Jump to content

ئۇچۇر ئەخلەتزارلىقى ۋە زېھىن كونتروللۇقى: سىز ھەقىقەتەن «ئۆزىڭىز» ئويلاۋاتامسىز؟

ئورنى Wikipedia

ئۇچۇر ئەخلەتزارلىقى ۋە زېھىن كونتروللۇقى: سىز ھەقىقەتەن «ئۆزىڭىز» ئويلاۋاتامسىز؟

بۈگۈن تور دۇنياسىدا بىرەر ئۇچۇرنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىشتىن، «بارماق» بېسىشتىن ياكى غەزەپ بىلەن ئىنكاس يېزىشتىن بۇرۇن بىر مىنۇت توختاپ ئويلاڭ:

بۇ پىكىر ھەقىقەتەن سىزنىڭمۇ ياكى سىزگە سىڭدۈرۈلگەنمۇ؟

قولىڭىزدىكى تېلېفون ، دۇنياغا ئېچىلغان دېرىزە بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئېھتىيات قىلمىسىڭىز، ئۇ سىزنىڭ زېھنىڭىزگە كىرىۋېلىپ، سىزنى خالىغانچە باشقۇرىدىغان «يوشۇرۇن دۈشمەن»نىڭ ئىشىكىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

بىز «ماھىيەت مۇنبىرى» دە، سىزنىڭ مېڭىڭىزنى نىشان قىلغان بۇ كۆرۈنمەس ئويۇننىڭ پەردىسىنى قايرىيمىز.

1.ئۆزىڭىز بىلەن يۈزلىشىڭ: «ئىسپاتلاش بېزەكچىلىكى» تۇزىقى

ئەڭ چوڭ دۈشمەن سىرتتا ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزدە. ئىنسان پىسخىكىسىدا «ئىسپاتلاش بېزەكچىلىكى»  (Confirmation Bias) دەيدىغان بىر تۇزاق بار. بىز كۆپىنچە ھاللاردا ھەقىقەتنى ئىزدىمەيمىز، بەلكى «مېنىڭ ئويلىغىنىم توغرا» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان «يالغان» نى ئىزدەيمىز. ئەگەر بىر ئۇچۇر سىزنىڭ كۆزقارىشىڭىزغا ماس كەلسە، ئۇنى ھېچقانداق دەلىل-ئىسپاتسىز «بۇ ھەقىقەت!» دەپ قوبۇل قىلىسىز. ئەگەر بىر ئۇچۇر سىز ياقتۇرمايدىغان، ئەمما ئاچچىق بىر ھەقىقەتنى كۆرسەتسە، ئۇنى رەت قىلىش ئۈچۈن مىڭ بىر باھانا تېپىپ چىقىسىز. بىزنىڭ «مەن بىلىمەن» دەپ تۇرىۋېلىشىمىز، ئەمەلىيەتتە نادانلىقىمىزنى قوغدايدىغان ئەڭ مۇستەھكەم قالقاندۇر. بۈگۈن سىز توردا بىرەر تېمىغا ئاشقۇنلۇق بىلەن ئېسىلىۋالغان، نەپرەتلىنىۋاتقان ياكى قارىغۇلارچە قايىل بولۇۋاتقان بولسىڭىز، سىز ئاللىقاچان «بىر تەرەپلىمىلىك» پاتقىقىغا پېتىپ قالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.

2.سىز قورچاقمۇ؟ (پىسخىكىلىق ئۇرۇش ۋە پىروپاگاندا)

سىز تېلېفون ئېكرانىدا كۆرۈۋاتقان ئۇچۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى «تەبىئىي» تارقالغان ئەمەس، بەلكى ئىنچىكە ھېسابلاپ ئېتىلغان پىسخىكىلىق ئوقتۇر. پىروپاگاندا ماشىنىسى سىزنىڭ ئەقلىڭىزنى ئەمەس، ھېسسىياتىڭىزنى (قورقۇنچ ۋە غەزىپىڭىزنى) نىشان قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ مەقسىتى: سىزنى «تەپەككۇر قىلىش» تىن توختىتىپ، «ئىنكاس قايتۇرۇش» قا مەجبۇرلاش.

تېلېفونغا قاراپ تۇرۇپ قان بېسىمىڭىز ئۆرلىدىمۇ؟ كىمنىدۇر تىللىغىڭىز كەلدىمۇ؟ ياكى دۇنيادىن ئۈمىد ئۈزۈپ، چۈشكۈنلەشتىڭىزمۇ؟

مۇبارەك بولسۇن، سىز تۇزاققا چۈشتىڭىز! شۇ دەقىقىدە پىروپاگاندا غەلىبە قىلدى. سىز ئەمدى مۇستەقىل ئىنسان ئەمەس، بەلكى مەلۇم بىر كۈچ تەرىپىدىن كونترول قىلىنىۋاتقان «ھېسسىيات قورچىقى» سىز.

3.زەھەرلىك ھەسەل (دىز-ئىنفورماتسىيە ۋە ئىستىخبارات تورى)

بۇ ئۇرۇشتىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق تاكتىكا —«90/10» قائىدىسىدۇر. دۈشمەن ئىستىخباراتى ياكى مەقسەتلىك كىشىلەر سىزگە بىۋاسىتە يالغان سۆزلىمەيدۇ. چۈنكى پۈتۈنلەي يالغانغا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ. ئۇلار %90 ھەقىقەتنىڭ ئىچىگە %10 زەھەرلىك يالغاننى ئارىلاشتۇرۇپ سۇنىدۇ.

دىز-ئىنفورماتسىيە (Disinformation) ، ئاددىي يالغانچىلىق ئەمەس. ئۇ بىر جەمئىيەتنى ئىچىدىن پارچىلاش، قېرىنداشنى قېرىنداشقا، پەرزەنتنى ئاتىغا، خەلقنى يېتەكلىگۈچىسىگە دۈشمەن قىلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن تەجرىبىخانا مەھسۇلاتىدۇر. سىز توردا بېرىلىپ تالاش-تارتىش قىلىۋاتقاندا، سىزگە شۇ «ماتېرىيال» نى سۇنغان سىستېما بىر چەتتە تۇرۇپ سىزنىڭ مىللىي بىرلىكىڭىزنىڭ، ئەخلاقىڭىزنىڭ ۋە كەلگۈسىڭىزنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كۈلۈپ تۇرۇپ تاماشا قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

4.مىزانىڭىز بولمىسا، سىز بىر نىشانسىز ئوقتۇرسىز

ئەگەر سىزدە بىر مەتبۇئات ساۋادى، ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىيدىغان سۈزۈك «مىزان» بولمىسا، سىز بۇ ئۇچۇر ئەخلەتزارلىقىدا يوشۇرۇنغان بۆرىلەرنىڭ ئەڭ ئاسان ئوۋىغا ئايلىنىسىز. سىز بۈگۈن كۆرگەن ھەر قانداق سىننى، ئوقۇغان ھەر قانداق تېكىستنى «ماھىيەت سۈزگۈچى» دىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ قوبۇل قىلسىڭىز، سىز ئۆزىڭىز بىلىپ-بىلمەي دۈشمەننىڭ قورالىغا ئايلىنىپ قالىسىز.

ماھىيەت مۇنبىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى:

ھەقىقەتكە يېتىش ئۈچۈن، ئاۋۋال ئۆزىڭىزنىڭ ئاسانلا ئالدىنىدىغانلىقىڭىزنى، مېڭىڭىزنىڭ بوشلۇقلىرىدىن باشقىلارنىڭ كىرىۋاتقانلىقىنى مەردانە ھالدا ئېتىراپ قىلىشىڭىز كېرەك.

ئەقىلنى باشقىلارغا ئىجارىگە بېرىش ، بىر ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەتتۇر. بىز بۇ سەھىپىدە سىزنى خۇش قىلىدىغان يالغانلارنى ئەمەس، سىزنى ئويغىتىدىغان ئاچچىق ماھىيەتنى سۆزلەيمىز.

ئۇنتۇماڭ: بىر خەلقنى نادان قالدۇرۇشنىڭ ئەڭ قىسقا يولى ، ئۇلارنى يالغان ۋە ئەرزان ئۇچۇرلار بىلەن «مەست» قىلىپ قويۇشتۇر.

ئويغىنىدىغان ۋاقىت كەلدى! سىزچۇ؟ ئويغاندىڭىزمۇ؟

ھۆرمەت بىلەن:ماھىيەت مۇنبىرى