ئۈچەي كاۋىپى

ئورنى Wikipedia

ئۈچەي كاۋىپى بولسا قوينىڭ ئۈچىيى ، لازا ، شولتا ، سوققان زەنجىۋىل ، سۇڭپىياز ، ئاچچىقسۇ ، تۇز ، پۇرچاق ئۇنى، زىرە قاتارلىق ماتىرياللاردىن تەييارلىنىدىغان كاۋاپنىڭ بىر تۈرى .

 

لازىملىق ماتىرياللار[تەھرىرلەش]

5پارچەلازىملىق ماتىرياللارقوينىڭ ئۈچىيى بىر دانە، لازا مۇۋاپىق، شولتا 250 گرام، سوققان زەنجىۋىل ئازراق، سۇڭپىياز ئىككى تال، ئاچچىقسۇ مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، پۇرچاق ئۇنى مۇۋاپىق، زىرە ئازراق.

تەييارلاش ئۇسۇلى[تەھرىرلەش]

1. قوينىڭ ئۈچىيىنى ئۆرۈپ تازىلاش ئۇسۇلى بويىچە تازىلاپ، 50-60 گرادۇس ئىسسىقلىقتىكى شولتا سۈيىگە 5.1-2 سائەت چىلاپ كۆپتۈرۈپ، ئىلمان سۇدا بىر قېتىم، سوغۇق سۇدا بىر قېتىم چايقاپ يۇيۇپ بولۇپ، ئۈچ سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا توغراپ، ئۇششاق چانالغان سۇڭپىياز، زەنجىۋىل، ئاچچىقسۇ چىلانغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قويۇلىدۇ.

2. ھەربىر زىخقا 5-6 تالدىن ئۈچەينى ئۆتكۈزۈپ كاۋاپدانغا تىزىپ، ئۈستىدىن تۇز، لازا، زىرە سېپىپ ئۆرۈپ، يەنە دورا-دەرمەك سېپىپ ھەر ئىككى تەرىپىنى تەكشى پىشۇرۇلىدۇ.