ئېلفرېد يېلىنىك

ئورنى Wikipedia

شۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيىسى 2004- يىلى 7- ئۆكتەبىردە 2004- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبىنى باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، ئاۋسترىيىلىك 57 ياشلىق ئايال يازغۇچى، دراماتۇرگ ۋە شائىرە ئېلفرېد يېلىنېك (Elfriede Jelinek) بۇ شەرەپكە مۇشەررەپ بولۇپ، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى تارىخىدا بۇ مۇكاپاتنى ئالغان ئونىنچى ئايال زاتى بولۇپ قالدى. بۇ نەتىجە كىشىلەرنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىققان بولسىمۇ، ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىدى. كىشىلەرنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقتى دېيىشىمىزدىكى سەۋەب، نۇرغۇن كۈزەتكۈچىلەر نىشانلىغان يازغۇچىلار، جۈملىدىن جامائەتچىلىكنىڭ ساداسى ئەڭ يۇقۇرى ئامېرىكىلىق ئايال يازغۇچى ئوۋتېز (Joyce Carol Oates)، ئەنگلىيىلىك ئايال يازغۇچى روۋلىڭ (Joanne Kathleen Rowling)، كانادالىق ئايال يازغۇچى مارگارېت ئاتۋود (Margaret Atwood)، ئاۋسترىيىلىك شائىرە مېيروك (Friederike Mayroecker)، لاتۋىيىلىك شائىرە بېلسېۋىكا (Vizma Belsevica)، ئالجىرىيىلىك ئايال يازغۇچى ئاسىيە جاببار (Asiya Jabbar) لار رەتتىن قالدى؛ ئەقىلگە مۇۋاپىق دېيىشىمىزدىكى سەۋەب، كۈزەتكۈچىلەرنىڭ شۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خىلمۇ- خىل قىياسلىرى، يەنى ئەللىك ياشتىن ئاشقان، شائىرە ۋە ئىنگلىز تىلىنى قوللانمايدىغان دۆلەتكە مەنسۇپ بولۇشى مۈمكىن دېگەن قىياسلىرى ئاساسىي جەھەتتىن دەلىللەندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيىسىدىكى باھالاش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى «بومبا خەۋەر» چىقىرىش بىلەن داڭلىق بولۇپ، ھەرگىزمۇ جامائەت سادالىرىغا ئىتائەت قىلىپ ئولتۇرمايتتى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئېلفرېد يېلىنېكنىڭ بۇ ماكاپاتقا ئېرىشىشىدىكى سەۋەب شۇكى، «ئۇنىڭ رومانلىرى ۋە سەھنە ئەسەرلىرىدىكى بايانلىرى، ئىجابىي بايان ياكى سەلبىي بايان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پۈتۈنلەي گارمونىيىلىك رېتىمغا ئىگە بولۇپ، كونا ئىجتىمائىي ئادەتلەرگە خاس بىمەنىلىكلەرنى ۋە شۇنداق بىمەنىلىكلەرنىڭ جاھان ئەھلىگە سالغان كىشەنلىرىنى قىزغىن ھېسسىياتقا تولۇپ تاشقان ئۆزگىچە تىل شەكلىدە پاش قىلىپ بېرىدۇ».

ئېلفرېد يېلىنېك (Elfriede Jelinek) 1946- يىلى 20- ئۆكتەبىر ئاۋسترىيىنىڭ سترىيە (Styria) شتاتى مۇرززۇسچلاگ (Mürzzuschlag) شەھىرىدىكى چېخ--يەھۇدى قان سىستېمىسىغا (of Czech-Jewish origin) تەۋە بىر خىمىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باياشات ئوتتۇرا بۇرژۇئا ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان ئانىسى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى، تەبىئىتى قاتتىقراق بولۇپ، قىزىنىڭ كەلگۈسىدە مۇزىكانت بولۇپ چىقىشىنىلا ئۈمىد قىلاتتى، شۇڭا يېلىنېك كىچىكىدىن تارتىپلا پىئانىنو (piano)، ئورگان (organ) قاتارلىق چالغۇلارنى ئۆگىنىشكە كىرىشىپ، مۇزىكا تەربىيىسى ئالغان ئىدى. يېلىنېك 1964- يىلى ۋيېنا ئۇنىۋېرسىتېتىغا (University of Vienna) كىرىپ تىياتىر ۋە سەنئەت تارىخى كەسپىدە ئوقۇيدۇ، ئەمما مۇزىكا ئۆگىنىشتىن زادىلا ۋاز كەچمەيدۇ، 1971- يىلى ۋيېنا مۇزىكا ئىنستىتۇتىنىڭ (the Vienna Conservatory) دىپلومىغا ئېرىشىدۇ. مول مۇزىكا بىلىمىنىڭ خاسىيىتىدىن ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى ئۆزگىچە تۈسكە ئىگە قىلىشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ. يېلىنېك كىچىكىدىن باشلاپلا ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشىدۇ، 1967- يىلى يىگىرمە بىر يېشىدىلا تۇنجى ئەسىرى «لىزانىڭ كۆلەڭگىسى» (Lisas Schatten)نى نەشر قىلدۇرىدۇ- دە، ئەدەبىيات ساھەسىدە تونۇلۇشقا باشلايدۇ. يېلىنېك 20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرى ئەينى ۋاقىتتا ياۋروپانى بىر ئالغان ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان ئىدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئەدەبىي ئۇسلۇبىدا ئۆزگۈرۈش بولۇپ، ئىسيانكارانە خاسلىققا ئىگە ئىجادىيەت تۈسى ۋە كىنايىلىك ئۆتكۈر تىل ئۇسلۇبى پەيدىن- پەي شەكىللىنىدۇ. يېلىنېك قىرىق يىلغا يېقىن داۋام ئېتىپ كېلىۋاتقان ئەدەبىي ھاياتىدا ئەللىك پارچىغا يېقىن تۈرلۈك ئەسەر يېزىپ، ئاۋستىرىيىدىكى ئەڭ مۇھىم ھازىرقى زامان يازغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالىدۇ ھەمدە ئاۋستىرىيىلىك زامانداش ئەدىبلەرنىڭ ئالدى دەپ قارىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ژانىرى كۆپ خىل بولۇپ، نەسر، شېئىرلارمۇ، رومان، رادىئو درامىسى ۋە كىنو- تېلېۋىزىيە سىنارىيىلىرىمۇ بار. كۆپىنچىسى ئەرلەر مۇستەبىتلىكىنى، ئىجتىمائىي ئىللەتلەرنى ۋە زوراۋانلىقلارنى ئۆتكۈر تەنقىد قىلغانلىقى بىلەن مەشھۇر؛ ئۇنىڭ يېزىقچىلىق ئۇسلۇبىنىڭ پاسىلىنى توپ- توغرا بېكىتمەك قىيىن بولۇپ، پوئىزىيە بىلەن پروزا ئارىلىقىدا تۇرىدۇ، شۇنداقلا دراما مەنزىرىسى بىلەن كىنو بايانلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىمۇ يوق ئەمەس؛ كۆپىنچە ئەسەرلىرىدە ئاياللار ئاساسىي تېما قىلىنغان بولۇپ، خاتىمىسى ئاخىرقى ھېسابتا ئاياللارنىڭ كونا ئىجتىمائىي ئادەتلەرگە قارشىلىق كۆرسىتىشكە قۇربى يەتمىگەنلىكىدەك پاجىئەلىك تەقدىرى بىلەن چۈشۈرۈلىدۇ. يېلىنېكنىڭ قەلىمىدە يارىتىلغان ئاياللارنىڭ چارىسىز كەچمىشلىرى جانلىق رەسىملەردەك تەسۋىرلىنىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا يارقىن زاھىر قىلىپ بېرىلىدۇ.

يېلىنېكنىڭ ئەسەرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولسىمۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىنگلىزچىغا ۋە فرانسۇزچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئاز بىر قىسىم ئەسىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كۆپىنچە ئەسەرلىرى ھېچقاچان باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان ئەمەس، شۇڭا دۇنيا مىقياسىدا ئوقۇرمەنلىرىمۇ كۆپ ئەمەس. ياۋروپادىن باشقا جايلاردا بىرقەدەر تەسىرگە ئىگە ئەسەرلىرى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىنغان بىر قانچە ئەسىرىدىنلا ئىبارەت بولدى. ھالبۇكى، ئاشۇ بىر قانچە ئەسىرىنى يېلىنېكنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى دەپ ئېيتىشقا تولىمۇ ھەقلىقمىز.

يېلىنېكنى تونۇتقان ئەسەر 1975- يىلى نەشر قىلىنغان «ئاياللار مەشۇق بولۇشقىلا يارالغان» (Women as Lovers) ناملىق رومانىدىن ئىبارەت، بۇ روماننىڭ باش قەھرىمانى شەھەردىن ۋە يېزىدىن كەلگەن چىرايلىق ئىككى قىز ئىدى. يېلىنېك بۇ رومانىدا سالاھىيىتىمۇ، شارائىتىمۇ ئوخشىمايدىغان، ئەمما تەقدىرى ۋە سەرگۈزەشتىلىرى ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىككى قىزنى ئاغزاكى بايان شەكلىدە سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ سۈرەتلەپ بېرىدۇ. مەيۈسانە كەيپىيات بىلەن سۇغۇرۇلغان پۈتۈن ئەسەردە جىنسىيەت ۋە ھازىرقى زامان تۇرمۇشى ئىنتايىن ئوچۇق- ئاشكارە، ئۆتكۈر تەسۋىرلەپ بېرىلىدۇ ۋە باھالىنىدۇ. شەھەرلىك قىز برىگىت (Brigitte) كۆڭلەك فابرىكىسىنىڭ ئىشچىسى بولۇپ، توكچى ھېينزغا (Heinz) كۆڭلى چۈشۈپ قالىدۇ ھەمدە مۇشۇ يىگىتكە ئىگىلسەملا ھالىمنى ئۆزگەرتەلەيمەن، دەپ ئويلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، بىر ئاماللارنى قىلىپ ھېينزنى ئۆزىگە رام قىلىۋېلىشقا ئۇرۇنغان بۇ قىز چېچىنى ئالتۇنرەڭ بويىۋالىدۇ، ھېينز بىلەن پات- پاتلا يوشۇرۇن كۆڭۈل خۇشى قىلىدۇ، ھېينز بىلەن تونۇشىدىغان يەنە بىر چىرايلىق قىز سۇزىي (Suzie) بىلەن غەم- ئەندىشە ئىچىدە قورساق ئۇرۇشى قىلىدۇ. ۋاھالەنكى، كەلگۈسىدە ماگىزىن ئېچىش، خۇجايىن بولۇشتىن باشقىنى ئويلىمايدىغان ھېينز بولسا برىگىتنىڭ ئۆزىگە ئاشنا بولۇپ، يوشۇرۇن كۆڭۈل خۇشى قىلىپ ئۆتۈشىنىلا ئارزۇ قىلىدۇكى، ئەمرىگە ئېلىشنى چىن دىلىدىن خالىمايدۇ. ھېينزنىڭ ئاتا- ئانىسىمۇ بىر تەرەپتىن بۇ قىزنى كۆڭلەك فابرىكىسىنىڭ ئىشچىسى، ئوغلىمىزغا لايىق كەلمەيدۇ دەپ قارىغاچقا، يەنە بىر تەرەپتىن قېرىلىق يېشىغا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرغىنىدا پۇل تېپىپ باقىدىغان ئادىمىنى تارتىۋالىدىغان ئادەمنىڭ پەيدا بولۇشىنى خالىمىغاچقا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش قۇرۇشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. برىگىت كېيىنچە ھېينزدىن ھامىلدار بولۇپ قالغاچقا ئىككىلەن ھەر ھالدا تۇرمۇش قۇرىدۇ، ئەمما كۆپ دەرت تارتقان برىگىتنىڭ ھېينزغا بولغان مۇھەببىتى بۇ چاغدا نەپرەتكە ئايلىنىدۇ. گەرچە برىگىت ئۆيلۈك بولغان، تەشنا بولغان ماگىزىنغىمۇ ئېرىشكەن بولسىمۇ، مۇھەببەتسىز نىكاھلىق تۇرمۇشنىڭ ئازابىنى تارتىشقا مەجبۇر ئىدى. سەھرا قىزى پاۋلا (Paula) بۇرۇندىنلا شەھەرگە كىرىپ تىككۈچى بولۇشقا تەشنا ئىدى، گۈزەل تۇرمۇشقا تەلپۈنەتتى. ھالبۇكى، ياغاچ كەسكۈچى يىگىت ئېرىككە (Erich) كۆڭلى چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، قەلبىدىكى تەلپۈنۈشنىڭ ئورنىنى ئېرىك بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈشتەك ئارزۇ ئالىدۇ. قىز ئېرىكنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن ئارا كۈندە ئالتە قېتىم دېگۈدەك ئېرىككە مەززىلىك تائاملارنى ئەكىلىپ بېرىدۇ، ھاراق ئېلىپ بېرىدۇ ھەمدە ئېرىك بىلەن تونۇشقىنىغا ئۇزاق ئۆتمەيلا قۇرۇق ئوت- چۆپ دۆۋىسى ئىچىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىدۇ. ئېرىك گەرچە پاۋلادىن باشقا كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە كالۋا دەپ قارالسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا ئەرلەرگە خاس جاسارەت ئۇرغۇپ تۇراتتى، پاۋلا ئېرىك بىلەن تۇنجى قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشىدىلا ھامىلدار بولۇپ قالىدۇ. بىراق، ئېرىك پەقەت پاۋلا بىلەن ئاشنىدارچىلىق قىلىپ ئۆتۈشنىلا خالايدۇكى، ئۆي تۇتۇشنى خالىمايدۇ، قىزىقىدىغىنى پەقەت ماشىنا، موتسىكلىت ۋە ھاراقتىنلا ئىبارەت بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى ھېينزنىڭ ئاتا- ئانىسىغا ئوخشاشلا سەۋەب تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ تويىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرىدۇ. كېيىن ھەر ھالدا ئىككىلەننىڭ بېشى بىر بولىدۇ، پاۋلا ئېرىك بىلەن ئوبدان ئۆي تۇتۇشنى، ئېرىنىڭ ئوبدان خىزمىتى، ئۆزلىرىنىڭ ئوبدان ئۆيى بولۇشىنى، بىر تالاي بالىلىق بولۇشنى ئىچ- ئىچىدىن ئارزۇ قىلىدۇ، ئېرىك بولسا بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا قىزىقمايدۇ، پاۋلا بىلەنمۇ كارى بولماي، ئۇنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، كۈن بويى ماشىنىسى بىلەنلا بولۇپ كېتىدۇ، كۈنلىرىنى مەيخورلۇق بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. پاۋلا ئىككىنچى بالىسىنى تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن، ئېرىكتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈل- كېسىل ئۈزىدۇ ۋە ئېتىبارسىز قېلىپ يالغۇزلۇققا بەس كېلەلمەي شاللاقلىق كوچىسىغا كىرىپ كېتىدۇ. پاۋلانىڭ ئاقىۋىتى برىگىتنىڭكىدىنمۇ پاجىئەلىك بولۇپ، ئىشقىۋازلىقلىرى ئاشكارىلانغىنىدا، ھەممىدىن، جۈملىدىن نىكاھىدىن، ئائىلىدىن ۋە ئۈمىدتىن مەھرۇم قالىدۇ. ئېلفرېد يېلىنېكنىڭ قەلىمىدە پۇلنى ھەممىدىن ئەلا، ئەرلەرنى ھەممىدىن ئەزىز كۆرىدىغان جەمئىيەتتە جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىماقچى، ئىجتىمائىي ئورنىنى ئۆستۈرمەكچى بولىدىكەن، گۈلدەك چىرايىغا ۋە جىسمىغا تايىنىپ ئەرلەرنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتىن باشقا ئامالى بولمايدۇ. ناۋادا بەختكە ئىنتىلدۈرگۈچى ئۈمىدى يوققا چىقسا، مۇھەببەتسىز نىكاھلىق تۇرمۇشقا چىداپ ئۆتۈشىگە ياكى ئۆز رازىلىقى بىلەن چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشىغا توغرا كېلىدۇ. بۇنداق پاجىئەلىك تەقدىر كىشىنى شۈركەندۈرسىمۇ، ئەمما بەرىبىر جانلىق ئىجتىمائىي رىئاللىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

«ئېسىلدىن ئېسىل زامان» (Wonderful, Wonderful Times) ئېلفرېد يېلىنېكنىڭ 1980- يىلى يېزىلغان بىر قەدەر زور تەسىرگە ئىگە ئەسىرى بولۇپ، بۇ روماندىكى تارىخىي مۇھىت 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىكى جەمئىيەت ۋە ئىقتىساد گۈللەنگەن مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ. ئېلفرېد يېلىنېك بۇ رومانىدا ئىخچام، پۇختا جۈملە قۇرۇلمىلىرى، يۈرەكنىڭ تارىنى چېكىدىغان تەپسىلاتلار ۋە ئاچچىق- ئۆتكۈر تىل ئارقىلىق ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاۋستىرىيىگە تاڭغان كىشىنىڭ يۈرىكىنى تىترەتكىدەك شەپقەتسىز جاھىل ئىجتىمائىي مەرەزلەرنى پاش قىلىدۇ، ئۆتكەن كۈنلەردىكى ئۇرۇش يىللىرىغا خاس تەپەككۇر ئەندىزىسىنىڭ ھازىرقى زامان جەمئىيىتىگە يەتكۈزىۋاتقان تەسىرىنى شەرھىيلەپ بېرىدۇ. ئۈچىنچى ئىمپىرىيىنىڭ بەربات بولغىنىغا ئون نەچچە يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، گۇناھكار ئاتا- بوۋىلارنىڭ ئەرۋاھى تاراپ كەتمەستىن ياش ئەۋلادلارنىڭ ۋۇجۇدىدا نامايان بولىدۇ، ئۇلار جەمئىيەتكە قارغۇلارچە كۈچلۈك نارازى بولىدۇ- يۇ، بۇنداق نامسىز غەزەبنىڭ يىلتىزىنى بىلمەي ئۆتىدۇ. روماننىڭ باش قەھرىمانلىرى رىئاللىقتىن نارازى ۋيېنالىق ئىككى يىگىت- ئىككى قىز بولۇپ، بۇ تۆتەيلەننىڭ ئىچىدە ھانس(Hans) ئىسىملىك بىر يىگىتنىڭلا يېشى چوڭراق، راينېر(Rainer)، سوفىيە(Sophie) ۋە راينېرنىڭ قوشكېزەك سىڭلىسى ئاننا(Anna) دىن ئىبارەت قالغان ئۈچى ئون سەككىز ياشقا تولمىغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى. ئەسلىدە ئوبدان مەكتەپ تەربىيىسى ئېلىش شارائىتىغا ئىگە بۇ ياشلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، گۈزەل ئىستىقبال كۆز ئالدىدىلا كۈتۈپ تۇراتتى، ئەمما ئۇلار ئىقتىساد ئۇچقاندەك تېز يۈكسىلىۋاتقان جەمئىيەتكە سىڭىپ كىرەلمەيدىغاندەك بىر ھالدا ئىدى. ئۇلار ئەتراپىدىكى مۇھىتقا دۈشمەنلىك بىلەن قارايدۇ، رىئاللىقتىن نارازى بولىدۇ، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش كويىدا قاراپ تۇرۇپ باشقىلارغا ھېچ ئىشتىن ھېچ ئىش يوقلا زوراۋانلىق ئىشلىتىپ ئاچچىقىنى چىقىرىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئۇلار دەسلىپىدە ئاغزىنىڭ ئۇچىدىلا شۇنداق قىلىمىز دەپ قويغان بولسىمۇ، كېيىنچە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، باغچىلاردا جېدەل تېرىپ قاتىللىق قىلىدۇ، يول توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلىدۇ، قىلچىمۇ قارشىلىق كۆرسىتەلمەس زىيانلانغۇچىلارنى زەھەرخەندىلىك بىلەن قاتتىق دۇمبالايدۇ. بۇ روماندا شۇ تۆت ئاساسىي پېرسوناژدىن باشقا يەنە راينېر بىلەن ئاننانىڭ ئاتا- ئانىسى، ھانسنىڭ ئانىسىدىن ئىبارەت ئۈچ پېرسوناژ بولۇپ، بۇ ئۈچ پېرسوناژ كۆپ تەسۋىرلەنمىگەن بولسىمۇ، ئاشۇ بىر قانچە بالىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ مەنبىئى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. راينېر بىلەن ئاننانىڭ ئاتىسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئېسئېس(SS) چىلار ئوفىتسېرى ئىدى، ئۇرۇشتا بىر پۇتىدىن ئايرىلغان بۇ ئادەم، ھەمىشە ئەينى يىللىرى ئەسىرلەرگە مۇئامىلە قىلغىنىدەك خوتۇن- بالىلىرىنى دۇمبالايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ئەسەبىي جىنسىي خورلامچى بولۇپ، شەھۋانىي رەسىملەرنى تارتىشقا خۇمار ئىدى، شۇڭا دائىم ئۆز خوتۇنىنى مودىل بولۇپ تۇرۇپ بېرىشكە قىستايدۇ. خوتۇنى بولسا ئېرىگە ئىتائەتمەن بولۇپ، ھېچقاچان قارشىلىق كۆرسەتمەستىن ئېرىنىڭ تايىقىنى يىگىنى يىگەن بولىدۇ. ۋەھشىي، قورقۇنچلىق، مۇشتۇمزور ئېرى ئالدىدا ئىتائەتمەنلىك بىلەن تۈرلۈك بەد بەشىرە سىياقتا تۇرۇپ بېرىدۇ. ئاتا- ئانىسىنىڭ كۆڭۈللەرنى غەش قىلارلىق شۇنداق بىنورمال ئائىلىۋى تۇرمۇشى ئەسەبىي جەمئىيەتنىڭ كارتىنىسى ئىدى، شۇڭا راينېر بىلەن ئاننانىڭ ۋۇجۇدىدا كىچىكىدىن تارتىپلا بىساغلام پسىخىكا شەكىللىنىدۇ. ھانسنىڭ دادىسى راينېر بىلەن ئاننانىڭ دادىسىغا ئوخشاشلا ئۇرۇشنىڭ قۇربانى بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئانىسى رادىكاللاردىن بولمىسىمۇ ئۇرۇشنىڭ كۆلەڭگىسىدىن بەرىبىر قۇتۇلۇپ كېتەلمەي، ھانسنىڭ ئۆزى ۋە ئېرى ھايات ۋاقتىدا لايىھىلەپ قويغان يولدا مېڭىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلاتتى. ئۇ رىئاللىققا ئايلىنىشى مۈمكىن بولمايدىغان غايىبانە دۇنياغا ئىنتىلىپ، ئاللىبۇرۇن بەربات بولغان قەھرىمانىزمغا مەھكەم ئېسىلىۋالىدۇ ھەمدە ئۆز ئىرادىسىنى ئوغلى ھانسقا تاڭىدۇ. يېلىنېكنىڭ بۇ رومانى ئىنتايىن مۇۋەپپىقىيەتلىك چىققان بولۇپ، خۇددى بىر تەقرىزچىنىڭ ئېيتقىنىدەك: «كۈچلۈك ماھارەت بىلەن يېزىلغان بۇ ئەسەر ئوقۇغان كىشىگە بىر يازمىدەك ئەمەس، بەلكى ئاپتورنىڭ شۇنداق سېھىرلىك روھىدەك بىلىنىدۇ، بۇ روھ ھېلى بىر ئوغۇلنىڭ ئوبرازىدا زاھىر بولسا، ھېلى بىر قىزنىڭ ئوبرازىدا، ھەر بىر جۈملە، ھەر بىر ۋەقەدە، پۈتكۈل ئەسەردە زاھىر بولۇپ، كىشىنى شۈركەندۈرگىدەك ئىجتىمائىي رىئاللىقنى يورۇتۇپ بېرىدۇ».

«پىئانىنو ئوقۇتقۇچىسى» (The Piano Teacher) ئېلفرېد يېلىنېكنىڭ يېرىم بىئوگرافىك رومانى، شۇنداقلا ئەڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلىدىغان ئەسىرىدۇر. بۇ روماندا يېلىنېك ئاياللار جىنسى پسىخىكىسىنىڭ بۇرمىلىنىشى، شۇنداقلا جىنسى خورلۇق مەنزىرىسىنى توغرىدىن توغرا ئوچۇق تەسۋىرلەپ، ئادىمىي خۇسۇسىيەتنى دادىللىق بىلەن ئەينى پېتى ئېچىپ بېرىپ، مۇرەككەپ ئادىمىي خۇسۇسىيەت ئۈستىدە چوڭقۇر مۇھاكىمە يۈرگۈزىدۇ. روماننىڭ باش قەھرىمانى ئېرىكا(Erika) ۋيېنا مۇزىكا ئىنستىتۇتىنىڭ پىئانىنو پروفىسسورى بولۇپ، كىچىكىدىن تارتىپلا زالىم ۋە غەلىتە مىجەز تۇل ئانىسىنىڭ قاتتىق باشقۇرۇشىدا ئۆسۈپ چوڭ بولىدۇ، ھەممە ئىشى ئانىسىنىڭ كونتروللىقىدا بولىدۇ، ھەتتا ئانىسى سومكىسىنىمۇ دائىم تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ. ئېرىكا يېشى قىرىققا يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ ياتلىق بولماي ئانىسى بىلەن بىللە ئۆتىدۇ. ھەر كۈنى ئۆز ۋاقتىدا ئۆيىگە قايتىشىغا توغرا كېلىدۇ، سەللا كېچىكىپ قالسا ئانىسىنىڭ سورىقىغا قالىدۇ، ئاچچىقلانسا ئانىسىنىڭ تىل ئاھانىتىگە، ھەتتا تەن جازاسىغا ئۇچرايدۇ. ئۇزاق ۋاقىت ئەنە شۇنداق غەلىتە ئائىلىۋى مۇھىتتا ياشىغان ئېرىكانىڭ روھى زور دەرىجىدە نابۇت بولۇپ، ئېغىر پسىخىك كېسەلگە گىرىبدار بولىدۇ. كۆرۈنۈشتە سەنئەت تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئوتتۇرا بۇرژۇئا قاتلىمىدىكى زىيالىي بولسىمۇ، ئىچكى دۇنياسى ئارزۇ- ئىستەك ۋە تىزگىنلىك ئوتتۇرىسىدا قىينىلىپ ئاچچىق تىركىشىدۇ. ئۆز ۋۇجۇدىدىكى ئەنە شۇنداق ئازابنى ئوقۇغۇچىلىرىغا تېڭىپ، ئانىسىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ، ئوقۇغۇچىلىرىنى ھېچقاچان ماختىمايدۇ، ئۇلارنىڭ تالانتىنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالىدۇ، ئالغا ئىنتىلىش ئىستىكىدە ئۆرتىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە قوللاش تۈگۈل، ئەكسىچە كىنايە قىلىدۇ، ئەيىبلەيدۇ ۋە سوغۇق سۇ سېپىدۇ. ئېرىكا تازا تولغان يېشىدا ياشاۋاتقان بولسىمۇ، فىزىئولوگىيىلىك تەشنالىقىنى قاندۇرالماي، شەھۋانىي كىنولارنى كۆرۈش، باشقىلارنىڭ كۆڭۈل خۇشى قىلىۋاتقانلىقىنى ماراش ۋە ئۆز- ئۆزىنى خورلاش يولى بىلەن جىنسىي ھەۋىسىنى بېسىشتىن باشقا ئامالى يوق ئىدى. كېيىنچە كېلىشكەن ئوقۇغۇچىسى كلېممېر(Klemmer) غا كۆڭلى چۈشۈپ قالىدۇ، ئۇزاق مۇددەت ئانىسىنىڭ كونتروللىقىدا ئۆتكەن ئېرىكا ئانىسىنىڭ بەختسىز كەچۈرمىشلىرىنى مۇھەببەت دەرسلىكى بىلىپ، ئۆز ئاشىقىنى ئانىسىنىڭ ئۇسۇلىدا تىزگىنلەشكە ئۇرۇنىدۇ. ئېرىكا ئۇ ئاشىقى بىلەن تۇنجى قېتىم جىسمانىي ئۇچرىشىش جەريانىدا مۇراد- مەقسىدىگە يېتىدۇ ۋە كلېممېرنى ئۆز بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىشقا زورلاپ، جىنسىي يۇقۇرى پەللىگە يەتكۈزدۈرمەيدۇ. ئارقىدىنلا ئۆز ئۆيىدە كلېممېرغا ئۆزى ساقلاپ كېلىۋاتقان جىنسىي قىيناق سايمانلىرى ۋە شوينىلىرىنى كۆرسىتىدۇ، يازما شەكىلدە كلېممېرنى كۆڭۈل خۇشى قىلغاندا ئۆزىنى باغلاشقا، قامچىلاشقا، ھاقارەتلەشكە بۇيرۇيدۇ. بۇ ئىشلاردىن قاتتىق ھەيران بولغان، قاتتىق گاڭگىرىغان، كۆڭلى ئاينىغان كلېممېر كەسكىن رەت قىلىدۇ. ئېرىكا قارشى تەرەپنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇپ، مەغلۇب بولغىنىدىن كېيىن سۈلھىگە ئۆتۈپ، كلېممېرغا مەھكەم يېپىشىپ، تىزلىنىپ تۇرۇپ يالۋۇرىدۇ، كلېممېرنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەتمەنلىك بىلەن بويسۇنۇپ، كلېممېر بىلەن بىللە ئىنستىتۇت تازىلىقچىسىنىڭ ئىشكابىغا كىرىدۇ ... ھالبۇكى، مەجبۇرلاش بىلەن سۈلھى قىلىش، تىزگىنلەش بىلەن تىز پۈكۈشتىن جىنسىي مۇھەببەت ئۇچقۇندىمايدۇ، ئىككىلەننىڭ شۇ قېتىمقى ھاپىلا- شاپىلا ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئىشى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، مۇھەببىتىمۇ ھاپىلا- شاپىلا يىغىشتۇرۇلىدۇ. ئەرلىك كەچۈرمىشىدىكى مەغلۇبىيىتىدىن پەيدا بولغان نومۇستىن، يەنە كېلىپ ئېرىكانىڭ ھاقارىتىدىن غەزەبلىنىپ ئۆزىگە بەس كېلەلمەي قالغان كلېممېر قاراڭغۇ كېچىدە ئېرىكانىڭ ئۆيىگە كېلىپ، زورمۇ- زور ئىشىكنى ئاچقۇزۇپ قوپاللىق بىلەن زورلۇق قىلىدۇ. روماننىڭ ئاخىرىدا ئېرىكا كلېممېردىن ئۆچ ئالماقچى بولۇپ، مۇزىكا كېچىلىكىگە ئۆتكۈر تىغ ئېلىپ بارىدۇ، كلېممېرنى كۆرگىنىدە بولسا گاڭگىراش ئىچىدە نىيىتىدىن يېنىپ، ئۆتكۈر تىغنى ئۆزىنىڭ بىلىكىگە تىقىدۇ. بۇ روماننى يېلىنېكنىڭ كۆپلىگەن ئېسىل ئەسەرلىرىنىڭ ئالدى دېيىشكە بولىدۇ، يېلىنېك ئۆزلۈك جىنسىي قاندۇرۇش، ئۆزلۈك جىنسىي خورلاش، خىيالەن جىنسىي شادلىنىش، باشقىلارنىڭ كۆڭۈل خۇشى قىلىشلىرىنى ماراش، شۇنداقلا غەلىتە كۆيۈش قاتارلىق كىشىنى ھەيرانۇ ھەس قىلارلىق تەپسىلاتلار ئارقىلىق بىنورمال جىنسىي پسىخىكا چەكلەنمە رايونىغا دادىل قەدەم بېسىپ، روھى ئۇزاق مۇددەت تورمۇزلىنىپ ئۆتكەن ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئايالنىڭ زىددىيەتلىك تاشقى قىياپىتى بىلەن روھى دۇنياسىنى شۇ قەدەر ئەينەن زاھىر قىلىپ بېرىپ، مۇرەككەپ ئادىمىي خۇسۇسىيەتلەرنى كۆڭۈل كۆزى بىلەن كۆرۈپ يېتىش ۋە تەھلىل قىلىش ئۈچۈن ھازىرلىغان پىشقان مۇنەۋۋەر يازغۇچىغا خاس ئاجايىپ ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى. «پىئانىنو ئوقۇتقۇچىسى»دىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن شۇ ناملىق كىنو 54- نۆۋەتلىك گانا كىنو فېستىۋالىدا(The 54th Cannes Film Festival) ئۈچ تۈرلۈك كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئاشۇ بىر قانچە ئەسەردىن مەلۇمكى، ئېلفرېد يېلىنېك نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ھەرگىزمۇ تاساددىپەن ئېرىشىپ قالغان ئەمەس. يېلىنېك مۇنەۋۋەر يازغۇچىغا خاس ئۆتكۈر كۆزى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىغا، بەدىئىي تالانتىغا، ئاجايىپ تىل ماھارىتىگە تايىنىپ ئەدەبىيات ساھەسىدە قىرىق يىلغا يېقىن دەۋران سۈردى. ئەدەبىي ئىجادىيەتتە مول ھوسۇل ئېلىپلا قالماستىن ئوقۇرمەنلەر ۋە ئەدىبلەرنىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە مۇيەسسەر بولدى. 20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىن 2004- يىلىغا قەدەر يىگىرمە بىر تۈرلۈك مۇكاپاتقا، جۈملىدىن ھېنرىخ ھېينى مۇكاپاتى(Heinrich Heine Prize)، بېرلىن تىياتىر مۇكاپاتى(the Berlin Theatre Prize)، ھېنرىخ بول مۇكاپاتى(Heinrich Böll Prize) ۋە نېمىس ئەدەبىياتى بويىچە ئالىي مۇكاپات بولمىش گېئورگى بۇچنېر ئەدەبىيات مۇكاپاتى(the Georg Büchner Prize) قاتارلىق تەسىرى زور بىر مۇنچە ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا، دراما مۇكاپاتىغا ۋە مۇھىم خەلقئارا مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.

ئېلفرېد يېلىنېك شۇنچە زور مۇۋەپپىقىيەتلەرگە ئېرىشكەن، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى تاجىنى كەيگەن، ئاۋستىرىيە تارىخىدا بۇ ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا بىرىنچى بولۇپ ئېرىشكەن يازغۇچى بولسىمۇ، دۇنيادا، بولۇپمۇ ئۆز ۋەتىنى ئاۋستىرىيىدە ئىنتايىن مۇنازىرە قوزغىغان شەخس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق مۇنازىرىگە قېلىشىدا ئاساسەن مۇنداق ئىككى تۈرلۈك سەۋەب بار:

بىرىنچى، يېلىنېك ئەنئەنىۋى ئەدەبىياتقا ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ھالەتلىرىگە مۇخالىپ ئىش تۇتۇپ، تىغ ئۇچىنى توغرىدىن- توغرا جىنسىيەت، زوراۋانلىق ۋە ئەر- ئاياللار باراۋەرسىزلىكى قاتارلىق تېمىلارغا قارىتىپ، كونىچە ئىجتىمائىي ئۆرپ- ئادەتلەرنىڭ ئىنسانىي خۇسۇسىيەتنى بۇرمىلاشتەك رادىكال ھادىسىلەرنى دادىللىق بىلەن ئەينەن يېزىپ، شۇ ئارقىلىق ئايال زاتىنىڭ ساختىلىق بىلەن تولغان ھازىرقى زامان تۇرمۇشىدىكى روھىي بېسىمىنى ۋە غەزەب- نەپرىتىنى بايان قىلىپ بەرگەن، شۇڭا ئەسەرلىرى ھەمىشە قويۇق شەھۋانىي تۈس ئالغان دەپ قارالغان، نۇرغۇن كىشى يېلىنېكنىڭ ئەسەرلىرىنى تىرنىقىغىمۇ تەڭ قىلمىغان، ھەتتا يېلىنېككە دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان كىشىلەر يېلىنېكنى ئالۋاستى سۈپەت سۈرەتلەپ، ئەسەرلىرىنى شەھۋانىي ئەسەر، چاكىنا ئەسەر، ئىلاھىيەتكە بىھۆرمەتلىك قىلىنغان ئەسەر دەپ ئەيىبلىگەن. ئىككىنچى، روشەن سىياسىي مەيدانغا ئىگە يېلىنېك ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئوچۇق- يورۇق بايان قىلىدۇ. «ئائىلە تارىخىم تۈپەيلىدىن زىممەمگە ئېغىر مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يېتىمەن» دېگەن ئىدى يېلىنېك، «ھاكىممۇتلەقلىق خائىشلىرىنى بايقىساملا چۇقان كۆتۈرمەي تۇرالمايمەن». يېلىنېك جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىگە ھەمىشە يېقىندىن دېققەت قىلىپ ۋە شىددەتلىك تەنقىد ياغدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئۇچىغا چىققان ئىسيانكارانە خاسلىقىنى ھەر زامان نامايان قىلىپ تۇرىدۇ، شۇڭا شىددەتلىك ھۇجۇمدىن خالىي بولالمىغان. ئاۋستىرىيىدىكى ئوڭ قانات پارتىيىلەر «يېلىنېككە تۇرامسەن مەدەنىيەتكىمۇ» دېگەن تەشۋىقات شوئارىنى توۋلاپ، خەلقنى يېلىنېكنىڭ ئەسەرلىرىنى چەكلەشكە قۇتراتقان ئىدى.

ۋاھالەنكى، ئېلفرېد يېلىنېك ئۆزىگە تۇتۇلغان دەستە- دەستە گۈللەر ئالدىدىمۇ، ئۆچمەنلىك بىلەن پەسلەشتۈرۈپ قىلىنغان شىددەتلىك ھۇجۇملار ئالدىدىمۇ ئوخشاشلا ئۆزىنى تەمكىن تۇتتى، ئۇ ئەنە شۇنداق ھەم قەيسىرانە ئىسيانكار خاسلىققا، ھەم ئادەتتىكى كىشىلەرگە خاس روھىي ھالەتكە ئىگە ئايال زاتى. «مەن بىرەر كىم ئۈچۈن يازمايمەن، پۈتۈنلەي ئۆز خائىشىم بويىچە يازىمەن» دەيدۇ يېلىنېك. كىشىلەرنىڭ تەقدىرلىشى ياكى تەنقىدلىشىدىن قەتئىينەزەر، شۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيىسىدىكى باھالاش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بۇنىڭلىق بىلەن مەڭدەپ قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ رىئايە قىلىدىغىنى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ «غايىۋىيلىققا باي ئەڭ نادىر ئەسەر»لەرنى مۇكاپاتلاشتەك باش مەقسىدىدىن ئىبارەت. ئېلفرېد يېلىنېكنىڭ زور مۇۋەپپىقىيىتى ۋە شۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيىسىنىڭ توغرا تاللىغانلىقى تارىخ تەرىپىدىن ئىسپاتلانغۇسى. "L"

پايدىلانغان ماتېرياللار:

توختى مەھمۇد ئەلائى تەرجىمىسى، 2004- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى - ئېلفرېد يېلىنىك،خەنزۇچە «تەرجىمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2005- يىللىق 1- سانىدىن