Jump to content

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى نىزامنامىسى

ئورنى Wikipedia

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى نىزامنامىسى

بىرىنچى باب، ئومۇمىي پىرىنسىپ

[تەھرىر]

1. ماددا: ئىسمى، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى بولۇپ، تۈركچە Uygur Araştırma Enistitüsu، ئىنگلىزچە: Uyghur research inititute قىلىپ يېزىلىدۇ، قىسقىچە نامى » UTI».

2. ماددا: خاراكتېرى، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن 2018-يىلى 1-ئاپرېلدا قۇرۇلغان بولۇپ كىرىم قىلمايدىغان، شەرقىي تۈركىستانغا دائىر خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك تېمىلارنى تەتقىق قىلىدىغان ئورگاندۇر.

3. ماددا: مەقسىتى، شەرقىي تۈركىستان ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى، خەلقئارا كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى پايدا-مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تەتقىق قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

4. ماددا: نىشانى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مەسىلىلەرنى بىلىم بىلەن ھەل قىلىدىغان ئاڭ شەكىللەندۈرۈشتۇر.

5. ماددا: غايىسى، بىلىم ئومۇملاشقان جەمئىيەت بەرپا قىلىشتۇر.

6. ماددا: ئىنستىتۇت تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە تەتقىقات ئورنى تەسىس قىلىدۇ.