚﺕ ﭼﻮﯓ ﻣﺎﺩﺩﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﯞﻩ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺑﻪﺩﻩﻧﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﯞﻩ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﺧﺨﻞ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﺴﯩﺰﻟﯩﻘـﻻﺭﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ «ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ» ﻧﻰ ﻛﯜﭼﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ, ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﯞﻩ ﺩﯨﺌﺎﮔﻨﻮﺯ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﯞﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ, ﺩﻭﺭﺍ − ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﯩﺰﻣﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﺴﯩﺰﻟﯩﻘـﻻﺭﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﺘﻪ «ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﻛﯜﭼﻰ» ﮔﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﺳﯩﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﯞﺍﺳﯩﺘﻪ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ, ﺋﯚﻟﯜﻙ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘﻻﺭﭼﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯟﯦﺮﯨﺸﻜﻪ ﮬﻪﻡ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺭﻭﻟﯩﻐﺎ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺗﯜﺯﯛﻟﯜﺷﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ﮬﻪﻡ ﻣﯩﺰﺍﺟﯩﺪﯨﻤﯘ ﭘﻪﺭﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ, ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ, ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺩﻭﺭﯨـﻻﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺩﻭﺭﺍ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﯞﻩ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﻭﺭﯨـﻻﺭﻧﻰ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺸﻰ, ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ, ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ, ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ - ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ, ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮ - ﻳﻪﯕﮕﯩﻠﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ, ﺑﯩﻤﺎﺭ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﻳﯘﺭﺕ ﺋﯩﻘﻠﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﯞﺍ ﻛﯩﻠﯩﻤﺎﺗﻰ, ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﻧﻰ, ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﻪﺳﻠﻰ, ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﻡ ﺋﯚﺭﭖ - ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ, ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﺋﯜﭺ ﻳﯧﻤﻪﻙ - ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻠﯩﺮﻯ, ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘـﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.