ئۈجمە سايىسى

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىن ئۈجمە سايىسى

بۇرۇن بىر يېزىدا بىر باي بولغانىكەن. بازارغا ئۈتىدىغان چوڭ يول ئۈستىدە ئۇنىڭ يوغان بىر ھويلىسى، ئىشىك ئالدىدا ناھايىتى چوڭ بىر تۈپ ئۈجمە دەرىخى بار ئىكەن. دەرەخنىڭ سايىسى چۈش ۋاقىتلىرىدا يولغا، ھويلىغا ۋە ھويلىنىڭ كەڭ شادىلىق ئايۋانلىرىغا چۈشۈپ تۇرىدىكەن. دېھقانلار ۋە يولۇچىلار ئىسسىق كۈنلەردە ھېرىپ-ئېچىپ كېلىپ، شۇ ئۈجمە سايىسىدە ھاردۇق ئېلىپ ئۈتمەكچى بولسا، باي چىقىپ:

__ ماڭ كەت، باشقا يەرگە بېرىپ سايىداش... __ دەپ قوغلايدىكەن. شۇ يېزىدا ئەپچىلەم دېگەن بىر يىگىت بولۇپ، ئۇ يىگىت باينىڭ ئاشۇنداق پەسلىكىگە ۋە پىخسىقلىقىغا غەزەپلىنىپتۇ. ئۇ "قانداق قىلساق دەردىمىز چىقار؟" دەپ ئويلاپ-ئويلاپ "كۈلۈپتۇ"، قورساققا بىر ئىش پۈكۈپتۇ، لېكىن قورسىقىدىكى ھىيلىنى چىقارغۇچە، كۈز ئۈتۈپ، قىش كەپتۇ، كەلگەندىمۇ قاتتىق كەپتۇ. "قىش ئوچىقى تار، قوپ ئۈيۈڭگە بار" دېگەندەك، ئاغىنىلىرى بىلەن مورا، ئوچاق ئالدىدا مۇڭداشقۇدەك بولماپتۇ. جاڭگالدىن توغراق توشۇپ سېتىپتۇ، ئۇۋاقلىرىنى ئەكېلىپ ئوچاققا يېقىپتۇ، شۇنداق قىلىپ ئاتا-ئانىلىرىنى بېقىپتۇ.

قورساقلار تارتىشىپ پەي بولغاندا، سۈڭەكلەردە يىلىك تۈگەپ نەي بولغاندا ئەتىياز كەپتۇ. بالىلار چېچەك تېرىشىپ ئويناپتۇ، ئېتىزلاردا مۇڭلۇق ناخشا، تىرىكچىلىك قايناپتۇ. چوغلۇقلار ئېچىلىپ، كاككۇكلار سايراپتۇ.

ئەپچىلەم ئېتىز يوللىرىدا ئاغىنىلىرى بىلەن تېپىشىپ بىر تۈگۈنگە كېلىشىپ، كۈڭلى ئامان بوپتۇ؛ ئاندىن بىر كۈنى مۇنۇ ناخشىنى ئېيتىپ شەھەرگە راۋان بوپتۇ:

بازار يولى يىراق يول،

تومۇزدا باللا يىغلايدۇ.

سايىدە ياتاي دېسەڭ،

بايلا چىقىپ قوغلايدۇ.

ئۇ ئالەمنى كەڭ دەيدۇ،

بىلەلمىدۇق زادىلا.

ئالىقانچىلىك يەر تۇرماق،

يېتەلمىدۇق سايىغا.

ئەپچىلەم ماڭا-ماڭا تاق چۈشلەر بىلەن ھېرىپ-ئېچىپ، تەرگە پىشىپ، ھېلىقى باينىڭ ئىشىكى ئالدىغا ئۇلىشا-ئۇلاشمايلا ئىتلىرى قاۋاپتۇ؛ "ئۇھ!" دەپ ئۈجمە سايىسىگە ئۈزىنى تاشلىشىغا باي چىقىپ توۋالپتۇ:

__ ھەي گاداي، ئەمدى سېن نەدىن پەيدا بولدۇڭ، ئۈت بۇ ياققا!

__ باي ئاكا، بۇ كۈپچىلىك ئۈتىدىغان يول ئۈستىغۇ.

__ يول كۈپنىڭ بولغان بىلەن، ئۈجمىنىڭ سايىسى مېنىڭ.

__ بىر ئاز دېمىمنى ئېلىۋالغۇچە ئۈجمىلىرىنىڭ سايىسى تۈگەپ قالماس.

__ تۈگەپ قالسا بولامتى ئەمىسە؟ ئۈجمە ئۈستۈرۈپ بەرگەندەك گەپ قىلىسەنغۇ. بىلەمسەن، بۇ ئۈجمىنىڭ ھەر بىر يوپۇرمىقى بىر ئاق تەڭگىگە توختىغان! ...

__ بۇ گەپچە، مەن پۇلنىڭ سايىسىدە ئولتۇرۇپتىمەن-دە؟

__ توغرا، لېكىن پۇلنىڭ سايىسىدە باي ئۈزى ئولتۇرىدۇ. مەن ساڭا ئېيتىپ قوياي، ئەگەر پۇلۇڭ بولسا سەنمۇ ئولتۇرىسەن. __ پۇلۇم بولسا ئولتۇرامدىمەن؟

__ ھەئە، ئەلۋەتتە.

__ ئۇنداق بولسا، ئۈجمىلىرىنىڭ سايىسىنى ساتاملا؟

__ چوڭ سۈزلىمەي، يولۇڭغا ماڭساڭ بولارمىكىن!

__ پۇلنىڭ چوڭ سۈزلىتىدىغانلىقىنى ئۈزلىرى بىلەلا؟

__ ...

باي دۇدۇقلاپ قاپتۇ ۋە پۇلنى ئويلاپ جىم بوپتۇ، قۇلاقلىرى دىڭ بوپتۇ. ئاخىر تاقەت قىلالماي، تىلى سۈزگە كەپتۇ، سۈزگە كەلگەندىمۇ، ئاۋۋال باھاغا __ پۇلغا كەپتۇ. ئەپچىلەم:

__ سودا ئىشى ئاسان ئەمەس، سىلىمۇ ئىمام-مەزىنلىرىنى قىچقارسىلا، مەنمۇ بىر-ئىككى ئاغىنەمنى قىچقىراي، خەت-مۈھۈر قىلىشايلى... __ دەپتۇ. باي: __ گېپىڭ راست بولسا، توختاپ تۇر، ئاۋۋال باھاسىنى كېلىشەيلى، ئاندىن ئۇچىدىن بىر نەرسە بەر، قالغان ئىشلار ئاسان... __ دەپتۇ.

ئۇياققا تارتىشىپ، بۇياققا تارتىشىپ ئاخىر ئۈجمە سايىسىنىڭ باھاسى 400 تەڭگە ئاق كۈمۈشكە توختاپتۇ. ئۇچىدىن 50 تەڭگە بېرىپ ئورنىغا بايدىن تىلخەت ئېلىپ، ئەپچىلەم ئاغىنىلىرىنى قىچقارغىلى مېڭىپتۇ.

باينىڭ ئاغزى قۇلىقىغا يېتىپ: "خۇدا ئۇرغان ئەخمەقنى ئەمدى باي ئاكاڭنىڭ ئۇرغىنىنى كۈر! مۇنداقمۇ ئولجا بولارمۇ..." دەپتۇ-دە، قازىغا كىشى يۈگۈرتۇپتۇ. ئارقىدىن "توختا!" دەپ توختىتىپتۇ، كۈڭلىدە: "بۇنى كىشىلەر تۇيمىسۇن، ئىش بۇزۇلمىسۇن، قازىنى توغرىلاش ئۈچۈن، ئۈزۈم بېرىشىم كېرەك" دەپ ئۈزى يۈگۈرۈپتۇ.

ئەتىسى ھەممىسى يىغىلىپتۇ، قازىمۇ باي ئاكاملار بىلەن ماقۇللىشىۋېلىپ، مۈھۈرىنى يالاپ ئولتۇرۇپتۇ؛ ئەپچىلەممۇ روزىمەتكە ئوخشاش بىر-ئىككى ئاغىنىسىنى باشلاپ، ئالدىدىن تەييارلىۋالغان سۈزلىرىنى پۈكۈپ، جايلىۋالغان پۇللىرىنى بەللىرىگە تۈگۈپ يېتىپ كەپتۇ. قازى:

__ ئەلۋەدۇ مىنەل ئىمان، بىزلەر بولساق شاھىت... __ دەپ قەلەمنى قەغەزگە سۇۋاشقا باشلاپتۇ. خەتنىڭ بېشىغا "تەخىيى بىر مىڭ، ئېشىكى ئۈچ يۈز، توقۇمى ئون توققۇز، ماھى سەپەر قوشنىسىدا، باي غوجامنىڭ ھويلىسىدا" دېگەنگە ئوخشاش سۈزلەر، ئاندىن "مەنكى سەلەي باي ھويلامنىڭ كوچا پاسىلىدىكى چوڭ ئۈجمىنىڭ سايىسىنى ئەپچىلاخۇنغا ئۈز ئىختىيارىم بىلەن ھازارى مەجلىس ئالدىدا تۈت يۈز تەڭگە كۈمۈشكە ساتتىم. تاكى ئۈجمە ئۈزى قېرىپ يوقالغۇچە ئۇنىڭ سايىسىدىن ئەپچىلاخۇن ۋە ھەتتاكى ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىمۇ ھەر قاچان، ھەر زامان بىمالال پايدىلىنىدۇ. مۇبادا بۇنىڭغا پېقىر ۋە مېنىڭ ئەۋلادلىرىم نارازى بولۇپ دەۋا قىلسا، يۇرت، شەرىئەت ئالدىدا دەۋاسى باتىل بولغاي" دېگەن گەپلەر يېزىلىپتۇ. ئاخىرىغا ساتقۇچى، ئالغۇچى ۋە گۇۋاھ-شاھىتلار قول قويۇپتۇ. قازى:

__ مۇبارەك بولسۇن، ئەپچىلاخۇن! سىلىدەك ماكانسىز بىر ئادەمنىڭ باي غوجامنىڭ ئىشىكى ئالدىدا مۇنچىلىك مۈلۈككە ئىگە بولغانلىرى خۇدانىڭ چوڭ ئىلتىپاتى. سىلىنىڭ باشلىرىغا ئۈجمىنىڭ سايىسى چۈشتى... __ دەپ مۈھۈر ھەققى ئېلىپ، قوينىغا ساپتۇ، ئىمام ۋە مەزىناخۇنۇممۇ قۇرۇق قالماپتۇ، ئۇلار باي غوجامدىن قانچىلىك مۈھۈر ھەققى ئالدى، بۇنىسى مەلۇم ئەمەس. ئىشقىلىپ توختام "پۈتۈپتۇ"، ھەممەيلەن ئۈيلىرىگە كېتىپتۇ. كۈندىن-كۈنگە ھاۋا ئىسسىپتۇ. ئەپچىلەم بازارغا باراردا ۋە ياناردا ھېلىقى ئۈجمىنىڭ سايىسىگە كېلىپ بەخىرامان ئېغىياندىغان، سايىدە راۋاپ چېلىپ ئوينايدىغان، ئاغىنىلىرى قوشۇلۇپ ناخشا توۋلايدىغان بوپتۇ. باي چىقىپ:

__ نېمە ۋاراڭ-چۇرۇڭ بۇ؟ __ دەپ ۋارقىراپتۇ، ئەپچلەم:

__ ئۈجمە سايىسى ئاكاڭ قارىغاينىڭ، ياغىچى باي غوجامنىڭ، __ دەپ پەرۋا قىلماي جاۋاب بېرىپتۇ. باي: "پىيازنىڭ پوستى كۈپ، ئەخمەقنىڭ دوستى دېگەندەك، بۇ كاساپەتنىڭ ئەۋلادى ئىتنىڭ قۇرىتىدەك كۈپ ئىكەن" دەپ ھېچكىمنى كوغلىيالماپتۇ، ساقىلىنى چىشلەپ ئۇخلىيالماپتۇ.

ئارىلىقتا باي پالتىسىنى ئاچىقىپ، ئۈجمىنى كېسىپ تاشلىماقچى بوپتۇ. ئاچچىقىغا پايلىماي ئۇرۇلغان پالتا ئىزىدىن كەمتۈك بولۇپ قالغان سايىنى تۈلەپ بېرىشكە تاس-تاس قاپتۇ. باي تېخىمۇ تېرىكىپ ھەسرەت يۇتۇپتۇ.

بىر كۈنى باي ئايۋاندا سېسىق كېكىرىپ سوزۇلۇپ ياتسا، ئەپچىلەم ئاغىنىلىرى بىلەن ئېشەكلىرىنى يېتىلىشىپ، باينىڭ ھويلىسىغا كىرىپ كەتپۇ. باي:

__ ۋاي، نېمە گەپ؟ __ دېسە، ئەپچىلەم:

__ تەقسىر، سايىمىز ھويلىغا كىرىۋاپتۇ. شۇنى ئىزدەپ كىردۇق، __ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ۋە ئېشەكلىرىنى سايىگە قوزۇق قېقىپ باغلاپ، چاپانلىرىنى يېشىپ تاشلاپ، خاتىرجەم ئولتۇرۇپتۇ... باي "ھىم" دەپ ئۈزىنىڭ گۈشىنى ئۈزى يېگۈدەك بوپتۇ.

بىر كۈنى باينىڭ خوتۇنلىرى ئوسما قويۇشۇپ ئولتۇرسا، باينىڭ بالىلىرى ھويلىغا يىغلاپ كىرىپتۇ. ئاغىچا-خېنىملار سۇپىلارغا پۇتلىشىپ يىقىلىپ-قوپۇپ چىقسا، بالىلىرى يۈزلىرىنى تاتىلاپ، يەردە يېتىپ ئۈلگۈدەك ھۈڭرەك ئېتىپ يىغلاۋاتقۇدەك.

__ ئۈجمە سايىسىدە ياتقان ئېشەكچىلەر: "سايىگە يېقىن كېلىشمە، ھارمىلار!" دېدى، ھى... ھى! ئۈجمىگە چىقىمىز دېسەك، "سايە يوق يەردىن چىقىش" دېدى، ھى... ھى! دادام قېنى؟ ھى... ھى!

__ ۋاي بېشىڭنى يەيدىغان گادايلار... ئەمدى ئۈلۈپتۇق! ھەممە گۇناھ ئاشۇ تويماس يوھا (ئەجدىھا)دا... پۇل دېسە بىزنىمۇ سېتىشتىن يانمايدۇ. يىغلىماڭلار، ئوبدان بالىلىرىم. خەپ! داداڭلار كەلسۇنچۇ، نى ئات، نى نومۇس بۇ...

تالادا ھويلىدىكى ۋاڭ-چۇڭنى كۈزگە ئىلمىغاندەك راۋابنىڭ ئاۋازى تازا قىزىپتۇ ۋە ئۇزاقتىن كېيىن ئاندىن پەسىيىپتۇ.

بىر كۈنى باي ئېتىزدىن كەپتۇ، ئۈلگۈچە ھېرىپ يىقىلاي دەپتۇ، تەرگە چۈمۈلۈپ، يۈزلىرى ئېسىلىپ، كالپۇكلىرى ساڭگىلاپ، خىرىلداپ قاپتۇ. باينىڭ كەلگەن ۋاقتى ئۈجمىنىڭ سايىسى دەل دەرۋازىغا چۈشكەن چېغى ئىكەن، باي دەرۋازىدىكى سايىگە ئېتىنى دېۋىتىپ شۇنداق كېلىشىگە، ئەپچىلەم:

__ توختىسىلا باي ئاكا، پۇل كىمنىڭ بولسا، سايىدىن شۇ ئۈزىلا ئۈتىدۇ... __ دەپتۇ. باي ئاران زۇۋانغا كەلگەن بولسىمۇ، دەردى ئىچىگە ئۇرۇپ، كالپۇكلىرىنى مىدىرلىتالماي قاپتۇ. باي ۋاراڭ-چۇرۇڭ چىقسا، يولۇچىلار يىغىلىپ زاڭلىق ئىچىدە قېلىشتىن قورققانمۇ:

__ ئەمىسە، مەن ئۈز پۇلۇمنىڭ سايىسىدىن ئۈتىمەن، قانچە پۇل ئالىسەن؟ تېز گەپ قىل! __ دەپتۇ.

ئۇنىڭغىچە بازاردىن قايتقانلار يېقىنلاپ قاپتۇ، ئەپچىلەم:

__ 50 تەڭگە، __ دەپتۇ.

باي كېلىۋاتقان خەقلەرنى كۈرۈپ، كۈڭلىدە ئىشنىڭ ئەپلەشمىگىنىنى سېزىپ:

__ 50 تەڭگىنى ھازىر ئاچىقىپ بېرىمەن، __ دەپ ئاتنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ، چوڭچىلىق بىلەن ھويلىسىغا ئۈزىنى ئېتىپتۇ. ئەپچىلەم مۈھۈر ھەققىگە كەتكەن پۇلنى تۈلىتىپتۇ.

ئەمما باي شۇنىڭدىن كېيىن مۇنداق چوڭ چىقىملارنى تۈلىمەسلىك ئۈچۈن، دەرۋازىغا چۈشكەن سايىلەرنى ئۈزى ۋە ئاىلە-جەمەتلىرىنىڭ بىمالال ئۈتىۋېرىشى ئۈچۈن يەنە 50 تەڭگە بېرىپ، دەرۋازىغا چۈشكەن سايىنى ئاران ئۈز ئىختىيارىغا ئېلىۋاپتۇ. "ئەقىللىق" باينىڭ ئېسىگە "ئەخمەقلەر"نىڭ يەنە قانداق كارامەتلىرى بارلىقى كەلمەپتۇ.

بىر بازار كۈنى، باي شەھەرلىك ئەل-ئاغىنىلىرىنى چايغا قىچقىرىپتۇ... مېھمانلار داستىخاننى شادىلىق ئايۋان __ كوچىدىكى يوغان ئۈجمىنىڭ سايىسى چۈشكەن سۇپىغا يۈتكەپ، تېخى ئەمدىلا ياسىن پولۇنىڭ ئۈستىگە يىغىلاي دەپ تۇرغاندا، بىر نەچچە كىشى ئېشەكلىرىنى يېتىلىشىپ، چورۇقلىرىنى سۈرىشىپ كىرىپ كەپتۇ...

ئەپچىلەم ۋە روزىمەتلەرنىڭ نېمىگە كەلگەنلىكىنى بىلگەن باي سۇپىدىكى سايىگە قاراپ قېتىپ قاپتۇ، ئاسمانغا قاراپ ئالىيىپتۇ، بۇغدىيەكلىرى لىپىلداپ كېتىپتۇ.

بۇ ئىشلارنىڭ تەكتىنى بىلمىگەن مېھمانلار ھەيران قاپتۇ. بايغا قاراپ كۈلۈشكىلى تاس قاپتۇ. مېھمان بايلاردىن بىرى بۇ كەلگەنلەر باينىڭ مالايلىرى بولسا كېرەك دەپ:

__ قېنى، سەلىياخۇن، ماۋۇ چورۇقۋايلارغا بىر نەرسە دېمەملا، ئېشەكلىرىنى نېرى تارتىشسۇن! تۈگىتەلمەيدىغان قەرزلىرى بارمىتىيا؟! نېمانچىلا گەپ قىلالماي قېتىپ قالدىلا؟! __ دەپتۇ. باي بىر چۈگىلىگەندەك بولۇپ ئېسىگە كەتپۇ ۋە ئەپچىلەمگە:

__ خۇدا ھەققى، ھەر ئىش بولسا كېيىن سۈزلىشەيلى، قېنى سىلەرمۇ مېھمان، ئايەردە ئولتۇرۇڭلار، سىلەرگىمۇ داستىخان سالسۇن... __ دەپتۇ. روزىمەتلەر:

__ بايكاملارنى نەدە مېھمان قىلغىلىرى بولسا شۇ يەرگە كەتسىلە. بىز سىلىدىن داستىخان سېتىۋالمىدۇق... __ دەپتۇ ۋە ئېشەكلىرىنى سايە چۈشكەن شادىلارغا باغلاپتۇ، چاپان-چورۇقلىرىنى سۇپىنىڭ سايە چۈشكەن يەرلىرىگە تاشلاپتۇ. مېھمان بايلار:

__ ئاش ھارام بولدى... __ دېيىشىپ نېرى چىقىپتۇ... ئەپچىلەم:

__ ئاش ھارام بولسىغۇ چاغلىق گەپ، لېكىن بىزنىڭ 400 تەڭگىلىك سايىمىز ھەر قايسىلىرىنىڭ "ئاستىدا" قېلىپ ھارام بولغىنى يامان بولدى، __ دەپ سىرنى ئېچىپ تاشلاپتۇ. ۋاراڭ-چۇرۇڭلار كۈتۈرۈلۇپتۇ. روزىمەتلەر بوش كەلمەپتۇ... مېھمانلار بىر تەرەپتىن ئىشىدە: "ھە، بىزگە چوڭ سۈزلەيدىغان سەلەيباي، كارامىتىڭ ئاشكارا بولدىمۇ؟" دەپتۇ. ئۈچىنى ئالغاندەك قىلىپ، بايغا بولۇشقىلىمۇ پېتىنالماپتۇ، بىر-بىرلەپ شەھەرگە قاراپ قۇيرۇقىنى تىكىپتۇ. باينىڭ گەجگىسى تارتىشىپ ئۈيىگە كىرىپ يىقىلىپتۇ...

ئەپچىلەملەر سايىدە بىردەم ھاردۇقلىرىنى ئېلىشىپ، يېزىلىرىغا كېتىپتۇ.

بۇ ۋەقە ئەمدى شەھەرگە يېتىپتۇ، قۇلاقتىن-قۇلاققا تاراپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەپچىلەملەر شۇ بازار كۈنى مۈھۈر خەتتىن بىرنى كۈچۈرتۈپ، بازاردىكى چوڭ مەسچىتنىڭ ئالدىغا چاپلاپ قويغانىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش خەلقىئالەمگە پۇر كېتىپتۇ.

ئەمدى باي ئۈيدىن ھېچ يەرگە بارالماي ماراپ يېتىپتۇ. ئۈتكەن-كەچكەنلەرنىڭ:

چېقىر ئۈجمە سايىسىنى، ئاق تەڭگىگە ساتقان باي. ھويلىسىدىن چىقالماي، چاشقان بولۇپ ياتقان باي.

دېگەن ناخشىسىدىن تويۇپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ، كۈنلەر ئاستا-ئاستا ئۈتۈپ، "گادايلار" بىر ئاز جىمىققاندەك تۇيۇلۇپتۇ.

بىر كۈنى باي كېچىدە ئۈلگەندەك ئۇخلاۋاتسا، ئۈگزىدە گۈپۈر-گۈپۈر ئاۋازلار، بىردەمدىن كېيىن ناخشا، راۋابلارنىڭ ساداسى ئاڭلىنىپتۇ. باي مەڭدەپ ھويلىغا چىقسا ئىتى بىر نەرسىنى غاجاپ ياتقان، بايغا قاراپمۇ قويماپتۇ، ئۈيگە كىرسە خوتۇنلىرى ئاھانەت قىلىپ ئارام بەرمەپتۇ. باي شوتىغا يامىشىپ چىقىپ قارىسا، ئەپچىلەم ئاغىنىلىرى بىلەن ئولتۇرغۇدەك. ئۇلار سۈتتەك ئايدىڭدا ئۈگزىنى بېشىغا كىيىپتۇ. باي شوتىدىن يىقىلغىلى تاس قاپتۇ ۋە ئۈزىنى ئاران تۇتۇپ توۋلاپتۇ. ئەپچىلەم:

__ بىز ئۈزىمىز سېتىۋالغان سايىدە ئولتۇردۇق. باشقا كىشىلەر يوق. كىرىپ ئۇخلاۋەرسىلە، تەقسىر، __ دەپتۇ. باي چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ:

__ مەن ئۈجمىنىڭ ئايدىڭدىكى سايىسىنى ساتمىغان... __ دەپ كاركىراپتۇ.

__ چۈشەكەپلا تەقسىر، ئۈيلىرىگە كىرىپ مۈھۈر خەتكە قاراپ باقسىلا، "بىمالال"، "ھەر قاچان-ھەر زامان" دېگەن يەرلىرىنى ئوبدان ئوقۇسىلا، __ دەپتۇ. راۋاب بىلەن ناخشا يەنە قايناپتۇ.

باي ئۈيىگە كىرىپ ئويلاپتۇ، لېكىن خوتۇنلىرى تاپا-تەنە بىلەن بېشىنى ئوچاق ئېتىپ، ئويلىغىلى قويماپتۇ. شۇنداقتىمۇ يەنە ئويلاپ "ئەقىل" تېپىپتۇ، ئۈگزىگە يەنە چىقىپتۇ:

__ ئەمىسە، ئۈجمىنىڭ ئايدىڭدىكى سايىسىنى ئۈزۈمگە سېتىپ بەرسەڭلار... __ دەپتۇ باي. ئۇ لولىلىق قىلىپ يۈرۈپ، ئۈجمىنىڭ ئايدىڭدىكى سايىسىنى مىڭ بالالىقتا 350 تەڭگە كۈمۈشكە سېتىۋاپتۇ. لېكىن ئەمدى ئۈزى تېخىمۇ "ئويغا" قاپتۇ. تالاغا چىقسا يۇرت-جامائەت، رەقىبلىرىنىڭ دەردى، ئۈيگە كىرسە، بالا-چاقا، رەپىقىلىرىنىڭ دەردى؛ زاڭلىق-مەسخىرە، چىقىم... باينىڭ جېنىغا تېگىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە "گادايلار"نىڭ بۈگۈن كېچە بېشىغا چىقىۋالغانلىقى، ئۈجمىسىنىڭ ئايدىڭدىكى سايىسىنى سېتىۋېلىپ، ئۇلارغا پۇل تۈلىگەنلىكى باينىڭ يۈرەك-باغرىنى خۇن قىلىۋېتىپتۇ.

"دەرەخنىڭ ئايدىڭدىكى سايىسى تالاغا تارالسا، يەنە نېمە گەپلەر بولۇپ كېتەر". بۇ تېخى ئىشنىڭ باشلىنىشى ئىكەنلىكىگە كۈزى يەتكەن باي ئۇزاققا قالماي، يۈك-تاقلىرىنى ئۇلاغلارغا ئارتىپ باشقا يۇرتقا كۈچۈپ كېتىپتۇ.

ئۈجمىنىڭ سايىسى خەلققە قاپتۇ. ئەپچىلەملەر بايدىن دەردىنى ئەنە شۇنداق ئاپتۇ.