ئۇ كېمىدە يافەسمۇ بار ئىدى
ئۇ كېمىدە يافەسمۇ بار ئىدى
خېمىرتۇرۇچ ۋەتەندە، جەۋھەرلەر ۋەتەندە، نۇھنىڭ كېمىسىدىكىلەر ۋەتەن ئىچىدىدۇر. مەۋجۇتلۇق قۇرتۇلۇشىنىڭ كاپالىتى بولسا، ئۇشبۇ كېمىنىڭ ئەھلىگە مەنسۇپلىنىشكە، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ خېمىرتۇرۇچى بىلىپ ھەرىكەت قىلىشقا باغلانغاندۇر. دەرۋەقە، نۇھنىڭ كېمىسىدىكىلەر ھەقىقەت ئەھلى ئىدى. كېمە سىرتىدا قېلىپ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاشقا تەمەننا قىلغانلار تەرىپىدىن يېتىم قالدۇرۇلغانلار، يەكلەنگەنلەر، ئەڭ ئېغىر قىينىلىشنى باشتىن كەچۈرگەنلەر ئىدى. كېمىنىڭ قۇرۇلۇشىدا، رەھبەرلىكىدە بولسا، كۈرەش يولىدىن ھارمىغان ۋە ھەقتىن تەۋرىمەسلىكتە مىڭ يىلغا تۇتاشقان كۈرەش مۇساپىسىدىن ئابىدە تىكلىگەن ئۇلۇغ ئاتا نۇھ ئەلەيھىسسالام بار ئىدى. ئۇنىڭ سېپىدە ئەجدادىنىڭ ھەق يولىنى تاللىغان دانا ئەۋلاد بولمىش يافەسمۇ بار ئىدى. مەھمۇد كاشغەرىيدىن مۇللا مۇسا سايرامىغىچە بولغان ساپ ئەجدادنىڭ مىللەت ۋە ئىرق يىلتىزى ھەققىدىكى مېتافىزىك تارىخ شەجەرىسىنى دىققەتكە ئالغىنىمىزدا يافەس روھى ۋە بۇ روھنىڭ ھەقىقىي زۇررىيات (ئەۋلاد) لىرى، ھەقدار ۋارىسلىرى ھېلىھەم ۋەتەندە. بۇ ۋەجىدىن كېمە سىرتىدىن نىجاتلىق ئىزدىگەنلەرنىڭ، كېمىدىكىلەرنى يوق ساناپ ئايرىم قولۋاق ياساش خىيالىدا پايپىتەك بولۇۋاتقانلارنىڭ كېمىنىڭ سىرتىدىن قۇرتۇلۇش يولى تېپىشنى چۈشەۋاتقان كەنئان زېھنىيەتلىك زۇررىياتلار ئىكەنلىكى شۈبھىسىزدۇر. توپانغا قارشى ئالماقچى بولغان تەدبىرى ئېگىز تاغلارغا چىقىۋېلىپ كەلكۈننى سىرتىدىن تاماشا قىلىش ۋە كېمىدىكىلەرگە ئىشەنچ قىلمىغان كەنئاننىڭ زېھنىيىتى ئەمەلىيەتتە ئۇنى كېمىدىن، يەنى نىجاتلىقتىن ئەبەدىي مەھرۇم قىلدى. بۇ زېھنىيەت ئۇنىڭغا ھالاكەتنى توغرا يول قىلىپ كۆرسەتتى ۋە كەنئان ھەل قىلغۇچ پەيتتە كېمىدىن سەكرىۋېلىشنى تاللاش ئارقىلىق ئۆز تۇتۇمىنى ئىپادىلىدى. مانا بۇ تىپىك كەنئان زېھنىىيىتىدۇر. سىياسەتنى كەنئان زېھنىيىتىدە تۇرۇپ ئويناشنى سىناۋاتقانلارمۇ مەزكۇر كېمە ئەھلىنىڭ يىغا – زارىلىرىغا، ئارزۇ - ئارمانلىرىغا تەڭكەش بولۇشنى تاللىماي كېمىنى تېشىۋېتىش كويىدا يۈرگەنلەرنىڭ، كېمىنى رەت قىلىپ توپانغا ئۆزلىرىنىڭ خام - خىياللىرى بويىچە نىجاتلىق ئىزدەپ سەكرىۋېلىش نىيىتىدە بولغانلارنىڭ زېھنىيىتىگە ئەسىر بولۇپ قالغانلاردۇر. كېمە سىرتىدىن قولۋاق ياساپ شۇنىڭدا جان بېقىشنى مەۋجۇتلۇق ساناشنى، ئۆزلىرىنى خېمىرتۇرۇچ ھېسابلاپ كېمىگە يوشۇرۇن سۇيىقەست قىلىش خاھىشىدىكىلەر بىلەن لەپەرداشلىقنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى تاللاۋاتقانلار ھەقىقەتتە يافەسنىڭ زۇررىياتلىرى بولۇشقا، ھەقىقىي مەنىدە خېمىرتۇرۇچ بولۇشقا، غولنىڭ پارچىسى، بىر ئەزاسى بولۇشقا ئەسلا سالاھىيىتى يوقلۇقىنى جاكارلىغانلاردۇر. ئاۋۋاللىق دەردى كېمىدىكىلەر بولمىغان، ئەكسىچە ئۆزىنى گويا كېمىدىكىلەردىنمۇ بىخەتەر ساناپ كېمىگە ئالتېرناتىپ «كېمە» ياساپ چىقىپ شۇنىڭ بىلەن ئامان قىلىشنى چۈشەكەپ يۈرگەن بەڭۋاشلاردۇر. ھالبۇكى، نۇسرەت ۋە نىجاتلىق كېمە ئىچىدىكىلەرگە جور بولۇشتا، ھەق يول بولغان نۇھنىڭ مۇجادىلىسىگە بولغان ئىمانىدا سادىق بولغانلار بىلەن ئۆلۈم ۋە كۆرۈمدە ھەمنەپەس بولۇشقا، شۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈشتە ئىدى. تەڭرىنىڭ نۇسرىتىمۇ كېمىدىكىلەرنى كۆزدىن چىقىرىپ سىرتىدىكى نائەھلىلەرنىڭ داستىخاندارچىلىقىغا دۈم چۈشمەستىن، مېھرىنى ئۈزەلمەي كېمىدىن سەكرىمەستىن بەلكى كېمە ئەھلى بىلەن رىشتىدارلىق قىلغانلارغا ياغقان ئىدى.
شۇنداق، توپان يەر يۈزىگە ئورتاق ئىدى، ئەمما كېمە ئىچىدىكىلەرگە رەھمەت، كېمە ئەھلىنى يوق ساناپ تاغنىڭ چوققىسىدىن، قىيالارنىڭ ئۈستىدىن كېمىدىنمۇ بىخەتەر بولغان قۇرتۇلۇش يولىنى ئىزدىگەنلەر ئۈچۈن، يولنىڭ بېشىدا كېمىدە بولۇپ، ھەل قىلغۇچ پەيتتە كېمىدىن سەكرىۋالغانلار ئۈچۈن تىرىپىرەن قىلغۇچى ئازاپ بولدى. بۇ بىلەن كەنئانغا ياندىشىپ سەكرىمىگەن، كېمىدىكىلەر بىلەن، نۇسرەت ئەھلى بىلەن ھەمنەپەس بولۇشنى تاللىغان يافەس كەبى ھەقىقەتچىللەر ئۈچۈن غالىبلىقنىڭ، كېمىدىن سەكرەپ كېمە ئىچىدىكىلەرنى يوقنىڭ ئورنىغا تاشلاپ مۇجادىلە قىلغۇچى كەنئانلار ئۈچۈن مەغلۇبىيەتنىڭ مۇقەررەرلىك بولىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئىنسانىيەت تارىخى داۋامىدا تەقدىرى ئەبەد بولىدىغانلىقى، شۇنداقلا بۇنىڭ سۇننەتتۇللاھ (تەڭرى قانۇنىيتى) ئىكەنلىكى تەھقىقلەنگەن ئىدى. كېمە ئىچىدىكىلەرنى كۆزدىن چىقىرىپ، ئۇلارنى رىشتىدىن ئايرىپ مۇجادىلىگە تۇتۇنغان كەنئاننىڭ تاللىشىنى ئاقلاشقا، ئۇنى كېمىدىكى خېمىرتۇرۇچنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى شىپى كەلتۈرۈپ تىلىۋالماقچى بولغۇچى كېمە رەھبىرىگە تەڭرىنىڭ بەرگەن جاۋابى: «ئۇ سېنىڭ ئەھلىڭدىن ئەمەس» بولغانىدى. نەتىجىدە كەنئاننىڭ پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىمۇ ئۇنى كېمە ئىچىدىكى ھەق يولنىڭ ئەھلىدىن قىلالمىدى، بەلكى ئۇنىڭدىن تاپقان دادىسىنىڭ پۇشتى بولۇشتەك ئائىلە ئەزاسىلىق سالاھىيىتىدىنمۇ قۇرۇق قويدى.
ئىبرەت شۇ: نۇھنىڭ ئائىلىسىدە، ئۇنىڭ تەربىيەسىدە چوڭ بولغانلىق ئىمتىيازى كەنئاننى تۇيۇق يولدىكى مۇجادىلىسىدە مەغلۇبىيەتتىن، بېرىپ - بېرىپ خۇدا تەرىپىدىن جاجىسىنى يېيىشتىن، قارغىش ئېلىشتىن توسۇپ قالالمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خېمىرتۇرۇچنى خاتا بەلگىلەش، كېمىدىكىلەرنى كۆزدىن چىقىرىپ تۇرۇپ كېمە سىرتىدىن نىجاتلىق ئىزدەش ۋە ئالتېرناتىپ كېمە ياساپ چىقىش زېھنىيىتى بولسا، كەنئان زېھنىىيتىدىن، شۇنداقلا ھۇدنىڭ دەۋرىدىكى جەننەتكە ئالتېرناتىپ ئېرەمباغ ياساپ خەلقىنى تۇيۇق يولغا باشلىماقچى بولغان، يالغاننى يۇتقۇزماقچى بولغان خام – خىيالپەرەسلىك زېھنىيەت جۈملىسىدىندۇر.
شۇنىمۇ قىستۇرۇپ قويۇشقا ئەرزىيدۇكى، بۇ يەردە مەزكۇر زېھنىيەتنىڭ بارلىقى ئايرىم مەسىلە. ئەمما تۇتۇم ۋە ھەرىكەتنىڭ شۇ زېھنىيەتنىڭ ئىجراسىغا ئايلىنىشى باشقا مەسىلىدۇر. زېھنىيەتنىڭ بۇلۇشى شەخسنىڭ تۇتۇمىغا ئۆزگەرمىگەن ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلانمىغانلا بولسا بۇ ئۇنىڭ بىلەن كېتىدۇ. ئايلانغاندا بولسا، بۇنىڭ ۋابالى، ئۆزىنى كېمىدىن ساناپ مۇجادەلە قىلغانلىقنىڭ بەدىلى ئۆزى بىلەنلا كەتمەيدۇ. كېمىگە چىققان، ئەمما زېھنىيىتىنىڭ تەقەززاسى بويىچە كېمىدىن سەكرەشكە ئۇرۇنغانلىقتىن كەنئاننىڭ قىسمىتىگە قېلىشقا مەھكۇم بولىدۇ. ئۇ چاغدا نۇھنىڭ چاقىرىقىمۇ، دۇئايى قۇنۇتلۇق تىلاۋەتلەرمۇ كار قىلمايدۇ - دە، تارىخ بۇنى ھامان تېگىشلىك كاتېگورىيەگە تىزىپ ئۆزىنىڭ ئادىل سوتىنى ئاچماي، ھەققانىي ھۆكمىنى ئېلان قىلماي قالمايدۇ.
ئۇشبۇ تەنبىھلىك ئىبرەت ئوخشاشلا كېمە ئىچىدە ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان، كېمىدىكىلەر بىلەن رىشتىدار كۆرۈنگەن بولۇۋېلىپ، كۈنى كەلگەندە، ھەل قىلغۇچ پەيت كېلىپ قالغاندا كېمىدىن سەكرەش قەستىدە بولۇۋاتقانلار ئۈچۈنمۇ تېگىشلىكتۇر.
قىسقىسى، توپان ۋەتەندە، كېمىمۇ ۋەتەندە، كېمە ئىچىدىكىلەرمۇ، يافەسنىڭ زۇررىياتلىرىمۇ، خېمىرتۇرۇچمۇ ۋەتەندىدۇر. ھەقىقىي مەۋجۇتلۇق سىنىقى ۋەتەن ئەھلىنىڭ ئۈستىگە چۈشمەكتە. كېمە سىرتىدىكىلەرنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشىمۇ، مۇنقەرز بولماسلىقىمۇ ئاشۇ ۋەتەن ئىچىدىكى كېمىنىڭ سالامىتىنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا باغلىقتۇر. ئىلاھىي نۇسرەت ۋە ئاداققى غەلىبە ئەنە شۇ كېمىدىكىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ مۇجادىلە قىلىش بىلەن، ئۇلار بىلەن رىشتىدارلىق بېغىنى ئۈزۈپ قويماسلىق بىلەن ئەمەلىيلەشكۈسى، شۇنداقلا تەقدىرداشلىق ۋە قىسمەتداشلىق تۇيغۇسىدا ئورتاق غايە تامان ھەرىكەت قىلىش بىلەن قولغا كەلگۈسىدۇر.
- بۇرھان مۇھەممەد
2022-09-11
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى