ئۈرۈمچى ياڭخاڭ مەسچىتى

ئورنى Wikipedia

ئۈرۈمچى ياڭخاڭ مەسچىتى مەشھۇر مەسچىت . 1898 - يىلى سېلىنغان . تاتار مەسچىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ . مەزكۇر مەسچىت خاس مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ ، قۇرۇلما ، ئۇسلۇب جەھەتتىن باشقا مەسچىتلەرگە ئوخشىمايدۇ . مەسچىتنىڭ نامازخانىسى تۆت چاسا بولۇپ ، نامازخاننىڭ ئىچىدە سول ، ئوتتۇرا ۋە ئوڭ تارماق نامازخانلىرى بار ، ئۇدۇل ئىشىكتىن كىرىپ ، دەھلزدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۈچ ئىشىك ئارقىلىق باشقا بۆلمىلەرگە كىرگىلى بولىدۇ . ئۆگزىسىنىڭ تۆت تەرىپى تۈز ، ئوتتۇرسىدا تۆت بۇرجەك گۈمبىزى بولۇپ ، ئوتتۇرسىدا ئۇچلۇق مۇنارى بار ، مۇنار ئاستىغا رومبىسىمان قىرلىق تۈۋرۈك ئۇل قىلىنىپ ، ئۈستى پىرامىدا شەكلىدە ياسىلىپ ، ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتى بىلەن زامانىۋى بىناكارلىق ئۇسلۇبى بىرلەشتۈرۈلگەن قۇرۇلۇش نەمۇنىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى .