ئېرقىي يوقىتىشنىڭ قېلىپى

ئورنى Wikipedia

بىرىين تەنىخىل (Brynn Tannehill)

تەييارلىغۇچى: ئەكرەم ئىلىك

بىرىين تەنىخىل (Brynn Tannehill) ئامېرىكىلىق پىشقەدەم دۆلەت مۇداپىئە ئانالىزچىسى. ئۇنىڭ تىۋىتتېردىكى (https://twitter.com/brynntannehill) بۇ يازمىسى ئىككى كۇن ئىچىدە 22 مىڭ قېتىم ھەمبەھىرلەنگەن. بۇ يازمىدا گەرچە ئۇيغۇرلار تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئامىللار ۋە نۇقتىلار بىزگە پۇتۇنلەي دىگۈدەك چۇشىدۇ. بۇ يازمىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ زۇلۇم قانداقتۇر بىرەر-ئىككى ھۇجۇم ياكى نامايىش ۋە ياكى نەچچە تال كىتاب سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەن ۋاقىتلىق ئاشقۇن سىياسەت بولماستىن، بەلكى خىتايلار ئېرقىي يوقىتىش قانۇنىيىتىگە ماس كەلگەن رەۋىشتە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تۈزۈپ چىقىپ ئىجرا قىلىۋاتقان قەدەم باسقۇچلۇق قىرغىن پىلانىدۇر.

بىرىين تەنىخىل خانىم تىۋىتتېردا مۇنۇلارنى بايان قىلىدۇ:

مەن ئېرقى يوقىتىشنى تەتقىق قىلىمەن. بۇ مېنىڭ ئاكادېمىك تەتقىق يۆنۈلۈشۈم بولۇۋاتقىنىغا 30 يىل بولۇپ قالدى. تېخىمۇ ئېنىقراق دىگەندە، ئېرقىي يوقىتىشقا يىتەكلەيدىغان شەرت-شارائىتلارنى، يەنى مەدىنىيەت، ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي … قاتارلىق شەرت-شارائىتلارنى تەتقىق قىلىمەن.

ئېرقىي يوقىتىشلارنىڭ ئورتاق تېمىسى ۋە قېلىپى بولىدۇ. ئادەتتە ئۇ ئىقتىسادى قىيىنلاشقان، كۆپىنچە پۇقرالىرىنىڭ ئۆلچەملىك تۇرمۇش سەۋىيىسى چۆككەن دۆلەتلەردە يۈز بىرىدۇ. بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئېشىشى بۇنى ئۆلچەشنىڭ ياخشى بىر ئىندىكاتورىدۇر.

ئېرقىي يوقىتىشنى يۈرگۈزىدىغان سىياسئونلار پوپۇلىستلاردۇر. ئۇلار ئادەملەرنى “بىز” ۋە “ئۇلار” دەپ ئايرىپ، بىر-بىرىگە دۈشمەن قىلىدىغان قاراشتىن نەپ كۆرىدىغانلار بولۇپ، شۇ دۆلەتتىكى پىشكەللىكلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى مەلۇم سەۋەبلەر تۇپەيلىدىن شۇ جەمىيەتتە قەدر-قىممىتى نىسبىي تۆۋەنرەك بولغان باشقا بىر توپلۇم / قەۋمگە ئارتىدۇ. ئۇلار تارىختىكى مۇشۇ توپلۇم / قەۋم مەۋجۇت بولمىغان غايىۋى گۈزەل ئۆتمۈشنى سېغىنىپ نالە قىلىدۇ. بۇ قوللاشقا ئېرىشىشنىڭ ئىنتايىن ئۇنۇملۇك بىر تاكتىكىسىدۇر. “باشقىلار” بولسا جىنايەتچىلەر، تەبىئىتى بۇرمىلانغانلار، ئاياللار ۋە بالىلارغا تەھدىت بولغۇچىلار، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئاينىتىدىغانلار، يىغىپ كەلگەندە ھىسداشلىق قىلىشقا ئەرزىمەيدىغانلار دەپ سۈپەتلىنىدۇ. بۇ بىچارە ئاز سانلىقلارنى قوللىغان ھەر قانداق بىرى “سەن مۇشۇ پەسكەشلەر قىلغان قورقۇنچلۇق ئىشلارنى قوللىماقچىمۇ؟” دىگەن ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ. بۇ تاكتىكا باشقىلارنىڭ ئاۋاز چىقىرىشىنى ئۈنۈملۈك ھالدا توسىيالايدۇ، چۈنكى ھەر قانداق ئادەم قورقۇنچلۇق ئىش قىلىدىغان توپلۇمنىڭ ھىسداشچىسى دىگەن نامغا قېلىشنى خالىمايدۇ.

ھۆكۈمەتمۇ سوتلارنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ھەركىتىگە توسقۇنلۇق قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.20 – ۋە 21-ئەسرلەردە، ئېرقىي يوقىتىشنىڭ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئارىلىقتا نۆلدىن بىراقلا قىرىش دەرىجىسگە يەتكەن مىساللىرى بەكلا ئاز ئۇچرايدۇ. ھەتتا رۇۋاندادىمۇ تۇتسى مىللىتىگە قارشى رەسمى تەشۋىقات 1990-يىلى باشلانغان. قىرغىنچىلىق پىلانى 1992-يىلى شەكىللىنىشكە باشلىغان، قىرغىنچىلىق تەييارلىقى بولسا بىر يىل بۇرۇن، يەنى 1993-يىلى باشلانغان. بەزى رەسمىيەت يۈزىسىدىن بولسىمۇ سايلام ئارقىلىق شەكىللەنگەن، مەلۇم فۇنكسىيىلەرگە ئىگە ھۆكۈمىتى بولغان دۆلەتلەردە بۇ باسقۇچلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى سەل ئاستىراق بولىدۇ. ئەڭ ئاۋال، تەشۋىقات مەسىلىسى بار. بۇ تەشۋىقاتنى ھوكۇمەت ئۆزلىرى نىشان قىلغان ئادەملەرنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى خەۋەر قىلىش ئارقىلىق قۇۋۋەتلەندۇرىدۇ. ئاندىن، جامائەت بىخەتەرلىكى تەدبىرلىرى مەسىلىسى بار. نىشان قىلىنغان ئادەملەر ئارمىيىدىن ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن ئايرىۋېتىلىدۇ، ئۇلارغا پاكلىق ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىلمەيدۇ. ئۇلارغا قارىتىلغان تەھدىت ۋە زوراۋانلىق ھەركەتلىرى رىغبەتلەندۈرىلىدۇ ۋە بۇ ئىشلارنى قىلغۇچىلار جازالانمايدۇ. سوتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ھامانلا، ئۇلارنىڭ ئەقەللىي پۇقرالىق ھەقلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. نىشان قىلىنغان گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ شۇ جەمىئىيەتتىكى باشقىلارغا نىسبەتەن ئاز پۇقرالىق ھەقلىرىگە ئىگە بولۇشى مۇقىملىشىدۇ، ھەتتا بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ كەينىدىن ئۇلىشىپ يۈز بىرىدىغان ئىشلار قانۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

ئۇلار ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇخراغا ئايلانغاندىن كېيىن، سەن ئۇلارنى مائارىپ سېستىمىسىنىڭ سىرتىدا قالدۇرالايسەن، ئۇلارنىڭ سەھىيە مۇلازىمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى رەت قىلالايسەن. ئۇلارغا بېرىلىدىغان خىزمەت پۇرسىتى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ. بۇ ئاز سانلىقلارنى ئاممىۋى ھاياتتىن زور دەرىجىدە چەكلىيەلەيسەن. ئۇلارنى “بىز” دىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى ئۆز كىملىكىنى بىلدۇرىدىغان بەلگىلەرنى مەجبۇرىي ئىلىپ يۈرىدىغان قىلالايسەن (بۇ ئاڭىماققا تونۇشتەك تۇيۇلدىمۇ؟ گېرمانلار 1930-يىللىرى ئىلگىرى ئامىرىكىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا قارا تەنلىكلەرگە ئايرىمىچىلىق يۈرگۈزۈشتە قوللانغان قانۇنىنى ئۈلگە قىلىپ قانۇن چىقارغان). ساقچىلار بۇ ئاز سانلىقلارنى نىشانلاپ پاراكەندىچىلىك يۈرگۈزىدۇ، ئۇلارنى دائىم ئۇششاق ئىشلار ئۈچۈن قولغا ئالىدۇ، بوزەك قىلىدۇ. ئادەملەر سېستىمىنىڭ ئىچىدە غايىپ بولۇپ كېتىدۇ. بۇنىڭدا ئىككى مەقسەت نىشان قىلىنغان: بىرى، ئادەملەرنى بۇ خىل ھاقارەت ۋە بوزەك قىلىشقا كۆندۈرۈش، يەنى، “ئادەملەر دائىم يوقاپ تۇرىدىغۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟” دەيدىغان ھالەتكە ئەكىلىش. يەنە بىرى، يەنى ئېرقىي يوقىتىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، ئادەملەرنى ئۆزلىكىدىن يۈك-تاقلىرىنى تېڭىپ بۇ دۆلەتنى تاشلاپ كېتىشكە قىستاش ياكى ئاكتىپلىق بىلەن ئۆز كىملىكىنى يوشۇرىدىغان قىلىش. مەدىنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ باشلىنىشى مۇنداق بولىدۇ: ئاز سانلىقلار مەدىنىيەت جەھەتتىن يوقىلىدۇ، چۇنكى ئۇلار يا دۆلىتىنى تاشلاپ قاچىدۇ، ياكى يەر ئاستى يوشۇرۇن ھالەتكە ئۆتىدۇ.

بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھۆكۈمەت خەلقارا جەمىيەتنىڭ بۇ زۇلۇملارغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشىنى كۈزىتىدۇ ۋە سىنايدۇ. مەيلى ئۇ ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىك بولسۇن، ياكى ئۇرۇشخۇمار رەھبەرنىڭ قىلمىشلىرى بولسۇن، ياكى مۇخبىرلارنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش بولسۇن ۋە ياكى چەتئەل پۇقرالىرىنى قارا ئۆڭكۈر كەبى قىستاڭ ۋە مەينەت لاگىرلارغا قاماپ قويۇش بولسۇن، ئېرقىي يوقىتىش گىرداۋىغا كېلىپ قالغان دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنىڭ بىرەر ئىنكاس قوزغايدىغان ياكى قوزغىمايدىغىنىنى كۈزىتىدۇ. لېكىن بۇ خىل ئىنكاسنى ھىچقاچان يۈز بەرمەيدۇ دىيىشكە بولىدۇ، چۈنكى نىشان قىلىنغان بۇ ئادەملەرگە باشقا دۆلەتلەر ئەزەلدىن كۆڭۈل بۆلۈپ باققان ئەمەس. مەيلى يەھۇدىيلار، تۇتسىلار، ھەمجىنسلىقلار، سىگانلار، جەنۇبىي سۇدانلىقلار بولسۇن، ياكى مەجرۇھلار، روھىي كېسەللەر، نامراتلىققا قالغان كۆچمەنلەر بولسۇن، ئۇلار تارىختىن بېرى بىرەرسىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىغا ئەرزىپ باققان ئەمەس.

مەلۇم بىر نۇقتىغا كەلگەندە، بۇ ھۆكۈمەتلەر ھىچبىراۋنىڭ بۇنىڭغا ئارىلاشمايدىغىنىنى، كېيىنكى قەدەمنى ئالسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ھىچبىر ئاقىۋەتكە دۇچار بولمايدىغىنىنى ھۆكۈم ياكى ھىس قىلغاندا، نىشان قىلىنغان بۇ نوپۇسلاردىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلۇشنىڭ پىلانىنى تۈزۈشكە باشلايدۇ. كەڭ كۆلەمدىكى قىرغىنچىلىقنى قايسى ئۇسۇلدا ئىجرا قىلىشى مۇھىم ئەمەس، چۈنكى بۇ باسقۇچقا كەلگەندە بولغۇلۇق بولۇپ بولدى، شۇنداقلا بۇنى ئىجرا قىلىشنىڭمۇ بىرەر قېلىپى يوق. لاگىرلارغا سولاپ، كارى يوق تاشلاپ قويۇشى مۈمكىن، مىلتىق بىلەن ئېتىشى، قىلىچ بىلەن چانىشى مۇمكىن. قوغلاپ، ئوۋلاپ ئۆلتۈرۈشى مۈمكىن، ئۇزۇن ۋە جاپالىق سەپەر مارشىغا سېلىپ چارچىتىپ ئۆلتۈرۈشى مۇمكىن ۋە ياكى يۇقىرىدا دىيىلگەن ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە يۇغۇرۇپ ئىجرا قىلىشىمۇ مۈمكىن.

مېنىڭ قىزىقىدىغىنىم ئاگاھلاندۇرۇش بىشارەتلىرىنى كۈزىتىشتۇر:

* بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئېشىشى

* ھۆكۈمەتنىڭ ئالۋاستىلاشتۇرۇش تەشۋىقاتى

* “بىز” ۋە “ئۇلار” زىددىيەت قارىشى

* تارىختىكى مۇشۇ ئاز سانلىقلار مەۋجۇت بولمىغان غايىۋى گۈزەل دەۋرلەر

* پوپۇلىست ھۆكۈمەت

* دېموكراتىك قائىدىلەرنىڭ بۇزۇلۇشى

* پارتىيىگە بېقىنىدىغان سىياسىي تۈس ئالغان سوت

* ئاز سانلىقلارنى ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇش

* ئاز سانلىقلارنىڭ باشقىلار بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە بولماسلىقىنى قانۇنلاشتۇرۇش

* خالىغانچە ئېلىپ بېرىلىدىغان زوراۋانلىقلارنى رىغبەتلەندۇرۇش

* سەھىيە ۋە ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىگە ئېرىشىشىگە توسقۇلۇق قىلىش

* مائارىپ پۇرسىتىگە ئېرىشىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش

* قانۇنىي جازا ئارقىلىق ئاز سانلىقلارنى ئومۇمى نوپۇستىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىش

* ئاز سانلىقلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى ئىپادىلەيدىغان مەلۇم بەلگىلەرنى مەجبۇرى ئېلىپ يۈرۈشى

* خالىغانچە قولغا ئېلىش

* “قاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە كىرگەن كەبى” چېكى يوق تۇتۇپ تۇرۇش

* چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇ زۇلۇملارغا ئارىلىشىش رايى بار-يوقلۇقىنى سىناش

* ئاز سانلىقلارنىڭ ئۆز دۆلىتىنى تاشلاپ قېچىشى

ھالبۇكى، ئەگەر سەن ئەڭ ئاخىرقى ئىككى بىشارەتنى كۆرگىنىڭدە، ئاللىقاچان بەك كېچىككەن بولۇشى مۇمكىن. مەن دۇنيادا بۇ باسقۇچقا كەلگەن بىرەر ئېرقىي يوقىتىشنىڭ توختىتىلغىنىنى ئېسىمگە ئالالمايمەن. مۇساپىرلارغا بولغان دۇنياۋى خاراكتىرلىق ھىسداشلىق ئەمىلىيەتتە ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئادەمنىڭ قېچىپ قۇتۇلغىنىنى ئىسپاتلايدۇ، خالاس.

بۇلارنى ئاڭلاپمۇ يەنە تىخى ئەنسىرىمىدىڭمۇ؟ مىنىڭچە ئەندىشە قىلىشىڭ كېرەك. چۇنكى مەن ئىنتايىن بەك ئەنسىرەۋاتىمەن. بۇ دىگىنىم قىرغىنچىلىق مۇتلەق يۇز بېرىدۇ دىگەنلىك ئەمەس، ئەمما ئىھتىياجلىق بولغان شەرت-شارائىتلار تەييار تۇرۇپتۇ، ئىلگىرى يۇز بەرگەن ئۈلگىلەرمۇ ناھايىتى ئېنىق تۇرۇپتۇ. قالغىنىنى ئۆزەڭ ئويلاپ باق.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى