Jump to content

ئەجداد روھىدىن ياتلاشقان ئۇيغۇرلۇقنىڭ قىسمەتلىرى

ئورنى Wikipedia

ئەجداد روھىدىن ياتلاشقان ئۇيغۇرلۇقنىڭ قىسمەتلىرى

(1)

مۇستەملىكە ئاستىدا ياشاپ تۇرۇپمۇ ئۆزىنى خىتاي گىراژدانى كۆرۈپ ياشاش، ئىشغالچى ھاكىمىيەتنى گويا ئۆز دۆلىتى سىياقىدا كۆرۈپ مۇئامىلە قىلىش، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ تۈرلۈك ئۇسۇللاردا قۇلىقىمىزغا قۇيۇپ كەلگەن تەلقىنلىرىنى مەركەزگە ئالغان ئاساستا كەلگۈسى ئۈچۈن پىلان تۈزۈش، بېرىلگەن سۈنئىي ئىمتىيازلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ كېلەچەك تەسەۋۋۇرلىرىمىزنى ئاشۇ تەلقىنلەرنىڭ شەكىللەندۈرمىلىرى ئاساسىدا قۇرۇپ چىقىش، سۈنئىي ئارزۇ - ئارمانلارغا باغلىنىپ كۈن كەچۈرۈشكە ئادەتلىنىش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن قان - تەر تۆكۈش، ئۆمۈر سەرپ قىلىش قاتارلىقلار ئاسارەتلىك تارىخىمىزنىڭ بۈگۈنكى تىراگېدىيەلىرىنى قەدەممۇقەدەم ھازىرلاشقا، گۆرىمىزنى ئۆز قولىمىز ئارقىلىق باسقۇچمۇباسقۇچ كولاشقا سەۋەب بولغان تارىخىي بىخۇدلۇق، غاپىللىق ۋە خاتالىقلىرىمىز جۈملىسىدىن دېيىشكە بولىدۇ. «جۇڭگو پۇقراسى»، «ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى»، «دۆلەت كادىرى» قاتارلىق تەۋەلىك ئاتاق ۋە ئەمەل - مەنسەپ ناملىرىنى، شۇنداقلا گىراژدانلىق چۈشەنچىسىنى تەشكىل قىلغۇچى ئىسىم - ئاتالغۇلارنى ئىشلەتكەن، بىراۋدىن ئاڭلىغان ياكى تىلغا ئالغان چاغلىرىمىزدا ۋۇجۇدىمىزغا پاشا چاققانچىلىك سىگنال ياكى تەسىر پەيدا بولماس ھالغا كېلىپ قېلىشىمىز بۇنىڭ تىپىك ئىپادىلىرىندۇر.

 ئەسىرلەر مابەينىدە شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنىڭ ئىگىدارچىلىقىنى قىلىپ كەلگەن، ھەر تۈرلۈك ناپاك قوللارنىڭ بۇ زېمىننى دەپسەندە قىلماسلىقى، زالىم تاجاۋۇزچىلارنىڭ بۇلغىماسلىقى ئۈچۈن قان كېچىپ جان بېرىپ كەلگەن ئەسلىي خوجايىنلىرى بولۇشىمىزغا قارىماي يەكلىنىشنى ھار ئالماس بولۇپ قالغانلىقىمىز، ئىرقچى سىياسەتلەرنى ئاتالمىش «ئاكا مىللەت»نىڭ بىزگە يول قويغىنى دەپ چۈشىنىدىغان، يەنە كېلىپ نوپۇس سانىمىز ئاققۇن خىتايلاردىن مۇتلەق كۆپ ساننى تەشكىل قىلىپ كەلگەن تۇرۇپ يېڭى زامان مۇستەملىكىچى كۈچلەرنىڭ ئىشغالىيىتى ۋە سۈمۈرۈشى ئاستىدىكى ئېتنىك خەلقلەرگە ئىشلىتىدىغان «ئاز سانلىق مىللەت» دېگەندىن ئىبارەت لەنەتگەردى تامغىدىن، ھاقارەتلىك قالپاقتىن ئازراقمۇ بىزارلىق ھېس قىلمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىمىز، نەچچە ئون يىللاپ قۇلاق تۈۋىمىزدە قوڭغۇراقتەك چېلىنىپ تۇرسىمۇ، قەدەمدە بىر كۆزىمىزگە پۇتلىشىپ، توقماق بولۇپ پېشانىمىزگە ئۇرۇلۇپ تۇرسىمۇ بىر تال مويىمىزنى يۇلغانچىلىك زېھنىمىزگە رېئاكسىيە قىلماي ياشاپ كەلگەنلىكىمىز قاتارلىقلار يۇقىرىقىدەك بىخۇدلۇق ھالىتىمىزنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى، زامانىۋىلاشقان زېھنىي قۇللارغا ئايلىنىش دەرىجىمىزنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشتا ئەينەك بولغۇچى مىساللاردىندۇر. روھىي ھالىتىمىزنىڭ مۇستەملىكىچى دۇنيانىڭ سۈنئىي ھاۋاسىغا بۇ دەرىجىدە ماسلىشىپ كېتىشى، شۇنداقلا زېھنىي ئاتموسفېرامىزنىڭ ئومۇم ھاۋا كىلىماتىنىڭ سۆزلۈك ۋە كەلىمىلىرى بىزگە ئائىت بولغان، ئەمما مەنە ۋە مەزمۇنى مۇستەملىكىچىلەرگە ئائىت بولغان چۈشەنچىلەر ئاساسىدا تەڭشىلىپ كەلگەنلىكى بولسا، دەرۋەقە، مىللىي روھىمىزنىڭ شالغۇتلاشتۇرۇلغانلىقى، ئەجداد روھىنىڭ پۈتۈنلەي بۇلغانغان ھالىتى بويىچە ئېڭىمىزغا سىڭدۈرۈلۈپ كەلگەنلىكى، مەنە - قىممەت دۇنيايىمىزنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنىڭ تونۇغۇسىز ھالدا بۇزۇۋېتىلگەن شەكلىدە سۇنۇلۇپ كەلگەنلىكى، ھەمدە مىللىي مەپكۇرە ۋە مەدەنىيەت تىلىمىزنىڭ ساپلىق ۋە تەبىئىيلىكنى يوقىتىپ ئەبجەش ۋە ئەبجەقلەشتۈرۈلگەنلىكى قاتارلىق بىر قاتار زەنجىرسىمان ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلەنگەن. مانا بۇ زەنجىرسىمان ئامىللار نوقۇل ھالدا بىزنىڭ ئىش - ھەرىكىتىمىز، يۈرۈش - تۇرۇش ۋە مۇئامىلە ئەخلاقىمىزغا قەدەر تەسىر كۆرسىتىپ قالماستىن، يەنە بىزنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىمىزغا، ئەقلىي ۋە روھىي ئىدراكىمىزغا، ئاڭ فۇنكسىيەلىرىمىزگە قەدەر تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى ۋە كەلمەكتە. بالىلىقىمىزدىن تارتىپ جەمئىيەتكە چىقىش دەۋرىمىزگە قەدەر ئەتراپىمىزغا سايىدەك چاپلاشتۇرۇپ قويۇلغان قاتمۇقات كونتروللۇقلار، ھالقىپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن ئىجاد قىلىنغان سۈنئىي چېگرا - توسۇقلار ئىسيان قىلىش ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش روھىمىزنى ئۆلتۈرۈپلا قالماي، يەنە تەڭرىنىڭ يارىلىشىمىزدىن بىزگە ئاتا قىلغان تەبىئىي قابىلىيەت ۋە تالانتلىرىمىزنى كەشىپ قىلىش ئىقتىدارىمىزنىمۇ كاردىن چىقاردى. فىترەتكە قارىتىپ قويۇپ بېرىلگەن ۋىرۇسلار تەسىرىدە ۋۇجۇدىمىز ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن شۇنداق بىر قورشاۋغا ئېلىندىكى، قەپەستە بېقىلغان قۇش مىسالى كۆنۈكتۈرۈلگەن قەپەسكە ئىنتىلىش، ئۇنىڭ ئەتراپىدىن ئۇزاقلىيالماس، ئۇنىڭ ئەتراپىغا قۇرۇلغان سۈنئىي مۇھىتتىن چىقىپ كېتەلمەس، كۆنۈكتۈرۈلگەن ئادەتتىن ۋاز كېچەلمەس، سېزىپ بېرىلگەن سۈنئىي ھۇدۇدلاردىن بۆسۈپ ئۆتەلمەس، ئەتراپىدىن نېرى كېتەلمەس، ياساپ ۋە ياماپ يۈرۈپ تۈزۈپ بەرگەن شالغۇت تارىختىن باشقىنى ئەسكە ئالالماس، خائىن بىلەن قەھرىماننى پەرق قىلالماس، پەرق قىلساقمۇ سىڭدۈرۈلگەنلىرىمىزدىن ۋاز كېچەلمەس ھالغا كېلىپ قالدۇق.

(2)

دەرھەقىقەت، ئۆزلۈكىمىز ئۆز قولىمىزدا قۇرۇلمىغانلىقى سەۋەبلىك ئۆزىمىزنى تېپىش ئىستىكىمىز چاغلىق بولدى. ئاسارەت قەپىسىگە سەرەمجانلاشتۇرۇلغان كەچمىش بىز ئۈچۈن تارىخ، ئۇنىڭدا ياساپ چىقىلغان خىيانەتلىك كەچمىشنىڭ جاۋابكار ئاكتىيورلىرى قەھرىمان، بەرپا قىلىنغان ئۆزلۈكىمىزدىن ياتلاشتۇرغۇچى ياشام تەرزلىرى ۋە شالغۇت كۈلتۈرلەر بولسا، بىز ئۈچۈن مەدەنىيەتلىك ھايات، دىندارچە تۇرمۇش ھېسابلىنىپ كەلدى. «ھۇدۇدلارنى بەلگىلىگەن ئات قويار»، «چېگرانى سىزغان ئىسىم بېرەر»، دېگەن تارىخىي تەجرىبىگە بىنائەن كەچمىش مەدەنىيەت تارىخى بىلەن، بولۇپمۇ مىللىي كىملىكى پۈتۈنلەنگەن دەۋرلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈپ تاشلانغان سۈنئىي مىللەت ياساپ چىقىش، كونترولى ئاستىدىكى خەلقنى يېقىنقى زامان تارىخى بىلەن باغ قۇرالماس ھالغا كەلتۈرۈۋېتىش پىلانلانغان يېڭى زامان كولونيالىزم پىروجىلىرى تۈپەيلى شالغۇت مەدەنىيەت يارىتىش، شالغۇت زېھنىيەتكە، شالغۇت قانغا ئىگە يېڭى ئەۋلاد نەسىللەرنى كۆپەيتىش توختاپ قالمىدى. نەتىجىدە ئاسارەت قەپىسىگە تىقىلغان چاغدا قويۇلغان مىللەت ئاتىقىمىزدىن تارتىپ ئۇنىڭدا بىخلىنىپ ياشارغان ئاسارەتلىك كۈلتۈرىمىزگىچە ھەر نەرسىمىز ئۇلارنىڭ ئىستىكى بويىچە ئەمەلىيلىشىپ كەلدى. نەتىجىدە ئات قويۇش چاغلىق ھەققىمىزمۇ ئۆز قولىمىز ۋە ئىختىيارلىقىمىزدا بولمىدى. مىللىي كىملىك داستىخىنىمىزمۇ ئەجداد ۋارىسلىرىنىڭ بايراقدارلىقىدا ئىختىيار قىلىنغان بويىچە ئەمەس، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئىستىكى بويىچە راسلاندى. «سېنىڭ ئەسلىڭ مۇشۇ، مىللىتىڭنىڭ ئىسمى مۇشۇ، تارىخىڭ مۇشۇ، ئەجدادىڭ مۇشۇ، دىنىڭ مۇشۇ دەپ قولىمىزغا تۇتقۇزۇلغان سۈنئىي كىملىك، توقۇلما تارىخ ۋە شالغۇت مىللىيلىك گويا تۇغۇلغاندا ئەزان توۋلاپ قويۇۋېتىلگەن، لەۋھۇلمەھپۇزدىن كۆچۈرۈپ ئېلىنغان مۇقەددەساتتەك ۋاز كېچىلمەس ئەڭگۈشتەرلىرىمىزگە ئايلاندۇرۇۋېتىلدى. ھەتتا بىزنىڭ بۈگۈنكى مۇجادىلىمىزنىڭ زور بىر قىسمىمۇ مەزكۇر ئەڭگۈشتەرگە ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن سۈنئىيلىكلەرنى مۇھاپىزەت قىلىش يولىدا داۋام قىلىپ تۇرماقتا. جاھاندا بۇنىڭدىن ئۆتە ئەخمەق قىلىنىش، بۇنىڭدىن ئۆتە نومۇس، بۇنىڭدىن ئۆتە شەرمەندىچىلىك، بۇنىڭدىن ئارتۇق خورلۇق بولسۇنمۇ؟

يىغىپ ئېيتقاندا قولغا كەلتۈرگەنلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئارىمىزدىن چىققان يۇمشاقباش داھىيلارنىڭ، يېتىشتۈرۈلگەن باش بولغۇچىلارنىڭ، كېرىكى قالمىغاندا ئۆلتۈرۈپ قېنى مۇقەددەسلەشتۈرۈلۈپ تىكلەنگەن سۈنئىي قەھرىمانلارنىڭ قولىدا بەربات قىلىنىش بىلەن تەڭ مىللىي خاتىرىمىزنىڭ يۇيۇلۇش قەدىمى تېزلەشتى. خاتىرىمىز يۇيۇلغانچە ياتلارنىڭ سەپسەتىلىرى ھەقىقەتلىرىمىزنىڭ ئورنىنى تېزلا ئىگىلەشكە باشلىدى. ئۇنتۇلدۇرۇش پىروجىلىرى ھەقىقەت تارازىمىزنى ئوڭتەي - توڭتەي قىلىپ تاشلىدى.

ھەقىقەت ۋە سەپسەتە توقۇنۇشقاندا، ئۇدۇملاشقاننى ئەمەس ھەقىقەتنى تاللاشقا بۇيرۇيدىغان، ھەتتا ئەزان توۋلاپ قويغان ئىسىممۇ ھەقىقەتكە، توغرۇلۇققا ئۇدۇل كەلمىگەندە ئۇنىڭدىنمۇ شەرتسىز ۋاز كېچىشكە ئۈندەيدىغان، ھەقىقەتكە ئۇيغۇن ئىسىم تاللاشقا تەرغىب قىلىدىغان بىر دىننىڭ مەنسۇپلىرى بولۇشىمىزغا قارىماي  مۇستەملىكە دەۋرىمىزدە ئادالەت تارازىمىزدا تاسقىماستىن، ھەقىقەت سۈزگۈچىمىزدىن ئۆتكۈزمەستىن نېمىنى بىخلاندۇرۇپ نېمىنى ياشارتقان بولساق، نېمىنى مىراس ئېلىپ نېمىنى تەرك قىلغان، نېمىنى خىللاپ نېمىنى شاللىغان بولساق، نېمىنى ئەسلەپ نېمىنى ئۇنۇتقان بولساق، ھەممىنى شۇ پېتىچە بۈگۈنىمىزدىن باشلاپ باقىۋەندىلەشتۈرۈش خىيالى ھايات نىزامنامىمىز بولۇپ قالدى. بۇ ئورۇندا شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرمەك كېرەك بولىدۇكى، كۆنۈككەننى باقىۋەندىلەشتۈرۈشنى ئەمەس، ھەقىقەتلىرىمىزنى ئىزدەشنى ۋە ھەقىقەت ئۈستىگە بىنا بولغان كىملىك قۇرۇشنى بۇرچ بىلگەن سۇتۇق بۇغرا روھى دۇچ كەلگەن تېڭىرقاقلىقىمىز ئالدىدا بىز ئۈچۈن توغرىنى تاللاشقا ئىشارەت، زۇلمەتلىك تۇيۇق يولىمىزنى يورۇتۇشقا شام - چىراغ بولالمىدى. ئەجداد روھى بىزگە كۈچ ۋە ئۈلگە مەنبەسى بولۇش ئورنىغا پەقەتلا كەمسىنىش پىسخىكىمىزنى تەسەللى تاپقۇزىدىغان ئاغرىق توختىتىش دورىسىغا، نەسىل - نەسەب ئىزدىگەندە تىلغا ئېلىنىدىغان ياغلىق قاپاققا ئايلىنىشتىن، مەغلۇبىيەتلەر بىلەن يۈزلىشىشتىن قېچىشتا سىغىنىدىغان غارنىڭ دەبدەبىلىك نام - شەرىپى بولۇشتىن ئۇيانىغا ئۆتمىدى. شۇنداق قىلىپ تۈركىستانىمىزدا بىنا بولۇپ قەد كۆتۈرگەن تۈركلۈك ئۇپۇقىمىزنى دۇنيا ئۇپۇقىغا كېڭەيتكەن مەھمۇد روھى، كۈلتۈرەل مىللىي ئاڭ خەرىتىمىزنى جاھانشۇمۇل مەدەنىيەت يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرگەن يۈسۈپ روھى، چەكلىك جۇغراپىيەگە خاس تىلىمىزنى چېگرا ھالقىغان بىر مەدەنىيەت ھاۋزىسىنىڭ ئورتاق تەپەككۇر تىلىغا ئايلاندۇرغان نەۋائىي روھى، پەلسەپەۋى ئىدىيە ۋە ئېتىقاد خەرىتىمىزنى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئىدىيە خەرىتىسىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرغان ماتۇرىيدىي روھى، ئىسلامىيەت تارىخىمىزنىڭ پەلسەپەۋى دۇنياسىنى دۇنيا پەلسەپە تارىخىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرغان فارابىي روھى بۇ مىللەتتە قايتا ئويغىنالمىدى. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىزىنى باسقان ھەمدە ئۆزلۈك قەدەرىيەتلىرىمىزنى تىل خەزىنىمىزگە پۈتكەن مەشرەپ ۋە زەلىلىيلەر، نەۋبەتىي ۋە خىرقەتىيلەر، مەۋلانا ئەرشىي، خاراباتىي ۋە موللا مۇھەممەد سادىق كاشغەرىيلەر بىز ئۈچۈن ئۈلگىلىك نامايەندە، سەلەفنىڭ ئىزىنى كۆكەرتكەن ۋە ياشارتقان خەلەفلەر بولماي قالدى. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئوبرازى بىز ئۈچۈن ئاتالمىش «زۇلمەتلىك» ۋە «جاھالەتلىك» دەۋر دەپ ئات بېرىلگەن زامانلاردا يەككە ياشاپ تەنھا ئۆلگەن، مۇنداقچە ئېيتقاندا تۆرىلىپ قالغان زامانىغا ئىسيان قىلىپ ئۆتكەن، ئۆزلىرىنى گويا زامانىغا خاتا كېلىپ قالغانلىقىدىن داتلاپ  ياشىغان ئىسيانكار سىيمالار بولۇشتىن نېرىغا ئۆتمىدى. ھالبۇكى، ئۇلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان بۇ دەۋرلەر مۇئەييەن سىياسىي تۇراقسىزلىقلارغا قارىماي مەدەنىيەت گۈلشەنى پۈركەلگەن، تۈركىستاننىڭ ئىلىم - مەرىپەت ھاۋزىلىرىغا تۇتاشقان ئېرفان بۇلاقلىرى قاينام - تاشقىنلىق ياراتقان دەۋرلەر بولغان ئىدى...

(3)

ھەر يۈكسىلىشنىڭ بىر چۆكۈش، ھەر كۈچلىنىشنىڭ بىر ئاجىزلىشىش دەۋرى بولغىنىدەك، 19 - ئەسىردە ھەرىكەتلىنىشكە باشلىغان يېڭى دۇنيا كولونىيالىزمىنىڭ خىرىسلىرى شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىدا غالىبىيىتىنى ئېلان قىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا موڭغۇل ئىستېلاسىدىن كېيىنكى ئىككىنچى چوڭ مەدەنىيەت كىرىزىسى دەۋرىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ قايتىدىن يېڭىلىنىش ۋە كىرىزىسقا ئەگىشىپ كېلىۋاتقان سىياسىي بوھرانلارغا قارشى تەييارلىق كۆرۈش سىگناللىرى ئىقلىم - ئىقلىملاردا سۈر مىسالى چېلىنىشقا باشلىغانىدى. بىزنىڭ ئىقلىمىمىز ئۈچۈن بەدۆلەت دەۋرى بۇ سىگنالغا قايتۇرۇلغان ئەڭ خەيرلىك جاۋاب بولسىمۇ سىياسىي مەۋجۇتلۇق ئىستىھكامىمىزنىڭ ئاخىرقى قەلئەسى بولغان كاشغەرىيەنىڭ تارمار قىلىنىشى مەدەنىيەت كىرىزىسىمىزدىن ھالقىتىپ مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىمىزنى تەھدىد سىزىقى ئىچىگە ئەكىرىپ قويدى. ئىدىيەۋى ئىسلاھات ۋە يېڭىلىنىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى چۈشىنىپ يەتكەن، تاشقى خىرىسنى ئۆتۈملۈك قىلغان ئىچكى يىمىرىلىشنىڭ جىددىي تۈردە ئىسلاھ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتكەن، شۇنداقلا زاۋاللىققا يۈز تۇتۇۋاتقان مىللىي روھنى ئەجداد روھىغا تۇتاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى، كېلىۋاتقان مەدەنىيەت خىرىسلىرىغا قارشى يېڭىچە ئىسلاھات ھەرىكىتى قوزغاش، مىللىي مەپكۇرە بىنا قىلىش ۋە سىياسىي بوھرانلارغا قارشى يېڭىدىن دۆلەتچىلىك سىستېمىسى بەرپا قىلىش زۆرۈرلۈكىنى چۈشىنىپ يەتكەن شەرقىي تۈركىستان مۇنەۋۋەرلىرى دۇنيا بويلاپ كېلىۋاتقان پالاكەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش يولىدا قولىدىن كەلگەن تىرىشچانلىقنى كۆرسەتتى. ھەزرەت تەجەللىي ۋە ئابدۇقادىر داموللامدىن باشلانغان، داموللا سابىت كاشغەرىي، زەرىف ئەلكاشغەرىي، ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي، قۇتلۇق شەۋقىي ۋە مۇھەممەد ئەمىن بۇغراغىچە ئارقا - ئارقا ئۇلىشىپ كەلگەن تالايلىغان نامدار ۋە نامسىز قەھرىمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلاھات ۋە جەدىدچىلىك كارۋىنى مىللىي مەۋجۇتلۇق قورغىنىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مۇھاپىزەتكارلىقىنى ئاخىرقى تىنىقىغا قەدەر قوغداشتا چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق ئەجدادقا تۇتاشقان ئەمما تىندۇرۇلۇشقا قاراپ كېتىۋاتقان يولنى ئېچىش، ئەۋلادتىن ئەجدادقا ئايلىنىش شەرىپىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە بۇ ئاساستا كەلگۈسىنى قۇرۇپ چىقىش ئۇرۇنۇشلىرى ئارقىلىق ئۆچمەس ئىز ياراتتى ۋە تارىخىي ۋەزىپىلىرىنى قان بىلەن، جان بىلەن ئادا قىلىپ دۇنيادىن كەتتى. ھالبۇكى بۇ ئىزنىڭ يارىلىش بەدىلى ئۇشبۇ ئىزنىڭ تىراگېدىيەلەر قوينىدا جەريان قىلىشنى شەرت قىلغان بولۇپ، مەزكۇر تىراگېدىيەنىڭ شەرت - شارائىتىنى شەكىللەندۈرگۈچى باش ئاكتىيورلىرى گاھ سىياسىي خاتالىقلارغا، گاھ مەپكۇرەۋى ئاسىيلىققا، گاھ خىيانەتلىك توزاقلارغا ئورتاق بولۇشتەك ۋە ھەتتا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن خىيانەتكارلار سېپىنىڭ ئىجراچىلىرى بولۇش ھەمدە ئۇنى ئىش - ئەمەلىيىتى بىلەن ئىسپاتلاش ئارقىلىق ئاسارىتىمىزنىڭ بۈگۈنىگە ئۇل - ئاساس بولىدىغان خىيانەتلىك تارىخنى بۈگۈنكىلەرگە مىراس قالدۇرۇپ قويۇشتى. قىسقىسى، شەرقىي تۈركىستان تۇپرىقىنىڭ سېپىل قورغانلىرىنىڭ تەسلىم قىلىنىشى، شۇنداقلا سىرتىدىن تېگىش قىلىپ ئەمەس، ئىچىدىن يىمىرىلىپ ئىشغال قىلىنىشىنىڭ ھېكايىسى ئۇشبۇ نامدار ۋە نامسىز قەھرىمانلارنىڭ ئىز يارىتىشىنى بەدەل قىلغان خىيانەتكار مىللىي مۇناپىقلارنىڭ سايىسىدە ئىمكانسىزلىقتىن مۇمكىنلىككە ئايلانغانىدى.

(4)

بىر مىللەتنى مەدەنىيەت يەڭگۈشلەشكە قىستاش ئۇ مىللەتنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا قىستاشقا باراۋەر. بۇ جەھەتتىن مەدەنىيىتىمىزنىڭ كۆكلەم زېمىنى بولغان دىنىمىزدا مەجبۇرلاش چەكلەنگەن، شۇنداقلا ئۆلۈۋېلىشنىڭ ھەر تۈرلۈك ۋارىيانتلىرىغا، ھەر تۈرلۈك ماددىي ۋە مەنىۋى زورلۇق ئىشلىتىشكە قارشى تۇرۇپ كەلگەن. ۋەھالەنكى ئاسارەتتىن كېيىنكى ھەر بەش - ئون يىلغا بىردىن باسقۇچلۇق تەقسىملەشكە بولىدىغان قەتلىئاملار، ھەر تۈرلۈك سۈنئىي قالپاقلار ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلار ئۆز زامانىسىدا چەتئەلگە چېكىنىش ئورنىغا شەرقىي تۈركىستان ئىچىدە قېلىشنى ئىختىيار قىلغان مۇنەۋۋەرلەرنى، بولۇپمۇ، ئىشغالدىن كېيىنكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى رەت قىلغان سەرخىللارنى، شۇنداقلا مىللىي ئارمىيەسى ۋە سىياسىي قارشىلىق كۆرسىتىش يولىنى تاللاش ئىمكانىيەتلىرى بار تۇرۇپ بىر پاي ئوق ئاتماستىن قورال تاشلاپ تەسلىم بولغانلىقنى ئىچىگە سىغدۇرالمىغان غۇرۇرلۇق جەڭگىۋارلارنى ھەمدە ئىشغالغا قارىتا ئىسيان قىلىش پوتېنسىيالىغا ئىگە بولغان نۇقتىلىق تەبىقىدىكىلەرنى نىشان قىلغانىدى. ئاتالمىش «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرىدە مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئۆز خەلقىگە ئېلىپ بارغان مەدەنىيەت يەڭگۈشلەش، كونىلىقنى تاشلاش دولقۇنى پارتلىشىغا ئەگىشىپ تىراكتورغا چېتىلغان كوزۇپ مىسالى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىمۇ بۇ خىل «كوللېكتىپ ئۇلىۋېلىش» ھەرىكىتىگە زورىغا سۆرەپ ئەكىردى. نەتىجىدە مىللىي مەدەنىيەت غولىغا ساقايتىش قىيىن بولغان چوڭقۇر جاراھەت ئېلىپ كەلدى. ئەمەلىيەتتىمۇ مەدەنىيەت ئامىلى نۇقتىسىدىن خىتاينىڭ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نى ئاتالمىش دەپ كەتكىلىمۇ بولمايتتى. چۈنكى بۇ ھەرىكەتنىڭ شوئارى ئىسمى جىسمىغا لايىق «ئىنقىلاب» بولغانىدى. بۇنداق دېيىشىمىز شۇ نۇقتىدىنكى، مەدەنىيەتتە ئىنقىلاب دېمەك، ئالدىنقى ۋەزىيەتتىكى بارچە ھالەتكە ئىسيان قىلىش، ئۇنىڭدىن پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ ئىككىنچى بىر ھالەت ياكى دەۋرگە يۆتكىلىش دېمەك ئىدى. خىتاينىڭ تىلىدا ئېيتىلغان كونىلىقتىن يېڭىلىققا كۆچۈش شوئارىدىمۇ مۇشۇ نۇقتىدىكى ئىنقىلاب كۆزدە تۇتۇلماقتا ئىدى. بۇ جەھەتتىن خىتاينىڭ مەدەنىيەتتە ئىنقىلاب قىلىشى  ئۆزلىرى دەۋا قىلىۋاتقان 5 مىڭ يىللىق مەدەنىيەت جۇغلانمىسىدىن ۋاز كېچىش، نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە دۇنيا قارىشىنى تەرك قىلىش دېگەنلىك بولۇپ، مەدەنىيەتتىكى بۇ خىل رادىكال كۆچۈش خىتاي ئۈچۈن كولونيالىزم دۇنياسىنىڭ يېڭى دىنلىرىدىن بىرى بولمىش ماركسىزمغا تولۇق كۆچۈشنىڭ تەييارلىقى بولغان ئىدى. يەنى مەدەنىيەت ئىنقىلابى تولۇق مەنىسى بىلەن خىتاي ئۈچۈنمۇ مىللىي كىملىكنى ئوتقا تاشلاپ ئۆزلۈكتىن ۋاز كېچىش، مىللىي نۇقتىدىن ئىنتىھار، يەنى «ئۆلۈۋېلىش» ھەرىكىتى بولغانىدى. مانا بۇ خىل ھەرىكەتكە مەجبۇرىي سۆرەپ تارتىلغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى 10 يىلغا سوزۇلغان شىددەتلىك باستۇرۇشلارغا، قىرغىنچىلىق، بۇزۇش، تۇتقۇن قىلىش، مېڭە يۇيۇش، قەدىرىيەتلىرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىش قاتارلىق قاتتىق ۋە يۇمشاق شەكىلدىكى تۈرلۈك باستۇرۇشلارغا، ھەمدە بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان تۈرلۈك - تۈمەن زورلۇق - زومبۇلۇقلارغا دۇچ كەلدى. مانا بۇ دەۋر خىتاينى ئىمپېرىيالىست زېھنىيەتنىڭ ئىجراچى تەقلىدكار قۇللىرىغا ئايلاندۇرغان بولسا، ئۇنىڭ قولىدا ئېزىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئەجداد ئېڭىنى سۇسلاشتۇرۇشنى، مەدەنىيەت ئىنقىلابىغىچە بولغان يېقىن ۋە يىراق كەچمىشىنى زور كۆلەمدە يۇيۇپ تاشلاشنى ئىشقا ئاشۇردى. سىرتقا قارىتا دەرۋازا تاقاش ئارقىسىدىكى پىلاننىڭ تەقەززاسى بويىچە مىللەت مىقياسىدا مىللىي روھنى تىرىك تۇتۇپ تۇرىدىغان، ئەجداد روھىدىن ئوزۇقلىنىشنى تەمىنلەيدىغان بارلىق ئىمكانىيەتلەر مىللەتتىن تولۇق بىر ئەۋلاد يىراقلاشتۇرۇۋېتىلدى.

ئاسارەتتىن كېيىنكى مىللىي خاتىرىنى يۇيۇش ئوپېراتسىيەلىرىنىڭ شىددەت بىلەن باش كۆتۈرگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ پىسخىكىلىق ئاقىۋەتلىرىنىڭ كىشىلىك روھىيەتتە قانداق داۋالغۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بۈگۈننىڭ كىشىلىرىنىڭ تەسەۋۋۇر قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە! چۈنكى، تېتىمىغان بىلمەيدۇ، مىڭ ئاڭلىغان بىر كۆرگۈچىنىڭ تەسەۋۋۇرىنى قىلالمايدۇ. مەزكۇر دەۋرنىڭ قاباھەتلىرىنى ئەمەلىيىتى بىلەن ياشىغان، مېڭە يۇيۇش ئوپېراتسىيەلىرىنىڭ مىللىي پىسخىكىغا كەلتۈرىدىغان ئاقىۋەتلىرىنى بىر كىشىلىك تېتىغان، مۇستەملىكىچىلەر پىروجىسىدىكى ئۇنتۇلدۇرۇش خۇرۇچلىرىنىڭ كىشىدە قانداق ئەكس تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئۆز تەجرىبىلىرىدىن بىلگەن ۋە شۇ دەۋرگە شاھىت بولغان مۇنەۋۋەرلىرىمىزدىن مەرھۇم ئاتاقلىق يازغۇچى زوردۇن سابىر شۇنداق يازغانىدى: «مەن كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىسام، بۇ چىغىر يول ماڭا نۇرغۇن ئىشلارنى ئەسلىتىدۇ − كۈيلىگەن ئارزۇلىرىم، نۇرلانغان شادلىقىم، كۆز يېشىم، كۈلكەم، قىممەتلىك ياشلىق... لېكىن ئۆز ھاياتىم توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىم ئاز. مەن بەزى يىللارنى ئەستە قالمايدىغان چىگىچ چۈشلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن بولسام، بەزى يىللارنى نەشە چېكىپ مەست بولغان ئادەمدەك شېرىن خىيال ياكى غەپلەت ئۇيقۇسى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئوخشايمەن. ئادەملەرنىڭ ھەممىسىلا شۇنداقمۇ، سەن بۇنى بىلەمسەن؟ لېكىن، مەن نېمىلا بولسۇن، ئۆزۈم بېسىپ ئۆتكەن مۇساپە توغرىسىدا ئۈنچىلىك كەڭ، توغرا چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە ئەمەسمەن».

ئۇ يەنە 60 – يىللاردىن كېيىنكى داۋالغۇشلۇق كەچمىشلىرىنى سۈرەتلەپ مۇنداق يازىدۇ: «مەن ئۇ يىللاردا نارازىلىق، بۇرۇقتۇملۇقلىرىمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن نېمىلەرنى ئويلىدىم، نېمىلەرنى دېدىم، نېمىلەرنى قىلدىم؟ بۇلارمۇ يادىمدا يوق. يادىمدا بىرلا تومتاق خۇلاسە قالغانىكەن: دەۋر سېنىڭ لازىملىقىڭنى بەرمىسە، سەن ئۇنى ھەرگىز ئالالمايدىكەنسەن. بۇ چۈشەنچە غايىسىز، بىلىمسىز، ئەخلاقسىز تەڭتۈشلىرىم ئەتىۋارلىنىپ ئۆزۈمگە ئوخشاشلار خارلانغانلىقى ئۈچۈن پەيدا بولسا كېرەك. ئۈمىدلىك، غايىلىك يىگىتتىن چۈشكۈن، گۇمانخور، دەۋر بىلەن قارشىلاشقۇچى بىر جىمىغۇرغا ئايلىنىش مېنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ھايات يولۇمدىكى بىر چوڭ بۇرۇلۇش. بۇ ئەگرى سىزىقنى ئۆز قولۇم بىلەن سىزدىم. لېكىن سىزىشنى ئىختىيار قىلدىم دېگەندىن كۆرە، سىزىشقا مەجبۇر بولدۇم، دېگىنىم تۈزۈك».

ئۇ يەنە مەدەنىيەت ئىنقىلابى ھەرىكىتى دەۋرىنىمۇ تەسۋىرلەپ مۇنداق يازغان: «مېنىڭ ھايات يولۇمدىكى ئەڭ ئەگرى، ئەڭ چۈشىنىكسىز سىزىقلار مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى بولغان يىللار. مەن ئۇ يىللاردا بەزىدە نېمە ئۈچۈن تۇغۇلدۇم، نېمىگە مىدىرلاپ يۈرۈۋاتىمەن؟ دېگەندەك سوئاللارغىمۇ جاۋاب تاپالمىغانىدىم. ماڭا ئۆزۈمنىڭ ئەڭ ئالىي تىلەكلىرىمنى تەقدىم قىلماقچى بولغان ئوقوغۇچىلىرىمنى ماڭا تاش - چالما ئېتىشقا مەجبۇر قىلغان يىللارنى ئەسلىمەك بىر ئازاب. مەن ئۆزۈمنىڭ ئادەم ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمىگەن چاغلىرىممۇ بولغان. مەن جىن ئالۋاستىلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن، ھەتتا ئۇلاردىن مېھىر - شەپقەت تىلىگەن. مەن قورقۇشنى، زارلىنىشنى ئۇنتۇغان، ھەممىدىن نەپرەتلەنگەن...». (زوردۇن سابىرنىڭ: «مەن بېسىپ كېلىۋاتقان مۇساپە ۋە ئىزدىنىش» ناملىق خاتىرىسىدىن).

شۇنداق قىلىپ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن ئىبارەت كوللېكتىپ ئىنتىھار (ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش) دەرىجىسىدە سانىلىدىغان بۇ قەبىھ ھەرىكەتنىڭ دەرۋەقە غايەت زور دېڭىزدا كېتىۋاتقان كېمىنى ئەتەي تېشىۋېتىشكە ياتىدىغان بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرغان خىتاي دەرھال بۇ كېمىنى قانداق قۇتۇلدۇرۇش كويىغا چۈشتى. نەچچە ئەسىر داۋاملىشىپ كەلگەن مەدەنىيەت ئىزلىرىنى توختاۋسىز يۇيۇپ تاشلاش، ئوتقا سېلىپ كۆيدۈرۈشلەردىن ساق قالغانلىرىنى قالغانچە ساقلاشقا تىرىشسىمۇ خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇنۇشلىرى نە ئۇنى ئەسلىگە قايتۇرالىدى ياكى ئەسلىگە تۇتاشقان يولغا يېڭى بىر سەھىپە ئاچالىدى. شالغۇتلىشىشتىن باشقا چارە يوق ئىدى. يېڭى دۇنيا سىستېمىسىدا يەرشارىغا تىكلەنگەن ئىككى چوڭ لاگېرنىڭ بىرى بولمىش سوتسىيالىزم لاگېرى خىتاينىڭ ئورگانىك چىن كۈلتۈرىنى ئۇلارنىڭ ئۆز قولىدا يىمىرىپ تاشلاپ نىسپىي شالغۇتلاشتۇرغان بولسا، شەرقىي تۈركىستان خەلقى مەزكۇر شالغۇتلاشقان ھاكىمىيەتنىڭ ۋە ئورگانىكلىققا دۈشمەنلىك خاراكتېرىنى ئالغان مۇستەملىكىچىنىڭ قولى بىلەن سۈنئىي كىملىك، سۈنئىي مىللەت ۋە رايون - چېگرالارنى قۇرۇپ چىقىش پىلانىنىڭ تەجرىبە ئوبيېكتىغا ئايلاندى. پۈتۈنسۈرۈك ئاسسىمىلياتسىيەلەشتۈرۈش پىروجىلىرى شىددەت بىلەن ۋابا دەرىجىسىدە ئومۇملاشتى. مەزكۇر پىروجىنىڭ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دىن كېيىنكى ئاستا خاراكتېرلىك ھالىتىدىن شىددەتلىك تېزلىككە قاراپ مېڭىشىغا، يوشۇرۇنلۇقتىن ئاشكارىلىققا ئۆتىشىگە قەدەر سوزۇلغان ۋە بۈگۈنكى قىسمەتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بۇ نەچچە ئون يىللىق داۋالغۇشلۇق مۇساپە مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ جىمى ھۈجەيرىلىرىگە تېگىش قىلىش ئارقىلىق بۈگۈنىمىزنىڭ شەكىللىنىشىگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ،  ھەر تۈرلۈك ئۇسۇلدا يۆنەلدۈرۈپ ھەمدە رىياسەتچىلىك قىلىپ كەلدى ۋە كەلمەكتە.

خاتىمە

ئۆزلۈكنى تېپىش ۋە ئۆزلۈك ئىدراكىنى قۇرۇش دەۋرىنىڭ سىياسىي بۇرۇقتۇرۇملۇقلىرى ئارىسىدا ئېزىقىپ يۈرۈشكە خاتىمە بېرىشنىڭ، تىراگېدىيەلىك قىسمەتلەر بوھرانىدا چىقىش يولى تېپىشنىڭ تۇنجى قەدىمىدۇر. شۇنداقلا ياتلاشقان ۋە ياتلاشتۇرۇلغان ھەمدە يولىنى ۋە غايىسىنى ئۇنتۇغانلار تائىپىسىدىن سۇغۇرۇلۇپ ئويغاقلار ئالىمىگە قەدەم بېسىشنىڭ، كۆنۈكتۈرۈلگەنلەردىن ۋاز كېچىپ سۈنئىي تەلقىنلەرنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇشنىڭ، ئۇنتۇلدۇرۇش خۇرۇچلىرىنىڭ تەسىرلىرىدىن تازىلىنىپ قايمۇقتۇرۇلۇشقا قارشى جەڭ ئېلان قىلىش ۋە تېڭىرقاقلىققا خاتىمە بېرىشنىڭ يولىمۇ ئۇشبۇ ئۆزلۈكنى كەشپ قىلىش، ئەسلىنى تېپىشتىن باشلىنىدۇ. ئىتالىيەلىك مەشھۇر يازغۇچىلاردىن دانتى (Dante Alighieri)نىڭ «خالىساڭ، ئەسلى - ۋەسلىڭ ئۈستىدە ئويلان، چۈنكى سەن دۇنياغا ھايۋاناتلاردەك ياشاشقا كەلمىدىڭ»، دېگەن سۆزلىرىدىمۇ بۇ نۇقتا ئەكس ئېتىلگەندۇر. دەرۋەقە، ئۆزلۈكنى تېپىش ۋە نېمە ئۈچۈن ياشاش كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىككى تۇتقا يىللاردىن بېشىمىزغا مۇسەللەت بولۇپ كەلگەن تېڭىرقاقلىقنى چۆرۈپ تاشلاشنىڭ، ھايۋاناتلار كەبى سۈر توقاي ئىچىدە سۆرۈلۈپ كېتىۋاتقان مەنىسىزلىك پاتقىقىدىن قۇتۇلۇشنىڭ، ھاياتقا ياشاشقا ئەرزىگۈدەك بىر غايە تىكلەشنىڭ، مەۋجۇتلۇقىمىزغا قىممەت ياراتقۇدەك بىر مەنە ئاتا قىلىشنىڭ ئۇل - ئاساسىدۇر. سۇتۇق بۇغرا، ئالىپ ئارسلان، نىزامۇلمۈلك ۋە يۈسۈپ خاسلار روھى ئۆزلىرىگە مىراس بولۇپ كەلگەن غايىسىز ۋە مەنىسىز جاھانگىرلىك روھىنى ئادالەت يېيىشنى بۇرۇچ قىلغان بىر ئۇلۇغۋار غايىگە ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئەجداد ئوبرازىنى تىكلىگەن، تۈركلۈك روھىنى يۈكسەكلىككە، ئۇلۇغۋارلىققا كۆتۈرگەن ئىدى. نەتىجىدە ئۇلار شانلىق يولنىڭ يولۇچىلىرى بولۇش ئارقىلىق ئۆزىگە خاس بىر مەدەنىيەتنىڭ قۇرغۇچى ئەجدادلىرىغا، تۈركىي ئەجداد ئەنئەنىسىنى ياشناتقۇچى فاتىھلارغا ئايلاندى. ئۇلار يەنە بۇ روھ ئارقىلىق ساماۋى غايىنىڭ يەر يۈزى ئىجراچىلىرى بولۇشتەك ئۇلۇغۋارلىق ئەنئەنىلىرىنى كېيىنكىلەرگە مىراس قالدۇرغان بولسا، ئۇلاردىن كېيىنكى ئەمىر تىمۇر، سۇلتان سەئىد، ئابدۇرەشىد ۋە خوجا جىھان ئەرشىگە ئوخشاش ئىزباسار ئەجدادلار بۇ روھنى ئەبەدىىيلىككە تۇتاشتۇرۇشنى، ئۇچقۇننى گۈلخانغا، گۈلخاننى بولسا يەر يۈزىنىڭ ھەرقايسى ئىقلىملىرىدىكى  قەلئەلەر چوققىسىدا لاۋۇلداپ يېنىپ تۇرغۇچى مەشئەللەرگە ئايلاندۇرۇش يولىدا كۈرەش قىلغان، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ «ئادالەت ھامىيلىرى» بولۇشتەك بۈيۈك شەرەپنى قولغا كەلتۈرگۈچىلەر بولغانلىقىنى ئەمەلىي ئىش - ئىزلىرى ئارقىلىق تارىخ بەتلىرىگە قادىغان ئىدى. مانا بۇ شانلىق فەتھىلەرنىڭ زەنجىرسىمانلىشىشى تۈركىستاننىڭ جىمى ئىقلىملىرىنى ئىستىقلال ۋە ئىستىقبال چىنارلىرىنى مۇستەھكەملىگۈچى ئۇل - يىلتىزلارغا ئىگە قىلغان، تۈركلۈك ئوچىقى بولۇش سالاھىيىتىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد مۇھاپىزەت قىلىپ ۋە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى. ئەپسۇسكى، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىچكى توقۇنۇشلارنىڭ تىنجىماسلىقى، مەدەنىيەتتە تەدرىجىي يىمىرىلىشكە دۇچ كېلىشى ۋە تاشقى خىرىسلارنىڭ ئىچ بىلەن ئۆزئارا ماسلىشىپ كېتىشى ئۇشبۇ ئەجداد روھىنىڭ مىللەت ئېڭىدىن ئۆچۈرۈلۈشىگە زېمىن ھازىرلاپلا قالماستىن ئۇلارنىڭ سالغان ئۇل - ئاساسلىرىنىمۇ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇشقا يول ھازىرلاپ بەردى.

كۈنىمىز قىسمەتلىرىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشىگە قارىغىنىمىزدا، دەرۋەقە بۇ قىسمەتلەر ئارقىسىدا ئەجداد روھىنىڭ خىرەلىشىشى، ئۇلارنىڭ مېھنەتلىك قوللىرىدا سېلىنغان ئۇل - ئاساسلارنىڭ يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىنىش سۇيىقەستلىرىگە دۇچ كېلىشى، ئەقلىي ۋە مەنىۋى مىراسلىرىنىڭ ئىگە چاقىسىز قالدۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ مۇھىم ئورۇن تۇتقانلىقى مەلۇم. ئەگەر بۇ روھنى قايتۇرۇپ كېلىشنى، يىلتىز - ئاساسىمىزنى مۇستەھكەملىگۈچى غولنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى، ئەقىل ۋە ھېكمەت خەزىنىلىرىگە ئىگە چىقىشنى ئىختىيار قىلساق، سەمىمىي مەنىدە ئەسلىمىزنى تېپىشنى خالىساق، ياكى دانتى ئېيتقاندەك ئۆزىنى كەشىپ قىلىش ئىستىكى ئۆلگەن، ئۆزلۈك ئېڭى دەردى بولمىغان «ھايۋاناتلاردەك» ياشاشنى بەس قىلىشقا بەل باغلىساق، شۈبھىسىزكى بىزنىڭ ئۆزىمىزنى، ئۆزلۈكىمىزنى  پەرق ئېتىشنى، ئەسلىمىزنى تېپىشنى كوللېكتىپ ۋەزىپە قىلىشىمىز، سوغۇققانلىق ۋە تەمكىنلىك بىلەن ئۆزلۈكنى كەشىپ قىلىش يولىغا ئاتلانمىقىمىز زۆرۈر. خۇددى قۇرئان تەلىملىرىدە ئەكس ئەتكىنىدەك، بىر ياندىن سىياسىي ھېسابلىشىش، زۇلۇمغا قارشىلىق ۋە ئادالەت يولىغا ئاتلىنىش سەپەرۋەرلىكى ئۈزۈلمەسلىكى، يەنە بىر ياندىن مۇستەملىكە دەۋرىمىزنىڭ بارلىق سۈنئىي تەلىماتلىرىغا، قايمۇقتۇرغۇچى تەلقىنلىرىگە، جەلپكار شوئارلىرىغا، تېڭىلما ئىدىيەلىرىگە جەڭ ئېلان قىلىش ۋە پارچىلانغان ئىچ دۇنيايىمىزنى بىرلەشتۈرۈپ مىللىي قۇرۇلمىمىزنى پۇختىلاش سەپەرۋەرلىكى قانات يايمىقى لازىم. مانا بۇ مىللىي مەۋجۇتلۇق كۈرىشىمىزدە بېسىپ ئۆتۈلمىسە بولمايدىغان جىددىي قەدەم، قىلىنمىسا بولمايدىغان تەخىرسىز زۆرۈرىيەتلەردىندۇر.

دەرۋەقە، ھەر نەرسىمىزنى بىر ئارىدا تۇتۇپ تۇرغۇچى تىل ۋە دىل بىرلىكىمىز بۇزۇلغان، ئائىلە – جەمەتىمىز تىرىپىرەن ھالغا چۈشۈپ قالغان، مەسجىد ۋە قۇببىمىز پارچىلاپ تاشلانغان، ۋەتەننى ۋەتەن قىلغان مىللىي قەدەرىيەتلىرىمىز دەپسەندە قىلىنىپ جىمى نەرسىمىز بېشىمىزغا كۆمتۈرۈلگەن بۇنداق بىر زاماندا ئاسارەتنىڭ مەنىۋى تاقاقلىرىنى چېقىپ تاشلاش، ماددىي چەكلىمىلىرىدىن بۆسۈپ چىقىش ئۈچۈن كەشىپ سەپىرىگە چىقىش، ئۆمۈر ئىسراپچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغان ساغلام بىر چىقىش يولى ئىزدەش خۇسۇسىدا باش قاتۇرۇش نۆۋەتتە مىللەت سۈپىتىدە قىلىشقا تېگىشلىك ئاۋۋاللىق بۇرچىمىز بولۇپ قالدى. بۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى قەدىمى بولسا، ئالدى بىلەن كۆنۈكۈپ كەتكەن زېھنى قۇللۇق باغلىرىدىن بوشىنىش، ئاسارەت ئەپسۇنلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىغۇچى بىر ئويغىنىش ھەرىكىتى قوزغاش، بىر بەرپاچىلىق ئېقىنى ئىنشا قىلىشتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىزنى گويا ئۆمۈچۈك تورى كەبى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ھەر تەرەپلىمە ئەسىرى قىلىپ كېلىۋاتقان، ئېتىقاد ۋە قىممەت قاراشلىرىمىزدىن يۈز ئۆرۈتۈپ جاھالەت تورىغا ئوراپ تاشلاۋاتقان ياتلىشىش تىپىدىكى جىمى باغلاقلاردىن تەرەددۇدسىز بوشىنىشقا، مەدەنىيەت تىلىمىز بىلەن ئىپادىلىگەندە پەيغەمبەرانە يول بولمىش «ئۇممىيلىشىش» سەپىرىگە ئاتلىنىشقا ئېھتىياجىمىز بار. شۇنداقلا ئۇشبۇ پەيغەمبەر يولىدىن فەيز ئالغان، ھەمدە بۇ فەيزدىن بەھرى ئېلىپ تۈركلۈك روھىغا جان بەرگەن، شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن يېڭى بىر مەدەنىيەت ئويغىنىشى، يېڭى بىر ھاياتلىق ئېقىنى ئېلىپ كېلىش بىلەن ئۆچمەس تارىخ ياراتقان سۇتۇق بۇغرا روھىغا، يەنى ئەجداد روھىغا ئېھتىياجىمىز بار.


-بۇرھان مۇھەممەد

مەنبە: ئاپتورنىڭ «ئاسارەت ئەپسانىلىرى بىزگە نېمە دەيدۇ» ناملىق ئەسىرى