Jump to content

ئېشەكباشلار ۋەتەنساتارلار

ئورنى Wikipedia

ئېشەكباشلار ۋەتەنساتارلار

ئېيتىلىشىچە بۇندىن ئىككى ئەسىر مۇقەددەم ئوسمانىيلار خاقانى سەنئا شەھىرىدە زىيارەتتە بولىدۇ. زىيارەت تۈگەپ شەھەردىن ئايلىنىپ چىقىپ كېتىۋاتقاندا، توساتتىن خانىشنىڭ دىققىتى يول چېتىدىكى بىر ئاق ئېشەككە چۈشۈپ قالىدۇ. خانىش ۋالىي جانابقا ئېشەكنى ئىستانبۇلغا ئېلىپ كەتكۈسى بارلىقىنى، ئىگىسىنى رازى قىلىپ سېتىۋېلىشنى ئېيتىدۇ. ۋالىي جاناب ئېشەكنىڭ ئىگىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن ئېشىكىنى سېتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. لېكىن ئېشەكنىڭ ئىگىسى ساتقىلى ئۇنىمايدۇ. ۋالىي جاناب مال ئىگىسىگە يۇقىرى باھا قويۇپ باقىدۇ، مال ئىگىسى يەنە رەت قىلىدۇ. ۋالىي سېتىۋېلىشتا چىڭ تۇرۇۋالىدۇ. مال ئىگىسى ئاخىرىدا، ئۆزىنىڭ يەنە ئالتە دانە سورتلۇق ئېتى بارلىقىنى، خالىسا شۇ ئاتلارنى سوغا ئورنىدا ئېلىپ كەتسە بولىدىغانلىقىنى، ئەمما ئېشەكنى ئەسلا سېتىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ۋالىي جاناب مال ئىگىسىنىڭ بۇنچە قىلىپ كېتىشىدىن ھەيران بولۇپ ئۇنىڭدىن نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى سورايدۇ. بۇ چاغدا ئېشەكنىڭ ئىگىسى شۇ جاۋابنى بېرىدۇ:

«مۇبادا خانىش ئېشەكنى پايتەختكە ئېلىپ كەتسە، كىشىلەر چوقۇم بۇ ئىشقا قىزىقماي قالمايدۇ. قىزىققان ئىكەن، چوقۇم ئۇلار خانىشتىن ئېشەكنى قەيەردىن ئېلىپ كەلگەنلىكىنى سورىماي قويمايدۇ. ئۇلار ئېشەكنى سەنئادىن ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلگىنىدە، ئۇلار ئارىسىدا: خانىش ئاتايىن سەنئانى ئايلىنىپتۇ-يۇ، ئالغاچ كېلىشكە ئۇ يەرنىڭ ئېشىكىدىن باشقا نەرسىسى چىقماپتۇ، دەيدىغانلار چوقۇم چىقماي قالمايدۇ».

بۇنى ئاڭلىغان ۋالى ئۈن - تىنسىز ھالدا ئارقىسىغا يانىدۇ ۋە خانىشقا بولغان ئەھۋالنى سۆزلەپ بېرىدۇ. خانىش بۇنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كېتىدۇ، ھېلىقى كىشىنىڭ ئىنچىكىلىكىگە ئاپىرىن ئېيتىپ ئۇنى نۇرغۇن مال – دۇنيا بىلەن تارتۇقلايدۇ.

مانا بۇ ئۆز مەملىكىتىنىڭ نامىنىڭ شۇنچىكى مازاق ئوبيېكتى بولۇپ قېلىشىغىمۇ رازى كەلمىگەن، ۋەتىنى بارىسىدا ئالدىن كۆرەرچە ئويلاشنى بىلگەن ئاددىي بىر دېھقاننىڭ ھېكايىسى. ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلىنغىنى يۇقىرى باھا قويۇلغان ئېشىكى ئىدى. تەلەپ بولسا سەلتەنەتتىن كەلگەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ ساتمىدى. يۇرتىنىڭ ئىززىتىگە، نامىغا غەيۋەت تۈسىدە بولسىمۇ چاڭ قوندۇرغۇسى كەلمىدى، پايدا - مەنپەئەت ئالدىدا ئېرىپ قالمىدى. يۇرت - ماكانىنىڭ نامىغا شۇنچىكى سۆز - چۆچەك چاغلىق ئىش كېلىپ قېلىشتىن ياكى شۇنىڭ سەۋەبچىسى بولۇپ قېلىشتىن ساقلاندى. بەلكىم بۇ بىر ئادەتتىكى ئېشەك سودىسى بولۇشى، ھەتتا يۇرتداشلىرى ئارىسىدا نام چىقىرىشقا، مەشھۇرلىشىشقا ئەسقاتىدىغان تەييار پۇرسەت بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما ئۇ ساتمىدى. سېتىشقا يېقىنمۇ يولىمىدى.

ئەلقىسسە شۇكى، ۋەتەن شەرىپىنى، ئەل - يۇرت ئىززىتىنى ئۆز شەرىپى ۋە ئىززىتىدىن ئەلا بىلىش شوئۇرى يېتىلمىگەنلەردىن، مۆرىتى كەلگەندە ۋەتەننى ئېشەك سودىسىغا ئايلاندۇرۇشتىن يانمايدىغانلاردىن ھېچقاچان ۋەتەنگە ۋاپا قىلىشى كۈتۈلمەيدۇ. بۇنداقلار ۋەتەن سۆيەي دېسىمۇ سۆيەلمەيدۇ. چۈنكى قانداق سۆيۈش كېرەكلىكى ئاڭدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ياكى ئەسلىدىنلا ئۇنداق بىر ئۇرۇق زېھنىيىتىگە سېلىنمىغان. بۇ يەنە كۆز ئالدىدىكى پايدىنىلا كۆزلەپ سىياسەت قىلىۋاتقان، بىرىلىرىنىڭ دەسمىي سېلىپ بېرىشى بەدىلىگە ئۇنىڭ رىزاسىغا ئۇيغۇن قەدەم ئېلىشنى ۋەتەنگە خىزمەت دەپ جار سېلىۋاتقانلار ئۈچۈنمۇ، ھەر تۈرلۈك دىنىي ۋە مىللىي كۈلتۈر قەدەرىيەتلىرىدىن چۈمبەل ياساپ دەۋا سەھنىسىدە ئىغاڭشىۋاتقانلارغىمۇ، ناز قىلىۋاتقان ياكى تەخسىكەشلىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقانلار ئۈچۈنمۇ تېگىشلىكتۇر. ھەممىسى ئۆزىگە دەۋا قىلىۋاتىمىز تەسەللىسى بېرىشىدۇ. ئېرىشىۋاتقانلىرىنىڭ، قولىغا كەلگەن ئىمكانىيەتلىرىنىڭ ئەسلىدە ۋەتەننىڭ ئىززىتىنىڭ دەپسەندە بولۇشىدىن، ئۇنىڭ ئەھلىنىڭ ياشاۋاتقان ئېغىزغا ئالغۇسىز خورلۇقلىرىنىڭ تىلغا ئېلىنىشى، ئۇنى بىر تاۋار مىسالى سىياسەت داستىخانلىرىغا تۆكۈشى بەدىلىگە ئېرىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرىپ ئولتۇرۇشمايدۇ. كىشىنى ئەڭ ئېچىندۇرىدىغىنى بۇنىڭ نام - ئاتىقىنىڭ «دەۋانى ئاڭلىتىش» بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى بولۇپ، ۋەتەندە بولۇۋاتقان دەپسەندىچىلىكنىڭ سىياسىي ئاتالغۇلاردىكى ئورنىنى بېكىتىپ شۇ ئاساستا تىل ئىشلىتىپ دوكلات سۇنۇش ئورنىغا، ھە دېگەندە ئەخلاقىي جەھەتتىكى كۆرۈلۈۋاتقان خورلۇقلارنى، باسقۇنچىلىقلارنى سۆزلەش بۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ «دەۋا ئاڭلاتقانلىق» تۇيۇلىدىغان بولۇپ كېتىدۇ.

كۈنىمىزدە، ئىندىجىنىس ئاتلىق ئىللەتلىك ماركىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە مىللەتكە يېپىشتۇرۇلغانلىقى پاش بولدى. بۇندىن تۆت - بەش يىل مۇقەددەم ئالدىن خەۋەر بېرىلگەن، ۋەتەنپەرۋەرلەر تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن بۇ مەرەز ماركىنىڭ ئەسلىدە چاپلاشتۇرۇلۇش ئۇرۇنىشى ئىچىدە ئەمەس، بەلكى يىللاردىن چاپلاشتۇرۇپ كېلىنىۋاتقانلىقى مۇئەييەنلەشتى. ھالبۇكى، ئىندىجىنىس ماركىسىنى مىللەتكە ياراشتۇرۇش دەۋانى ئېشەك سودىسىغا ئايلاندۇرۇش تىپىدىكى ھەرىكەت بولۇپ، بۇنىڭ ئەل - ۋەتەننىڭ ئۇزاق يىللىق مەدەنىيەت تارىخىنى يوق ساناشقا، ئۇنىڭ كىملىكىنى پالەچلەشتۈرۈشكە، تۇتۇقلاشتۇرۇشقا، سىياسىي جەھەتتىن بولسا، مىللەتنىڭ ئىككى پۇتىنى بىر ئۆتەككە مەجبۇرى تىقىشقا خىزمەت قىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغان خىيانەتكە ياتىدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكى مەلۇم ئىدى. سىياسىي سەھنە ئاكتىيورلىرىنىڭمۇ ھەر تۈرلۈك رەزالەت ۋە بىر - بىرىنى سېسىتىشلار سۆزلەنسە بولىدىغان، ئەمما مىللەتنىڭ تەقدىرىگە چېتىلىدىغان خىيانەتلەر تىلغا ئېلىنسا «پىتنە قىلدى»، «خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدۇ» قاتارلىق بىر قاتار چاكىنا قالپاقلار بىلەن باستۇرۇشنى بىرلىككە كېلىنگەن قائىدە - تۈزۈم قىلىۋالغانلىقى ئايان بولدى. مانا بۇ دەۋا سەھنىسىنىڭ ئېشەك سودىسى بازىرىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقىنىڭ ئىپادىلىرى.

بۈگۈنكى سىياسىي ئاتموسفېرادا سۆزلىنىۋاتقان دەۋا ئاڭلىتىش شەكلىمىز قايتا قاراپ چىقىشقا تېگىشلىك بولماقتا. نۆۋەتتىكى سىياسىي دەپ تۇرۇپ ئەمەلىيەتتە ئەخلاقىي نۇقتىدىن ھال ئاڭلىتىدىغان ھالغا كېلىپ قېلىشلار، مىللەت نامىغا چۈشۈرۈلۈۋاتقان دەپسەندىچىلىك، باسقۇنچىلىق ۋە ئائىلەۋى خورلىنىشلارنى سىياسىي سەھنىلەردە سىياسىي تىل ۋە ئۇسلۇبى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەخلاقىي قېلىپتا ئىپادىلەش ئادىتى يېتىلىپ قالغانلىقى، مېدىيالاردا قانداق خورلۇقلارنىڭ ئەسىرى ھالىغا چۈشۈپ قالغانلىقىمىزنى ئاڭلىتىشتىن ھار ئالماس ھالغا كېلىپ قالىدىغان دەرىجىگە بېرىپ قېلىشلار ھېچقاچان مۇستەقىللىق ئىدىيەسى بارلىقىنى ئىپادىلەيدىغان تۇتۇملاردىن ئەمەستۇر. بۇنداق دەۋا ئاڭلىتىش پىچىمىدا ئەڭ قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغىنى ھېسداشلىققا ئېرىشىشكە، خەۋەر قاناللىرىنىڭ بازىرىنى چىقىرىشقا يارايدۇكى، سىياسىي مۇستەقىللىق زۆرۈر بولغانلىقنى، بۇنىڭ ھۆرلۈكنى ئاداققى چىقىش يولى قىلغان بىر مىللەتنىڭ ئورتاق ساداسى ئىكەنلىك تۈسىنى بېرەلمەيدۇ. خەلقنىڭ مىللىي ئىرادىسىنىڭ مۇستەقىللىق ئىكەنلىك ئۇچۇرىنى تېخىمۇ بېرەلمەيدۇ. بۇ ۋەجىدىن سىياسىي مۇستەقىللىققە مەجبۇرلىقىمىزنى دەلىللەيدىغان جىنايەتلەرنى ئەخلاقىي نۇقتىدىكى ھەمدە ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغان گراژداننىڭ شىكايىتى تۈسىدىكى «كىشىلىك ھەق - ھوقۇق»داستىخانلىرىدا سازايى قىلىپ يۈرۈشنى سىياسىي تاللاش ياكى ئاتالمىش ئىستراتېگىيە قاتارىدا تەشۋىق قىلىشلار بولسا، بىر تۈرلۈك شەكلى ئۆزگەرگەن ئېشەك سودىسىدۇر، خالاس!

ھەر سەھنە تەرتىپى بىلەن، ھەر بازار نازارەتچىلىرى بىلەن ئۆز خاراكتېرىنى ساقلاپ پائالىيىتىنى ئېلىپ بارىدۇ، كۈنىمىزدە سىياسەت سەھنىسىنىڭ ئېشەك سودىسى ۋە پىت بازارلىرىغا ئايلاندۇرۇۋېتىلىشى نۆۋەتتە يىللاپ تەكرارلىنىۋاتقان ئۆز ئوقۇرىدىن تاشالماسلىق، ئايلىنىپ يۈرگەن قىرىدىن ئاشالماسلىق ۋەزىيىتىنى ياشاپ كېلىۋاتقان سىياسىي دەۋانىڭ ئالغا سىلجىماسلىقىدا چوڭ رول ئويناۋاتقان پۇتلىكاشاڭلاردىندۇر.

سىياسىي تىل ئىسلاھ قىلىنىشى، دەۋا ئاڭلىتىش پىچىمى، شەكلى ۋە ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەر ئۆز خاراكتېرىگە ئۇيغۇن بولۇشى زۆرۈر. ئاتالمىش دەۋا ئاڭلىتىش پىروپاگاندالىرىدا كۆرۈلۈۋاتقان، نامدا سىياسىي مۇستەقىللىق دەۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ، ئەمەلىيەتتە ئىستەكنى ئاڭلىتىش شەكلىنىڭ «مۆمىن پۇقرا»لىقنى ئارزۇلاش، ئۇرغۇلاش تۈسىدە بولۇشى، «مەن ياخشى ئىدىم، ئۇ كېلىپ مېنى ئەزدى، ھوقۇقۇم دەپسەندە بولدى» شەكلىدىكى شىكايەت تىلىنىڭ ئەۋج ئېلىشى، ئەمەلىيەتتە مىللەت ۋە ۋەتەنگە چۈشۈرۈلۈۋاتقان داغنى ئارتتۇرۇشتۇر. ھەمدە بۇ باشقا مىللەت ۋە خەلق ئالدىغا ئەخلاقىي كىرىزىسنى سازايە قىلىپ ھېسداشلىق قوزغاپ نەپ يېيىشتىن باشقا دەردى يوقلۇقىنى نامايىش قىلىشتىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ. سىياسىي مەنىسىنى يوقاتقان بۇنداق غۇرۇرسىز تىل قايچىلىنىشى لازىم. سىياسەت كوچىسىدىن ئالىدىغان تەسەللىي تېپىش، يول تېپىش، ياردەمگە ئېرىشىش بەدىلىگە سۆزلىنىدىغان بۇنداق غۇرۇرسىز تىللارنىڭ خەۋەرگە چىققىنىدىن زۇۋانى تۇتۇلغىنى مىڭ ئەۋزەل. باسقۇنچىلىققا ئۇچراشنى تاجاۋۇزچىلىقنىڭ ھەددىدىن ئاشقان ياۋۇز ھالىتى سىياقىدا كۆرسىتىش ئورنىغا، كىشىلىك ھەق - ھوقۇق قەپىزىگە سولاپ قويۇپ ئۇنىڭ جىنايەت ياكى ئەمەسلىكىنى تارتىشىش، ئادۋوكات ۋە قانۇنچىلىق كاتېگورىيەسىگە سېلىش بەئەينى ياۋرۇپا ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىدىكى قۇل قىلىنغان قىز - ئاياللارنى يالىڭاچلاپ ئېسىل قۇل ياكى ئەمەسلىكى بويىچە باھا قويۇپ تارتىشىش تىپىدىكى نومۇسسىزلىقلاردىن پەرقى يوق شەرەپسىزلىكتۇر. تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ئانگلوساكسونلارنىڭ تارىخىنى نەچچە قاتلايدىغان بىر مىللەت تۇرۇپ، فىرانسۇز دېگەن ئۇقۇمنىڭ ئىجادىدىن نەچچە مىڭ يىللاپ ئاۋۋاللىققا ئىگە بىر مىللەت تۇرۇپ «ئىندىجىنىس» كاتېگورىيەسىگە تىزىلىشنى نومۇس بىلمەسلىك شەرەپسىزلىكنىڭ چوققىسىدۇر. بۇلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىمىزگە نىسبەتەن قويۇلغان زور پۇتلىكاشاڭلار ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىش خۇددى نامازنىڭ ئاداسى ئۈچۈن تاھارەتنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلىش كېرەك بولغاندەك ئەقەللىي سىياسىي ساۋاتتۇر.

سىياسىي تىلىمىزنىڭ سىياسىي كېلەچىكىمىزنى بەلگىلەشكە، سىياسىي مەيدانىمىزنىڭ سىياسىي تەقدىرىمىزنى سىزىشقا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئاڭقىرىماي كېتىۋېرىشىمىز بۈگۈنكى بەدەللىرىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان تۈپكى ئامىللارنى كۆرمەسكە سېلىشىمىزغا خىزمەت قىلىدۇ. سەۋەبى ئېنىقلانمىغان ئىللەتكە چارە تېپىش مۇمكىن بولغان ئىش ئەمەس. مىللىي ئىرادىنىڭ بۇ قەدەر پىت بازىرىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇلۇشىنىڭ ئۆزىمىزدىكى سەۋەبلىرىنى تېپىپ چىقماسلىقىمىز، سەۋەبلىرىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنى سىياسىي سەھنىمىزدىن سۈپۈرۈپ تاشلاشقا ئۇرۇنماسلىقىمىز، خىيانەتنى، سىياسىي خاتالىقلارنى بىلىپ تۇرۇپ سۈكۈت قىلىشىمىز، ئۇقۇپ تۇرۇپ چارە كۆرمەسلىكىمىز يەنە بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بەدەللەرگە تەييارلىنىۋاتقانلىقىمىزنى ئەخمەقلەرچە جاكارلاۋاتقانلىقىمىزدىن باشقا ئىش ئەمەس. بۇ يەنە سەنئالىق ھېلىقى دېھقانچىلىك يۇرت غۇرۇرىدىن، ۋەتەن - مىللەت شوئۇرىدىن يوقسۇزلىشىپ كەتكەنلىكنى، مىللىي ئاڭدىن ئەسەر قالمىغانلىقنى جاكارلىغانلىقتۇر. بۇ ھەقتە يازارلاردىن بىرى شۇنداق دەيدۇ: «ئەجدادلىرىمىزغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇنكى، ئۇلار ئەل - يۇرتنىڭ نامىغا سۆز-چۆچەك كېلىپ قېلىشىدىنمۇ ئەنسىرىگەنىكەن، مىنىدىغان ئۇلىغىنىمۇ ساتمىغان ئىكەن. ئەمما كۈنىمىزنىڭ ئادەمسىمان ئېشەكلىرى ۋەتىنىدە بار - يوق نەرسىنى يۇرت - ماكانى بىلەن قوشۇپ سېتىپ ياشىماقتا».

كاشكى شۇ قۇرلارنى بىز ئۈچۈنمۇ يازغىلى بولسا. كاشكى بىتىملەرگە قويۇلغان ئىمزالار بولمىسا. كاشكى بۇ مىللەتنىڭ مۇستەملىكە تارىخى مۇستەملىكىچىلەر گورۇھىنىڭ قايسى ئېقىمىغا تەۋە بولۇش ئۈچۈن بىر – بىرى تارتىشقانلارنىڭ، ھەر تەرەپ تەۋەلەنگەن گۇرۇھقا بېقىپ دۈشمەنلەشكەن، قايسى تەرەپ غەلىبە قىلسا، شۇنىڭ گۇرۇھىنىڭ ھاكىمىيىتىگە باغلىنىشنى «ئازاد»لىق دەپ سەپسەتە ساتقانلارنىڭ قولىدا باشلانمىغان بولسا. ئۆز ئىمزاسى بىلەن تەسلىم بولغان بىر مىللەت بولۇپ كۆرۈنۈشتەك سىياسىي داغ پېشانىگە سۈرۈلمىگەن بولسا. ھېچ بولمىسا «بىزدىن بۇرۇنقىلار ۋەتەننىڭ ئىززىتى ئۈچۈن جېنىنى بەرسە بېرىپتىكەن، ئەمما ساتماپتىكەن» دېگەننى يازغىلى بولسا...

ئەپسۇس، ئاچچىق رېئاللىق بۇنى يازدۇرمىدى. يازدۇرغىنى بولسا شۇ قۇرلار بولدى: «زامانەمدە ۋەتەنساتار ئېشەكباشلار ئەل - يۇرتنىڭ ۋاڭلىقى بەدىلىگە جېنىنى قوشۇپ ساتقان ئىكەن. زامانىمىزدا بىر تۈركۈم چوشقىباشلار ئۆز ئىختىيارىلىقىچە ئەل - يۇرتنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنىنى سېتىپ قانماي، كېلەچىكىنىمۇ قوشۇپ سېتىشقا ھەر نېمىسىنى تەييار قىلىپ قويۇشۇپ ياشاۋېتىپتۇ».

خەيرىيەت!!!

-بۇرھان مۇھەممەد

2022-10-17


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى