ئۇۋالغا قالغان ساقال ۋە بۇلغىنىۋاتقان موللا ئوبرازى
ئۇۋالغا قالغان ساقال ۋە بۇلغىنىۋاتقان موللا ئوبرازى
1
تەنقىدنى دۈشمەنلىك قىلىش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ چىچاڭشىيدىغان، ئۆزىگە قارشى پىكىر قىلىشنى دىنغا قارشى چىقىشقا تەڭ سانايدىغان تەلۋە زېھنىيەتلىك تىپلارنىڭ داموللا ئاتىلىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولۇۋاتقانلىقىمىز كىشىگە بۇ ۋاقىتقا قەدەر قىلىنىۋاتقان بىمەنىلىك، تومپايلىق ۋە ساپاسىزلىقلارنىڭ كامېرا ئالدىدا قېلىن يۈزلەرچە قىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن ئانچە ھەيران قېلىشنىڭمۇ ئورنى قالمىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ئەزۋەيلەۋاتقانلىرىدىن ئۆمرىدە قول تۇتۇپ ئانا تىلدا چىقىۋاتقان بىرەر ئەدەبىي ژۇرنال ياكى ئەسەرنىڭ بىرەر بۆلۈمىنىڭ مېغىزىنى چېقىپ ئوقۇپ باققانلىقىمۇ شۈبھىلىك بولغان بۇ تۈردىكى موللا ئاتىلىۋاتقان تىپلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر پارچە ئوبزورنى جايىدا چۈشىنىپ ئوقۇيالىشىدىن، تەنقىدلەرنىڭ قايسى نۇقتىدىن دېيىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرىپ ھەزىم قىلىپ تۇرۇپ جاۋاب قايتۇرالىشىدىن سۆز ئېچىش ھەقىقەتەن قېيىن، ئەلۋەتتە! ئوبزور ئۇقۇمىنىڭ ئانا تىلدىكى مەنە - مەفھۇملىرىغىمۇ ياتلىشىش ھارپىسىدا تۇرغان، تەنقىد ئۇقۇمىنىڭ ئىجتىمائىي ساھەلەردە قايسى تەرز ۋە قاندا ئۇسلۇبتا بولىدىغانلىقىدىن بىخەۋەر بۇ قوۋمداشلارنىڭ يېزىلىۋاتقان ئوبزورلارغا لايىق بىرەر رەددىيەنى قەلەمگە ئالالىشى، ئۆز پىكرىنى سىستېمىلىق ئانا تىلدا ئىپادىلىيەلىشى دەرۋەقە، سۆگەتتىن ئامۇت كۈتكەندەك بىر ئىش. لېكىن بۇ يەردىكى مەسىلە پىكىرگە پىكىر بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش ئەمەس، ئەكسىچە تۆھمەت خاراكتېرلىك سۆزلەرنى رەمبالچە تۇتۇملار بىلەن بېزەپ ئۆز گېپىنى يورغىلىتىش بولۇۋاتقانلىقىدۇر. ئالايلۇق، «ئىبنى مەسئۇدتا بار ساقال ئەبۇ جەھىلدىمۇ بار» ناملىق يازمىدىن يۈز قېتىم ئوقۇسا يۈز قېتىم ساقالنى ياكى ساقاللىق دىنىي ئۆلىمانى بىر نەرسە دېگەنلىك چىقمايدىغان ۋە ياكى ساقالنىڭ شەرئىي ھۆكمىگە قارىتا ھېچقانداق ئالاقە چاتقىلى بولمايدىغان تۇرسىمۇ، «داموللا» ئاتىقىدىكى زات تەرىپىدىن قارشى تەرەپكە تەئەددى ۋە تۆھمەتلەرنى ياغدۇرۇپ ئەھكام كېسىشلەر يۈز بەردى. ۋىدىيوسىدىكى چېچىلاڭغۇ قايناشلاردىن قارىغاندا مەزكۇر زاتنىڭ ئىسلام ئالىي بىلىم يۇرتىدىن شەرئىي ئىلىم ئۆزلەشتۈرۈش ئەمەس، قارغىش قېپىلىقتىن ئۇدۇم قالغان ھاكاۋۇرلۇق، بىلەرمەنلىك ۋە ساختا ئالىيجانابلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى پىششىقلاش بولغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ.
خەير، سىياسىي سەھنىدە ئىسمى بىلەن جىسمى قوشۇلۇپ بوي كۆرسەتكەنلىكىگە تۆت - بەش يىل بولۇشىغا قارىماي، قارىسىغا باشقىلارنى «سىز چوقۇم خىتاينى خىتاي دەۋاتقىلى تۆت يىل بولدى» دەپ بىلجىرلايدىغان، ئۆزىگە كەلگەندە بولسا، ئىسمى جىسمىنى ئالا خورجۇننىڭ بىر بۇرجىكىگە تىقىۋېتىپ تۇرۇپ ئۆتكۈزگەن تالىپلىق ۋە ئىمامەتچىلىك كۈنلىرىنىمۇ سىياسىي دەۋاغا چېتىپ خۇددى ۋىزا - ئىقامەت ئۇزارتقاندەك ئاتالمىش 30 يىلغا ئۇزارتىپ تۇرۇپ چوڭ سۆزلەيدىغان داموللا ئاتىقىدىكى بۇ ساقاللىق زات ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ئىلىم ئەھلى تەرىقىسىدە سۆز قىلىشنى ئادىتى بويىچە ئۇنتۇپ يەنە شۇ ئۆزىنى ئۇيغۇرلار سايلىغان قازى كالانلىق تەرىقىسىدە «بىز مۇنداق يەي»، «بىزگە كەلسە بولىدۇ يەي»، «بىز مۇنداق دەيمىز، قىلىمىز يەي» تەرىقىسىدە ئەزۋەيلەشنى داۋام قىلىپتۇ. بۇ زات يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ۋىدىيوسىدا ساقال دۈشمەنلىكى مەسىلىسىنى تۈپ مەزمۇن قىلىپ تۇرۇپ گەپ يورغىلاتقان ئىكەن، بۇ ھەقتىكى تەنقىد ئىگىلىرىدىن بىرى بولغان كەمىنىمۇ ساقال تېمىسى ۋە ساقال مەسىلىسى ھەققىدىكى قارىشىم ھەققىدە ئىككى كەلىمە توختىلىپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم!
ئالدى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىپادە ئۇسلۇبىدىن ئازدۇر كۆپتۇر ساۋاتى بار ھەرقانداق بىر ئوقۇمۇشلۇق كىشى «ئىبنى مەسئۇدتا بار ساقال ئەبۇ جەھىلدىمۇ بار» ناملىق يازمىدىن قانداقتۇر «داموللا» زاتىمىزنىڭ تۆھمىتىدەك ساقالنى بىرنەرسە دېگەنلىك، دىنىي ئادەمنىڭ ساقىلى بىلەن ھەپىلەشكەنلىك مەنىسىنى چىقارمايدۇ. ھەتتا چىقىرىمەن دېسىمۇ، ئۇ جۈملىدىن ئەھلى سۈننەتچە تەئۋىل قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، مۇئتەزىلچە تەئۋىل قىلىپمۇ، باتىنىيچە ۋە ھەتتا ئىشراقىيچە دەم ئۇرۇپ يۈرۈپمۇ چىقارغىلى بولغىدەك بىرەر ئىشارەت ۋە ياكى مۇشتەرەك (بىردىن كۆپ مەنىگە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان) سۆزلەر مەۋجۇت ئەمەس. مەزكۇر ماقالىدىكى جۈملىنىڭ مەزمۇن قۇرۇلمىسىدىن ئۆلىمالىقنىڭ ھەقىقىي ئوبرازىنىڭ شەكىلنى ئالدىنقى ئورۇن قويۇشتا ئەمەس، ئوقۇغان ئۇچۇر مەلۇماتلارنى بىلىمگە ئايلاندۇرۇش ۋە پاراسەت ئىگىلەشتە ئۆز مەنىسىنى تاپىدىغانلىقى، كىشىگە ھەقىقىي يارىشىقلىقنىڭ بىلىم ۋە پاراسەتتە گەۋدىلىنىدىغانلىقى ئۇرغۇلانغان. ھالبۇكى، IQسى (ئەقلىي ئىقتىدارى) بالاغەتكە يەتكەنلىكى ئىشەنچىسىز بۇ زاتى مۇبارەكنىڭ ساقال سۆزى ئارىلىشىپ قالغان جۈملىدىن يازما ئاپتورىنىڭ مۇددىئاسىغا ھۆكۈم پىچىۋېتىشى، يازما ئىگىسىنى «دىنىي ئادەملەرگە دۈشمەنلىكى بار، بىزگە بىر نەرسە دېگەنلىك دىنغا ھۇجۇم قىلغانغا ئوخشاش» دەيدىغان تېتىقسىز دىياگنوزىنى قويالىغانلىقى ھەقىقەتەن ئىلىم ۋە مەنتىقە نۇقتىسىدىن كۈلكىلىك بىر ئەھۋال. ئەمەلىيەتتە مەزكۇر يازمىدىكى جۈملە خۇددى ھەسەن بەسرىينىڭ «ئىمان قۇرۇق ئارزۇ - ئارمان بىلەن ياكى تاشقى قىياپەت (چىراي - تۇرقمۇ بۇنىڭ ئىچىدە − ت) نى زىننەتلەپ بېزەش بىلەن بولمايدۇ، ئىمان قەلبكە چوڭقۇر ئورنىسا (شەكىلگە ئەمەس ماھىيەتكە يىلتىز تارتسا − ت)، ھەمدە ئەمەل بۇ ئورنىغان ئىماننى راستقا چىقارسا (ئەمەلىيىتى ئىمانىغا ئۇيغۇن ھالدا ئىش - پائالىيەت قىلغانلىقىنى تەستىقلايدىغان ھالغا كەلسە)، ئاندىن ئۇ ھەقىقىي ئىماندۇر» دېگەن سۆزىگە مەزمۇن قۇرۇلمىسى ئېتىبارى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، تارىختا ھېچبىر ئۆلىما بۇ سۆزنى ئوقۇپلا ھەسەن بەسرىي بىرىنىڭ ئىمانىغا مېتىر قويۇپ ئەمەل قىلمىساڭ كاپىر بولىسەن، دېدى، دەپ چاپلاشقان ئەمەس. ئەگەر چاپلاشقان تەقدىردە ئۇنىڭ بۇ تۇتۇمى ئىلىم ۋە مەنتىقىگە توغرا كەلمەيلا قالماي يەنە ئۇنىڭ نورمال بىر مەتىننى ئوڭ تۇتۇپ ئوقۇش ساۋاتى بارلىقىغىمۇ گۇمان چۈشىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، بىرىنىڭ ئىسمىشەرىپى تىلغا ئېلىنمىغان ھالدا «ئۆلىمالىقنىڭ ئوبرازىنىڭ ساقالدا ئەمەس، ئىلىم - مەرىپەتتە ئىكەنلىكى، ئۆلىمالىق ئوبرازنىڭ كىشى يارىشىقىنىڭ تاشقى بېزىكى بولغان ساقالدا ئەمەس، ئىلىم - پاراسەتتە مۇجەسسەم تاپىدىغانلىقى» ئىپادىلەنگەن بىر ئابزاستىن «ساقال دۈشمىنى، دىن دۈشمىنى» خۇلاسىسى چىقىرىپ ئېسىلىشنىڭ ئۆزىمۇ تېتىقسىزلىق ۋە قوپال قىلىپ ئېيتقاندا، تەلۋىلىك، قاتماللىقتۇر. بۇ بىرىنچى نۇقتا.
2
ئىككىنچى نۇقتىغا كەلسەك، مەزكۇر «داموللا» زات ئاغزىدىن چۈشۈرمەي تەكرار ۋە تەكرار «ساقالنى ئەرنىڭ زىننىتى، بىزدەك ساقىلى بارلار سىزنى ھالاللىغان» دېگەن ياغلىق قاپاققا ئايلىنىپ كەتكەن جۈملىلەرنى ئۇرغۇلاش ئارقىلىق ئۆزىچە يازما ئىگىسىنى «موللا دۈشمىنى» دېگەن ئاساسسىز ھۆكۈمىگە يانداشتۇرۇپ تۆھمەت ئۈستىگە تۆھمەت ئارتىپ ئۈلگۈرىدۇ. بۇمۇ دىننى قاتماللىقنى ئىسلاھ قىلىش، ھىدايەت ئاسمىنىمىزنىڭ يۇلتۇزلىرىنىڭ ساقىتىلىۋاتقانلىقى، پەيغەمبەر مىراسىغا ساھىب چىقىدىغان ئىلىم قوشۇنىنىڭ يېتىشىپ چىقىشى كېرەكلىكى ھەققىدە تەكرار ۋە تەكرار ماقالىلىرىدە ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان مەندەك بىر يازارغا ياراشتۇرۇش ئۈچۈنمۇ تەلۋىلىككە يانداشقان داپيۈزلۈك، يەنە ئازراق دۆتلۈكنى ئۆتنە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنداقتا بۇ قەدەر قارا بىسچە تۆھمەت قىلىپ تۇرۇپ «دىن دۈشمىنى، ساقال دۈشمىنى» يارىتىشقا ئۇرۇنۇش ئارقىسىدا نېمە بار. ئەگەر ماڭا قالسا، ئەخمەقلىق بار، دەپ جاۋاب بېرىشتىن باشقا چارە يوق. چۈنكى، ساقال ماڭا كۆرە ئىسلام مەدەنىيىتىگە تەۋە ھەرقانداق كۈلتۈردە ئۆسۈپ يېتىلگەن ئەر كىشىلەردە پەرقلىق پاسون ۋە شەكىلدە زىننەت سۈپىتىدە قويۇلۇپ ئۇدۇملاشقان، ئەرلىك تۈس، خاراكتېر ۋە خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈشتە ئەڭ ئوبرازلىق ئالاھىدىلىك بولغان ئادەت بولغان، ھەمدە شەرئىي نۇقتىدىن فىقھىي ئەھكاملاردا ۋاجىپ ياكى سۈننەت تەرىقىسىدە پەرقلىق مەزھەپ ئەھلى ئارا ئەھمىيەت بىلەن ئەمەل قىلىنىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەر مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك ئوبرازىنى كۆركەملەشتۈرۈش، خاسلىق قوشۇش رولىنى ئۆتەپ كەلگەن ئەنئەنىلەردىندۇر. پەيغەمبەر دەۋرىدە ساقال ۋە بۇرۇت مەسىلىسى خىرىستىيان ۋە يەھۇدىيلارنىڭ چىراي شەكىل ئادىتىگە مۇخالىپەت يۈزسىدىن قانداق پاسوندا قويۇش كۆرسىتىپ بېرىلگەن. ئىسلامىيەت ئەرەب ئارىلىنىڭ سىرتىغا ھالقىغاندىن كېيىن پەرقلىق مىللەت ۋە كۈلتۈرلەردە شۇ مىللەت ئۆرپى ئاساسىدا ئومۇملاشقان. تا بۈگۈنكى ئۇيغۇر كۈلتۈر ۋە مەدەنىيىتى يېڭى زامان مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ دەھشەتلىك خىرىسىغا دۇچ كەلگەن، مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەگە مەھكۇم قالغان بىر دەۋرگىچە ساقال - بۇرۇت مەسىلىسى تەبىئىي جەرياننى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. ئاسارەت دەۋرىدىن كېيىن بۇ مەسىلە ياتلاشتۇرۇش سىياسەتلىرى تۈرتكىسىدە قايتىدىن ئۆتكۈرلەشتى ۋە ئىسلامىي كىملىكنى مۇھاپىزەت قىلىشتا دىيانىتى كۈچلۈك ئەرلەر ئۈچۈن سەزگۈر مەسىلىگە ئايلاندى. بۇ سەزگۈرلۈكنى جىددىي مەنىدە دىققەتكە ئېلىشتا، ھەمدە مىللىي تەركىبنىڭ بىر قىسمى بولغان ئىسلامىي خاسلىقنى ساقلاشتا ساقالنىڭ رولىنى ھېس قىلمايدىغان شالغۇت زىيالىيلار ۋە ساقالنىڭ شەرئىي ئەھكامىدىنمۇ بەكرەك «ئېڭەكتىكى تۈكنى مۇقەددەسلەشتۈرۈپ» باشقىلارنىڭ ئېتىقادى ۋە ئەخلاقىغا تون پىچىدىغان ھەمدە «ئېڭەكلەرنى تۈكلۈكلەشتۈرۈش» دەۋىتىنى بىرىنچى دەرىجىلىك دىنىي ۋەزىپە قىلىۋالغان بىر تۈركۈم چالا چالپاق تالىپچاق دىندارلاردىن باشقا ئومۇم ئۇيغۇر توپى قايسى يۇرتتا دىنىي كۈلتۈر ئاجىز ياكى كۈچەيسە شۇ خىل كۈچىيىش ۋە ئاجىزلىشىشقا قاراپ پاراللېل ھالدا ساقال ۋە بۇرۇت ئەنئەنىسىگە ئەمەل قىلىپ كەلدى ۋە چەتئەللەردىمۇ شۇ تەرىقىدە داۋام قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا ساقال مەسىلىسى ھەسەن بەسرىينىڭ يۇقىرىدىكى سۆزىگە ئۇيغۇنلاشقان ھالەتتە ئىسلامىي ئەنئەنە ساغلاملاشسا زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن مىللىي ئاڭنىڭ يۈكسىلىشىگە قاراپ ساقال بۇرۇت مەسىلىسى توقۇنۇش ۋە خىلاپىي مەسىلە بولۇش نۇقتىسىدىن چىقىپ تەبىئىي ھەل بولىدۇ. ئىسلامىي كۈلتۈر مۇھىتى يارىتىلمىسا، ساغلام ئىسلامىي ئاڭ مىللەتتە يۈكسەلمىسە، خۇددى خىتاي بىر مەزگىللەردە مەھەللىمۇمەھەللە قوغلاپ يۈرۈپمۇ، مەجبۇرىي چۈشۈرگۈزۈپ يۈرۈپمۇ مىللەتنىڭ يىگىت - ئەرلىرىنى ساقالسىز ۋە بۇرۇتسىزلاشتۇرۇشقا قايىل قىلالمىغاندەك، ساقال - بۇرۇتقا دائىر ھەدىسلەرنى بىرمۇبىر تەرجىمە قىلىپ ئۆيمۇئۆي كىشىلەرنىڭ كۆزىگە دىيەسلىتىپ تىقىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، كۇپۇر، پاسىق تەھدىتلىرىنى ئىشقا سېلىپ يۈرۈپمۇ قويدۇرالمىغان ساقالدىن ئالالمىغان دەردىنى بىراۋنىڭ ئىمانىغا مېتىر قويۇپ، ئەخلاقىنى جىڭغا سېلىپ كۆزگە كىرىشىۋېلىش بىلەن چىقارغان تەقدىردىمۇ ساقال - بۇرۇت مەسىلىسى ئۇنداق ئوڭاي ھەل بولمايدۇ. ئەسلىدىمۇ 90 – يىلدىن تارتىپ قاينىغان ساقالپەرۋەر ئېقىملارمۇ ھازىرغا قەدەر بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالىغىنى يوق. چۈنكى دۈشمەن قىلغۇلۇقنى قىلدى، بىز قىلىشقا تېگىشلىكنى لايىقىدا قىلىپ بولالمىدۇق، ھەم قىلمىدۇق. شۇڭا ساقال ۋە بۇرۇت مەسىلىسىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ۋەزىيىتى مۇشۇنداق. شۇڭا مەزكۇر زاتى مۇبارەك «داموللا» ھەزرىتىم بىراۋنى ساقال دۈشمىنى چىقىرىشتىن، ساقالدىن ئاتلىتىپ دىن دۈشمىنىگە چىقىرىشتىن ئاۋۋال تەنقىد يازمىسىنى ئاڭقىرالايدىغان بىرەر ئىستۇدېنتقا ئوقۇتۇپ بولسىمۇ چۈشىنىۋېتىپ گەپ قىلىشى، مۈجمەل بىلىنسە مۇھاكىمە قىلسا ياكى بولمىسا يازارنىڭ ئۆزىگە شەرھىلىتىۋېتىپ ئاندىن بىلجىرلىسىمۇ كېچىكمەيدىغانلىقىنى ئاڭقىرىشى كېرەك ئىدى. لېكىن ئۆزىنىڭ رەمبالچە تەخمىنىنىڭ پالچىدىنمۇ توغرا چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ قالغان، باشقىلارنى دۆت چاغلاپ تۇرۇپ «بىز ئۇنداق، بىز بۇنداق دەپ كۆپچىلىك نامىدا جار سالىدىغان» بۇ بومبا ساقال «داموللا»نىڭ ئۆزىگە قويغان تەمەننالىرى مەسىلە تەھلىل قىلىشتىكى كەم ئەقىللىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ قويدى. شۇنداق قىلىپ مۇبارەك ساقىلىنى ئۇدۇل كەلگەن زىيالىينىڭ رەگەتكە ئېتىپ ئوينايدىغان نىشان ئوبيېكتى چاغلاپ قالغان بۇ «داموللا» پىكىر ۋە نەزەر ئەھلىلىرى ئالدىدا كۈلكىگە قېلىشتىنمۇ ئەيمەنمەيدىغان دەرىجىدە جۆيلۈپ ئولتۇردى. مانا بۇ بۈگۈنكى داموللا ئاتلىقلارنىڭ پېتىپ ياتقان كىرىزىسلىرىگە گۇۋاھ بولىدىغان تىپىك ئۆرنەك ۋە جانلىق كۆرۈنۈشلەردىن بىرى.
3
ئۈچىنچى نۇقتىدىن مەن يازمىغا چۈشكەن ئىنكاستىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتكىنىمدەك يېزىلغان تەنقىد قانداقتۇر «مىللەتنىڭ ئۆلىماسى»غا قىلىنغان تەنقىد ئەمەس. ئەكسىچە يازما بىر رېئاللىققا تەسۋىر، شۇنداقلا مىللەت نەزەرىدە خىرەلىشىشكە، ئۇلارنىڭ نەزەر ئېتىبارىدىن چۈشۈشكە قاراپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئۆلىمالىقنىڭ خاراكتېرىگە كۈنىمىز ۋاقىئەلىرى ئاساسىدا چىراغ تۇتۇش، شۇنداقلا ئۆلىمالىق تونىدا قىلىنىۋاتقان ساپاسىزلىق، تومپايلىق ۋە گالۋاڭلىقلارغا قارىتىلغان بىر ئوبزور، خالاس! يازمىدا قويۇلغان گالۋاڭلىق ۋە دۆتلۈك ھەمدە ساپاسىزلىق دىياگنوزلىرى دەرۋەقە، تەنقىد ئوبيېكتىنىڭ تۇتۇملىرى، قىلىقى ۋە ئۆلىما ئوبرازىغا ياراشمايدىغان بەزى پوزىتسىيەلىرىگە قارىتىپ ئېيتىلغانلىقى مەلۇم. ئاياغ ئىزى ئاياغ ئىگىسىگە تەۋە بولغاندەك، مەزكۇر تەنقىدمۇ شۇ دىياگنوزغا لايىقلارغا تېگىشلىك بولۇشى كېرەك ئىدى. بىراق ئۆزىنى دىننىڭ خەلق سايلىغان ئادۋوكاتى ياكى بولمىسا ئۆلىمالارغا ۋاكالىتەن ئەھكام كېسىدىغان قازى كالانى چاغلاپ كۆنۈپ قالغان بۇ زاتى مۇبارەك «داموللا» يازمىنىڭ مۇددىئاسىنى ساقال ۋە دىن دۈشمەنلىكىگە چېتىپ ئىنتايىن دۆتلەرچە تەئۋىللەرنى قىلىپ ئولتۇرۇپتۇ. قىزىق يىرى شۇكى، ئەمەلىي رېئاللىق ۋە قارشى تەرەپنىڭ سادىر قىلىۋاتقان تۇتۇملىرىدىن يولغا چىققان ھالدا دۆتلۈك ۋە ساپاسىزلىق تەبىرلىرى بىلەن قىلغان بۇ تەنقىدىمدە ساقالنى پەقەتلا ئىلىم ۋە ئالىم مۇناسىۋىتىگە ئىستىئارە ياكى كىنايە شەكلىدە قوللانغان بولسام، ئىسلام تارىخىدا ئۆتكەن تالايلىغان ئىسلام ئۆلىمالىرى، مۇھەددىسلەر، فەقىھلەر ساقالنى بولۇشىغا قويۇپ يۈرۈشنىڭ، ئۇزۇن ساقال، بومبا ساقال قويۇۋېلىشنىڭ فىزىيولوگىيەلىك نۇقتىدىن كىشىنىڭ ئەخمەقلىقىگە، ئەقىلسىزلىقىغا، گالۋاڭ ۋە دۆتلۈكىگە دەلىل ئىكەنلىكى ھەققىدە كەڭرى توختالغان. يەنى مەن يازمامدا مۇئەييەن ئەخلاقىي تۇتۇم، پوزىتسىيە ۋە ئۆلىما ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرىدىغان ۋىدىيولۇق ئەمەلىي پاكىتى بار ئىشلارنى تۇتقا قىلىپ تەنقىدلىگەن بولسام، ئەھلى سۈننەتنىڭ ھەرقايسى مەزھەپ ۋە ئېقىملىرىدىكى مۆتىۋەر ئۆلىمالار نوقۇل بىرىنىڭ بومبا ساقال، ئۇزۇن ساقاللىق بولۇۋېلىشىنىڭ ئۆزىنىلا ئەخمەقلىق، ئەقىلسىزلىك، دۆتلۈك بىلەن دىياگنوز قويغان. ھەتتا ئۇيغۇرلاردا «ئېگىز ئادەم ئەخمەق كېلىدۇ» ئىدىيومىغا ئوخشاشلا «ساقىلى ئۇزۇن ئەخمەق كېلىدۇ» دەپ قارىغان ۋە ھەتتا ئەھلى ھەدىس مۆتىۋەرلىرى بومبا ساقاللىقلاردىن، ئۇزۇن ساقاللىقلاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلىشتا ئېھتىيات قىلىشقان، بەزى زەئىپ راۋىيلارغا جەرھ - تەئدىل قائىدىسىدە باھا بېرىشتە «ساقىلى ئۇزۇن ئەخمەق كېلىدۇ» دەپ دىققەت قىلىشقان. بۈگۈننىڭ تىلىدا ئىپادىلىسەك، ئەھلى سۈننەت ئۆلىمالىرى مىڭ يىل ئاۋۋاللا ئۇزۇن ساقاللىق، بومبا ساقاللىق كىشىنىڭ ئىلمىگە ئىشىنىپ كەتكىلى بولمايدىغانلىقىغا دىققەت تارتقان. مەسىلەن تۆۋەندىكى نەقىللەر بۇ نۇقتىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ:
(1) ئىبنى ئابىدىن ئەلھەنەفىي مۇنداق دەيدۇ: ئىمام تەبەرانىي مەرفۇئ دەرىجىلىك بىر رىۋايەتتە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: «ساقالنىڭ شالاڭلىقى كىشىنىڭ بەختىيارلىقى جۈملىسىدىن»، دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان. چۈنكى، ئۇزۇن ساقال قويۇۋېلىشنىڭ كىشىنىڭ گالۋاڭلىقىغا دالالەت بولىدىغانلىقى مەشھۇردۇر.
(2) مۇھەددىس ئىبنى ھىبباننىڭ ئىشەنچىلىك سەنەدلەر بىلەن كەلتۈرگەن بىر رىۋايىتىدە مۇئەممەل ئىبنى ئىسمائىل شۇنداق دەيدۇ: مەن ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفەنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: (دانالار) ئېيتماقتىكى، ساقالنى ئۇزۇن (بولۇشىغا) قويىدىغان كىشىلەر ئەقىلسىز كېلىدۇ.
(3) ئىبنى نۇجەيم ئەلھەنەفىي ئېيتىدۇ: ساقالنى بولۇشىغا قويۇپ يۈرۈشمۇ چىراي - تۇرقتىكى بېشارەتلەرگە دالالەتتۇر. چۈنكى ساقالنىڭ ئۈنىدىغان يىلتىزى مېڭىگە تۇتۇشىدۇ. ساقال ئۇزارغانچە مېڭە ۋىجىكلەپ ماڭىدۇ. مېڭە ۋىجىكلىگەنچە ئەقىلمۇ يىگىلەشكە باشلايدۇ. كىشىنىڭ ئەقلى يىگىلىسە كالۋالىشىدۇ.
(4) ئەلىي ھەيدەر ئەلھەنەفىي مۇنداق دەيدۇ: ئۇزۇن ساقال قويۇۋېلىش كىشىنىڭ ئەخمەقلىقىنى كۆرسىتىدىغان تىپىك ئالامەتتۇر.
(5) ئىمام ئىبنۇلجەۋزىي «ئەخمەقلەرنىڭ تەق - تۇرقىدىكى ئالامەتلەر» دېگەن بابتا مۇنداق دەيدۇ: بىراۋنىڭ ئەخمەقلىقى تۇرقىدىن چىقىپ تۇرىدىغان ۋە ھۆكۈم قىلىشتا ئالدىراپ خاتا كەتمەيدىغان ئالامەتلەردىن بىرى، ئۇزۇن ساقاللىقى (ساقالنى بولۇشىغا قويۇۋېتىشى) دۇر.
(6) ئىبنۇلجەۋزىي يەنە مۇنداق دەيدۇ: مۇئاۋىيە بىر كىشىنى ئەيىبلەۋېتىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: سېنىڭ ئەخمەق، كاللىسىنىڭ دەردى بار بىرى ئىكەنلىكىڭگە قويۇۋالغان مۇشۇ ئۇزۇن ساقىلىڭنىڭ ئۆزىلا گۇۋاھ بولۇپ تۇرۇپتۇ».
(7) ئىمام مۇزەنىي مۇنداق دەيدۇ: مەن ئىمام شافىئىيدىنمۇ پاكىز چىراي كىشىنى كۆرمىدىم. ئۇنىڭ ساقىلىنى تۇتاملىسىمۇ بىر تۇتامدىن ئېشىپ كەتمەيتتى.
(8) ئىبنۇلجەۋزىي يەنە مۇنداق دەيدۇ: زىياد ئىبنى ئەبىيھ مۇنداق دېگەن: ساقال بىر تۇتامدىن ئېشىپلا كەتسە ئەقىلمۇ شۇنىڭغا بېقىپ كەملەپ ماڭىدۇ.
(9) ئىبنۇلجەۋزىي يەنە مۇنداق دەيدۇ: ھۆكۈمالار شۇنداق ئېيتقان: ئەخمەقلىق ساقالنىڭ ئوغۇتى. كىشىنىڭ ساقىلى ئۇزارسا ئەخمەقلىقلىرىمۇ كۆپىيىپ ماڭىدۇ.
(10) خەلىپە مەئمۇن ئېيتىدۇ: كىشى ساقالنى بولۇشىغا قويۇۋەتكەنچە ئۇزىرىۋاتقان ساقالغا بېقىپ ئەقلىمۇ كالتە پەملىشىپ كېتىدىكەن. مەن ئۇزۇن ساقاللىقتىن ئاقىل ئادەم چىققىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم.
(11) ئىمام ئىبنى سىيرىن مۇنداق دېگەن: ئەگەر بومبا ساقال بىرىنى كۆرسەڭ ئۇنىڭ ئەقلىدە چوقۇم مەسىلە باركەن، دەپ بىل!
(12) ھەدىس راۋىلىرىدىن مەشھۇر تابىئىن ئۆلىما مالىك ئىبنى مىغۋەل مۇنداق دەيدۇ: ساقىلىنى ئۇزۇن ۋە قىسقا ئارلىقىدا قويماي بولۇشىغا قويۇۋالغان كىشىنى كۆرسەڭ، دېمەك بۇ ئۇنىڭ كاللىسىنىڭ دەردى بارلىقىدىندۇر.
(13) مەشھۇر مۇھەددىس ۋە بۈيۈك فەقىھلەردىن تابىئىن ئۆلىما ئىبراھىم نەخەئىي مۇنداق دېگەن: ئەقلى تۈزۈك كىشىنىڭ ئۇزۇن ساقال قويۇۋېلىشىغا ھەيرانمەن. ساقال دېگەننى ئۇزۇن ۋە قىسقا ئارىلىقىدا قويمامدۇ. ھەر ئىشتا ئوتتۇراھال بولغان ياخشى.
(14) ھەدىس راۋىلىرىدىن تابىئىين ئۆلىما ھەسەن ئىبنى ئەلمۇسەننا مۇنداق دەيدۇ: مەن ئاللاھ چۈشۈرگەن كىتابلاردىن بىرىدە مۇنداق دېيلگەنلىكىنى ئۇچراتتىم: ساقال سىلەرنى مەغرۇرلاندۇرۇپ قويمىسۇن، چۈنكى، ساقال دېگەن ئۆچكىدىمۇ بار.
(15) ئەھلى ھەدىس پېشۋالىرىدىن ئىمام ئەبۇ داۋۇدتىن ئەبۇ ئىسرائىل مەللاۋىي دېگەن راۋى خۇسۇسىدا سورالغاندا، ئەبۇ داۋۇد: بۇ كىشى ھەققىدە ھۇسەين ئەلجۇئفىيدىنمۇ سورالغان. ئۇ ئەبۇ ئىسرائىل توغرۇلۇق: ئۇزۇن ساقال ئىدى. ئەخمەقكەن، دېگەن ئىدى، دەپ جاۋاب بەرگەن.
(16) مۇھەددىسلەردىن ئىمام ئىجلىي ھەققىدە سەئىد ئىبنى مەنسۇر مۇنداق دەيدۇ: مەن ئىجلىيغا سالىم ئىبنى ئەبى ھەپسەنى كۆرگەنلىكىمنى ئېيتتىم، ئۇ: شۇنداق، مەنمۇ ئۇنىڭ ساقالنى ئۇزۇن قويۇۋالغانلىقىنى كۆردۈم. ئەخمەق بوپتۇ، دېدى.
مانا بۇلار كىلاسسىك مەتىنلەردە ئوچۇق دېيىلگەن، ئەھلى سۈننەت ئۆلىمالارنىڭ ئەسەرلىرىدە ۋە باشقا تالايلىغان ئەدىبلەرنىڭ شېئىرلىرىدا، ھېكايە - داستان ۋە لەتىپىلەردە كەڭ ئورۇن تۇتقان مەزمۇنلارنىڭ ئىچىدىكى ئازلا بىر قىسمى. ئەگەر ئۆلىما ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈۋاتقانلىققا دائىر تەنقىدلەشكە توغرا كەلسە، مەزكۇر داموللا ئاتىقىدا ئەھكام كېسىپ يۈرۈۋاتقان زاتى مۇبارەكنىڭ ۋەتەندىكى ئەنئەنىۋى ئۆلىمالارنىڭ كىيىنىشىدىن پەرقلىق پاسون ۋە بومبا ساقالدا سەفاكۆيدە كوچىمۇكوچا مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ كۆزىگە پۇتلىشىپ يۈرۈۋاتقانلىقىنىڭ ئۆزىلا يۇقىرىقى ئالىملارنىڭ دىياگنوزى بويىچە ئەخمەقلىقنى سازايە قىلغانلىق؛ فەقىھلەر تىلىدا گالۋاڭلىق؛ ئىمام ئەزەمنىڭ سۆزى بويىچە ئەقىلسىزلىق؛ ئىبنۇلجەۋزىيدەك سەلەفىي مۆتىۋەر نەزەرىدە گەلدەڭ (گالدىگۇلدۇڭ)؛ ئىمام ئىبنى سىيرىن تىلىدا كاللىسىدا دەردى بار؛ ئەھلى ھەدىس مۆتىۋەرلىرى نەزەرىدە بولسا، رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە شەك قىلىشقا، ئىلمىنىڭ توغرىلىقىغا گۇمان قىلىپ مۇئامىلە قىلىشقا بولىدىغان بىرسى، دېيىشكە توغرا كېلىدۇ. ئەجەبا مىڭ يىل بۇرۇن ئەھلى سۈننەت ئالىملىرى ساقالنى بولۇشىغا قويۇۋېتىشتەك بىر تەق - تۇرق مەسىلىسىدە كىشىنىڭ خاراكتېرىگە، ئەقلىي ئىقتىدارىغا گۇمان قىلغان ۋە مەسىلىگە تەنقىدى نەزەردە قاراپ يۇقىرىقىلارنى ئېيتقان بولسا، بۈگۈنكى دىن بىلەن ئۆزىنى بىر ئورۇنغا قويۇپ تۇرۇپ يوغان سۆزلەيدىغان، ئۆزىنى تەنقىدلەشنى دىنغا ھۇجۇم قىلغانلىق دەپ كۆرۈرمەنلەرگە دۈشمەن ياساپ ئويناشقا مەپتۇن ئۇزۇن ساقاللىق داموللا ئاتلىقلارنىڭ قىلمىش - ئەتمىشلىرىگە نېمە دەر؟!
زاكون تەرىقىسىدە ئېيتساق، تارىختىن بۇيانقى ھەقىقىي ئىسلام ئۆلىمالىرى كىشىنىڭ تەق - تۇرق ئوبرازىدا بىنورماللىشىشنىڭ ئۆزىنىلا گالۋاڭلىق، ئەخمەقلىق بىلەن ئەيىبلىسە، كىشىلىكىگە باھا قويسا گەپ يوق، پېقىر ئىسلامنىڭ ئىلىم ۋە ئۆلىما ئەنئەنىسىنى بۇلغاۋاتقانلارغا تەنقىد يازسام، ھەقىقىي ئۆلىما ئوبرازىغا توغرا كەلمەيدىغان ئەمەلىي رېئاللىقلارنى قامچىلاپ تەنقىدلىسەم، ئۆلىما دۈشمىنى، دىن دۈشمىنى، ساقال دۈشمىنى بولۇپ قالامدىمكەن؟ ئەلئىنساپ....!
خاتىمە
يۇقىرىقىلار پەقەتلا زاكون نۇقتىسىدىن دېيىلىۋاتقان بولسىمۇ، بۈگۈنكى رېئاللىقىمىزدا بىنورمال ۋەزىيەت ھەقىقەتەن ئېغىر. شۇنىمۇ دېمەي بولمايدۇكى، بۈگۈن ئاۋاملارغا قارىتا قاتماللىق، ئاڭلىقلىق، ساغلام روھىيەت، ساغلام زېھنىيەتتىن سۆزلەپ ئېغىز ئاچقۇدەك يەر قالمىدى. چۈنكى، مۇئەييەن جامائەتنى كەينىگە سېلىپ يۈرۈۋاتقان، ئۆزىنى «دىنىي ئەدەم» (ئەسلىدە دىنىي ئادەم ئۇقۇمىمۇ خىرىسىيان پوپلىرىغا قارىتىلغان ۋە پىروتېستانچىدىن ئۇدۇل تەرجىمە بىلەن كىرىپ ئىسلام دۇنياسىدا ئومۇملىشىپ قالغان بىر ئۇقۇم) دەپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتقانلارنىڭ تىل ساپاسى، شەرئىي ئىلىم ساپاسى، ئەخلاقىي تۇتۇمى ئوتتۇرىدا. قۇرئان ۋە ھەدىستىن دەپ ئاڭلىتىۋاتقان، سۆزلەۋاتقان تەبلىغلىرى پۈتۈنلەي تەرجىمىدىن، تەييار كىتابلاردىن تەقلىد شەكلىدە ئاغدۇرۇشتىن كەلگەن، كۆپىنچىسى نەچچە ئەسىر بۇرۇنقى دەۋر مۇھىتىغا قارىتا ئىشلەپ چىقىرىلغان ئىزاھات ۋە بايانلارنىڭ بۈگۈنگە ئۇدۇل ئاغدۇرۇلۇشى، خالاس. بۇنداق ئۆلۈك موللىلىق باش كۆتۈرسە، پالانچى ئىسلام ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇغان قالپىقىغا چۈشلۇق شۇ يەرنىڭ ئىلىمىي تەتقىقات مېتودى بويىچە بولسىمۇ ئىزدىنىشقا ۋە تەتقىقاتقا قول ئۇرغۇدەك ماغدۇر بولمىسا، ۋەز بىلەن دىننى ئىھيا قىلىش خام خىيالى بىلەن ياكى بولمىسا جامائەتنى ۋەزگە باغلاپ تۇتۇپ تۇرۇشنى دەردى قىلىۋېلىش بىلەن ھەقىقىي مەنىدىكى مىللىي ئاڭ، ئىسلامىي كىملىك قايتا بەرپا بولالمايدۇ. مۇستەقىل خاراكتېر، مەنتىقىلىق تەپەككۇردىن مەھرۇم بۇنداق خۇنۈك ئۆلىمالىق ئۈنئالغۇ ياكى كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دىسكىسىغا ئوخشىتىلماي، نېمىگە ئوخشىسۇن!؟ دەل مېنىڭ تەنقىدى يازمىلىرىم مانا مۇشۇنداق شەكىلۋاز ئۆلىمالىقنى بازارغا سېلىپ دىنغا ئىگە چىقىشنىڭ دىننىڭ تەلەپ - روھىغىمۇ توغرا كەلمەيدىغانلىقىنى، بۇ دىننى مۇجتەھىد ۋە مۇجەددىد مەرتىۋىسىدە تۇرۇپ يەتكۈزۈشكە تىرىشىپ ياشىغان ئابا - ئەجدادىمىزنىڭ ئىش - ئىزلىرىغىمۇ ئۇدۇل كەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش مۇددىئا قىلىنغان. ھەققىنى بېرەلمەيدىغان ئۆلىمالىقنى زورلاپ ئۇنۋان قىلىپ شۆھرەت شورپىسىغا نان چىلاپ يېيىشنىڭ كويىغا چۈشكەندىن، كەمتەرلىك پەزىلىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىمام مالىك ئېيتقان «مەن بىلمەيمەن» فىقھىسىنى دادىل تەتبىقلاپ ياشاشتىن، ئىلمىي ساپاسى يۇقىرى، پىكىر - ئىدىيەسى قاتماللىقتىن خالىي بولغان ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ يولىنى ئېچىشقا بولسىمۇ خىزمەت قىلىشتىن، ئۇلارغا يېڭى ئەۋلاد ئالىم - ئۆلىمالارنى تەربىيەلەپ چىقىش پۇرسىتى يارىتىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتىنمۇ ئارتۇق ئىلىمسۆيەرلىك، دىنغا ساھىبلىنىش ۋە مىللىتىگە كۆيۈنۈش بولسۇنمۇ!؟
شۇنى تەكىتلەيكى، بۈگۈنكىلەرنىڭ پەيدا قىلىۋاتقان خاراكتېر كىرىزىسى ئەتىكىلەرنىڭ بۇ ئىلىم ۋە دىن كاتتىۋاشلىرىغا بولغان تونۇشىغا جەزمەن تەسىر قىلىدۇ. ھەقىقىي ئۆلىمالار ئۆز ئىشىنى تېپىپ قىلىشنى بىلىپ مىللەتنى ھەقىقىي ئىلىم ۋە فىقىھ مىراسىدىن بەھرىمەن قىلىشنى، ئۇلارنىڭ ئىسلام ئەنئەنىسى ئاساسىدا نەمدىلىپ كەلگەن فىترىتىنى ھىدايەت بۇلىقى بىلەن سۇغۇرۇپ تۇرۇشنى بۇرچ قىلمايدىكەن، ئىلمىي ساپا - سەۋىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ياكى شۇنداقلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا خىزمەت قىلمايدىكەن، تەجرىبىڭىز بولمىغان، ساھەسىدە ئوقۇپ ئۆزىڭىزنى يېتىشتۈرۈپ چىقمىغان بىر ساھەگە قوتانغا باغلانغان قويدەك باغلىنىپ كىمدىن پايدا كەلسە شۇنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناپ يۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىدىكەنسىز بۇ ئىلىم مىراسى، فىقىھ مىراسى، نۇبۇۋۋەت مىراسى دات بېسىپ مىللەت ئەۋلادلىرى قوينىدىن سۇغۇرلۇپ كەتكىنى كەتكەن. سوغۇقتا كىم دەسلەپ يېپىنچا سۇنسا شۇنىڭ يېپىنچىسىنى كەيمەي مۇمكىن ئەمەس. سىز ئىسلام ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ تۇرۇپ ۋە بۇنى قىلىۋاتقىڭىزنىمۇ ئاڭقارماي تۇرۇپ خەلقىمىزدە ئىسلام ئانداق بولۇپ كەتتى، ياشلىرىمىز مانداق يولغا كىرىپ كەتتى دەپ شىكايەت قىلىش، ئاغرىنىش ھەققىڭىز يوقتۇر. شۇنداقلا بۇنىڭ چوڭ بىر ئۈلۈش مەسئۇلىيىتىمۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىققاندا سىزنىڭ ئۈستىڭىزدە بولىدۇ. چۈنكى رېئاللىقتا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار قانۇنىيەت بىلەن دەۋرى قىلىدۇ. سىز ئىشىڭىزنى جايىدا قىلمىسىڭىز، يات دىن ۋە مەدەنىيەتتىن ئىشىنى جايىدا قىلىدىغانلار چوقۇم چىقىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ نېمەت قىلىپ بەرگەن ئىسلامپەرۋەر ياشلارنى، سىزنى ئالىم ۋە ئۆلىما دەپ ئويلاپ ئەگىشىپ ماڭغان جامائىتىڭىزنى بىر ئەۋلادقا قالمايلا پاك - پاكىز ئەتراپىڭىزدىن توزۇتىسىز. چۈنكى قانۇنىيەت بۇ. «ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولغاچ سەن ئۇلارغا (ساھابلىرىڭگە) سىلىق مۇئامىلىدە بولدۇڭ؛ ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بىرى بولساڭ ئىدىڭ، ئۇلار سېنىڭ ئەتراپىڭدىن (ئاللىقاچان) توزۇپ كەتكەن بولاتتى. [ئال ئىمران سۈرىسى 159 – ئايەت.]
قىسقىسى، قارشىسىدىكى نەزەر ئەھلىلىرىنىڭ ئوبزور - تەنقىدلىرىگە چىداشنى بىلمىگەن، تەنقىدنى قانداق ئۇسلۇبتا قوبۇل قىلىشنى ۋە قانداق تەرزدە ئوبزور ئوقۇشنىمۇ بىلمەستىن تاشلىنىۋاتقان تەنقىدىي پىكىرلەرنى نەزەرگە ئالمايدىغان، ئەكسىچە ئۆزىنى دۇشمەن تۇتقانلىق بىلەن جۆيلۈيدىغان دەرىجىدە قاتمال زېھنىيەت بىلەن بۇ مىللەتكە ئۆلىمالىق قىلىپ بولمايدۇ. ھەم ئۆلىمالىق نامىدىكى بۈگۈنكى قۇرۇق ھەيۋە ۋە خۇنۈكلىشىۋاتقان ئوبرازمۇ ھەقىقىي ئىلىم قوشۇنى بەرپا بولغان كۈن يەر بىلەن يەكسان بولۇشقا، تارىخ بېتىدىن سۈپۈرۈلۈپ تۈگەشكە مەھكۇم. ئۆلىما ئاتلىقلاردىن ئىز قالدى دېگەن تەقدىردىمۇ ئۇلاردىن مىراس قالىدىغىنى پەيغەمبەر مىراسى بولماستىن بەلكى ساپالىق ئەۋلادلار ئىچى پۇشقاندا ئىبرەت - ساۋاق تەرىقىسىدە چىداپ ئولتۇرۇپ كۆرۈپ قويىدىغان بىر دۆۋە ۋىدىيو ھۆججەتلىرى، تۇزسىز ۋەز كالاملار قالىدۇ، خالاس! خۇددى رەئد سۈرىسىدە ئىما قىلىنىغىنىدەك، كۆپۈكلۈك سۇ يۈزىدە لەيلەپ ئېقىپ تۈگەيدۇ. ئەمما ئىنسانلارغا نەپ بېرىدىغان ھەر نەرسە ھەمىشە ھاياتيىلىقىنى زېمىندا مەۋجۇت قىلىپ تۇرىدۇ.
− بۇرھان مۇھەممەد
2021-03-17
---
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
Tawbikar Zumba
سىزگە ئوڭ گەپمۇ، ياخشى گەپمۇ يېتىشتۈرۈپ بولالماي كەتتىم. ئابدۇرېھىم دۆلەت ماقالىسىنىمۇ ئوڭ تۇتۇپ ئوقۇغان بولسىڭىز، ئۇ چېرتيوژنىڭ گەلدەڭ داموللىلىققا تەتبىقلىنىدىغانلىقىنى بىلەتتىڭىز. يەنە خاتا تەتبىقلىۋاپسىز. گەپ شۇ: بىزەڭلىكنىڭمۇ چېكى بولىدۇ. يېزىشقان ئىنكاسلاردا ھەممە گەپ دېيىلىپ بولغانكىن، دەيدىغىنىڭىزنى دەۋېلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆز پىكرىڭىزنى ساقلاپ قالسىڭىز بولىۋېرىدۇ. گەپ چايناپ ئىش ئۆگىتىشىڭىز ئارتۇقچە. ۋاقتىمنى سىزدەك ئىسراپ قىلغان بىر ئىنكاسچى سەھىپە قۇرۇلۇپ چىقمىغانكەن. دەيدىغاننى دېيىشىپ خوش، خۇداغا ئامانەت دېيىشىپ بولغانكىن بولدى. بۇنداق ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ئاۋۇتقۇچە يۇتيۇبقا كىرىپ ئابلىكىم كەلكۈننىڭ نەچچە خوشلىشىپمۇ گېپىنى تۈگەتمەي كىرىشىۋالىدىغانلارغا ئاتاپ يازغان «ۋالاقتەگكۈر» ناملىق بىر ئىتوتى بولىدىغان، شۇنى كۆرگەن تۈزۈكرەك. ئاخىرقى قېتىم خۇدايىمغا ئامانەت!
Ahmed Ali
نەقىللىرىڭىزنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز، ئىزدىنىپ باقايلى. يىغىشتا خېلى كۈچ سەرپ قىلغاندەك تۇرىسىز.
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
Ahmed Ali
ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىشنى سۈپلەپ ساقايتىشنىڭ ئورنىدا ئېغىزنىڭ ھورى ياكى بولمىسا مۇنداقلا قول ئۇچىدىكى ئىش دەپ چاغلاپ قالغان «ھىممەتلىكلەر» ئۆزىنى ئۇپرىتپ ھارمىغاي دەپ، ئاتايىن مەنبەگە يىپ ئۇچى بولىدىغان كىتابنىڭ رەسىمىنى تېما ئاستىغا چوڭ قىلىپ چىقىرىپ قويغان. ۋاقتىڭىز يەتسە ئېغىر كۆرمەي ۋاراقلاپ كۆرگەيسىز.
Ahmetcan Ebeydullah
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !بۇرھان ئەپەندى ،سىز ئاشۇرۋەتتىڭىز ئەمدى بولدى قىلىڭ ! تېڭىرقاپ قالغان خەلقىمىزنى يەنىمۇ تېڭىرقاشقا دۇچار قىلماڭ !مەلۇم كىشىگە شەخسى ئاداۋىتىڭىز بولسا، ئۇنىڭغا خەلقىمىز ھۆرمەتلەپ كىلىۋاتقان ئالىم -ئۆلىما ،داموللا دىگەن ئاتالغۇلارنى ،ۋەساقاللارنى چىشلەپ تارتىپ ھاقارەت قىلماڭ !شەخسى ئاداۋىتىڭىز بولمىسا بۇلارنى خونۇكلاشتۇرۇشنىڭ نىمە ئورنى بار ؟ ھەممە ئىشنىڭ ئۆلچىمى بولىدۇ ، سىز ئىجابى تەنقىت قىلماقچى بولسىڭىز ھاقارەت تۈسى ئالغان سۆزلەردىن يىراق تۇرۇڭ ، سىزنىڭ قىلغان قىياسلىرىڭىز توغرىمۇ خاتامۇ بۇنى ئويلۇنۇڭ ، ئەڭ مۇھىمى سىز ئۆزىڭىزنى ئاشكارلىماي مەلۇم تەبىقىنى، ياكى مەلۇم كىشىنى ھاقارەتلەپ ،
بۇنداق ئەدەبىياتچىلىق قىلىپ نىمە مەقسەتكە ئىرىشمەكچى ؟ سىزنىڭچە ئۆلىمالار ،داموللاملار قانداق بولىشى كىرەك ؟ بۇلارنى پەرىشتە بول دىمەكچىمۇ ؟ بۇلاردا خاتالىق بولسا ئۆزىگە دەڭ! تۈزەتمىسە ئاندىن قىلمىشىنى ئەيىپلەڭ ،تەنقىدلەڭ . شەخىسنى ئەمەس ،
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەممىڭلار خاتالىشىشىسلەر خاتالاشقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى خاتالىقىنى تۇنۇپ خاتالىقىدىن يانغۇچىلار دىگەن ، سىزنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىڭىز كۈچلۈك ئىكەن بارىكاللا !لىكىن ئاللاھ ئاتا قىلغان بۇ قابىلىيىتىڭىزنى توغرا قىلسۇن خاتا قىلسۇن ،دىن ،ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن تىنماي ھەركەت قىلىۋاتقانلارغا قاراتماي .ئىجابى تەنقىتلەرنى قىلىپ ئاكتىپ ئىنىرگىيە تارقاتسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتى ،
سىز باشقىلارنىڭ دۇنيالىقىنى بۇزۇپ ئۆزىڭىزنىڭ ئاخىرەتلىگىنى بۇزماڭ ،قالغىنىغا ئۆزىڭىز ياخشى ئويلۇنۇپ بېقىڭ !
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
Ahmetcan Ebeydullah
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ۋەز - نەسىھىتىڭىز تېگىل بولدى. تەنقىد يازسىلا شەخسىي ئاداۋەت، غەرەز دەپ تەپسىرلەيدىغان ئىشتىن سىز بولسىڭىزمۇ قۇتۇلۇپ تۇرسىڭىز ئىلىمىي ھاۋانىڭ ساپلىشىشىغا بولسىمۇ بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇلۇپ قالار ئىدى. گەپ ئېنىق، ھەركىم ئىلىمىنىڭ مەسئۇلىيىتىگە جاۋابكار. ئىگىزدىن قورققان تامغا چىقمايدۇ. تۆمۈردىن قورققان پويىزغا. گەپنىڭ مېغىزىنى چاقالايدىغانلار چاقىدۇ. چاقالمىغانلار شاكال شۈمۈپ ئېغىزىغا تېتىغان تەم بويىچە تەسىراتىنى سۆزلەيدۇ. بىلجىرلاشنىمۇ ھۆرلۈك ھېسابلايدىغان دەۋردە ياشاۋاتقاندا، بىر يازمىنى ھەممىنىڭ بىر خىل چۈشىنىپ ھەزم قىلالماسلىقى تەبىئىي. خاۋاتىردا بولمىغايسىز!
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى