ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە
ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە
بىرىنچى باب
ئۈچ باتۇرنىڭ شاپتۇللۇقتىكى مەرىكە - سورۇندا بۇرادەرلىك ئەھدى تۈزگەنلىكى
قەھرىمانلارنىڭ سېرىق ياغلىقلىقلارنى يوقىتىپ تۇنجى ئەجىر - تۆھپە كۆرسەتكەنلىكى
ئەلقىسسە، ئالەمنىڭ ۋەزىيىتىدە ئۇزۇن بۆلۈنۈشتىن كېيىن، مۇقەررەر بىرلىشىش، ئۇزۇن بىرلىشىشتىن كېيىن، چوقۇم بۆلۈنۈش بولۇپ كەلدى: جۇ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدا يەتتە پادىشاھلىق بىر - بىرى بىلەن جەڭگى - جېدەللەر قىلىپ، ئاخىر چىن سۇلالىسى بولۇپ بىرلەشتى؛ چىن سۇلالىسى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن چۇ ۋە خەن پادىشاھلىقلىرى ئارىسىدا جەڭگى - جېدەللەر بولۇپ، ئۇلارمۇ كېيىن خەن سۇلالىسى بولۇپ بىرلەشتى؛ خەن سۇلالىسى زامانىدا گاۋزۇ ئاق يىلاننى ئۆلتۈرۈپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش بىلەن ئالەمنى بىر پۈتۈنلۈككە كەلتۈردى. كېيىن پادىشاھ گۇاڭۋۇ زامانىسىغا كەلگەندە پادىشاھلىق گۈللەندى، شيەندى خان دەۋرىگە كەلگەندە ئۈچ پادىشاھلىققا بۆلۈندى. بۇ پاراكەندىچىلىككە خۇەندى خان ۋە لىڭدې خانلار سەۋەبچى بولدى. خۇەندى خان ھوقۇق تۇتقان ھەرەمئاغىلىرىغا قارشى چىققۇچى مەنسەپدارلارنى مەنسەپتىن ئۆمۈرۋايەت بوشىتىپ، ھەرەمئاغىلىرىغا ئىشىنىپ كەتتى، خۇەندى خان دۇنيادىن ئۆتكەندىن كېيىن، لىڭدې خان تەختكە چىقتى، ئالىي سەركەردە دۇ ۋۇ، مۇشاۋىر چېن فەنلەر خانغا ھەمدەم بولدى. بۇ ۋاقىتتا ھەرەمئاغىلىرىدىن ساۋ جيېلەر پۈتۈن ھوقۇقنى ئىلكىگە ئالدى، دۇ ۋۇ بىلەن چېن فەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش كويىغا چۈشتى. كېيىن بۇ سىر پاش بولۇپ قېلىپ، ئۆزلىرى ھالاك بولدى، شۇنىڭدىن باشلاپ ھەرەمئاغىلىرىنىڭ زورلۇق - زومبۇلۇقلىرى تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كەتتى.
جيەننىڭ 2 - يىلى 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى خان ۋېندى قەسرىگە بېرىپ ئەمدىلا تەختكە ئولتۇرۇشىغا قەسىرنىڭ بۇلۇڭىدىن قاتتىق بوران چىقىپ كەتتى، قارىسا تورۇستىن بىر قارا يىلان شۇڭغۇپ چۈشۈپ تەختكە چىرمىشىۋاپتۇ. بۇنى كۆرگەن خان چۆچۈپ يەرگە يىقىلدى، يېنىدىكىلەر ئۇنى دەرھال يۆلەپ ئوردىغا ئەكىردى، ۋەزىر - ۋۇزرالىرى قېچىپ ئۆزلىرىنى دالدىغا ئالدى. بىردەمدىن كېيىن يىلان غايىب بولدى. توساتتىن ھاۋا گۈلدۈرلەپ، مۆلدۈر ئارىلاش قاتتىق يامغۇر ياغدى، يامغۇر كۈن يېرىمىغا يەتكەندە ئاندىن توختىدى، ھەددى - ھېسابسىز ئۆيلەر خاراب بولدى. جيەننىڭ 4 - يىلى 2 - ئايدا لوياڭدا يەر تەۋرىدى، دېڭىز سۈيى تېشىپ، دېڭىز بويىدا ياشايدىغان ئاھالىنى دولقۇن دېڭىزغا ئەكىرىپ كەتتى.
گۇاڭخېنىڭ دەسلەپكى يىلى مېكىيان خورازغا ئايلىنىپ قالدى. 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى قويۇق قارا تۈتەك ۋېندى قەسرىگە بۆسۈپ كىرىپ قەسىرنى قارا تۇمان قاپلاپ كەتتى. 7 - ئايدا يۈتاڭ سارىيىدا ھەسەن - ھۈسەن كۆرۈنۈپ ۋۇيۈەن تېغىنىڭ قىرغاقلىرى يېرىلدى. خىلمۇخىل بەختسىزلىكلەر ئۈزۈلمەي روي بەردى. خان پەرمان چۈشۈرۈپ ۋەزىرلىرىدىن بۇ پالاكەت غارايىپلارنىڭ سەۋەبىنى سورىدى، مەسلىھەتبېگى سەي يۇڭ مەلۇمات يېزىپ: «يۈتاڭ سارىيىدا ھەسەن - ھۈسەننىڭ كۆرۈنگەنلىكى، مېكىياننىڭ خورازغا ئايلانغانلىقى خان ئاغىچىلار بىلەن ھەرەمئاغىلىرىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى ئىلكىگە ئېلىۋالغانلىقىنىڭ بېشارىتى» دەپ توغرىدىن - توغرا كۆرسەتتى. خان مەلۇماتنى ئوقۇپ پىغان چەكتى، ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىم يەڭگۈشلىدى. ئارقىدا تۇرغان ساۋ جيې خاننىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ مەلۇماتنى ئوغرىلىقچە كۆرۈۋالدى ۋە ئۇنى ئۆز خادىملىرىغا سۆزلەپ بەردى. ئۇلار بىلەن سەي يۇڭغا باشقا باھانە بىلەن گۇناھ ئارتىپ، ئۇنى مەنسىپىدىن بوشىتىپ ئۆز يۇرتىغا قايتۇردى. كېيىن ھەرەمئاغىلىرىدىن جاڭ راڭ، جاۋ جۇڭ، فېڭ شۈ، دۇەن گۇي، ساۋ جيې، خۇ لەن، جيەن شۇ، چىڭ كۇاڭ، شيا يۈەن، گۇ شېڭ دېگەن ئون كىشى بىر تىللىق بولۇپ ئېغىز - بۇرۇن يالىشىپ، «ئون مەھرەمبېگى» دەپ نام ئالدى. خان جاڭ راڭغا ئىشىنەتتى، ھۆرمەت قىلاتتى ۋە ئۇنى «ئاتا» دەپمۇ ئاتايتتى. شۇنداق قىلىپ، خانلىق ئىشى كۈنسايىن ناچارلاشتى، خەلقتە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش خىيالى تۇغۇلۇپ، قاراقچىلار جاي - جايىدىن توپ - توپ بولۇپ قوزغىلىپ چىقتى.
بۇ ۋاقىتلاردا جۈلۇ ئايمىقىدا، جاڭ جياۋ، جاڭ باۋ، جاڭ لياڭ ئىسىملىك ئۈچ قېرىنداش بار ئىدى. بۇلاردىن جاڭ جياۋ ئەسلىدە خانلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن بىر بىلىمدان ئادەم ئىدى، تاغقا دورا ئۆسۈملۈكلىرى يىغىشقا چىققىنىدا ئۇنىڭغا بىر بوۋاي ئۇچرىدى، بوۋاينىڭ كۆزلىرى كۆك، مەڭزى بالىلارنىڭكىدەك قىزىل بولۇپ، قولىغا ھاسا تايىقى تۇتقانىدى. ئۇ جاڭ جياۋنى چاقىرىۋېلىپ بىر غارنىڭ ئىچىگە باشلاپ كىردى ۋە ئۇنىڭغا ئۈچ جىلدلىق تىلسىمنامە بېرىپ:
− بۇ «ئامانلىق ئىسمىئەزىمى»، ئالغىنىڭىزدىن كېيىن تەڭرى يولىدا دۇنيا خەلقىگە ۋەز - نەسىھەت قىلغايسىز، ئىنسانلارنى نىجاتلىققا باشلىغايسىز. ئەگەر ئۇنىڭغا شەك كەلتۈرۈپ يولدىن تايسىڭىز، يامانلىق كۆرىسىز، − دېدى.
جاڭ جياۋ ھۆرمەت - ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، ئاندىن بوۋاينىڭ ئىسمىشەرىپىنى سورىغانىدى، بوۋاي:
− نەنخۇانىڭ مويسىپىت تەركىدۇنيالىرىدىن بولىمەن، − دەپ جاۋاب بەردى - دە، مەيىن بىر شامالغا ئايلىنىپ غايىب بولدى.
جاڭ جياۋ بۇ كىتابقا تېگىنگەندىن كېيىن، ئۇنى كېچە - كۈندۈز ئىجتىھات بىلەن ئۆگەندى، شامال چىقىرىش، يامغۇر ياغدۇرۇشقا قادىر بولدى، ئۆزى «ئامانلىق دەرۋىشى» دەپ نام ئالدى. جۇڭپىڭنىڭ دەسلەپكى يىلى 1 - ئايدا ۋابا كېسىلى تارقالدى. جاڭ جياۋ دەمىدە سۈيى تارقىتىپ كېسەللەرنى داۋالىدى، ئۆزىگە «ئۇلۇغ دانىشمەن ئۇستاز» دەپ نام بەردى. جاڭ جياۋنىڭ ئەل ئىچىدە ھەممە يەرگە تارقالغان بەش يۈزدىن ئارتۇق شاگىرتى بار ئىدى، ئۇلار تۇمار يېزىش ۋە ئەپسۇن ئوقۇشنى بىلەتتى. كېيىنچە مۇرىتلىرى كۈنسايىن كۆپەيگەچكە، جاڭ جياۋ ئۇلارنى ئوتتۇز ئالتە بۆلەككە ئايرىدى، چوڭ بۆلىكى بىر تۈمەندىن، كىچىك بۆلىكى ئالتە − يەتتە مىڭ كىشىدىن بولدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە باشلىق قويۇلۇپ، ئۇلار سەركەردە دەپ ئاتالدى. ئۇلار: «كۆك تەڭرى يوقالدى، سېرىق تەڭرى تىكلىنىشى كېرەك. جيا - زى يىلى ئالەمگە بەخت - سائادەت ياغىدۇ» دېگەن يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنى تارقاتتى ۋە خالايىققا ئاق سېغىز بىلەن ئىشىكلىرىگە «جيا» ۋە «زى» دېگەن ئىككى خەتنى يېزىپ قويۇشنى بۇيرۇدى. چىڭجۇ، يۇجۇ، شۈجۇ، چېنجۇ، ياڭجۇ، جىجۇ، يەنجۇ، يۈجۇ دېگەن سەككىز ئايماق خەلقى ئۆي - ئۆيلەردە دېگۈدەك «ئۇلۇغ دانىشمەن ئۇستاز» دېگەن ھۆرمەت تاختىسى ئورنىتىپ، جاڭ جياۋغا ئېتىقاد بىلدۈردى. جاڭ جياۋ ئىچكى جەھەتتىن ھەمدەملىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرەمئاغىسى فېڭ شۈنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئالتۇن ۋە تاۋارلار بىلەن ئۆز كىشىلىرىدىن ما يۈەنيىنى خۇپىيانە ئەۋەتتى. جاڭ جياۋ ئىككى ئۇكىسى بىلەن كېڭىشىپ:
− خەلقنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلماق ئاسان ئەمەس، ھالا بۈگۈنكى كۈندە خەلقنىڭ كۆڭلى بىزگە مايىل بولۇۋاتىدۇ، ئەگەر پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرمىسەك دەرھەقىقەت پۇشايماندا قالىمىز، − دېدى ۋە بىر تەرەپتىن ئۆزىچە سېرىق ئەلەم ياساپ، قوزغىلىش قەرەلىنى بەلگىلىدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن مۇرىتى تاڭ جۇنى دەرھال مەكتۇپ بىلەن فېڭ شۈگە ئەۋەتتى. تاڭ جۇ دىۋان مەھكىمىسىگە بېرىپ قوزغىلاڭ خەۋىرىنى مەلۇم قىلدى. خان ئالىي سەركەردە خې جىنغا لەشكەر ئەۋەتىپ، ما يۈەنيىنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈشنى تاپشۇردى. ئۇنىڭدىن كېيىن فېڭ شۈ باشلىق بىر تۈركۈم كىشىلەرنى زىندانغا تاشلىدى.
جاڭ جياۋ ئىشنىڭ ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ كېچىلەپ قوزغىلاڭ كۆتۈردى. ئۇ ئۆزىنى «سەركەردە» دەپ ئاتىدى، چوڭ ئىنىسى جاڭ باۋنى «زېمىنىي سەركەردە»، جاڭ لياڭنى «ئىنسانىي سەركەردە» دەپ ئاتىدى، خالايىققا:
− بۈگۈن خەن خانىدانلىقىنىڭ قىسمەت - رىزقى توشاي دەپ قالدى، ئۇلۇغ ئەۋلىيايى ئەزەم مەيدانغا كەلدى، سىلەر تەڭرىگە بويسۇنۇپ، توغرا يولغا مېڭىڭلار، شاد - خۇرام، ئامان - ئېسەن ياشاڭلار، − دەپ ۋەز - نەسىھەت قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن ئەلدىن قىرىق - ئەللىك تۈمەن كىشى باشلىرىغا سېرىق ياغلىق ئوراپ جاڭ جياۋنىڭ قوزغىلىڭىغا قوشۇلۇپ كەتتى. قاراقچىلار كۈچلۈك كېلىپ، خان لەشكەرلىرى تاقابىل تۇرالماي تىرىپىرەن بولۇپ كەتتى. خې جىلىڭ خانغا ھەممە جاينىڭ مۇداپىئە كۆرۈپ، قاراقچىلارنى يوقىتىپ ئەجىر - تۆھپە كۆرسىتىشى توغرىسىدا دەرھال ئىلتىجا قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن مەھرەمبەگلىرىدىن لۇ جى، خۇاڭ فۇسۇڭ، جۇ جۈنلەرنى خىل لەشكەرلەر بىلەن ئۈچ تارامغا بۆلۈپ قاراقچىلارنى ئۇجۇقتۇرۇشقا ئەۋەتتى.
ئەمدى جاڭ جياۋغا كەلسەك، ئۇ لەشكەر تارتىپ يۇجۇ تەۋەسىگە باستۇرۇپ كىردى. يۇجۇ ئايمىقىنىڭ ھاكىمى ليۇ يەن تېگىدىن جياڭشيادىكى جىڭلىڭدىن بولۇپ، خەن خانىدانلىقىنىڭ ۋاڭى لۇ گۇڭنىڭ پۇشتى ئىدى. ئۇ قاراقچى لەشكەرلەرنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، لەشكەر بېشى زۇ جىڭنى چاقىرىپ كېڭەشتى. زۇ جىڭ:
− قاراقچىلارنىڭ لەشكىرى جىق، بىزنىڭ لەشكىرىمىز ئاز، جانابلىرى ياۋغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دەرھال لەشكەر ئېلىشلىرى لازىم، − دەپ مەسلىھەت بەردى.
ليۇ يەن بۇ سۆزنى ماقۇل كۆرۈپ، شۇ ئان پىدائىي لەشكەر ئېلىش ئېلانى چىقاردى. ئېلان جۇشيەن ناھىيەسىگە يېتىپ كەلگەندە بىر باتۇر پىدائىي بولۇپ چىقتى.
بۇ باتۇر ئوقۇشقا ئانچە قىزىقمايتتى، كەڭ قورساق، دىلكەش، كەم سۆزلۈك ئىدى، رەڭگىرويىدىن خۇشاللىق، خاپىلىق بىلىنمەيتتى. ئۇ كاتتا غايىلىك ئىدى، ئەلدىكى باتۇر - ئەزىمەتلەرنى دوست تۇتۇشنى ياقتۇراتتى، بويى يەتتە چى بەش سۇڭ، قۇلاقلىرى مۈرىسىگە تېگىپ، ئىككى قولى تىزىدىن ئېشىپ تۇرىدىغان، كۆزى بىلەن قۇلىقىنى كۆرەلەيدىغان، نۇرانە كەلگەن، لەۋلىرى قىزىل ئادەم ئىدى. ئۇ جۇڭشەن جىڭۋاڭى ليۇ شېڭنىڭ پۇشتى، ھەزرىتى جىڭدى خانىنىڭ ئەۋرىسى ئىدى، ئىسمىزاتى ليۇ بېي، يەنە بىر ئىسمى شۇەندې ئىدى. ۋۇدې خان دەۋرىدە ليۇ شېڭنىڭ ئوغلى ليۇ جېن جۈلۇ بەگلىكى مەرتىۋىسىگە ئىگە بولغانىدى. كېيىن ئۇ ئاتا - بوۋىسىنىڭ خاتىرىسىگە ئاتالغان ئالتۇن - كۈمۈشنى تاپشۇرۇشتىن باش تارتقانلىقى ئۈچۈن، بەگلىك مەرتىۋىدىن مەھرۇم بولغانىدى، شۇ ۋەجىدىن ليۇ جېن شېخىدىكىلەر جۇشەندە قېلىپ قالغانىدى. ليۇ بېينىڭ بوۋىسى ليۇ شيۇڭ، ئاتىسى ليۇ خۇڭ بولۇپ، ليۇ خۇڭ ئەقىدىمەن، پاك دىل دەپ كۆرسىتىلىش بىلەن مەنسەپ تۇتۇپ، ياش ئۆلۈپ كەتكەنىدى. ليۇ بېي ئاتىسىدىن بالا چېغىدىلا ئايرىلىپ كەتكەچكە، ئانىسىغا بەك ئەقىدىمەن ئىدى؛ ئائىلىسى كەمبەغەل بولغاچقا، چىگە چورۇق ۋە بورا توقۇپ كۈن كەچۈرەتتى. ئۆيى مەزكۇر ناھىيەنىڭ لۇساڭ كەنتىدە ئىدى، ئۆيىنىڭ كۈنچىقىش تۆۋەن تەرىپىدە بىر تۈپ بەش جاڭ كېلىدىغان يوغان ئۈجمە دەرىخى بار ئىدى، يىراقتىن قارىسا بۇ دەرەخ شاھ ھارۋىسىنىڭ ئۈستىدىكى سايىۋەندەك دۈپدۈگىلەك كۆرۈنەتتى. قىياپەت سىنچىلىرى: «بۇ ئائىلىدىن مۇقەررەر ئېسىل زات چىقىدۇ» دېيىشەتتى. ليۇ بېي ياش چېغىدا بۇ دەرەخنىڭ تۈۋىدە يېزا بالىلىرى بىلەن ئويناپ يۈرۈپ:
− مەن پادىشاھ بولسام مۇشۇنداق سايىۋەنلىك ھارۋىدا ئولتۇراتتىم، − دەيتتى.
ليۇ بېينىڭ تاغىسى ليۇ يۈەنچى بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھەيران بولۇپ: «بۇ بالا قالتىس ئادەم بولىدۇ !» دېگەنىدى. ليۇ بېينىڭ ئائىلىسى كەمبەغەل بولغانلىقتىن، ليۇ يۈەنچى ئىقتىسادىي جەھەتتىن دائىم ئۇلارغا ياردەم بېرىپ تۇراتتى. ليۇ بېي ئون بەش ياشقا كىرگەندە، ئۇنى ئانىسى ئوقۇشقا ئەۋەتتى. ليۇ بېي جېڭ شۇەن، لۇ جىلارنى ئۇستاز تۇتتى. ئۇ يەنە گۇڭسۇن زەنلەر بىلەن دوست بولۇشتى. ليۇ يەن لەشكەر ئېلىش ئېلانى چىقارغان ۋاقتىدا ليۇ بېي يىگىرمە سەككىز ياشتا ئىدى.
ليۇ بېي ئېلان كۆرۈۋېتىپ ئاھ - پىغان چەكتى. ئارقىسىدا تۇرغان بىر ئادەم ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن:
− ئەل يولىدا كۈچ چىقارماي، ئاھ - پىغان چېكىدىغان يىگىتمۇ بولامدۇ؟ − دېدى.
ليۇ بېي ئۆرۈلۈپ ئارقىسىدىكى كىشىگە نەزەر تاشلىدى، بۇ بويى سەككىز چى، قاپلان باشلىق، يۇمىلاق كۆزلۈك، قارلىغاچنىڭكىدەك قىسقا بويۇنلۇق، بومبۇر ساقاللىق، ئاۋازى گۈلدۈرمامىدەك، يۈرۈش - تۇرۇشى شاش ئاتتەك ئادەم ئىدى. ليۇ بېي بۇ ئادەمنىڭ بۆلەكچە تەقى - تۇرقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئىسمىزاتىنى سورىدى. ئۇ:
− ئىسمىزاتىم جاڭ فېي، يەنە بىر ئىسمىم يىدې. ئەۋلاد - ئەۋلادتىن مۇشۇ يەردە تۇرۇپ كېلىۋاتىمىز، قاسساپلىق بىلەن ئوقەت قىلىمەن، ئالەمدىكى باتۇر - ئەزىمەتلەر بىلەن دوست بولۇشنى ياخشى كۆرىمەن. بايا جانابلىرىنىڭ ئېلان كۆرۈۋېتىپ ئاھ - پىغان چەككەنلىكلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن سوراپ قالدىم، − دېدى.
− مەن، − دېدى ليۇ بېي، − نەسەب جەھەتتىن خەن خانىدانلىقى جەمەتىدىن بولىمەن، ئىسمىزاتىم ليۇ بېي بولىدۇ. يېقىندىن بۇيان سېرىق ياغلىقلىقلارنىڭ ئىسيانىنى ئاڭلاپ، قاراقچىلارنى يوقىتىپ، خەلقنى خاتىرجەم قىلىشنى ئارزۇ قىلغان بولساممۇ، قۇدرىتىم يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئاھ - پىغان چەكتىم.
− مېنىڭدە خېلى مال - دۇنيا بار، يېزا يىگىتلىرىنى توپلاپ، بىللە بۇ ئۇلۇغ ئىشقا كىرىشسەك قانداق؟ − دېدى جاڭ فېي.
ليۇ بېي ناھايىتى خۇشال بولۇپ، جاڭ فېي بىلەن يېزا مەيخانىسىغا كىرىپ ئۈلپەتچىلىك قىلىشتى. ئۇلار مەي ئىچىپ ئولتۇرۇشقاندا بىر يىگىت ھارۋا سۆرەپ كېلىپ، ھارۋىنى مەيخانا ئالدىدا توختاتتى؛ ئۇ ئادەم مەيخانىغا كىرىپ ئولتۇرۇش بىلەن مەيپۇرۇشقا قاراپ:
− ماڭا تېزرەك مەي كەلتۈرۈڭ، ئىشىم ئالدىراش، شەھەرگە كىرىپ لەشكەرلىككە يېزىلىمەن، − دېدى.
ليۇ بېي بۇ ئادەمگە قارىدى، ئۇ بويى توققۇز چى ، ساقىلى ئىككى چى، يۈزى چىلاندەك، لەۋلىرى بويىۋالغاندەك قىپقىزىل، يۇمۇق كۆزلۈك، قىيغاچ قاشلىق، ھەيۋەتلىك بىر كىشى ئىكەن. ليۇ بېي بۇ كىشىنى ئۆز يېنىغا تەكلىپ قىلىپ، ئىسمىزاتىنى سورىدى.
− ئىسمىزاتىم گۇەن يۈ، يەنە بىر ئىسمىم چاڭشېڭ، كېيىن يۈنچاڭغا ئۆزگەرتتىم. خېدۇڭدىكى جيېلياڭدىن بولىمەن. يۇرتىمىزدا بىر مۇشتۇمزور چىقىپ، كۈچ - قۇۋۋىتىگە يۆلىنىپ، خەلقنى بوزەك قىلغانلىقتىن ئۇنى ئۆلتۈردۈم؛ شۇ يەردىن قېچىپ چىققىنىمغا بەش - ئالتە يىل بولدى، ئەلكېزەر بولۇپ يۈرىمەن. قاراقچىلارنى يوقىتىش ئۈچۈن لەشكەر ئالىدىكەن دەپ ئاڭلاپ ئالاھىدە بۇ يەرگە كەلدىم، − دېدى ھېلىقى كىشى.
ليۇ بېيمۇ ئۆز ئارزۇسىنى سۆزلەپ بەردى، گۇەن يۈ ناھايىتى خۇش بولۇپ كەتتى ۋە بىرلىكتە قىلماقچى بولغان ئۇلۇغ ئىشلار ئۈستىدە كېڭىشىش ئۈچۈن جاڭ فېينىڭ جاڭزىسىغا كەلدى. جاڭ فېي:
− ھويلامنىڭ ئارقىسىدا بىر شاپتۇللۇق بېغىم بار، شاپتۇللار راسا چېچەكلەۋاتىدۇ؛ ئەنە شۇ باغدا تەڭرىگە ئاتاپ نەزىر ئۆتكۈزۈپ، ئۈچىمىز ئاغا - ئىنى بولۇشقا قول بېرىشەيلى، بىر نىيەت، بىر دىللىق بولايلى، شۇندىلا ئۇلۇغ ئىشىمىزنى باشقا ئاچىقالايمىز، − دېدى.
− ناھايىتى ئوبدان ! − دېيىشتى ليۇ بېي بىلەن گۇەن يۈ شۇ ئان.
ئەتىسى شاپتۇللۇق باغدا قارا كالا، ئاق ئات سويۇلۇپ نەزىر ھازىرلاندى، ئۈچەيلەن خۇشبۇي ئىسرىق سېلىپ ئىبادەت قىلدى ۋە: «بىزكى ليۇ بېي، گۇەن يۈ، جاڭ فېيلار باشقا - باشقا ئۇرۇقتىن بولساقمۇ، ئاغا - ئىنى بولۇشتۇق. بىر نىيەت، بىر دىللىق بولۇپ، ئېغىر كۈنلەردە بىر - بىرىمىزگە ھەمدەملىشىمىز، ئەلگە خىزمەت قىلىپ، پۇقرانى ئەمىن ئېتىمىز؛ تۇغۇلغان يىل، ئاي، كۈنىمىز باشقا - باشقا بولسىمۇ، بىر ۋاقىت، بىر سائەتتە ئۆلۈشنى خالايمىز. بىزنىڭ بۇ نىيىتىمىزگە تەڭرى ئىگەم گۇۋاھ بولسۇن، ۋەدىگە ۋاپاسىزلىق قىلساق، تەڭرى ۋە خالايىق جاجىمىزنى بەرسۇن !» دەپ قەسەمياد قىلىشتى. ئانت ئىچىلىپ بولغاندىن كېيىن، ليۇ بېي ئاغا، گۇەن يۈ ئوتتۇرانچى ئىنى، جاڭ فېي كەنجى ئىنى بولىدىغان بولدى. ئۇلار تىلاۋەتتىن كېيىن يەنە كالا سويۇپ، مەرىكە - سورۇن ھازىرلاپ، يېزىدىكى ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق يىگىتنىڭ ئىشتىراكى بىلەن شاپتۇللۇق باغدا غەرق مەست بولغۇچە مەي - شاراب ئىچىشتى. ئەتىسى ئۇلار قورال - ياراغ تەييارلىدى، لېكىن مىنىشكە ئات - ئۇلاغ يوق ئىدى. ئات - ئۇلاغنىڭ غېمىنى قىلىپ تۇرغاندا، ئىككى سودىگەرنىڭ بىر توپ ئادەملىرى بىلەن بىر قوتان ئات ھەيدەپ جاڭزىغا كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر كىردى. ليۇ بېي:
− بۇ تەڭرىنىڭ ماڭا قىلغان رەھمىتى ! − دېدى - دە، ئۈچ قېرىنداش جاڭزىدىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىشتى. بۇ ئىككى مېھمان ئەسلىدە جۇڭشەندىكى كاتتا سودىگەرلەردىن ئىدى؛ بىرىنىڭ ئىسمىزاتى جاڭ شىپىڭ، يەنە بىرىنىڭ ئىسمىزاتى سۇ شۇاڭ ئىدى. بۇلار ھەر يىلى شىمال تەرەپكە ئات ئاپىرىپ ساتاتتى، يېقىندىن بېرى بۇ جايدا قاراقچىلار پەيدا بولۇپ قالغانلىقتىن، ئات سودىسى قىلالماي قايتىشقانىدى. ليۇ بېي ئىككىيلەننى جاڭزىغا تەكلىپ قىلىپ مەي - شاراب بىلەن مېھمان قىلدى ۋە ئۇلارغا قاراقچىلارنى يوقىتىپ، خەلقنى ئەمىن قىلىش ئارزۇسىنى بايان قىلدى. ئىككى مېھمان خۇرسەنلىك ئىزھار قىلىپ، ئەللىك ياخشى ئات، بەش يۈز سەر ئالتۇن - كۈمۈش ۋە قورال - ياراغ ياسىتىش ئۈچۈن مىڭ جىڭ تۆمۈر ھەدىيە قىلدى. ليۇ بېي ئىككى مېھمانغا رەھمەت - تەشەككۈر بايان قىلدى، ياخشى ئۇستىلارغا ئىككى دانە قوش بىسلىق قىلىچ بۇيرۇدى. گۇەن يۈ سەكسەن ئىككى جىڭ كېلىدىغان قارا ئەجدىھا سۈرەتلىك ئۇزۇن ساپلىق ئەگمەچ قىلىچ بۇيرۇدى، بۇ قىلىچ «دەھشەتلىك يالتىراق ھەرە» دەپمۇ ئاتىلاتتى. جاڭ فېي ئۇزۇن ساپلىق پولات نەيزە بۇيرۇدى. ھەرقايسىسى ئۆزلىرىگە ساۋۇت ياساتتى. ئۇلار بەش يۈزدىن ئارتۇق يېزا يىگىتىنى توپلاپ زۇ جىڭ بىلەن كۆرۈشتى. زۇ جىڭ ئۇلارنى ھاكىم ليۇ يەن بىلەن كۆرۈشتۈردى. ئۈچەيلەن سالام - سەھەتتىن كېيىن ئىسىملىرىنى ئىزھار قىلىشتى. ليۇ بېي ئۆز نەسەبىنى سۆزلەپ بەرگەندە ليۇ يەن ئىنتايىن خۇشال بولدى ۋە شۇ ئان ليۇ بېينى ئۆز جىيەنىم دەپ تونۇدى.
بىرقانچە كۈندىن كېيىن، سېرىق ياغلىقلىق قاراقچىلار سەركەردىسى چېڭ يۈەنجىنىڭ بەش تۈمەن لەشكەر بىلەن جۇجۈن ئايمىقىغا بېسىپ كىرگەن خەۋىرى ئاڭلاندى. ليۇ يەن زۇ جىڭنى ليۇ بېي ۋە ئۇنىڭ ئىككى قېرىندىشى بىلەن بەش يۈز لەشكەر ئېلىپ دۈشمەننى ئۇجۇقتۇرۇشقا بۇيرۇدى. ليۇ بېيلار خۇشال - خۇرام لەشكەر تارتىپ يولغا چىقتى. ئۇلار داشىڭ تېغى تۈۋىگە كەلگەندە قاراقچىلار بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى. قاراقچىلار چاچلىرىنى چۇۋۇپ، سېرىق ياغلىق بىلەن ماڭلىيىنى تېڭىۋاپتۇ. ئىككى تەرەپ لەشكەرلىرى ئۇدۇلمۇئۇدۇل سەپراس بولۇپ تۇردى. ليۇ بېي چەپ يېقىغا گۇەن يۈنى، ئوڭ يېقىغا جاڭ فېينى ئېلىپ مەيدانغا چىقتى. ئۇ قامچىسىنى پۇلاڭلىتىپ:
− ئەي ! ئەلدىن يۈز ئۆرۈگەن ئاسىيلار، دەرھال ئەل بولۇشماي يەنە نېمىگە قاراپ تۇرۇشىسەن ! − دەپ تىللىدى.
چېڭ يۈەنجى دەرغەزەپ بولۇپ، سول قول سەركەردە دېڭ ماۋنى ئېلىشىشقا بۇيرۇدى. جاڭ فېي يىلان باشلىق ئۇزۇن ساپلىق نەيزىسىنى ئويناتقىنىچە دېڭ ماۋغا ئېتىلدى ۋە نەيزىسىنى تازا كېلىشتۈرۈپ بىر سانجىۋىدى، نەيزە دېڭ ماۋنىڭ كۆكسىگە قادالدى، دېڭ ماۋ ئاتتىن يىقىلدى. دېڭ ماۋنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرگەن چېڭ يۈەنجى قىلىچ ئوينىتىپ توپتوغرا جاڭ فېيغا ئېتىلدى. گۇەن يۈ ئۇزۇن قىلىچىنى جەۋلانغا كەلتۈرگىنىچە، ئات چاپتۇرۇپ ياۋغا روبىرو بولدى. بۇنى كۆرگەن چېڭ يۈەنجى چۆچۈپ تەمتىرەپ قالدى، گۇەن يۈ بىر قىلىچ بىلەن ئۇنى ئىككى پارە قىلىپ تاشلىدى. كېيىنكى ئادەملەر بۇ ئىككىيلەننى تەرىپلەپ مۇنۇ نەزمنى پۈتكەن:
كارامەت كۆرسەتتى بۈگۈن قەھرىمان،
بىرى نەيزە، بىرى قىلىچ قىلدى جەۋلان.
تۇنجى جەڭدە قۇدرىتىن قىلدى نامايان،
ئاتالدى ئۈچ ئەلدە مەشھۇر پالۋان.
قاراقچىلار چېڭ يۈەنجىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ھەممىسى بەدەر تىكىۋەتتى. ليۇ بېي ئۆز لەشكەرلىرى بىلەن قوغلىدى، ئۇلاردىن ئەل بولغانلار ھەددى - ھېسابسىز ئىدى. ليۇ بېي جەڭدىن زور نۇسرەت بىلەن قايتتى. ليۇ يەن ئۆزى ئۇنىڭ ئىستىقبالىغا چىقىپ، لەشكەرلەرنى تارتۇقلىدى. ئەتىسى چىڭجۇ ئايمىقىنىڭ ھاكىمى گۇڭ جىڭدىن سېرىق ياغلىقلىق قاراقچىلارنىڭ شەھەرنى قامال قىلغانلىقى، شەھەرنىڭ قولدىن كېتىش ئېھتىمالى بارلىقى بايان قىلىنىپ، ھەمدەملىك تەلەپ قىلىنغان ئالاقە كەلدى. ليۇ يەن ليۇ بېيدىن مەسلىھەت سورىدى. ليۇ بېي:
− پېقىر بېرىپ قۇتقۇزۇشنى خالايمەن، − دېدى.
ليۇ يەن زۇ جىڭنى بەش مىڭ لەشكەر ۋە ليۇ بېي، گۇەن يۈ، جاڭ فېيلار بىلەن چىڭجۇغا ئەۋەتتى. قاراقچىلار ھەمدەملىككە كەلگەن لەشكەرلەر بىلەن قۇچاقلىما جەڭ قىلدى. ليۇ بېي لەشكەرلىرى ئاز بولغاچقا، ياۋغا تەڭ كېلەلمەي ئوتتۇز چاقىرىم ئارقىغا چېكىنىپ قارارگاھ تىكتى. ليۇ بېي گۇەن يۈ بىلەن جاڭ فېيغا قاراپ:
− قاراقچىلار كۆپ، بىز ئاز؛ لەشكەرلەرنى ئەپ بىلەن ئىشلەتكىنىمىزدىلا نۇسرەت قازىنالايمىز، − دېدى ۋە گۇەن يۈنى مىڭ لەشكەر بىلەن تاغنىڭ سول تەرىپىگە، جاڭ فېينى مىڭ لەشكەر بىلەن تاغنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئۆتۈپ مۆكۈنۈشكە، جاڭ ئاۋازى ئاڭلىنىشى بىلەن تەڭ چىقىپ بولۇشۇشقا بۇيرۇدى. ئەتىسى ليۇ بېي بىلەن زۇ جىڭ ناغرا - دۇمباقلارنى ياڭرىتىپ، شاۋقۇن - سۈرەن بىلەن لەشكەر تارتىپ چىقتى. قاراقچىلارمۇ بۇلارنىڭ ئالدىغا تىغ كۆتۈرۈپ چىقتى، ليۇ بېينىڭ لەشكەرلىرى چېكىندى. قاراقچىلار ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلىدى، تاغ ئارقىسىغا ئۆتكەندە ليۇ بېي سېپىدىن جاڭ ئاۋازى ئاڭلاندى - دە، ئوڭ ۋە سول تەرەپكە مۆكۈنگەن لەشكەرلەر گۈررىدە ئېتىلىپ چىقتى. ليۇ بېي ئۆز لەشكەرلىرىنى ئېلىپ ئارقىغا ئۆرۈلۈپلا چاپ - چاپقا كىرىشىپ كەتتى. ئۈچ تەرەپتىن قىستاپ تېگىش قىلىنغانلىقتىن، قاراقچىلار تىرىپىرەن بولدى. ئۇلار چىڭجۇ شەھىرىگە قەدەر قوغلاپ بېرىلغاندا، ھاكىم گۇڭ جىڭمۇ خەلق لەشكەرلىرىنى ئېلىپ شەھەردىن چىقىپ، جەڭگە ھەمدەملەشتى. قاراقچىلار قاتتىق يېڭىلدى، كۆپلىرى قىرىلدى، چىڭجۇ مۇھاسىرىدىن قۇتقۇزۇلدى. بۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن كېيىنكى ئادەملەر ليۇ بېينى تەرىپلەپ مۇنۇ نەزمنى پۈتكەن:
تۆھپە كۆرسەتتى كارامەت ئىشلىتىپ پەمۇ ئەقىل،
قۇدرىتى جۈپ ئارسلان ھەم يەككە ئەجدىھادىن ئېسىل.
ئەجىر كۆرسەتتى ئۇلۇغۋار تۇنجى جەڭگە ئاتلىنىپ،
بەرگۈسى ئاجىز - ھەقىرغا مال - مۈلۈك بولماي بېخىل.
گۇڭ جىڭ لەشكەرلەرنى تارتۇقلاپ بولغاندىن كېيىن، زۇ جىڭ قايتماق بولدى. ليۇ بېي ئۇنىڭغا:
− يېقىنقى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مەھرەمبېگى لۇ جى قاراقچىلار باشلىقى جاڭ جياۋ بىلەن گۇاڭزۇڭدا ئۇرۇشۇۋېتىپتۇ، پېقىر بۇرۇنىسىدا لۇ جىنى ئۇستاز تۇتقانىدىم، بېرىپ ھەمدەملەشسەم دەيمەن، − دېدى.
شۇنىڭ بىلەن زۇ جىڭ لەشكەرلىرىنى ئېلىپ قايتىپ كەتتى، ليۇ بېي، گۇەن يۈ، جاڭ فېيلار ئۆزلىرىنىڭ قول ئاستىدىكى بەش يۈز لەشكەرنى ئېلىپ گۇاڭزۇڭغا باردى. ئۇلار لۇ جىنىڭ سېپىگە كەلگەندىن كېيىن بارگاھقا كىرىپ سالام - سەھەت قىلىشتى ۋە كېلىش مەقسىتىنى بايان قىلدى. لۇ جى خۇشاللىقىنى ئىزھار قىلىپ، پەرمان كۈتۈڭلار دەپ ئۆز بارگاھىدا ئېلىپ قالدى.
بۇ ۋاقىتلاردا جاڭ جۆ باشچىلىقىدىكى قاراقچىلار ئون بەش تۈمەن لەشكىرى لۇ جىنىڭ بەش تۈمەن لەشكىرى بىلەن گۇاڭزۇڭدا جەڭ قىلىشىۋاتاتتى، تېخى بىرى يېڭىپ چىقالمىغانىدى.
− مەن، − دېدى لۇ جى، − قاراقچىلارنى ھازىر بۇ جايدا قامال قىلىۋالدىم، قاراقچى جاڭ جياۋنىڭ ئىنىسى جاڭ لياڭ، جاڭ باۋلار يىڭچۇەندە خۇاڭ فۇسۇڭ، جۇ جۈنلەر بىلەن ئېلىشىۋاتىدۇ، مەن سىزگە بىر مىڭ لەشكەر بېرەي، سىز ئۆز قوشۇنىڭىزدىكى كۈچلەر بىلەن يىڭچۇەنگە بېرىپ خەۋەر ئېلىڭ، ئاندىن ۋاقىت - قەرەل بەلگىلەپ قاراقچىلارنى يوقىتىڭىزلار.
ليۇ بېي بۇيرۇقنى ئالغاندىن كېيىن كېچە - كۈندۈزلەپ يول مېڭىپ يىڭچۇەنگە كەلدى. بۇ ۋاقىتتا خۇاڭ فۇسۇڭ، جۇ جۈنلەر ئۆز لەشكەرلىرى بىلەن قاراقچىلارغا تاقابىل تۇرۇۋاتاتتى، قاراقچىلار جەڭدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلىقتىن چاڭشېگە چېكىنىپ ئوت - چۆپتىن قارارگاھ قۇردى. خۇاڭ فۇسۇڭ جۇ جۈنگە:
− قاراقچىلار ئوت - چۆپتىن قارارگاھ قۇرۇپتۇ، بىز ئۇلارغا ئوت بىلەن تېگىش قىلايلى، − دېدى ۋە لەشكەرلەرنى بىر باغدىن چۆپ ھازىرلاپ مۆكۈپ تۇرۇشقا بۇيرۇدى. شۇ كېچىسى تۇيۇقسىز قاتتىق بوران چىقتى. ئەلياتقۇ ۋاقىتتىن كېيىن، ئۇلار قاراقچىلارنىڭ قارارگاھىغا ئوت قويدى. خۇاڭ فۇسۇڭ، جۇ جۈنلەر لەشكەر باشلاپ قاراقچىلارغا تېگىش قىلدى، ئوت - تۈتەك ئاسماننى قاپلىدى، قاراقچىلار قورقۇپ تەمتىرەپ كېتىپ ئاتلىرىنى ئېگەرلەشكە، قۇياغلىرىنى كىيىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەي تەرەپ - تەرەپكە پىتىراپ كەتتى.
چاپ - چاپ تاڭ ئاتقانغا قەدەر داۋام قىلدى، جاڭ لياڭ، جاڭ باۋلار يېڭىلگەن قالدى - قاتتى لەشكەرلىرى بىلەن جەڭدىن قۇتۇلۇپ قاچتى. توساتتىنلا بىر توپ لەشكەر قىزىل بايراق بىلەن يېتىپ كەلدى - دە، ئۇلارنىڭ يولىنى توسۇدى. لەشكەرلەرنىڭ ئالدىدا بىر سەركەردە تۇراتتى. ئۇ بويى يەتتە چى، گازىر كۆز، ئۇزۇن ساقاللىق كەلگەن چەۋەنداز بېگى ئىدى؛ ئۇ ئەسلىدە پېي بەگلىكىنىڭ چياۋجۈن ئايمىقىدىن بولۇپ، ئىسمىزاتى ساۋ ساۋ، يەنە بىر ئىسمى مېڭدې ئىدى. ساۋ ساۋنىڭ ئاتىسى ساۋ سۇڭ ئىدى. ئۇ ئەسلى شياخۇ ئۇرۇقىدىن ئىدى؛ ئۇنى ھۆدەيچى ساۋ تېڭ بېقىۋالغاچقا، ئۇرۇقىنى ساۋ قىلىپ ئۆزگەرتكەنىدى. دېمەك، ساۋ سۇڭ ساۋ ساۋنى تاپتى. ساۋ ساۋنىڭ ئەركىلەتمە ئىسمى ئامەن، يەنە بىر ئىسمى جىلى ئىدى. ساۋ ساۋ ياشلىقىدا ئوۋ ئوۋلاشنى، نەغمە - ناۋانى، ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرەتتى؛ ئۆزى ئىدراكلىق ھەم چاققان ئىدى. ساۋ ساۋنىڭ تاغىسى ئۇنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئويۇن - تاماشىغا بېرىلگەنلىكىنى كۆرۈپ تولىمۇ رەنجىدى ۋە ئۇنى ساۋ سۇڭغا ئېيتتى. ساۋ سۇڭ ساۋ ساۋغا كايىدى. ساۋ ساۋمۇ ئۇنىڭغا يارىشا مۇنداق پەنت ئىشلەتتى: تاغىسىنىڭ كەلگىنىنى كۆرۈپ يالغاندىن پالەچ بولۇپ يېتىۋالدى. تاغىسى چۆچۈپ كېتىپ، بۇ ئەھۋالنى دەرھال ساۋ سۇڭغا خەۋەر قىلدى. ساۋ سۇڭ بېرىپ قارىغۇدەك بولسا، ساۋ ساۋ ساق ئىكەن. ساۋ سۇڭ:
− تاغاڭ سېنى پالەچ بولۇپ قاپتۇ دېۋىدىغۇ، ساقىيىپ قالدىڭمۇ نېمە؟ − دېدى.
− مەندە زادى ئۇنداق كېسەل يوق؛ تاغام مېنى يامان كۆرىدىغان بولۇپ قالغاچقا، مېنى ساڭا چېقىپتۇ، − دېدى ساۋ ساۋ.
ساۋ سۇڭ ئىشىنىپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن تاغىسىنىڭ ساۋ ساۋ ئۈستىدىن ئەيىبلەپ ئېيتقان سۆزلىرىنى ساۋ سۇڭ ئاڭلىمايدىغان بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ساۋ ساۋ خالىغانچە تاماشا قىلىپ يۈرىۋەردى. شۇ چاغلاردا چياۋ شۈەن ئاتلىق بىر ئادەم ساۋ ساۋغا:
− جاھان مالىمان بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيا بويىچە داڭدار بىر ئادەم چىقمىسا مۇنداق مالىماننى ئوڭشىيالمايدۇ، جانابىڭىز ئوڭشىيالايسىز ! − دېدى.
نەنياڭلىق خې يۇڭ ساۋ ساۋنى كۆرۈپ:
− خەن خانىدانلىقى مۇنقەرز بولىدۇ، ئالەمنى مۇشۇ ئادەم ئەمىن قىلالايدۇ، − دېدى.
رۇنەندە شۈ شاۋ ناملىق بىر دانا ئادەم بار ئىدى. ساۋ ساۋ ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن:
− مەن قانداق ئادەم؟ − دەپ سورىۋىدى، شۈ شاۋ جاۋاب بەرمىدى. ئۇ يەنە سورىۋىدى، شۈ شاۋ:
− ئوغلۇم ! سىز ئەلنى ئىدارە قىلىشقا قابىلىيەتلىك ئادەم، ئەلنى مالىمان قىلىشقىمۇ ھىيلە - مىكرىڭىز يېتىپ ئاشىدۇ ! − دېگەن جاۋابنى بەردى.
ساۋ ساۋ بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇرسەن بولدى. ئۇ ئەقىدىمەن، پاك دىل بولغانلىقتىن يىگىرمە ياش ۋاقتىدا بەگلىككە تەۋسىيـە قىلىنىپ، لوياڭنىڭ يۇقىرى قىسمىنىڭ بېگى بولدى. ئەمەلگە چىقىش بىلەنلا ئون نەچچە دانە بەش رەڭلىك نىزام كالتىكى ياسىتىپ ناھىيەنىڭ تۆت قوۋۇقىغا ئېسىپ قويدى، تەرتىپكە خىلاپلىق قىلغانلارنى نە باي، نە بىلىمدان بولۇشىغا قارىماي كالتەكلىتىۋەردى. ھۆدەيچى جيەن شۇنىڭ تاغىسى كېچىسى قىلىچ ئېلىپ كوچىغا چىققانلىقىدىن كېچىلىك چارلاشقا چىققان ساۋ ساۋ ئۇنى تۇتۇۋېلىپ كالتەكلىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ مەيلى ئەمەلدار، مەيلى پۇقرا بولسۇن، ھېچقايسىسى تەرتىپسىزلىك قىلالمىدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ داڭقى پۇر كەتتى. كېيىن ئۇ دۇڭجۇغا ئامبال بولدى. سېرىق ياغلىقلىقلار ئىسيانى مۇناسىۋىتى بىلەن ساۋ ساۋ چەۋەنداز بېگى بولۇپ بەش مىڭ ئاتلىق، پىيادە لەشكەر بىلەن يىڭچۇەنگە ھەمدەملىككە كەلدى. ساۋ ساۋ دەل جاڭ لياڭ، جاڭ باۋلارنىڭ جەڭدە يېڭىلىپ قېچىۋاتقان پەيتىدە كېلىپ قالدى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇدى - دە، چاپ - چاپقا چۈشۈپ كەتتى، بىر تۈمەندىن ئارتۇق ئىسيانچىنى قىرىپ تاشلىدى، نۇرغۇن تۇغ - ئەلەم، جاڭ - دۇمباق، ئات - ئۇلاغنى غەنىيمەت ئالدى. جاڭ لياڭ، جاڭ باۋلار جېنىنىڭ بارىچە ئېلىشقاندىن كېيىن، ئاران قۇتۇلدى. ساۋ ساۋ خۇاڭ فۇسۇڭ، جۇ جۈنلەر بىلەن كۆرۈشۈپ بولۇپلا لەشكەرلىرىنى ئېلىپ جاڭ لياڭ، جاڭ باۋلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ كەتتى.
ئەمدى ليۇ بېيغا كەلسەك، ئۇ گۇەن يۈ، جاڭ فېيلار بىلەن يىڭچۇەنگە كەلدى، ئۇ يەردە سۈرەن - شاۋقۇن، چاپ - چاپ ئاۋازلىرىنى ئاڭلىدى ۋە ئاسمان - پەلەككە تۇتاشقان ئوت شولىلىرىنى كۆردى. ئۇلار ئالدىراپ - تېنەپ جەڭ مەيدانىغا يېتىپ كەلسە قاراقچىلار تىرىپىرەن بولۇپ قېچىپ كېتىپتۇ. خۇاڭ فۇسۇڭ، جۇ جۈنلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا لۇ جىنىڭ ئۆزلىرىنى نېمە ۋەجىدىن ئەۋەتكەنلىكىنى ئىزھار قىلدى. خۇاڭ فۇسۇڭ ليۇ بېيغا:
− جاڭ لياڭ، جاڭ باۋلار ھالسىراپ قالدى، بۇلار چوقۇم گۋاڭزۇڭدىكى جاڭ جياۋنىڭ قېشىغا بارىدۇ. سىز دەرھال كېچىلەپ ئۇ يەرگە ھەمدەمگە بېرىڭ، − دېدى.
ليۇ بېي بۇيرۇققا بىنائەن لەشكەرلىرى بىلەن كەينىگە ياندى. ئۇ ئوتتۇرا يولغا كەلگەندە بىر توپ لەشكەرنىڭ بىر كۆشۈك ھارۋىنى ئەكېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى، كۆشۈك ھارۋىدىكى گۇناھكار ليۇ جى ئىدى. ليۇ بېي ھەيران بولۇپ دەرھال ئاتتىن چۈشۈپ ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى سورىغانىدى، ليۇ جى:
− جاڭ جياۋنى ئارىغا ئېلىۋېلىپ يوقىتىشقا ئازلا قالغانىدىم؛ جاڭ جياۋ ئارۋاق قىلغانلىقىدىن ئۇنى شۇ ھامانلا يېڭەلمىدىم. ئوردىدىن ئەۋەتىلگەن ئاغۋات زو فېڭ كېلىپ جەڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇشقاندىن كېيىن مەندىن پارا تەلەپ قىلدى. مەن: «ئاشلىق - تۈلۈك، تەمىنات يېتىشمەيۋاتىدۇ، مەندە خان ئەلچىسىگە تەقدىم قىلارلىق نەدە ئېشىنغان پۇل بولسۇن !»دېدىم. زو فېڭ مەندىن رەنجىپ ئوردىغا قايتقاندىن كېيىن خانغا مېنى جەڭ قىلماي يېتىۋاپتۇ، لەشكەرلەرنىڭ رايىنى قايتۇرۇۋېتىپتۇ، دەپ چاقتى. شۇنىڭ بىلەن خان غەزەپلىنىپ، مەھرەمبېگى دۇڭ جونى مېنىڭ ئورنۇمغا تەيىنلەپ، مېنى جاۋابقا تارتىش ئۈچۈن پايتەختكە ئەكېتىۋاتىدۇ، − دېدى.
جاڭ فېي بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرغەزەپ بولۇپ ئۇنى ئېلىپ ماڭغان لەشكەرلەرنى ئۆلتۈرۈپ، لۇ جىنى قۇتقۇزماق بولدى. بۇ ۋاقىتتا ليۇ بېي ئۇنى توسۇپ:
− خان ئەلۋەتتە ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، سىز ئالدىراقسانلىق قىلىپ قويماڭ، − دېدى.
لەشكەرلەر لۇ جىنى ئېلىپ يولغا راۋان بولدى. گۇەن يۈ:
− ئورپاقبەگ لۇ جى قاماققا ئېلىنىپتۇ، باشقا كىشى لەشكەربېشى بولۇپتۇ، بارغىنىمىز بىلەن بىزگە ھامىي بولىدىغان كىشى چىقمايدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە جۇجۇنگە قايتقىنىمىز ماقۇلراق بولارمىكىن؟ − دېدى.
ليۇ بېي ئۇنىڭ سۆزىنى ماقۇل كۆرۈپ، لەشكەرلىرىنى باشلاپ يۇقىرىغا سەپەر قىلدى. ئىككى كۈن ماڭا - ماڭماستىن تاغنىڭ ئارقىسىدىن قاتتىق شاۋقۇن - سۈرەن ئاڭلاندى. ليۇ بېي گۇەن يۈ، جاڭ فېيلار بىلەن ئاتلىرىنى چاپتۇرغىنىچە بىر تۆپىلىككە چىقىپ ئەتراپقا قارىدى، قارىسا خەن خانىدانلىقى لەشكەرلىرى يېڭىلىپتۇ، ئۇلارنىڭ كەينىدىن سېرىق ياغلىقلىقلار يەر - جاھاننى قاپلاپ كېلىشىۋېتىپتۇ، ئۇلارنىڭ ئەلىمىگە چوڭ ھەرپ بىلەن «ساماۋى سەركەردە» دەپ يېزىلىپتۇ. ليۇ بېي:
− بۇ جاڭ جياۋ ئىكەن، تېز جەڭگە ئاتلىنىشىمىز لازىم ! − دېدى - دە، ئۈچەيلەن ئات چاپتۇرۇپ لەشكەرلىرىنى باشلاپ جەڭگە چىقتى. جاڭ جياۋ لەشكەرلىرى دۇڭ جونى يېڭىپ ئۇنىڭ كەينىدىن راسا قوغلاپ كېلىۋاتقىنىدا، ئۇشتۇمتۇت بۇ ئۈچەيلەن بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى، جاڭ جياۋ لەشكەرلىرى پاتىپاراق ئىچىدە يېڭىلىپ ئەللىك نەچچە چاقىرىم يەرگىچە قېچىپ باردى. ئۈچەيلەن دۇڭ جونى قۇتقۇزۇپ قارارگاھقا ئەكەلدى. دۇڭ جو ئۈچەيلەننىڭ ھازىر قانداق مەنسەپتە ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈردى. ليۇ بېي ئۆزلىرىنىڭ ھېچقانداق مەنسىپى يوق، ئاددىي پۇقرا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. دۇڭ جو بۇلارنى پەس كۆرۈپ ئىلتىپات قىلمىدى. ليۇ بېي قايتىپ چىققاندىن كېيىن جاڭ فېي غەزەپلىنىپ:
− بىز قانلىق جەڭ قىلىپ بۇ بەتبەختنى قۇتقۇزۇپ قويساق، بىزگە شۇنچىۋالا بىئەدەپلىك قىلامدۇ؟ ! مەن بۇنى ئۆلتۈرمەي پۇخانىمدىن چىقمايمەن ! − دەپ قىلىچ ئېلىپ دۇڭ جونى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ بارگاھىغا كىرمەك بولدى. دەرھەقىقەت:
مادارادا قاراپ مالۇ كۈچىگە ئىش تۇتۇش زادى،
قەدىمدە ھېلىمۇ ئوخشاش بولۇپ كەلدى ئۈزۈلمەستىن.
تۆرەلدى بۇ جاھان ئارا تېپىلماس ئاق كۆڭۈل جاڭ فېي،
ۋاپاسىز - بەتنىيەتلەرنى يوقاتقاي بىرنى قويماستىن.
دۇڭ جونىڭ ھاياتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كېيىنكى بابتىن ئاڭلىغايسىز.
ئىككىنچى باب
جاڭ فېينىڭ غەزەپ بىلەن باقاۋۇلنى قامچىلىغانلىقى
خان قېيىنئاغىسى خې جىننىڭ ھەرەمئاغىلىرىنى يوقىتىشنى نىيەت قىلغانلىقى
ئەلقىسسە، دۇڭ جو كۈنپېتىش گەنسۇنىڭ لىنتاۋ دېگەن يېرىدە تۇغۇلدى، ئۇنىڭ يەنە بىر ئىسمى جۇڭيىڭ ئىدى. ئۇ خېدۇڭ ئايمىقىنىڭ ھاكىملىق مەنسىپىدە بولدى، ئەزەلدىن تارتىپ تەكەببۇر ئىدى. شۇ كۈنى ليۇ بېيغا بىئەدەپلىك قىلغانلىقىدىن جاڭ فېينىڭ غەزىپى ئۆرلەپ ئۇنى ئۆلتۈرمەك بولدى. ليۇ بېي بىلەن گۇەن يۈ دەرھال ئۇنى توختىتىۋېلىپ:
− ئۇ خان تەيىنلىگەن ئەمەلدار تۇرسا، قانداقسىغا ئۇنى ئۆز مەيلىڭىزچە ئۆلتۈرەلەيسىز؟ − دېيىشتى.
− بۇ بەتبەختنى ئۆلتۈرمىسەك ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەشكە قالىمىز، بۇنىڭغا مەن تاقەت قىلىپ تۇرالمايمەن، ئاغىلىرىم، ئىككىلىرى بۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشنى خالىسىلا، مەن باشقا ياققا كېتەي ! − دېدى جاڭ فېي.
− بىز ئۈچىمىز ئۆلۈم - كۆرۈمدە بىللە بولۇشقا ئانت ئىچكەن تۇرساق، قانداق قىلىپ بىر - بىرىمىزدىن ئايرىلىمىز؟ ئۇنداق بولسا ھەممىمىز بىللە باشقا جايغا بارايلى ! − دېدى ليۇ بېي.
− مۇنداق بولسا ئاچچىقىم سەل بېسىلىشى مۇمكىن، − دېدى جاڭ فېي.
شۇنداق قىلىپ، ئۈچەيلەن لەشكەرلەر بىلەن كېچىلەپ جۇ جۈنگە بېرىپ قوشۇلدى. جۇ جۈن ئۇلارنى ئوبدان ئىلتىپات بىلەن كۈتۈۋالدى. ئۇلار لەشكەرلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ جاڭ باۋغا تېگىش قىلىش ئۈچۈن لەشكەر تارتىپ ماڭدى. بۇ ۋاقىتتا ساۋ ساۋ خۇاڭ فۇسۇڭ بىلەن بىللە چۈ ياڭ، جاڭ لياڭ بىلەن جەڭ قىلىۋاتاتتى. جۇ جۈن بۇياقتىن جاڭ باۋغا تېگىش قىلدى، جاڭ باۋ سەككىز − توققۇز تۈمەن قاراقچى لەشكەرنى تاغ ئارقىسىدا تۇتۇپ ياتتى. جۇ جۇن ليۇ بېينى تۇرشاۋۇل قىلىپ قاراقچىلار بىلەن جەڭ قىلىشقا ئەۋەتتى. جاڭ باۋ سول قول سەركەردە گاۋ شېڭنى ياۋنى جەڭگە ئۈندەشكە چىقاردى، ليۇ بېي جاڭ فېينى جەڭگە چىقىشقا بۇيرۇدى. جاڭ فېي نەيزىسىنى ئېلىپ ئات قويۇپ گاۋ شېڭ بىلەن ئېلىشتى، بىرقانچە مەرتەم ئېلىشقاندىن كېيىن جاڭ فېي بىر نەيزە سانجىپ گاۋ شېڭنى ئاتتىن يەرگە چۈشۈردى. ليۇ بېي لەشكەرلىرىنى باشلاپ ياۋ ئىچىگە باستۇرۇپ كىردى. جاڭ باۋ چېچىنى چۇۋۇپ، شەمشىرىنى ئوينىتىپ جادۇگەرلىك قىلغانىدى، شۇ ئان بوران چىقىپ گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىدى، ئاسماندىن بىر توپ قارا تۈتەك پەسكە چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن خۇددى سان - ساناقسىز لەشكەرلەر چاپ - چاپ قىلىپ كەلگەندەك بولدى. ليۇ بېي دەرھال لەشكەرلىرىنى چېكىندۈردى، لەشكەرلەر پاتىپاراق بولۇپ يېڭىلدى، ليۇ بېي جۇ جۈن بىلەن كېڭەش قىلدى. جۇ جۈن:
− جاڭ باۋ ئارۋاق ئىشلەتتى، ئەتە چوشقا، قوي، ئىت ئۆلتۈرۈپ قېنىنى ئېلىپ قويايلى ۋە لەشكەرلەرنى تاغ ئۈستىگە مۆكتۈرۈپ قويايلى. قاراقچىلار يېتىپ كەلگەندە ئېگىز دۆڭدە تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قان چاچساق ئۇنىڭ سېھرى يانىدۇ، − دېدى.
ليۇ بېي ئەمر بويىچە گۇەن يۈ ۋە جاڭ فېيلارنى مىڭدىن لەشكەر ئېلىپ، چوشقا، قوي، ئىت قېنىنى ۋە پاسكىنا، مەينەت نەرسىلەرنى قاچىلىتىپ، تاغ ئارقىسىدىكى تۆپىلىككە مۆكتۈرۈپ تەخمۇتەخ بولۇپ تۇرۇشقا ئەۋەتتى. ئەتىسى جاڭ باۋ لەشكەرلىرىنى باشلاپ، تۇغ - ئەلەملەرنى لەپىلدىتىپ، داقا - دۇمباقلارنى ياڭراتقىنىچە جەڭگە ئۈندىدى. ليۇ بېي جەڭگە چىقتى. تازا ئېلىشىپ تۇرغاندا جاڭ باۋ ئارۋاق قىلىۋىدى، بوران - چاپقۇن چىقىپ گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىدى - دە، قۇم ۋە تاش ياغدى. قارا تۈتەك پۈتۈن ئاسماننى قاپلىدى. ئاسماندىن لەشكەرلەر چۈشتى. ليۇ بېي ئېتىنىڭ بېشىنى بۇراپ كەينىگە قاراپ قاچتى، جاڭ باۋ ئارقىدىن قوغلىدى. ئۇ تاغدىن ئۆتكەن ھامان گۇەن يۈ، جاڭ فېيلارنىڭ بۆكتۈرمە لەشكەرلىرى بەلگە توپ ئاتتى ۋە پاسكىنا - مەينەت نەرسىلەرنى ئۇلارغا چاچتى. قارىسا ھاۋادىن قەغەز ئادەم، چۆپتىن ياسالغان ئاتلار ئارقىمۇئارقا يەرگە چۈشۈۋېتىپتۇ، بوران - چاقماق توختاپ، قۇم - تاشلار ئولتۇرۇپ كېتىپتۇ. ئارۋاقنىڭ بەربات بولغانلىقىنى كۆرگەن جاڭ باۋ لەشكەرلىرىنى تېز قايتۇرماقچى بولۇۋىدى، سولدىن گۇەن يۈ، ئوڭدىن جاڭ فېي، ئارقىدىن ليۇ بېي، جۇ جۈن لەشكەرلىرى تەڭلا ئېتىلىپ چىقتى، بۇنىڭ بىلەن قاراقچىلار قاتتىق يېڭىلدى. ليۇ بېي «زېمىنىي سەركەردە» دېگەن خەت يېزىلغان ئەلەمنى كۆرۈپ قېلىپ ئۇچقاندەك ئات چاپتۇرۇپ كەلدى، جاڭ باۋ ئالدىراپ - تېنەپ يولغىمۇ قارىماي بەدەر تىكىۋەتتى. ليۇ بېي كەينىدىن قوغلاپ ئوقيا ئاتتى، ئوق بېرىپ ئۇنىڭ سول بىلىكىگە تەگدى. جاڭ باۋ قادالغان ئوق بىلەن ياڭچېڭ شەھىرىگە قېچىپ بېرىپ شەھەرنى ساقلاپ ياتتى. جۇ جۈن لەشكەرلىرى بىلەن كېلىپ شەھەرنى قورشاپ تېگىش قىلدى ۋە خۇاڭ فۇسۇڭدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن چارلىغۇچىلار ئەۋەتتى. چارلىغۇچىلار قايتىپ كېلىپ:
− خۇاڭ فۇسۇڭ زور نۇسرەت تېپىپتۇ، ئارقا - ئارقىدىن يېڭىلىپ قالغان دۇڭ جو ئىشتىن بوشىتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خۇاڭ فۇسۇڭ قويۇلۇپتۇ، خۇاڭ فۇسۇڭ تەيىنلەنگەن جايغا يېتىپ كەلسە جاڭ جياۋ ئۆلۈپ بوپتۇ. ئۇكىسى جاڭ لياڭ ئۇنىڭ لەشكەرلىرىنى باشلاپ بىزنىڭ لەشكەرلىرىمىزگە تاقابىل تۇرۇپتۇ. خۇاڭ فۇسۇڭ جەڭدە ياۋ لەشكەرلىرىنى ئارقىمۇئارقا يەتتە قېتىم يېڭىپ، جاڭ لياڭنى چۈياڭدا ئۆلتۈرۈپتۇ. ئۇ جاڭ جياۋنىڭ گۇەنسەي ساندۇقىنى ئېچىپ، جەسىتىنى چەيلەپ، بېشىنى كېسىپ پايتەختكە ئەۋەتىپتۇ، قالدۇق قاراقچىلار ئەل بوپتۇ. خۇاڭ فۇسۇڭ ھارۋا - ئاتلىقلار سەركەردىسى دېگەن مەرتىۋىگە ئىگە بولۇپ، جىجۇ ئايمىقىغا ھاكىم بوپتۇ. خۇاڭ فۇسۇڭ لۇ جىنىڭ كۆرسەتكەن خىزمىتى بارلىقى، گۇناھى يوقلۇقى ھەققىدە ئوردىغا مەلۇمات ئەۋەتىپتۇ، خانىدانلىق لۇ جىنى بۇرۇنقى مەنسىپىگە قويۇپتۇ. ساۋ ساۋمۇ ئەجىر - تۆھپە كۆرسەتكەنلىكىدىن جىنەن بەگلىكىگە تەيىنلىنىپتۇ. ھازىر ئۇ لەشكەرلىرىنى ئېلىپ مەنسەپ تۇتقىلى مېڭىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ، − دەپ مەلۇم قىلدى.
جۇ جۈن بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، لەشكەرلىرىنى ياڭچېڭغا قاتتىق تېگىش قىلىشقا ئالدىراتتى. قاراقچىلار ئېغىر ھالدا قالغاچقا، قاراقچى سەركەردە يەن جېڭ جاڭ باۋنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ بېشىنى تەقدىم قىلىپ ئەل بولدى. جۇ جۈن بىرقانچە ئايماقنى تىنچىتىپ، ئۆز ئەجىر - تۆھپىلىرىنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلدى.
بۇ ۋاقىتلاردا سېرىق ياغلىقلىقلارنىڭ قالدۇق مۇرىتلىرىدىن جاڭ خۇڭ، خەن جۇڭ، سۇن جۇڭ دېگەن ئۈچەيلەن بىرنەچچە تۈمەن كىشىنى توپلاپ، ئېپىنى تاپسىلا ئوت قويۇپ، بۇلاڭچىلىق قىلدى. ئۇلار جاڭ جياۋنىڭ قىساسىنى ئالىمىز، دەپ دەۋا قىلىپ يۈردى. خان بۇلارنى جەڭدە ياۋنى يەڭگەن لەشكەرلەر بىلەن بېسىقتۇرۇشنى جۇ جۈنگە تاپشۇردى. جۇ جۈن پەرمان بويىچە لەشكەر تارتىپ ماڭدى. بۇ چاغدا قاراقچىلار ۋەنچېڭ شەھىرىنى ئىگىلەپ تۇراتتى، جۇ جۈن لەشكەرلىرى بىلەن شەھەرگە تېگىش قىلدى، جاڭ خۇڭ خەن جۇڭنى جەڭگە ئاتلاندۇردى. جۇ جۈن ليۇ بېي بىلەن گۇەن يۈ، جاڭ فېيلارنى شەھەرنىڭ كۈنپېتىش تۆۋەن تەرىپىگە تېگىش قىلىشقا بۇيرۇدى. خەن جۇڭ ئۆزىنىڭ خىل لەشكەرلىرىنى ئېلىپ، تېگىش قىلىشقا كەلگەن لەشكەرلەرنى باشلاپ شەھەرنىڭ كۈنپېتىش تۆۋەن تەرىپىگە كەلدى. جۇ جۈن ئۆزى ئىككى مىڭ چەۋەنداز بىلەن شەھەرنىڭ كۈنچىقىش يۇقىرى تەرىپىگە تېگىش قىلدى. قاراقچىلار شەھەرنى قولدىن بېرىپ قويۇشتىن قورقۇپ، كۈنپېتىش تۆۋەن تەرەپنى تاشلاپ قايتىپ كەتتى. ليۇ بېي ئارقىدىن كېلىپ چاپ - چاپ قىلغانلىقتىن، قاراقچىلار قاتتىق يېڭىلىپ، ۋەنچېڭ شەھىرى ئىچىگە قېچىپ كىرىۋالدى. جۇ جۈن لەشكەرلىرىنى بۆلۈپ، شەھەرنى تۆت تەرەپتىن مۇھاسىرە قىلدى، شەھەردە ئوزۇق - تۈلۈك تۈگىگەنلىكتىن، خەن جۇڭ ئەل بولۇش ئۈچۈن شەھەردىن ئادەم چىقارتتى، جۇ جۈن بۇنى ماقۇل كۆرمىگەنىدى، ليۇ بېي:
− بۇرۇنىسىدا گاۋزۇ خان ئەلنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئەل بولغانلارنى قوبۇل قىلغانىدى، جانابلىرى نېمە ئۈچۈن خەن جۇڭنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلمايدىلا؟ − دەپ سورىدى.
− ئۇ بىر زامان، بۇ بىر زامان، − دېدى جۇ جۈن، − چىن خانىدانلىقى بىلەن خەن خانىدانلىقى ئارىلىقىدا جاھان تازا مالىمان بولۇپ خەلق ئىگىسىز قالغانىدى. ياۋنى ئۆز تەرىپىگە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئەل بولغۇچىلار قوبۇل قىلىناتتى ۋە تارتۇقلىناتتى. ھازىر بولسا پۈتۈن ئەل بىرلەشتى، پەقەت سېرىق ياغلىقلىقلار ئىسيان كۆتۈرۈۋاتىدۇ، ئەگەردە ئۇلارنىڭ ئەل بولۇشىنى قوبۇل قىلىدىغان بولساق، باشقىلارنى ياخشى يولغا باشلاشقا ئىلاجسىز قالىمىز، قاراقچىلارنى قولاي پۇرسەت تاپقاندا بۇلاڭچىلىق قىلىدىغان، قولايسىز قالغاندا ئاندىن ئەل بولىدىغان قىلىپ قويىمىز، بۇنداق بولغاندا قاراقچىلارنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈپ قويىمىز، بۇ ياخشى تەدبىر ئەمەس.
− قاراقچىلارنىڭ ئەل بولۇشىنى قوبۇل قىلمىغانلىقلىرى توغرا، − دېدى ليۇ بېي، − ئەمما، قاراقچىلار تۆت تەرەپلەپ چەمبەرچاس مۇھاسىرە قىلىنىپ، ئەل بولۇشقا ئىمكانىيەت تاپالمىغاندىن كېيىن، ئەلۋەتتە جان تىكىپ جەڭ قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بىر تۈمەن كىشى بىر نىيەتتە بولۇۋالسا ئۇلارغا تاقابىل تۇرغىلى بولمايدۇ. دېمىسىمۇ، قانداقسىغا شەھەردىكى جېنىدىن ئۈمىد ئۈزگەن بىرنەچچە تۈمەن كىشىگە تاقابىل تۇرغىلى بولسۇن؟ ئۇنىڭدىن كۆرە، شەھەرنىڭ كۈنچىقىش تۆۋەن تەرىپىنى بوش قويۇپ، كۈنپېتىش يۇقىرى تەرىپىگىلا تېگىش قىلساق، قاراقچىلار جەڭدىن ۋاز كېچىپ شەھەرنى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇر بولىدۇ، ئەنە شۇ چاغدا ئۇلارنى قولغا چۈشۈرگىلى بولىدۇ.
جۇ جۈن ئۇنىڭ مەسلىھەتىنى ماقۇل كۆرۈپ، شەھەرنىڭ كۈنچىقىش ۋە تۆۋەن تەرىپىدىكى لەشكەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىپ، ئۇلار بىلەن بىللە شەھەرنىڭ كۈنپېتىش يۇقىرى تەرىپىگىلا تېگىش قىلدى. خەن جۇڭ دېگەندەكلا لەشكەرلىرىنى ئېلىپ شەھەرنى تاشلاپ قاچتى. جۇ جۈن ليۇ بېي، گۇەن يۈ، جاڭ فېيلار بىلەن ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ چاپ - چاپ قىلدى ۋە جەڭدە خەن جۇڭنى ئوقيا بىلەن ئېتىپ ئۆلتۇردى، قالغانلىرى تىرىپىرەن بولۇپ تەرەپ - تەرەپكە قاچتى. تازا قوغلاپ كېتىۋاتقاندا، جاۋ خۇڭ، سۇن جۇڭلار بىر توپ قاراقچىنى باشلاپ كېلىپ قالدى - دە، جۇ جۈن بىلەن ئېلىشتى. جۇ جۈن قاراقچىلار لەشكەرلىرىنىڭ زورلۇقىنى كۆرۈپ لەشكەرلىرىنى ۋاقىتلىق چېكىندۈردى. جاۋ خۇڭ شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ۋەنچېڭ شەھىرىنى قايتىدىن تارتىۋالدى. جۇ جۈن ئون چاقىرىم ئارقىغا چېكىنىپ قارارگاھ تىكتى ۋە قاراقچىلارغا تېگىش قىلاي دەپ تۇرۇشىغا كۈنچىقىش تەرەپتىن بىر توپ لەشكەر چىقىپ قالدى. بۇ لەشكەرلەرنىڭ سەركەردىسى كەڭ پېشانىلىك، كەڭ يۈزلۈك، ئارسلان قامەتلىك، ئېيىق بەللىك بىر كىشى ئىدى. ئۇ ۋۇجۈن ئايمىقىدىكى فۇچۇن ناھىيەسىدىن بولۇپ، ئىسمىزاتى سۇن جيەن، يەنە بىر ئىسمى ۋېنتەي، سۇن ۋۇزىنىڭ پۇشتى ئىدى. ئۇ ئون يەتتە ياش ۋاقتىدا ئاتىسى بىلەن چيەنتاڭ دەرياسىدا كېتىۋاتقىنىدا، ئون نەچچە دېڭىز قاراقچىسىنىڭ سودىگەرلەرنى بۇلاپ، قىرغاقتا ئولجا بۆلۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ، ئاتىسىغا:
− بۇ قاراقچىلارنى تۇتۇش كېرەك، − دېدى ۋە قىلىچىنى ئېلىپ جاسارەت بىلەن قىرغاققا چىقتى - دە، ھەر تەرەپكە قاراپ ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن خۇددى ئۆز كىشىلىرىنى چاقىرغاندەك توۋلىدى، قاراقچىلار بۇنى كۆرۈپ، خان لەشكەرلىرى كېلىپ قالغان بولسا كېرەك دەپ، مال - دۇنياسىنى تاشلاپ قېچىشتى، سۇن جيەن قوغلاپ يۈرۈپ قاراقچىلاردىن بىرنى ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئايماق - ناھىيەلەرگە ئۇنىڭ داڭقى كېتىپ لەشكەر بېشىلىققا تەۋسىيە قىلىندى. كېيىن كۇەيجىدە جادۇگەر شۈ چاڭ ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئۆزىنى «قۇياش خان» دەپ ئاتاپ ئۆز ئەتراپىغا ئون نەچچە تۈمەن ئادەم توپلىدى، سۇن جيەن ۋە ئايماق چاۋۇشبېگى مىڭدىن ئارتۇق باتۇر يىگىتنى توپلاپ، باشقا ئايماقلارنىڭ لەشكەرلىرى بىلەن بىللە قاراقچىلارنى تىرىپىرەن قىلىپ، شۈ چاڭ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى شۈ شاۋنى ئۆلتۈردى. ئايماق بېگى زاڭ مىن سۇن جيەننىڭ كۆرسەتكەن ئەجىر - تۆھپىسىنى خانغا مەلۇم قىلدى، خانىدانلىق ئۇنى يەندۇغا يامۇلبېگى قىلىپ تەيىنلىدى، كېيىن يەنە شۇييى ۋە شياپىغا يامۇلبېگى قىلىپ تەيىنلىدى. شۇ كۈنلەردە ئۇ سېرىق ياغلىقلىقلارنىڭ ئىسيان كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، يېزىدىكى ياش يىگىتلەرنى ۋە كۆچمە سودىگەرلەرنى توپلاپ خۇەيسىدىكى بىر مىڭ بەش يۈزدىن ئارتۇق تاللانغان لەشكەرنى باشلاپ، جۇ جۈنگە ھەمدەمگە كەلدى. جۇ جۈن ناھايىتى خۇرسەن بولدى ۋە ئۇنى شەھەرنىڭ تۆۋەن قوۋۇقىغا، ليۇ بېينى يۇقىرى قوۋۇقىغا تېگىش قىلىشقا بۇيرۇدى. جۇ جۈن ئۆزى كۈنپېتىش قوۋۇقىغا تېگىش قىلدى، كۈنچىقىش قوۋۇقنى قاراقچىلارنىڭ قېچىشىغا قالدۇردى. سۇن جيەن ئالدى بىلەن سېپىلغا چىقىپ يىگىرمىدىن ئارتۇق قاراقچىنى ئۆلتۈردى، قاراقچىلار تىرىپىرەن بولدى. بۇنى كۆرگەن جاۋ خۇڭ ئات چاپتۇرغان پېتى ئۇزۇن دەستىلىك نەيزىسى بىلەن توپتوغرا سۇن جيەنگە ئېتىلدى. سۇن جيەن سېپىلدىن بىرلا سەكرەپ چۈشۈپ، ئەپچىللىك بىلەن جاۋ خۇڭنىڭ نەيزىسىنى تارتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا بىر نەيزە سانجىپ ئاتتىن موللاق ئاتقۇزدى. سۇن جيەن جاۋ خۇڭنىڭ ئېتىنى مىنىۋېلىپ، ئۇچقاندەك كېلىپ قاراقچىلارنى چاپ - چاپ قىلدى. سۇن جۇڭ قاراقچى لەشكەرلەرنى باشلاپ يۇقىرى قوۋۇقتىن بۆسۈپ چىقىشىغا ليۇ بېيغا دۇچ كېلىپ، جەڭ قىلىشقا رايى بارماي قۇيرۇقىنى تىكىۋەتتى. ليۇ بېي ئوقياسىنى ئېلىپ بىرنى ئېتىپ ئۇنى ئاتتىن ئوڭدىسىغا چۈشۈردى. جۇ جۈننىڭ لەشكەرلىرى ئارقىدىن قوغلاپ چاپ - چاپ قىلدى. بۇ جەڭدە بىرنەچچە تۈمەن ئادەمنىڭ كاللىسى كېسىلدى، ھەددى - ھېسابسىز كىشى باش ئەگدى. شۇنداق قىلىپ، نەنياڭ ئەتراپىدىكى ئون نەچچە ئايماق تىنچىدى. جۇ جۈن لەشكەرلىرىنى ئېلىپ پايتەختكە قايتتى. ئۇ كېيىن ھارۋا - ئاتلىقلار سەركەردىسى دېگەن مەرتىۋىگە ئېرىشىپ، خېنەن ھۆكۈمدارلىقىغا تەيىنلەندى. جۇ جۈن، سۇن جيەن، ليۇ بېيلارنىڭ كۆرسەتكەن ئەجىر - تۆھپىلىرىنى خانغا مەلۇم قىلدى. سۇن جيەن دوستلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن باشقا ئايماققا چاۋۇشبەگ بولۇپ كەتتى، ئەمما ليۇ بېي خېلى ئۇزاق ۋاقىت كۈتسىمۇ مەنسەپكە تەيىنلەنمىدى.
ئاكا - ئۇكا ئۈچەيلەن ئىچى پۇشۇپ كوچىدا بىكار يۈرگىنىدە، ھارۋىدا كېتىۋاتقان ئورپاق بەگ جاڭ جۈنگە ئۇچراپ قالدى. ليۇ بېي كۆرۈشۈپ ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ كۆرسەتكەن ئەجىر - تۆھپىسىنى بايان قىلدى. جاڭ جۈن ئاڭلاپ ھەيران بولۇپ، ئوردىغا قايتتى ۋە خان ھۇزۇرىغا كىرىپ:
− بۇرۇنىسىدىكى سېرىق ياغلىقلىقلارنىڭ ئىسيانى ھەرەمئاغىلىرىدىن ئون مەھرەمبېگىنىڭ مەنسەپ - مەرتىۋە سېتىپ، ئۆزلىرىگە يېقىن كىشىلەرگە مەنسەپ بەرگەنلىكى، ئۆزلىرىدىن نارازى بولغانلارنى جازالىغانلىقىدىن بولدى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئالەم تازا مالىمان بولدى. بۈگۈن بۇ ئون مەھرەمبېگىنى ئۆلتۈرۈپ، بېشىنى كېسىپ تەڭرى يولىدا نەزىر - چىراغ قىلىش كېرەك ۋە جاي - جايغا ئادەم ئەۋەتىپ پۈتۈن ئەلگە جاكار قىلماق، ئەجىر - تۆھپە كۆرسەتكەنلەرنى تارتۇقلىماق لازىم، شۇنداق قىلغاندىلا، پۈتۈن ئەل تىنچىيدۇ، − دېدى مەسلىھەت بېرىپ.
− جاڭ جۈن جانابىي ئالىيلىرىنى ئالداۋاتىدۇ، − دېيىشتى ئون مەھرەمبېگى خانغا.
خان ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ، ياساۋۇللارغا بۇيرۇق بېرىپ جاڭ جۈننى ئوردىدىن ھەيدەتكۈزدى. ئون مەھرەمبېگى كېڭىشىپ:
− بۇ سېرىق ياغلىقلىقلارنى يوقىتىشتا ئەجىر - تۆھپە كۆرسەتكەنلەرگە مەنسەپ بېرىلمىگەنلىكتىن نارازى بولۇپ ئېيتىلغان گەپلەر. بۇنىڭ ئۈچۈن خانىدانلىق مەھكىمىسى ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىغا قاراپ مەنسەپ بېرىش توغرىسىدا رويخەت ئالسۇن، ئاندىن بىر تەرەپ قىلساقمۇ كېچىكمەيمىز، − دېيىشتى.
شۇنىڭ بىلەن، ليۇ بېي دېڭجۇدىكى جۇشەن دىيارى ئەنشى ناھىيەسىنىڭ لەشكەربېشى قىلىپ تەيىنلەندى ۋە ئاز ۋاقىتتىن كېيىن شۇ ناھىيەگە بېرىپ مەنسەپتە ئولتۇردى. ليۇ بېي كېتىش ئالدىدا لەشكەرلىرىنى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇردى، پەقەت خاس يىگىتلىرىدىن يىگىرمە نەچچىسىنى ئېلىپ گۇەن يۈ، جاڭ فېيلار بىلەن ئەنشى ناھىيەسىگە كېلىپ مەنسەپ تاپشۇرۇۋالدى. ناھىيەنىڭ ئىشلىرىنى بىر ئاي باشقۇرۇش جەريانىدا خەلققە قىلچە ئازار بەرمىدى، خەلق بۇنىڭدىن تەسىرلەندى. ليۇ بېي مەنسەپتە ئولتۇرغاندىن كېيىن گۇەن يۈ، جاڭ فېيلار بىلەن بىر داستىخاندا تاماق يېدى، بىر كارىۋاتتا ئۇخلىدى. ليۇ بېي كۆپچىلىك ئارىسىدا ئولتۇرغىنىدا گۇەن يۈ بىلەن جاڭ فېي زېرىكمەي - تېرىكمەي يېنىدا تىك تۇرۇپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى.
ليۇ بېي ناھىيەگە كەلگىنىگە تېخى تۆت ئاي ئۆتە - ئۆتمەي، خانىدانلىق لەشكىرىي خىزمەتتە ئەجىر - تۆھپە كۆرسىتىپ مەنسەپدار بولغانلارنى مەنسەپتىن تاللاپ قالدۇرۇش ھەققىدە پەرمان چىقاردى، ليۇ بېيمۇ شۇ قاتارغا كىرەتتى. شۇ ئەسنادا خىزمەت نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ناھىيەگە باقاۋۇل كېلىپ قالدى، ليۇ بېي شەھەردىن ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ سالام بەردى. باقاۋۇل ئات ئۈستىدە قامچىسىنى پۇلاڭلىتىپ، ئۇنىڭ سالىمىغا ئىلتىپاتسىزلا جاۋاب قايتۇردى. بۇنى كۆرگەن گۇەن يۈ بىلەن جاڭ فېينىڭ ئىمانى ئۇچتى. ئۇلار سارايغا كەلگەندىن كېيىن باقاۋۇل تۆرگە چىقىپ ئولتۇردى، ليۇ بېي تاپسىدا قول قوۋۇشتۇرۇپ ئۆرە تۇردى. خېلى ئۇزاقتىن كېيىن باقاۋۇل:
− لەشكەربېشى ! سىز قايسى نەسەبتىن بولىسىز؟ − دەپ سورىدى.
− جۇڭشەندىكى جىن ۋاڭنىڭ پۇشتى بولىمەن. جۇجۈن ئايمىقىدا سېرىق ياغلىقلىقلارنى يوقىتىشتا چوڭ - كىچىك ئوتتۇز نەچچە جەڭگە قاتنىشىپ ئاز - تولا ئەجىر - تۆھپە كۆرسەتكىنىم ئۈچۈن، بۇ مەنسەپكە تەيىنلەندىم، − دېدى ليۇ بېي جاۋابەن.
− مەن خاننىڭ تۇغقىنى بولىمەن دېگەن ئالدامچىلىق بىلەن يالغان ئەجىر - تۆھپە مەلۇم قىلىپسەن ! ھازىر بۇنداق پاسىق ئەمەلدارلارنى مەنسەپتىن بوشىتىش خۇسۇسىدا خاننىڭ پەرمانى بار ! − دەپ ۋارقىرىدى باقاۋۇل.
ليۇ بېي «خوپ، خوپ» دەپ چىقىپ كەتتى. ئۇ يامۇلغا قايتىپ كېلىپ، ناھىيەدىكى بەگ - سىپاھلار بىلەن كېڭەشتى. بەگ - سىپاھلار:
− باقاۋۇل پارا ئېلىشنى كۆزلەپلا ھەيۋە قىلىۋاتىدۇ، − دېيىشتى.
− مەن، − دېدى ليۇ بېي، − خەلق ھەققىگە قىلچىمۇ دەخلى - تەرۇز قىلمىدىم، مېنىڭدە ئۇنىڭغا بېرىدىغان پۇل - مال نېمە ئىش قىلسۇن؟
ئەتىسى باقاۋۇل ئالدى بىلەن ناھىيەدىكى بەگ - سىپاھلارنى چاقىرىۋېلىپ، ناھىيە لەشكەربېشى خەلققە زىيانكەشلىك قىلدى، دەپ ئەيىبلەڭلار، دەپ زورلىدى. ليۇ بېي نەچچە قېتىم ئەپۇ سوراش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا بارغان بولسىمۇ، دەرۋازىۋەنلەر توسۇۋېلىپ كىرگۈزمىدى. جاڭ فېي خاپىچىلىقتا بىرنەچچە قەدەھ مەي ئىچتى. ئۇ ئۆتەڭ سارىيى ئالدىدىن ئاتلىق ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئەللىك − ئاتمىش مويسىپىت كىشىنىڭ دەرۋازا ئالدىغا توپلىنىپ يىغلىشىپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ سەۋەبىنى سورىدى. ئۇلار:
− باقاۋۇل بېگىم بەگ - سىپاھلارنى ليۇ بېي جانابلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىشقا زورلاۋېتىپتۇ؛ ئەرز ئېيتىپ كېلىۋىدۇق، دەرۋازىۋەن كىرگۈزمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنى سۈر - توقاي قىلدى، − دېيىشتى.
جاڭ فېي بۇنى ئاڭلاپ دەرغەزەپ بولدى، كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلاتتى ۋە ئاتتىن سەكرەپ چۈشتى - دە، ئۇدۇل ئۆتەڭ سارىيىغا قاراپ ماڭدى. ئۇ دەرۋازىۋەنلەرنىڭ توسۇشىغا قارىماي توپتوغرا ئارقا دىۋانغا كىرىپ، باقاۋۇلنىڭ دىۋاندا ئولتۇرغىنىنى، ناھىيە بەگ - سىپاھلىرىنى باغلاپ يەرگە ياتقۇزۇپ قويغانلىقىنى كۆردى. جاڭ فېي:
− ھوي ! خەلق زىياندىشى بولغان مۇتتەھەم، مېنى تونۇمسەن؟ − دەپ ۋارقىرىدى.
باقاۋۇل گەپ قىلاي دەپ تۇرۇشىغا، جاڭ فېي ئۇنىڭ چېچىدىن تۇتۇپ سارايدىن سۆرىگەن پېتى ئامبال يامۇلى ئالدىغا ئەكېلىپ ئات قوزۇقىغا باغلاپ قويدى ۋە تال چىۋىق ئەكېلىپ، باقاۋۇلنىڭ پۇتىغا ئون نەچچە تال چىۋىق سۇنۇپ كەتكۈچە ئۇردى. ليۇ بېي ئىزتىراپ ئىچىدە تۇرغاندا يامۇل ئالدىدا غوۋغا بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ يېنىدىكىلەردىن سورىدى:
− جاڭ سەركەردە يامۇل ئالدىدا بىر ئادەمنى باغلاپ قويۇپ قاتتىق ئۇرۇۋاتىدۇ، − دېدى يېنىدىكىلەردىن بىرى.
ليۇ بېي ئالدىراپ - تېنەپ بېرىپ قارىسا، باغلانغان ئادەم باقاۋۇل ئىكەن. ليۇ بېي ھودۇقۇپ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈردى، جاڭ فېي:
− مۇنداق خەلق زىياندىشى بولغان ئوغرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتمەي قاراپ تۇرىمىزمۇ؟ − دېدى.
− ليۇ بېي جانابلىرى ! جېنىمنى قۇتقۇزۇپ قويسىلا ! − دەپ ئىلتىپات قىلدى باقاۋۇل.
ليۇ بېي رەھىمدىل ئادەم بولغىنى ئۈچۈن، دەرھال:
− بولدى قىل ! − دەپ ۋارقىراپ ئۇنى توختاتتى. بۇ چاغدا بۇ ئىشنىڭ ئۈستىگە گۇەن يۈ كېلىپ قېلىپ:
− ئاغا، ئۆزلىرى نۇرغۇن ئەجىر - تۆھپە كۆرسەتكەن بولسىلىمۇ، ئاران بىر لەشكەربېشىلىق تېگىپتۇ، ئەمدى بولسا باقاۋۇلنىڭ خورلۇقىغا قېلىۋاتىدىلا. سۇمۇرغ ئازغانلىقتا ئۇۋا سالالمىغاندەك، بىزمۇ بۇ يەردە جايلىشالمايمىزمىكىن، دەپ ئويلايمەن. ئۇنىڭدىن كۆرە، باقاۋۇلنى ئۆلتۈرەيلى - دە، مەنسەپتىن ۋاز كېچىپ يۇرتىمىزغا قايتىپ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش كويىغا چۈشەيلى، − دېدى.
ليۇ بېي ناھىيە لەشكەربېشىلىق تامغىسىنى ئاچىقىپ باقاۋۇلنىڭ بوينىغا ئېسىپ، ئۇنى ئەيىبلەپ:
− ئەسلىدە خەلقنىڭ ساڭا ئوخشاش زىيانداشلىرىنى ئۆلتۈرۈش لازىم ئىدى، بىراق ساڭا رەھىم قىلىپ بىر قوشۇق قېنىڭدىن كەچتىم. مەنسەپ تامغىسىنى ئال، مەن بۇ يەردىن كەتتىم، − دېدى.
باقاۋۇل دىڭجۇغا قايتىپ بېرىپ ۋەقەنى ھاكىمغا مەلۇم قىلدى، ھاكىم خانىدانلىق مەھكىمىسىگە مەلۇمات سۇندى ۋە ليۇ بېيلارنى تۇتۇش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتتى. ليۇ بېي، گۇەن يۈ، جاڭ فېي ئۈچەيلەن دەيجۇغا بېرىپ ليۇ خۇينى پاناھ قىلدى. ليۇ خۇي ليۇ بېينىڭ خەن خانىدانلىقىغا بولغان مەنسۇبىتىنى بىلىپ، ئۇنى ئۆز ئۆيىگە يوشۇرۇپ قويدى. بۇ گەپ مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن.
ئون مەھرەمبەگ پۈتۈن ھوقۇق قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن مەسلىھەتلىشىپ، ئۆزلىرىگە بويۇنتاۋلىق قىلغانلارنى ئۆلتۈرۈش قارارىغا كەلدى. جاۋ جۇڭ، جاڭ راڭلار كىشى ئەۋەتىپ، سېرىق ياغلىقلىقلارنى يوقاتقان سەركەردىلەردىن ئالتۇق - كۈمۈش، تاۋار - دۇردۇن سوراتتى، بويۇنتاۋلىق قىلغانلارنى خانغا مەلۇم قىلىپ مەنسەپتىن ئېلىۋەتمەك بولدى. خۇاڭ فۇسۇڭ، جۇ جۈنلەر باش تارتقىنى ئۈچۈن جاۋ جۇڭلار خانغا ئىلتىجا قىلىپ ئۇلارنى مەنسىپىدىن بوشاتتى. خان جاۋ جۇڭلارغا ھارۋا - ئاتلىقلار سەركەردىسى ۋە جاڭ راڭ باشلىق ئون ئۈچ كىشىگە بەگلىك مەرتىۋە بەردى. شۇنىڭ بىلەن، خانىدانلىق ھاكىمىيىتى كۈنسايىن ئەسكىلەشتى ۋە خەلق زار قاقشىدى. شۇڭا، چاڭشادىكى قاراقچى چۈ شىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ پاراكەندىچىلىك تۇغدۇردى، يۈياڭدىكى جاڭ جۈ، جاڭ چۇنلەر ئىسيان كۆتۈردى، جاڭ جۈ ئۆزىنى خان دەپ ئېلان قىلدى. جاڭ چۇن ئۆزىنى ئالىي سەركەردە دەپ ئاتىدى. ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكى ھەققىدىكى مەلۇماتلار ئارقا - ئارقىدىن كېلىپ تۇرسىمۇ، ئون مەھرەمبېگى ئۇنى خاندىن يوشۇردى.
بىر كۈنى خان ئارقا باغدا ئون مەھرەمبېگى بىلەن مەرىكە - سورۇن قۇرۇپ ئولتۇرغاندا، مەسلىھەتچى تۆرە ليۇ تاۋ خاننىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ قاتتىق ئاھ ئۇردى. خان ئۇنىڭدىن ئاھ ئۇرۇشنىڭ سەۋەبىنى سورىۋىدى، ليۇ تاۋ:
− ئەل تەھلىكىدە قالدى، ھەزرەت ئالىيلىرى يەنىلا ئاغۋاتلار بىلەن ئەيش - ئىشرەت قىلىۋاتىدىلا ! − دېدى.
− قانداق تەھلىكە؟ ئەل تىپتىنچ تۇرۇپتىغۇ؟ ! − دېدى خان.
− تەرەپ - تەرەپتىكى قاراقچىلار قوزغالدى، ئايماق - ناھىيەلەرنى بېسىۋالدى، بۇ پالاكەتلەرنىڭ ھەممىسى ئون مەھرەمبېگىنىڭ مەنسەپ سېتىپ خەلققە زىيانكەشلىك قىلغانلىقى، ھەزرەت ئالىيلىرىنى ئالدىغانلىقىدىن بولدى. ئەلھال ئادىل ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئوردا خىزمىتىنى تەرك ئەتتى، بالايىئاپەت كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ ! − دېدى ليۇ تاۋ.
ئون مەھرەمبېگىنىڭ ھەممىسى يالاڭباشتاق ئىدى، ئۇلار يۈكۈنۈپ تۇرۇپ خانغا:
− ۋەزىرلەر بىزنى سىغدۇرمايۋاتىدۇ، قۇللىرى كۈن كۆرەلمەيدىغان بولدۇق ! جېنىمىزنى ئېلىپ يۇرت - ماكانىمىزغا قايتىشىمىزغا ئىجازەت بېرىشلىرىنى تىلەيمىز، بىز بارلىق مال - دۇنيايىمىزنى لەشكەر خەرجى ئۈچۈن تۇتىمىز، − دەپ نالە - زار قىلىشتى.
− سېنىڭمۇ يېقىن خادىملىرىڭ بارغۇ، نېمە ئۈچۈن مېنىڭ يېقىن خادىملىرىمنى سىغدۇرمايسەن؟ − دەپ توۋلىدى خان غەزەپلىنىپ ليۇ تاۋغا ۋە ياساۋۇللىرىغا ئۇنى ئاچىقىپ كاللىسىنى ئېلىشنى بۇيرۇدى. ليۇ تاۋ:
− مەن ئۆلۈمۈمگە ئېچىنمايمەن ! ئەمما، خەن خانىدانلىقىنىڭ تۆت يۈز يىلدىن ئارتۇق يۇرت سوراپ، ھالا بۇ كۈندە مۇنداق تامام بولۇشىغا ئېچىنىمەن ! − دەپ توۋلىدى.
ياساۋۇللار ليۇ تاۋنى ئاچىقىپ ھۆكۈمنى ئەمدى ئىجرا قىلايلى دەپ تۇرۇشىغا، ۋەزىرلەردىن بىرى:
− ھاي ! قول تەگكۈزمەي تۇرۇڭلار، مەن ئۇنى خاندىن تىلىۋالىمەن ! − دېدى.
بۇ ئادەم ۋەزىر چېن دەن ئىدى. ئۇ توپتوغرا سارايغا كىرىپ، خاندىن:
− مەسلىھەتچى تۆرە ليۇ تاۋ نېمە گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىندىكىن؟ − دەپ سورىدى.
− يېقىن خادىملىرىغا تۆھمەت قىلىپ، ماڭا ھۆرمەتسىزلىك قىلدى، − دېدى خان.
− خەلقىئالەم ئون مەھرەمبېگىنى يەۋەتكۈدەك ئۆچ كۆرىدۇ، ئەمما جانابىي ئالىيلىرى بۇلارنى ئاتا - ئانىلىرىدەك ھۆرمەت قىلىدىلا، بۇلار قىلچە ئەجىر - تۆھپىلەر كۆرسەتمەي تۇرۇپ بەگلىك مەرتىۋىگە ئېرىشتى. فېڭ شۈنلەر سېرىق ياغلىقلىقلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئىچكى پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ، ئۆزلىرى بۇنى بىلمەيدىلا، تاج - تەختلىرى خانىۋەيران بولاي دەۋاتىدۇ ! − دېدى چېن دەن.
− فېڭ شۈنىڭ پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرغانلىقى ھېچكىمگە مەلۇم ئەمەس، ئون مەھرەمبېگى ئىچىدە ماڭا سادىق بىرەرىمۇ يوقمۇ؟ − دېدى خان.
چېن دەن بېشىنى پەلەمپەيگە ئۇرۇپ تۇرۇپ يەنە ئىلتىجا قىلدى. خان غەزەپكە كېلىپ، ئۇنى ئاچىقىپ ليۇ تاۋ بىلەن بىللە زىندانغا تاشلاشنى بۇيرۇدى. شۇ كۈنى كېچىدە ئون مەھرەمبېگى بۇلارنى زىنداندا ئۆلتۈردى، خان نامىدىن يالغان پەرمان چىقىرىپ، سۇن جيەننى چاڭشاغا ھاكىملىققا تەيىنلىدى ۋە ئۇنى چۈ شىڭغا جازا يۈرۈشى قىلىشقا بۇيرۇدى.
ئەللىك كۈن ئۆتمەيلا جياڭشيانىڭ تىنچىغانلىقى ھەققىدە نۇسرەت خەۋىرى كەلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سۇن جيەنگە ۋۇچېڭ بېگى دېگەن مەرتىۋە بېرىلدى. ليۇ يۈنى يۈجۇ ئايمىقىنىڭ پاسىبانى قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇ لەشكەر تارتىپ يۈياڭدىكى جاڭ جۈ، جاڭ چۇنلەرنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن يۈرۈش قىلدى. دەيجۇ ئايمىقىدىكى ليۇ خۇي ليۇ بېينى خەت ئارقىلىق ليۇ يۈگە تونۇشتۇردى. ليۇ يۈ ناھايىتى خۇشال بولۇپ، ئۇنى تۇتۇقبەگ قىلىپ بەلگىلىدى. ئۇ لەشكەر باشلاپ توپتوغرا قاراقچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا بېسىپ باردى ۋە بىرقانچە كۈن قاتتىق جەڭ قىلىپ ياۋنىڭ جاسارىتىنى سۇندۇردى. جاڭ چۇن ۋەھشىي زوراۋانلىقى ئۈچۈن سەرۋازلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى. قول ئاستىدىكى باشلىقلاردىن بىرى ئۇنى ئۆلتۈرۈپ بېشىنى كېسىپ، ئۆز لەشكەرلىرى بىلەن باش ئەگدى. جاڭ چۇن ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى كۆرۈپ ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى، شۇنىڭ بىلەن يۈياڭ تىنچىدى، ليۇ يۈ خانغا ليۇ بېينىڭ كۆرسەتكەن زور ئەجىر - تۆھپىلىرىنى مەلۇم قىلدى. خان ئۇنىڭ باقاۋۇلنى ئۇرغان گۇناھىدىن ئۆتۈپ، ئۇنى شيامىغا يامۇلبېگى قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇ كېيىن ئۇ يەردىن گاۋتاڭغا لەشكەربېشى بولۇپ يۆتكەلدى. گۇڭسۇن زەن ليۇ بېينىڭ بۇرۇنقى ئەجىر - تۆھپىلىرىنى مەلۇم قىلىپ، چاۋۇشبەگلىكىگە كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ پىڭيۈەن ناھىيەسىگە ئامبال قىلىپ تەيىنلەندى. ليۇ بېي پىڭيۈەندە خەرج - خىراج، ئوزۇق - تۈلۈك ۋە لەشكەرلەرگە تىگىنىپ، ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى شان - شەۋكىتىنى ئورنىغا كەلتۈردى. ليۇ يۈ قاراقچىلارنى يوقىتىشتا ئەجىر - تۆھپە كۆرسەتكەنلىكىدىن ئەمىر بولۇپ تەيىنلەندى.
جۇڭپىڭنىڭ 6 - يىلى 4 - ئايدا لىڭدې خان قاتتىق كېسەل بولۇپ قېلىپ، ئالىي سەركەردە خې جىننى ئۆزىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى ئىشلار ھەققىدە كېڭىشىش ئۈچۈن ئوردىغا چاقىردى. خې جىن تېگىدىن قاسساپ ئائىلىسىدىن ئىدى، سىڭلىسى ئوردىدا كىچىك خانىش بولۇپ، شاھزادە بيەننى تۇغقانلىقى ئۈچۈن خانىش بولغانىدى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خې جىن ئىمتىيازغا ئېرىشىپ چوڭ ئىلتىپاتلارغا نائىل بولغانىدى. خاننىڭ ياخشى كۆرىدىغان ۋاڭ ئاتلىق كىچىك خانىشى بار ئىدى، ئۇ شيې شاھزادىنى تۇغقانىدى. خې خانىش ھەسەتخورلۇق قىلىپ، كىچىك خانىش ۋاڭ ئاغىچىنى ئوغا مەي بېرىپ ئۆلتۈردى، شيې شاھزادە دۇڭ ۋالىدە خاننىڭ ھەرىمىدە تەربىيەلەندى، دۇڭ ۋالىدە خان لىڭدې خاننىڭ ئانىسى بولۇپ، جيېدۇ بېگى ليۇ چاڭنىڭ خوتۇنى ئىدى. دەسلەپتە خۇەندى خاننىڭ ئوغلى بولمىغاچقا، ئۇ جيېدۇ بېگىنىڭ ئوغلىنى خان قىلىپ تەختكە ئولتۇرغۇزغانىدى. لىڭدې خان تاج - تەخت ۋارىسى بولغاندىن كېيىن ئانىسىنى ئوردىغا ئالدۇرۇپ ئۇنىڭغا ۋالىدەخان مەرتىۋىسى بەردى.
دۇڭ ۋالىدە خان شاھزادە شيېنى ۋەلىئەھد قىلىش خۇسۇسىدا خانغا نەسىھەت قىلدى، خانمۇ شاھزادە شيېنى ياخشى كۆرگەچكە ئۇنى ۋەلىئەھد قىلماقچى بولدى. خاننىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقاندا ھۆدەيچىلەردىن جيەن شو:
− جانابىي ئالىيلىرى، شاھزادە شيېنى ۋەلىئەھد قىلماق بولىدىكەنلا، كېيىنكى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن خې جىننى قەتل قىلىشلىرى لازىم، − دېدى.
خان ئۇنىڭ گېپىنى ماقۇل كۆرۈپ خې جىننى ئوردىغا چاقىرتتى. خې جىن ئوردا ئىشىكىگە كەلگەندە چاۋۇشبەگ پەن يې ئۇنىڭغا:
− ئوردىغا كىرمىسىلە، جيەن شو جانابلىرىنى ئۆلتۈرمەكچى، − دېدى.
خې جىن چۆچۈپ كېتىپ، دەررۇ چۈشكۈنىگە قايتتى ۋە ۋەزىرلىرىنى چاقىرىپ، ئاغۋاتلارنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي ئۆلتۈرۈش توغرۇلۇق مەسلىھەتلەشتى. ئولتۇرغانلاردىن بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ:
− ئاغۋاتلارنىڭ تەسىرى جۇڭدى خان ۋە جىدى خان دەۋرىدىن باشلانغان، ئۇلار ئوردىدا پېلەكتەك كەڭ يېيىلىپ كەتتى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىپ بولغىلى بولامدۇ؟ ئەگەر سىرىمىز پاش بولۇپ قالسا ئۇلار بىزنىڭ جەددى - جەمەتىمىزدىن تارتىپ قۇرۇتۇۋېتىدۇ، ئوبدان ئويلاپ ئىش قىلساق بولارمىكىن، − دېدى.
خې جىن قارىسا بۇ كىشى لەشكەربېشى ساۋ ساۋ ئىكەن.
− سەن تېخى ياش، خانىدانلىقنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرىدىن نەدە خەۋىرىڭ بولسۇن، − دەپ سۆكتى خې جىن ئۇنى. ئۇ ئارىسالدى بولۇپ تۇرغاندا، پەن يىن يېتىپ كەلدى ۋە:
− خان ئالەمدىن ئۆتتى. جيەن شو بىلەن ئون مەھرەمبېگى كېڭىشىپ، خاننىڭ ۋاپاتىنى جاكارلىماي، كېيىن كېلىدىغان بالايىئاپەتتىن خالىي بولماققا، خان نامىدىن يالغان پەرمان چىقىرىپ، جانابلىرىنى ئۆلتۈرۈش، شيې شاھزادىنى خان قىلىش قارارىغا كېلىشتى، − دېدى.
بۇلارنىڭ سۆزى تۈگە - تۈگىمەيلا، كەلگۈسى ئىشلارنى كېڭىشىش ئۈچۈن خې جىننىڭ دەرھال ئوردىغا كىرىشى ھەققىدە پەرمان يېتىپ كەلدى.
− ئاۋۋال يېڭى خاننى تەختكە ئولتۇرغۇزايلى، ئاندىن بۇزۇقلارنى يوقىتىش ئامالىنى قىلايلى، − دېدى ساۋ ساۋ.
− يېڭى خاننى تەختكە ئولتۇرغۇزۇش، بۇزۇقلارنى يوقىتىشقا كىم مېنىڭ بىلەن بىللە بارىدۇ؟ − دېدى خې جىن.
− مەن بارىمەن، − دېدى بىر كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ، − ماڭا تاللانغان بەش مىڭ لەشكەر بېرىلسە ئوردىغا بېسىپ كىرىپ، يېڭى خاننى تەختكە ئولتۇرغۇزىمەن، ئاغۋاتلارنى ئۆلتۈرۈپ، خانىدانلىقنى بۇزۇقلاردىن تازىلايمەن ۋە ئەلنى تىنچىتىمەن !
خې جىن قارىسا بۇ كىشى ئەجىرى زېمىن يۈەن فېڭنىڭ ئوغلى يۈەن ۋېينىڭ جىيەنى مۇپەتتىشبەگ يۈەن شاۋ ئىكەن، ئۇنىڭ يەنە بىر ئىسمى بېنچۇ ئىدى. خې جىن ناھايىتى خۇشال بولدى ۋە ئۇنىڭغا خاننىڭ قورۇقچى لەشكەرلىرىدىن بەش مىڭنى بەردى. يۈەن شاۋ تولۇق جابدۇندى. خې جىن خې يۇڭ، شۈن يۈ، جېڭ تەي باشلىق ئوتتۇزدىن ئارتۇق ۋەزىرنى باشلاپ كەينى - كەينىدىن ئوردىغا كىرىپ كەلدى ۋە لىڭدې خاننىڭ تاۋۇتى ئالدىدا ۋەلىئەھد بيەننى تەختكە ئولتۇرغۇزدى.
بەگ - سىپاھلار يېڭى خان ھۇزۇرىدا ئەتىگەنلىك تاۋاپ - تەزىمدىن كېيىن، يۈەن شاۋ جيەن شونى قولغا ئېلىش ئۈچۈن ھەرەمگە كىردى. جيەن شۇ ئالدىراپ - تېنەپ چاھارباغقا كىرىۋالدى ۋە چاھارباغدا ھۆدەيچى گاۋ شېڭ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. ئۇنىڭ ئىلكىدىكى خاننىڭ قورۇقچى لەشكەرلىرى تامام باش ئەگدى. يۈەن شاۋ خې جىنغا:
− ئاغۋاتلار بىر تىللىق بولۇۋالدى، بىز مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى قالدۇرماي يوقىتىۋېتەيلى ! − دەپ مەسلىھەت بەردى. جاڭ رۇڭ ۋە باشقىلار ئىشنىڭ جىددىيلىكىنى بىلىپ دەرھال ۋالىدەخان ھۇزۇرىغا كىرىپ:
− ئالىي سەركەردە خې جىننى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستىنى ئۇيۇشتۇرغان كىشى بىرلا جيەن شو، قالغان ۋەزىرلەرنىڭ بۇ ئىش بىلەن چېتىشلىقى يوق. ئەمدى ئالىي سەركەردە خې جىن يۈەن شاۋنىڭ سۆزىگە كىرىپ ھەممىمىزنى ئۆلتۈرمەك بولۇۋاتىدۇ، ئاغىچا خېنىم ئالىيلىرى، بىزگە رەھىم - شەپقەت قىلغايلا ! − دەپ يالۋۇردى.
− غەم قىلماڭلار، سىلەرنى مەن ھىمايە قىلىمەن، − دېدى ۋالىدەخان ۋە ئاكىسى خې جىننى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا خۇپىيانە ھالدا:
− ئىككىمىز ئاددىي ئادەملەر نەسلىدىنمىز، ئەگەر جاڭ رۇڭ ۋە باشقىلار بولمىسا بىزگە بۇنداق دۆلەت ۋە ئىززەت - ھۆرمەت دېگەن نەدە؟ ھازىر بىرلا جيەن شو ئۆلتۈرۈلۈپتۇ، نېمە ئۈچۈن باشقىلارنىڭ سۆزىگە كىرىپ ئاغۋاتلارنى ئۆلتۈرمەك بولىسىز؟ − دېدى.
خې جىن بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ھەرەمدىن چىقتى ۋە بەگ - سىپاھلارغا:
− جيەن شو مېنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلىگەن، ئۇنىڭ پۈتۈن بالىچاقا، جەددى - جەمەتىنى ئۆلتۈرۈش كېرەك، قالغانلارغا زەرەر يەتكۈزۈلمىسۇن ! − دېدى.
− ئەگەر بۇلارنى تەلتۆكۈس يوقاتمايدىغان بولساق جەزمەن بىزنىڭ جېنىمىزنى ئالىدۇ، − دېدى يۈەن شاۋ.
− مەن مۇشۇ پىكىرگە كەلدىم، ئارتۇق سۆزلىمەڭ، − دېدى خې جېن. شۇنىڭ بىلەن بەگ - سىپاھلار قايتىشتى.
ئەتىسى خې ۋالىدە خان خې جىننى باش ۋەزىرلىككە تەيىنلىدى ۋە قالغانلارغىمۇ يۇقىرى مەنسەپ بەردى. دۇڭ ۋالىدەخان جاڭ راڭلارنى ئۆز ھۇزۇرىغا مەسلىھەتكە چاقىرىپ:
− باشتا خې جىننىڭ سىڭلىسىنى مەن ئەتىۋارلاپ مەرتىۋە بەرگەنىدىم. ھازىر ئۇنىڭ ئوغلى خان تەختىگە چىقىۋالدى، ھەرەمنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ۋەزىر، بەگ - سىپاھلارنىڭ ھەممىسى شۇنىڭ ئىشەنچلىك كىشىلىرى. ئۇنىڭ ئابرۇيى، ھوقۇقى ناھايىتى چوڭ، ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟ − دەپ مەسلىھەت سورىدى.
− ئانا، ئەمدى سىز پەردە ئارقىسىدا ئولتۇرۇپ خانلىق ئىشلىرىنى ئۆز ئىلكىڭىزدە تۇتۇڭ، شيې شاھزادىنى ۋاڭلىققا تەيىنلەڭ؛ تاغىڭىز دۇڭ جۇڭغا چوڭ مەنسەپ بېرىپ، ئۇنى لەشكەر ھوقۇقىغا ئىگە قىلىڭ؛ بىزنىمۇ ئەتىۋارلاپ ئىشقا قويۇڭ، شۇنداق قىلسىڭىز ئۇلۇغ ئىشلار ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، − دېدى جاڭ راڭ.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان دۇڭ ۋالىدە خان ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئىككىنچى كۈنى دۇڭ ۋالىدە خانغا ئەتىگەنلىك تاۋاپ - تەزىم قىلىپ ئۆتۈلدى، دۇڭ ۋالىدە خان پەرمان چۈشۈرۈپ، شيې شاھزادىنى چېنليۇۋاڭى قىلىپ تەيىنلىدى، ئاكىسى دۇڭ جۇڭنى قىران سەركەردە قىلىپ تەيىنلىدى، جاڭ راڭلار خانىدانلىق ئىشىغا ھەمدەم بولىدىغان بولدى. خې ۋالىدە خان دۇڭ ۋالىدە خاننىڭ تاج - تەختىنى ئىگىلىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆز ئوردىسىدا مەرىكە - سورۇن ھازىرلاپ، دۇڭ ۋالىدەخاننى تەكلىپ قىلدى. شارابلار ئىچىلىپ شىركەيپ بولغاندا، خې ۋالىدە خان ئورنىدىن تۇردى - دە، تەزىم قىلىپ، ئىككى قولى بىلەن قەدەھ سۇنغان ھالدا:
− بىز ئايال خەق خانىدانلىق ئىشلىرىغا ئارىلاشساق ياراشمايدۇ. بۇرۇنىسىدا خانىش لۈ خۇ تاج - تەختنى ئىگىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ جەددى - جەمەتىدىن مىڭلارچە كىشى ئۆلتۈرۈلمىدىمۇ؟ سىلەر بىلەن مەن ھەرەمدە تىنچ ئولتۇرۇپ، خانىدانلىقنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ۋەزىر - ۋۇزرالارنىڭ كېڭىشىپ باشقۇرۇشىغا قويۇپ بېرىشىمىز كېرەك. بۇ ئەل ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ، سۆزۈمنى قوبۇل قىلغايلا ! − دەپ مۇراجىئەت قىلدى.
دۇڭ ۋالىدە خان دەرغەزەپ بولۇپ:
− سەن ھەسەتخورلۇق قىلىپ كىچىك خانىش ۋاڭ ئاغىچىنى ئوغا مەي بېرىپ ئۆلتۈرگەنىدىڭ، ھازىر يەنە ئوغلۇڭنىڭ خان بولغانلىقىغا ۋە ئاكاڭ خې جىننىڭ كۈچىگە يۆلىنىپ جۆيلۈۋاتىسىنا ! مەن ئۈچۈن قىران سەركەردىگە بۇيرۇپ، ئاكاڭنىڭ كاللىسىنى ئېلىۋېتىش ھېچ گەپ ئەمەس ! − دېدى ۋارقىراپ.
− مەن ساڭا چىرايلىقچە نەسىھەت قىلسام، سەن ئەكسىچە ماڭا كايىپ كەتتىڭغۇ؟ − دېدى خې ۋالىدە خانمۇ غەزەپ بىلەن.
− سەن قاسساپ ۋە مەي - شاراب ساتقۇچىنىڭ پۇشتى بولغان بىر پەس تۇرساڭ نېمىنى بىلىسەن ! − دېدى دۇڭ ۋالىدە خان.
شۇنداق قىلىپ، ئىككى ئاغىچا خېنىم ئارىسىدا غوۋغا كۆتۈرۈلدى. جاڭ راڭ ۋە باشقىلار ئۇلارنى نەسىھەت بىلەن ئۆز ھەرەملىرىگە قايتۇردى. خې ۋالىدە خان كېچىلەپ خې جىننى سارايغا چاقىرتىپ بولغان ۋەقەنى سۆزلەپ بەردى. خې جىن دەرھال چىقىپ ئۈچ ئۇلۇغ ۋەزىرنى كېڭەشكە چاقىردى. ئۇلار ئەتىسى ئەتىگەنلىك تاۋاپ - تەزىم ۋاقتىدا ۋەزىرلەرگە:
− ئەسلىدە دۇڭ ۋالىدە خان ياقا يۇرتتىن كەلتۈرۈلگەن خانىش، شۇڭا ئوردىدا تۇرۇشقا لايىق ئەمەس، ئۇنى خېجەنگە كۆچۈرۈپ قويماق لازىم، بۈگۈنلا پايتەختتىن چىقىپ كەتسە، − دەپ ئىلتىجا قىلدۇردى. بىر تەرەپتىن مەخسۇس كىشى تەيىنلەپ دۇڭ ۋالىدە خاننى يولغا سالدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ھەرەم لەشكەرلىرىنى قىران سەركەردە دۇڭ جۇڭنىڭ ئۆيىنى قاۋاپ، مەنسەپ تامغىسىنى ئېلىۋېلىشقا ئەۋەتتى. دۇڭ جۇڭ ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى بىلىپ دىۋاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى، بالىۋاقا، جەددى - جەمەتى ماتەم - پەرياد چەكتى، لەشكەرلەر قايتىپ كېتىشتى. جاڭ راڭ، دۇەن گۇيلەر دۇڭ ۋالىدە خاننىڭ قوغلاندى قىلىنغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، خې جىننىڭ ئىنىسى خې ماۋ ۋە ئۇنىڭ ئانىسى ۋۇ ياڭجۈن خېنىمغا ئالتۇن - كۈمۈش، ئۈنچە - مەرۋايىت ۋە ئېسىل ئويۇنچۇقلارنى سوۋغا قىلىپ، ئۇلارنى ئەتە - ئاخشامدا خې ۋالىدە خاننىڭ يېنىغا كىرگۈزۈپ، ئۆزلىرىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا تىل ياغلىمىلىققا سالدى. شۇنىڭ بىلەن، ئون مەھرەمبېگى يەنە بەختىيار يېقىن كىشىلەردىن بولۇۋالدى.
6- ئايلاردا خې جىن مەخپىي كىشى ئەۋەتىپ، دۇڭ ۋالىدە خاننى جيەنخېدىكى تۇرالغۇسىدا ئوغا مەي بېرىپ ئۆلتۈردى، جەسىتىنى پايتەختكە ئەكەلدۈرۈپ لىڭدې خان مەقبەرەسىگە دەپنە قىلدۇردى. خې جىن ئاغرىق مەن دېگەن باھانىنى كۆرسىتىپ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشمىدى. مۇپەتتىشبېگى دۇەن شاۋ خې جىن ھۇزۇرىغا كىرىپ:
− جاڭ راڭ، دۇەن گۇيلەر سىرتتا جانابلىرىنى دۇڭ ۋالىدە خانغا ئوغا مەي بېرىپ ئۆلتۈردى، ئەمدى ئۆزى تەختكە چىقماقچى، دېگەن سۆزلەرنى تارقاتماقتا، ئەگەر مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاغۋاتلارنى يوقاتمىسىلا كەلگۈسىدە ئۇلار چوڭ ئاپەت كەلتۈرىدۇ. بۇرۇنىسىدا دۇ ۋۇنىڭ ھەرەمئاغىلىرىنى يوقىتىشى ئاشكارا بولۇپ قېلىپ ئۆزىنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت چۈشكەن. جانابلىرى ۋە ئىنىلىرىنىڭ قول ئاستىدا باتۇر - پالۋانلار بار، ئۇلار كۈچ چىقارسىلا، ئىشنى تامام قولغا ئالغىلى بولىدۇ. تەڭرى بەرگەن بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىك لازىم، − دەپ مەسلىھەت بەردى.
− مەسلىھەتلىشىپ كۆرەيلى، − دېدى خې جىن.
جاڭ راڭنىڭ ئەتراپىدىكىلەر بۇنى جاڭ راڭغا مەخپىي يەتكۈزۈپ قويدى، جاڭ راڭلار خې ماۋغا يەتكۈزدى ۋە نۇرغۇن پارا تىقتى.
خې ماۋ خې ۋالىدە خانغا:
− ئالىي سەركەردە خې جىن يېڭى خاننىڭ خان بولۇشىغا يار - يۆلەك بولدۇم دەپ، مېھىر - شەپقەت ئىشلىرى بىلەن بولماي، پەقەت ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە جازالاش ئىشلىرىغا كىرىشىپ كەتتى. ھازىر يەنە ھېچبىر سەۋەبسىزلا ئون مەھرەمبېگىنى ئۆلتۈرمەكچى بوپتۇ. بۇ پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، − دەپ مەلۇم قىلدى.
خې ۋالىدە خان ئۇنىڭ سۆزىنى ماقۇل كۆردى. بىرئازدىن كېيىن خې جىن ھەرەمگە كىرىپ خې ۋالىدە خانغا ھەرەمئاغىلىرىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
خې ۋالىدە خان:
− ھەرەمئاغىلىرى ئۇزۇندىن بۇيان خانىدانلىقنى ۋە خەن خانىدانلىقىنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ كەلمەكتە، سابىق خان بولسا يېقىندىلا ئالەمدىن ئۆتتى، شۇڭا كونا ۋەزىرلەرنى ئۆلتۈرۈش خانىدانلىققا بىھۆرمەتلىك قىلغانلىق بولىدۇ، − دېدى.
خې جىن ئىشنى كېسىپ ئىشلەيدىغان ئادەم بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ۋالىدە خاننىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ماقۇل دەپ چىقىپ كەتتى.
يۈەن شاۋ ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
− ئىشلار قانداق بولدى؟ − دەپ سورىدى.
− ۋالىدە خان ماقۇل كۆرمەيۋاتىدۇ، قانداق قىلغۇلۇق؟ − دېدى خې جىن.
− جايلاردىكى قەھرىمان يىگىتلەرنى پايتەختكە تارتىپ كېلىشكە چاقىرىپ، شۇلار ئارقىلىق ھەرەمئاغىلىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتايلى. ھازىر ئەھۋال جىددىي بولغانلىقتىن ۋالىدە خان ماقۇل كۆرمىدى دەپ قاراپ تۇرغىلى بولمايدۇ، − دېدى يۈەن شاۋ.
− بۇ ناھايىتى ياخشى تەدبىر بولدى، − دېدى خې جىن ۋە شەھەرگە پەرمان ئەۋەتىپ، لەشكەر باشلىقلىرىنى پايتەختكە چاقىرماق بولدى.
بۇ چاغدا ئوردا مىرزىسى چېن لىن:
− ئۇنداق قىلىشقا بولماسمىكىن ! بىزدە «كۆزنى يۇمۇپ تۇرۇپ قارلىغاچ تۇتۇش» ئۆزىنى ئۆزى ئالداش بولىدۇ، دېگەن گەپ بار. ئالدامچىلىق بىلەن ئۇششاق ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدىغان تۇرسا، ئەلنىڭ چوڭ ئىشىنى قانداق ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولسۇن؟ ھازىر جانابلىرى خاننىڭ ئابرۇيىغا تايىنىپ ھەممە لەشكەر ھوقۇقىنى ئىلكىلىرىگە ئالدىلا، نېمىنى قىلىمەن دېسىلە شۇنى قىلالايدىلا. ھەرەمئاغىلىرىنى يوقىتىشنى خالايدىكەنلا، بۇ سىلى ئۈچۈن بىر قىزىق مەشنىڭ بىر تال تۈكنى كۆيدۈرگىنىدەكلا بىر ئىش. ناھايىتى تېز ۋە كەسكىنلىك بىلەن بىر ئىش قىلسىلا. بۇ خۇدا ۋە خەلقىئالەممۇ راۋا كۆرىدىغان ئىش. ئۇنى قىلماي، جايلاردىكى سەركەردىلەرنى پايتەختكە چاقىرىدىكەنلا، قەھرىمانلار يىغىلىپ، ھەرقايسىسى ئۆز ئالدىغا بىرەر مەقسەتتە بولىدۇ، ئۇ چاغدا تىخ ئۇچىنى ئۆزلىرىگە قارىتىدۇ، دەستىنى باشقىلارغا تۇتقۇزۇپ قويىدىلا - دە، ئىش ۋۇجۇدقا چىقمايلا قالماي، يەنە قالايمىقانچىلىق چىقىدۇ، − دەپ مەسلىھەت بەردى.
− بۇ نامەردلەرنىڭ پىكرى، − دېدى خې جىن كۈلۈپ تۇرۇپ.
بۇ چاغدا يان تەرەپتە تۇرغان بىر كىشى چاۋاك چېلىپ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى.
− بۇ قول شىلتىغاندەكلا ناھايىتى ئاسان بىر ئىشقۇ، مۇنچىۋالا مەسلىھەت قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ − دېدى ئۇ.
بۇ ساۋ ساۋ ئىدى. دەرھەقىقەت:
يوقىتار بولساڭ قېشىڭدىن ئەسكىنى − مالىمانچىنى،
ئاڭلىغىن، ئالغىن ئىلىك دانىش كىشىلەر سۆزىنى.
ساۋ ساۋنىڭ زادى نېمە دېگەنلىكىنى كېيىنكى بابتىن ئاڭلىغايسىز.
ئۈچىنچى باب
ۋېنمىڭ بېغىدىكى كېڭەشتە دۇڭ جونىڭ دىڭ يۈەنگە كايىپ كەتكەنلىكى
لى سۇنىڭ ئالتۇن - كۈمۈش، ئۇنچە - مەرۋايىتلار بىلەن لۈ بۇنى ئۆزىگە تارتقانلىقى
ئەلقىسسە، ساۋ ساۋ خې جىنگە:
− ھەرەمئاغىلىرىنىڭ پالاكىتى قەدىمدە بولغاندەك ھېلىمۇ بولۇۋاتىدۇ. خانلىرىمىز ئۇلارغا تېگىشسىز ھوقۇقلارنى بېرىپ، رەھىم - شەپقەت قىلىپ كەلگەنلىكىدىن ھازىر ئىش بۇ يەرگە يەتتى. ئۇلارنى جازالىماق لازىم، باش گۇناھكارلارنى يوقاتماق كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بىرلا گۇندىپاي كۇپايە، جايلاردىن لەشكەر چاقىرىشنىڭ نېمە ھاجىتى بار؟ ھەرەمئاغىلىرىنىڭ ھەممىسىنى قالدۇرماي يوقىتىمىز دېسەك، ئىش پاش بولۇپ قېلىپ ئۇتتۇرۇپ قويارمىزمىكىن، − دېدى.
− سېنىڭدىمۇ باشقىچە غەرەز بار ئىكەن - دە ! − دەپ كايىدى خې جىن دەرغەزەپ بولۇپ.
− جاھاننى مالىمانچىلىققا سالغۇچى چوقۇم خې جىن بولغۇسى، − دېدى ساۋ ساۋ سورۇندىن چىقىۋېتىپ.
خې جىن ھەممە شەھەرگە خۇپىيانە پەرمانلار يېزىپ، كېچىلەپ مەخسۇس چاپارمەنلەر ماڭدۇردى.
سابىق سەركەردە، ئاۋشياڭ بېگى، شىلياڭ ئايماقبېگى دۇڭ جو سېرىق ياغلىقلىقلار ئىسيانىنى باستۇرۇشتا ئەجىر - خىزمەتلەر كۆرسەتمىگەنلىكى ئۈچۈن خانىدانلىق ئۇنى جازالىماق بولغاندا، ئون مەھرەمبېگىگە پارا بېرىش يولى بىلەن جازادىن قۇتۇلۇپ قالغانىدى. ئۇ يەنە ئوردا ئەمەلدارلىرىنى قويۇپ يۈرۈپ، يۇقىرى مەنسەپكە ئىگە بولۇۋالغاندىن كېيىن شىجۇ ئايمىقىدا يىگىرمە تۈمەن لەشكەرنى ئىلكىدە تۇتۇپ، دائىم خانغا ساداقەتسىزلىك قىلىش نىيىتىدە بولۇپ كەلمەكتە ئىدى. ئۇ بۇ قېتىم پەرماننى ئالغاندىن كېيىن ناھايىتى خۇش بولۇپ، لەشكەرلىرىنى تەخلەپ يولغا چىقتى. كۈيۈئوغلى كەپتاۋۇل نيۇ فۇنى ساقلاپ تۇرۇشقا قالدۇرۇپ، ئۆزى لى جۈ، گاۋ سى، جاڭ جى، فېن چاۋلارنى ئېلىپ لەشكەرلىرى بىلەن لوياڭغا قاراپ ماڭدى. دۇڭ جونىڭ كۈيۈئوغلىنىڭ مەسلىھەتچىسى لى رۇ:
− بۈگۈن بىز پەرمان ئالغان بولساقمۇ، ئۇنىڭدا ئوچۇق بولمىغان ئىشلار كۆپ. نېمىشقا ئادەم ئەۋەتىپ خانغا مەلۇمات يوللىمايسىز؟ يوللۇق ئىش قىلغاندىلا ئۇلۇغ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ، − دەپ مەلۇماتنى بەردى.
دۇڭ جو خۇش بولۇپ تۆۋەندىكى مەلۇماتنى يوللىدى:
ئاڭلىشىمىزچە ئەلدە پاراكەندىچىلىك ئۈزۈكسىز تۇغۇلۇۋېتىپتۇ، بۇنىڭغا ھەرەمئاغىلىرىدىن جاڭ راڭ ۋە باشقىلارنىڭ يوسۇن - قائىدىلەرنى ئاياغ ئاستى قىلغانلىقى سەۋەب بولدى. مەلۇمكى، قايناۋاتقان قازاننى توختىتىش ئۈچۈن دەرھال ئوتنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش كېرەك، يارىنى ئاغرىيدۇ دەپ تۇرماي، زەھەرنى تەندە ساقلىغاندىن يېرىپ دەردىنى تارتقان ئەۋزەل. كەمىنىلىرىنىڭ لەشكەر تارتىپ لوياڭغا كېلىشى جاڭ راڭلارغا ئوخشاشلارنى يوقىتىش ئۈچۈندۇر. بۇ خانىدانلىقىمىز، ئېلىمىز ئۈچۈن بەخت - سائادەتتۇر.
خې جىن مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ۋەزىرلەرگە كۆرسەتتى.
− دۇڭ جو يىرتقۇچ چىلبۆرە. ئۇنى پايتەختكە يولىتىدىغان بولساق، چوقۇم ئادەمخورلۇق قىلىدۇ، − دېدى ئوردا تەپتىشى جىن تەي.
− سىز بەكمۇ گۇمانخور، ئۇلۇغ ئىشلارغا لايىق ئەمەس ئىكەنسىز، − دېدى خې جىن.
− دۇڭ جونى ياخشى بىلىمەن. ئۇ يۈزى كۈلەر، ئىچى زەھەر ئادەم؛ پايتەختكە يولايدىغانلا بولسا چوقۇم بىر بالايىئاپەت بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە مالىمان چىقىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇنى توسۇپ قويايلى، − دېدى لۇ جى.
خې جىن مەسلىھەتنى ئاڭلىمىغانلىقتىن جىن تەي، لۇ جىلار مەنسىپىنى تاشلاپ كېتىپ قالدى. ئوردىدىكى ۋەزىرلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى كېتىپ قالدى. خې جىن دۇڭ جونىڭ ئالدىغا كىشى چىقىرىپ ئۇنى ميەنچىغا باشلاپ كەلدى، دۇڭ جو لەشكەرلىرىنى قوزغىماي ياتتى.
جاڭ راڭلار باشقا جايدىن لەشكەر كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ: «بۇ خې جىننىڭ ھىيلىسى، ئۇ قول سالغۇچە بىز قول سالمىساق، ئۇ تۇخۇمىمىزنى قۇرۇتىدۇ» دەپ ئۆزئارا كېڭەشتى. جاڭ راڭلار ئەللىكتىن ئارتۇق كاللىكېسەرنى چاڭلى سارىيىنىڭ جيادې قوۋۇقى ئىچىگە مۆكتۈرۈپ قويۇپ، ۋالىدە خان ھۇزۇرىغا كىرىپ:
− ھازىر ئالىي سەركەردە ساختا پەرمان بىلەن باشقا جايلاردىن پايتەختكە لەشكەر كەلتۈردى، بىزنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ، خېنىم ئانىمىزنىڭ رەھىم - شەپقەت قىلىپ بىزنى قۇتقۇزۇشىنى تىلەيمىز، − دەپ ئىلتىجا قىلدى.
− سىلەر ئالىي سەركەردە دەرگاھىغا بېرىپ گۇناھىڭلارنى تىلەڭلار، − دېدى ۋالىدە خان.
− مۇبادا بىز ئالىي سەركەردىنىڭ دەرگاھىغا بارىدىغان بولساق گۆشىمىزنى قىيما، ئۇستىخىنىمىزنى تالقان قىلىۋېتىدۇ. خېنىم ئانىمىزنىڭ ئالىي سەركەردىنى سارايغا دەۋەت قىلىپ، پەيلىدىن توختىتىپ قويۇشىنى سورايمىز، مۇبادا ئالىي سەركەردە مەقبۇل كۆرمىسە، بىز ھۇزۇرلىرىدا ئۆلۈشنى خالايمىز، − دەپ يەنە ئىلتىجا قىلدى جاڭ راڭ قاتارلىقلار.
ۋالىدە خان خې جىننى سارايغا چاقىرىپ پەرمان چىقاردى. خې جىن پەرماننى ئېلىش بىلەن سارايغا كىرمەكچى بولدى.
− ۋالىدە خاننىڭ بۇ پەرمانى ئون مەھرەمبېگىنىڭ ھىيلىسى بويىچە چىقىرىلغان، بۇنىڭدا بىر پالاكەت بار، ھەرگىز بارماڭ، − دەپ مەسلىھەت بەردى ئوردا مىرزىسى چېن لىن.
− مېنى ۋالىدە خان چاقىرتسا، بۇنىڭدا قانداق بىر پالاكەت بولاتتى؟ − دېدى خې جىن.
− بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئاشكارا بولۇپ تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن يەنە سارايغا بارىمەن دەيدىلا؟ − دېدى يۈەن شاۋ.
− ئالدى بىلەن ئون مەھرەمبېگىنى چاقىرىۋېلىپ ئاندىن ھەرەمگە كىرىش كېرەك، − دېدى ساۋ ساۋ.
− بۇ بالىلىق ئەقىل. ھازىر ئەلنىڭ پۈتۈن ھوقۇقى مېنىڭ قولۇمدا تۇرسا ئون مەھرەمبېگى نېمە قىلالايدۇ؟ − دېدى خې جىن كۈلۈپ تۇرۇپ.
− جانابلىرى چوقۇم بارىمەن دېسىلە، ھەر ئېھتىمالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىز سىلىنى قۇياغ - قالقانلىق لەشكەرلەر بىلەن قورۇقداپ بارىمىز، − دېدى يۈەن شاۋ.
يۈەن شاۋ بىلەن ساۋ ساۋ خىل لەشكەرلەردىن بەش يۈزنى تاللاپ، يۈەن شاۋنىڭ ئىنىسى يۈەن شۇنىڭ باشلاپ مېڭىشىغا تاپشۇردى. يۈەن شۇ جابدۇنۇپ لەشكەرلىرىنى چىڭسۇ قوۋۇقىنىڭ تېشىغا جايلاشتۇردى. يۈەن شاۋ بىلەن ساۋ ساۋ ئىككى بىسلىق قىلىچىنى تۇتقان پېتى ئالىي سەركەردە خې جىننى قورۇقداپ چاڭلى سارىيىنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئاغۋاتلار چىقىپ:
− ۋالىدە خان يالغۇزلا ئالىي سەركەردىنى چاقىرغان، باشقىلارنىڭ كىرىشگە رۇخسەت يوق، − دەپ پەرمان جاكارلاپ، يۈەن شاۋ بىلەن ساۋ ساۋنى ساراي قوۋۇقىدا توسۇپ ئېلىپ قالدى. خې جىن ئۆزىنى راۋرۇس تۇتۇپ توپتوغرا ھەرەمگە كىردى. جيادې قەسرىنىڭ قوۋۇقىغا يېتىپ كەلگەندە، جاڭ راڭ، دۇەن گۇيلەر ئالدىدىن چىقتى ۋە ئۇنى قورشىۋالدى. خې جىن چۆچۈپ كەتتى، جاڭ راڭ خې جىنگە قاراپ:
− دۇڭ ۋالىدە خاننى نېمە گۇناھ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئوغا مەي بېرىپ ئۆلتۈردۈڭ؟ نېمىشقا ۋالىدە خاننىڭ دەپنە مۇراسىمىغا يالغاندىن كېسەل بولۇۋېلىپ چىقمىدىڭ؟ سەن ئەسلىدە قاسساپلىق قىلىدىغان، مەي - شاراب ساتىدىغان تېگى پەس بىر ئادەم ئىدىڭ، بىز سېنى خانغا كۆرسىتىپ ئۇلۇغ مەرتىۋە - ھۆرمەتلەرگە ئىگە قىلدۇق، سەن بولساڭ ياخشىلىققا يامانلىق قىلىپ بىزنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىسەن ! سەن بىزنى خىيانەتچى پاسىق ئادەملەر دەپسەن، پاك ئادەملىرىڭ كىملەر؟ − دەپ سورىدى توۋلاپ تۇرۇپ.
خې جىن ئالاقزەدە بولۇپ، قۇتۇلۇش يولىنى ئىزدىدى، ئەمما ساراي قوۋۇقلىرى تاقالغانىدى. بۇ چاغدا بۆكتۈرمە قىلىنغان ياساۋۇللار بىردىنلا چىقىپ خې جىننى ئىككى پارە قىلىپ تاشلىدى. بۇ ھەقتە كېيىنكى كىشىلەرنىڭ يازغان بىر نەزمسىدە مۇنداق تەرىپلىنىدۇ:
چۈشتى خەۋپكە، پۈتتى خەن خانىدانلىقىنىڭ قىسمىتى،
كەم ئەقىل خې جىنگە كەلدى چوڭ ۋەزىرلىك ئامىتى.
ئاڭلىماي سادىق ۋەزىرلەر بەرسە ئوبدان مەسلىھەت،
ئوردا ئىچرە ئۆلدى خان تاپماي خالاس ئاقىۋىتى.
جاڭ راڭلار خې جىننى ئۆلتۈردى. يۈەن شاۋ خې جىننى ئۇزاق ساقلاپ چىقمىغاندىن كېيىن ساراي قوۋۇقىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ:
− جانابىي ئالىي سەركەردە، ھارۋا كۈتۈپ قالدى ! − دەپ توۋلىدى.
جاڭ راڭلار خې جىننىڭ بېشىنى تامدىن ئارتىلدۇرۇپ تاشلىدى ھەم:
− خې جىن ئىسيان قىلماقچى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلدى، باشقا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسى مۇئاپ قىلىنىدۇ، − دەپ پەرمان جاكارلىدى.
− ئاغۋاتلار ئۇلۇغ ۋەزىرنى ئۆلتۈرۈپتۇ ! بۇزۇقلار توپىنى يوقىتىشنى خالىغۇچىلار جەڭگە ھەمدەم بولۇشۇڭلار ! − دەپ توۋلىدى يۈەن شاۋ.
خې جىننىڭ قول ئاستىدىكى سەركەردە ۋۇ كۇاڭ چىڭسۇ قوۋۇقىنىڭ تېشىدىن ئوت قويدى. يۈەن شۇ لەشكەرلەرنى باشلاپ سارايغا باستۇرۇپ كىردى - دە، ئالدىغا ئۇچرىغان ئاغۋاتلارنى چوڭ - كىچىك دېمەي پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلىدى. يۈەن شاۋ بىلەن ساۋ ساۋ ئىچكىرى سارايغا بېسىپ كىردى. جاۋ جۇڭ، چېڭ كۇاڭ، ساۋجيې، خۇ لەنلەر سۇيخۇا راۋىقىنىڭ ئالدىغا قوغلاپ كېلىنىپ قىيما - چىيما قىلىپ تاشلاندى. ساراي ئىچىدىكى ئوت - تۈتەكلەر ئاسماننى قاپلاپ كەتتى. جاڭ راڭ، دۇەن گۇي، ساۋ جيې، خۇ لەنلەر ئىچكى ھەرەمدىن ۋالىدە خان، ۋەلىئەھد ھەم چېنليۇ ۋاڭنى خانىدانلىق مەھكىمىسىگە ئېلىپ بېرىپ، ئارقا يول بىلەن يۇقىرى سارايغا قاچتى، بۇ ۋاقىتتا ليۇ جى مەنسىپىنى تاشلىغان بولسىمۇ تېخى كەتمىگەنىدى. ئۇ سارايدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ قۇياغىنى كىيىپ، قولىغا نەيزە ئېلىپ راۋاقنىڭ ئاستىدا تۇردى. ئۇ يىراقتىن دۇەن گۇينىڭ خې ۋالىدە خاننى زورلۇق بىلەن ئەكېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى - دە:
− ھەي خائىن دۇەن گۇي ! ۋالىدە خاننى زورلاپ ئەكېتىشكە قانداق پېتىنالىدىڭ؟ ! − دەپ توۋلىدى. دۇەن گۇي ئارقىغا يېنىپلا قاچتى. ۋالىدە خان دېرىزىدىن سەكرەپ چۈشتى. ليۇ جى دەررۇ ئۇنى قۇتقۇزۇۋالدى. ۋۇ كۇاڭ ھەرەم ئىچىگە بىردىن باستۇرۇپ كىردى. ئۇ خې مياۋنىڭ قىلىچ كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ:
− ئاكىسىنى ئۆلتۈرگۈچىلەرگە شېرىك بولغان بۇ بەتبەختنى ئۆلتۈرەيلى ! − دەپ توۋلىدى.
− ئاكىسىنى ئۆلتۈرگەن مۇناپىقنى ئۆلتۈرۈشكە مانا بىز تەييار ! − دېيىشتى كۆپچىلىك.
خې مياۋ قاچماقچى بولۇۋىدى، ئۇنى تۆت تەرەپتىن قورشىۋېلىپ چاناپ قىيما - چىيما قىلىۋەتتى. يۈەن شاۋ لەشكەرلىرىنى تەرەپ - تەرەپكە بېرىپ ئون مەھرەمبېگىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى چوڭ - كىچىك دېمەستىن قەتلىئام قىلىشقا بۇيرۇدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرمۇ خاتا ئۆلتۈرۈلدى. ساۋ ساۋ بىر تەرەپتىن سارايدىكى ئوتنى ئۆچۈرۈپ، خې ۋالىدە خاننىڭ ھازىرچە خانىدانلىق ئىشىنى يۈرگۈزۈپ تۇرۇشىنى ئۆتۈندى ۋە جاڭ راڭنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاشقا لەشكەر ئەۋەتىپ، ياش خاننى ئىزدەشكە كىرىشتى.
ئەمدى جاڭ راڭ، دۇەن گۇيلەرگە كەلسەك، ئۇلار ياش خان بىلەن چېنليۇ ۋاڭنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىپ تۈتۈن ۋە ئوتنى بۆسۈپ چىقىپ كېچىلەپ بېيماڭ تېغىغا يېتىپ باردى. تەخمىنەن ئەلياتقۇ ۋاقتىدا ئارقا تەرەپتىن سۈرەن - چۇقان ئاۋازى ئاڭلىنىپ، لەشكەرلەر قوغلاپ كەلدى. ئالدىدا كېلىۋاتقان خېنەننىڭ ئوتتۇرا قىسمىنىڭ مۆتىۋەلبېگى مىن گۇڭ:
− ھەي مۇناپىق، توختا ! − دەپ ۋارقىرىدى.
ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى كۆرگەن جاڭ راڭ ئۆزىنى دەرياغا تاشلاپ غەرق بولدى. خان بىلەن چېنليۇ ۋاڭى ۋەقەنىڭ ماھىيىتىنى ئۇقالماستىن، ئۈنىنى چىقىرالماي دەريا بويىدىكى چۆپلۈكنىڭ ئىچىگە مۆكۈۋالدى. لەشكەرلەر ھەر تەرەپنى ئىزدەپ خاننىڭ بار يېرىنى بىلەلمىدى. خان بىلەن چېنليۇ ۋاڭى باش توخۇ ۋاقتىغىچە مۆكۈپ ياتتى. شەبنەم چۈشكىلى تۇردى، قورساقلىرىمۇ ئاچتى. ئۇلار بىر - بىرىنى قۇچاقلىشىپ يىغلاشتى، يەنە كىشىلەرنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن قورقۇپ ئۈنلىرىنى ئىچىگە يۇتۇپ، چۆپلۈك ئىچىگە مۆكۈپ تۇردى. چېنليۇ ۋاڭى:
− بۇ يەردە ئۇزاق تۇرۇشقا بولمايدۇ، باشقا بىر ھايات يولى ئىزدەش كېرەك، − دېدى.
شۇنىڭ بىلەن، ئىككىيلەن كىيىملىرىنى بىر - بىرىگە چېتىپ قىرغاققا ئۆمىلەپ چىقىشتى. پۈتۈن يەر ئازغانلىق ئىدى، قاراڭغۇدا يول كۆرۈنمەيتتى. قانداق قىلىشلىرىنى بىلمەي تۇرغان پەيتتە، مىڭلارچە يالتىراق قۇرتلار بىردىنلا توپ - توپ بولۇپ ئۇچۇشۇپ يورۇق چاچتى. قۇرتلار خاننىڭ ئالدىنى ئەگىپ ئۇچۇشاتتى.
− بۇ بىزگە تەڭرىنىڭ مەدىتى ! − دېدى چېنليۇ ۋاڭى.
ئۇلار يالتىراق قۇرتلارنىڭ چاچقان نۇرى بويىچە مېڭىپ ئاستا - ئاستا يولغا چىقىۋالدى. سۈبھى ۋاقتىغىچە مېڭىپ، پۇتلىرى ئاغرىپ ماڭالماي قالدى. تاغ يېنىدا بىر دۆۋە چۆپ كۆرۈندى، خان بىلەن چېنليۇ ۋاڭى ئوت - چۆپ دۆۋىسىنىڭ بىر تەرىپىدە ياتتى. چۆپ دۆۋىسىنىڭ ئالدى بىر قورۇ ئىدى. قورۇ ئىگىسى چۈشىدە ئىككى قىپقىزىل قۇياشنىڭ قورۇ ئارقىسىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆردى - دە، چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى. چاپىنىنى يېپىنچاقلاپ تاشقىرىغا چىقىپ ئەتراپقا نەزەر سالدى، قورۇ ئارقىسىدىكى چۆپ دۆۋىسىدە ئاسمانغا تۇتاشقان قىپقىزىل نۇر كۆرۈندى، ئالدىراش بېرىپ قارىسا ئىككى كىشى ئوت دۆۋىسىنىڭ يېنىدا يېتىپتۇ.
− ھەي ئوغلانلار ! كىمنىڭ پۇشتى - پەرزەنتلىرى بولىسىلەر؟ − دەپ سورىدى قورۇ ئىگىسى.
خان جاۋاب بېرىشكە جۈرئەت قىلالمىدى. چېنليۇ ۋاڭى قولى بىلەن خاننى كۆرسىتىپ:
− بۇ كىشى ھازىرقى خان بولىدۇ. ئون مەھرەمبېگى قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرغانلىقتىن قېچىپ بۇ يەرگە كېلىپ قالدۇق. مەن خاننىڭ ئىنىسى، چېنليۇ ۋاڭى بولىمەن، − دېدى.
قورۇ ئىگىسى ھاڭ - تاڭ بولغىنىچە تەزىم قىلىپ:
− كەمىنىلىرى ئۆتكەن خانىدانلىقىنىڭ زېمىنبېگى سۇي لېينىڭ ئىنىسى سۇي يى بولىمەن. ئون مەھرەمبېگىنىڭ مەنسەپ سېتىپ، ئاقىل - دانىشمەنلەرگە ھەسەتخورلۇق قىلغانلىقىدىن مۇشۇ يەردە ئىستىقامەت قىلىپ يۈردۈم، − دېدى ۋە خاننى يۆلەپ ئۆيىگە ئەكىرىپ، ئەدەپ - ھۆرمەت بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا مەي - تائام كەلتۈردى.
مىن گۇڭ دۇەن گۇيغا يېتىشىۋېلىپ خاننىڭ قەيەردىلىكىنى سورىدى.
− ئارا يولدا يوقىتىپ قويدۇم، قاياققا كېتىپ قالغانلىقىنى بىلمەيمەن، − دەپ جاۋاب بەردى دۇەن گۇي.
مىن گۇڭ دۇەن گۇينى ئۆلتۈرۈپ، بېشىنى ئېتىنىڭ بوينىغا ئېسىۋالدى، ئاندىن تەرەپ - تەرەپكە بېرىپ خاننى ئىزدەشكە لەشكەرلىرىنى ماڭدۇردى، ئۆزى ئات مىنىپ يولنى بويلاپ خاننى ئىزدەشكە كىرىشتى. ئۇ سۇي يىنىڭ جاڭزىسىغا كېلىپ قالدى، سۇي يى ئېسىپ قويۇلغان باشنى كۆرۈپ ۋەقەنى سورىدى. مىن گۇڭ بولغان ۋەقەنى ئۇجۇر - بۇجۇرىغىچە سۆزلەپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن سۇي يى مىن گۇڭنى باشلاپ كىرىپ خان بىلەن كۆرۈشتۈردى. ئۇ خان بىلەن قاتتىق يىغلاپ كۆرۈشتى.
− ئەل بىر كۈنمۇ خانسىز تۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس. ھەزرەتلىرى، پايتەختكە قايتسىلا، − دېدى مىن گۇڭ.
سۇي يىنىڭ قورۇسىدا بىرلا ئورۇق ئات بار ئىدى، ئۇنى خانغا ئېگەرلەپ بەردى. چېنليۇ ۋاڭى بىلەن مىن گۇڭ بىر ئاتقا مىنىپ يولغا چىقتى، تېخى ئۈچ چاقىرىم ماڭا - ماڭمايلا زېمىنبېگى ۋاڭ يۈن، ئەمىر ياڭ بياۋ، سول قول لەشكەر بېشى چۇنيۈ چىڭ، ئوڭ قول لەشكەر بېشى جاۋ مېڭ، ھىماتچى قوشۇن لەشكەربېشى باۋ شىن، بارگاھ قوشۇنىنىڭ لەشكەربېشى يۈەن شاۋلار بىرنەچچە يۈز لەشكەرنى باشلاپ خاننىڭ ئالدىغا چىقتى، خان ۋە بەگ - سىپاھلار يىغا - زار قىلىشتى. ئۇلار ئالدى بىلەن دۇەن گۇينىڭ بېشىنى سازايى قىلىش ئۈچۈن پايتەختكە ئەۋەتتى. خان بىلەن چېنليۇ ۋاڭىنى ياخشى ئاتقا مىندۈرۈپ قويدى. خان بۇلارنىڭ قورۇقدىشى بىلەن پايتەختكە قايتتى. بۇ توغرىدا بۇرۇن ليۇياڭدىكى بالىلار ئارىسىدا مۇنۇ قوشاق تارقالغانىدى:
خانمۇ ئەمەس، ۋاڭمۇ ئەمەس ئۆتكەنلەر،
ئاتلىق لەشكەر بەيماڭ سايان كەتكەنلەر.
خان بىرنەچچە چاقىرىم يۈرە - يۈرمەيلا، ئۇشتۇمتۇت كۈننى توسۇۋالغان نۇرغۇن تۇغ - ئەلەملەر ۋە ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن چاڭلار ئىچىدە كېلىۋاتقان بىر توپ لەشكەر كۆرۈندى. بەگ - سىپاھلارنىڭ رەڭگى تاتىرىپ كەتتى، خانمۇ چۆچۈپ كەتتى.
− كىم؟ − دەپ سورىدى يۈەن شاۋ ئېتىنى ئالدىغا دېۋىتىپ تۇرۇپ.
كەشتە ئەلەمنىڭ ئارىسىدىن بىر سەركەردە ئۇچقاندەك چىقىپ:
− خان قەيەردە؟ − دەپ سورىدى ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن.
خان تىترەپ سۆز قىلالماي قالدى. چېنليۇ ۋاڭى ئېتىنى دېۋىتىپ كېلىپ ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن:
− كىم بولىسىز؟ − دەپ سورىدى.
− شىلياڭ ئايماقبېگى دۇڭ جو بولىمەن !
− سىز خاننى مۇھاپىزەت قىلىشقا كەلدىڭىزمۇ ياكى خاننى بۇلىغىلى كەلدىڭىزمۇ؟ − دېدى چېنليۇ ۋاڭى.
− مەن ئالايىتەن خاننى مۇھاپىزەت قىلغىلى كەلدىم، − دەپ جاۋاب بەردى دۇڭ جو.
− خاننى مۇھاپىزەت قىلغىلى كەلگەن بولسىڭىز، خان مانا بۇ يەردە تۇرسا، نېمە ئۈچۈن ئاتتىن چۈشمەيسىز؟ − دېدى چېنليۇ ۋاڭى.
دۇڭ جو چۆچۈپ كەتتى ۋە ئالدىراپ - تېنەپ ئېتىدىن چۈشۈپ يولنىڭ سول تەرىپىدە تۇرۇپ تەزىم قىلدى. چېنليۇ ۋاڭى ياخشى سۆزلەر بىلەن دۇڭ جونىڭ كۆڭلىنى ياسىدى، باشتىن - ئاخىر بىر ئېغىزمۇ نالايىق سۆز قىلمىدى. دۇڭ جو ھەيران بولدى، كۆڭلىدە خاننى ئورنىدىن چۈشۈرۈپ يېڭى خان قويۇش نىيىتىگە كەلدى. خان شۇ كۈنى ئوردىغا قايتىپ خې ۋالىدە خان بىلەن كۆرۈشۈپ يىغا - زار قىلىشتى. ئوردا ئىچىدە بولغان تەكشۈرۈشتە مىراسى يوسۇندا كېلىۋاتقان خان تامغىسىنىڭ يوقالغانلىقى مەلۇم بولدى. دۇڭ جو لەشكەرلىرى بىلەن شەھەر تېشىدا تۇردى، ھەر كۈنى قۇياغلىق ئاتلىق لەشكەرلىرى بىلەن شەھەرگە كىرىپ كوچىلاردا زوراۋانلىق قىلدى، پۇقرالار ۋەھىمىگە چۈشۈپ ئەمىن تاپمىدى. دۇڭ جو ئوردىغا كىرىپ - چىقىشتا ھېچكىمدىن تەپ تارتمىدى. ھىماتچى قوشۇننىڭ لەشكەربېشى باۋ شىن يۈەن شاۋ بىلەن كۆرۈشۈپ:
− دۇڭ جونىڭ نىيىتى بۇزۇق كۆرۈنىدۇ، تېز يوقىتىش لازىم، − دېدى.
− خانىدانلىقتا تىنچلىق تېخى ئەمدى ئورنىتىلدى، يەڭگىللىك بىلەن ئىش قىلىشقا بولمايدۇ، − دېدى يۈەن شاۋ.
باۋ شىن ۋاڭ يۈن بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭغىمۇ شۇ سۆزنى ئېيتقانىدى، ۋاڭ يۈن:
− قېنى ئويلىشىپ كۆرەيلى ! − دېدى.
ئۇلارنى سۆزىگە كىرگۈزەلمىگەن باۋ شىن ئۆز قىسىملىرى بىلەن تەيشەنگە كېتىپ قالدى.
دۇڭ جۈ خې جىننىڭ ھەم ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ قول ئاستىدىكى لەشكىرىنى ئالداش يولى بىلەن پۈتۈنلەي ئۆزىگە قارىتىۋالدى ۋە لى رۇنىڭ ئۆزىگە:
− مەن خاننى ئورنىدىن قالدۇرۇپ چېنليۇ ۋاڭىنى خان قىلسام دەيمەن، قانداق دەيدىلا؟ − دېدى.
− ھازىر خانىدانلىق ئىگىسىز قالدى، ئەگەر مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىش كۆرمىسەك ئەھۋال ئۆزگىرىدۇ. ئەتە ۋېنمىڭ بېغىدا ۋەزىر - ۋۇزرا، بەگ - سىپاھلارنى يىغىپ خاننى ئورنىدىن قالدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويساق، بۇنىڭغا بويسۇنمىغانلارنى ئۆلتۈرسەك، كۈچ - ئابرۇي ئىشلىتىدىغان پەيت مۇشۇ شۇ، − دەپ مەسلىھەت بەردى لى رۇ.
دۇڭ جو خۇشال بولدى. ئەتىسى كاتتا مەرىكە - سورۇن تەييارلاپ ۋەزىر - ۋۇزرالارنى تەكلىپ قىلدى. ۋەزىر - ۋۇزرالارنىڭ ھەممىسى دۇڭ جودىن قورققاچقا ھېچبىرى كەلمەسكە پېتىنالمىدى. ۋەزىر - ۋۇزرالار كېلىپ بولغاندىن كېيىن، دۇڭ جو ئاستا كېلىپ باغ دەرۋازىسى ئالدىدا ئاتتىن چۈشتى ۋە قوش بىسلىق قىلىچى بىلەن مەرىكە - سورۇنغا كىردى. مەي - شاراب بىرنەچچە قېتىم ئايلانغاندىن كېيىن، دۇڭ جو ئىچىملىك ۋە كۆڭۈل ئېچىشنى توختىتىپ، ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن:
− مېنىڭ بىر ئېغىز سۆزۈم بار، دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار ! − دېدى.
ھەممە نەپسىنى يۇتۇپ قۇلاق سالدى.
− خان ئومۇمىي خالايىقنىڭ خوجىسى. ئۇ ئابرۇي، ئىستېدات ئىگىسى بولۇشى كېرەك، بولمىسا ئاتا - بوۋىسىنىڭ قالدۇرغان ھاكىمىيىتىگە مىراسخور بولۇپ ئەلنى ئىدارە قىلالمايدۇ. ھازىرقى خانىمىز ئاجىز، قابىلىيەتسىز، چېنليۇ ۋاڭىغا يەتمەيدۇ. چېنليۇ ۋاڭى ئاقىل، ئوقۇش خۇمارى، خان تەختىگە مۇناسىپتۇر. مەن خاننى ئورنىدىن قالدۇرۇپ چېنليۇ ۋاڭىنى خان قىلىپ تىكلەشنى لايىق كۆرىمەن، ۋەزىر - ۋۇزرالار بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ − دېدى دۇڭ جو.
ۋەزىرلەر بۇنى ئاڭلاپ ئۈن چىقىرالمىدى. ئولتۇرغانلاردىن بىرى دەس تۇرۇپ، شىرەنى ئىتتىرىۋېتىپ ئالدىغا چىقتى.
− بولمايدۇ، بولمايدۇ ! سەن كىمسەن، بۇنچىۋالا چوڭ پاراڭ سالغىلى ! خانىمىز مەرھۇم خاننىڭ قانۇنىي ۋەلىئەھدى، ئۇنىڭ ھېچبىر ئەيىبى يوق، نېمىشقا ئويلىماي خاننى ئورنىدىن قالدۇرىمەن دەپ يۈرىسەن؟ بۇنىڭ بىلەن سەن ھاكىمىيەتنى ئۆز قولۇڭغا ئېلىۋالماقچىمۇ؟ − دېدى ئۇ ۋارقىراپ.
دۇڭ جو قارىسا، ئۇ جىنجۇ ئايماقبېگى دىڭ يۈەن ئىكەن. دۇڭ جو دەرغەزەپ بولۇپ:
− ماڭا بويسۇنغانلار ئامان قالىدۇ، گەدەنكەشلىك قىلغانلار ھالاك بولىدۇ ! − دەپ قىلىچىنى سۇغۇرۇپ دىڭ يۈەننى ئۆلتۈرمەكچى بولدى.
بۇ ۋاقىتتا لى رۇ دىڭ يۈەننىڭ ئارقىسىدا قەددى - قامىتى كېلىشكەن، سالاپەتلىك، يالمان تۇتقان، كۆزلىرى غەزەپ ئۇچقۇنىدىن يانغان بىر كىشىنى كۆردى - دە، ئالمان - تالمان:
− بۈگۈن مەرىكە - سورۇندا خانىدانلىقنىڭ چوڭ ئىشلىرى ھەققىدە سۆزلەشمەيلى، ئەتە كېڭەشخانىدا كۆپچىلىك بىلەن كېڭەشسەكمۇ كېچىككەنلىك بولماس، − دېدى.
كۆپچىلىك دىڭ يۈەنگە نەسىھەت قىلىپ ئاتلاندۇرۇپ ماڭدۇرۇۋەتتى.
دۇڭ جو ۋەزىر - ۋۇزرالارغا قاراپ:
− مېنىڭ سۆزۈم ھەقتۇر؟ − دېدى.
− جانابىڭىز يېڭىلىشىۋاتىسىز، − دېدى لۇ جى، − قەدىمدە تەي جياخان ھاماقەتلىك قىلغانلىقتىن يى يىن ئۇنى تۇڭگۇڭغا سۈرگۈن قىلغانىدى. چاڭ يى ۋاڭى تەختتە ئولتۇرۇپ يىگىرمە يەتتە كۈن ئىچىدىلا ئۈچ مىڭ نەچچە يۈز تۈرلۈك يامان ئىش قىلغانلىقى ئۈچۈن خۇ گۇاڭ خانلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى ئەرۋاھىغا نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزىدىغان ئىبادەتخانىغا بېرىپ تاۋاپ قىلغاندىن كېيىن چاڭ يى ۋاڭىنى ئورنىدىن چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى. ھازىرقى خانىمىز ياش بولسىمۇ، ئەقىللىك ۋە مەرھەمەتلىك، ھېچقانداق ئەيىبى يوق. جانابىڭىز چەت ئايماقنىڭ بېگى، ئىلگىرى خانىدانلىقنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ كۆرگىنىڭىز يوق. شۇنىڭدەك سىز يى يىن ۋە خۇ گۇاڭلارغا ئوخشاش زور ئىستېدات ئىگىسى ئەمەس، خاننى زورلۇق بىلەن ئورنىدىن چۈشۈرۈپ ئورنىغا باشقا بىراۋنى قويۇشقا نېمە ھەققىڭىز بار؟ ئۇلۇغ دانىشمەنلەر: «ئەگەر يى يىننىڭ مەقسىتىدەك بولسا بۇنى ئۆزۈڭگە راۋا كۆر، ئەگەر يى يىننىڭ مەقسىتىدىن باشقىچە بولسا ھاكىمىيەتنى زورلۇق بىلەن قولغا ئالغانلاردىن بولۇپ قالىسەن» دېگەنىدى.
دۇڭ جو دەرغەزەپ بولۇپ قىلىچىنى سۇغۇرۇپ لۇ جىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانىدى، ياساۋۇلبەگ سەي يۇڭ، مۇشاۋىر پېڭ بو:
− مىرزىبەگ ليۇ جى ئەلدىكى جىمى خالايىقنىڭ ئۈمىد باغلىغان كىشىسى، ھازىر ئۇنى ئۆلتۈرسىڭىز ئەلدە تەپرىقە، قورقۇنچ پەيدا بولۇپ قالارمىكىن، − دەپ ئىلتىجا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن دۇڭ جو توختاپ قالدى.
− خاننى ئورنىدىن قالدۇرۇش ئىشىنى كەيپچىلىكتە كېڭىشىشكە بولماس، باشقا بىر كۈنى كېڭىشەيلى، − دەپ تەكلىپ بەردى زېمىنبېگى ۋاڭ يۈن.
شۇنىڭ بىلەن ۋەزىر - ۋۇزرالار تارقىلىشتى.
دۇڭ جو قىلىچىنى تۇتۇپ باغ دەرۋازىسى ئالدىدا تۇراتتى، بىر كىشىنىڭ يالمان تۇتۇپ باغ دەرۋازىسىنىڭ تېشىدا ئۇياقتىن - بۇياققا ئات يۈگۈرتۈپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ قالدى.
− بۇ كىم؟ − دەپ سورىدى دۇڭ جۇ لى رۇدىن.
− بۇ دىڭ يۈەننىڭ ئاسراندى ئوغلى، ئۇنىڭ ئىسمىزاتى لۈ بۇ، يەنە بىر ئىسمى فېڭشيەن، جانابلىرى بۇنىڭ كۆزىدىن نېرىراق تۇرسىلا، − دېدى لى رۇ.
دۇڭ جو باغقا كىرىپ يوشۇرۇنۇۋالدى. ئەتىسى بىر چاپارمەن كېلىپ دىڭ يۈەننىڭ شەھەر تېشىغا لەشكەر باشلاپ كېلىپ جەڭگە ئۈندەۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى. دۇڭ جو غەزەپكە كېلىپ لى رۇ بىلەن لەشكەرلىرىنى باشلاپ جەڭگە چىقتى. ئىككى تەرەپ سەپ تارتتى، چېچىنى يۆگەپ، بېشىغا زەر باشلىق، ئۇچىسىغا گۈللۈك جەڭ تونى ۋە قۇياغ كىيگەن، بېلىگە شىر سۈرىتى ئىشلەنگەن ئېسىل كەمەر باغلىغان، قولىدا يالمان تۇتقان لۈ بۇ دىڭ يۈەننىڭ ئارقىسىدا ئات سېلىپ سەپنىڭ ئالدىغا چىقتى. دىڭ يۈەن دۇڭ جوغا خىتاب قىلىپ:
− ئەل بەختسىزلىككە يولۇقۇپ، ھاكىمىيەت ھەرەمئاغىلىرىنىڭ قولىدا ئويۇنچۇق بولۇپ قالدى، بۇنىڭ بىلەن خەلق بالايىئاپەتكە دۇچار بولدى. سېنىڭ كۆرسەتكەن قىلچە ئەجىر - تۆھپەڭ يوق تۇرۇپ قانداقسىغا خاننى ئورنىدىن چۈشۈرۈپ باشقا بىرىنى تىكلەشنى تىلغا ئېلىپ خانىدانلىقنى پاراكەندە قىلماق بولىسەن؟ − دېدى.
دۇڭ جو ئەمدىلا ئېغىز ئاچاي دەپ تۇرۇشىغا، لۈ بۇ ئات چاپتۇرۇپ توپتوغرا ئۇنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ كەلدى. دۇڭ جو ئالاقزەدە بولۇپ لەشكەرلىرىنى باشلاپ چاپ - چاپقا ئۆتتى. دۇڭ جونىڭ لەشكەرلىرى قاتتىق يېڭىلىپ ئوتتۇز چاقىرىم چېكىنىپ قارارگاھ قۇردى. دۇڭ جو كۆپچىلىكنى يىغىپ كېڭەش قىلدى ۋە:
− لۈ بۇ ئىنتايىن باتۇر ئىكەن، − دېدى ئۇ، − بۇ پالۋانغا ئىگە بولسام جاھان ئۆزۈمنىڭ بولۇشتىن نېمە غەم قىلاتتىم !
− جانابلىرى، غەم يېمىسىلە، − دېدى بارگاھ ئالدىدا تۇرغان بىرى ئالدىغا چىقىپ، − مەن لۈ بۇ بىلەن يۇرتداش بولىمەن، لۈ بۇدا كۈچ - غەيرەت بولغان بىلەن تەدبىر - پاراسەت يوق، پايدىنى كۆرگەندە مەردلىكىنى ئۇنتۇيدىغان ئادەم. مەن گەپدانلىقىم بىلەن لۈ بۇنى سۆزگە ماقۇل قىلىمەن، ئۇ قول قوۋۇشتۇرۇپ كېلىپ سىلىگە ئەل بولىدۇ، بۇنىڭغا قانداق دەيدىلا؟
دۇڭ جو بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇرسەن بولدى. بۇ گەپنى قىلغۇچى كىشى يولۋاس قوشۇنلار كەپتاۋۇلى لى سى ئىدى.
− قانداق سۆزلەشمەكچى سىز؟ − دەپ سورىدى دۇڭ جو.
− ئاڭلىشىمچە، جانابلىرىدا كۈنىگە مىڭ يول باسار ئاتاقلىق «قىزىل توشقان» ناملىق بىر ئات بار ئىكەن، شۇ ئاتنى ۋە ئالتۇن - كۈمۈش، ئۈنچە - مەرۋايىت بەرسىلە، شۇلار بىلەن ئۇنى قىزىقتۇرۇپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ سۆزلىشىمەن. لۈ بۇ چوقۇم دىڭ يۈەندىن يۈز ئۆرۈپ سىلى تەرەپكە ئۆتىدۇ، − دېدى لى سى.
− بۇ سۆزگە نېمە دەيسىز؟ − دەپ سورىدى دۇڭ جو لى رۇدىن.
− جانابلىرىنىڭ مەقسىتى پۈتۈن مەملىكەتنى قولغا كەلتۈرۈش، ئۇنداق بولغاندىكىن، بىر ئاتنى ئاياپ نېمە قىلىدىلا؟ − دېدى لى رۇ.
دۇڭ جو خۇشال بولۇپ ماقۇل بولدى. ئاتقا قوشۇپ مىڭ سەر ئالتۇن، بىرقانچە ئۈنچە - مەرۋايىت، بىر دانە مەرمەر كەمەر بەردى.
لى سۇ ھەدىيەلەرنى ئېلىپ لۈ بۇنىڭ قارارگاھىغا كەلدى. يوللاردا بۆكتۈرۈلگەن پايلاقچىلار ئۇنى ئورىۋالدى. لى سۇ:
− كونا قەدىناسىڭىز كۆرۈشكىلى كېلىپتۇ، دەپ تېزلىكتە لۈ بۇ سەركەردىگە مەلۇم قىلىڭلار ! − دېدى.
پايلاقچىلار مەلۇم قىلغاندىن كېيىن لۈ بۇ كىرىشكە رۇخسەت قىلدى. لى سۇ لۈ بۇنى كۆرۈپ:
− ئەزىز ئىنىم ! ئايرىلغىنىمىزدىن بېرى يەنە شۇنداق تۇرۇپسىز ! − دەپ ئېسەنلىك سورىدى.
− ئۇزاق بولدى كۆرۈشەلمىدۇق، ھازىر قەيەردە مەنسەپ تۇتۇۋاتىسىز؟ − دەپ سورىدى لۈ بۇ تەزىم قىلىپ.
لى سۇ يولۋاس قوشۇنىنىڭ كەپتاۋۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ:
− ئەزىز ئىنىم، جانابىڭىزنىڭ خانىدانلىق ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. سىز ئىنىمىزنىڭ شان - شاۋكەت ۋە ھەيۋەت - سۈرىنى ئارتتۇرۇش ئۈچۈن كۈنىگە مىڭ يول باسار، تۈزلەڭ يولدا ماڭغاندەك سۇ كېچەر، تاغ ئاشار «قىزىل توشقان» ناملىق بىر ياخشى ئاتنى ھەدىيە قىلىشقا ئەكەلدىم، − دېدى.
لۈ بۇ ئاتنى يېتىلىتىپ كېلىپ كۆردى. دېگەندەك ئاتنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى قىپقىزىل چوغدەك بولۇپ، تېنىدە بىرەر تالمۇ باشقا رەڭ تۈك يوق ئىكەن. بېشىدىن - قۇيرۇقىغا قەدەر ئۇزۇنلۇقى بىر جاڭ، تۇيىقىدىن بوينىغا قەدەر ئېگىزلىكى سەككىز چى ئىكەن، ئات خۇددى ئاسمانغا ئۇچىدىغاندەك، دېڭىزدا ئۈزىدىغاندەك قىياپەتتە كىشنەپ ئويناقلاپ تۇراتتى. كېيىنكى ئادەملەر بۇ «قىزىل توشقان» ھەققىدە مۇنۇ نەزمنى پۈتكەن:
توزۇتۇپ چاڭۇ توزان ئۇچقان كەبى مىڭ يول باسار،
سۇ كېچىپ، تاغلار ئېشىپ، كۆك قەرىدە بۇلۇت يارار.
خۇددى ئوت ئەجدىھا بولۇپ، ئەرشتىن زېمىن ئۆزرە كېلەر،
سىلكىسە بېشىنى مەشۇت نوختىسى جىلۋە قىلار.
لۈ بۇ ئاتنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدى، لى سۇغا تەشەككۈر ئېيتىپ:
− سىز ئاغىمىزنىڭ ئىلتىپات قىلغان بۇ ياخشى ئېتى ئۈچۈن نېمە بىلەن جاۋاب قايتۇرسام بولارىكىن؟ − دېدى.
− مەن بۇنى مەردلىك يۈزىسىدىن ئەكەلدىم، بۇنىڭغا نېمە قايتۇرماقچىدىڭىز ! − دېدى لى سۇ.
لۈ بۇ مەي - شاراب قۇيۇپ ئۇنى مېھمان قىلدى. شىركەيپ بولغاندا:
− ئىنىم، سىز بىلەن كۆپ كۆرۈشەلمەيمەن، ئەمما ئاتىڭىز بىلەن دائىم كۆرۈشۈپ تۇرىمەن، − دېدى لى سۇ.
− ئاغا ! سىز كەيپ بولۇپ قاپسىز، ئاتام ۋاپات بولغىلى خېلى يىللار بولدى، قانداق قىلىپ ئۇ سىز بىلەن كۆرۈشىدۇ؟ − دېدى لۈ بۇ.
− ياق، مەن ئايماقبېگى دىڭ يۈەننى دەۋاتىمەن، − دېدى لى سۇ.
− مەن دىڭ يۈەننىڭ قېشىدا ئامالسىزلىقتىن تۇرۇپتىمەن − دېدى لۈ بۇ ئالدىراپ - تەمتىرەپ.
− ئەزىز ئىنىم، سىزنىڭ ئاسماننى كۆتۈرگۈدەك، دېڭىز سۈيىنى تىزگىنلىگۈدەك قۇدرىتىڭىز بار، ئېلىمىزدە ھەممە سىزگە قايىل. نام - مەرتىۋىگە ئېرىشىش ۋە دۆلەتمەن بولۇش، سىز ئۈچۈن ئىنتايىن ئاسان، نېمە ئۈچۈن ئامالسىز باشقىلارنىڭ قول ئاستىدا يۈرۈۋاتىمەن دەيسىز؟ − دېدى لى سۇ.
− ماڭا خوجا بولغۇدەك بىر لايىق ئادەمنى يولۇقتۇرالمايۋاتىمەن.
− «ياخشى قۇش ئۇۋا سالسا دەرەخ تاللايدۇ، ئاقىل ئەمەلدار خوجا تاللايدۇ.» پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويسىڭىز كېيىن پۇشايمانغا قاچا تاپالمايسىز، − دېدى لى سۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.
− سىز ئوردىدا ئىشلەيسىز، كىمنى زامانىمىزنىڭ قەھرىمانى دەپ بىلىسىز؟
− مېنىڭ قارىشىمچە، چوڭ ئەمەلدارلارنىڭ ھېچقايسىسى دۇڭ جوغا يېتەلمەيدۇ. دۇڭ جو دانىشمەنلەرگە ھۆرمەت قىلىدۇ، ئەدەپ - نازاكەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، قانداق ۋاقىتتا مۇكاپاتلاش، قانداق ۋاقىتتا جازالاشنى ئوبدان بىلىدۇ، شۇڭا ئاقىۋەتتە ئۇ ئۇلۇغ ئىشنى بەجا كەلتۈرىدۇ.
− مېنىڭ ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ خىزمەت قىلغۇم بار ئىدى، ھېچبىر يولىنى تاپالمىدىم.
لى سۇ ئالتۇن، مەرۋايىتلارنى، مەرمەر كەمەرنى لۈ بۇنىڭ ئالدىغا تىزىپ قويدى. لۈ بۇ ھەيران بولۇپ:
− نېمە قىلغىنىڭىز بۇ؟ − دەپ سورىدى.
لى سۇ خىزمەتكارلارنى چىقىرىۋېتىپ، لۈ بۇغا:
− دۇڭ جو جانابلىرى سىزنىڭ نامىشەرىپىڭىزنى ئۇزۇندىن بېرى ئاڭلاپ كەلگەچكە مېنى مەخسۇس سوۋغا - سالاملار بىلەن ئالاھىدە ئەۋەتتى، دۇڭ جو جانابلىرى «قىزىل توشقان» دېگەن ئېتىنىمۇ سىزگە ھەدىيە قىلدى، − دېدى.
− دۇڭ جو جانابلىرى ماڭا مۇنچىلىك مۇھەببەت كۆرسىتىپ ئىلتىپات قىپتۇ، مەن قانداق قىلىپ جاۋاب قايتۇرسام بولىدىكىن؟ − دېدى لۈ بۇ.
− مانا مەن، − دېدى لى سۇ، − ناتىۋان بولساممۇ، ماڭا يولۋاس قوشۇنىنىڭ كەپتاۋۇلى ئەمىلىنى ئىلتىپات قىلدى. ئەگەر جانابىڭىز بارىدىغان بولسىڭىز ئېيتىپ بولغۇسىز زور قەدىر - قىممەتكە ئىگە بولىسىز.
− قىلچە ئەجىر - تۆھپىلەرنى كۆرسەتمەي تۇرۇپ، قۇرۇقلا قانداقمۇ كۆرۈشكىلى بارىمەن.
− ئەجىر - تۆھپىلەرنى كۆرسىتىش ئاسان، جانابىڭىز ئۇنىماسسىزمىكىن.
لۈ بۇ خېلى ئۇزاق ئويلىنىپ:
− دىڭ يۈەننى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ لەشكەرلىرىنى باشلاپ دۇڭ جو تەرەپكە ئۆتسەم قانداق؟ − دېدى.
− ئەگەر مۇنداق قىلىدىغان بولسىڭىز، چوڭ ئەجىر - تۆھپە كۆرسەتكەن بولاتتىڭىز ! ئەمما ئىشنى كېچىكتۈرمەستىن تېز ھەل قىلىش لازىم. ئەزىز ئىنىم ! − دېدى لى سۇ.
لۈ بۇ لى سۇغا ئەتە كېلىپ ئەل بولۇشقا ۋەدە بەردى. لى سۇ خەيرلىشىپ قايتتى.
شۇ كۈنى ئەلياتقۇ مەھەلدە لۈ بۇ قىلىچىنى ئېلىپ توپتوغرا دىڭ يۈەننىڭ بارگاھىغا كىردى. دىڭ يۈەن شام يورۇقىدا كىتاب ئوقۇپ ئولتۇراتتى. لۈ بۇنىڭ كەلگىنىنى كۆرۈپ:
− خوش، ئوغلۇم ! نېمىگە كەلدىڭىز؟ − دەپ سورىدى.
− مەن ھالال يىگىتمەن، قانداق قىلىپ سېنىڭ ئوغلۇڭ بولىدىكەنمەن ! − دېدى لۈ بۇ.
− لۈ بۇ، نېمە ئۈچۈن ئۆزگىرىپ قالدىڭىز؟ − دېدى دىڭ يۈەن.
لۈ بۇ ئالغا ئېتىلىپ قىلىچىنى بىر ئۇرۇش بىلەن دىڭ يۈەننىڭ بېشىنى كەستى - دە، ئەتراپىدىكىلەرگە قاراپ توۋلاپ:
− دىڭ يۈەن ئادەمگەرچىلىكتىن چىققىنى ئۈچۈن ئۆلتۈردۈم، ماڭا ئەگىشىشنى خالىغانلار كېلىڭلار، خالىمىغانلار ئۆز يولۇڭلارغا مېڭىڭلار ! − دېدى.
لەشكەرلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى تارقىلىپ كېتىشتى. ئەتىسى لۈ بۇ دىڭ يۈەننىڭ كاللىسىنى ئېلىپ لى سۇ بىلەن كۆرۈشتى، لى سۇ ئۇنى دۇڭ جونىڭ قېشىغا باشلاپ كىرىپ كۆرۈشتۈردى. دۇڭ جو ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، مەي - شاراب قۇيۇپ ھۆرمەت بىلەن كۈتۈۋالدى. دۇڭ جو ئاۋۋال تەزىم قىلىپ:
− بۈگۈن سىز جانابىي سەركەردىگە ئىگە بولۇشۇم سۇسىزلىقتىن قۇرۇپ قالغان مايسىنىڭ ھاياتبەخش يامغۇرغا ئىگە بولغىنىغا ئوخشاشتۇر، − دېدى.
لۈ بۇ دۇڭ جونى ئولتۇرغۇزۇپ ئۆزى تىز چۆككەن ھالدا:
− ئەگەر خوپ كۆرسىڭىز، باش قويۇپ سىزنى ئاتا تۇتىمەن، − دېدى.
دۇڭ جو ئۇنىڭغا زەر قۇياغ ۋە كىمخاب تون ھەدىيە قىلدى. ئۇلار كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇشتىن كېيىن تارقىلىپ كېتىشتى. شۇنىڭدىن باشلاپ دۇڭ جونىڭ كۈچ - قۇۋۋىتى بارغانسېرى زورىيىپ كەتتى، ئۆزى بولسا ئۆلتۈرگەن سەركەردىنىڭ لەشكەر ھوقۇقىنى ئىگىلىۋالدى. ئىنىسى دۇڭ مىننى سول قول سەركەردىلىككە تەيىنلەپ، ئۇنىڭغا خۇخۇ بېگى دېگەن مەرتىۋە بەردى. لۈ بۇنى چەۋەنداز بېگى ۋە كەپتاۋۇللۇققا تەيىنلەپ، ئۇنىڭغا دۇتىڭ بېگى دېگەن مەرتىۋە بەردى.
لى رۇ خاننى ئورنىدىن قالدۇرۇپ باشقا خاننى تىكلەش ئىشىنى تېز ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن دۇڭ جوغا مەسلىھەت بەردى. دۇڭ جو خانىدانلىق مەھكىمىسىدە مەرىكە - سورۇن ھازىرلاپ ۋەزىر - ۋۇزرالارنى چاقىردى ۋە لۈ بۇنى قۇياغ كىيگەن مىڭدىن ئارتۇق لەشكەرنى ئوڭ ۋە سول تەرەپتە تەخمۇتەخ قىلىشقا بۇيرۇدى.
شۇ كۈنى مۇشاۋىر يۈەن ۋېي بارلىق ۋەزىر - ۋۇزرالار بىلەن مەرىكە - سورۇنغا كەلدى. شاراب بىرقانچە قېتىم ئايلانغاندىن كېيىن دۇڭ جو قىلىچىنى تۇتۇپ:
− ھازىرقى خانىمىز ئەلنى ئىدارە قىلىشقا ئاجىزلىق قىلماقتا. مەن يى يىن، خۇ گۇاڭلارغا ئوخشاش خاننى ئورنىدىن قالدۇرۇپ، خۇڭنۇڭ ۋاڭلىقىغا بەلگىلەپ، چېنليۇ ۋاڭىنى خانلىققا تىكلەيمەن. بۇنىڭغا بويۇنتاۋلىق قىلغۇچىلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، − دېدى.
ۋەزىر - ۋۇزرالار قورقۇپ ھېچنېمە دېيەلمىدى. بارگاھ قوشۇنىنىڭ لەشكەربېشى يۈەن شاۋ ئورنىدىن دەس قوپۇپ:
− خانىمىزنىڭ تەختكە ئولتۇرغىنىغا تېخى كۆپ ۋاقىت بولمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچبىر ئەيىب ئۆتكۈزگەن يېرى يوق. سىز مەرھۇم خاقانىمىزنىڭ رەسمىي ئاغىچىسىدىن بولغان خاننى ئورنىدىن قالدۇرۇپ، غەيرىي رەسمىي ئاغىچىسىدىن بولغان بالىسىنى خان قىلماقچىسىز، بۇ ئىسيانچىلىق ئەمەسمۇ؟ − دېدى.
− ئەلنىڭ ئىشى مەندە، − دېدى دۇڭ جو دەرغەزەپ بولۇپ، − بۈگۈن مەن قانداق قىلسام شۇنداق قىلىمەن. كىمنىڭ ھەددى ئىكەن ئىتائەت قىلماسقا؟ ! سىز مېنىڭ قىلىچىمنى گال كۆردىڭىزمۇ؟ − دېدى.
− سىزنىڭ قىلىچىڭىز ئۆتكۈر بولسا، مېنىڭ قىلىچىم ئۆتكۈر ئەمەسمىكەن؟ − دېدى يۈەن شاۋمۇ قىلىچىنى سۇغۇرۇپ.
ئىككىيلەن مەرىكە - سورۇندا دېيىشىپ قالدى. دەرھەقىقەت:
بولدى جانىدىن جۇدا دىڭ يۈەن ئاۋۋال مەردلىكنى دەپ،
تۇتۇشۇپ يۈەن شاۋ بىلەن دۇڭ جو كېلىپ چىقتى بۇ خەۋپ.
يۈەن شاۋنىڭ ھاياتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كېيىنكى بابتىن ئاڭلىغايسىز.
تۆتىنچى باب
خاننىڭ تەختتىن چۈشۈرۈلۈپ، چېنليۇ ۋاڭنىڭ خان قىلىپ تىكلەنگەنلىكى
ساۋ ساۋ ئۆزىنىڭ قاراقچى دۇڭ جونى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى يېپىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قىلىچ تەقدىم قىلغانلىقى
ئەلقىسسە، دۇڭ جو يۈەن شاۋنى ئۆلتۈرمەكچى بولغىنىدا، لى رۇ:
− ئىشلار تېخى قارار تېپىلمىدى، ئويلاشمايلا ئۆلتۈرۈلسە بولماسمىكىن، − دەپ ئۇنى توختىتىۋالدى.
يۈەن شاۋ قولىغا قىلىچ تۇتقان ھالدا بەگ - سىپاھلار بىلەن خوشلىشىپ، مەنسەپ بەلگىسىنى كۈنچىقىش قوۋۇققا ئېسىپ قويغاندىن كېيىن، جىجۇ ئايمىقىغا قاراپ كېتىپ قالدى. دۇڭ جو مۇشاۋىر يۈەن ۋېيغا قاراپ:
− بۇرادىرىڭىزنىڭ جىيەنى ناھايىتى ئەدەپسىزلىك قىلدى، سىزنىڭ يۈز - خاتىرىڭىز ئۈچۈنلا ئۇنى ھازىرغا كەچۈردۈم. خاننى ئورنىدىن قالدۇرۇش ئىشىغا سىز قانداق قارايسىز؟ − دەپ سورىدى.
− ئەمىر جانابلىرىنىڭ قارىشى توغرا، − دېدى يۈەن ۋېي جاۋابەن.
− بۇ ئىشقا توسقۇنلۇق قىلغۇچىلار بولسا لەشكەر قانۇنى بويىچە جازاغا تارتىلىدۇ ! − دېدى دۇڭ جو.
قاتتىق قورقۇپ كەتكەن ۋەزىر - ۋۇزرالار:
− پەرمانبەردارمىز ! − دېيىشتى.
مەرىكە - سورۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دۇڭ جو ياساۋۇلبېگى جۇ بى، لەشكەربېشى ۋۇ چيۇڭلاردىن:
− يۈەن شاۋنىڭ مۇشۇ كېتىشى قانداق؟ − دەپ سورىدى.
− يۈەن شاۋ قەھر - غەزىپى بىلەن كېتىپ قالدى، ئەگەر جانابلىرى ئۇنى تۇتۇشقا بۇيرۇق چىقارسىلا ئۇ جەزمەن يۈز ئۆرۈپ قارشى چىقىدۇ. يۈەن ئائىلىسى تۆت ئەۋلادىدىن بۇيان خاننىڭ ئىلتىپاتىغا نائىل بولغان، ئۇلارنىڭ مۇرىتلىرى ۋە قەدىناس مەنسەپداشلىرى ئەلنىڭ ھەممە يېرىگە تارقالغان. ئەگەر ئۇ باتۇر - ئەزىمەتلەرنى يىغىپ قوزغىلاڭ قىلسا، ئۇ چاغدا خۇاشەن تېغىنىڭ كۈنچىقىش تەرىپى جانابلىرىنىڭ قولىدىن كېتىپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە، يۈەن شاۋنى كەچۈرۈم قىلىپ بىرەر ئايماققا ھاكىملىققا تەيىنلەپ قويسىلا، ئۇ گۇناھىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنغانلىقىغا خۇش بولۇپ جانابلىرىغا زەرەر يەتكۈزمەيدۇ، − دەپ مەسلىھەت بەردى جۇ بى.
− يۈەن شاۋ ئەقىل - پاراسەتلىك بولسىمۇ، ئەمما بىرەر ئىشنى باشقا ئاچىققۇدەك جۈرئىتى يوق، شۇڭا ئۇنىڭدىن غەم قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ قويۇش ئۈچۈن ئۇنى بىرەر ئايماققا ھاكىم قىلىپ قويغانلىرى تۈزۈك، − دېدى ۋۇ چيۇڭ.
دۇڭ جو ماقۇل بولۇپ، شۇ كۈنى كىشى ئەۋەتىپ، يۈەن شاۋنى بوخەي ئايمىقىنىڭ ھاكىملىقىغا تەيىنلىدى.
9- ئاينىڭ 1 - كۈنى خان جيادى قەسرىگە تەكلىپ قىلىندى، ئەمەلدار - قەلەمدار، بەگ - سىپاھلار جەم بولدى. دۇڭ جو قىلىچ تۇتقىنىچە:
− خانىمىز ئاجىز، قابىلىيەتسىز كېلىپ قالدى، ئەل ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ كېتەلمەيۋاتىدۇ. شۇڭا، ھازىر بۇ يەردە بىر سىياسىي پەرمان ئېلان قىلىشقا توغرا كېلىپ قالدى، − دېدى ۋە لى رۇنى ئوقۇشقا بۇيرۇدى:
مەرھۇم خان لىندې ھەزرەتلىرى ۋەزىر - ۋۇزرالىرىنى قالدۇرۇپ بالدۇرلا دۇنيادىن ئۆتتى؛ ھەممە خەلق ئۇنىڭ تەخت ۋارىسى بولغان ھازىرقى خانىمىزدىن ئۈمىد كۈتكەنىدى، بىراق ئۇ ناقابىل، ئابرۇي - ئىناۋىتى تۆكۈلگەن، ماتەم - مۇسىبەت قائىدىلىرىگە رىئايە قىلمايدىغان بولۇپ چىقتى؛ ئۇنىڭ ئۆزى پەزىلەتسىز بولۇپ تۇرۇقلۇق خان بولۇۋېلىشى ھەقىقەتەن ئۇلۇغ تەختكە ھاقارەتتۇر. ۋالىدە خانمۇ خانغا ئانىلىق تەربىيەسى بېرەلمىدى، شۇ سەۋەبتىن خانىدانلىق ئىشلىرى قالايمىقانلىشىپ كەتتى. يۇڭ لى ۋالىدە خاننىڭ توساتتىن ئۆلۈپ كېتىشى خۇسۇسىدا خەلق ئارىسىدا تۈرلۈك - تۈرلۈك گەپ - سۆزلەر بار. ئۈچ ئەركان ۋە ئاسمان - زېمىندىكى تەرتىپ - قائىدىگە نۇقسان كەلتۈرۈشكە يول قويۇشقا بولامدۇ؟ چېنليۇ ۋاڭى ليۇ شيې دانا، ھىممەتلىك ۋە پەزىلەتلىكتۇر؛ ئۇ ماتەم قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىپ ئىنتايىن قايغۇردى. ئۇ سۆزى جايىدا ۋە توغرا ئىش قىلىدۇ. ئۇنىڭ ياخشى نامى ئالەمگە مەشھۇر. ئۇ ئۇلۇغ ئىشقا ۋارىسلىق قىلىپ ئەلنىڭ مەڭگۈلۈك پاسىبانى بولۇشقا لايىق ئادەم. شۇڭا خان تەختتىن چۈشۈرۈلۈپ، ئۇنىڭغا خۇڭنۇڭنىڭ ۋاڭلىق مەرتىۋىسى بېرىلىدۇ، ۋالىدە خان ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. چېنليۇ ۋاڭدىن تەڭرىنىڭ بۇيرۇقى، خەلقنىڭ تىلىكى بويىچە بىزگە خان بولۇپ، ئاھالىنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرۇشىنى تىلەيمىز.
لى رۇ پەرماننى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، دۇڭ جو ئەتراپىدىكىلەرنى خاننى تەختتىن قولتۇقلاپ چۈشۈرۈشكە بۇيرۇدى ۋە پۆپۈك باغلانغان تامغىنى تاپشۇرۇۋالدى. ئۇ يۇقىرى تەرەپكە قاراپ ئولتۇرۇپ، ۋەزىرلەر قاتارىدا خاننىڭ ئەمرىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، يەنى ۋالىدە خاننى ۋالىدە خانلىق كىيىمىنى سېلىپ پەرمان كۈتۈشكە بۇيرۇدى. خان بىلەن ۋالىدە خان ھۆركىرەپ يىغلىدى، ۋەزىر - ۋۇزرالارنىڭ ھەممىسى ئېچىندى. تاپسىدا تۇرغان بىر ۋەزىر:
− مۇناپىق دۇڭ جو ! تەڭرىنى ھاقارەت قىلىشقا نېمە ھەددىڭ سېنىڭ؟ مەن بۇ جىنايەتنى سېنىڭ قېنىڭ بىلەن يۇيىمەن ! − دەپ قەھر - غەزەپ بىلەن ۋارقىراپ تۇرۇپ، قولىدىكى پىل سۆڭىكىدىن ياسالغان كۆرۈنۈش تاختىسىنى دۇڭ جوغا قارىتىپ ئاتتى. بۇ كىشى مىرزىبەگ دىڭ گۇەن ئىدى. دۇڭ جو غەزەپلىنىپ نۆكەرلىرىگە ئۇنى تۇتۇشنى ۋە سۆرەپ ئاچىقىپ كاللىسىنى ئېلىشنى بۇيرۇدى. دىڭ گۇەن ئۇنى تىنماي تىللىدى، ئۆلگەنگە قەدەر چىرايى ئۆڭمىدى. بۇ ھەقتە كېيىنكى ئادەملەر مۇنۇ نەزمنى پۈتتى:
ياسىدى دۇڭ جو مۇناپىق تاج - تەختتە ئۆزگىرىش،
كەلدى خەن خانىدانلىقىغا ئىنقىرازلىق يۈزلىنىش.
ھەممىسى قورققانىدى − خاننىڭ ۋەزىر - ۋۇزرالىرى،
ئىچىدە يېگانە دىڭ گۇەن ئەزىمەت ئوغلان ئىدى.
دۇڭ جو چېنليۇۋاڭنى تەختكە تەكلىپ قىلدى. ۋەزىر - ۋۇزرالار يېڭى خان ھۇزۇرىغا كىرىپ مۇبارەكلەپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ يەنە خې ۋالىدە خان ۋە خۇڭنۇڭ ۋاڭ بىلەن مەرھۇم خاننىڭ كىچىك ئاغىچىسى تاڭ خېنىمنى يۇڭئەن سارىيىغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بۇيرۇدى، ساراي قوۋۇقىنى قۇلۇپلاپ، ۋەزىرلەرنىڭ ئۇ سارايغا ئۆز مەيلىچە كىرىشىنى مەنئى قىلدى. بىچارە ياش خان 4 - ئايدا تەختكە ئولتۇرۇپ 9 - ئايدا تەختتىن چۈشتى. دۇڭ جو تەختكە چىقارغان چېنليۇ ۋاڭى ليۇ شيېنىڭ يەنە بىر ئىسمى بوخې بولۇپ، لىڭدې خاننىڭ ئوتتۇرانچى ئوغلى ئىدى، ئۇ تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن شيەندى خان دەپ ئاتالدى. شۇ يىلى ئۇ توققۇز ياشتا ئىدى. خانلىق دەۋرنىڭ يىلنامىسىنى چۇبىڭ دەپ ئۆزگەرتتى. دۇڭ جو ئۆزى باش ۋەزىر بولۇۋالدى. ئۇ خان بىلەن كۆرۈشكىلى كىرگەندە ئىسمىنىمۇ مەلۇم قىلمايتتى، سارايغا بەخىرامان كىرەتتى، خاننىڭ قوبۇل قىلىش قەسرىگە قىلىچ ئاسقان ھالدا كەشىنى سالمايلا كىرىۋېرەتتى، ئۇنىڭ ھەيۋىسى ۋە راھەت - پاراغىتىگە ھېچكىم تەڭ كېلەلمەيتتى. لى رۇ ئۇنىڭغا ئاتاقلىق دانىشمەنلەرنى ئىشقا سېلىپ، خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇشقا مەسلىھەت بەردى ۋە سەي يۇڭنىڭ تالانتىنى ۋە دانىشمەنلىكىنى تونۇشتۇردى، دۇڭ جو ئۇنى چاقىرىشقا بۇيرۇدى، سەي يۇڭ كەلگىلى ئۇنىمىدى. دۇڭ جو غەزەپكە كېلىپ: «ئەگەر كەلمەيدىكەنسەن، پۈتۈن جەددى - جەمەت، ئۇرۇق - ئەۋلادىڭغىچە قىرىپ تاشلايمەن» دەپ سەي يۇڭغا يەنە كىشى ئەۋەتتى. سەي يۇڭ قورقۇپ، بۇيرۇققا بىنائەن نائىلاج كەلدى. دۇڭ جو سەي يۇڭنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇرسەن بولدى ۋە ئۇنىڭغا چوڭ ئىلتىپات قىلىپ، بىر ئاي ئىچىدە مەنسىپىنى ئۈچ قېتىم كۆتۈرۈپ ياساۋۇلبەگلىك مەنسىپىگە چىقاردى.
ئەمدى ياش خانغا كەلسەك، ئۇ يۇڭئەن سارىيىدا خې ۋالىدە خان ۋە خان ئاغىچا تاڭ خېنىملار بىلەن قامىلىپ ياتتى، ئۇلارنىڭ كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەكلىرى كۈندىن - كۈنگە ئۆكسۈپ تۈگەشكە باشلىدى، ياش خاننىڭ كۆزىدىن ياش قۇرۇمىدى. بىر كۈنى ئۇ بىر جۈپ قارلىغاچنىڭ سارايدا ئۇچۇپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ، ئىلھاملىنىپ مۇنۇ نەزمنى پۈتتى:
سۈزۈك ئىس ۋە تۈتەك لەرزان چىمەنۇ مايسىنى قاپلاپ،
گۈزەل جۈپ قارلىغاچ ئۇچتى پەلەكتە شادلىنىپ - يايراپ.
ئەجەبمۇ سۈپسۈزۈك لۇشۇي سۈيى ئۆركەش بىلەن ئاقتى،
ئېتىزدا تۇرغۇچى خەقلەر ھەۋەستە زەۋق بىلەن باقتى.
يىراقتىن قارىساڭ زۇمرەت مىسالى كۆك بۇلۇتتۇر ئۇ،
مېنىڭ كونا ماكان تۇتقان ئەزىز ئوردام ئىدى ئاشۇ.
قېنى كىم چىن ساداقەتلىك - ئەقىدە بىلدۈرۈپ دىلدىن،
مېنى ئازاد قىلار كۆڭلۈم ئارا تولغان پىغان - دەردتىن.
دۇڭ جو سارايغا دائىم ئادەم ئەۋەتىپ ئەھۋالنى ئۇقۇپ تۇراتتى. شۇ كۈنى بارغان كىشى بۇ نەزمنى ئەكېلىپ دۇڭ جوغا سۇندى، دۇڭ جو:
− نارازىلىق بىلدۈرۈپ نەزم يېزىپتۇ، مانا بۇ ئۇنى ئۆلتۈرۈشنىڭ باھانىسى، − دېدى - دە، لى رۇغا ئون كاللىكېسەر بىلەن يۇڭئەن سارىيىغا بېرىپ ياش خاننى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق بەردى. خان، ۋالىدە خان ۋە خان ئاغىچا راۋاقتا ئىدى، ھەرەم كېنىزەكلىرى كىرىپ لى رۇنىڭ كەلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى، خان چۆچۈپ كەتتى. لى رۇ خانغا ئوغا مەي تۇتتى، خان مەي تۇتۇشنىڭ سەۋەبىنى سورىدى، لى رۇ:
− باھار يېتىپ كەلدى، باش ۋەزىر دۇڭ جو جانابلىرىغا ئالاھىدە ئۇزۇن ئۆمۈر شارابى ئەۋەتتى، − دېدى.
− ئەگەر ئۇزۇن ئۆمۈر شارابى بولسا، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز ئىچىڭ، − دېدى ۋالىدە خان.
− شارابنى ئىچمەمدىلا؟ − دېدى لى رۇ غەزەپ بىلەن ئەتراپتىكىلەرنىڭ قولىدىن خەنجەر ۋە ئاق شايىنى ئېلىپ ئالدىغا كېلىپ، − ئۇزۇن ئۆمۈر شارابىنى ئىچمىسىلە، ئەمىسە بۇ ئىككى نەرسىنى تاپشۇرۇۋېلىڭلار !
− مەن خان ئۈچۈن بۇ شارابنى ئىچىپ ئانا - بالا ئىككىيلەننىڭ ھاياتىغا ئارا تۇرسام، − دەپ ئىلتىجا قىلدى خان ئاغىچا تاڭ خېنىم تىزلىنىپ تۇرۇپ.
− سەن كىم بولىسەن؟ خاننىڭ ئورنىغا مەن ئۆلەي دەيسەنغۇ؟ − دەپ توۋلىدى لى رۇ ۋە شارابنى كۆتۈرۈپ ۋالىدە خانغا، − ئالدى بىلەن سەن ئىچ ! − دېدى.
− ھەي ئەقىلسىز خې جىن ! ئوغرىنى پايتەختكە باشلاپ كىرىپ، بۈگۈنكى پالاكەتكە قويدۇڭ ! − دەپ تىللىدى ۋالىدە خان.
لى رۇ خاننى يەنە شاراب ئىچىشكە زورلىدى. خان:
− ئانام ۋالىدە خان بىلەن ۋىدالىشىۋالاي، − دەپ قاتتىق قايغۇرغان ھالدا مۇنى بېيىتنى ئوقۇدى:
ئۆزگەردى يەر - ئاسمان، ئاي بىلەن قۇياش،
خانلىقتىن ئايرىلىپ بولدۇم مەن خاراب.
ۋەزىرلەر زورىدا قىسقاردى ئۆمرۈم،
ئايرىلىپ ھەق - ئەلدىن يىغلايمەن زارلاپ.
خان ئاغىچىمۇ مۇنداق دەپ بېيىت ئوقۇدى:
پارچىلاندى تاج - تەخت، بىتچىت بولۇپ ئاسمان - زېمىن،
مەن ئىدىم خان سۆيگۈسى بىر تاپمىدى جانىم ئەمىن.
يارىلىش، ئۆلمەك يولى باشقا ئىكەن بولدۇق جۇدا،
تولدى ھەسرەتكە دىلىم، يېگانە قالدىم نىتەيىن.
بېيىتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلار قۇچاقلىشىپ يىغلاشتى. لى رۇ:
− باش ۋەزىر خەۋەر كۈتۈپ تۇرۇپتۇ، سىلەر ئىشنى كېچىكتۈرۈۋاتىسىلەر، كىمنىڭ قۇتقۇزۇشىنى كۈتمەكچىسىلەر؟ − دېدى توۋلاپ تۇرۇپ.
− ئوغرى دۇڭ جو ! ئوغلۇم بىلەن مېنى ئۆلۈشكە زورلاۋاتىدۇ. تەڭرى ئۇنىڭ جاجىسىنى بەرمەي قويمايدۇ ! سەنلەر يامانغا يان بېسىۋاتىسىلەر. سەنلەرنىڭ تۇخۇمىڭلارنى چوقۇم قۇرۇتىدۇ ! − دەپ تىللىدى ۋالىدە خان.
لى رۇ دەرغەزەپ بولۇپ ۋالىدە خاننى تۇتۇپ راۋاقتىن تاشلىۋەتتى، كاللىكېسەرلەرنى تاڭ خېنىمنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇدى، ئوغا شارابنى ياش خاننىڭ ئاغزىغا قۇيدى. ئىشنى تۈگىتىپ دۇڭ جوغا مەلۇم قىلدى. دۇڭ جو جەسەتلەرنى شەھەر تېشىغا دەپنە قىلىشقا بۇيرۇدى. شۇنىڭدىن باشلاپ دۇڭ جو ھەر كېچىسى ھەرەمگە كىرىپ ساراي كېنىزەكلىرى بىلەن ئەيش - ئىشرەت، زىنا ئۆتكۈزدى، كېچىلىرى خاننىڭ شاھانە كاتىدا ياتتى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، دۇڭ جو لەشكەر باشلاپ شەھەردىن چىقىپ ياڭچېڭ دېگەن يەرگە يېتىپ باردى. بۇ 2 - ئاي مەزگىلى بولۇپ، يېزا خەلقى چاغان ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. بۇ يەرگە نۇرغۇن ئەر - ئاياللار يىغىلىشقانىدى. دۇڭ جو لەشكەرلىرىگە بۇيرۇق بېرىپ، ئۇلارنى قورشاپ پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلىدى، ئاياللارنىڭ زىبۇ - زىننەتلىرىنى بۇلىۋېلىپ ھارۋىلارغا قاچىلاتتى، مىڭدىن ئارتۇق كېسىلگەن باشنى بىر - بىرىگە تۇتاش كېلىۋاتقان ھارۋىلارغا ئېسىپ پايتەختكە قايتتى ۋە «قاراقچىلارنى ئۆلتۈرۈپ چوڭ نۇسرەت تاپتۇق» دەپ سۆز تارقاتتى. ئۇلار شەھەر قوۋۇقىنىڭ ئالدىدا كېسىلگەن باشلارنى كۆيدۈردى، ئاياللاردىن بۇلاپ - تالاپ ئالغان مال - مۈلۈكلەرنى لەشكەرلىرىگە تارقىتىپ بەردى.
بىر ئىسمى ۋۇ فۇ، يەنە بىر ئىسمى دېيۈ دېگەن چەۋەنداز لەشكەر بېشى دۇڭ جونىڭ ياۋۇزلۇقىنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپلەندى، ئېپىنى تاپقاندا دۇڭ جونى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ساراي كىيىمىنىڭ ئىچىگە يېنىڭ قۇياغ كىيىپ خەنجەر يوشۇرۇپ يۈردى. بىر كۈنى دۇڭ جو سارايغا كىرىپ كەلگىنىدە، راۋاق ئاستىدا ئالدىغا چىقىپ، توپتوغرا دۇڭ جوغا خەنجەر سالدى. دۇڭ جونىڭ بوي - بەستى چوڭ ۋە كۈچلۈك بولغىنى ئۈچۈن، ئىككى قولى بىلەن ۋۇ فۇنى تۇتۇۋالدى، ئاڭغىچە لۈ بۇ كېلىپ قالدى - دە، ۋۇ فۇنى يەرگە يىقىتتى.
− كىم سېنى ئىسيان قىل دېدى؟ − دەپ سورىدى دۇڭ جۇ.
− سەن مېنىڭ خاقانىم ئەمەس، − دېدى ۋۇ فۇ كۆزىنى چەكچەيتىپ، − مەن سېنىڭ ۋەزىرىڭ ئەمەس، قانداق قىلىپ ئىسيان بولىدىكەن؟ سېنىڭ جىنايەت - ياۋۇزلۇقلىرىڭ ئەلنى تويدۇردى، ھەممە ئادەم سېنى ئۆلتۈرۈشنى خالايدۇ ! سېنى ھارۋىغا سۆرىتىپ ئۆلتۈرمىگىنىمگە مىڭ شۈكۈر دە !
دۇڭ جو دەرغەزەپ بولۇپ، ئۇنىڭ قورسىقىنى يېرىپ پارچە - پارچە قىلىپ تاشلاشقا بۇيرۇق قىلدى. ۋۇ فۇ ئۆلگۈچە تىنماستىن تىللاپ تۇردى. بۇ ھەقتە كېيىنكى ئادەملەر مۇنداق بىر نەزم پۈتتى:
خانىدان خەن ئاخىرى ۋۇ فۇ ئىدى سادىق ۋەزىر،
تەڭدىشى يوق ئەر ئىدى ئۇ شۆھرىتى پۇر ئەلدە بىر.
ئۇردى تىخ خەنجەر سارايدا ئوغرى دۇڭ جو جىسمىغا،
مەڭگۈ ئۆچمەس ئەزىمەتلىك نامى ئالەمدە بەسىر.
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دۇڭ جو سارايغا كىرىپ - چىقىشتا ھەمىشە قۇياغلىق لەشكەرلەرنى ئۆزىگە قورۇقچى قىلىپ ئېلىۋالىدىغان بولدى.
بۇ ۋاقىتتا يۈەن شاۋ بوخەي ئايمىقىدا تۇرۇپ دۇڭ جونىڭ تاج - تەختنى ئىگىلىۋالغانلىقىنى ئاڭلاپ ۋاڭ يۈنگە بىرى ئارقىلىق مەخپىي مەكتۇپ ئەۋەتتى. مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلگەنىدى:
ئوغرى دۇڭ جو خاننى بوزەك ئېتىپ ئورنىدىن چۈشۈرۈپتۇ، بۇنىڭغا بىرنېمە دېمەي بولمىدى؛ جانابلىرى ئاڭلىمىغان كىشى بولۇۋېلىپ ئۇنىڭ زوراۋانلىقىغا يول قويۇپ بېرىپتىلا، بۇنداقتا قانداقسىغا خانلىققا سادىق ۋەزىر بولالايدىلا؟ مەن ھازىر خانىدانلىقنى بۇزۇقلاردىن پاك قىلىش نىيىتىدە لەشكەر توپلىدىم، ھازىر ئۇلارنى مەشىققە سېلىۋاتىمەن، لېكىن يەڭگىللىك بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. ئەگەر جانابلىرى بىر نىيەتكە كېلەلىسە، پۇرسىتى كەلگەندە بىر ئىش قىلساق دەيمەن. ناۋادا مېنى سالغۇدەك ئىش - كۈشلىرى بولسا بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنلاشقا ھازىرمەن.
ۋاڭ يۈن مەكتۇپنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، كۆپ ئويلاپ ھېچبىر قارارغا كېلەلمىدى. بىر كۈنى نۆۋەتچىلەر خانىسىدا كونا ۋەزىر - ۋۇزرالارنى ئۇچرىتىپ قېلىپ:
− بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم، ئاخشاملىققا ھەربىرلىرىنىڭ خانامغا قەدەم تەشرىپ قىلىشلىرىنى سورايمەن، − دېدى.
− مۇبارەكلەشكە ئەلۋەتتە بارىمىز، − دېدى ئۇلار.
شۇ كۈنى كەچتە ۋاڭ يۈن ئارقا سارايدا مەرىكە - سورۇن تەييارلىدى، تەكلىپ قىلغان ۋەزىر - ۋۇزرالارنىڭ ھەممىسى كېلىشتى. قەدەھلەر بىرقانچە قېتىم ئايلانغاندىن كېيىن، ۋاڭ يۈن بىردىنلا يۈزىنى تۇتۇپ ھۆركىرەپ يىغلىدى، بەگلەر ھەيران بولۇپ:
− ۋەزىر بېگىم ! بۈگۈن ئۆزلىرىنىڭ مەۋلۇت مۇبارەك كۈنلىرى تۇرسا، نېمە ئۈچۈن مۇنداق قايغۇرىدىلا؟ − دېيىشتى.
− بۈگۈن، − دېدى ۋاڭ يۈن، − مېنىڭ مەۋلۇت مۇبارەك كۈنۈم ئەمەس، ھەرقايسىلىرى بىلەن بىر سۆھبەتلەشكۈم بار ئىدى، دۇڭ جونى گۇمانلاندۇرۇپ قويمايلى، دەپ شۇنداق دېگەنىدىم. دۇڭ جو خاقانىمىزنى بوزەك ئېتىپ تاج - تەختنى ئىگىلىۋالدى، خانىدانلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا خەۋپ سېلىۋاتىدۇ. مەن شۇنى ئەسلەيمەنكى، گاۋزۇخان ھەزرەتلىرى چىن بەگلىكىنى تەقلى ئەيلەپ، چۇ بەگلىكىنى يوقىتىپ، خەن خانىدانلىقىنى بارلىققا كەلتۈرگەنىدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خانىدانلىقىمىزنىڭ دۇڭ جونىڭ قولىدا ھالاك بولارىنى خىيالىمىزغىمۇ كەلتۈرمەپتىكەنمىز، مەن شۇنىڭ ئۈچۈن يىغلاۋاتىمەن.
شۇنىڭ بىلەن ھەممە بەگ - سىپاھلار يىغلاپ تاشلىدى. ئولتۇرغانلار ئىچىدە بىر كىشى چاۋاك چېلىپ قاقاھلاپ كۈلۈپ:
− خانىدانلىقتىكى بارلىق ۋەزىر - ۋۇزرالار كېچىنى كۈندۈزگە، كۈندۈزنى كېچىگە ئۇلاپ يىغا - زار قىلىپ دۇڭ جونى ئۆلتۈرگىلى بولامدۇ؟ − دېدى.
ۋاڭ يۈن قارىسا، بۇ كىشى شىرمەت چەۋەنداز لەشكەرلەربېشى ساۋ ساۋ ئىكەن. ۋاڭ يۈن غەزەپلىنىپ:
− سىزنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىڭىزمۇ خەن خانىدانلىقىنىڭ ئىلتىپاتىنى كۆرگەنىدى، سىز بۈگۈن ئەلگە ئەجىر - تۆھپە كۆرسىتىشنى ئويلىماستىن، ئەكسىچە كۈلۈۋاتىسزغۇ؟ − دېدى.
− مەن باشقا ئىش ئۈچۈن كۈلمىدىم، شۇنچىۋالا كىشى دۇڭ جونى ئۆلتۈرۈشكە بىرەر چارە تاپالمىغانلىقىغا كۈلۈۋاتىمەن. كەمىنىلىرى ناتىۋان بىر كىشى بولساممۇ، دەرھال دۇڭ جونىڭ كاللىسىنى ئېلىپ پايتەخت قوۋۇقىغا ئېسىپ، ئەھلى خالايىقنى خۇش قىلغۇم بار، − دېدى ساۋ ساۋ.
ۋاڭ يۈن ساۋ ساۋنى مەرىكە - سورۇندىن چەترەك بىر يەرگە تارتىۋېلىپ:
− سىزنىڭ قانداق ياخشى پەنتىڭىز بار؟ − دەپ سورىدى.
− يېقىندىن بۇيان، − دېدى ساۋ ساۋ، − ۋىجدانىمغا قارشى دۇڭ جوغا يېقىنلىشىشقا ھەرىكەت قىلىشتىن مەقسىتىم پەيتنى تېپىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈش ئىدى. ھازىر دۇڭ جو ماڭا ئىشىنىدۇ، مەنمۇ بەزىدە ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ يۈرىمەن. ئاڭلىشىمچە، ئۆزلىرىدە يەتتە دانە گۆھەر كۆز قۇيۇلغان بىر قىلىچ بارئىمىش، قىلىچنى ماڭا ئارىيەت بېرىپ تۇرسىلا، سارايغا بېرىپ شۇ قىلىچ بىلەن دۇڭ جونى ئۆلتۈرسەم ئۆلۈپ كەتسەممۇ ئارمىنىم يوق !
− سىزدە مۇنداق نىيەت بولسا، − دېدى ۋاڭ يۈن، − ئەھلى خالايىققا بەخت قونىدۇ !
ۋاڭ يۈن ئۆز قولى بىلەن لىقمۇلىق توشتۇرۇلغان بىر قەدەھ مەينى ساۋ ساۋغا تۇتتى، ساۋ ساۋ مەينى يەرگە تامچىلىتىپ تۇرۇپ ئانت ئىچتى، ئۇنىڭدىن كېيىن ۋاڭ يۈن گۆھەر كۆز قۇيۇلغان قىلىچنى ئاچىقىپ ساۋ ساۋغا بەردى. ساۋ ساۋ قىلىچنى چاپىنىنىڭ ئىچىگە يوشۇردى، مەرىكە - سورۇن تۈگىگەندىن كېيىن، بەگ - سىپاھلار بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى، قالغان بەگ - سىپاھلار يەنە بىردەم ئولتۇرۇشۇپ، ئاندىن تارقىلىشتى.
ئەتىسى ساۋ ساۋ قىلىچنى ئېسىپ باش ۋەزىرنىڭ سارىيىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭ قەيەردىلىكىنى سورىدى. مۇلازىملار: «ھۇجرىدا» دەپ جاۋاب بەردى. ساۋ ساۋ ئۇدۇللاپ ھۇجرىغا كىردى، قارىسا، دۇڭ جو كارىۋاتتا ئولتۇرۇپتۇ، ئۇنىڭ يېنىدا لۈ بۇ ئۆرە تۇرۇپتۇ.
− كەچتە كېلىپ قاپسىزغۇ؟ − دېدى دۇڭ جو.
− ئېتىم ئورۇق، تېز يۈرەلمەيدۇ، شۇڭا كەچ قالدىم، − دېدى ساۋ ساۋ.
− شىلياڭدىن ياخشى ئاتلار كەلدى، − دېدى دۇڭ جو لۈ بۇغا قاراپ، − سىز چىقىپ ئاتتىن بىرنى تاللاپ ساۋ ساۋغا ھەدىيە قىلىڭ.
لۈ بۇ بۇيرۇق بىلەن چىقىپ كەتتى. ساۋ ساۋ كۆڭلىدە: «بۇ ئوغرىنىڭ ئۆلىدىغان ۋاقتى كەپتۇ !» دەپ ئويلاپ، قىلىچىنى سۇغۇرۇپ ئۇنىڭغا تىقىشنى ئويلىدى - يۇ، لېكىن دۇڭ جونىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن قورقۇپ ئۇنداق قىلىشقا پېتىنالمىدى. دۇڭ جو سېمىز، بەستلىك ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇزاق ئولتۇرالمايتتى. ئۇ كاىۋاتقا يانپاشلىدى - دە، تەتۈر قاراپ يېتىۋالدى. ساۋ ساۋ يەنە ئىچىدە: «بۇ ئوغرىنىڭ زادى كۈنى تۈگىگەنىكەن !» دەپ، دەرھال قىلىچنى ئېلىپ سالماقچى بولغانىدى، كىم بىلسۇن، دۇڭ جو ئۇدۇلدىكى چوڭ ئەينەكتىن ساۋ ساۋنىڭ قىلىچنى سۇغۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى، ئۇ ئۆرۈلۈپ:
− ساۋ ساۋ، نېمە قىلىۋاتىسەن؟ − دېدى.
دەل بۇ پەيتتە لۈ بۇ ئاتنى ئۆينىڭ ئالدىغا يېتىلەپ كەلدى. ساۋ ساۋ تەمتىرەپ قېلىپ، قىلىچنى تۇتقان ھالدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ:
− كەمىنىلىرىدە گۆھەر كۆز قۇيۇلغان بىر قىلىچ بار ئىدى، ئىلتىپاتلىق ۋەزىر جانابلىرىغا تەقدىم قىلماقچىدىم، − دېدى.
دۇڭ جو قىلىچنى ئېلىپ قارىۋىدى، ئۇزۇنلۇقى بىر چى كېلىدىغان، يەتتە گۆھەر كۆز قۇيۇلغان ئىنتايىن ئىتتىك قىلىچ ئىكەن. ئۇنى ئېلىپ قوي، دەپ لۈ بۇغا بەردى. ساۋ ساۋ غىلاپنىمۇ يېشىپ لۈ بۇغا تاپشۇردى. دۇڭ جو ساۋ ساۋنى ئات كۆرۈش ئۈچۈن تالاغا ئاچىقتى، ساۋ ساۋ ئاتنى كۆرۈپ رەھمەت ئوقۇدى ۋە:
− مىنىپ باقاي، − دېدى.
دۇڭ جو ئېگەر - جابدۇقلىرى بىلەن بېرىشكە بۇيرۇدى.
ساۋ ساۋ ۋەزىرنىڭ سارىيىدىن ئاتنى ئاچىقىپ مىندى - دە، كۈنچىقىش تۆۋەن تەرەپكە قاراپ كېتىپ قالدى. لۈ بۇ دۇڭ جوغا قاراپ:
− بايا ساۋ ساۋنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشىدا بىر يامان نىيەت باردەك كۆرۈندى. ئاشكارا بولۇپ قالغاندىن كېيىن قىلىچنى تەقدىم قىلغان بولسا كېرەك، − دېدى.
− مەنمۇ شۇنداق گۇمانلاندىم، − دېدى دۇڭ جو.
پاراڭنىڭ ئۈستىگە لى رۇ كىرىپ قالدى، دۇڭ جو ۋەقەنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەردى.
− ساۋ ساۋنىڭ پايتەختتە بالىچاقىلىرى يوق، تەنھا تۇرىدۇ. ھازىر چاقىرىپ كېلىشكە كىشى ئەۋەتەيلى، ئەگەر تەشۋىشلەنمەي كەلسە، قىلىچ تەقدىم قىلغىنى راست، باھانە كۆرسىتىپ كەلمىسە، سۇيىقەست قىلغىلى كەلگەنلىكى مەلۇم بولىدۇ، ئۇ چاغدا ئۇنى تۇتۇپ سوراق - سوئال قىلماق كېرەك، − دېدى لى رۇ.
دۇڭ جو بۇ سۆزنى ماقۇل كۆردى، ساۋ ساۋنى چاقىرىپ كېلىشكە تۆت گۇندىپاي ئەۋەتتى. ئۇلار خېلى ئۇزاقتىن كېيىن قايتىپ كېلىپ:
«ساۋ ساۋ ئۆيگە قايتماپتۇ، ئات چاپتۇرۇپ كۈنچىقىش قوۋۇقتىن چىقىپ كېتىپتۇ. قوۋۇقباقارلار <نەگە بارىسىز؟> دەپ سورىسا، <ۋەزىر جانابلىرى مېنى بىر جىددىي ئىشقا بۇيرۇدى> دەپ ئېتىنى يۈگۈرتكەن پېتى كېتىپ قاپتۇ» دەپ مەلۇم قىلدى.
− ئوغرى ساۋ ساۋنىڭ يۈرىكى پوك - پوك بولغاچقا قاچقان، ئۇنىڭ قاتىللىق قىلماقچى بولغانلىقىدا شەك - شۈبھە يوق، − دېدى لى رۇ.
− مەن ئۇنى شۇنچىلىك ئەتىۋارلاپ مۇھىم مەنسەپكە قويسام، ئۇنىڭ مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغىنىنى كۆرمەمسىلەر ! − دېدى دۇڭ جو غەزەپلىنىپ.
− بۇ مۇناپىقنىڭ جەزمەن شېرىكلىرى بار، ساۋ ساۋ قولغا چۈشكەندە مەلۇم بولىدۇ، − دېدى لى رۇ.
شۇنىڭ بىلەن، دۇڭ جو ساۋ ساۋنى تۇتۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ رەسىمى سىزىلغان ئېلاننى ئەلنىڭ ھەممە يېرىگە تارقاتتى. ساۋ ساۋنى تۇتۇپ بەرگەنلەرگە مىڭ سەر ئالتۇن ۋە ئون بىر تۈمەن تۈتۈننى باشقۇرىدىغان بەگلىك مەنسىپى بېرىشنى، يوشۇرغۇچىلارنى ساۋ ساۋغا ئوخشاش جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئەمدى ساۋ ساۋغا كەلسەك، ئۇ شەھەر تېشىغا چىقىپ ناھايىتى تېز مېڭىپ چياۋجۈنگە قاراپ قاچتى. يولدا جۇڭمۇ ناھىيەسىدىن ئۆتكەندە، ئۆتكەلنى ساقلىغۇچى لەشكەرلەر ئۇنى تۇتۇپ ئامبالنىڭ ھۇزۇرىغا تاپشۇردى. ساۋ ساۋ:
− مەن سودىگەر، خۇاڭ فۇ ئۇرۇقىدىن بولىمەن، − دېدى.
ئامبال ساۋ ساۋغا تىكىلىپ قارىدى ۋە بىرھازاغىچە ئويلاپ، كېيىن:
− مەن لوياڭدا مەنسەپ كۈتۈپ يۈرگەن ۋاقتىمدا سېنىڭ ساۋ ساۋ ئىكەنلىكىڭنى بىلگەنىدىم. نېمە ئۈچۈن ئىسمىڭنى يوشۇرىسەن؟ ھازىر سېنى سولاپ قويىمەن، ئەتە پايتەختكە ئەۋەتىپ بېرىپ ئىنئام ئالىمەن، − دېدى.
ئۆتكەلنى ساقلىغۇچىلار مەي ئىچىپ تائامنى يەپ بولغاندىن كېيىن قايتىپ كەتتى. كېچىسى ئامبال ئۆزىنىڭ يېقىن خادىملىرىغا مەخپىي يوسۇندا ساۋ ساۋنى ئارقا قورۇغا ئاچىقتۇرۇپ سوراق قىلدى:
− ئاڭلىشىمچە باش ۋەزىر ياخشى ئىلتىپاتتا بولغانىكەن، نېمە ئۈچۈن ئۆزۈڭنى بالاغا تىقىسەن؟
− «قۇشقاچ تۇرنىنىڭ كۆڭلىدىكىنى نەدىن بىلسۇن؟» سىز مېنى تۇتۇۋالدىڭىز، ئاپىرىپ بېرىپ ئىنئامىڭىزنى ئېلىڭ، ئارتۇق گەپنىڭ ھاجىتى يوق ! − دېدى ساۋ ساۋ.
ئامبال خادىملىرىنى كەتكۈزۈۋېتىپ، ساۋ ساۋغا:
− سىز مېنى تەھقىرلىمەڭ ! مەن ئادەتتىكى ئەمەلدارلاردىن ئەمەسمەن. ياخشى بىر باشلىققا ئىگە بولالمىغىنىم ئۈچۈن چارىسىزلىقتىن يۈرۈپتىمەن، − دېدى.
− مېنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىم خەن خانىدانلىقىنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشكەن، ئەگەر مەن ئەلگە ئەجىر كۆرسىتىشنى ئويلىمىسام، ھايۋاندىن نېمە پەرقىم بولىدۇ؟ مېنىڭ دۇڭ جوغا قارىتا ۋىجدانىمغا قارشى ئىش كۆرۈشتىن مەقسىتىم پۇرسىتى كەلگەندە ئۇنى يوقىتىپ، ئەلنى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىدى. بۈگۈن ئىشىم ئەمەلگە ئاشمىدى، تەقدىر - قىسمەت شۇنداق ئىكەن ! − دېدى ساۋ ساۋ.
− بۇ سەپىرىڭىزدە قەيەرگە بارماقچىسىز؟ − دەپ سورىدى ئامبال.
− يۇرتۇمغا قايتىپ، خان نامىدىن ساختا پەرمان چىقىرىش، ئۇنىڭدا ئەلدىكى بەگلەرنى لەشكەر تارتىپ كېلىپ بىرلىكتە دۇڭ جونى يوقىتىشقا چاقىرىش، مانا بۇ مېنىڭ ئارزۇيۇم ئىدى، − دېدى ساۋ ساۋ.
بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان ئامبال ئۆز قولى بىلەن ساۋ ساۋنى باغلاقتىن بوشاتتى ۋە تۆرگە تەكلىپ قىلدى ھەمدە تەزىم بەجا كەلتۈرۈپ:
− جانابىڭىز ئېلىمىزنىڭ سادىق مەردلىرىدىن ئىكەنسىز ! − دېدى.
ساۋ ساۋمۇ تەزىم قىلىپ، ئامبالنىڭ ئىسمىزاتىنى سورىدى.
− مېنىڭ ئىسمىزاتىم چېن گۇڭ، يەنە بىر ئىسمىم گۇاڭتەي، ئانام، بالىچاقىلىرىمنىڭ ھەممىسى دۇڭجۈندە. بۈگۈن جانابىڭىزنىڭ بىلدۈرگەن ساداقەت - مەردلىكىڭىز ماڭا تەسىر قىلدى. مەن ئەمىلىمدىن ۋاز كېچىپ جانابىڭىز بىلەن بىللە قېچىشنى خالايمەن، − دېدى ئامبال.
ساۋ ساۋ ناھايىتى خۇشال بولدى. شۇ كېچىسىلا چېن گۇڭ يول راسخوتى ھازىرلىدى، ساۋ ساۋنىڭ كىيىملىرىنى يۆتكىتىپ، ئىككىسى بىردىن ئىككى قىلىچنى دۈمبىسىگە قىستۇرغان پېتى ئاتقا مىنىپ ساۋ ساۋنىڭ يۇرتىغا قاراپ راۋان بولدى.
ئۈچ كۈن يول يۈرۈپ چېڭگاۋ دېگەن يەرگە كەلگەندە كەچ كىرىپ قالدى. ساۋ ساۋ قامچىسى بىلەن چېن گۇڭغا قويۇق بىر ئورمانزارلىقنى كۆرسىتىپ:
− بۇ يەردە لۈ بوشې دېگەن بىر كىشى بار، ئۇ ئادەم ئاكام بىلەن قول بېرىشكەن ئاكا - ئۇكا بولىدۇ، شۇ كىشىنىڭكىدە بىر كېچە قونۇپ، ئۆيۋاقامنىڭ ئەھۋالىدىن بىر خەۋەر ئېلىۋالسام، قانداق دەيسىزكىن؟ − دېدى.
− ناھايىتى ياخشى، − دېدى چېن گۇڭ.
ئىككىيلەن قورۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئاتتىن چۈشتى، كىرىپ لۈ بوشې بىلەن كۆرۈشتى.
− ئاڭلىشىمچە، خانىدانلىق سىزنى تۇتۇش ئۈچۈن ھەممە يەرگە جىددىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ، ئاتىڭىز ئۆزىنى پاناھلاش ئۈچۈن چېنليۇغا كېتىپ قاپتۇ. سىز قانداق قىلىپ بۇ يەرگە كېلىپ قالدىڭىز؟ − دېدى لۈ بوشې.
ساۋ ساۋ سەرگۈزەشتلىرىنى بايان قىلىپ كېلىپ:
− ئەگەر چېن گۇڭدىن باشقا ئامبال بولىدىغان بولسا ئۇستىخىنىم تالقان، گۆشۈم پارە - پارە بولغان بولاتتى، − دېدى.
لۈ بوشې چېن گۇڭغا تەزىم قىلىپ:
− جىيەنىم جانابلىرىغا ئۇچراپ قالمىغان بولسا ساۋ جەمەتىنىڭ ئۇرۇقى تۈگىگەن بولاتتى. جانابلىرى غېرىب خانامدا ئارامخۇدا بىر كېچە قونۇپ بەرسىلە، − دېدى ۋە ئورنىدىن تۇردى - دە، ئىچكىرىگە كىرىپ كېتىپ خېلى ئۇزاقتىن كېيىن چىقىپ، چېن گۇڭغا قاراپ، − كەمىنىلىرىنىڭكىدە ياخشىراق شاراب يوق، كۈنپېتىش تەرەپكە بېرىپ شاراب ئەكېلىپ كۈتۈۋالاي، − دەپ قويۇپ ئالدىراپ ئېشىكىگە مىنىپ كېتىپ قالدى.
ساۋ ساۋ بىلەن چېن گۇڭ خېلى ئۇزاققىچە ئولتۇرۇشتى. تۇيۇقسىز، ئۆينىڭ ئارقىسىدىن پىچاق بىلىگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپ قالدى.
− لۈ بوشې مېنىڭ يېقىن تۇغقىنىم ئەمەس، ئۇنىڭ كېتىشى شۈبھىلىك، تىڭتىڭلاپ باقايلى، − دېدى ساۋ ساۋ.
ئىككىيلەن ئاستا چىقىپ ئۆينىڭ ئارقىسىغا ئۆتكەندە، بىرىنىڭ: «باغلاپ ئۆلتۈرسەك قانداق؟» دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدى.
− ئەنە دېمىدىممۇ؟ ھازىر بىز ئالدىن قول سالمىساق چوقۇم بۇلار بىزنى تۇتۇۋالىدۇ، − دېدى ساۋ ساۋ ۋە چېن گۇڭ بىلەن بىللە قىلىچىنى يالىڭاچلاپ ئۆينىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ ئەر - ئايال دېمەستىن بىراقلا سەككىز كىشىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئاختۇرۇپ ئاشخانىغا كىرىپ قارىسا، ئۆلتۈرۈشكە باغلاپ قويغان بىر چوشقا تۇرۇپتۇ.
− سىز بەك گۇمانخور ئىكەنسىز، ياخشى ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈپ خاتا قىلدۇق ! − دېدى چېن گۇڭ.
بۇلار ئالدىراشلىق بىلەن ئاتلىنىپ يولغا راۋان بولدى. ئىككى يول ماڭا - ماڭمايلا ئېگەرنىڭ قېشىغا ئىككى كومزەك مەي ئاسقان، قولىغا مېۋە، كۆكتات سالغان سېۋەت كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان لۈ بوشېغا ئۇچراپ قالدى.
− ئەزىز جىيەنىم ۋە جانابىي مېھمان، نېمە ئۈچۈن ئاتلىنىپ قېلىشتىلا؟ − دېدى لۈ بوشې.
− بىز گۇناھكارلارمىز، ئۇزاق تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمىدۇق، − دېدى ساۋ ساۋ.
− سىلەرنى مېھمان قىلىش ئۈچۈن ئۆيدىكىلەرگە چوشقا سويۇشنى بۇيرۇغانىدىم. ئەزىز جىيەنىم ۋە مېھمان ئۇنداق قىلماي بىر كېچە مېھمان بولۇپ بەرسەڭلار نېچۈك؟ قېنى، تېزرەك ئۆيگە قايتايلى، − دەپ تۇرۇۋالدى لۇي بوشې.
ساۋ ساۋ ئۇنىماي ئېتىنى قامچىلاپ كېتىپ قالدى. بىرقانچە قەدەم ماڭا - ماڭمايلا، ساۋ ساۋ قىلىچىنى سۇغۇرۇۋېلىپ دەررۇ ئارقىغا ياندى ۋە لۈ بوشېنى چاقىرىۋېلىپ:
− ئاۋۇ كېلىۋاتقان كىم؟ − دەپ سورىدى.
لۈ بوشې ئارقىغا بۇرىلىپ قارىۋىدى، ساۋ ساۋ قىلىچ بىلەن بىرنى چېپىپ ئۇنى ئېشەكتىن موللاق ئاتقۇزدى. چېن گۇڭ چۆچۈپ كېتىپ:
− باياتىنغۇ خاتا قىلدۇق، ئەمدى يەنە نېمە قىلغىنىڭىز؟ − دېدى.
− ئەگەر لۈ بوشې ئۆيگە قايتىپ شۇنچىۋالا ئادەمنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرسە، ئەلۋەتتە قاراپ تۇرمايدۇ، ئادەم باشلاپ ئارقىمىزدىن قوغلاپ كەلسە چوقۇم تۇتۇلىمىز، − دېدى ساۋ ساۋ.
− خاتا بولغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆلتۈرۈش ئىنتايىن نامەردلىك بولىدۇ، − دېدى چېن گۇڭ.
− مەن باشقىلارغا ۋاپاسىزلىق قىلسام قىلاي، ئەمما باشقىلار ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلمىسۇن، − دېدى ساۋ ساۋ.
چېن گۇڭ بۇ سۆزنى ئاڭلاپ سۈكۈت قىلدى.
بۇ كېچىسى ئۇلار بىرقانچە چاقىرىم يول يۈرگەندىن كېيىن، ئايدىڭدا بىر مەنزىلگە كېلىپ بىر ساراينىڭ ئىشىكىنى ئاچۇرۇپ شۇ يەردە قوندى. ئاتنى تويدۇرغاندىن كېيىن ساۋ ساۋ بالدۇر يېتىپ قالدى. چېن گۇڭ خىيالغا چۆكۈپ: «مەن ساۋ ساۋنى ياخشى ئادەم، دەپ مەنسىپىمدىن كېچىپ ئەگىشىپ كەلسەم، بۇ ئىچى زەھەر ئادەم ئىكەن ! بۈگۈن بۇنى تىرىك قالدۇرسام كەلگۈسىدە چوقۇم بالا تېرىيدۇ !» دەپ ئويلاپ، قىلىچىنى سۇغۇرۇۋېلىپ ساۋ ساۋنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. دەرھەقىقەت:
ساقلىسا كىمكى يامانلىق دىلىدا ئۇ مەرد ئەمەس،
ئەسلىدە ساۋ ساۋ ئىدى دۇڭ جوغا دىلداش ھەمنەپەس.
ساۋ ساۋنىڭ ھاياتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كېيىنكى بابتىن ئاڭلىغايسىز.
داۋامى: ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە 1 - ئۇيغۇر كىتاب تور بېكىتى