ئېغىرلىق كۆتۈرۈش

ئورنى Wikipedia

ئېغىرلىق كۆتۈرۈش - ئۇيغۇر مىللىتى ياشلىرىدىن قۇرامىغا يەتكەن كۈچلۈك يىگىتلەر چوڭ - چوڭ قورام تاشلارنى كۆتۈرۈشتە بەسلىشىدىغان ئويۇن. قايسى بىر يىگىت ئەڭ ئېغىر تاشنى كۆتۈرەلىسە، شۇ يىگىت باتۇر ھېسابلىنىپ كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ. چوڭ - چوڭ قورام تاشلارنى كۆتۈرۈشتە بەسلەشكۈچىلەر ئايرىملىقنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كىچىكىدىن باشلاپ كىچىك تاشنى كۆتۈرۈشتىن مەشىق قىلىشتىن، تەدرىجىي ھالدا چوڭ تاشنى كۆتۈرۈشنى داۋاملىق مەشىق قىلغانلاردىن ئىبارەت بولىدۇ. بۇ ھەقتە جەنۇبىي شىنجاڭدا تارقىلىپ يۈرگەن مۇنداق بىر رىۋايەت بار: ⅥⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئاتۇشتىن <ھېيت نوچى> دېگەن نوچى چىققانىكەن. ئۇنىڭغا ئۆز يۇرتىدىن باشقا ياقا يۇرتلاردىن كۈچلۈكلۈكتە تەڭ كېلىدىغان ئادەم چىقمىغانلىقى قەيت قىلىنغان. <ھېيت نوچى> داۋاملىق شىمالغا بېرىپ - كېلىپ تۇرىدىكەن. ئۇنىڭ ماڭغان يولىدا 25 چارەك ئەتراپىدا بىر تاش بولۇپ، ئۇ ھەر قېتىم شىمالغا ماڭغاندا بۇ تاشنى شىمال تەرەپكە 100 قەدەم يۆتكەپ قويىدىكەن، بۇنىڭدىن كىشىلەر <ھېيت نوچى> شىمالغا كېتىپتۇ، دېيىشىدىكەن. ئۇ قايتاشىدا بۇ تاشنى ئۆز ئورنىغا يۆتكەپ قويىدىكەن، بۇنىڭدىن كىشىلەر <ھېيت نوچى> قايتىپتۇ، دەپ بىلىدىكەن. شۇ زامانلاردا ھازىرقىدەك شىتانىكا بولمىغاچقا، يىگىتلەر كۈچ سىنىشىش ئۈچۈن ھەر خىل ئېغىرلىقتىكى نەرسىلەرنى شىتانىكا ئورنىدا كۆتۈرپ بەسلىشىپ، <نوچىلىق> ىنى، <باتۇرلۇق> ىنى نامايان قىلىشقان.[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]