ئەختەم ئۆمەر

ئورنى Wikipedia

ئەختەم ئۆمەر، 1962-يىلى مەكىت ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1981-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتۈرگەن. ئۇ ئىلگىرى _ كېيىن بولۇپ يېزا ئىتتىپاق كادىرى، قەشقەر شەھەرلىك رادىيۇ ئىستانسىنىڭ دىكتورى، ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات _ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ كەسپى يازغۇچىسى، تەڭرىتاغ كېنو ئىستودىيەسى، شىنجاڭ ناخشا _ ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ سىنارىستى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن. 2008-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىن تاللانما»، «قۇرۇتلاپ كەتكەن كۆل»، «ئاھ، رەھىمسىز دەريا»، «قانلىق جىلغا»، «سەھەرنىڭ قىممىتى»، «يىراق قىرلاردىن ئانا يۇرتقا سالام»، «يىگانە ئارال» (ئىككى قىسىم)، «ئۆزۈڭگە ئىشەن»، «غېرىپ ـ سەنەم» قاتارلىق پوۋېست ـ ھېكايىلەر توپلاملىرى، رومانلىرى بار.

ئۇنىڭ «ئاھ، رەھىمسىز دەريا» ناملىق كىتابى، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى بويىچە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا، «قۇرۇتلاپ كەتكەن كۆل» مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى بويىچە<<تۇلپار>> مۇكاپاتىغا، «تارىم» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «نۇرتاي ھاجى» ناملىق دىراممىسى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە مۇنەۋۋەر دىرامما مۇكاپاتىغا، «چىن مۇھەببەت» ناملىق تېلۋېزىيە ـ تىياتىرى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە «بەش بىر قۇرۇلۇشى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئايرىم ھېكايىلىرى بىرنەچچە قېتىم «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا نائىل بولغان.