ئېشەك ئالساڭ چىشىغا قاراپ ئال، خوتۇن ئالساڭ ئاپىسىغا

ئېشەك ئالساڭ چىشىغا قاراپ ئال، خوتۇن ئالساڭ ئاپىسىغا قەدىمىي ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىلى بولۇپ، ئاساسلىقى بىر ئانىنىڭ قىزىغا بولغان تەسىرنىڭ ناھايىتى چوڭ بولدىغانلىقى، يىگىتلەرنىڭ ئازىراقلا بىخەستىلىك قىلسا ناچار قىزلار بىلەن ئۆيلىنىپ قېلىپ ئۆمۈرلۈك تۇرمۇشى راھەتىسىز، ئۇتۇقسىز بۇلدىغانلىقى، كەلگۈسى قىز پەرزەنتىنىڭمۇ ناچار خۇيدا چوڭ بولدىغانلىقى، شۇڭا توي قىلىشتىن بۇرۇن شۇ قىزنىڭ ئانىسنىڭ قانداغىراق ئادەم ئىكەنلىكىنى دەڭسەپ بېقىشنىڭ مۇھىلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئادەتتە ناچار، ھازازۇل، نەپىسى ياق، غەيۋەتچى دېگەندەك بىر قاتار ناچار ئادەتلىرى بار ئاياللارنىڭ قىزلىنىڭمۇ شۇنداق بولۇپ يېتىشىپ چىقىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەنلىگى ئېشەك ئالساڭ چىشىغا قاراپ ئال، خوتۇن ئالساڭ ئاپىسىغا دېگەن ماقال تەمسىلدە ناھايىتى ئايدىڭ يۇرۇتۇپ بېرىلىگەن.
ئارقا كۆرۈنۈشى
[تەھرىر]
ئۇيغۇر خەلقى قەدىمقى دەۋىردىن تارتىپ ئېشەك قاتارلىق مال چارۋا ئالغاندا چىشىغا قاراپ يېشىنى بېكىتپ ئالىدۇ. چىش ساغلاملىقى يەن ھايۋاننىڭ باشقا تەن ساغلاملىقىنى قىسمەن ئەكس ئەتتۈرىدۇ.