ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى
ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى (كۆكتۈركچە: 𐱃𐰆𐰴𐰕: 𐰆𐰍𐰕: 𐰉𐰆𐰑𐰣؛ لاتىنچە: Toquz Oγuz budun؛ 744 - 840) ھازىرقى موڭغۇل ئېگىزلىكىدە قۇرۇلغان مەشھۇر تۈرك ئىمپېراتورلۇقلىرىدىن بىرى. توققۇز ئوغۇز قاغانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دەسلەپتە ياغلاقار ئۇرۇقى ھۆكۈمران ئىدى، كېيىن ئادىزلار ھاكىمىيەتنى قولغا ئالدى.
ئالدىنقى تارىخى
[تەھرىر]639 - يىلى كورشادنىڭ ئىسيانى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، تاڭ سۇلالىسى شەرقىي ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلىپ قورۇلغان سىرتاردۇش قاغانلىقىغا (628 - 646) قارىتا بۇرۇنقى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ (تاڭ سۇلالىسى بۇرۇن سىرتاردۇ-شلارنى قاراخانغا قارشى كۆشكۈرتكەنىدى)، ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلىشىش يولىغا ئۆتتى. بۇ مەقسەتتە، 629 - يىلى ئەسىر چۈشكەن 100 مىڭ تۈركنى سەددىچىن سېپىلىنىڭ سىرتىغا كۆچۈرۈپ، بىز باشتا ئېيتقاندەك 639 - يىلى ئاسىناسىربانى ئۇلارغا قاغان قىلدى ۋە ئۇنى سىرتادۇشلارغا قارشى قىلىپ قويدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، تاڭ سۇلالىسى تۇرغۇزغان قورچاق قاغانلاردىن بىر نەچچىسى ئۆتتى.
تاڭ سۇلالىسى سىرتاردۇش قاغانلىقىنى يوقىتىش ئۈچۈن، قورچاق قاغانلاردىن پايدىلانغاندىن تاشقىرى يەنە، شەرقىي ئۇيغۇرلاردىنمۇ پايدىلىنىشقا ئۇرۇندى، شۇ چاغدا، ھازىرقى كورېيە خەلقىنىڭ ئەجدادلىرى تاڭ سۇلالىسىنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، شەرقىي ئۇيغۇرلارنى ئۆزىگە ئىتتىپاقچى قىلىشقا ھەرىكەت قىلغانىدى. مىلادىنىڭ 643 - يىلى كورېيە خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەر خانى يەنگەي سۇۋىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بوركلى خانى ئارقىلىق سورتادۇشلارغا ئەلچى ئەۋەتىپ، تاڭ سۇلالىسىگە قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان لى شىمىن سورتاردۇش قاغانلىقىنى يوق قىلىشقا بەل باغلىدى. لى شىمىن ئۇيغۇر خانى تۇمىد ئۇلۇغ ئىلتەبىر بىلەن بىرلىشىپ، مىلادىنىڭ 646 - يىلى سورتاردۇش قاغانلىقىنى يوقاتتى. ئاندىن كېيىن، شەرقىي ئۇيغۇرلارنى ئۆزىگە بېقىندۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدى. لېكىن، مىلادىنىڭ 646 - يىلى ئۇيغۇر خانى تۇمىد ئۇلۇغ ئىلتەبىر ئۆزىنى «ئۇيغۇر قاغانى» دەپ ئاتاپ تارىختا 200 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقىنىڭ تارىخىنى باشلاپ بەردى. لى شىمىن ئىلاج قىلالماي، يېڭىدىن تەشكىل تاپقان بۇ ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. لېكىن ئۇ چىدىماسلىق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تۇنجى قاغانىنى ئۆلتۈرۈشنىڭ كويىغا چۈشتى. لى شىمىن ئۆز ئادەملىرى ئارقىلىق تۇمىد قاغاننىڭ جىيەنى بولغان ئۇيغۇر ئاتلىق بىر بەگنى ئالداپ (ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاغان بولۇشىنى قوللاشقا ۋەدە بېرىپ)، ئۇنىڭ قولى بىلەن تۇمىد قاغاننى ئۆلتۈردى. ئۇيغۇر، تۇمىد قاغاننى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن كېچىسى بىر نەچچە ئاتلىق كىشىنى ئەگەشتۈرۈپ لى شىمىننىڭ ئادىمى يەن لىچىڭنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى. يەن لىچىن ئۇيغۇرلارنى ئالداش ئۈچۈن، ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرۈپ بۇ سىرنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇندى. بۇ چاغدا، بۇ سۇيقەستتىن ئېنىق خەۋەر تاپقان ئۇيغۇرلار تۇمىد قاغاننىڭ ئوغلى بايانخاننى قاغان قىلىپ كۆتۈردى. يېڭى قاغان ۋەزىيەتنى تىزگىنلىۋالدى.
ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ تۈركلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
[تەھرىر]دېمەك، مىلادىنىڭ 646 - يىلى شەرقىي تۈرك قاغانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسىدە ئۇيغۇر- ئورخۇن قاغانلىقى قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ جەنۇبىدا، تاڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن يۆلەپ تۇرغۇزۇلغان قورچاق تۈرك قاغانلىقىمۇ مەۋجۇد ئىدى. بىز باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، تۈركلەر ئۆزلىرىگە تېڭىلغان قورچاق قاغانلارنى ئېتىراپ قىلماي، كۆزگە ئىلماي، ئۇلارنى يوق قىلىشقا بەل باغلىغانىدى. تۈركلەر شەرقىي تۈرك قاغانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، مىلادىنىڭ 679 - يىلى ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئاسىنا نىزوق بەگنى قاغانلىق تەختىگە چىقاردى، ئاسىنا نىزوق بەگ 680 - يىلى تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، قول ئاستىدىكىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. تۈركلەر ئۇنىڭ ئورنىغا ئاسىنا ئىناننى قاغان قېلىپ كۆتۈردى. ئاسىنا ئىنان قاغان 681 - يىلى تاڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن تىرىك قولغا چۈشۈرۈلۈپ چاڭئەندە ئۆلتۈرۈلدى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى قاغان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاسىنا قۇتلۇق ئاتلىق تۈرك بەگچىكى مىلادىنىڭ 682 - يىلى شەرقىي تۈرك قاغانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. ئۇ تاڭ سۇلالىسىنىڭ بىر نەچچە يۈز مىڭ كىشىدىن تەركىب تاپقان قوشۇنلىرىنىڭ بىر نەچچە قېتىملىق ھۇجۇمىنى تارمار قىلىپ، شۆھرەت قازاندى. تۈركلەر ئۇنىڭغا ئېلتىرىش قۇتلۇق (ئەلنى تىرىلدۈرگۈچى قۇتلۇق) قاغان ئۇنۋانىنى بەردى. ئېلىترىش قۇتلۇق مىلادىنىڭ 682 - يىلى ئىنكلىر كۆلى (كالىلار كۆلى) بويىدا ئۇيغۇرلارنى تارمار قىلىپ، ئۆتۈكەننى بېسىۋالدى. ئېلتىرىش قۇتلۇق (682 - 692)، قاپاغان قاغان (692 - 716)، بىلگە قاغان (716 - 734) لەرنىڭ دەۋرىدە، شەرقىي تۈرك قاغانلىقى ناھايىتى كۈچەيدى. شۇ چاغدا، ئاسىيا قىتئەسىدە، شەرقىي تۈرك قاغانلىقى (682 - 744)، تاڭ سۇلالىسى (618 - 907) ئەرەب خەلىپە-لىكىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ دۆلەت قەد كۆتۈرگەنىدى. كېيىن قۇرۇلغان شەرقىي تۈرك قاغانلىقى مىلادىنىڭ 682 - يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقىنى قىسمەن ھالدا قارام ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق ھالىتىنى ئاساسەن ساقلاپ قالدى.
شەرقىي تۈركلەر مىلادىنىڭ 709 - يىلى ۋە مىلادىنىڭ 711 - يىلى ئوتتۇرا ئاسىياغا قوشۇن ئەۋەتىپ، ئەرەبلەرنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن قوغلاپ چىقىرىشقا ھەرىكەت قىلدى. مانا شۇ تۈرك قوشۇنلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان ئىككى قېتىملىق يۈرۈشىگە ئېلتىرىش قۇتلۇقنىڭ كىچىك ئوغلى كۆل تېكىن قوماندانلىق قىلدى. كۆل تېكىن بۇخارا ئەتراپىدا بولغان ئۇرۇشتا ئەرەب سەركەردىسى قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىم بىلەن تۇتۇشتى. تۈرلۈك سەۋەبلەرگە كۆرە، شەرقىي تۈركلەرنىڭ ئەرەبلەرنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن قوغلاپ چىقىرىش نىيىتى ئەمەلگە ئاشمىدى.
شەرقىي ئۇيغۇرلار 682 - يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركلەرگە قىسمەن ھالدا قارام بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈرك قاغانلىقىدىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەش ئۈچۈن تىنماي ئۇرۇشۇپ تۇردى. مۇنداق ئۇرۇشلار 715 - يىلىدىن باشلاپ كۈچەيدى. مىلادىنىڭ 716 - يىلى شەرقىي تۈرك قاغانى قاپاغان قاغان قۇرۇلۇن دەرياسىنىڭ بويىدىكى ئورمانلىقتا مۆكۈنۈپ تۇرغان ئۇيغۇر قەبىلىسى ــ بايىرغۇلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.
قاپاغان قاغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركلەرگە قاغان بولغان بىلگە قاغان، ئاسىنا بىلگە قۇتلۇق قاغان (734 - 741) نىڭ ۋاقتىدا، شەرقىي تۈركلەر يەنىلا ئاسىيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى. شۇ چاغدا، شەرقىي تۈرك قاغانلىقى 220 مىڭ كىشىلىكتىن ئارتۇق ئاتلىق قوشۇنغا ئىگە ئىدى. شىمالدىكى كۈچلۈك قوشنىسى بولغان شەرقىي تۈركلەردىن كېچە - كۈندۈز ئەنسىرەپ تۇرىدىغان تاڭ سۇلالىسى مىلادىنىڭ 735 - يىللىرىمۇ تۈركلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن جۇڭگونىڭ شىمالىي چېگرىسىغا 400 مىڭ كىشىلىكتىن ئارتۇق قوشۇن تۇرغۇزدى.[1]
مىلادىنىڭ 745 - يىلى شەرقىي تۈرك قاغانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى.
غەربىي تۈرك قاغانلىقىنىڭ ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
[تەھرىر]مىلادىنىڭ 576 - يىلى تۈرك قاغانلىقىنىڭ غەربىي قىسمىنى چوڭ قاغانغا ۋاكالىتەن باشقۇرىدىغان يابغۇ ئونۋانىدىكى ئىستەمى قاغان ئالەمدىن ئۆتكەندە، ئۇنىڭ ئورنىغا بىلگە تاردۇ قاغان تەيىنلەنگەنىدى. بىلگە تاردۇ قاغان 24 يىل (مىلادىنىڭ 576 - يىلىدىن 600 - يىلىغىچە) سەلتەنەت سۈردى. مۇقان قاغاننىڭ ئوغلى ئاپاخان ئۇنىڭ بىلەن بىللە 17 يىل (576 - 593) ئورتاق قاغان بولدى. ئاپاخاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى ئىنال قاغان يەتتە يىل (593 - 600) بىلگە تاردۇ قاغاننىڭ يېنىدا ئورتاق غەربىي قاغان بولدى. مىلادىنىڭ 600 - يىلى تۈرك قاغانلىقى شەرقىي ۋە غەربىي تۈرك قاغانلىقىغا بۆلۈنۈپ كەتكەندىن كېيىن، غەربىي تۈرك قاغانلىقىغا ئاپاقاغاننىڭ بالىلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلدى. غەربىي تۈرك قاغانلىقىنىڭ تۇنجى قاغانى ئاپا قاغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى ئىنال قاغاننىڭ نەۋرىسى چۇلو قاغان (600 – 611) قاتارلىقلارنىڭ ۋاقتىدا، غەربىي تۈركلەر بىلەن شەرقىي تۈركلەر ئارىسىدا ئۇرۇش بولدى. بۇ ئۇرۇشتا شەرقىي تۈرك قاغانى سىۋار قاغان غەربىي تۈرك قاغانى چۇلو قاغاننى ئۆلتۈردى.
غەربىي تۈرك قاغانلىقى چۇلو قاغاننىڭ تاغىسى شىخوي قاغان (611 - 618) نىڭ ئوغلى توزيابغۇ قاغاننىڭ ۋاقتىدا (618 - 630) ئاسىيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغانىدى. شۇ چاغدا، غەربىي تۈرك قاغانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسى شەرقىي شىمالدا ئالتاي تاغلىرىدىن تارتىپ جەنۇبتا ئامۇ دەرياسى بىلەن ئىرانغىچە، شەرقتە بارىسكۆلدىن تارتىپ، غەربتە كاسپى دېڭىزىنىڭ بويلىرىغىچە تۇتاشقانىدى.
غەربىي تۈركلەرنىڭ قاغانى شىخوي قاغاننىڭ ۋاقتىدا تۈركلەر بىلەن ئىران ئارىسىدىكى بۇرۇنقى دۈشمەنلىك تۈگەپ، دوستلۇق ئورنىتىلدى. ئىران ساسانىيلار سۇلالىسىنىڭ شاھىنشاھى خىسراۋ پەرۋىز II (589 – 628) غەربىي تۈركلەر بىلەن ئورناتقان دوستلۇق مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ، مىلادىنىڭ 609 - يىلىدىن 619 - يىلىغىچە بولغان ئون يىل ئىچىدە مىسىر، يەمەن، پەلەستىن، رودوس، ئوسكودارلارنى (كىچىك ئاسىيادا) شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ قولىدىن تارتىۋالدى. ئىران قوشۇنلىرىنىڭ غەلىبىلىك يۈرۈشلىرى ئىران ساسانىيلار سۇلالىسىگە قارشى ھالەتتە تۇرغان ئەرەبلەرنى ناھايىتى قاتتىق ئەندىشىگە سېلىپ قويدى. شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى ئىرانغا تارتتۇرۇپ قويغان ئىمپېراتور ھىراكلى I(610 – 641) تۈركلەر بىلەن بولغان بۇرۇنقى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئۆز ھالىغا كەلتۈرۈۋالدى. مىلادىنىڭ 576 - يىلى تۈركلەرنىڭ غەربىي قاغانى بىلگە تاردۇ قاغان بىلەن رىم ئىمپېراتورىنىڭ ئارىسىغا سوغۇقچىلىق چۈشكەندە، تۈركلەر بىلەن رومالىقلار ئۇرۇشقانىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ تۈركلەر بىلەن شەرقىي رىم ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق بۇزۇلغان.
تون يابغۇ قاغان تۈركلەر تارىخىدا ئۆتكەن ئۇلۇغ قاغان مۇقان قاغاندىن زادى قېلىشمايدىغان ئەقىللىق، تەدبىرلىك، باتۇر، ئۇرۇشنىڭ ستراتېگىيە ۋە تاكتىكىسىغا ماھىر قاغان ئىدى. ئۇ تۈركلەر بىلەن شەرقىي رىم ئارىسىدىكى ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، غەربىي تۈركلەرنىڭ پايتەختىنى يۇلتۇزدىن تالاس دەرياسىنىڭ بويىدىكى مىڭبۇلاققا يۆتكىگەن ئىدى. تون يابغۇ قاغان شەرقىي رىم ئىمپېراتۇرى ھىراكلى I بىلەن كېلىشىپ، مىلادىنىڭ 624 - يىلى شەرق (خۇراسان) تەرەپتىن ئىرانغا بېسىپ كىردى. تون يابغۇ قاغان خۇراساندا ئىران قوشۇنلىرىنى تارمار قىلىپ، تېھران ۋە ئىسپاھاننى ئالغاندىن كېين، تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىراننىڭ پايتەختى كىتىسفۇن (ھازىرقى باغداد) قا قاراپ يۈرۈش قىلدى. ئۇ ۋاقىتتا، شەرقىي رىم ئىمپېراتورى ھىراكلىI غەرب (سۈرىيە) تەرەپتىن ئىرانغا ھۇجۇم قىلدى. شۇ چاغدا غەربىي تۈرك قاغانلىقىغا قارايدىغان ھازار قاغانلىقى (486 - 690) نىڭ قاغانى ئۇباچا قاغان قوماندانلىقىدىكى 40 مىڭ كىشىلىك ھازار قوشۇنلىرى ئەزەربەيجان (جەنۇبىي كاۋكاز) تەرەپتىن ئىرانغا ھۇجۇم قىلدى. ئىتتىپاقداشلار (تۈركلەر بىلەن شەرقىي رىم) نىڭ قوشۇنلىرى كىتىسفۇننى ئالدى. ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان ئىران ساسانىيلار سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئەھۋالىنى ئوڭشىۋېلىش ئۈچۈن، خىسراۋ پەرۋىز II نى تەختتىن چۈشۈرۈپ قوباتII نى تەختكە چىقاردى.
تون يابغۇ قاغان ئىراندىن تارتىۋالغان خۇراسانغا ئىلتەبىر، تۇدۇن قاتارلىق تۈرك بەگلىرىنى ۋالىي قىلىپ تەيىنلىدى. ھراكلىI بولسا، بۇرۇن ئىرانغا تارتتۇرۇپ قويغان يەرلىرىنى قايتۇرۇۋىلىپ، شەرقىي رىمنىڭ شان - شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. شۇ قېتىمقى ئېغىر ئۇرۇشتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ئىران ھەر جەھەتتىن ئاجىزلاپ كەتتى. بۇنداق ئەھۋال ئەرەبلەرنىڭ ئىراننى ئاسانلا بېسىۋىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. تون يابغۇ قاغان مىلادىنىڭ 624 - يىلى (بەزى مەلۇماتلاردا 628 - يىلى دېيىلىدۇ) ئىرانغا قىلغان غەلىبىلىك يۈرۈشىدىن كېيىن، شۆھرەت ۋە تەنتەنە بىلەن مىڭبۇلاققا قايتىپ كەلدى. تون يابغۇ قاغان ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ــ مىلادىنىڭ 630 – يىلى ــ بىلگە تاردۇ قاغاننىڭ كىچىك ئوغلى باغاتۇر قاغان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ۋەقە ئىستەمى ئوغۇللىرىنىڭ تۈمەن قاغان ئوغۇللىرىدىن قاغانلىق تەختىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن قىلغان ئۇرۇنۇشى ئىدى. لېكىن تۈن يابغۇ قاغاننىڭ ئوغلى سى يابغۇ قاغان باغاتۇر قاغاننى مەغلۇپ قىلىپ، غەربىي تۈركلەرگە قاغان بولدى. ئۇلۇغ قاغان تون يابغۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، غەربىي تۈركلەردە ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئاپەتلىك يانغىنلىرى لاۋۇلداشقا باشلىدى. سى يابغۇ قاغان مىلادىنىڭ 633 - يىلى ئاپا قاغاننىڭ كىچىك ئوغلى ئۇلۇغ سادنىڭ چوڭ ئوغلى باغاشا تۇلۇ قاغان بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ قاڭلىغا قېچىپ كەتتى.
باغاشا تۇلۇ قاغان ئۇزۇن ئۆتمەي، 634 - يىلى ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئۇكىسى ئىشبارا تېرىش تۇڭڭا قاغان (634 - 639) تۈركلەرنىڭ ئاساسىي قەبىلىلىرىنى ئىككى چوڭ تارماققا بۆلدى. ھەربىر تارماقتا بەشتىن قەبىلە بار ئىدى. بۇلارنىڭ بىر تارمىقى بەش نوشىبى دەپ ئاتىلاتتى. ئۇلار قىرغىزىستاندىكى چۇ دەرياسى بىلەن تالاس دەرياسىنىڭ ئارىسىدىكى جايلاردا ياشايتتى. ئىشبارا تېرىش تۇڭڭا قاغان بۇ بەش قەبىلىنىڭ ھەر بىرىگە ئۇلۇغ ئەركىن ئۇنۋانىدا بىردىن خان تەيىنلىدى. يەنە بىر تارمىقى بەش تولىس دەپ ئاتالدى. بۇلار ئىلى دەرياسى بىلەن چۇ دەرياسىنىڭ ئارىلىقىدا ياشايتتى. تۈرگەشلەر مانا شۇ بەش تولىس دەپ ئاتىلىدىغان قەبىلىلەرنىڭ تەركىبىدە ئىدى. بۇ بەش قەبىلىنىڭ ھەر بىرىگە ئۇلۇغ چۇر ئۇنۋانىدا بىردىن خان تەيىنلەندى. يېغىپ ئېيتقاندا، بەش نوشىبى قەبىلىلىرى ئىسسىقكۆلنىڭ غەربىدە، بەش تولىس قەبىلىلىرى ئىسسىقكۆلنىڭ شەرقىدە ياشىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى قوشۇلۇپ «ئون ئوق» دەپمۇ ئاتىلاتتى.
باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، جۇڭگو مىلادىنىڭ 630 - يىلى شەرقىي تۈركلەرنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، 680 - يىلى شەرقىي تۈركلەر مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىچە بولغان 50 يىل ئىچىدە، ئۇيغۇرلاردىن ئۈنۈملۈك ھالدا پايدىلىنىپ غەربىي تۈركلەرنىمۇ ئارقا - ئارقىدىن بىرنەچچە قېتىم ئېغىر ئەھۋالغا چۈرۈشۈپ قويدى.
لى شىمىن 630 - يىلى شەرقىي تۈرك قاغانى قاراخانىنى ئەسىر ئالغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ شەرق ۋە غەربتىكى قوشنىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى بېسىۋېلىش ھازىرلىقىغا كىرىشتى. لى شىمىننىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىگە باھانە تېپىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ۋەزىرى ۋېي جېڭ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەنىدى: «جۇڭگو ئارامخۇدا، خاتىرجەم ياشىماقچى بولىدىكەن، ئۆز ئەتراپىدا ئۆزىدىن كۈچلۈك بىرمۇ دۆلەتنىڭ بولۇشىغا يول قويماسلىقى، ئۆزىنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى يات دۆلەتلەرنى بويسۇندۇرۇشى لازىم.»[1]
لى شىمىن ئۆزىنىڭ ئەقىللىق ۋەزىرى ۋېي جېڭ كۆرسەتكەن بۇ ستراتېگىيە بويىچە ھەرىكەت قىلدى.
باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، تون يابغۇ قاغان ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، غەربىي تۈرك قاغانلىقىدا ئىچكى ئۇرۇش بىر نەچچە يىل داۋام قىلدى. جۇڭگو ئۆزىگە ناھايىتى پايدىلىق بولغان بۇ ياخشى شارائىتتىن پايدىلىنىپ، غەربىي تۈركلەرنى يوقىتىشقا بەل باغلىدى. جۇڭگو غەربىي تۈركلەرنىڭ تۈرك قاغانلىقىنىڭ بۇرۇنقى سەلتەنەتلىك دەۋرىدىكى شان - شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن شەرقىي تۈرك قاغانلىقىنىڭ تېررىتورىسىنىمۇ ئىگىلىۋېلىپ، بىرلىككە كەلگەن، قۇدرەتلىك تۈرك قاغانلىقىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشىدىن بەكمۇ قورقاتتى. دېمىسىمۇ، غەربىي تۈرك قاغانلىرىدا ئەنە شۇنداق مەقسەت بار ئىدى.
تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئۆزى ئۈچۈن ناھايىتى قورقۇنچلۇق بولغان غەربىي تۈرك قاغانلىقىنى يوقىتىش ئۈچۈن، بىرىنچى قەدەمدە، غەربىي تۈركلەردىن تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ۋادىسىنى، ئىككىنچى قەدەمدە تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى جايلارنى تارتىۋالماقچى بولدى. تاڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى بۇنداق چوڭ ۋە قىيىن ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كۆپ قېتىم سىناقتىن ئۆتكەن «ياتلارنىڭ قولى بىلەن ياتلارنى بويسۇندۇرۇش ئۈنۈملۈك تەدبىر» دېگەن سىتراتېگىيىسىنى قوللاندى. لى شىمىن 630 - يىلى شەرقىي تۈركلەرنى تارمار قىلغاندا، ئەسىرگە چۈشكەن يۈز نەچچە مىڭ تۈركنىڭ ئىچىدىكى ئەسكەرلىككە يارايدىغانلاردىن قوشۇن تەشكىل قىلدى. بۇ ئىشنى ئۇ تاڭ سۇلالىسىگە جان - دىلى بىلەن خىزمەت قىلغان تۈرك بەگچىكى ئاسىناتۇر قاتارلىقلار ئارقىلىق ئورۇندىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ توققۇز ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بىرى بولغان جېبنىلارنىڭ بەگچىكى جېبنى ئالپ ئارقىلىق ئۇيغۇرلاردىن قوشۇن تەشكىل قىلدى. ئاسىناتۇر بىلەن جېبنى ئالپ قاتارلىقلار تاڭ سۇلالىسىنىڭ غەربىي تۈركلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى.
ئاسىناتۇر غەربىي تۈرك قاغانى چۇلو قاغاننىڭ ئوتتۇرانچى ئوغلى بولۇپ، 636 - يىلى تاڭ سۇلالىسىگە تەسلىم بولغانىدى. شۇنىڭدىن تارتىپ مىلادىنىڭ 655 - يىلى ئۆزى ئۆلگەنگە قەدەر ئۇ تاڭ سۇلالىسىگە خىزمەت قىلىپ، غەربىي تۈركلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلاردا باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. جېبنى ئالپ بولسا مىلادىنىڭ 632 - يىلى ئۆز قەبىلىسىدىن بىر نەچچە مىڭ كىشىنى باشلاپ تاڭ سۇلالىسىگە تەسلىم بولغان ئۇيغۇر ئىدى. ئۇمۇ ئۆزى ئۆلگەنگە قەدەر ــ مىلادىنىڭ 676 - يىلىغىچە تاڭ سۇلالىسى ئۈچۈن ئەرزىگۈدەك خىزمەتلەرنى ئىشلەپ بەردى.
لى شىمىن مىلادىنىڭ 640 - يىلىدىن باشلاپ غەربىي تۈركلەرگە قارشى ئۇرۇش باشلىدى. خۇ جۈنجى قوماندانلىقىدىكى جۇڭگو قوشۇنلىرى (ئاسىناتۇر بىلەن جېبنى ئالپ قوماندانلىقىدىكى تۈرك ۋە ئۇيغۇر قوشۇنلىرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ئىدى) غەربىي تۈرك قاغانلىقى زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، تۇرپان خانلىقى (460 - 640) نى غەربىي تۈركلەردىن تارتىۋالدى. بۇ چاغدا غەربىي تۈرك قاغانى ئىپى تۇلۇ قاغان (638 - 651) نىڭ بەشبالىقتىكى يابغۇسى تۇرپان خانلىقىغا ياردەم بېرىپ تاڭ قوشۇنلىرىغا قارشى چىقىش ئورنىغا خۇ جۈنجىگە تەسلىم بولدى. مىلادىنىڭ 644 - يىلى، جۇڭگو قوشۇنلىرى قارا شەھەرنى بېسىۋالدى. مىلادىنىڭ 648 - يىلى جۇڭگو قوشۇنلىرىغا باش قوماندان بولغان ئاسىناتۇر، 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇن (ئاساسەن تۈرك ۋە ئۇيغۇرلاردىن تەركىب تاپقان قوشۇن) غا يېتەكچىلىك قىلىپ، كوچا، قەشقەر، خوتەن خانلىقلىرىنىمۇ بېسىۋالدى. مانا شۇ چاغدا، غەربىي تۈركلەر تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر خانلىقلىرىنى قوغداپ، جۇڭگو قوشۇنلىرىنى ئۇ يەردىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى ئۈنۈم بەرمىدى. تارىم ۋادىسى مىلادىنىڭ 650 - يىلى غەربىي تۈركلەرنىڭ قولىدىن چىقىپ كەتتى. لى شىمىن مىلادىنىڭ 640 - يىلىدىن باشلاپ غەربىي تۈركلەرنىڭ تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تېررىتورىيىسىگە ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغان چاغنىڭ ئۆزىدىلا، شەرقتىكى كورېيىگىمۇ تاجاۋۇز قىلىشقا ھازىرلانغانىدى. بۇ ۋەقە توغرىسىدا باشتا توختالغانىدۇق.
تاڭ سۇلالىسى ئون يىل (640 - 650) ۋاقىت سەرپ قىلىپ تارىم ۋادىسىنى غەرب تۈركلەردىن تارتىۋالغاندىن كېيىن، جۇڭغار دالاسىنى بېسىۋىلىشقا كىرىشتى. مانا شۇ چاغدا، ئاسىنا ئالپ ئۇلۇغ ئىشبارا قاغاننى مەغلۇپ قىلىپ، غەربىي تۈركلەرنى بىرلىككە كەلتۈردى. ئاسىنا ئالپ مىلادى 652 - يىلى شەرققە يۈرۈش قىلىپ، خەلقئارا سودا يولىدا ناھايىتى مۇھىم ئۇرۇن تۇتقان بەشبالىق (640 - يىلى تاڭ سۇلالىسى بېسىۋالغان) قايتۇرۇۋالدى.
بۇنىڭدىن ئەنسىرىگەن تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقىنىڭ قاغانى بايانخاننىڭ 50 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇن بىلەن قىلغان ياردىمىنى ئاساس قىلىپ، لىياڭ جيەنفاڭ قوماندانلىقىدىكى 20 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى ماڭدۇرۇپ، غەربىي تۈرك قاغانى ئاسىنا ئالپنى مەغلۇپ قىلدى. بەشبالىق تۈركلەرنىڭ قولىدىن يەنە تاڭ سۇلالىسىنىڭ قولىغا ئۆتتى. ئاسىنا ئالپ مىلادىنىڭ 657 - يىلى قوشۇن تارتىپ كېلىپ، تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى قولدىن كەتكەن جايلارنى قايتۇرۇۋالماقچى بولدى. ئۇنىڭ مەقسىتى شەرقىي ۋە غەربىي تۈركلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىدى. شۇ چاغدا ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانى بايانخان 50 مىڭ كىشىلىك ئۇيغۇر ئاتلىق قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ، سۇدىڭفاڭ قوماندانلىقىدىكى 30 مىڭ كىشىلىك جۇڭگو قوشۇنىغا (بۇلار پىيادە قوشۇن ئىدى) ماسلىشىپ، ھازىرقى بورتالا ئەتراپىدا، ئاسىنا ئالپ قوماندانلىقىدىكى 100 مىڭ كىشىلىك تۈرك ئاتلىق قوشۇنى بىلەن ئۇرۇشتى. ئۇرۇشتا ئاسىنا ئالپ مەغلۇپ بولدى. ئۇ بىر قىسىم قوشۇنلىرىنى باشلاپ غەرب تەرەپكە چېكىندى. بايانخان، شىياۋسىي بىلەن بىللە، ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ، ھازىرقى تاشكەنتنىڭ غەربىي شىمالىدىكى كېش دېگەن شەھەرگىچە باردى. كېش شەھىرىنىڭ بېگى ئىنال تارقان ئۇنى يالغاندىن قارشى ئالغان بولۇپ ئالدىغا چىقتى ۋە ئۇنى شەھەرگە باشلاپ كىردى. ئاسىنا ئالپ شەھەرگە كىرگەندىن كېيىن، ئىنال تارقان ئۇنى باغلاپ دۈشمەنگە تۇتۇپ بەردى.
تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ غەربىي تۈركلەر ئۈستىدىن قازانغان بىر قاتار غەلىبىلىرى ئاساسىدا، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆز مەمۇرىيىتىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن، ھەرخىل نامدىكى مەھكىمىلەرنى تەسىس قىلىپ، ئۇنىڭغا تۈرك بەگلىرىنى ئەمەلدار قىلىپ تەيىنلەپ، ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنى ئىتائەت قىلدۇرماقچى بولدى. ئەمما ئۇ ئەمەلىيەتتە غەربىي تۈرك قاغانلىقى تېررىتورىيىسىدە ئۆز ھۈكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزەلمىدى. مىلادىنىڭ 657 - يىلى ئاسىنا ئالپ ئەسىر چۈشكەندىن كېيىن قاغان بولغان غەربىي تۈرك قاغانلىرىدىن ئاسىنا مىش (657 - 662)، ئاسىنا بوركىن (666 - 668)، ئاسىنا تۇرچى (671 - 679)، ئاسىنا نىزوق بەگ (679 - 680)، ئاسىنا يالچىن (685 - 693)، ئاسىنا خوجىلو (686 - 690)، ئاسىنا ئون ئوق قاغان (694 - ؟) ئاسىنا خوجىلو (2 - قېتىم) قاتارلىق قاغانلار غەربىي تۈركلەردىن مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالدى. پەقەت غەربىي تۈركلەردىن ئاسىنا قايدۇ بىلەن ئاسىنا شان قاتارلىق ئىككى قاغانلار (704 - يىلدىن 711 - يىلىغىچە يەتتە يىل) تاڭ سۇلالىسىگە بېقىنغانىدى. 711 - يىلىدىن باشلاپ غەربىي تۈركلەرنىڭ قاغانلىق ھوقۇقى ئاسىنا ئۇرۇقىدىن تۈرگەشلەر قولىغا ئۆتتى. تۈرگەش قاغانلىرى 742 - يىلىغىچە غەربىي تۈركلەرگە قاغان بولدى. 742 - يىلىدىن كېيىن قاغانلىق ھوقۇقى يەنە ئاسىنا ئۇرۇقىنىڭ قولىغا ئۆتتى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ غەربىي تۈركلەرنى ئۈزۈل - كېسىل تارمار قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزەلمەسلىكىگە يەنە باشقا سەۋەبلەرمۇ بار ئىدى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆز تەسىرىگە ئېلىشىغا تىبەت خانلىقى (629 - 846) مىلادىنىڭ 682 - يىلى قايتىدىن قۇرۇلغان شەرقىي تۈرك (قۇتلۇق ئېلتىرىش) قاغانلىقى، مىلادىنىڭ 651 - يىلدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىياغا بېسىپ كىرگەن ئەرەبلەر يول قويمىدى. مىلادىنىڭ 670 - يىلى تىبەت خانلىقى قارا شەھەر، كوچا، قەشقەر، خوتەننى بېسىۋالدى. مىلادىنىڭ 692 - يىلى تاڭ سۇلالىسى قارا شەھەر، كوچا، قەشقەر، خوتەننى تىبەتلىكلەرنىڭ قولىدىن تارتىۋالغان بولسىمۇ، ئەرەبلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىۋالغان تىبەت خانلىقى مىلادىنىڭ 720 - يىلىدىن باشلاپ تارىم ۋادىسىنى تاڭ سۇلالىسىدىن تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشلارنى ئېلىپ باردى. مىلادىنىڭ 751 - يىلى قىرغىزىستاندىكى تالاس دەرياسىنىڭ بويىدا ئەرەبلەر بىلەن جۇڭگو ئارىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيانى تالىشىش يۈزىسىدىن ناھايىتى قاتتىق ئۇرۇش بولدى. بۇ ئۇرۇشتا سالىھ ئىبنى زىياد قوماندانلىقىدىكى ئەرەب قوشۇنلىرى گاۋشەنزى قوماندانلىقىدىكى جۇڭگو قوشۇنلىرىنى تارمار قىلدى. گاۋشەنجى ئامان قالغان 3000 كىشىنى باشلاپ قېچىپ كەتتى. تالاس ئۇرۇشى تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلىدى. تالاس ئۇرۇشىدىن كېيىن، تارىم ۋادىسى ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقىنىڭ قولىغا ئۆتتى.
193 يىل ھۆكۈم سۈرگەن كۆكتۈرك قاغانلىقىنىڭ دەۋرىنى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈش مۇمكىن. بىرىنچى باسقۇچ، 50 يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مانا شۇ 50 يىل (مىلادىنىڭ 552 - يىلىدىن 600 - يىلىغىچە) كۆك تۈرك قاغانلىقىنىڭ قۇدرەت تاپقان ئاجايىپ سەلتەنەتلىك دەۋرى ئىدى. شۇ چاغدا، كۆك تۈرك قاغانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسى شەرقتە ساخالىن ئارىلىدىن تارتىپ غەربتە قارا دېڭىز بويلىرىغىچە، شىمالدا بايكۆل، بالقاش، ئارال كۆللىرىدىن تارتىپ جەنۇبتا ئىرانغىچە سوزۇلغانىدى، ئافغانىستان، كەشمىر، تىبەت، گەنسۇمۇ قاغانلىقنىڭ تېررىتورىيىسى ئىچىدە ئىدى.
كۆك تۈرك قاغانلىقىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى مىلادىنىڭ 600 - يىلىدىن ــ كۆك تۈرك قاغانلىقى شەرقىي ۋە غەربىي تۈرك قاغانلىقىغا بۆلۈنۈپ كەتكەندىن تارتىپ باشلىنىدۇ. بۇ باسقۇچ شەرقىي تۈرك قاغانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكۈچە بولغان 145 يىلنى (600 - 745) ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەرقىي تۈركلەر مانا شۇ 145 - يىلنىڭ 50 - يىلىدا (630 - 680) قاراملىقتا ياشىدى. مىلادىنىڭ 682 - يىلى شەرقىي تۈرك بەگچىكى ئاسىنا قۇتلۇق شەرقىي تۈرك قاغانلىقىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئۆز ھالىغا كەلتۈردى. مانا شۇ ئېلتىرىش قۇتلۇق ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى دەۋرى (682 - 745) كۆك تۈرك تارىخىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچى بولۇپ بۇ باسقۇچ 63 يىل داۋام قىلدى.
غەربىي تۈرك قاغانلىقى (600 - 742) ئۇيغۇرلارنىڭ قوشۇنلىرىنى ئىتتىپاقچى قىلىۋالغان تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن بىرنەچچە قېتىم مەغلۇپ بولۇپ، تېررىتورىيىسىنىڭ بىر قىسمىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن 742 - يىلىغىچە ئاساسەن مۇستەقىل ياشىدى.
بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە، تۈركلەر نېمە ئۈچۈن جۇڭگو بىلەن بولغان ئۇرۇشلارنىڭ تولىسىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى؟ بۇنىڭ بىر قانچە سەۋەبلىرى بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاساسلىقى ئىككى سەۋەب باب:
بىرىنچى سەپ ــ تۈركلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلۈنۈپ كېتىشى. ئەگەر بىر پۈتۈن كۆك تۈرك قاغانلىقى مىلادىنىڭ 600 - يىلى شەرقىي ۋە غەربىي قاغانلىقلارغا بۆلۈنۈپ كەتمىگەن بولسا، ئۇلارنىڭ مەغلۇپ بولۇشى ناتايىن ئىش ئىدى. جۇڭگو خانلىرىنى (مەيلى سۈي سۇلالىسىنىڭ ياكى تاڭ سۇلالىسىنىڭ بولسۇن) تۈركلەرنى مەغلۇپ قىلىشتا، ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشتىن كۆرە، باشقا تەدبىر ئىشلەتتى، دېگەن تۈزۈك. ئۇلار تۈركلەرنى بۆلۈپ پارچىلاپ، بىر - بىرى بىلەن سوقۇشتۇرۇپ ئاجىزلاشتۇردى، تۈركلەرنىڭ قولى بىلەن تۈركلەرنى يۇقاتتى. بۇ تۇغرۇلۇق سۈي سۇلالىسىنىڭ ۋەزىرى جاڭ سۇڭشىڭنىڭ مىلادىنىڭ 582 - يىلى سۈي ۋېندىغا كۆرسەتكەن تەدبىرىنى ئەسكە ئېلىش يېتەرلىك.
كۆك تۈرك قاغانلىقىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى توغرىسىدا جۇڭگو تارىخچىسى پەن ۋېنلەن بۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئەگەر تۈركلەر شەرقىي ۋە غەربىي تۈرك قاغانلىقىغا بۆلۈنۈپ كەتمەي، بىرلىكىنى ساقلىغان بولسا، تاڭ سۇلالىسى تۈركلەرنى يۇقىتالماس ئىدى. غەربىي تۈرك قاغانلىقى شەرق ۋە غەربتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنمەي بىرلىكىنى ساقلىغان بولسا، تاڭ سۇلالىسى غەربىي تۈركلەرنىمۇ يوقىتالماس ئىدى. غەربىي تۈركلەرنىڭ ئۆز ئىچىدە توپىلاڭ تۇغۇلغاندا، تاڭ سۇلالىسى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كەتتى.»[1]
ئىككىنچى سەۋەب ــ تاڭ سۇلالىسى، شەرقىي تۈرك قاغانلىقى بولسۇن، غەربىي تۈرك قاغانلىقى بولسۇن، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىشتا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زىددىيەتلەردىن پايدىلاندى، بولۇپمۇ تۈرك قاغانلىقى تەركىبىدىن ئۇيغۇرلاردىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلاندى. ئۇيغۇرلار تۈرك خەلقلىرى ئىچىدە ئەينى ۋاقىتتا سانى ئىنتايىن كۆپ، جەڭگىۋارلىقى ناھايىتى ئۈستۈن بىر خەلق ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركلەرنىڭ دۈشمەنلىرى تۈرلۈك چارە - ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇرلارنى تۈركلەرگە قارشى كۈشكۈرتتى.
ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقىنىڭ قاغانى بايان قاغان تاڭ سۇلالىسىنىڭ غەربىي تۈركلەرنى مەغلۇپ قىلىشىدا نېمە ئۈچۈن بىر نەچچە قېتىم قوشۇن چىقىرىپ تاڭ سۇلالىسىگە ياردەم قىلغان؟ دېگەن سوئال توغۇلىدۇ. بايان قاغاننىڭ تاڭ سۇلالىسىگە ھەربىي ياردەم كۆرسىتىشىدە مەلۇم مەقسىتى بار ئىدى. بايان قاغان غەربىي تۈركلەر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تېررىتورىيىسىنى ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسىگە قوشۇۋالماقچى ياكى ھېچ بولمىغاندا، غەربىي تۈرك قاغانلىقى زېمىنى ھېسابىدىن مەلۇم پايدىغا ئىگە بولماقچى ئىدى. لېكىن، ئاقىۋەتتە، غەربىي تۈركلەرنى مەغلۇپ قىلغان بۇ ئىتتىپاقداشلار (جۇڭگو بىلەن ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقى) نىڭ ھېچقايسىسى ئۆز مەقسىتىگە يېتەلمىدى. كۆك تۈرك قاغانلىقىدا، ئۇيغۇرلار بۇ قاغانلىقنىڭ قۇدرەت تېپىپ، گۈللەپ ياشنىشىدىمۇ ھەل قىلغۇچ ئىجابىي رول ئوينىدى. شۇنىڭدەك، ئاخىر بېرىپ، ئۇنىڭ مەغلۇپ بولۇشى ۋە يوقىلىشىدىمۇ ھەل قىلغۇچ سەلبىي رول ئوينىدى.
تۈركلەر بىلەن جۇڭگو ئارىسىدا بولغان ئۇرۇشلارنىڭ خاراكتېرى توغرىسىدىمۇ بىر نەچچە ئېغىز سۆز قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىككى دۆلەت ئارىسىدا بولغان ئۇرۇشلارنىڭ خاراكتېرى ھەرخىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ قارىسىغا ھۆكۈم چىقارغىلى بولمايدۇ. گاھىدا تۈركلەر سەددىچىن سېپىلىدىن ئۆتۈپ جۇڭگو تېررىتورىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، گاھىدا جۇڭگو قوشۇنلىرى سەددىچىن سېپىلىدىن چىقىپ، تۈركلەر تېررىتورىيىسىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، بەلكى ئۇلارغا ھەربىي زەربە بېرىشنىلا كۆزلىمەي، ئەكسىچە يىراقنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ تېررىتورىيىسىنى بېسىۋىلىشنى مەقسەت قىلغان. تاجاۋۇزچىلىق مەقسىتىدە قىلىنغان ھەرقانداق ئۇرۇش ئەلۋەتتە ئادالەتلىك ئۇرۇش بولمايدۇ. بۇ ئىككى قوشنا دۆلەتنىڭ تىنچ ئۆتكەن مەزگىللىرىدىمۇ ئۆز ئارا قىلىشقان «دوستانە» مۇئامىلىلىرىدىمۇ سەمىمىيەت بولمىغان.
697 - يىلى شەرقىي تۈرك قاغانى قاپاغان قاغان (692 - 716) تاڭ سۇلالىسىنىڭ قىرالچىسى (ئايال پادىشاھى) ۋۇ زېتيەنگە ئەلچى ئەۋەتىپ: جۇڭگوغا ئەل بولۇپ كەتكەن بىرنەچچە مىڭ ئائىلە تۈركلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى، 1000 كۈرە ئورۇقلۇق ئاشلىق، 50 مىڭ توپ تاۋار - دۇردۇن، 3000 مىڭ دانە دېھقانچىلىق سايمىنى، 40 مىڭ جىڭ تۆمۈر بېرىشنى تەلەپ قىلغان.[2] ۋۇ زېتيەن قاپاغان قاغاننىڭ تەلىپىنى ئورۇنداشقا مەجبۇر بولغان بولسىمۇ، ئەمما، مۇئامىلىدە سەمىمىي بولمىغان. شۇنىڭ ئۇچۇن قاپاغان قاغان 698 - يىلى ۋۇ زېنتيەنگە يوللىغان مەكتۇپىدا: «بىرىنچىدىن، ماڭا ئەۋەتىلگەن ئۇرۇقلۇق دانلارنى قورۇپ ئەۋەتىپسىلەر، يەرگە تېرىغاندىن كېيىن بىر تالمۇ ئۈنمىدى. ئىككىنچىدىن، ئەۋەتكەن ئالتۇن - كۈمۈش جابدۇقلىرىڭىز جا چىقتى.... ئۈچىنچىدىن، تاۋار - دوردۇنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى قوپال، ناچار ئىكەن. تۆتىنچىدىن... بىزگە ياتلىق قلىنغان (قاپاغاننىڭ ئوغلىغا ياتلىق قىلىدىغان مەلىكىسى) ۋۇ جەمەتىدىن بولغان مەلىكە قىز بىزنىڭ لايىقىمىز ئەمەس ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۈستىڭىزگە قوشۇن تارتىپ بارىمەن»[3] دەپ يازغان.
يۇقىرىدىكى پاكىتقا قارىغاندا، ۋۇ زېتيەندە سەمىمىيەت بولمىغان، قاپاغان قاغاننىڭ ئوغلىغا ياتلىق قىلىدىغان مەلىكە قىز تاڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ لى فامىلىلىك خان جەمەتىدىن بولماي، بەلكى ۋۇ فامىلىلىك (ۋۇ زېتيەننىڭ تۇغقانلىرى) جەمەتىدىن بولغان.
ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقى ۋە تاڭ سۇلالىسى
[تەھرىر]قۇتلۇق بىلگە قاغان
[تەھرىر]ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقى قۇتلۇق بىلگە قاغاننىڭ ۋاقتىدا (742-747) قۇدرەتلىك باسقۇچقا كىردى. شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ ياغلاقار قەبىلىسى باش بولۇپ قۇرغان ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقى باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، كېيىنكى شەرقىي تۈرك قاغانلىقى (682 - 744) بىلەن چىقىشالماي دائىم ئۇرۇشۇپ تۇرغانىدى. قۇتلۇق بىلگە قاغان 742 - يىلىدىن باشلاپ، قارلۇقلار ۋە باسمىللار بىلەن بىرلىشىپ شەرقىي تۈركلەرگە قارشى كەسكىن ئۇرۇشلارنى ئېلىپ باردى.
قارلۇقلار تۈرك قەبىلىلىرى ئىچىدە سانىنىڭ كۆپلۈكى، جەڭگىۋارلىقى ۋە تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن مەشھۇر ئىدى. «ئوغۇزنامە» داستانىدىكى رىۋايەتكە قارىغاندا، «قارلۇق» دېگەن نامنى ئوغۇزخان قويغانىكەن. ئۇ رىۋايەتتە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: ئوغۇزخان غەربكە قىلغان يۈرۈشىدىن قايتىپ كېلىۋاتقاندا، ئۇنىڭ بوز ئايغىرى تاغ ئىچىگە قېچىپ كېتىدۇ. ئوغۇزنىڭ بەگلىرىدىن بىرى بۇ بوز ئايغىرنى ئىزدەپ كېتىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇنى تاغ ئىچىدىن تېپىپ كېلىدۇ. شۇ چاغدا ھېلىقى بەگنىڭ ئۈستېبىشىنى قار قاپلاپ كەتكەنىكەن. بۇنى كۆرگەن ئوغۇزخان بۇ بەگكە «قارلىق بەك» دېگەن نامنى قويۇپ قويىدۇ ۋە ئۇنى شۇ يەردىكى قەبىلىگە بەگ قىلىپ تەيىنلەيدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ بەگنىڭ قەبىلىسى ئۆزلىرىنى «قارلۇق» دەپ ئاتايدىغان بولىدۇ.[4]
قارلۇق دېگەن نام VIII ئەسىردە ئورنىتىلغان ئورخۇن ئابىدىلىرىدىمۇ ئۇچرايدۇ. قارلۇقلار ئۈچ قەبىلىدىن ــ بويلا، سابەگ، تاشلى (تاشلىق) لاردىن ئىبارەت ئىدى. قارلۇقلار ئالتاي تاغلىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا ياشايتتى. كېيىن ئۇتۇكەن تاغلىرىغىچە سىلجىپ كېلىپ، شەرقىي ئۇيغۇرلار بىلەن يېقىن ئالاقىدە بولغان. قۇتلۇق بىلگە قاغان 742 - يىلى قارلۇقلار ۋە باسمىللار بىلەن بىرلىشىپ، شەرقىي تۈرك قاغانى ئۆزمىش قاغاننى (740 - 742) ئۆلتۈردى. لېكىن باسمىللار ئۈستۈن كېلىپ قاغانلىق ئورنىنى ئىگىلىۋالدى. باسمىل خانى ئاسىناس قاغان بولدى. ئۇيغۇرلار بىلەن قارلۇقلارنىڭ خانلىرى سول ۋە ئوڭ قول يابغۇلۇق مەنسەپلىرىدە قالدى. قۇتلۇق بىلگە قاغان بۇ ئىشقا زادى رازى ئەمەس ئىدى. ئۇ باسمىللارنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى يوق قىلىپ تاشلاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدى.
باسمىللار ئەڭ قەدىمكى چاغدىن تارتىپ ئۇتۇكەن تاغلىرىدا، بايقا كۆلىنىڭ جەنۇبىدا، قىرغىزلارنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا ياشىغان. ئۇلار قەدىمكى چاغدا، «جەردە ئاتلار» دەپمۇ ئاتالغان. تۈرك قاغانلىقى ۋاقتىدا، تۈركلەر، تۇدۇنلارنى ئەۋەتىپ باسمىللارنى ئىدارە قىلغان. باسمىللار كېيىنكى چاغلاردا ئاستا - ئاستا غەربكە كۆچۈپ كەتكەن، باسمىللار ئاساسەن ھازىر قى جىمسار ئەتراپلىرىغا كۆچكەن. قۇتلۇق بىگە قاغان مىلادىنىڭ 744 - يىلى شەرقىي تۈرك قاغانى بولمىش قاغان (742 - 744) نى ئۆلتۈرۈپ ئۆزىنى قۇتلۇق بىلگە قاغان، دەپ ئاتىدى. ئارقىدىنلا، باسمىللارىن بولغان ئاسىناس قاغانغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئۆلتۈردى ۋە باسمىللارنى تولۇق بويسۇندۇرۇۋالدى.
قۇتلۇق بىلگە قاغان 744 - يىلى شەرقىي تۈركلەرنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، ئۆزىگە بويسۇنىدىغان شەرقىي ئۇيغۇرلارنى ئىككى چوڭ تارماقتىن ئىبارەت 19 قەبىلىگە بۆلدى. ئۇلار - ئون ئۇيغۇر ۋە توققۇز ئوغۇزلاردىن ئىبارەت ئىدى.
ئون ئۇيغۇرلار:
[تەھرىر]1. ياغلاقار (药罗葛)؛ 2. قوتۇرغۇر(胡咄葛)؛ 3. بوقاسقىر(貊歌息)؛ 4. ئاۋ چاغ (阿勿滴)؛ 5. ھازار\ قاسار (葛萨)؛ 6. خوغورسۇ (斛温素)؛ 7. ياغما (药勿葛)؛ 8. ئاياۋىر (奚勿耶)؛ 9. تورلام ۋىبۇر (咄罗勿)؛ 10. ئادىز (阿跌)
توققۇز ئوغۇزلار:
[تەھرىر]1. ئۇيغۇر (回纥)؛ 2. بايىرغۇ (技野古)؛ 3. خون (浑)؛ 4. بوكو (仆固)؛ 5. توڭرا (同罗)؛ 6. چىبنى (契芯)؛ 7. ئىزگىل (思结)؛ 8. قارلۇق (葛逻禄)؛ 9. باسمىل (拨悉蜜).
ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئۈچ باسقۇچ تارىخى
[تەھرىر]بىرىنچى باسقۇچ:
[تەھرىر]مۇستەقىللىقنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى بولۇپ، بۇ باسقۇچ توپتوغرا 100 يىل (646 - 744) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مانا شۇ باسقۇچتا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر يۇقىرىدا (ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەرنىڭ مۇناسىۋىتى بابىدا) بىر قەدەر تولۇق بايان قىلىندى.
ئىككىنچى باسقۇچ:
[تەھرىر]ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقىنىڭ قۇدرەتلىك بىر ئىمپېرىيە قىياپىتىدە شەرقىي ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدا قەد كۆتۈرگەن دەۋرى بولۇپ، بۇ باسقۇچ قۇتلۇق بىلگە قاغاندىن (مىلادىنىڭ 744 - يىلىدىن) تارتىپ ئالپ بىلگە تەڭرى ئۇيغۇر قاغانغىچە (825 - 832) بولغان 80 يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مانا شۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقىنىڭ ھەربىي كۈچى مۇستەقىللىق باسقۇچىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى 50 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇندىن 221 مىڭ كىشىلىك مۇنتىزم ئاتلىق قوشۇنغا كۆپەيگەنىدى. بۇ قوشۇن 17 ئاتلىق دېۋىزىيە (ھەربىر دېۋىزىيە 13 مىڭ جەڭچىدىن تەركىب تاپقان) دىن ئىبارەت ئىدى. ئەنە شۇ مەزگىلدە، ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسى شەرقتە ھازىرقى ھىنگان تاغلىرىنىڭ شەرقىغىچە، شىمالدا بايقال كۆلى ۋە يەنسەي دەرياسىنىڭ يۇقىرىقى ئېقىملىرىغىچە، جەنۇبتا سەددىچىن سېپىلىغىچە، غەربىي جەنۇبتا ئالتۇنتاغقىچە، غەربتە پەرغانە ۋادىسى ۋە يەتتە سۇغىچە تۇتاشقانىدى.
شەرقىي ئۇيغۇرلار شەرقتىكى قىتان قومۇقلارنى، شىمالدىكى قىرغىزلارنى، غەربتە تارىم ۋادىسدىكى ئۇيغۇر خانلىقلىرى ۋە پەرغانە، يەتتە سۇدىكى تۈرك خەلقلىرىنى بويسۇندۇرغانىدى.
قۇتلۇق بىلگە قاغان 646 - يىلى تۈمىد قاغان ئورناتقان دۆلەت تەشكىلىي تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى. پايتەخت قارا بالغاسۇن بولدى.
ئۈچىنچى باسقۇچ:
[تەھرىر]ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقىنىڭ تۈرلۈك سەۋەبلەرگە كۆرە ئاجىزلىشىپ، قاغانلىقنىڭ سىياسىي مەركىزىنى ئۇتۇكەندىن تەڭرىتاغلىرىنىڭ ئېتەكلىرىگە يۆتكىگەن چاغدىكى ئون يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تۆۋەندىكى بابلاردا بۇ قاغانلىقنىڭ تارىخىنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى باسقۇچلىرىدا يۈز بەرگەن تارىخىي ۋەقەلەرنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز.
ئۆڭلۈك ئىسيانى
[تەھرىر]ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقى قۇتلۇق بىلگە قاغاندىن باشلاپ، تاڭ سۇلالىسى بىلەن دوستانە، ئىناق ئۆتۈش يولىغا ئاساس سالدى. بۇرۇن تاڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ئۇنچىۋالا مۇقىملاشقان شەكىلدە ئەمەس ئىدى. قۇتلۇق بىلگە قاغان 747 - يىلى ئالەمدىن ئۆتتى. ئورنىغا ئوغلى بايانچۇر تەڭرىدا بولمىش ئېل تۇتمىش بىلگە قاغان ئۇنۋانىدا قاغان بولدى. بايانچۇرنىڭ ۋاقتىدا (747 - 759) ئۇيغۇرلار تاڭ سۇلالىسىگە ياردەم قىلىپ، ئۆڭلۈك ۋە سۆيگۈملەرنىڭ ئىسيانىنى باستۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى.
تاڭ سۇلالىسى (618 - 907) پادىشاھ تاڭ شۇەنزۇڭنىڭ ۋاقتىدا (712 - 756) تاشقى ۋە ئىچكى جەھەتتىن ناھايىتى ئېغىر ئەھۋالغا دۇچ كەلدى.
تاڭ شۇەنزۇڭ مىلادىنىڭ 740 - يىللىرىغىچە شەرقىي تۈركلەر بىلەن تىبەت خانلىقىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ شىمالىي ۋە غەربىي شىمال چېگرىلىرىدا 400 مىڭ كىشىدىن ئارتۇق قوشۇننى مۇداپىئەدە تۇرغۇزۇشقا مەجبۇر بولدى. بۇنى بىز باشتا ئېيتىپ ئۆتكەنىدۇق. بۇ بىر نەچچە يۈز مىڭ كىشىلىك قوشۇننى تەمىنلەش تاڭ دۆلىتىگە ناھايىتى ئېغىر مالىيە قىيىنچىلىقى پەيدا قىلىپ بەردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تاڭ دۆلىتى بىلەن تىبەت خانلىقى ئارىسىدا بولغان ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشلارمۇ تاڭ دۆلىتىنىڭ قىيىنچىلىقىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇردى. تىبەت خانلىقى گەنسۇغا كۆز ئالايتىپ، مىلادىنىڭ 670 - يىلىدىن 730 - يىللىرىغىچە نەچچە يۈز مىڭ كىشىلىك قوشۇننى سەپەرۋەر قىلىپ، تاڭ سۇلالىسى بىلەن توختىماي ئۇرۇشۇپ تۇردى.
بۇنى ئاز دېگەندەك، مىلادىنىڭ 750 - يىلى تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئەرەبلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەن تالاس (ھازىرقى قىرغىزىستاندا) ئۇرۇشىدا گاۋ شەنزى باشچىلىقىدىكى جۇڭگو قوشۇنلىرى پاجىئەلىك ھالدا مەغلۇپ قىلىندى. گاۋ شەنزى ئامان قالغان بىرنەچچە مىڭ كىشىنىلا ئەگەشتۈرۈپ ئوتتۇرا ئاسىيادىن قېچىپ كەتتى.
جۇڭگو مىلادىنىڭ 750 - يىلى تالاس ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، تاكى مىلادىنىڭ 1757 - يىلىغىچە بولغان مەزگىلەىچە (1000 يىل) ئوتتۇرا ئاسىياغا ئاساسەن تەسىر كۆرسىتەلمىدى.
تالاس ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا (ئاساسەن تارىم ۋادىسى) غا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىۋالدى. چۈنكى تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرى سۈپۈرۈپ تاشلانغانىدى.
يۇقىرىدىكى سەۋەبلەرگە كۆرە، تاڭ سۇلالىسى ئاجىزلاپ، تاشقى ۋە ئىچكى جەھەتتىن خەتەرلىك ئەھۋالغا دۇچ كەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاڭ شۇەنزۇڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا تولىمۇ چىرىكلىشىپ، ئەيش - ئىشرەتكە بېرىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىشى بىلەن كارى بولمىدى. ئۇ دۆلەتنى باشقۇرۇش ئىشىنى ياڭ گۇجۇڭ ئاتلىق ۋەزىرگە تاپشۇرۇپ قويدى، ئۆزى بولسا پۈتۈن ۋاقتىنى ياڭ گۇجۇڭنىڭ سىڭلىسى ــ ياڭ گۇيفېي ئاتلىق گۈزەل مەلىكە بىلەن ئەيش - ئىشرەتتە ئۆتكۈزدى. مانا شۇنداق بىر ئەھۋال يۈز بەرگەندە، خېبېي بىلەن شەنشىنىڭ شىمالىي چېگرىسىدا مۇداپىئەدە تۇرىدىغان جۇڭگو قوشۇنلىرىنىڭ قوماندانى ئۆڭلۈك (كېلىپ چىقىشى تۈرك، ئەن لۇشەن) پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تاڭ سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۆزى خان بولۇش نىيىتىگە كەلدى. ئۆڭلۈك، كۆرۈنۈشكە ناھايىتى ساددا بولغان بىلەن ھىيلىگەر، تالانتلىق قوماندان ئىدى. ئۇ ياڭ گۇيفېينىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە مايىل قىلىۋىلىپ، پادىشاھ تاڭ شۇەنزۇڭنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىگە بولۇۋالدى. ئۆڭلۈك ئۆز قوماندانلىقىدىكى قوشۇننى ئاساسەن تۈرك، قومۇق، قىتان، شىبە قاتارلىق خەنزۇ بولمىغان مىللەتلەردىن تەشكىل قىلدى. ئۇنىڭ بۇ ئىشىدىن گۇمانلانغان تاڭ شۇەنزۇڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆڭلۈكتىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، ئۆڭلۈك: «خۇلار ساددا، جەڭگىۋار كېلىدۇ. ئۇلارنى باشقۇرماق ئاسان، ئۇرۇشتا كارغا كېلىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۆڭلۈك ئۆز قوماندانلىقىدىكى قوشۇنلارنى ئوبدان قوراللاندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، مىلادىنىڭ 755 - يىلى ئىسيان كۆتۈردى. ئۆڭلۈككە تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھەربىي ۋالىيلىرىدىن سۆيگۈم (كېلىپ چىقىشى تۈرك) مۇ قۇشۇلدى. ئۆڭلۈك 150 مىڭ كىشىدىن تەركىب تاپقان قوشۇننى ئاتلاندۇرۇپ خېبېيدىن شەرققە قاراپ يۈرۈش قىلدى. ئۇ لوياڭغا كەلگۈچە، قارشىلىق كۆرسەتكەن تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن تارمار قېلىپ، لوياڭنى ئالدى. ئۇ سۆيگۈمنى خېبېينى ساقلاشقا قالدۇرۇپ قويدى. ئۆڭلۈك لوياڭنى ئالغاندىن كېيىن، ئۆزىنى ئۇلۇغ يەن پادىشاھى دەپ جاكارلىدى. لوياڭدىن چېكىنگەن تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى چاڭئەننىڭ شەرقىدىكى تۇڭگۇەنگە كېلىپ مۇداپىئەدە تۇردى. مانا شۇ قۇشۇنلارنىڭ مەشھۇر ئىككى قوماندانى ــ يۈن چاڭچىڭ بىلەن گاۋشەنزى پادىشاھ تاڭ شۇەنزۇڭ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. پادىشاھ يۈن چاڭچىغا «دۈشمەننىڭ كۈچىنى كۆككە كۆتۈرۈپ، كىشىلەرنى ئەندىشىگە سالدى» دېگەن گۇناھنى قويغان بولسا، گاۋشەنزىگە «شەنشىدىكى نۇرغۇن جايلارنى قولدىن بەردى، لەشكەرلەرنىڭ ھەربىي تەمىناتىنى قىسىپ ئۆز يانچۇقىغا سالدى» دېگەن گۇناھنى قويدى. تۇڭگۇۋەندىكى قوشۇنلارغا قوشوخان (كېلىپ چىقىشى قارلۇق) نى قوماندان قىلىپ تەيىنلىدى. ئۆڭلۈك ئارقا تەرەپلىرىدە چىققان قالايمىقانچىلىقنى بېسىقتۇرغاندىن كېيىن، بىر نەچچە يۆنىلىش بويىچە تۇڭگۇەنگە ھۇجۇم قىلىپ، قوشوخان قوماندانلىقىدىكى تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنى ئۈزۈل - كېسىل تارمار قىلدى. قوشوخاننى بولسا ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكىلىرىدىن بىرى تىرىك تۇتۇپ، ئۆڭلۈككە ئاپىرىپ بەردى. تۇڭگۇەندىكى مەغلۇبىيەتتىن كېيىن، تاڭ شۇنزۇڭ پايتەختى چاڭئەندىن چىقىپ، سىچۇەندىكى چىڭدۇغا قاراپ قاچتى.
ئۆڭلۈك چاڭئەنگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۈچى ناھايىتى جانلىنىپ كەتتى. تاڭ شۇەنزۇڭ شەنشىدىكى شىنفېڭ ناھىيىسىنىڭ غەربىگە كەلگەندە، ئۆزى بىلەن بىللە كېتىۋاتقان باش ۋەزىرى ياڭ گوجۇڭنى ئۆلتۈردى. كىشىلەر يەنە پادىشاھنى ياڭ گۇيفېينىمۇ ئۆلتۈرۈشكە قىستىدى. چۈنكى ئۇلار بۇ ئىككىسىنى دۆلەتنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت ئەكەلدى دەپ ھېسابلايتتى. ئىككىسى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، تاڭ شۇەنزۇڭ بىلەن بىللە كېتىۋاتقانلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان غەزىپى پەسەيدى. پادىشاھ شۇ جايدىن چېڭدۇغا قاراپ يولغا چىققاندا، شاھزادە لى خېڭ ئاتىسىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، گەنسۇدىكى لىڭۋۇ دېگەن جايغا كەلدى. ئۇ تاڭ سۇلالىسىنىڭ مەشھۇر دۆلەت ئەربابى گوزىينىڭ مەسلىھەتى ۋە قوللىشى بىلەن ئۆزىنى تاڭ سوزۇڭ دېگەن نامدا پادىشاھ دەپ ئېلان قىلدى. دەل شۇ پەيتتە، ئىسيانچىلار ئارىسىدا جېدەل چىقىپ، ئۆڭلۈكنى ئۆز ئوغلى ئۆلتۈردى. سۆيگۈم ئۆڭلۈكنىڭ ئوغلىغا بويسۇنمىدى. بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشى تاڭ سوزۇڭ ئۈچۈن پايدىلىق ئىدى. يېڭى پادىشاھ ئىسياننى باستۇرۇپ ئەيش - ئىشرەتلىك تۇرمۇشنى تېزرەك ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقىدىن ھەربىي ياردەم ئېلىش قارارىغا كەلدى. تاڭ سوزۇڭ مىلادىنىڭ 757 - يىلى گوزىيى باشچىلىقىدا، تاڭ ئوردىسىدا چوڭ ئەمەلدار بولۇپ ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر بوكوقەيىن ھەمراھلىقىدا قارابالغاسۇنغا دىپلوماتىك ئەلچىلەر ئۆمىكى ئەۋەتتى. جۇڭگو ئەلچىلىرى ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانى بايانچۇر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، تاڭ دۆلىتىگە ھاقارەت كەلتۈرىدىغان ئېغىر شەرتلەرگە ئىلاجسىز ماقۇل بولۇپ، ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ھەربىي ياردىمىگە ئېرىشتى. تۈزۈلگەن بىتىمنامىگە كۆرە، ئۇيغۇرلار چاڭئەن بىلەن لوياڭنى ئىسيانچىلاردىن قايتۇرۇۋالغاندا، شەھەردىكى زېمىن، ئىبادەتخانىلار تاڭ سۇلالىسىگە تەۋە بولىدىغان، ئالتۇن - كۆمۈش، تاۋار - دۇردۇن، قىز - چوكانلار بولسا ئۇيغۇرلارغا تەۋە بولىدىغان، ئۇنىڭدىن باشقا، تاڭ پادىشاھى ئۆزىنىڭ مەلىكە قىزلىرىدىن بىرىنى ئۇيغۇر قاغانىغا ياتلىق قىلىدىغان بولدى. چىرىكلەشكەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەيش - ئىشرەتلىك تۇرمۇشىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ بىتىمنامىدىكى مەزمۇنلارنىڭ دۆلىتىنىڭ ئىززەت - ئابرويىنى ئاياغ ئاستى قىلىدىغانلىقى ۋە خەلققە بالايىئاپەت ئەكىلىدىغانلىقى بىلەن ھېسابلاشمىدى. تۈزۈلگەن بىتىمنامىگە كۆرە، بايانچور مىلادىنىڭ 757 - يىلى ئوغلى يابغۇ تېكىن قوماندانلىقىدا 50 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇننى جۇڭگوغا ئەۋەتتى. ئۇيغۇر ئاتلىق قوشۇنلىرى تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا ماسلىشىپ، ئىسيانچىلارغا قارشى جەڭ قىلدى. شۇ يىلى كۈزدە، ئىتتىپاقداش قوشۇنلار چاڭئەننىڭ غەربىدە بولغان ئۇرۇشتا ئىسيانچى قوشۇنلارنى تامار قىلدى. ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان ئىسيانچىلار چاڭئەننى تاشلاپ چىقىپ تۇڭگۇەنگە چېكىندى. بىرلەشمە قوشۇن چاڭئەنگە كىرگەندىن كېيىن، يابغۇ تېكىن بىتىمنامە بويىچە ئىش كۆرمەكچى بولدى. بۇ ۋاقىتتا تاڭ پادىشاھى ئۇنىڭغا ئەگەر چاڭئەندە بىتىمنامە بويىچە ئىش قىلىنسا، لوياڭدىكىلەرگە تەسىرى ياخشى بولمايدۇ. ئۇ چاغدا، لۇياڭلىقلار ئىسيانچىلار تەرىپىنى ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، لوياڭ قايتۇرۇۋېلىنغاندىن كېيىن، ئاندىن ھەر ئىككى شەھەردە بىتىمنامە بويىچە ئىش كۆرسەڭلار، دەپ يالۋۇردى. بۇنىڭغا يابغۇ تېكىن ئۇنىمىدى. ئاخىر تاڭ ھۆكۈمرانلىرى يابغۇ تېكىننىڭ ئانىسىغا يالۋۇردى. يابغۇ تېكىن ئانىسىنىڭ سۆزىنى يىرالماي، بىتىمنامىنى لوياڭ ئېلىنغاندىن كېيىن ئىجرا قىلىشقا ماقۇل بولدى. ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي يابغۇ تېكىن لوياڭنى ئىسيانچىلاردىن تارتىۋالدى ۋە چاڭئەن بىلەن لوياڭدا بىتىمنامە بويىچە ئىش كۆردى. ئىسيانچىلار چاڭئەن ۋە لوياڭدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ روھى چۈشۈپ ھەربىي ئىنتىزامى بوشىشىپ كەتتى. 759 - يىلى سۆيگۈم ئۆڭلۈكنىڭ ئوغلى (ئەن چىڭشۈي) نى ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى تىزگىنلىۋالدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، سۆيگۈممۇ، ئۆز ئوغلى سى چاۋيى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. سى چاۋيى ئۆزىنى «سېرىق پادىشاھ» جاكارلاپ، لوياڭنى بېسىۋالدى. تاڭ سۇلالىسى يەنە خەۋپ ئاستىدا قالدى. بۇ چاغدا ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقىدا بوگوخان قاغان بولغانىدى. چۈنكى، مىلادىنىڭ 759 - يىلى بايانچور ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئورنىغا كىچىك ئوغلى بوگوخان ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش ئېل تۇتمىش قوچ قولۇق بىلگە قاغان ئۇنۋانىدا قاغان بولغانىدى. بوگو خاننىڭ يەنە بىر ئىسمى ئېل تېكىن ئىدى. تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يابغۇ تېكىن چاڭئەن بىلەن لوياڭ ئىسيانچىلاردىن تازىلانغاندىن كېيىن، ئورخۇنغا ــ قارابالغاسۇنغا قايتىپ كەتكەن، ئۇ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي، ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن (ئېھتىمال بايانچورنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان بولسا كېرەك) ئۆلتۈرۈلگەنىدى. بوگوخان تاڭ سۇزۇڭنىڭ ئەركە ئوغلى تاڭ دەيزۇڭ (762 - 779) ئەلچى ئارقىلىق قىلغان تەكلىپىگە بىنائەن مىلادىنىڭ 762 - يىلى ئىسياننى باستۇرۇشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلدى. بۇ چاغدا، تاڭ دەيزۇڭ ئۆزىنىڭ تۇنجى ئوغلى لى شى (كەلگۈسىدىكى پادىشاھ تاڭ دېزۇڭ) نى تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا باش قوماندان قېلىپ تەيىنلەپ، بىرقانچە قوماندانلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا، بوگوخاننى قارشى ئېلىشقا ئەۋەتتى. بوگوخان تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئادەملىرىنى كۆزگە ئىلمىدى، ناھايىتى مەغرۇرانە قىياپەتتە تۇردى. بوگوخاننىڭ ھۇزۇرىغا كەلگەن تاڭ شاھزادىسى لى شى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، قائىدە بويىچە، ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئوينىشى كېرەك ئىدى. شۇ قائىدىگە كۆرە، تاڭ قوماندانلىرى ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئوينىدى. لېكىن لى شى ئۇسسۇل ئوينىمىدى. بوگوخاننىڭ قوماندانلىرىدىن بىرى لى شىنى ئۇسسۇل ئويناشقا قىستىغاندا، ئۇنىڭ ھەمراھلىرىدىن شاھزادە لىشى تېخى ياش، گۆدەك، ئۇيغۇرچە ئۇسسۇلنى تېخى ئۆگىنىشكە ئۆلگۈرەلمىگەن، دەپ تۇرۇۋالدى. بۇنىڭغا ئاچچىقى كەلگەن ئۇيغۇر سەركەردىسى تاڭ قوماندانلىرىدىن بىر نەچچىسىنى باغلىتىپ ھاۋا تاپان قىلىپ ئېسىپ قويۇپ، ھەر بىرىگە يۈزدىن كالتەك ئۇرغۇزدى. شۇ كېچىسى تاڭ قوماندانلىرىدىن ۋۇجۇي قاتارلىق بىر نەچچىسى كالتەك زەربىسىدىن ئۆلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ قىلمىشىدىن نارازى بولغان شاھزادە لى شى ئىتتىپاقىنى بۇزۇپ، ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇرۇشماقچىمۇ بولدى. لېكىن، بۇنداق قىلىشنىڭ ياخشى ئاقىۋەت ئەكەلمەيدىغانلىقىنى سېزىپ، ئۆزىنى بېسىۋالدى. مىلادىنىڭ 762 - يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرگەن تاڭ سۇلالىسى لوياڭنى ئىسيانچىلاردىن تارتىۋالدى. سى چاۋيى خېبىيگە قېچىپ كەتتى. ئۆڭلۈك - سۆيگۈم باشچىلىقىدىكى بۇ ئىسيان ئاساسەن بېسىقتۇرۇلدى. ئۇيغۇرلار لوياڭغا كىرگەندە نۇرغۇن بايلىقلارنى قولغا چۈشۈردى. لوياڭ ئىسيانچىلاردىن تازىلىنىدىغان چاغدا، شەھەرگە ئوت قويۇلدى. شەھەردىكى ئۆي - ئىمارەتلەر 20 كۈنگىچە كۆيۈپ تۈردى. بوگوخان مىلادىنىڭ 763 - يىلى جۇڭگودىن ئۆز ئېلىگە كېتىدىغان چاغدا، ناھايىتى نۇرغۇن بايلىقلارنى ئەكەتتى. بۇنداق بايلىقلار خەلقتىن يېغىۋېلىنغانىدى. ئۆڭلۈك - سۆيگۈم باشچىلىقىدىكى ئىسياننى باستۇرۇشتا، تاڭ سۇلاسىگە ياردەمگە كەلگەن ئۇيغۇرلار ئاغدۇرۇلۇپ كېتىشكە يۈزلەنگەن تاڭ سۇلالىسى ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قالدى، جۇڭگونىڭ بىرلىكى تېزدىن ئەسلىگە كەلدى، ئىشلەپچىقىرىش ئىزىغا چۈشۈپ، خەلق خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىدى. مانا مۇشۇ جەھەتتىن ئالغاندا، ئۇيغۇرلار ئۆڭلۈك ئىسيانىنى باستۇرۇشتا ئىجابىي رول ئوينىدى. يەتتە يىل داۋام قىلغان (755 - 762) ئۆڭلۈك ئىسيانى خەنزۇ خەلقى ئۈچۈن قورقۇنچلۇق بالايىئاپەتلەرنى كەلتۈردى. ئۆڭلۈك ئىسيانى باشلىنىش ھارپىسىدا (مىلادىنىڭ 754 - يىلى) تاڭ سۇلالىسىدىكى ئاھالىنىڭ سانى تەخمىنەن 53 مىليون ئىدى. ئىسيان باستۇرۇلغاندا بولسا، بۇ سان 17 مىليونغا چۈشۈپ قالدى. يەتتە يىل داۋام قىلغان ئۇرۇشتا، ئاچارچىلىقتا ۋە خىلمۇ خىل يۇقۇملۇق كېسەللەر بىلەن 36 مىليون ئادەم ئۆلدى. تىبەت خانلىقى بىلەن بولغان ئۇرۇش ئىسيان باستۇرۇلغاندىن كېيىن، تاڭ سۇلالىسى يەنە بىر ئېغىر خەۋپلىك ئەھۋالغا دۇچ كەلدى. تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئىسياننى باستۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىنغانلىقىدىن، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال چېگرىسىدا مۇداپىئەدە تۇرىدىغان قوشۇنلىرى يۆتكەپ كېتىلگەنىدى. چېگرا مۇداپىئەسىدە قالدۇرۇلغان قوشۇنلارنىڭ بولسا، سانى ئاز ھەم سۈپىتى ناچار (قېرى، ئاجىز) بولۇپ قالدى. تىبەت خانلىقى مانا شۇنداق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، گەنسۇنىڭ خېشى كارىدورىنى بېسىۋالدى. تىبەت خانلىقى مىلادىنىڭ 763 - يىلى 200 مىڭ كىشىدىن ئارتۇق قوشۇننى سەپەرۋەر قىلىپ، گەنسۇنىڭ لۇڭشى ناھىيىسىدىن شەرققە قاراپ يۈرۈپ، شەنشىگە بېسىپ كىرىپ، پايتەخت چاڭئەنگە يېقىنلاپ كەلدى. ئىچكى ئۇرۇشلاردا ھالىدىن كەتكەن تاڭ سۇلالىسى چاڭئەننى مۇداپىئە قىلىشتا ئاجىز ئىدى. پادىشاھ تاڭ دەيزۇڭ پايتەختنى تاشلاپ چىقىپ شەنجۇ دېگەن جايغا قېچىپ كەتتى. تىبەت قوشۇنلىرى چاڭئەنگە بېسىپ كىرىپ، شەھەرگە ئوت قويدى. تىبەتلىكلەر شەھەر ئىچىدىكى ياشلار، قىزلار، ھۈنەرۋەنلەرنى ئېلىپ ئۆز ئېلىگە قايتىشقا ھازىرلىق قىلدى. شۇ چاغدا، تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى ئېنىق بىلمىگەن تىبەتلىكلەر ئۆزىچە ئەندىشىگە چۈشۈپ، چاڭئەننى تاشلاپ چىقىپ، نىڭشىيانىڭ گويەن ناھىيىسى، گەنسۇنىڭ چىڭيەن، فېڭلىياڭ قاتارلىق جايلىرىغا چېكىنىپ، باشقىدىن ھۇجۇم قىلىش پەيتىنى كۈتۈپ تۇردى. دەل شۇ چاغدا، تاڭ سۇلالىسىنىڭ مەشھۇر قوماندانلىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇر بوكو قەيىن بىلەن پادىشاھ تاڭ دەيزۇڭ ئارىسىدا كېلىشمەسلىك يۈز بەردى. بوكو قەيىن ئىسياننى باستۇرۇشتا كۆزگە كۆرۈنگۈدەك خىزمەت كۆرسەتكەن بولسىمۇ، پادىشاھ تەرىپىدىن قىلىنغان ئىلتىپات يېتەرلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ پادىشاھقا نارازى بولدى. پادىشاھ ئۇنى پايتەختكە چاقىرغاندا بوكو قەيىن ئوردىغا بارمىدى. بۇ ئىشتىن گۇمانلانغان پادىشاھ تاڭ دەيزۇڭ گوزىيىنى ئۇنىڭ ئورنىغا ھەربىي ۋالىي قىلىپ تەيىنلىدى. بۇنى ئاڭلىغان بوكو قەيىن بىر نەچچە يۈز كىشىنى ئەگەشتۈرۈپ نىڭشيا ئەتراپىغا قېچىپ بېرىپ، قوشۇن توپلىدى، ئاندىن كېيىن، ئۇيغۇر قاغانلىقىنىمۇ ئۆزىگە ياردەم بېرىشكە چاقىردى ۋە تىبەتلىكلەر بىلەنمۇ ئالاقە باغلاپ، تاڭ سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا بەل باغلىدى. ئۇيغۇر قاغانى بوگو قاغان بوكو قەيىنگە ئالپ قولۇق تۇتۇق ياغلاقار تېكىن قوماندانلىقىدا 10 مىڭ كىشىگە يېقىن ئۇيغۇر ئاتلىق قوشۇنىنى ياردەمگە ئەۋەتتى. مىلادىنىڭ 764 - يىلى بوكو قەيىن ئۇيغۇر قاغانلىقى بىلەن تىبەت خانلىقىدىن ياردەمگە ئالغان ۋە ئۆزى توپلىغان بولۇپ بىر نەچچە يۈز مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ چاڭئەنگە ھۇجۇم قىلدى. پايتەخت ناھايىتى جىددىي خەۋپ ئىچىدە قالدى. شۇ چاغدا، تاڭ سۇلالىسىنىڭ قوماندانى گوزىيى ئالپ قولۇق تۇتۇق ياغلاقار تېكىننىڭ قارارگاھىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇيغۇرلارنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر قاغانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تىبەت قوشۇنلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئېرىشتى. بۇ ئەھۋال يۈز بەرگەندىن كېيىن، پايتەخت چاڭئەننىڭ بوسۇغىسىغىچە كەلگەن 100 مىڭ كىشىلىك تىبەت قوشۇنلىرى ئارقىغا چېكىنىپ، نىڭشيادىكى لىڭۋۇ دېگەن جايغا كېلىپ ئورۇنلاشتى. ئۇيغۇر سەركەردىسى ئالپ قولوق تۇتۇق ياغلاقار تېكىن مىلادىنىڭ 765 - يىلى ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنى باشلاپ قاتتىق سوغۇقتا (1 - ئاي ئەتراپىدا) تىبەت قوشۇنلىرى جايلاشقان لىڭئۇ دېگەن جايغا يېقىنلاپ كەلدى. ئالپ قولوق تۇتۇق ياغلاقار تېكىن دەھشەتلىك قار - شىۋىرغان بولۇپ تۇرغان كېچىسى تىبەت قوشۇنلىرىنىڭ چېدىرلاردا ئۇخلاۋاتقانلىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، تاڭ ئاتقۇچە تىبەت قوشۇنلىرىدىن 50 مىڭ كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، قالغان قىسمىنى ئەسىر ئالدى. بۇ ئۇرۇشقا تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى ئۇيغۇر قوشۇنلىرىغا ماسلىشىپ جەڭ قىلدى. ئۇيغۇرلار تىبەتلىكلەر ئۈستىدىن قازانغان بۇ غەلىبىسىدە 1 مىليوندىن ئارتۇق چارۋا مال (تۆگە، ئات، كالا، قوي قاتارلىقلار) نى غەنىيمەت ئالدى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى تاڭ دەيزۇڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئۇرۇشتا ياراتقان تۆھپىسىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇلارغا 100 مىڭ توپ شايى - دۇردۇن ھەدىيە قىلدى. تاڭ سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن ئىسيان كۆتۈرگەن بوكو قەيىن مىلادىنىڭ 764 - يىلى ئۇيغۇر قاغانلىقى بىلەن تىبەت خانلىقىنىڭ ياردىمىگە ئىگە بولۇپ، بىرنەچچە يۈزمىڭ جەڭچىدىن تەركىب تاپقان قوشۇننى ئاتلاندۇرۇپ چاڭئەنگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن كېتىۋاتقاندا، يولدا ئۇشتۇمتۇت كېسەل بولۇپ ئۆلگەنىدى. جۇڭگو مەلىكە قىزلىرىنىڭ ئۇيغۇر قاغانلىرىغا ياتلىق بولۇشى مىلادى VIII ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا، شەرقىي ئاسىيادا ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقى، تاڭ سۇلالىسى، تىبەت خانلىقى قاتارلىق ئۈچ چوڭ دۆلەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر - بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى جىددىي ۋە مۇرەككەپ ئىدى. بۇ چاغدا تاڭ سۇلالىسىنى بۇرۇنقى سەلتەنەتلىك، قۇدرەتلىك ئەھۋالىنى يوقىتىپ، ئاجىزلىشىپ قالغانىدى. ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقى بولسا قۇتلۇق بىلگە قاغاننىڭ ۋاقتىدىن تارتىپ (مىلادىنىڭ 744 - يىلىدىن) كۈچىيىشكە باشلاپ، ناھايىتى قۇدرەتلىك بىر دۆلەت ھالىغا كەلگەن ئىدى. تىبەت خانلىقىمۇ بىر نەچچە يۈز مىڭ كىشىلىك قوشۇنغا ئىگە دۆلەت بولۇپ، ئۆز قوشنىلىرىغا، بولۇپمۇ جۇڭگوغا پات - پاتلا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى قورقۇتۇپ تۇراتتى. جۇڭگونىڭ ئۇيغۇر قاغانلىقى بىلەن تىبەت خانلىقىغا تۇتقان مۇناسىۋىتى بىردەك ئەمەس ئىدى. تىبەت خانلىقى بولسا، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ جۇڭگونىڭ غەربىي ۋە غەربىي شىمالىدىكى تېررىتورىيىسىنى بېسىۋىلىشقا ئىنتىلەتتى. ئۇيغۇر قاغانلىقىدا بولسا، جۇڭگو تېررىتورىيىسىدىن بىرەر جاينى بېسىۋىلىش نىيىتى يوق ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ تىبەت خانلىقىغا قارشى تۇرۇش يولىنى تۇتتى. تاڭ سۇلالىسى ئۆڭلۈك ۋە سۆيگۈم ئىسيانىنى باستۇرۇشقا تىبەت خانلىقىدىن ياردەم ئالماي (تىبەت خانلىقىنىڭ قارا نىيىتىدىن قورقاتتى) ئۇيغۇر قاغانلىقىدىن ياردەم ئالغانىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇيغۇر قاغانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئارىسىدىكى ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىسادىي جەھەتلەردىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى قۇدىلىشىش جەھەتتىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. مىلادىنىڭ 756 - يىلى، ئۇيغۇر قاغانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئارىسىدا تۈزۈلگەن بىتىمنامىدە تاڭ سۇلالىسى مەلىكە قىزلىرىنىڭ ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ قاغانلىرىغا ياتلىق قىلىنىشى بەلگىلەنگەنىدى. ئۇنىڭدىن تاشقىرى، ئۆڭلۈك ئىسيانى باستۇرۇلغاندىن كېيىن، تاڭ سۇلالىسى ھەر يىلى ئۇيغۇر قاغانلىقىغا 20 مىڭ توپ تاۋار - دۇردۇن ئەۋەتىپ تۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان.[5] تاڭ سۇلالىسى بۇ مەجبۇرىيىتىنى تەخمىنەن 100 يىل (757 - يىلىدىن 840 - يىلىغىچە) ئۆتىدى. ئۇ ئولپاننى جۇڭگونىڭ ساراي تارىخچىلىرى «سوۋغا - سالام» دېگەن چىرايلىق سۆزلەر بىلەن پەردازلاپ يېزىپ قويغان. ئەمەلىيەتتە بولسا ھەر يىلى ئۇيغۇر قاغانلىقىغا ئەۋەتىلىدىغان 20 مىڭ توپ تاۋار - دۇردۇن سېلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن بىتىمنامىگە كۆرە، مىلادىنىڭ 758 - يىلى تاڭ سۇلالىسى پادىشاھى تاڭ سوزۇڭ ئۆز قىزى مەلىكە نىڭگونى ئۇيغۇر قاغانى بايانچۇرغا ياتلىق قىلدى. بايانچۇر تاڭ سۇلالىسى مەلىكىسىنىڭ تويلۇقى ئۈچۈن ياراملىق ئاتتىن ئىككى مىڭنى ئەۋەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، بەش ۋەزىر ئادىز باشچىلىقىدا 2000 كىشىدىن تەركىب تاپقان قارشى ئېلىش ئۆمىكىنى تەشكىللەپ مەلىكىنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. مانا شۇ ئۆمەكنىڭ تەركىبىدە، قاغان بايانچۇرنىڭ سىڭلىسى قۇتلۇق بىلگە بىكە باشچىلىقىدا 56 نەپەر بىكە قىزلار (ئۇيغۇر بەگلىرىنىڭ ئاياللىرى، قىزلىرى) دىن تەشكىل تاپقان ئايال - قىزلار ئۆمىكىمۇ بار ئىدى.
مەلىكە نىڭگونىڭ ئۆز ئارزۇسى بويىچە بولغاندا، ئۇ ھېچقاچان ئۆزىگە يات بولغان يىراق جايدىكى بىر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانىغا ياتلىق بولۇشنى خالىمىغان بولاتتى. شۇڭا مەلىكە نىڭگو ئۆز ئاتىسى تاڭ سۇزۇڭ بىلەن خوشلىشىپ، قارابالغاسۇنغا ماڭىدىغان چاغدا، ھەسرەتلىك تىنىپ، كۆز ياشلىرىنى ئاققۇزۇپ تۇرۇپ: «دۆلەت ئىشلىرى مۇھىم، ئۆلسەممۇ بۇنىڭغا ئۆكۈنمەيمەن» دېگەن. دېمەك، بۇنىڭدىن، مەلىكە نىڭگونىڭ ناھايىتى مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقىنى بىلىش تەس ئەمەس. شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، مەلىكە نىڭگو قىز بولماستىن بايانچۇرغا ياتلىق بولۇشتىن بۇرۇن ئىككى قېتىم ئەرگە تەگكەن چوكان ئىدى، بايانچۇر ئۇنىڭ ئۈچىنچى كۈيۆسى بولاتتى.
مەلىكە نىڭگو بايانچۇرغا ياتلىق بولۇپ بىر يىلدىن كېيىن، مىلادىنىڭ 759 - يىلى قاغان ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇيغۇرلار ئۆز قائىدىسى بويىچە، مەلىكە نىڭگونى مەرھۇم قاغان بىلەن بىللە دەپنە قىلماقچى بولدى. مەلىكە نىڭگو ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇلارنىڭ قائىدە - يۇسۇنلىرىغا ھۆرمەت قىلىشىنى ئۆتۈنۈپ سوراپ تىرىك پېتى دەپنە بولۇپ كېتىشتىن ئاران قۇتۇلۇپ قالدى. ئەمما ئۇ چېكىسىنى تىلىپ قان ئاققۇزۇپ ئېسەدەپ يىغلاپ، بايانچۇرنىڭ ۋاپاتىغا ماتەم تۇتتى. مەلىكە نىڭگو بايانچۇردىن بالا تۇغمىغانىدى. شۇڭا ئۇ جۇڭگوغا قايتۇرۇلدى.
بايانچۇر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كىچىك ئوغلى بوگوخان قاغان بولدى. بوگوخان (759 - 779) مەلىكە نىڭگو بىلەن قارابالغاسۇنغا بىللە كەلگەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ خان قىزلىرىدىن بىرى بولغان مەلىكە شاۋنىڭگوغا ئۆيلەندى. بۇ مەلىكە قارابالغاسوندا 33 يىل (758 - 791) تۇردى. ئۇ شۇ مەزگىلنىڭ ئىچىدە، 20 يىل بوگوخان بىلەن ھايات كەچۈردى. 779 - يىلى بوگوخان ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن بولسا، 13 يىل (791 - يىلىغىچە) تۇللۇقتا ئۆتتى. ئاخىر، 791 - يىلى قارا بالغا سۇندا ئالەمدىن ئۆتتى. مەلىكە شاۋنىڭگو بوگو خاندىن ئىككى بالا تۇغقانىدى. بۇ بالىلار، مىلادىنىڭ 779 – يىلى تون باغا تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. بوگوخان قاغانلىق قىلغان ۋاقتىدا ناھايىتى مەغرۇرلىنىپ، قېن - قېنىغا پاتماي ئۇيغۇرلارنىڭ ئاددىي - ساددا ھايات كەچۈرۈدىغان ئادەتلىرىنى تاشلاپ، ئاجايىپ ھەيۋەتلىك ئوردىلارنى سالدۇرۇپ، راھەتپەرەسلىككە بېرىلىپ كەتتى. ئۇ مىلادىنىڭ 778 - يىلى جۇڭگونىڭ ھازىرقى تەييۈەن شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. تاڭ پادىشاھلىقىنىڭ دەي ئوبلاستىنىڭ ۋالىيسى جاڭ گۇاڭشىن قوشۇن تارتىپ كېلىپ ئۇيغۇرلارنى چېكىندۈردى. تاڭ سۇلالىسى بوگوخاننىڭ بۇنداق يولسىزلىقىنىمۇ سۈرۈشتە قىلماي، بۇرۇنقىدەكلا ئوبدان مۇئامىلىدە بولدى. بوگوخان مىلادىنىڭ 779 - يىلى جۇڭگوغا يەنە ھۇجۇم قىلماقچى بولدى. شۇ چاغدا باش ۋەزىر تون باغا تارقان (بەزى مەلۇماتلاردا، تون باغا بوگوخاننىڭ تاغىسى دېيىلسە، بەزى مەلۇماتلاردا ئۇكىسى دېيىلىدۇ.) بوگوخانغا نەسىھەت قىلىپ، تاڭ سۇلالىسى بىلەن دوستانە ئۆتۈشنى تەشەببۇس قىلدى. ئالدىنقى يىللىرى تەييۈەنگە ھۇجۇم قىلىپ، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلىقىنىمۇ ئەسلىشىپ ئۆتتى. لېكىن بوگوخان تون باغاتارقاننىڭ گەپلىرىگە قۇلاق سالمىدى. خېلى ئۇزۇندىن بېرى قاغانلىق ئورنىنى تارتىۋىلىشنى ئويلاپ يۈرگەن تون باغاتارقان بوگوخاننىڭ گەپكە كىرمىگەنلىكىنى باھانە قىلىپ، بوگوخاننى ھەم ئۇنىڭ يېقىنلىرىدىن بولۇپ 2000 كىشىنى ئۆلتۈرۈپ ئۆزى قاغان بولدى.
تون باغا تارقان قاغان بولغاندا، ئۇيغۇر قاغانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ مۇناسىۋىتى يامانلاشتى. بۇ چاغدا، جۇڭگوغا تاڭ دىزۇڭ پادىشاھ بولغانىدى. تاڭ دىزۇڭ (780 - 805) مىلادىنىڭ 762 - يىلى بوگوخاننىڭ ئالدىغا بارغاندا، ئۇسسۇل ئوينىمىغان شاھزادە لى شى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ چاغدا قىلغان ئۆكتەملىكى (تاڭ قوماندانلىرىدىن بىر نەچچىسىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەنلىكى) نى يادىدىن چىقارمىغانىدى. تاڭ دىزۇڭمۇ، تاڭ شۇەنزۇڭ ۋە تاڭ سۇزۇڭ (756 - 779) غا ئوخشاشلا كاللىسى ئايلىنىپ قالغان ھۆكۈمران بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسىنى تۇتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇنىڭ ۋاقتىدا، ئىچكى جەھەتتە بۆلۈنمە كۈچلەر باش كۆتۈرۈپ ئىسيان ھەرىكەتلىرى يۈز بەردى. تاڭ دىزۇڭ تىبەت خانلىقىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، بەزى مۇھىم جايلارنى تىبەت خانلىقىغا ئۆتۈنۈپ بېرىش شەرتى ئاستىدا، تىبەت خانلىقىدىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلدى.[6]
مىلادىنىڭ 780 - يىلى ئۇيغۇر بېگى تودۇن مىڭدىن ئارتۇق سوغدىلارنى باشلاپ چاڭئەندىن قارابالغاسۇنغا قايتتى. تودۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئۇ جۇڭگودىكى سودا ئىشلىرىنى تۈگىتىپ نەچچە مىڭلىغان تۆگە بىلەن ئاتقا يۈك - تاق ئارتىپ ماڭغانىدى. ئۇ دۆلەت چېگرىسىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، تاڭنىڭ چېگرا مۇداپىئە قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىسى جاڭ گۇاڭشىن تۆگىگە ئارتىلغان نۇرغۇنلىغان ساندۇقلارنىڭ ئىچىگە چاڭئەنلىك خەنزۇ قىزلىرىنىڭ قاچىلانغانلىقىنى سېزىپ قالدى. جاڭ گۇاڭشىن بۇ ئىشنى باھانە قىلىپ، تودۇن باشلىق مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر سوغدىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، بىرنەچچە مىڭ ئات، تۆگە، 100 مىڭ توپ تاۋار - دۇردۇن قاتارلىق نەرسىلەرنى مۇسادىرە قىلدى. ساندۇق ئىچىگە يوشۇرۇپ ئېلىپ مېڭىلغان قىزلارنى چاڭئەنگە قايتۇرۇۋەتتى. مانا شۇ ۋەقە سەۋەبىدىن، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەت بۇزۇلۇپ دوستلۇق ئورنىنى دۈشمەنلىك ئالدى.
تاڭ دىزۇڭنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن دۈشمەنلىشىپ، تىبەت خانلىقى بىلەن دوستانە ئۆتۈش سىياسىتى جۇڭگو ئۈچۈن ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالنى پەيدا قىلدى. تىبەت خانلىقى تاڭ دىزۇڭنىڭ خاتا يولىدىن پايدىلىنىپ تاڭ سۇلالىسىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇندى. ئىچكى بۆلۈنمە كۈچلەرنىڭ كاساپىتىدىن مىلادىنىڭ 781 - يىلى پايتەخت چاڭئەندىن چىقىپ كەتكەن تاڭ دىزۇڭ مىلادىنىڭ 784 - يىلى چاڭئەنگە قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭ ۋەزىرلىرىدىن بىرى بولغان لى مى «شىمالدىكى ئۇيغۇر قاغانلىقى، جەنۇبتىكى نەنشاۋ خانلىقى (ھازىرقى يۈننەندە)، غەربتىكى ئەرەب خەلىپىلىكى ۋە ھىندىستان دۆلىتى بىلەن بىرلىشىپ»، تىبەت خانلىقىنى ئىسكەنجىگە ئېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.[6] تاڭ دىزۇڭ ئۇيغۇر قاغانلىقى بىلەن دوستانە ئۆتۈشنى زادىلا خالىمايدىغان بولسىمۇ، لى مىنىڭ قايتا - قايتا نەسىھەت قىلىشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلارغا تۇتقان دۈشمەنلىك سىياسىتىدىن ۋاز كەچتى. تاڭ دىزۇڭ مىلادىنىڭ 787 - يىلى ئۇيغۇر قاغانلىقىغا ئەلچى ئەۋەتتى. قاتتىق قار ياغقان پەسلىدە قارابالغاسۇنغا بارغان تاڭ سۇلالىسى ئەلچىلىرى قاغان تون باغا تارقاننىڭ چېدىرىنىڭ سىرتىدا قېلىن ياغقان قار ئۈستىدە خېلى ئۇزۇن ئۆرە تۇرۇپ قېلىشقا مەجبۇر بولدى. ئاخىر تون باغا تارقاننىڭ ۋەزىرى قاغان نامىدىن جۇڭگو ئەلچىلىرىگە: «سىلەر تودون باشلىق مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىمىزنى ئۆلتۈردۈڭلار.... ئاتا - بوۋىلىرىمىزدىن قالغان ئادەت بويىچە قاننى قان بىلەن يۇيۇش كېرەك ئىدى. لېكىن مەن بۇ قېتىم قاننى سۇ بىلەن يۇماقچى بولدۇم»[7] دېدى. ۋەزىر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر قاغاننىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغان تاڭ سۇلالىسى ئەلچىلىرى چوڭقۇر تىنىشىپ خاتىرجەم بولدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇيغۇر قاغانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئارىسىدىكى دۈشمەنلىك مۇناسىۋىتى بۇرۇنقىدەك دوستانە مۇناسىۋەتكە ئۆزگەردى.
مىلادىنىڭ 787 - يىلى 8 - ئايدا ئۇيغۇر قاغانى تون باغا تارقان بەگچۇر تارقان باشچىلىقىدا تاڭ دىزۇڭغا ئەلچى ئەۋەتىپ تاڭ مەلىكىسىگە ئۆيلىنىش تەلىپىنى قويدى. تاڭ دېزۇڭ ئۇيغۇر قاغاننىڭ تەلىپىنى قوبۇل كۆرۈپ، مەلىكە شۇەنئەننى قاغانغا ياتلىق قىلدى. ئۇيغۇرلار مەلىكىنىڭ تويلۇقى ئۈچۈن جۇڭگوغا 10 مىڭ ئات ئەكەلدى. تاڭ پادىشاھى مەلىكىنى ناھايىتى نۇرغۇن سەرەمجانلار بىلەن قارا بالغاسۇنغا ئۇزاتتى. مەلىكە شۇەنئەن قاغان بىلەن ئىككى يىل جاھاندارچىلىق قىلغاندىن كېيىن، تون باغا مىلادىنىڭ 789 - يىلى ئالەمدىن ئۆتتى. مەلىكە شۇەنئەن ئۇيغۇر قاغانلىرىغا ياتلىق قىلىنغان مەلىكىلەرنىڭ ئۈچىنچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ مىلادىنىڭ 808 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى مەلۇم. لېكىن مەلىكە جۇڭگودا ئالەمدىن ئۆتتىمۇ ياكى قارابالغاسۇندا ئالەمدىن ئۆتتىمۇ، بۇ ئانچە ئېنىق ئەمەس. تارىختا، ئالپ قۇتلۇق بىلگە قاغان ئۇنۋانىنى ئالغان تون باغا تارقان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى تاراس قاغان بولدى. ئۇ تەڭرىدە بولمىش قۇتلۇق بىلگە قاغان ئۇنۋانىدا ئاتالدى. تاراس مىلادىنىڭ 790 - يىلى كىچىك بىكەسى (كىچىك خانىشى) تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلدى. ئۇيغۇر بەگلىرى تاراسنىڭ ئوغلى ئايچۇرنى قۇتلۇق بىلگە قاغان ئۇنۋانىدا تەختىكە چىقاردى. ئايچۇر گۆدەك بولغىنى ئۈچۈن، ھاكىمىيەتنى ئېل ئۆگەسى (باش ۋەزىرى) يۈرگۈزدى. ئايچۇر قاغانلىق تەختىدە ئولتۇرغان مەزگىلدە (790 - 795)، ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ تاشقى ئەھۋالى خېلى دەرىجىدە يامانلاشتى. بۇ چاغدا، ئۇيغۇرلار تىبەت خانلىقى بىلەن بولغان ئۇرۇشلاردا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. بۇ تەرەپتىكى ئەھۋاللار ئۆز نۆۋىتىدە سۆزلىنىدۇ.
ئايچۇر مىلادىنىڭ 795 - يىلى ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ باش ۋەزىرى قۇتلۇق قاغان بولدى. قۇتلۇق قاغان بولغان مەزگىلدىن باشلاپ ئۇ مىلادىنىڭ 805 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر بولغان ئون يىل ئۇيغۇر قاغانلىقىدا ھۆكۈمران ئۇرۇق بولغان ياغلاقارلارنىڭ تەسىرى تازىلىنىپ، ئادىزلارنىڭ (قۇتلۇق ئادىز قەبىلىسىدىن ئىدى) ھۆكۈمرانلىقى مۇستەھكەملەنگەن ئون يىل بولغان بولۇشى مۇمكىن.
805 - يىلى قۇتلۇق ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئوغلى قاغان بولدى. ئۇ ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش قۇلۇق بىلگە قاغان دەپ ئاتالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، مىلادىنىڭ 808 - يىلى جۇڭگو تارىخچىلىرى بويى قاغان دەپ ئاتىغان كىشى ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش قۇچ بىلگە خاقان ئۇنۋانىنى ئالدى. بىز بۇ قاغاننى ئاي تەڭرىخان، دەپ ئاتايمىز. ئاي تەڭرىخان (808 - 821) ئۇيغۇر قاغانلىرى ئىچىدە ناھايىتى باتۇر، مەشھۇر قاغان بولدى. ئۇ مىلادىنىڭ 819 - يىلى تاڭ مەلىكىسىگە ئۆيلىنىش تەلىپىنى قويدى. تاڭ سۇلالىسنىڭ پادىشاھى تاڭ شىيەنزۇڭ (806 - 820) مەلىكە يۈەنئەننى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىشقا ماقۇل بولدى. لېكىن تاڭ شۇەنزۇڭ ئوردا ۋەزىرلىرى بىلەن ئۇزۇن كېڭەشكەندىن كېيىن، ئاي تەڭرىخانغا ياتلىق قىلىدىغان مەلىكە يۈەنئەننىڭ توي مۇراسىمىنى بىر نەچچە يىل كېيىن ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا قاغانغا تەكلىپ بەردى. ئاي تەڭرىخان بۇ تەكلىپكە قوشۇلدى. چۈنكى، تاڭ پادىشاھى شىيەنزۇڭ ئۇيغۇر قاغانلىرىنىڭ ئۇلۇغى، شۆھرەتلىكى بولغان ئاي تەڭرىخانغا ياتلىق قىلىدىغان مەلىكە يۈەنئەننى ئاي تەڭرىخاننىڭ شەنىگە مۇناسىپ كەلگۈدەك سەرەمجان، سوۋغا - سالاملار بىلەن ئۇزىتىش ئۈچۈن، دۆلەت خەزىنىسىدىكى پۇلنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقانىدى. چۈنكى، بۇ چاغدا تاڭ سۇلالىسى مالىيە جەھەتتە ئېغىر قىيىنچىلىققا يولۇققانىدى. ئەپسۇسكى ئاي تەڭرىخان مىلادىنىڭ 821 - يىلى ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ مەلىكە يۈەنئەنگە ئۆيلىنىش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىدى. ئاي تەڭرىخاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، مەلىكە يۈەنئەن تەركىدۇنيا بولۇپ، راھىبە بولۇپ كەتتى.
ئاي تەڭرىخان ۋاپاتىدىن كېيىن، جۇڭگو تارىخچىلىرى چۇڭدى قاغان دەپ يېزىشقان كىشى قاغان بولدى. بۇ كۈن تەڭرىدە ئۇلۇغ بولمىش قۇچ كۈچلۇق بىلگە قاغان دەپ ئاتالدى. بۇنىڭ ۋاقتىدا (821 - 824) تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى تاڭ مىزۇڭ 821 - يىلى سىڭلىسى مەلىكە تەيخۇنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلدى. بۇ توي مۇراسىمى توغرىسىدا «تاڭنامە: ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە» بابىدا خېلى تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن. شۇ مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، پادىشاھ تاڭ مىزۇڭ (821 - 824) مەلىكە تەيخۇنى چاڭئەندىن قارابالغاسۇنغا ئۇزىتىدىغان چاغدا، بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ، ئۇنى چاڭئەن شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى تۇڭخۇۋامېن دەرۋازىسىغىچە ئۇزىتىپ چىققان. تاڭ سۇلالىسىنىڭ يۈزلىگەن ھەربىي، مەمۇرىي ئەمەلدارلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن چاڭجىڭ ئىبادەتخانىسى ئالدىدا ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، مەلىكە تەيخۇ بىلەن خوشلىشىش ئىشلىرى ئورۇندالغان. تاڭ پادىشاھى مىزۇڭ چېگرىغا بارغۇچە بولغان يول بويىدىكى ئوبلاست، ۋىلايەت، ناھىيىلەرنىڭ ئەمەلدارلىرىغا يارلىق چۈشۈرۈپ، مەلىكە تەيخۇ ئۇلارنىڭ تەۋەلىكىدىن ئۆتكەندە، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ 300 مىڭدىن ئەسكەر چىقىرىپ ئۇزىتىش لازىملىقىنى ئۇقتۇرغان. ئۇيغۇر قاغانى چۇڭدىخان، ئىنانچۇ، ئۇلۇغ تۇتۇق ئىزگىل، تاشقى ئىشلار تارقانى، يابغۇ، بىكە، تارقان قاتارلىق سەككىز كىشى باشلىق چوڭ ئۆمەكنى تەشكىل قىلغان جۇڭگو مەلىكىسىنى قارشى ئالىدىغان بۇ ئۆمەك مىڭدىن ئارتۇق ئات، تۆگە ۋە ھارۋا قاتارلىق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئېلىپ، «سېرىق قومۇش بۇلىقى» (بۇ جاي ئۇيغۇر قاغانلىقى تېررىتورىيىسىدە) دېگەن جايغىچە مەلىكىنىڭ ئالدىغا كەلگەن. مەلىكە تەيخۇ ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ پايتەختى قارابالغاسۇنغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇيغۇر ئادىتى بويىچە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدىغان كۈنى «قاغان ئېگىز بىناغا چىقىپ، بىنانىڭ شەرقىي پىشايۋانىدا كۈنچىقىشقا قاراپ ئولتۇرغان. بىنانىڭ ئالدىغا كىگىز ئۆي تىكلىگەن. بۇ ئۆيدە مەلىكە ئولتۇرغۇزۇلغان. ئۇيغۇر راھىبلىرى مەلىكىگە ئۇيغۇرلارنىڭ قائىدە - يوسۇنلىرى توغرىسىدا چۈشەنچە بەرگەن. مەلىكە تەيخۇ خەنزۇچە كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، ئۇيغۇرچە كىيىم كىيگەن. ئاندىن كېيىن، مەلىكە ياشانغان بىر ئۇيغۇر يەڭگىنىڭ ھەمراھلىقىدا بىنانىڭ ئالدىغا چىقىپ، كۈنپېتىشقا قاراپ چوقۇنغان. مەلىكىنىڭ ھەرىكىتىگە قاغان ئولتۇرغان جايدىن نەزەر سالغان. مەلىكە قاغانغا باش ئېگىپ چوقۇنغاندىن كېيىن، چېدىرغا كىرىپ، بۇ ئىشنىڭ ئالدىدا كىيگەن كىيىملىرىنى سېلىپ تاشلاپ، خاتۇنلۇق كىيىمىنى كىيگەن. بېشىغا خۇددى مۈڭگۈزدەك ئالدىغا قاراپ تۇرىدىغان ئالتۇن ئوتۇغاتلىق تاج كىيگەن. ئاندىن كېيىن، بىنانىڭ ئالدىغا چىقىپ ئېگىلىپ تۇرۇپ قاغانغا تەزىم قىلغان. ئۇيغۇر قاغاننىڭ ۋەزىرلىرى ئالدىن تەييارلانغان چوڭ تەختىراۋاننىڭ ئالدى تەرىپىدە ئالاھىدە راسلانغان كىچىك بىر ئورۇنغا مەلىكە تەيخۇنى ئولتۇرغۇزغان. ئۇيغۇر «توققۇز تارقانلىرى» (ئىچكى ئىشلار تارقانى ئۈچ نەپەر، تاشقى ئىشلار تارقانى ئالتە نەپەر) تەختىراۋاننى نۆۋەتلىشىپ كۆتۈرۈپ، ئوردا ئىچىگە كىرىپ، كۈنچىقىشقا قاراپ، ئوڭدىن بۇرۇلۇپ، ئوردىنى توققۇز قېتىم ئايلانغان. بۇ ئىشلار ئورۇندىلىپ بولغاندىن كېيىن، مەلىكە تەيخۇ تەختىراۋاندىن چۈشۈپ بىناغا چىققان. ئۇ كۈنچىقىشقا قاراپ قاغان بىلەن يانمۇ يان ئولتۇرغان، ۋەزىرلەر مەلىكىنى تەبرىكلەشكەن.[8]
چۇڭدىخان مىلادىنىڭ 824 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ مەلىكە تەيخۇ قارابالغاسۇندا 20 يىل (821 - 840) تۇرغان. شۇ مەزگىلدە، ئۇنىڭ چۇڭدىخاندىن باشقا ئۇيغۇر قاغانلىرىغا ياتلىق بولغان - بولمىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق.
جۇڭگو بىلەن ئۇيغۇر قاغانلىقى ئارىسىدىكى قۇدىلىشىشلارنىڭ سىياسىي رولى توغرىسىدا بىر ئاز چۈشەنچە بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. تارىختىكى قۇدىلىشىشلار نوقۇل سىياسىي مەقسەتتىن بولىدۇ. جۇڭگو خانلىرى ئۆز قىزلىرىنى باشقا دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىرىغا ياتلىق قىلىشتا مۇنۇ ئۈچ مەقسەتنى كۆزدە تۇتقان: بىرىنچى، ئۆزى بىلەن باشقا دۆلەت ئارىسىدا تۈزۈلگەن بىتىمنامىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش. تاڭ سۇلالىسى مەلىكىلىرىنىڭ ئۇيغۇر قاغانلىرىغا ياتلىق قىلىنىشى ئۇيغۇر قاغانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ تىبەت خانلىقىغا قارشى تۈزۈلگەن ئىتتىپاقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى نەزەردە تۇتاتتى. مىلادىنىڭ 758 - يىلى مەلىكە نىڭگونىڭ قارابالغاسۇنغا ماڭىدىغان چاغدا، «دۆلەت ئىشى مۇھىم، ئۆلسەممۇ ئۆكۈنمەيمەن» دەپ يىغلىغانلىقىنى ئەسكە ئېلىش كېرەك. ئىككىنچى، جۇڭگو خانلىرى باشقا دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىرىغا ياتلىق بولغان قىزلىرى ئارقىلىق شۇ دۆلەتنىڭ ئىچكى ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولالايدۇ. مەلىكە ئۆزىگە ھەمراھ بولۇپ بارغان تەجرىبىلىك سىياسەتچىلەرنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. ھەتتا ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ، ئىغۋا توقۇپ، ئەرلىرىنى ئالدايدۇ. مەسىلەن: مىلادىنىڭ 615 - يىلى شەرقىي تۈرك قاغانى سىۋارخان سۈي سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى سۈي تاڭدىنى يەنمېندە قورشىۋالغاندا، ئۇنىڭ ئايالى مەلىكە يېچىڭ ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا «ھازىر ئارقا تەرىپىمىزدە (شىمالىي تەرەپتە دېمەكچى) جىددىي ئەھۋال تۇغۇلۇپتۇ» دېگەن ئىغۋانى يەتكۈزىدۇ. بۇ ئىغۋاغا ئىشەنگەن سىۋارخان، تۈركلەر ئېلىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن ئوخشايدۇ دەپ ئەنسىرەپ، يەنمېن قورشاۋىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ قايتىپ كېتىدۇ. سۈي ياڭدى تۈركلەرگە ئەسىر بولۇپ قېلىشتىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. ئۈچىنچى، جۇڭگونىڭ خانلىرى باشقا دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىرىغا ياتلىق بولغان مەلىكە قىزلىرىدىن تۇغۇلغان بالىلىرىنىڭ ۋارىسلىقى ئارقىلىق كەلگۈسىدە شۇ دۆلەتكە ھۆكۈمران بولۇشنى، ئۇ دۆلەتنى ئۆزىگە بېقىنىدىغان ھالغا چۈشۈرۈشنى نەزەردە تۇتقان. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆز قىزلىرىدىن تۇغۇلغان شاھزادىلەرنىڭ شۇ دۆلەتنىڭ پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىشى توغرىسىدا دەۋا قوزغاپ، شۇ دۆلەت ھۆكۈمرانلىرى ئىچىدە ئىتتىپاقسىزلىق تۇغدۇرۇپ، بىر پۈتۈن دۆلەتنى پارچىلاپ ئاجىزلاشتۇرۇشنى، ئاخىردا ئۇنى يوق قىلىشنى كۆزلىگەن. مەسىلەن: مىلادىدىن 100 يىل بۇرۇن ئۇيسۇن خانىغا ياتلىق بولغان مەلىكە جەيۈ ئۇيسۇن خانلىقىدا 50 يىل تۇرغان مەزگىلدە، ئارقا - ئارقىدىن ئۇيسۇنلارنىڭ كۈن بەگلىرىدىن قۇنشۇمى (93 - 104)، ئۇنغۇمى (60 - 93)، نىمى (52 - 60) قاتارلىق ئۈچ خانغا ياتلىق بولغان. مەلىكە جەيۈ شۇ مەزگىلدە ئۆزى بىلەن بىللە بارغان ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە، خەن پادىشاھلىقى تەرىپىدىن تاپشۇرۇلغان سىياسىي ۋەزىپىلەرنى ساداقەت بىلەن ئورۇندىغان. ئۇنىڭ ئۇنغۇمىدىن تۇغۇلغان ئوغلى يانغۇمى مىلادىدىن 53 يىل بۇرۇن ئۇيسۇنلارنىڭ خانلىق تەختىنى تالىشىپ مەيدانغا چىققان. نەتىجىدە، بىر پۈتۈن ئۇيسۇن دۆلىتى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. خەنزۇ مەلىكىسىدىن تۇغۇلغان يانغۇمى چوڭ كۈن بەگ، ھون بىكەسىدىن تۇغۇلغان ئۇيغۇت كىچىك كۈن بەگ بولغان. يانغۇمىغا ئۇيسۇن ئاھالىسىدىن 60 نەچچە مىڭ ئائىلە (350 مىڭ كىشى)، ئۇيغۇتقا 50 نەچچە مىڭ ئائىلە (250 مىڭ كىشى) قارىغان. بۇ ئىككى خان ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان جايلارنىڭ چېگرىسىمۇ ئېنىق ئاجرىتىلغان.
ئۇيغۇر قاغانلىرى تارىخى تەجرىبىلەردىن ساۋاق ئېلىپ، جۇڭگو مەلىكىلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىدىن ساقلانغان بولسا كېرەك. مەسىلەن: مىلادىنىڭ 779 - يىلى تون باغا تارقان بوگوخاننى ئۆلتۈرگەندە، ئۇنىڭ جۇڭگولۇق مەلىكىسى شاۋنىڭگودىن تۇغۇلغان ئىككى بالىسىنىمۇ ئۆلتۈرۈپ تاشلىغان. ئۇ بۇ بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق دەۋاسىنى قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن بولۇشى مۇمكىن. مەلىكە شاۋنىڭگودىن كېيىن ئۇيغۇر قاغانلىرىغا ياتلىق بولغان مەلىكە شۈەنئەن، مەلىكە تەيخۇلار ئۇيغۇر قاغانلىرىدىن بالا تۇغمىغان. ئېھتىمال قاغانلار بالا بولماسلىقنىڭ ئاماللىرىنى قىلغان بولسا كېرەك.
ئۇيغۇر قاغانلىرىغا ياتلىق بولغان جۇڭگو مەلىكىلىرى ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىناقلىقنىڭ نىسبەتەن ئۇزاقراق مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان.
ئۇيغۇر قاغانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئارىسىدا بولغان ئات ۋە يىپەك مال سودىسى
[تەھرىر]ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئىقتىسادىدا، چارۋىچىلىق ئىگىلىكىمۇ ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى. ئاتلىق قوشۇننى جەڭلەردە ئوينايدىغان ناھايىتى مۇھىم رولىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇيغۇر قاغانلىقى چارۋىچىلىقتا ئات ئۆستۈرۈشنى مۇھىم ئورۇنغا قويغانىدى. ئۇ زاماندا، ئاتلىق قوشۇن ئۇرۇشتا غەلىبە قازىنىشنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك شەرتى ئىدى. شەرقىي ئۇيغۇرلار ئات ئۆستۈرۈشكە بەكمۇ كۆڭۈل بۆلەتتى. ئۇلار بىر نەچچە مىليون ئاتنىڭ ئىچىدىن جەڭگە ياراملىق بىر نەچچە يۈمىڭ ئاتنى تاللاپ، 221 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇن تەشكىل قىلغانىدى. ھونلار، تۈركلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنتىزىم قوشۇنلىرى دېگۈدەك ئاتلىق بولۇپ، پىيادە قوشۇنلىرى يوق ھېسابىدا ئىدى. ھون، تۈرك، ئۇيغۇر ئاتلىق قوشۇنلىرى جەڭگە ماڭغاندا، 100 مىڭلاپ زاپاس جەڭ ئاتلىرىنىمۇ بىللە ئېلىپ ماڭاتتى. ئات يەنە ئىنتايىن مۇھىم قاتناش قورالىمۇ ئىدى. شەرقىي ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆستۈرگەن ئاتلىرىغا باسىدىغان ئايرىم تامغىلىرى ۋە ئۆز يايلاقلىرى بار ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاتلىرى «تامغىلىق ئاتلار» دەپ ئاتىلاتتى.
جۇڭگو خانلىرىمۇ قەدىمكى چاغدىن تارتىپ ئۆزىنىڭ شىمالىدىكى جەڭگىۋار، ئۇرۇشقاق قوشنىلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئاتلىق قوشۇن تەشكىل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلگەن، بولۇپمۇ تاڭ سۇلالىسى پادىشاھلىرىنىڭ ئاتقا ئېتىبار بېرىشى ئالاھىدە بولغان. تاڭ سۇلالىسى پادىشاھلىرى كەڭسۇدىكى لۇڭيۈ، لەنجۇ، فېڭلياڭ، تيەنشۈي قاتارلىق تۆت ۋىلايەت بىلەن خېشى كارىدورىدا ئوت، سۈيى مول كەڭتاشا يايلاقلارنى ئېچىپ، بۇ يايلاقنى باشقۇرىدىغان مەخسۇس ئورگان تەسىس قىلىپ، ئۇ ئورگانلارغا تەجرىبىسى مول ئەمەلدارلارنى باش قىلىپ تەيىنلىگەن.[9] بۇنىڭ بىلەن، مىلادىنىڭ 630 - يىلىدىن 670 - يىلىغىچە بولغان 40 يىل ئىچىدە بۇ يايلاقلاردا بېقىلغان ئاتلارنىڭ سانى 700 مىڭدىن ئاشقان. مىلادىنىڭ 670 - يىلىدىن باشلاپ تىبەت خانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئارىسىدا كەسكىن ئۇرۇشلار باشلاندى. بۇ ئۇرۇشلار كەڭسۇدىكى ئات ئۆستۈرۈلىدىغان يايلاقلارنىڭ ئامانلىقىغا ئېغىر دەرىجىدە خەۋپ يەتكۈزدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئات ئۆستۈرۈشكە مەسئۇل بولغانلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن يايلاقلار چۆلدەرەپ، كۆپلىگەن ئاتلار ئۆلۈپ كەتتى. مىلادىنىڭ 754 - يىلىغا كەلگەندە ئاتنىڭ سانى 320 مىڭغا چۈشۈپ قالدى. بۇنىڭدىن كارغا كېلىدىغان ئات 200 مىڭچە بار ئىدى. مانا شۇنداق ئەھۋال ئۈستىدە، تاڭ سۇلالىسى نۇرغۇن كىشىلىك ھەربىي قوشۇنىنى ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن قاتناشنى ئات بىلەن تەمىنلەشتە ناھايىتى ئېغىر ئەھۋالدا قالدى. بولۇپمۇ مىلادىنىڭ 755 - يىلى ئىسيان كۆتۈرۈپ ئۆڭلۈك لوياڭ بىلەن چاڭئەننى بېسىۋىلىپ، پادىشاھ تاڭ شۇەنزۇڭ سىچۇەنگە قېچىپ كەتكەندە، جۇڭگو چوڭ قالايمىقانچىلىق ئىچىدە قېلىپ، پادىشاھقا قاراشلىق ئاتلار بىر نەچچە تۈمەنگىلا چۈشۈپ قالدى.[10] مىلادىنىڭ 756 - يىلى تاڭ سۇزۇڭ تاڭ سۇلالىسىنىڭ تەختىگە چىققاندا، تىبەت خانلىقى كەڭسۇنىڭ كۆپ قىسمىنى بېسىۋالدى. كەڭسۇدىكى ئات ئۆستۈرۈلىدىغان يايلاقلارنىڭ قولدىن كېتىشى تاڭ سۇلالىسىنى ئات مەنبەسىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇر قاغانلىقىدىن كۆپلەپ ئات سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولدى. تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ كۆپ قىسمى پىيادە بولۇپ، ئىسيانچىلار بولسا ئاساسەن ئاتلىق ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتلىق قوشۇنلىرى ياردەمگە كەلمىگەن بولسا، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىسيانچىلارنى مەغلوپ قىلىپ، دۆلىتىنىڭ بىرلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلىشى ناتايىن ئىدى. ئۆڭلۈك ئىسيانى ۋاقتىدا تۈزۈلگەن بىتىمنامىگە كۆرە، تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئۇيغۇر قاغانلىقى ئارىسىدا ئات ۋە يىپەك مال سودىسى يولغا قويۇلدى. تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتلىرىغا موھتاج بولغان بولسا، ئۇيغۇرلار جۇڭگونىڭ ئېسىل يىپەك ماللىرىنى قولغا چۈشۈرۈشكە قىزىقاتتى. چۈنكى ئۇيغۇرلار جۇڭگودىن ئالغان يىپەك ماللارنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىشلىتىپ، بىر قىسمىنى خەلقئارا بازارلارغا ئاپىرىپ يۇقىرى باھادا ساتاتتى. بۇ سودىدا، ئۇيغۇرلار بىر ئاتنى جۇڭگونىڭ 50 توپ يىپەك تاۋىرىغا تېگىشتى. جۇڭگودا يىپەك توقۇمىچىلىقى تەرەققىي تاپقانىدى. تاڭ سۇلالىسى ئاتقا بولغان جىددىي ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن، بۇ خىل نىسبەتتە مال تېگىشىشكە رازى بولدى.
ئۇيغۇرلار ئۆڭلۈك ئىسيانى باشلانغان ۋاقىتتىن باشلاپ 100 يىل ئىچىدە جۇڭگوغا ھەر يىلى دېگۈدەك ئاز دېگەندە بىر نەچچە مىڭ، كۆپ دېگەندە بىر نەچچە ئون مىڭدىن 100 مىڭغا قەدەر ئات ئەكېلىپ ساتتى. مەسىلەن: ئۇيغۇر قاغانلىقى مىلادىنىڭ 773 - يىلى جۇڭگوغا 10 مىڭ تۇياق، مىلادىنىڭ 782 - يىلى 100 مىڭ تۇياق ئات ئەكېلىپ ساتتى. بىر ئات 40 توپ يىپەك تاۋارغا تېگىشىلگەندە، مىلادىنىڭ 782 - يىلى سېتىۋالغان 100 مىڭ ئات ئۈچۈن جۇڭگو ئۇيغۇرلارغا 4 مىليون توپ يىپەك تاۋار تۆلىشى لازىم ئىدى. لېكىن، جۇڭگودا ئىچكى ئىسيانلار يۈز بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولغانلىقتىن، تاڭ سۇلالىسى بۇ مالنى ۋاقتىدا تۆلىيەلمەي، ئۇيغۇرلارغا قەرزگە بوغۇلۇپ قالدى. شۇ يىلى بۇ مال ھېسابىغا پەقەت 100 مىڭ توپ يىپەك تاۋار بىلەن 100 مىڭ سەر ئالتۇن - كۆمۈشلا تۆلىيەلىدى.[11] تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇرلارغا تۆلەيدىغان بۇ قەرزنى تاكى 840 - يىلىغا قەدەر، يەنى شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ تامامەن ۋەيران بولۇپ چوڭ كۆچۈشكە مەجبۇر بولغىنىغا قەدەر تۆلەپ تۈگىتەلمىدى.
ئۇيغۇر قاغانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدا بولغان ئات ۋە پىپەك مال سودىسىدا ئاخىرىغا بېرىپ، يەنى IX ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، ھەر ئىككى تەرەپتە سەمىمىيەت بولمىدى. سان ۋە سۈپەتكە ئېتىبار بەرمەيدىغان ساختىپەزلىك ھادىسلىرى ئېغىر ھالدا پەيدا بولدى. مۇنداق ئەھۋالنى ئىككى دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىرىنىڭ مەنپەئەتپەرەسلىكى كەلتۈرۈپ چىقاردى. تاڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى، ئۇيغۇرلارغا تۆلەيدىغان قەرزىنى تۆلەش ئۈچۈن نوقۇل دۆلەت ئىگىلىكىدىكى يىپەك توقۇمىچىلىقىغىلا تايانغان بىلەن بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئۇلار خەلق ئىچىگە ئەمەلدارلارنى ئەۋەتىپ، خەلققە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلاردىن قاقتى - سوقتى قىلىش يولى بىلەن كۆپ مىقداردا يىپەك مال يىغىشقا ئۇرۇندى. ئۇيغۇر ھۆكۈمرانلىرى بولسا، جۇڭگودىن تېخىمۇ نۇرغۇن يىپەك مالغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان كېسەل، ئۇرۇق، يارىماس ئاتلارنىمۇ جۇڭگوغا ساتىدىغان ئاتلارنىڭ قاتارىغا ئارىلاشتۇرۇۋەتتى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئات ئۈچۈن تۆلەيدىغان يىپەك تاۋارلارنىڭمۇ ئېنى تار، بويى قىسقا، توقۇلۇشى قوپال بولۇشقا باشلىدى. ئاخىرىغا بېرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ سۇلالىسىگە ساتقان ئاتلىرىنىڭ 60 - 70 پىرسەنتى كارغا كەلمەيدىغان، ئۇرۇق، ئاغرىق ئاتلاردىن ئىبارەت بولۇپ قالدى. ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى بۇ سودىدا ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغۇچى تەرەپ يەنىلا تاڭ سۇلالىسى بولدى. بۇ خىل ئەھۋالنى تاڭ دەۋرىدە ئۆتكەن شائىر بەي جۈيى (772 - 846) «چوغاي يوللىرى» ناملىق شېئىرىدا مۇنداق تەسۋىرلىگەن:
阳山道, 阳山道,纥逻敦肥水泉好.
每至戊人送马时,道傍十里无纤草,
草尽泉枯马病赢, 飞麦但印骨与皮.
五十匹缣易一匹, 缣去马来无了日.
养无所用去非宜, 每岁死伤十六七,
缣丝不足女工苦, 疏织短截充匹数.
藕丝蛛纠三丈余, 回鹘诉称无用处.
咸安公主号可敦, 运 为可汗频奏论.
元和二年下新敕, 内出金帛酬马值.
仍诏江淮马价厥, 从此不令疏短织.
تەرجىمىسى:
چوغاي، يولى - بۇ ئۇزۇن يوللار....
قارا دۆڭنىڭ سۈيى ئەلۋەك، بۇلاق قاينايدۇ.
ئۇيغۇر ئەھلى ئات ساتقىلى كەلسە ھەر قېتىم،
بۇ يۇللارنىڭ بويلىرىدا گىياھ قالماپتۇ.
چۆپ تۈگەيدۇ، بۇلاق قۇرۇپ، ئاتلاردۇر كېسەل،
باسقان تامغا كىرىپ كەتكەن ئۇستىخانغىچە.
بىر ئات ئۈچۈن تېگىشىدۇ شايى ئەللىك توپ،
قارارى يوق، كەلتۈرۈرلەر ئات قاچانغىچە.
باققاندىمۇ كارغا كەلمەس بۇ ئۇرۇق ئاتلار،
يىلغا توشماي ئۆلۈپ قالار ئوندىن يەتتىسى.
مەشۇت كەمچىل، قىز - ئاياللار قالدى جاپادا،
شايىلارنى قول ئۇچىدا توقىدى قوپال،
توپ سانىنى توشقۇزماقنى ئويلاپ ھەممىسى،
شايىلىرى ئۆمۈچۈكنىڭ تورىدەك شالاڭ،
ئۇيغۇرلار كۆپ خاپا بولدى بۇنداق شايىغا.
قاغاننىڭ مەلىكىسى خاتۇن - شيەنئەن.
بۇ ئەھۋالنى ئوڭشاڭ دېدى جۇڭگو خانىغا،
يۈەنخېنىڭ ئىككىنجى يىلى قىلدى شاھ پەرمان،
خەزىنىدىكى كىمخاپلارنى تولىدى ئاتقا.
ياخشى شايى كەلتۈرۈلدى جياڭنەن تەرەپتىن،
شايىلارنى ناچار توقۇش بولمىدى باشقا.
تاڭ سۇلالىسىنىڭ 782 - يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئاتلىرى ئۈچۈن تۆلىگەن بىر قىسىم يىپەك تاۋارلىرىنىڭ ئېنىق ھېسابى تۆۋەندىكىچە:[12]
| تىجارەت يىلى | 782 | 787 | 790 | 792 | 815 | 816 | 822 | 827 | 829 | جەمئىي: |
| تاۋار توپ سانى | 100 مىڭ | 50 مىڭ | 300 مىڭ | 70 مىڭ | 167 مىڭ | 85 مىڭ | 200 مىڭ | 460 مىڭ | 230 مىڭ | 1662000 توپ |
تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگو مىلادىنىڭ 782 - يىلى ئۇيغۇرلاردىن سېتىۋالغان 100 مىڭ ئات ئۈچۈن 4 مىليون توپ يىپەك تاۋار تۆلىشى لازىم ئىدى. ئەمەلىيەتتە 100 مىڭ توپ تۆلىگەن. 821 - يىلى سېتىۋالغان 20 مىڭ ئات ئۈچۈن 800 مىڭ توپ يىپەك تاۋار تۆلىشى لازىم ئىدى. ئەمەلىيەتتە 200 مىڭ توپ تۆلىگەن. ئەھۋالدىن قارىغاندا، تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇر قاغانلىقىغا قاتمۇ قات قەرزگە بوغۇلۇپ قالغان.
780 - يىلى ئۇيغۇر قاغانلىقى تاڭ سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ قەرزنى سۈيلىگەن، تاڭ سۇلالىسى مالىيە جەھەتتە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقنى بىلدۈرۈپ، قەرزنى كېيىن تۆلەپ بېرىشنى ئۆتۈنگەن. تاڭ سۇلالىسى بىر تەرەپتىن بۇ خىل قەرزدارچىلىقنىڭ دەردىنى تارتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن تاڭ سۇلالىسى پايتەختىگە ئۈزۈلمەي كېلىپ - كېتىپ تۇرىدىغان ئۇيغۇر ئەلچىلىرىگە تەقدىم قىلىدىغان سوۋغا - سالاملارنى تەييارلاشنىڭمۇ جاپاسىنى چەككەنىدى. ئۇيغۇر ئەلچىلىرى ئۆمىكى ئادەتتە ئاز دېگەندە بىر نەچچە يۈز، كۆپ دېگەندە مىڭدىن ئارتۇق كىشىدىن ئىبارەت بولاتتى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختىگە كەلگەن ئۇيغۇر ئەلچىلىرىگە ۋە ئۇلار ئارقىلىق قارابالغاسۇندىكى ئۇيغۇر ھۆكۈمرانلىرىغا تەقدىم قىلىنغان سوۋغا - سالاملار بەزىدە 1000 ھارۋىغىمۇ يەتكەنىدى. مىلادىنىڭ 773 - يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تەقدىم قىلغان خىلمۇ خىل سوۋغىلىرى يېتەرلىك دەرىجىدە مول بولغان.[10]
ئۇيغۇر قاغانلىقى ۋە تىبەت خانلىقى
[تەھرىر]تىبەت خانلىقى بىلەن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ مۇناسىۋىتى
[تەھرىر]سۇڭزەن كانپۇ مىلادىنىڭ 630 - يىلى تىبەت بىلەن كۆكنۇر تېررىتورىيىسىدە ياشايدىغان چاڭ، دى (تىبەتلىكلەرنىڭ ئەجدادلىرى) قەبىلىلىرىنى بويسۇندۇرۇپ تىبەت خانلىقىنى قۇردى. بۇ خانلىق 210 يىلچە (630 - 845) ھۆكۈم سۈردى. سۇڭزەن كانپۇ ھازىرقى لاسانى تىبەت خانلىقىنىڭ پايتەختى قىلدى. ئۇ مەمۇرى تۈزۈم ۋە ھەربىي تۈزۈمنى تۇرغۇزدى، قانۇن تۈزۈپ چىقتى. خوتەنگە ئادەم ئەۋەتىپ، خوتەن ئۇيغۇرلىرى قوللانغان يېزىقنى (ئېھتىمال سانسكرىت يېزىقى بولسا كېرەك) قوبۇل قىلىپ، دۆلەت ئىشلىرىدا يېزىق قوللاندى. تاڭ سۇلالىسى دەسلىپىدە تىبەت خانلىقىنى يېنىغا تارتىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ باشقا دۈشمەنلىرىگە قارشى سېلىش ئۈچۈن، مىلادىنىڭ 641 - يىلى سۇڭزەن كانپوغا مەلىكە ۋېنچىڭنى ياتلىق قىلدى. سۇڭزەن كانپۇ مىلادىنىڭ 650 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، تاڭ سۇلالىسى بىلەن تىبەت خانلىقىنىڭ مۇناسىۋىتى ئانچە ياخشى بولمىدى. بولۇپمۇ تىبەت خانى ماڭزۇڭ ماڭزەننىڭ ۋاقتىدىن باشلاپ (650 - 679) تىبەت خانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئارىسىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشلار باشلاندى. تىبەت خانلىقى ئۆز تېررىتورىيىسىنىڭ تەبىئىي شارائىتىنىڭ يامانلىقى (تاغلىق ئىكەنلىكى، ئىقلىمىنىڭ ناچارلىقى) نى باھانە قىلىپ، قوشنا دۆلەتلەرنىڭ تېررىتورىيىسىگە تاجاۋۇز قىلىشقا كىرىشتى. ئۇيغۇر خانلىقىدا بولسا ئەكسىچە قوشنا دۆلەتلەرنىڭ تېررىتورىيىسىنى بېسىۋېلىش نىيىتى يوق ئىدى. مىلادىنىڭ 830 - يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ سەركەردىسى ليۇ يەنشىڭ تىبەت سەركەردىسى شاڭ چىشىڭغا مۇنداق دېگەنىدى: «ئۇيغۇرلار دۆلىتىمىزنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت كەلگەندە ياردەم بېرىپ بىزنى قۇتۇلدۇردى، ئۇلاردا تاجاۋۇز قىلىپ بىر غېرىچ يەرنى بېسىۋېلىش نىيىتى يوق، شۇنداق تۇرسا، ئۇلارغا رەھمەت ئېيتماي بولامدۇ!»[13]
تىبەت خانلىقى مىلادىنىڭ 760 - يىلىدىن باشلاپ ناھايىتى كۈچەيدى، تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىپ، ھازىرقى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى ۋە گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ھەممە زېمىنىنى دېگۈدەك بېسىۋالدى. تاڭ سۇلالىسى مىلادىنىڭ 783 - يىلى تىبەت خانلىقى بىلەن تىنچلىق بىتىمنامىسى تۈزدى. بىتىمنامىگە كۆرە، چىرىكلىشىپ ئاجىزلاپ كەتكەن تاڭ سۇلالىسى تىبەت خانلىقى بېسىۋالغان زېمىندىن ۋاز كېچشكە مەجبۇر بولدى ۋە تىبەت خانلىقىغا قارشى ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى توختاتتى. كەڭسۇنىڭ قولدىن كېتىشى تاڭ سۇلالىسىنىڭ غەرب ئەللىرى بىلەن بولىدىغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ جۇڭگو «ئۇيغۇرلار يولى» دەپ ئاتالغان يول ئارقىلىقلا غەرب ئەللىرى بىلەن ئالاقە قىلىدىغان بولدى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەلچىلىرى، سودىگەرلىرى چاڭئەندىن شىمالغا قاراپ يۈرۈپ، سەددىچىن سېپىلىدىن ئۆتۈپ، ئۇيغۇرلار دۆلىتىنىڭ زېمىنىغا كىرەتتى. ئاندىن داۋاملىق ھالدا شىمالغا يۈرۈپ قارابالغاسۇنغا باراتتى. ئۇ يەردىن غەربكە يۈرۈپ ئالتايدىن ھالقىپ ئۆتۈپ بەشبالىققا كېلەتتى. ئاندىن بەشبالىقتىن غەربكە مېڭىپ، ئىلى ۋادىسى، يەتتە سۇ ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىياغا باراتتى. مانا شۇ يولنىڭ ئاساسىي تۈگۈنلىرى ئۇيغۇر – ئوخۇن قاغانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسى ئىچىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يول تارىختا «ئۇيغۇلار يولى» دەپ ئاتالغان. تىبەت خانلىقى 783 - يىلى تۈزۈلگەن بىتىمنامە ئارقىلىق تاڭ سۇلالىسىنى پاسسىپ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ، ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقىغا قارشى ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى يۈرگۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. تىبەت خانلىقى 790 - يىلىغا كەلگەندە، ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ قوشۇنلىرىغا بىرنەچچە قېتىم جىددىي زەربە بەردى ۋە تارىم ۋادىسىنى بېسىۋالدى. ئايچۇرنىڭ ۋاقتىدا ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئەھۋالى يامانلاشتى. دەسلەپتە توققۇز ئوغۇز دەپ ئاتىلىدىغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىچىدىكى قارلۇقلار 756 - يىلى ياغلاقارلارنىڭ بەزىبىر يولسىزلىقىدىن ئاغرىنىپ، يۈز ئۆرۈپ غەربكە ــ بەشبالىق، يەتتەسۇ ئەتراپلىرىغا كەتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ، قارلۇقلار بەزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلدى، يەنى تىبەت خانلىقى بەشبالىق ئەتراپىدىكى قارلۇقلارنى ئۇيغۇرلارغا قارشى تۇرۇشقا كۈشكۈرتۈپ تۈردى. مىلادىنىڭ 791 - يىلى تىبەتلىكلەر بەشبالىققا ھۇجۇم قىلىپ، شەھەرنى ئىگىلىۋالدى. بەشبالىق قولدىن كەتكەندىن كېيىن ئېل ئۆگەسى ئۇنۋانى بىلەن ئاتىلىدىغان ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ باش ۋەزىرى 50 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇنغا ئۆزى قوماندان بولۇپ، بەشبالىقنى تىبەتلىكلەر قولىدىن تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئاتلاندى. ئۇرۇشتا، ئۇيغۇرلار مەغلۇپ بولدى. ئېل ئۈگەسى قارابالغاسۇنغا قايتىپ كېلىپ، دۆلەتنى باشقۇرۇش ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، دەرھال يەنە 50 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇننى ئاتلاندۇرۇپ بەشبالىققا قاراپ يولغا چىقتى. بەشبالىقنى قولدىن بېرىپ قويۇش ئۇيغۇر قاغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، تاڭ سۇلالىسى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى. چۈنكى بەشبالىق غەرب ئەللىرى بىلەن ئالاقە قىلىشىدا «ئۇيغۇرلار يولى» دەپ ئاتىلىدىغان خەلقئارا يولدىكى ئەڭ مۇھىم مەركەزلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئېل ئۈگەسى ئىككىنچى قېتىمقى ئۇرۇشتا يەنە مەغلۇپ بولدى. بۇ ئۇرۇشتا، ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ھالاك بولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ بەشبالىق ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئىككى قېتىملىق ئۇرۇشىغا تاڭ سۇلالىسى ئېغىزغا ئالغۇدەك دەرىجىدە بىرەر ھەربىي ياردەم بەرمىدى. چۈنكى، شۇ چاغدا تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىچكى ئەھۋالى ئېغىر ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تاڭ ھۆكۈمرانلىرىدا بۇ ئىككى دۆلەت ئۇرۇش بىلەن ئاجىزلاشسا، جۇڭگو ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت تۇغۇلىدۇ، دەيدىغان قاراشمۇ بار ئىدى. مىلادىنىڭ 791 - يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ تىبەتلىكلەر تەرىپىدىن ئىككى قېتىم مەغلۇپ بولۇشى ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقىنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇردى.
ئاي تەڭرىخاننىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى
[تەھرىر]تارىخىي پاكىتلارغا قارىغاندا، بەشبالىق شۇ قېتىم تىبەتلىكلەرنىڭ قولىدا 17 - يىل (791 - 808) قالدى. ئاي تەڭرىدا قۇت بولمىش قۇلۇق بىلگە قاغاننىڭ ۋاقتىدا (805 – 808)، ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقىنىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىشقا باشلىدى. ئۇ مىلادىنىڭ 808 - يىلى تىبەتلىكلەرنى بەشبالىقتىن قوغلاپ چىقاردى ۋە كەڭسۇدىكى ئۇۋىنىمۇ ئىگىلىۋالدى، بولۇپمۇ جۇڭگو تارىخچىلىرى بۈيى قاغان (保印) دەپ ئاتىغان ئاي تەڭرىخاننىڭ ۋاقتىدا (808 - 821) ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقى يەنە كۈچەيدى. «توققۇز ئۇيغۇر ئاي تەڭرىدا قۇت بولمىش ئالپ بىلگە قاغان يادىكارلىقى» ۋە «يىلنامە» دىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئاي تەڭرىخان (ئۇنىڭ نامىنى قىسقارتىپ شۇنداق ئاتىدۇق) تارىختا داستان بولغۇدەك غەلىبىلىك ھەربىي يۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغان.
ئاي تەڭرىخان 200 مىڭ كىشىدىن ئارتۇق ئاتلىق قوشۇننى سەپەرۋەر قىلىپ، ئىتائەتتىن باش تارتقانلارنىڭ ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ ئۈستىگە يۈرۈش قىلدى. ئاي تەڭرىخان مىلادىنىڭ 810 - يىللىرى يەنسەي دەرياسىنىڭ يۇقىرىقى ئېقىمىدا ياشايدىغان قىرغىزلار ئۈستىگە باستۇرۇپ باردى. قىرغىزلار باشتا ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقىغا ئىتائەت قىلغان بولسىمۇ، كېيىن ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا ئايرىم بولۇۋالغانىدى. قىرغىزلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم بولۇۋېلىشىغا يول قويمىغان ئۇيغۇرلار ئۇلارنى قايتا - قايتا بويسۇندۇرغان بولسىمۇ، مىلادىنىڭ 790 - يىللىرى ئۇيغۇرلار تىبەتلىكلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا، ئۇلار يەنە مۇستەقىل بولۇۋالغانىدى. ئاي تەڭرىخان يەنسەي دەرياسىنىڭ بويىغا يېتىپ كەلگەندە، جەڭگىۋار قىرغىزلارنىڭ ناھايىتى قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. لېكىن ئاي تەڭرىخان باتۇر قىرغىزلارنى ناھايىتى قاتتىق باستۇردى. نۇرغۇن قان تۆكۈلدى. ئاي تەڭرىخان مىلادىنىڭ 815 - يىلى ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ ئاساسى قىسمىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇزىنىڭ مەشھۇر غەربكە يۈرۈشنى باشلىدى. ئۇ بەشبالىقنى قايتا بېسىۋالغان تىبەتلىكلەر ئۈستىگە بېسىپ كېلىپ، ھازىرقى جىمسار ئەتراپىدا تىبەت قوشۇنلىرىنى تارمار قىلدى. ئارقىدىنلا كۇچاغا قاراپ يولغا چىقتى. شۇ چاغدا، تىبەتلىكلەر كۇچانى قورشىۋالغانىدى. كۇچا ئۈچۈن بولغان قانلىق جەڭلەردە مەغلۇپ بولغان تىبەتلىكلەر قارا شەھەرگە قاراپ قاچتى. ئاي تەڭرىخان شەرققە قاراپ قاچقان دۈشمەننىڭ كەينىدىن بوراندەك تېزلىكتە قوغلاپ كېلىپ، تىبەتلىكلەرنى ھازىرقى ئەشمە ياكى چەرچى ئەتراپىدا تارمار قىلىپ، ناھايىتى چوڭ غەلىبىگە ئېرىشتى. بەشبالىق، كۇچا، قارا شەھەر ئەتراپلىرىدا، ئاي تەڭرىخاننىڭ تىبەتلىكلەر ئۈستىدىن قازانغان شانلىق تارىخىي غەلىبىسى، شەرق بىلەن غەرب ئارىسىدىكى خەلقئارا قاتناش يولىنىڭ ئامانلىقىنى كاپالەتلەندۈردى.
ئاي تەڭرىخان قارا شەھەر ئەتراپىدا تىبەت قوشۇنلىرىنى تولۇق تارمار قىلغاندىن كېيىن، غەربكە بۇرۇلۇپ قەشقەر ئارقىلىق پەرغانە ۋە يەتتە سۇغىچە يۈرۈش قىلدى. ئۇ پەرغانە ۋە يەتتە سۇدىكى قارلۇق، تۈرگەشلەرنى قايتىدىن بويسۇندۇرۇپ، ئۇلارنى باشقۇرىدىغان تۇتۇق، تۇدۇنلارنى تەيىنلىدى. ئاندىن كېيىن، ئورخۇن دەرياسىنىڭ بويىدىكى پايتەختى ــ قارابالغاسۇنغا شۆھرەت ۋە تەنتەنە بىلەن قايتىپ كەلدى. ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىرىنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن بىرى بولغان ئاي تەڭرىخان مىلادىنىڭ 818 - يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەنگە ئەلچى ئەۋەتىپ، جۇڭگو مەلىكىسىگە ئۆيلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مىلادىنىڭ 819 - يىلى ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئارىسىدا تۈزۈلگەن بىتىمنامىگە كۆرە، تاڭ مەلىكىسى يۈەنئەن ئاي تەڭرىخانغا ياتلىق قىلىنىدىغان بولدى. بىز باشتا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، توي مۇراسىمىنىڭ ۋاقتى ئارقىغا سۈرۈلگەچكە، مىلادىنىڭ 821 - يىلى ئاي تەڭرىخان ئالەمدىن ئۆتۈپ بۇ قۇدىلىشىش ئەمەلگە ئاشمىدى.
تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مىلادىنىڭ 815 - يىلىدىن تارتىپ 848 - يىلىغىچە (33 يىل) تىبەتلىكلەر ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقى تېررىتورىيىسىگە قەدەم باسالمىدى. 840 - يىلى شەرقىي ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچۈپ، قاغانلىقتا قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەندە، تىبەتلىكلەر 848 - يىلى بەشبالىق، تۇرپان قاتارلىق جايلارنى بېسىۋالغان بولسىمۇ، 865 - يىلى بۇكۈ تېكىن تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى. بۇ ئەھۋالنى ئۆز نۆۋىتى كەلگەندە تەپسىلىيرەك بايان قىلىمىز. مىلادىنىڭ 821 - يىلى كۈن تەڭرىدە ئۇلۇغ بولمىش قاغان دەپ ئاتالغان قاغاننىڭ ۋاقتىدا (821 - 825) تاڭ سۇلالىسى مەلىكە تەيخۇنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلدى، ئۇيغۇر قاغانى جۇڭگو مەلىكىسىنى قارابالغاسۇنغا كۆچۈرۈپ كېلىدىغان چاغدا (821 - يىلى) تىبەت خانلىقىنىڭ بۇزغۇنچىلىق سېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كۇچا، بەشبالىق قاتارلىق شەھەرلەردە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر قوشۇنلىرىدىن 20 مىڭ (ھەربىر شەھەردىن 10 مىڭ) كىشىلىك ئاتلىقنى يۆتكەپ، مۇداپىئە ئىشلىرىنى كۈچەيتتى. بىز باشتا مەلىكە تەيخۇنىڭ قارابالغاسۇنغا كەلگەنلىكى، ئۇيغۇرلار ئوردىسىدا تەنتەنىلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدا بايان قىلىپ ئۆتكەنىدۇق.
شۇ قاغاننىڭ ۋاقتىدا، ئۇيغۇر قاغانلىقى بىلەن تىبەت دۆلىتى ئارىسىدا بىر قېتىم ئۇرۇش بولدى. تىبەت قوشۇنلىرى قارابالغاسۇنغا بەش كۈنلۈك كېلىدىغان جايغىچە بېسىپ كەلدى. لېكىن ئۇرۇشنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار تىبەت قوشۇنلىرىنى چېكىندۈردى. ئۇيغۇر قاغانلىقى، چۇڭدى قاغان ۋە ھازار تېكىننىڭ ۋاقتىدا (821 - 832) ئۆزىنىڭ قۇدرەتلىك باسقۇچىنىڭ (744 - 830) ئاخىرقى كۈنلىرىگە يېقىنلاشقان، ئەمما تېخى ئاجىزلاشمىغانىدى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇلارغا تۆلەيدىغان قەرز ھېسابىغا 822 - يىلى 200 مىڭ توپ، 827 - يىلى 460 مىڭ توپ، 829 - يىلى 230 مىڭ توپ يىپەك مال ئەۋەتكەنلىكى بۇنى ئىسپاتلايدۇ.
IX ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، كۈچلۈك تىبەت خانلىقى ئاجىزلاپ كەتتى. تىبەت خانلىقىنىڭ ھەربىي كۈچ - قۇدرىتى، ئۆز قوشنىلىرى بىلەن، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلغان قانلىق ئۇرۇشلاردا خوراپ، تۈگەپ كېتىشكە تاس - تاماسلا قالغانىدى. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، تىبەت خانلىقى مىلادىنىڭ 845 - يىلىغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا ئۆزىنىڭ ئاساسىي دۈشمەنلىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ 830 - يىللىرىدىن باشلاپ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكى سەۋەب بولدى.
ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىرى
[تەھرىر]| قاغاننىڭ ئىسمى | ئۇنۋانى | قاغانلىق قىلغان ۋاقتى |
|---|---|---|
| 1. تېكىن ئەركىن | — | 605 - ؟ |
| 2. پۇسا | — | 646 - ؟ |
| 3. توميد | — | 646 - 648 |
| 4. بايان | — | 648 - 661 |
| 5. بازخان | — | 666 - 681 |
| 6. توغۇچى | — | 681 - 715 |
| 7. ئۇتىبەگ | — | 715 - 719 |
| 8. چىنزون | — | 719 - ؟ |
| 9. ئۇتىنان | — | 727 - ؟ |
| 10. غوشۇ | — | 727 - ؟ |
| 11. ئېتىمىش بىلگە | قۇتلۇق بىلگە قاغان | 742 - 747 |
| 12. بايانچۇر | ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش ئېل تۇتمىش بىلگە قاغان | 747 - 759 |
| 13. ئېل تېكىن | ئېل تۇتمىش ئالپ قۇلۇق بىلگە قاغان | 759 - 779 |
| 14. تون باغا | ئالپ قۇتلۇق بىلگە قاغان | 779 - 785 |
| 15. تاراس | تەڭرىدە بولمىش قۇتلۇق بىلگە قاغان | 789 - 790 |
| 16. ئايچۇر | قۇتلۇق بىلگە قاغان | 790 - 795 |
| 17. قۇتلۇق | ئاي تەڭرىدا ئۇلۇغ بولمىش ئالپ قۇلۇق بىلگە قاغان | 795 - 805 |
| 18. | ئاي تەڭرىدا قۇت بولمىش قۇلۇق بىلگە قاغان | 805 – 808 |
| 19. | ئاي تەڭرىدا قۇت بولمىش ئالپ بىلگە قاغان | 808 – 821 |
| 20. | كۈن تەڭرىدا ئۇلۇغ بولمىش قۇچ كۈچلۈك بىلگە قاغان | 821 – 824 |
| 21 . ھازار تېكىن | ئاي تەڭرىدا قۇت بولمىش قۇچ بىلگە قاغان ئاي | 824 – 832 |
| 22. خۇ تېكىن | ئاي تەڭرىدا قۇت بولمىش كۈچلۈك بىلگە قاغان | 832 – 839 |
| 23. كىچىك تېكىن | 839 – 840 | |
| 24. ئۇگى تېكىن | 841 – 845 | |
| 25. ئىنان تېكىن | 845 - 846 |
مەنبەلەر
[تەھرىر]- 1 2 3 پەن ۋېنلەن: «جۇڭگو ئۇمومىي تارىخى» III قىسىم I بۆلۈم، خەنزۇچە، 125 -،126 -، 275 -، 292 - بەتلەر.
- ↑ سىماگۋاڭ: «يىلنامە» خەنزۇچە، 14 - جىلد، 6516 - بەت.
- ↑ سىماگۋاڭ «يىلنامە» خەنزۇچە 14 - جىلد، 6531 - بەت.
- ↑ مەھمۇد كاشغەرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئۇيغۇرچە 404 - ، 405 - بەتلەر.
- ↑ «تاڭ سۇلالىسى يىلنامىسى. ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە».
- 1 2 پەن ۋېنلەن: «جۇڭگو ئومۇمىي تارىخى» 3 - قىسىم، 1 - كىتاب خەنزۇچە 154 - بەت.
- ↑ «تاڭ سۇلالىسى يىلنامىسى. ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە».
- ↑ «تاڭ سۇلالىسى يىلنامىسى. ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە» 195 - جىلد.
- ↑ «يېڭى تاڭ يىلنامىسى. قوشۇنلار توغرىسىدا بايان».
- 1 2 «تاڭ يارلىقلىرى توپلىمى» 72 - جىلد.
- ↑ سىماگۇاڭ «يىلنامە» 227 - جىلد.
- ↑ «شىنجاڭ تارىخىي تەتقىقاتى» 1985 - يىل 1 - سان خەنزۇچە 28 ـ بەت.
- ↑ «كونا تاڭ يىلنامىسى» 196 - جىلد. «تىبەت ھەققىدە قىسسە».