ئېشەك توپ ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

ئېشەك توپ ئويۇنى ياشلار ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر خىل قىزىقارلىق ئويۇن بولۇپ، بۇ ئويۇنغا قانچە كۆپ ئادەم قاتناشسا شۇنچە ياخشى. بۇ ئويۇندا ئويۇن ئوينىغۇچىلار بىر يەرگە يىغىلغاندىن كېيىن، بۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئىككى كىشى ئوتتۇرىغا چىقىپ رامباتلىشىش ئارقىلىق بالىلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلىدۇ. ئاندىن چەك تاللىنىپ ياكى تاقمۇ جۈپ دېيىش ئارقىلىق ئېشەك بولغۇچى تەرەپنى بەلگىلەپ چىقىدۇ. ئېشەك بولغۇچى تەرەپ ئەزالىرى ئىككى قولىنى ئىككى تىزىغا تىرەپ ئېڭىشىپ ھەر بىر كىشى ئارىلىقىدا ئۈچ ماڭدام ئارىلىق قالىدۇ. كىشىلەر چەمبەر ھاسىل قىلىپ تۇرىدۇ. يەنە بىر تەرەپنىڭ ھەممە ئەزالىرى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مىنىدۇ. مىنگۈچى تەرەپنىڭ ئەزاسى سائەت ئىسترېلكىسى يۆنىلىشى بويىچە توپىنى يېنىدىكى ئەزاغا تاشلايدۇ. ئۇ ئەزامۇ يەنە بىر ئەزاغا تاشلاپ بېرىدۇ. توپ شۇ تەرىقىدە تاشلىنىپ، يەرگە چۈشمەي ئەڭ دەسلەپ توپ تاشلىغان ئەزاغا قايتىپ كەلسە، بۇلار ئېشەك ئۈستىدىن چۈشمەيدۇ. ئېشەك بولغۇچى تەرەپ ئۈستىدە ئادەم مىنگەن پېتى سائەت ئىستىرېلكىسى يۆنىلىشى بويىچە ئورۇنلىرىنى يۆتكەيدۇ. مىنگۈچى تەرەپ توپ تاشلاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەگەر مىنگۈچى تەرەپ توپنى تالىشىپ تۇتۇش جەريانىدا توپنى يەرگە چۈشۈرۈۋەتسە بۇلار ئېشەك بولغۇچى ئۈستىدىن چۈشۈپ، ھەر تەرەپكە قاچىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئېشەك بولغۇچى تەرەپ توپنى تېزلىك بىلەن ئېلىپ مىنگۈچىلەرنىڭ بىرەرىنى ئۇرۇۋالسا ئۇ ھالدا مىنگۈچى تەرەپ ئېشەك بولىدۇ - دە، ئېشەك بولغۇچى تەرەپ ئېشەككە مىنىدۇ. ئويۇن شۇ تەرىقىدە داۋاملىشىدۇ."[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]