ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى

ئورنى Wikipedia

ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى [三角形的重心] : ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئۈچ مېدىئانىسىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسى ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى دىيىلىدۇ. ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئىغىرلىق مەركىزى ئۈچبۇلۇڭنىڭ چوققىسىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، ھەرقايسى مېدىئانا ئۇزۇنلۇقلىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىگە تەڭ بولغان ئورۇندا ياتىدۇ.

ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى ھەققىدىكى تېئورېما [三角形重心定理] : ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئۈچ مېدىئانىسى بىر نۇقتىدا كېسىشىدۇ، بۇ نۇقتا بۇلۇڭ چوققىسىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، مېدىئانىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىگە تەڭ بولغان ئورۇندا ياتىدۇ.