Jump to content

ئېسىنى يوقاتقان ئۇيغۇرلۇق ۋە ئويغىنىش تەقەززالىرى

ئورنى Wikipedia

ئېسىنى يوقاتقان ئۇيغۇرلۇق ۋە ئويغىنىش تەقەززالىرى

(1)

«ئۇنتۇلغان قىرغىنچىلىق جەزمەن تەكرارلىنىدۇ»، دەيدۇ زامانىمىز سىياسىيونى ۋە مۇتەپەككۇرلىرىدىن ئەلى ئىززەت بىگوۋىچ. كوممۇنىزمنىڭ دەھشەتلىك باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى، ئىدىيەۋى ئاغمىچىلىقلىرى بىلەن ئەمەلىي كۈرەش قىلغان، شۇنداقلا سۇنماس جاسارەت ۋە ھەقىقەتپەرۋەر ئىلىم - مەرىپەت ئاساسىدا تىكلىگەن غايىنىڭ چوقۇم نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى يەر يۈزىدىكى بارچە ھۆرلۈك ئاشىنالىرىغا تونۇتقان بۇ زاتنىڭ يۇقىرىقى سۆزىنى بەلكىم بۇ سۆزنىڭ ھەقىقىتىنى قېتىملاپ باشتىن كەچۈرگەن شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن شەرھلەش كەتمەيدىغان، ئاكسىئوماغا ئايلىنىپ كەتسە بولىدىغان ھەقىقەتچىل سۆزلەردىن دەپ قاراش مۇمكىن. ھەتتا بۇ سۆز بىز ئۈچۈن ھەر كۈن ئوقۇيدىغان «ۋىردە (كۈندىلىك ۋەزىپە)»گە ئايلاندۇرۇۋېلىشقا، ياكى بولمىسا ناماز ئارقىسىدىن ئوقۇلىدىغان 33 لۈك «زىكىر» مىسالى تەكرارلىۋېتىشكە ئەرزىيدىغان، پەقەت بولمىغاندا ھەر سەھەر ئورنىدىن تۇرغاندا بىر قېتىم تەكرارلىۋېتىپ كۈنىنى باشلاشنى ئادەت قىلىۋالسىمۇ ئارتۇقچە بولمىغۇدەك دەرىجىدە قىممەتكە ئىگە، دېسەك مۇبالىغە بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى، ئىنسان تۈرىنىڭ يارىتىلىش قىسسەسىدىكى «ئۇنتۇش» داستانىدىن مەلۇم بولغاندەك، ئۇ ھەر ئان ئىچكى ياكى تاشقى بىر ئەسلەتكۈلەرنىڭ نۇرىدا ئەقىل كۆزىنى يورۇتىدۇ ۋە بۇ سايىدە ئۆزى باسقان خاتا قەدەملەرنىڭ بەدىلىنى تۆلەشتىن ئامان قالىدۇ. مانا شۇ ئەقىل كۆزى بىلەن ئىنسان ئۆزىنى تاپالايدۇ ۋە ھاياتنىڭ ئەگرى - توقايلىقلىرىدا يولىدىن ئاداشمايدۇ. ماددىي كۆزنىڭ خىزمىتى بىيولوگىيەلىك تۈزۈلمىسى ۋە كۆرۈش ئىقتىدارى نۇقتىسىدىن ھايۋان بىلەن ئادەم كۆزى ئوتتۇرىسىدا پەرق يوقلىقىنى دىققەتكە ئالساق، شۈبھىسىزكى ئىنساندا ئەقىل - ئىدراك ئالاھىدىلىكى بارلىقىغا، ھەمدە ھايۋاننىڭ كۆزىگە نىسبەتەن ئۆتكۈرلۈكتە تەڭداشسىز بولغان ئەقىل - پاراسەت كۆزىنىڭ بارلىقىغا قىل سىغمايدۇ. ماددىي كۆز ئۆز فۇنكسىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن يورۇقلۇققا ئېھتىياج بولغىنىدەك، ئەقىل كۆزىمۇ يورۇقلۇق ئالىدىغان نۇر مەنبەسىگە موھتاج. ئىلاھىي ۋەھيىنىڭ نۇر، دەپ تەرىپلىنىشىمۇ ئۇنىڭ ئىنساننىڭ ئىككى ئالەملىك يولىنى توغرا تەرەپكە يېتەكلەش ئىدراكىنى ئاچىدىغانلىقىدىن، ئەقىل كۆزىگە كېلىدىغان يورۇقلۇق ئۈچۈن ساپ مەنبە بولغانلىقىدىندۇر. ۋەھيىنىڭ مەھسۇلى بولمىش قۇرئاننىڭ ئىسىملىرىدىن بىرىنىڭ «زىكىر (ئەسلەتكۈ)» دەپ ئاتىلىشىمۇ ئۇنىڭ ئۇشبۇ «ئۇنتۇغاق ئىنساننىڭ» فىترىتىنى تاماملىغۇچى خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغانلىقىدا، ئۇنى ئويغاتقۇچى، ھەقىقەت تەرەپكە ئاكتىپلىغۇچى رول ئوينىغانلىقىدا، شۇنداقلا، تەن قىسمىغا مەنسۇپ پانىي كۆزدىن ھالقىغان، ساماۋىلىققا مەنسۇپ ئەقىل كۆزىنى پەردىلىگۈچى غەپلەت ئېلېمېنتلىرىدىن ئېرىغدىغۇچى ھىدايەت بۇلىقى بولغانلىقىدا گەۋدىلەنگەنلىكىدىندۇر. شانلىق تارىخىمىزدا ئۆتكەن مەشھۇر ئەجدادلاردىن «ئەلجەۋھەرىي» تەخەللۇسى بىلەن تونۇلغان بۈيۈك تىلشۇناس ئالىم ئەبۇ نەسىر ئىسمائىل ئەلفارابىي ئۆزىنىڭ «ئەل-سىھاھ» ناملىق قامۇسىدا ئىنسان كەلىمىسىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ۋە كېلىپ چىقىش ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدىكى قاراشلار ئۈستىدە توختىلىدۇ ۋە ئىنسان كەلىمىسىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ھەققىدىكى قاراشلاردىن بىرىدە: «ئىنسان» سۆزى «نىسيان» كەلىمىسىدىن كېلىپ چىققان، دېيىلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. شۇنداقلا ئۇ بۇنداق دېيىلىشىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى «چۈنكى ئىنسان ئەھدىسىنى ئۇنتۇغان»، دېگەن ئىزاھاتى ئارقىلىق ئېنىقلىما بېرىدۇ. بۇ يەردىكى «ئۇنتۇش» ئەلۋەتتە ئادەم ئاتا قىسسەسىدىكى ھەممىگە مەشھۇر «جەننەتتىن چىقىرىلىش» ۋەقەلىكىگە ئىشارەت قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، دەرۋەقە، مەزكۇر ئىشارەت «ئىنسان» ئىسمىنىڭ ماتېرىيالىستىك سەپسەتىلەرنىڭ ئەكسىچە ئادەمزاتنىڭ تۇنجى ئىنسان تۈرى بولغان ئادەمدىن تارالغانلىق تارىخىغا دىققەت تارتماقتا ۋە بۇ ئارقىلىق ئەسلەتكۈچىسىز ۋە باشباشتاقلىققا يۈگۈرۈك ئىنساننىڭ گويا ئادەم ئاتىنىڭ زېھنى بىلەن ئويناپ ئۇنى چالغىتقاندىكى، ئەھدىسىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ ئورنىغا ھەۋەس ۋە خىيالىي ئارزۇنى دەسسەتكەندىكى ئەھۋالىدىن ئىبرەت ئېلىش كېرەكلىكىنى ئەسلەتمەكتە. شۇنداقلا ھۆرمەتلىك يارالغان ئادەمنىڭ ئۆز فىترىتىگە ئۇيغۇن بولغان ھايات پىرىنسىپىنى ھەۋەس - خاھىشلارغا تېگىشىۋەتمەسلىكنى، تۇنجى يەرلەشكەن ئانا ۋەتەننىڭ قولدىن كېتىشىگە سەۋەبكار بولىدىغان ھەر تۈرلۈك غاپىللىققا يول قويماسلىقنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ئىلاھىي ئەھدىسىنى ئۇنتۇلدۇرغاندىكى ھالەتنىڭ قايتىدىن ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭمۇ ساۋاق ئېلىشى كېرەكلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ شۇنداق ئاتالغانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا. ئادەم ئەۋلادىنى قەدەممۇقەدەم تۇزاققا، بەختسىزلىككە، مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە سۆرەيدىغان «ئۇنتۇش»نىڭ خەتىرىگە سەل قارىماسلىق ئۈچۈن ئۇنى ھەر ۋاقىت سىلكىپ تۇرىدىغان «ئىنسان» ئىسمىنىڭ ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇق تۈرىدىكى چاقىرىق ئىسمى بولۇپ قالغانلىقىغا نەزەر ئاغدۇرماقتا.

(2)

ئاسارەتتىن بۇيانقى نەچچە ئەۋلادلىق ئالمىشىشنىڭ بۈگۈنكى پەللىسى كەچمىشتىن بۈگۈنكى رېئاللىققىچە بولغان ئۆزگىرىشلىرىمىزنى قانداقتۇر دەۋرنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ تەبىئىي شەكىللەنگەندەك كۆرسەتسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مۇستەملىكە دەۋرىمىزدىكى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۇلىشىپ داۋاملاشقان «يېڭىۋاشتىن شەكىللەندۈرۈپ چىقىش» ئوپېراتسىيەلىرى بىزنىڭ ئىجتىمائىي ياشام شەكلىمىزنى ئۆزگەرتىشتىن ھالقىپ زېھنىي قۇرۇلمىمىزغا، تەپەككۇر ئۇسۇلىمىز، خۇي - پەيلىمىز، پېئىل – ئەتۋار (خاراكتېر) ىمىز ۋە قىممەت قاراشلىرىمىزغا قەدەر زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇنى ئۆز قاماللىقى ئىچىدە ئەرمەكلەشتۈرۈشكە، ئۇنداق بولمىغاندىمۇ ئۆز تەسىرى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا، ئۆزىنىڭ يۈزلەندۈرۈشىگە ئەگىشىپ بۇرۇلىدىغان، بېكىتىپ بەرگەن ئىشارەت سىزىقلىرىغا قاراپ ماڭىدىغان، تۇرىدىغان قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. ئاسارەتلىك دەۋر بىزنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىيەت قاتلاملىرىمىزنى تەڭپۇڭسىزلاشتۇرغاندىن سىرت روھىيىتىمىزنى تۈرلۈك سۈنئىي خۇرۇچلار بىلەن يۇغۇرۇش ئارقىلىق خالىغان شەكىلگە كىرگۈزسە بولىدىغان «خېمىر»غا ئايلاندۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى ۋە كەلمەكتە. خېمىر تۇرۇچلار ئىچىدە «ئۇنتۇلدۇرۇش» رولىنى ئۆتەيدىغان خۇرۇچلار تۈركۈمى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ خۇرۇچلار خۇددى ئادەم ئاتىنىڭ زېھنىنى ئۆز پىرىنسىپى ۋە غايىسىدىن قۇرۇقداپ ئورنىغا ئۇنىڭ نەپسىنى جەلپ قىلغۇچى، ئورۇنلاشقان تۇنجى ۋەتىنىگە ئىگە چىقالماس ۋەزىيەتكە سوققۇچى خۇرۇچلاردەك، ئاخىرى بېرىپ ۋەتىنىمىزنى ئىلكىمىزدىن ئالغاندىن تاشقىرى، بىزنى بىزدىن ئالدى، بىزگە ئائىت بولغان نەرسىنىڭ ھېچبىرىگە ئىگە چىقالمايلا قالماستىن، ئىگە چىقىشقا ھەر جەھەتتىن ئاجىز ۋە جۈرئەتسىز قالدۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى.

تەڭرى قانۇنىيەتلىرىدىن مەلۇمكى، ئۇنتۇلدۇرۇش خۇرۇچلىرىدىن پاكلىنىپ ئۆزلۈكىگە قايتقان، ئادەم ئاتىنىڭ تەۋبىسى كەبى، ئۆزى ھەققىدە ھېساب كىتاب قىلغان، غەپلەت زەنجىرلىرىنى چېقىپ تاشلاپ ئۆزىنىڭ ئامانەتكە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئالغان، ياشاشنى غايىنىڭ ئۆزى قىلىۋالماستىن، ئەكسىچە غايە ئۈچۈن ياشايدىغان بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى تونۇغان، غەپلەت ۋە چۈشكۈنلۈك تەرەپدارى بولماستىن، ئويغىنىش، ئەسلەش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان ئىنسانلار تەڭرىنىڭ نۇسرەت دەرۋازىسىنى قېقىش سالاھىيىتىنى يارىتالايدۇ. ئۆزىنى تاپمىغان، ئۆزى ھەققىدە ھېساب كىتابى بولمىغان، ئۆتمۈشىدىن ئىبرەت - ساۋاق چىقىرالمىغان، سالاھىيەت يارىتىش دەردىدە بولمىغان ئىنسان ئاسارەت خۇرۇچىدىن ئېرىغدالمىغان، ئىلاھىي نۇسرەتكە ئەرزىمەيدىغان ئىنساندۇر. ئۆز ئەھۋالى خۇسۇسىدا ئۆزگىرىش يارىتالمىغان، ئۇنتۇلدۇرۇش خۇرۇچلىرىدىن ئىخلاسمەن روزىدار مىسالى تاقەت كەلتۈرۈپ ئۆزىنى تاۋلاپ چىقمىغان، ۋاز كېچىشكە تېگىشلىكلەردىن ۋاز كەچكەن ھالدا مۇستەھكەم ئىرادە، چىدامچانلىق ۋە غەيرەت كۆرسىتىش قاتارلىق قەدەملەرنى باسمىغان ئىنساننىڭ ئۆزلۈكىنى قايتۇرۇپ كېلىشىدىن، ئۆز ھەققىگە ئىگە چىقىشىدىن، ماددىي ۋە مەنىۋى ھۆرلۈكىنى قولغا كەلتۈرۈشىدىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى، نۇسرەتكە سازاۋەرلىك سالاھىيەتنى قازىنالىشىدىن قانداقمۇ ئۈمىد كۈتكىلى بولسۇن!؟ كۈندۈزى خۇمارىنى باسالمىغان روزىداردەك بۇرۇقتۇملۇققا چۆككەن، كۆنۈكۈپ كەتكەن ھەۋەس ۋە سەلبىيلىكلىرىگە تەسلىم بولۇپ گويا روزىدارنىڭ سۇھۇردىكى ئەھدىسىنى كۈن پاتماستا ئۇنتۇپ نەپسىگە قۇللۇقىنى داۋام قىلغاندەك چىدامسىزلىق ۋە تەسلىمىيەتچىلىكنى داۋام قىلغۇچىنىڭ «ئۇنتۇغاق»تىن «ئەسلەپ تۇرغۇچى»غا، «غاپىل»دىن «ئويغاق»قا ئايلىنالىشى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟!

ئەگەر بۇ ۋەزىيەتنى شەخستىن ھالقىتىپ جەمئىيەتكە، چەمبەرنى بىرئاز كېڭەيتىپ بىر پۈتۈن مىللەتكە تەتبىقلىساق، شەخس ياكى مىللەت سۈپىتىدە بىزنىڭ ھېلىھەم نۇسرەتكە ئېرىشىش سالاھىيىتىنى ياراتقان ياكى ياراتمىغانلىق مەسىلىسى سوئال ئىشارىتى ھالىتىدە كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ. ئەگەر ئۆزىمىزنى تەلۋىلەرچە ئۇچۇرۇشتىن، شالغۇت زېھنىيەتلەرچە كۆپتۈرۈشتىن، قاشاڭ سىياسەتۋازلارچە سۈنئىي تەسەللىلەر بىلەن بەزلەشتىن توختاپ ئانا يۇرتنىڭ ئەڭ پىنھان تۇپراقلىرىدا جان كۆيەرلىك بىلەن ئەمگەك قىلىۋاتقان ساپ دىللىق مېھنەتكەش دېھقانلىرىمىزنىڭ ئويلىنىش ئۇسۇلى بويىچە «بۆكىمىزنى ئالدىمىزغا قويۇپ» تۇرۇپ ئويلىنىپ كۆرىدىغان بولساق، مەسىلىنىڭ جىددىيىتىدىن توخۇ ئەتلىرىمىز كۆپمەي، ئۇيقۇلىرىمىز تاڭ - ساباھقا قەدەر قاچماي تۇرالمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق بىر جىددىيلىككە كىرەلمىگەن بولساق، (ۋەزىيىتىمىزدىن كىرىشنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىمىز كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ) ئېنىقكى، خۇرۇچلار ھېلىھەم ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىۋاتقان، ئىش -ھەرىكەتلىرىمىزدە سەزدۈرمەستىن بەلگىلىگۈچى ئامىللىق رولىنى ئۆتەۋاتقان بولىدۇ. شۇنداقلا بۇ زېھنىيىتىمىزنىڭ «خېمىر» مىسالى قايسى مۇش كېلىپ يەنچىسە شۇنىڭچە شەكىل ئېلىشنى، قايسى پۇت دەسسىسە، شۇنىڭ تاپىنى ئاستىدا ئېزىلىشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىدىن، ئۇنتۇغان ئەھدىمىزنى قايتا تېپىش تۈگۈل ئاڭسىز رەۋىشتە ئۆزلۈكتىن ياتلىشىپ، ھەتتا يۈز ئۆرۈپ كېتىۋاتقانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ.

(3)

مۇستەملىكىچى تەبىرى مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيىتىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرغىنىدەك، تاجاۋۇزچى ۋە سۆمۈرگۈچىگە قارىتىلغان سىياسىي ئۇقۇم. مەيلى بۇ تاجاۋۇزچىلىق تۇپراق تاجاۋۇزچىلىقى بولسۇن، بايلىق تاجاۋۇزچىلىقى بولسۇن، مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى بولسۇن، بېسىۋېلىنغان زېمىنغا ئائىت ھەر نەرسىگە قىلىنىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىقلارنىڭ ئومۇم ئورتاق نامى. تاجاۋۇزچىلىق ۋە سۈمۈرۈش مۇستەملىكىچىنىڭ خاراكتېرىگە ئۇيغۇن ھالدا ئەمەلىيىتىدە ئىپادىلەپ تۇرىدىغان، ئۇنىڭدىن يۈز بېرىشى ھەر ۋاقىت كۈتۈلىدىغان بىر ۋەزىيەت. ناۋادا تاجاۋۇزچىلىق ۋە سۈمۈرۈشنى مۇستەملىكىچىنىڭ ئىشى دەپ بىلسەك، ئۇنداقتا مۇستەملىكە قىلىنغۇچىنىڭ ئىشى نېمە؟ دېگەن سوئالنى قويۇپ بېقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

دەرۋەقە، ئىنساننىڭ ئىنساننى تۇپراق ئۈستىدىكى مال - ماتا قاتارىدا مۈلۈكلەشتۈرۈشى، دىنى، ئىرقى، مەدەنىيىتى ۋە كۈلتۈرى قاتارلىقلارغا چېقىلىشى، ئۇنى ئۆز تاجاۋۇزچىلىقى ئاستىدا ئېرىتىپ تۈگەشتۈرمەكچى ياكى ئۇنى ئۆزىنىڭ مۇتلەق تەسەررۇپىغا ئالماقچى بولۇشى، مۇنداقچە ئېيتقاندا كىملىك ۋە كىشىلىكىنى قولىدىن تارتىپ ئېلىپ باشقا كىشىلىك ۋە كىملىك تاڭماقچى بولۇشى ياراتقۇچىدىن ئۆزگە ھېچبىر مەۋجۇتلۇقنىڭ ھەددى ۋە ھەققى بولمىغان بىر ھادىسىدۇر. تېڭىش ئۆز نۆۋىتىدە تەڭرىنىڭمۇ ئىنسانغا قارىتا راۋا كۆرمىگەن بىر پىرىنسىپ ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا، مۇستەملىكىچىلىك ئادىمىيلىككە زىت خاراكتېرنى ئالغانلىقى ۋە تەڭرى ھەققىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقى، جۈملىدىن ھېچبىر ھەققى بولمىغان ئىش ئۈستىدە ھەق دەۋا قىلىشتەك يولسىزلىقى ۋە تەڭرى ئورنىغا دەسسەشكە تۇتۇنۇشتەك ئاشقۇنلۇقى نۇقتىسىدىن ئەسلا قوبۇل قىلىنمايدۇ. مۇستەملىكىچى ئۆز كۈچى ۋە غەرەزلىرى ئاساسىدا يۇقىرىقىدەك تاجاۋۇزچىلىققا تۇتۇنغان ئەھۋالدا، ئەلۋەتتە مۇستەملىكىگە ئۇچرىغان ئەل ياكى مەدەنىيەت تەبىئىي ئىنكاس سۈپىتىدە مۇداپىئەگە ئۆتىدۇ، شەخس ۋە جەمئىيەت شەكلىدە، يەككە ۋە كوللېكتىپ ھالەتتە ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىدۇ. ئەگەر بۇ ئەل ياكى مەدەنىيەت سىياسىي مەغلۇپلۇقتىن كېيىنكى قەدەملەردە ئىدىيەۋى ۋە ئەمەلىي مۇداپىئەسىنى تۇرغۇزالمىسا، ھەربىي ھالەت ۋەزىيىتىنى يوقاتسا، دېمەك بۇ مۇستەملىكىچى تەرىپىدىن يولغا قويۇلىدىغان مۇنقەرزلىك ۋە ئاسسىمىلياتسىيە خىرىسلىرى ئالدىدا تەسلىم بولغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، مۇستەملىكىچىنىڭ ئىشى تاجاۋۇز ۋە سۈمۈرۈش بولسا، مۇستەملىكىگە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئىشى كوكۇلىسىنى مۇستەملىكىچىگە تۇتقۇزۇپ قويماسلىق، تۇتۇق بەرگەن ئەھۋالدىمۇ روھىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن سەگەكلىكنى يوقاتماسلىق، مۇستەملىكىچىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە ئوپېراتسىيەلىرىدە ئوۋلىنىپ كېتىشتىن ساقلايدىغان تەدبىرلەرگە ساق تۇرۇپ بىخۇدلۇق قىلماسلىقتۇر. مۇتەپەككۇرلاردىن بىرى ئېيتقان تۆۋەندىكى سۆز بۇ خىل ئويغاقلىقنى كۆرسىتىدىغان يورۇتمىلاردىندۇر: «ئىشغالچىلارغا مەغلۇپ بولغىنىم راس، ئەمما مەن يېڭىلمىدىم. قاچان مەن يېڭىلدىم، دەپ تەن بەرسەم، شۇ چاغدا ئاندىن يېڭىلگەن بولىمەن».

دەرھەقىقەت، غالىبلىق ئەبەدىي بولمىغاندەك، مەغلۇپلۇقمۇ ئەبەدىي بولمايدۇ. تارىخ ھەر مىللەت ۋە قەۋمدە بۇ ئىككى ھالەتنىڭ ئالمىشىپ تۇرىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن. شۇ ئېنىق بولۇشى كېرەككى، غەلىبىنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ ئامىللىرى بولغاندەك، مەغلۇبىيەتنىڭمۇ سەۋەبلىرى بولىدۇ. سەۋەبلەر ئۆز نۆۋىتىدە مۇستەملىكىچىنىڭ قولىدىن يۇلقۇنۇشنى چەكلەپ تۇرىدىغان توسۇقلار بولۇپ، ئەگەر بۇ توسۇقلار پاچاقلانمىغان تەقدىردە ئازادلىقنى قايتۇرۇپ كېلىش يولىغا سېلىنغان تاقاقلارنى بۆسۈپ ئۆتۈش، ۋەتەن - مىللەت مۇستەقىللىقى يولىدا نەتىجىلىك قەدەم ئېلىش مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. سەۋەبلەر ئىچىدە «مۇستەملىكىگە قارىتا قوبۇللىنىش» ئامىلىنى ئەڭ خەتەرلىك دەپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. مەزكۇر ئامىل نەزەرىيە سۈپىتىدە 20 – ئەسىر ئىدىيە ئويغىنىشى ھەرىكەتلىرىنىڭ باشلامچىلىرىدىن ئالجىرىيەلىك مەشھۇر مۇتەپەككۇر، ھەمدە ئاتاقلىق مەدەنىيەتشۇناس پەيلاسوپ مالىك بىن نەبىيگە ئائىت بولۇپ، بۇ نەزەرىيە سېكولار ۋە ماتېرىيالىزم ھاكىملىقىدا شەكىللەنگەن 20 – ئەسىر كولونيالىزم ھەرىكىتىنىڭ مۇستەملىكە يۆنىلىشى ۋە خاراكتېرىنى دىققەتكە ئالغان ھەمدە مۇستەملىكە ئاستىدىكى خەلقلەرنىڭ دۇچ كەلگەن كىرىزىسلىرىغا قارىتا دىياگنوز سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغاندۇر. مالىك بىن نەبىيگە كۆرە «مۇستەملىكىگە قارىتا قوبۇللىنىش» ۋەزىيىتى ئەڭ ئالدى بىلەن روھىي تەسلىمىيەتچىلىكنىڭ نەتىجىسىدۇر. بىزنىڭ ئىپادىلىشىمىز بويىچە ئېيتساق، مەغلۇبىيىتىنىڭ ھامان يۈز بېرىدىغانلىقىنى مەغلۇپ بولۇشتىن بۇرۇن قارارلاشتۇرۇۋېلىش، مەغلۇپ ھالىتىدە بولسا، ئۆزىنىڭ يېڭىلگەنلىكىنى تەن ئېلىشتۇر.

مەزكۇر نەزەرىيەگە كۆرە، «مۇستەملىكىگە قارىتا قوبۇللىنىش» ئامىلىنىڭ ھەم سەۋەب، ھەمدە نەتىجە بولۇشتەك ئىككى خىل تەرىپى بار. مەسىلىنىڭ سەۋەب تەرىپى مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقتە مۇستەملىكە بولۇش پوتېنسىيالىنىڭ بولۇشى، يەنى تاشقى كۈچنىڭ بېسىۋېلىشى ۋە مۇستەملىكە قىلىشىنى مۇمكىن قىلىدىغان روھىي زېمىن دەسلەپ شەكىللەنگەن بولۇشىدۇر. بۇ ئەھۋالدا مۇستەملىكىچى كۈچ تەرىپىدىن بېسىۋېلىش ۋە سۈمۈرۈشكە يوچۇق ھازىرلىنىدۇ-دە، مۇستەملىكىچى ئۆز ئىشىنى ئورۇندايدۇ. يەنى مۇستەملىكىنىڭ ئىشقا ئېشىشى پەقەتلا مۇستەملىكىچىنىڭ ئۆز ئىشىنى ئىجرا قىلىشىلا ئەمەس، بەلكى مۇستەملىكە قىلىنغۇچىنىڭمۇ «مۇستەملىكە بولۇشقا يوچۇق بەرمەسلىك»نى ئىشقا ئاشۇرالماسلىقىدۇر. مەسىلىنىڭ نەتىجە تەرىپى بولسا، مۇستەملىكە قىلىنىش پوتېنسىيالىنى مۇستەملىكە بولماسلىق ۋەزىيىتىگە ئايلاندۇرالمىغان خەلقنىڭ مۇستەملىكىچى تەرىپىدىن ئوۋلىنىشى، ئۇنىڭدىكى مەزكۇر پوتېنسىيال قۇۋۋەتنى غىدىقلاپ ئۆزىگە بېقىندى قىلىۋېلىشىدۇر. بۇنداق بولغاندا مۇستەملىكىچى ئىشغالى ئاستىدىكى خەلقنى سۈمۈرگۈچى رېجىم سايىسىدە بولماي تۇرۇپ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان، مۇستەملىكىچىدىن ئۈزۈل - كېسىل قۇتۇلۇپ كېتەلمەيدىغانلىقىغا تەن بېرىدىغان، ئاغزاكى تەن ئالمىغان تەقدىردىمۇ، ئومۇمىي ۋەزىيەتتىن بۇنىڭغا روھىي قانائەت كەلتۈرۈپ مۇستەملىكىچىنىڭ رايى بويىچە ياشايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. بۇ ئارقىلىق مۇستەملىكىگە ئۇچرىغان جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدا ئۆزىنى يېڭىلگەن بىلىش، مۇستەملىكىچىگە بىر يەرلىرىدىن تايانماي تۇرالمايدىغان بولۇش، ئۇنىڭغا ئىللىق كۆرۈنۈشنى ئىستەيدىغان، ئۇنىڭغا كەسكىن قارشى يول تۇتۇشتىن قورقىدىغان، ئۆز ئەقلىنىڭ ئۇنىڭ ئەقلىگە تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىغا، ئۆز ئىرادىسىنىڭ ئۇنىڭ ئىرادىسىگە بەس كېلەلمەيدىغانلىقىغا چىن پۈتىدىغان بولۇشتەك يېڭى بىر سۈنئىي روھ ئەلەڭلەشكە باشلايدۇ.

مەزكۇر نەزەرىيەدىكى «سەۋەب ۋە نەتىجە»دىن ئىبارەت مەسىلىنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە نەزەر سالغان ۋاقتىمىزدا، «مۇستەملىكە قىلىنىش» ماھىيەت نۇقتىسىدىن سىياسىي كۈچلەرنىڭ ئوپېراتسىيەلىرىدىنمۇ ئۆتە خەلقنىڭ ئاشۇ سىياسىي كۈچنىڭ مۇستەملىكىسىنى قوبۇل قىلىدىغان ۋەزىيەتنى ئۆز روھىيىتىدىن يۇلۇپ ئاتالمىغانلىقىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن مالىك بىن نەبىي دەيدۇكى: «مەسىلىنىڭ يېشىمى ھەممىدىن ئاۋۋال بىزنى قاماللىقىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ۋە بىلىپ - بىلمەي مۇستەملىكىچىنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىپ قويۇشقا يۈگۈرەيدىغان زېھنىيەتتىن ئۆزىمىزنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشتۇر. كوللېكتىپ كۈچ - قۇدرىتىمىزنى خالىغان يۆنىلىشكە بۇرىيالايدىغان، ئۆزىمىزنىڭ قولى ئارقىلىق بۆلۈپ تاشلاپ ياكى تارمار قىلدۇرۇپ كاردىن چىقىرالايدىغان بۇنداق يوشۇرۇن ھۆكۈمران روھىيىتىمىزدە مەۋجۇتلا بولىدىكەن، مۇستەقىللىقتىن ئۈمىد كۈتۈشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. بۇنداق ھالىتىمىزدە سىياسىي ۋەزىيەت قانداقلا تۈسكە كىرىۋاتقان بولمىسۇن، ئازادلىقتىن نېسىۋە ئالالىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. ئىسلاھاتپەرۋەرلەردىن بىرى ئېيتقاندەك: «مۇستەملىكىچىنى ئاۋۋال روھىيىتىڭدىن قوغلاپ چىقار، شۇندىلا ئۇ زېمىنىڭدىنمۇ چىقىپ كېتىدۇ».

مالىك بىن نەبىيگە كۆرە خەلقتىكى «مۇستەملىكىگە قارىتا قوبۇللىنىش» ۋەزىيىتى مىللىي ۋە مەدەنىي كىرىزىسلار ئىچىدە ئەڭ خەتەرلىكى ۋە ئەجەللىكى. ئەگەر بۇ كىرىزىس مېۋە بەرگىنىدە مۇستەملىكىگە ئۇچرىغان مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىگە بېرىلىدىغان تەبىر ئۆزگەرتىلىدۇ، مىللەتكە ئائىت ئۆرپ - ئادەت، دىن، تىل، تارىخ، مەدەنىيەت قاتارلىقلارنىڭ ئىزاھاتلىرى مۇستەملىكىچىنىڭ رايىغا باقىدىغان شەكىلدە يېڭىۋاشتىن شەرھلەپ چىقىلىدۇ. بۇ ئاساستا مەزكۇر مىللەتتە مۇستەملىكىچى سەت كۆرسەتكەن نەرسە سەت قارىلىدىغان، ئۇنىڭ نەزىرىگە چۈشكەن نەرسە كۈيلىنىدىغان بولىدۇ. دۇنيا قاراشتىن، كىشىلىك مۇئامىلە سەنئىتى ۋە گۈزەللىك قاراشلىرىغىچە ھەممە نەرسىگە بولغان تونۇش مۇستەملىكىچىنىڭ قوبۇللاندۇرغانلىرى ئاساسىدا شەكىللىنىپ ماڭىدۇ. نەتىجىدە بۇ مىللەت ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىچىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان جىمى خاسلىقلىرىدىن ئېرىغدالغان، تۈگەل ئۇنىڭ يولغا قويغان ۋە تەرغىب قىلغانلىرىغا باغلانغان ئاساستا كۈن كەچۈرىدىغان تەقلىدچى خەلققە ئايلىنىپ كېتىدۇ.

(4)

تەقلىد ھەققىدە سۆز ئاچقان ۋاقىتتا، بۈگۈن تەقلىدتىن نېسىۋە ئالمىغان نېمىمىز قالدى؟ دېگەن سوئال بىزدىن جاۋاب كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. ئەلۋەتتە ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈر دىنامىكلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا، خاسلىقىمىزنى بېيىتىش ۋە تەرەققىياتىمىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بىزدە يوق، ئەمما باشقىلاردا بار بولغان بىلىم، تېخنىك ۋە باشقا زۆرۈر قۇرۇلمىلارنى قوبۇل قىلىپ ئېلىپ كىرسەك، بۇ ئارقىلىق ماددىي تەرەققىياتتا كۈچلەنسەك كېرەك يوق. ھەم بۇ خىل شەكىلدە ئىلگىرىلەش تەقلىدچىلىككە ياتمايدۇ. چۈنكى بۇ خىل ئىلگىرىلەش ۋە قوبۇل قىلىشتا نېمىگە ئەگىشىۋاتقانلىقىمىزنى، نېمىنى ئىلغاۋاتقانلىقىمىزنى، نېمىنى ئىمپورت قىلىۋاتقانلىقىمىزنى پەرقلەندۈرۈپ قوبۇل قىلىمىز. ئەمما مەدەنىيەت مەنسۇبىيىتىدىن ياتلىشىش يولىنى تاللىۋالغان، كۈلتۈر ھاۋزىسىدىن ئوچۇملاپ سۇ ئېلىشنى، مەرىپەت بۇلاقلىرىدىن قانداق قىلىپ قېنىپ - قېنىپ ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلمىگەن، ئۇنتۇغان ھالدا خاتا تەلقىنلەر ئاساسىدا ئۆزىنى بىلگەندەك ئويلاپ مەغرۇرلۇق نىقابى بىلەن بىلەرمەن بولۇۋېلىش، ئەڭ مۇھىمى ئەجدادتىن ئەۋلادقا مىراس بولۇپ كېلىۋاتقان نۇر مەنبەسىدىن يورۇقلۇق ئېلىش ئارقىلىق پاراسەت كۆزىنى ئاچماي تۇرۇپ قارا قويۇق ھالدا ئېلىپ كىرىش تەقلىدچىلىكتىن باشقا ئىش ئەمەس. بۇنداق تەقلىدچىلىكلەر ھېچقاچان مىللەتكە ئىلگىرىلەش ۋە چىقىش يولى ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. بۇ يەردىكى تەقلىدچىلىكتىن شۈبھىسىزكى مەزكۇر سۆزنىڭ ئەسلى ئېتىمولوگىيەسىدە ئۇرۇن تۇتقان «قارىغۇلارچە ئەگىشىش»كە ياتىدىغان دورامچى زېھنىيەت، شالغۇتلىشىش ۋە ماڭقۇرتلىشىشقا ئېلىپ بارغۇچى ياكى شۇنىڭ نەتىجىسىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەرگە ئىشارەت بولىدىغان تەسلىمىيەتچىل ئاڭ كۆزدە تۇتۇلغاندۇر. شۇنداقلا مەزكۇر تەقلىدچىلىكتىن سانائەت ۋە ئىلىمدە مايمۇنلىشىش، ئەقىل ۋە زېھنىيەتتە داتلىشىش ۋە دۆتلىشىش، مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈردە ماڭقۇرتلىشىش ۋەزىيەتلىرى كۆزدە تۇتۇلماقتا.

مەشھۇر گېرمان پەيلاسوپى ھەمدە گىگانت شائىر گىيۇتىنىڭ «بىر كۈلتۈرنى چۈشىنىپ ئۇنىڭ ھەققىدە ئەستايىدىل توختىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئۆتمۈشىدىن بۈگۈنىگە تۇتاشتۇرغان بارلىق جۇغلانمىلىرىغا تەلتۈكۈس قاراش كېرەك»لىكى ھەققىدىكى نۇقتىئىنەزەرىنى دىققەتكە ئالىدىغان بولساق، بىزنىڭ ئۆزگىنى تەقلىد قىلىشتىن ئاۋۋال ئۆزىمىزنى چۈشىنىش ۋە ئۆزلۈكىمىزنى قايتا قۇرۇپ چىقىش يولىدا قانچىلىك قەدەم ئالالىغانلىقىمىز، نېمىلەرنى يوقاتقانلىقىمىز ۋە قانداق بولۇپ بۇ ھالغا كېلىپ قالغانلىقىمىز مەسىلىسى بىزنى ئويغا سېلىشى كېرەك. تارىخىمىزنى ئېلىپ ئېيتساق، مىللىي تارىخىمىزنىڭ كىملەرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە يېزىلغانلىقى نەشر قىلىنغان ھەربىر ئەسەرنىڭ كىرىش سۆز ۋە مۇقاۋا ئۆپچۆرىلىرىگە كۆزگە قادالغۇدەك تەرزدە ئېنىق يېزىلغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ مىللىي زېھىن خاتىرىمىزنى مەزكۇر ياسالما تارىخلار بىلەن پىرىسلاپ، ئەخلەت نەزەرىيەلەر بىلەن تولدۇرۇپ چىقتۇق. مىللىي خاتىرىمىز سۈنئىيلەشكەنچە ئۆزىمىزنى باشقىلارنىڭ كۆزىدىن تونۇشقا ھەۋەسلىنىدىغان بىچارە پىسخىك يېتىلىپ باردى. بۇ ئىستەكلىرىمىزنىمۇ بىزنىڭ نە مەدەنىيەت مەنسۇبىيىتىمىز يېقىن كەلمەيدىغان، نە بىزنى ئۆزىمىزدەك چۈشىنىشتىن مەھرۇم ئورىيانتالىستلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە مەدەنىيەت نۇقتىئىنەزەرى ئاساسىدا يېزىپ قالدۇرغان تەسىراتلىرىدىن قاندۇرۇشقا چۈشتۇق. بەلكى ئۇلارنىڭ سۈمۈرگۈچىلەرنىڭ زور دەرىجىدە مەبلەغ سېلىشى ئاساسىدا پۈتۈپ چىققان ئەسەرلىرى بىز ئۈچۈن تەنقىدىي تارازىسىز ئۇدۇل قوبۇل قىلىنىدىغان، ئاتالمىش «ئۇلار ئەمەلىيەتتە بىزنى بىزدىنمۇ بەك بىلىدۇ» دەيدىغان شالغۇت مەنتىقە بويىچە تۇتىيا بىلىدىغان مۇراجىئەتگاھىمىز، ئۆزىمىزنى تونۇشتىكى، تارىخىمىزنى بىلىشتىكى ئانا مەنبەيىمىز قىلىۋالدۇق.

تىلىمىزنى ئېلىپ ئېيتساق، مىللەتلىشىش تارىخىدا بىزدىن نەچچە ئەسىر كېيىن بارلىققا كەلگەن خەلقلەر يۈز يىللاپ، بەزىلىرى ھەتتا مىڭ يىللاپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن يېزىقىغا ئەسكى، كونا دېگەن ئىسىمنى بېرىشنىمۇ ئويلاشماستىن ئەڭ تەرەققىي قىلغان دەۋردىمۇ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان، قەدىم ئاتالغۇ ۋە ئۇقۇملارنى بىمالال ئېلىپ يېڭى - يېڭى ئىجادىيەتلەرگە تۇتۇنغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرساقمۇ، بىزدە بۇنى ئاڭقىرىدىغان ئاقىللار بارماقتا سانىغۇدەك نىسبەتتىن ئېشىپ كەتمىدى. شۇنداقلا مەزكۇر ئاقىللىرىمىزنىڭ ئىدىيەۋى ئالاھىدىلىك ۋە كەمچىلىكلىرى ئىلمىي تارازىدا تاسقالمىدى ھەمدە ئىلغار قاراشلىرى خەلق ئىچىدە كەڭ تونۇشتۇرۇلمىدى. ئاسارەت دەۋرىدە قىرقىپ، ياساپ تۈزگەن يېزىق تىلنىلا رەسمىي تىل دەپ قوبۇل قىلىدىغان، تېخى ئىستېمالدىن مەجبۇرى قالدۇرۇلغىنىغا 50 ~ 60 يىل بولمىغان مەدەنىيەت تىلىمىزنى، ئەدەبىيات تىلىمىزنى «كىلاسسىك (كونا)» قالپىقى بىلەن چۆرۈپ تاشلاپ گويا ئاسارئەتىقىلەرنىڭ شىفىرىنى يېشىدىغان قامۇسلار قاتارىدا مۇئامىلە قىلىشتىن ھالقىپ كېتەلمەس بولدۇق. ئەسىرلەر بويى شانۇشەۋكەتكە سازاۋەر بولۇپ كەلگەن ئەدەبىياتىمىزنى تۈركىستان ئەدەبىياتى بولۇشتىن چىقىرىپ تاشلاپ سوتسىيالىزم ئەدەبىياتىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشتىن ئايانمىدۇق. ئەدەبىيات نەزەرىيەلىرىمىز سوتسىيالىزملىق ئەدەبىيات لاگېرلىرىدا خېمىغا ياندۇرۇلۇپ، قايتا پىششىقلىنىپ ئىشلىنىش ئارقىلىق ئۇنىڭدا ئەكس ئېتىدىغان مىللىي روھ يىلتىزلىرىغا پالتا ئۇرۇلدى، مەدەنىيەت خەزىنىلىرى پۈچەكلەشتۈرۈلدى. ئۇنىڭدىكى تارتىشما ئوبيېكتىلارمۇ ئاساسەن ۋەزىن-قاپىيە، تەركىب قۇرۇلما، زىر - زەۋەر قاتارلىق شەكلىي تەتقىقاتلارغا مەركەزلىشىپ قالدى. ئاتالمىش «ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» نامى بېرىلگەن، ئەمەلىيەتتە سېكولارلىق ھۆكۈم سۈرگەن تاشقى دۇنيانىڭ جەۋھەرلىرىدىن كۆپرەك ئەخلەتلىرىنى تۈركۈملەپ ئىمپورت قىلىش دولقۇنى قوزغىلىشىغا ئەگىشىپ مىللىي ئەدەبىياتىمىز سوتسىيالىزم ئەدەبىياتى بىلەن مودېرنىزم ئەدەبىياتى ئوتتۇرىسىدا كىم ئارتۇق قىلىنىپ سېتىلىدىغان ماتارغا ئوخشاپ قېلىشتىن قاچالمىدى.

بۇنىڭدىنمۇ پاجىئەلىك بولغان ھەمدە ھازىرغا قەدەر مۇستەملىكىچىلەرنىڭ «ئۇنتۇلدۇرۇش خۇرۇچلىرى»نىڭ تەسىرىدە ئۇخلاپ چۈشىمىزگىمۇ كىرمەس بولۇپ كەتكەن، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، مىللىي خاتىرىمىزدىن سۈپۈرۈپ تاشلانغان مەسىلىلەردىن بىرى شۇكى، تۈركىستاننىڭ ئىلىم ۋە مەدەنىيەت بۆشۈكى بولغان كاشغەر ۋە ئەتراپىدا پارلىغان ئىلمىي ۋە مەدەنىي مىراسلىرىمىزنىڭ نوقۇل تۈرك -ئۇيغۇر تىللىق ئەدەبىيات ياكى يازما ئەسەرلەر بىلەن چەكلەپ قويۇلۇشى ۋە بۇنى «مىللىي ئەدەبىيات» قىلىپ تۇتقۇزۇلۇشى بىزنى جان يېرىمىزدىن ئۇرىدىغان ۋە بىزگە يەم قىلىپ يۇتقۇزۇلغان خاتا تەلقىنلەر جۈملىسىدىندۇر. ھالبۇكى، تۈركىستانىمىزنىڭ ئىلىم - مەدەنىيەت مىراسلىرى نوقۇل تۈركىي يېزىقلاردىكى ئىلمىي مىراسلار بىلەن چەكلىنىپ قالغان ئەمەس. مەلۇم بولغىنىدەك، ئىسلام مەدەنىيىتىدەك جاھانشۇمۇل بىر مەدەنىيەتنىڭ ئەزالىرىدىن ۋە ھەتتا ئۇنى گۈللەندۈرگۈچى، بېيىتقۇچىلار سېپىدىن ئورۇن ئالغان ئەللامىلىرىمىز، مۇتەپەككۇرلىرىمىز، پەيلاسوپ ۋە مۇجتەھىدلىرىمىز ئۆز ئىجادىيەت ۋە ئەسەرلىرىنى تۈركىي تىل ئاساسىدىلا ئىجادىيەت قىلىپ كەلمىگەن، بەلكى، پارس تىلدىمۇ ھەمدە شۇ دەۋر ئىلىم - پەن تىلى بولغان ئەرەب تىلىدىمۇ ئىجاد قىلغان. مىللىي كىملىكىمىزنىڭ قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ماڭغان. شۇنداقلا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تارىخ يارىتىپ كەلگەن بىر جۇغراپىيەدە جۇش ئۇرغان مىللىي مائارىپىمىزنىڭ يۈكسەك باسقۇچ - قەدەملىرى، يۇقىرى سەۋىيەلىك دەرسلىكلىرى قاتارىدا ئەرەبچە، پارسچە ئەسەرلەر سالماق ئورۇن تۇتقان. يەنە كېلىپ بۇ تۈردىكى ئەسەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تۈركىستانلىق ئالىملارنىڭ، تۈركىستان ۋە ماۋەرائۇننەھر ھاۋزىسىدا تارىخ ياراتقان خانىدانلىق ۋە سۇلالىلەرگە تەۋە جۇغراپىيەلەرنىڭ يېتىشتۈرگەن ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرى بولغانىدى. شۇنداقكەن، بۇ ھەقتە ئۆز ئۆزىمىزدىن: ئاسارەت دەۋرىدىن بىرى بۇ تۈردىكى ئەسەرلەرگە قانچىلىك ئىگە چىقالىدۇق، تىلى ئەرەبچە ياكى پارسچە بولۇشىغا قارىماي بىزنىڭ مىللىي كىملىكىمىز، مىللىي ئەنئەنە، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىمىزنى تاكامۇللاشتۇرۇشتا، دۇنيا قاراش، ئەخلاق - مىزان، ئىجتىمائىي ھەمدە مەدەنىيەت قاتلاملىرىمىزنى بېىيتىپ كېلىشىدە قانداق رول ئوينىغانلىقىنى ئويلىنىپ كۆرگەن، ئۆز ساھەسى بويىچە تەتقىق قىلىش يولىدا مەدەنىيەت يىلتىزىمىزغا چوڭقۇرلاشنىڭ تۈگۈنلىرىدىن ھېسابلىنىدىغان كىلاسسىك ئەرەب ۋە پارس تىللىق ئەسەرلەرگە ئىگە چىقىشقا قانچىلىك يەڭ تۈرەلىدۇق، ھەمدە مىللىي روھىمىزنى قايتۇرۇپ كېلىش يولىدا كەڭ كۆلەملىك ئىزدىنىشكە بەل باغلاش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىي خىزمەتلىرى بىلەن ئورۇندىيالىغان زىيالىي - ئۆلىما قانچىلىك؟ دېگەن سوئالنى قويماي تۇرالمايمىز.

شۇنى قەيت قىلىش ھاجەتكى، كاشغەرنى مەركەز قىلغان تۈركىستان ھاۋزىسىدا، ئۇنىڭ تىلى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ ئىجادىي مەھسۇللىرى بولمىش تۈركىي ئەسەرلەر بىز ئۈچۈن قانداق مەدەنىي مىراس ھېسابلانسا، ئۇشبۇ مەدەنىيەت ھاۋزىسىنىڭ يېتىشتۈرگەن ئالىم - ئەللامىلىرىنىڭ، شائىر - شۇئەرالىرىنىڭ، فازىل - ئارىفلىرىنىڭ، ھەكىم - دانالىرىنىڭ قەلىمىدە پۈتۈلگەن، ئۇلارنىڭ مەپكۇرىلىرىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن ئەرەبچە ۋە پارسچە ئەسەرلەرمۇ بىزنىڭ ئېلىشىمىز ھەقلىق بولغان مىراسلاردۇر. تۈركىي ئەسەرلەردىكى مەنە ۋە دۇنيا قاراشلار، ئەخلاق - مىزان ۋە تەلىم - تەربىيە ئۈگۈتلىرى، تىل ۋە مەنە بايلىقلىرى بىز ئۈچۈن قانچىلىك قىممەتلىك مىراس بولغان بولسا، تۈركىستان ئىلمىي مىراسلىرىغا تەۋە بولغان ئەرەبچە ۋە پارسچە ئەسەرلەرمۇ ئوخشاشلا بىزنىڭ مىراسىمىزدۇر. خۇددى ياۋروپا ئويغىنىش دەۋرىدىكى بىر گېرمان پەيلاسوپىنىڭ يازغان ئىنگلىزچە ئەسىرى دۇنيا ئىلىم مىراسىنىڭ بىر قىسمى بولۇش بىلەن بىرگە، گېرمانلارنىڭ مىللىي مەپكۇرىلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەسەر بولۇشتىن چىقىپ كەتمىگەن بولسا، تۈركىستاننىڭ مەرىپەت خەزىنىسىدىكى ھەرقانداق تىللىق ئىلمىي مىراسلارمۇ ئىنسانىيەت ئىلىم مىراسىنىڭ بىر قىسمى بولۇش بىلەن بىرگە، ئوخشاشلا بىزنىڭ مىللىي مىراسىمىز، قەدەرىيەتلىرىمىزدۇر. مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگاننىڭ «تارىخى رەشىدى»سى بۈگۈنكى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقى ئۈچۈنلا بىزگە ئائىت ئىلمىي مىراس بولۇپ قالغىنى يوق. ئۇ پارسچە يېزىلغان ھالىتى بىلەنمۇ خۇددى ئەرەبچە يېزىلغان «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»كە ئوخشاشلا بىزنىڭ ئەجدادىمىزنىڭ ئىلمىي مىراسىدۇر. ئۇنىڭدىكى مەپكۇرە، دۇنيا قاراش، پىكىر - ئىدىيەمۇ ئۇشبۇ ئەجدادقا ئائىت بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزنىڭ مىراسلىرىمىزدىندۇر. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش تۈركىستانىمىزنىڭ مەدەنىيەت ھاۋزىسىدا مىللىي كىملىكىمىز ۋە دۇنيا قاراشلىرىمىزغا تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن، بۇ جۇغراپىيەدە مەيدانغا كەلگەن ئۆز دەۋرىنىڭ مەدەنىيەت تىلى، سۆھبەت تىلى، ئىلىم - پەن تىلى ۋە تەپەككۇر تىلىدا يېزىلغان ھەر ساھەدىكى ئەسەرلىرى، جۈملىدىن تۈركىستان پەيلاسوپلىرىنىڭ، تۈركىستان سىياسىيونلىرىنىڭ، تۈركىستان فەقىھلىرىنىڭ، تۈركىستان مۇھەددىسلىرىنىڭ، تۈركىستان مۇپەسسىرلىرىنىڭ، تۈركىستان قارى - قۇررالىرىنىڭ، تۈركىستان مۇتەسەۋۋۇپلىرىنىڭ ۋە تۈركىستان تەبىبلىرىنىڭ ئەسەرلىرىمۇ بىزنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتىمىز بولۇشى كېرەك بولغان مىراسلىرىمىزدىندۇر. ۋەتەن ئىچىدە ئىمكان بولمىغانلىق سەپسەتىسىگە ماقۇل بولساقمۇ، چەتئەللەرگە يۈزلەپ، مىڭلاپ چىققان ئىستۇدېنت، تالىپ، تەتقىقاتچى، بىلىم ئاشۇرغۇچى ۋەھاكازالىرىمىزدا بۇ ھەقتە جەدىدچىلىككە قول ئۇرغانلىقلىرىنى كۆرەلمىدۇق. ئەكسىچە بۇ تۈر خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىش پىچىمىنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكىدىن پەرقلەنمىگەن ھالدا زىيالىيغا تەقسىم بولۇنغىنى زىيالىينىڭ ئىشىغا، موللىغا تەقسىم بولانغىنى موللىنىڭ ئىشىغا ئايلانغان بويىچە داۋاملاشتى. كۆنۈكتۈرۈلگەن سۈنئىي تەقسىماتلارنى بۇزۇپ تاشلاپ يېڭىچە بىر يولغا چىغىر ئېچىش ئۇرۇنۇشلىرى كۆزگە چېلىقىپ كەتمىدى.

ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ئېيتالايمىزكى، ئاسارەت خۇرۇچلىرى تەسىرىدە، ئىچكى ماسلىشىش ۋە تاشقى ئىستراتېگىيەنىڭ «ئۇنتۇلدۇرۇش» پىروجىلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە تىلدا، دىلدا، دىندا، مەدەنىيەتتە بىردەكلىك ۋەزىيىتىمىز بەربات بولدى. موللا - زىيالىي ئوبرازىنىڭ شەكىللەندۈرۈلۈشىدىن باشلانغان بۇ تۈر تىراگېدىيەلەرنىڭ زەنجىرسىمان تەرەققىياتى مىللىي كىرىزىسىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئەڭ چىگىكلىك ھالىتىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە روھىي زېمىن ھازىرلىدى. ئەجەبا بۈگۈنكى ياشاۋاتقان پاجىئەلىرىمىز «ئۇنتۇلدۇرۇش خۇرۇچلىرى»نىڭ زەنجىرسىمان تەسىرلىرىدىن قۇتۇلالمىغانلىقىمىزنىڭ، روھىي تەسلىمچىلىك ۋە زېھنىي تەقلىدچىلىك ھاڭلىرىغا نەقەدەر چوڭقۇر پېتىپ كەتكەنلىكىمىزنىڭ تىراگېدىيەلىك خۇلاسىلىرى بولماي نېمە؟ بۇ دەرىجىدە ئۇنتۇش، ھەتتا ئۇنتۇغاننىمۇ ئۇنتۇشقا قاراپ مېڭىۋاتقان ھالىتىمىز مەشھۇر تارىخشۇناس ۋە مەدەنىيەت پەيلاسوپى ئارنولد تويىنبى ئېيتقان: «مەدەنىيەتلەر قىرىلىپ مۇنقەرز بولمايدۇ، ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرۈپ (يىمىرىپ) يوق بولىدۇ»، دېگەن يەكۈنىنىڭ رېئال كۆرۈنۈشلىرى بولماي نېمە؟!

(5)

يۇقىرىدا مەسىلىمىزنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە بىۋاسىتە چېتىلىدىغان ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي كىرىزىسلىرىمىزغا، تاشقى كۈچنىڭ سۈمۈرۈشى ۋە ئاسسىمىلياتسىيەگە يوچۇق ئاچىدىغان مەنىۋى كىرىزىسلىرىمىز ھەمدە ئۇنىڭ پىسخىكىمىزغا، زېھنىيىتىمىزگە، ئىش - پائالىيەتلىرىمىزگە كۆرسەتكەن تەسىرلىرىگە كۆز تاشلىغان بولدۇق. شۇنداقلا بۇ خىل ئىچكى ۋە تاشقى ماسلىشىشتىن نەتىجىلەنگەن بارلىق پاجىئەلەرنىڭ مەنىۋىيىتىمىزدە يىلتىز تارتقان «روھىي قوبۇللىنىش» ۋەزىيىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان رېئال پاجىئەلىرىمىزگە مۇئەييەن ئۆرنەكلەر ئاساسىدا كۆز يۈگۈرتۈپ چىققان بولدۇق. دەرۋەقە، بىز تارىخشۇناسلارنىڭ، مەدەنىيەتشۇناسلارنىڭ نەزەرىيەۋى مۇئەييەنلەشتۈرمىلىرى ئارقىلىق ۋەزىيىتىمىزگە دىياگنوز قويغان، «ئۈزۈڭنى ئۆزگەرت، تارىخىڭ ئۆزگەرسۇن!» نۇقتىئىنەزەرىگە كۆرە ھال - ۋەزىيىتىمىزنىڭ ئىسلاھاتقا، يېڭىلىنىشقا موھتاج ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولساق، دېمەك بۇ بىزنىڭ «ئۇنتۇلدۇرۇش» خۇرۇچلىرىنىڭ تەسىرىدىن تەلتۆكۈس قۇتۇلۇشنىڭ چارىسىنى قىلىشىمىزنىڭ ئەقلىي ۋە رېئال تەقەززالاردىن بولۇۋاتقانلىقىنىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىشىمىز نە پەقەت ئەقلىي ۋە رېئال تەقەززالا ئەمەس، بەلكى يەنە قۇرئانىي تەقەززادۇر. چۈنكى قۇرئان بىزگە ئىنساننىڭ تەڭرىدىن ئۆزگە ھېچبىر مەۋجۇتلۇققا قۇللۇق قىلىنمايدىغانلىقىنى، ھەتتا بۇ قۇللۇقنىڭ ئىنساننىڭ ئۆز ئىستەك-خاھىشلىرى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنى ھامان نىجاتلىقتىن مەھرۇم قويىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىرگە يەنە بۇخىل روھىي ئاسارەتكە پاتقۇچىنىڭ قۇللۇق كۆرسىتىۋاتقان ئوبيېكتىدىن باشقىسىنىڭ ھەق سۆزى قۇلىقىغا كىرمەيدىغان، قەلبى تۇيمايدىغان، ئەقلى ئۇ ھەقتە ئويلىنىشقا قېيىق ھالغا كېلىپ قالىدىغانلىقىنىمۇ ناھايىتى روشەن خەۋەر بېرىدۇ (سۈرە فۇرقان، 42~43 - ئايەتلەر؛ سۈرە جاسىيە، 23 – ئايەت). قۇرئان كەرىمدە بىر مىللەتنىڭ ھال ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئۆزىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ نەتىجىسىگە باغلىغانلىقى مەلۇم (سۈرە رەئد، 11 – ئايەت). ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ئىپادىسى قۇرئانىي ئىستىلاھ بويىچە (التغير النفسي)، يەنى «روھىي ئۆزگىرىش» يادرو قىلىنغان بولۇپ، قۇرئان مەيلى كىشىلىك ياكى ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش بولسۇن ئىنساننىڭ ئىرادە تاللىشى ۋە ئەقىل - ئىدراكى رول ئوينايدىغان ئىشلاردا، مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى مەزكۇر قانۇنىيەتكە باغلايدۇ. روھىي ئۆزگىرىشتىن ئىبارەت يادرولۇق ئۆزگىرىش پەقەتلا ياخشى ھالەتتىن يامانغا، يامان ھالەتتىن ياخشى ھالەتكە ئۆزگىرىشتە، يەنى ئىجابىي يەكى سەلبىي بۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسىدە مەركەز بولۇپلا قالماستىن يەنە بۇ ھەق بىلەن باتىل كۆرۈشىدىكى غەلىبە ۋە مەغلۇبىيەت قانۇنىيەتلىرىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. مەسىلەن تارىختىكى مەشھۇر ئوھۇد غازىتىدا مۇسۇلمانلارنىڭ جەڭدىكى مەغلۇبىيىتى ئۇلارنى چۆچۈتكەن. ئۇلار نۇسرەتنىڭ ئۆزلىرىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكى ھەققىدە ئالدىنئالا خۇش خەۋەر ئالغان بولۇشىغا قارىماي ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەت تەرەپدارلىرى تۇرۇقلۇق مەغلۇپ بولغانلىقى ئۈستىدە ئويغا چۆمگەن. ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ نۇسرىتى ۋەدە قىلىنغان تۇرۇپمۇ يەنە مەغلۇپ بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى سوراش ئارقىلىق زېھنىدىكى تۈگۈننى يەشمەكچى بولدى. ئۇلار سوئالىغا جاۋاب ئالماقچى بولغىنىدا قۇرئان كەرىمنىڭ جاۋابى تۆۋەندىكىچە بولغانىدى: «(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلاردىن بولدى» (سۈرە ئال ئىمران، 165 – ئايەت).

ئايەتتىكى «ئۆزۈڭلاردىن كەتتى»، دېگەن بۇ يەكۈن دەرۋەقە ئۇھۇدتىكى مەغلۇبىيەتنىڭ تېگىدە ياتقان سەۋەبلەرگە ئىشارەت قىلماقتا. يەنى مەغلۇبىيەتنىڭ شۇ چاغدا يۈز بەرگەن ئەسكىرى تۈزۈمگە ئىتائەتسىزلىك قىلىش، قوماندان (رەسۇلۇللاھ) نىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپ ھالدا ھېچبىر زۆرۈرىيەتسىز ھالەتتە ياۋنىڭ غەنىيمەتلىرىنى ئولجا ئېلىشقا ئالدىراپ بىسوراق تاغدىن چۈشۈش، مۇھىمى ئۇرۇشتىكى ئەڭ ئەجەللىك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇننى ئايرىلماسلىق بۇيرۇقى بولۇشىغا قارىماي ئۇنى دۈشمەنگە تاشلاپ بېرىشتەك خاتالىقلارغا يول قويغانلىقتىن، دۈشمەننىڭ غەلىبىسىگە يوچۇق ئېچىپ بېرىشتىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. شۇنداقلا بۇ يەكۈن ئىلاھىي نۇسرەتنىڭ سەۋەب - نەتىجە ئاساسىدا قولغا كېلىدىغانلىقىنىڭ، ئىچكى جەھەتتە چۈرۈكلۈك كۆرۈلگەندە تاكى بۇ چۈرۈكلۈك تۈزەلگەنگە قەدەر ئىلاھىي نۇسرەتنىڭمۇ ئاسقۇدا بولىدىغانلىقىنىڭ، ئىچتىن تۈزۈلۈش ئەمەلىيلەشكەندىلا ئاندىن غەلىبىنىڭ ھەقىقەت ئەھلى تەرەپتە بولىدىغانلىقىنىڭ دەلىلى ۋە تارىخىي ئۆرنەكلىرىدىندۇر.

ئايەت يەنە، يەر يۈزىدە يولغا قويۇلغان قانۇنىيەتلەرگە رىئايە قىلمايمۇ، نوقۇل ئۆزىنىڭ زۇلۇم تارتقانلىقى ياكى ھەق تەرەپتە بولغانلىقى ئۈچۈنلا نۇسرەت قازىنىدىغانلىق تەمەسىنىڭ غەلىبە تۈگۈل ئەكسىچە مەغلۇبىيەتكە يول ئاچىدىغانلىقىنى، ئاخىرىغا بېرىپ ماددىي ۋە مەنىۋى زىيان تارتىشقا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بېشارەت قىلماقتا. دېمەك، قۇرئاننىڭ «ئۆزگىرىش قانۇنىيىتى» ھەققىدىكى مەيدانىمۇ ئوخشاشلا ئاقىل - دانالارنىڭ تارىخىي تەجرىبىلەردىن ئالغان خۇلاسىلىرى ۋە بۇ ئاساستا ئوتتۇرىغا قويغان پەلسەپەۋى نەزەرىيە ۋە مۇلاھىزىلىرى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە. بۇ بىزگە جىددىي تەرزدە ئۆزىمىزنى سىلكىشىمىز كېرەكلىكىنى، بۈگۈننىڭ پاجىئەلىرىنى نەتىجىلەندۈرگەن «ئۇنتۇلدۇرۇش خۇرۇچلىرى»نىڭ تەسىرىدىن، «مىللىي خاتىرىمىزنى يۇيۇش» ئوپېراتسىيەلىرىدىن مەيدانغا كەلگەن زېھنىي قۇللۇق ئاسارەتلىرىدىن تازىلىنىشىمىزنىڭ زۆرۈر بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. بۇ نۇقتىدا بىز بۈگۈننىڭ پاجىئەلىرىنىڭ ئۇندىن ئىلگىرىكى غەپلەتچە ياشامنىڭ، تەسلىمىيەتچىل روھنىڭ ئاسارىتىدىن مەيدانغا كەلگەن تالايلىغان «كەتكۈزۈپ قويۇشلار»نىڭ ئاقىۋىتى ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىپ يەتمىكىمىز زۆرۈر. بىزگە غەرەزلىك سۈلھى - سالالار، ھەر تۈرلۈك نەيرەڭلەر ئارقىلىق بوي ئەگكۈزۈشكە ئۇرۇنغان مۇستەملىكىچىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى شەپقەتسىزچە، ھېچبىر سۈلھى سالاسىز ھالدا خالىغان خورلۇق ۋە دەپسەندىچىلىكنى قىلالايدىغان جۈرئەتكە كېلىۋاتقاندىكى ئاسمان - زېمىن پەرقلىقلەرمۇ بىزنىڭ دۈشمەن نەزەرىدىكى ئوبرازىمىزنىڭمۇ قەيەردىن قەيەرگە چېكىنگەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىشكە يېتەرلىك. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە قانۇنىيەتلىك دۇنيادا ھەر بىر نەپەسنىمۇ سەگەكلىك بىلەن ئېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدىغان ئارىفلارنىڭ مۇنۇ دۇئاسىنىڭ نەقەدەر مەنىدار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ: «رەببىم، بىزدىن كەتكەنلىكى تۈپەيلى سەندىنمۇ قورقمايدىغان، بىزگىمۇ شەپقەت قىلمايدىغانلارنى ئۈستىمىزگە مۇسەللەت قىلىپ قويمىغىن!».

خاتىمە

ھەر تۈرلۈك يەكۈن خۇلاسىلەر بىزنى ئەقىل ئىشلىتىشكە ئۈندىمەكتە. ئەقلىيىتىمىز بىزنى پاراسەت كۆزىمىزنى ئېچىشقا، تارىخىي تەجرىبىلەرنى قايتىدىن توغرا شەكىلدە ئوقۇپ چىقىشقا، روھىيىتىمىزگە مۇسەللەت بولۇپ كەلگەن ھەر تۈرلۈك شالغۇتلۇقلاردىن تازىلىنىپ قەددىمىزنى رۇسلاشقا چاقىرماقتا. ئۆزلۈكىمىزدىن، قىممەتلىرىمىزدىن كېچىش بەدىلىگە قولغا كېلىدىغان سۈنئىي مىللەتلىشىش چاقىرىقلىرىنى كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلىشقا، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ بىزنى ئۆز قولىمىز ئارقىلىق ئەپسۇنلىغان سېھىرلىرىنى ئىمانىمىز ۋە ھەقىقەتچىل روھىمىز بىلەن پاچاقلاپ تاشلاشقا، روھىيىتىمىزگە چاپلاشتۇرۇپ قويغان شالغۇتلۇق ۋە زېھنىي قۇللۇق ئاسارەتلىرىنى ساغلام مەنبەگە تۇتاشقان ئىلىم - مەرىپەت ۋە ھېكمەت بۇلاقلىرىنىڭ سۈيىدە تازىلاشقا، ئۇنتۇغان ئەھدىمىزنى ئەسلەشكە، مەغلۇبىيەتلىرىمىزنى غەلىبىنىڭ يولىغا ئايلاندۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى بولغان ھەقىقىي ئويغىنىشقا چاقىرماقتا.

شۇنىمۇ ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، ئاسارەتتىن كېيىنكى تالايلىغان بەدەللەرنىڭ، ئۇرۇنۇش ۋە قۇربانلىقلارنىڭ بولۇشىغا قارىماي مىللەت سۈپىتىدە ئېزىشنى داۋام قىلىۋاتقان دۈشمەننىڭ زۇلۇم شەكىللىرى ئۆزگەرسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ قارشى تۇرۇش ئۇسۇللىرىمىز بىر خىل قېلىپ، بىر خىل سىستېمىنى قايتا - قايتىلاپ تەكرارلاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولسا، بۇ بىزنىڭ ھېچقاچان ھەقلىق دەۋايىمىزنىڭ مۇستەھكەملىكىنى پۇختىلىشىمىزدىن بولغان بولمايدۇ. ئەكسىچە بىزنىڭ ھەقلىق دەۋايىمىزنىڭ ھەققانىيلىقىنى نامايان قىلىشتىكى ئۇسۇل - مېتودلىرىمىزنىڭ كونىرىغانلىقىنى، ئۆيدىكى ھېسابنى بازارغا توغرا كەلتۈرۈپ قىلىشنى دىتلايدىغان ئىجادىيەتچىل زېھنىيەت، پاراسەتكە تايانغان دىتنىڭ سۈپەتسىزلىك ۋە چۈرۈكلۈكتە چېكىگە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئاسارەت ئىسكەنجىسىدىن چىقىپ كېتىش يولىنى تاللاش ياكى ئۆزىمىزنىڭ سەنىمىگە دەسسەشنى داۋاملاشتۇرۇپ زىيان تارتىپ ئۆتۈش ئۆزىمىزنىڭ ئىلىكىدە. ياراتقۇچىمىزنىڭ ھەق يولىدىن يۈرۈپ ھۆرلۈك ئەقىدىمىزنى جەۋلان قىلدۇرامدۇق، ياكى ئۇنىڭ «ھەممىسى ئۆزۈڭلاردىن بولدى»، دېگەن سۆزىگە ھەق بولۇپ ياشاشنى داۋاملاشتۇرامدۇق، بۇ يەنىلا ئۆزىمىزگە باغلىق. شۇنىڭدەك، بۈگۈنكى ئەسلەش چاقىرىقلىرىدىن سىلكىنىپ ئىسلاھ بولۇش يولىنى تاللامدۇق، ياكى ئۆزىنى ئىسلاھاتچى چاغلايدىغان بۇزغۇنچىلارنىڭ ئەھۋالىدىن پەرقسىز بولۇشنىمۇ، ئاخىرى كۆرۈنمەس تۇيۇق يولىمىزنى داۋاملاشتۇرامدۇق، ياكى بولمىسا رەببىمىزنىڭمۇ نەزىرىدىن چۈشكەن ۋە تاڭلا مەھشەردە:«سىلەرنىڭ مۇشۇ كۈندىكى مۇلاقاتنى ئۇنتۇغانلىقىڭلارغا ئوخشاش، بىزمۇ بۈگۈن سىلەرنى ئۇنتۇيمىز» (سۈرە جاسىيە، 34 – ئايەت) دېيىلگەنلەرگە ئوخشاپ قېلىشنىڭ قازىنىنى ئاسامدۇق؟! بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاخىرىغا بېرىپ ئۆزىمىزنىڭ ئەقلى، ئىرادىسى ۋە تاللىشىغا باغلىق. «ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز قىلمىدۇقمۇ؟ بىر تىل ۋە ئىككى كالپۇك ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟» (سۈرە بەلەد، 8~10 – ئايەتكىچە).

- بۇرھان مۇھەممەد

مەنبە: ئاپتورنىڭ «ئاسارەت ئەپسانىلىرى بىزگە نېمە دەيدۇ؟» ناملىق كىتابى.


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى