ئەخمەتجان مامۇت

ئورنى Wikipedia

كىنو تەرجىمە سېپىدىكى تۇنجى ئەۋلاد تۆھپىكار _ ئەخمەتجان مامۇت ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان شىنجاڭنىڭ كىنو فىلىم تەرجىمە ئىشلىرىغا ئۆز تۆھپىسىنى قوشۇۋاتقان ، ئېكران كەينىدىكى تۆھپىكارلار ئىچىدە شىنجاڭنىڭ تۇنجى ئەۋلاد تەرجىمە فىلىم ئاۋاز ئارتىسلىردىن بىرى بولغان يولداش ئەخمەتچان مامۇت ئۆز تۆ ھپىسى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ.


ئۇ 1954 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ھازىرغىچە كىنو ساھەسىدە، جۈملىدىن 1958 - يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە 36 يىل تەرجىمە فىلىملىرىگە ئاۋاز بېرىش سېپىدە ھارماي - تالماي جەڭ قىلىپ كەلدى .

ئەخمەتچان مامۇت 1936 - يىلى قەشقەرنىڭ ئوپالدا تۇغۇلغان 1948 - يىلى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىرىپ ، 1951 - يىلى 1- ئايدا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ « جەنۇبىي تىيانشان گېزىتى » ( ھازىرىقى « قەشقەر گېزىتى ») ئىدارىسىگە نابورجىك بولۇپ كىرگەن . 1954 - يىلى گۇما ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا ئالتە ئاي خىزمەت قىلىپ ، كېيىن گۇما ناھىيىلىك كىنوخانىدا مېخانىك بولغان . 1956 -يىلى ئۈرۈمچىگە كىنو مېخانىكلىرىنى تەربىيىلەش كۇرىسىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا كېلىپ ، شۇ مەزگىلدە ئېچىلغان كىنو ئاكتيورلىرىنى يېتىشتۈرۈش كۇرىسىدا ئوقۇغان .1957 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئاكتيورلار كۇرسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق دراما ئۆمىكىگە تەقسىملىنىپ ، شۇ يىللاردا ئوينالغان « غىرىپ -سەنەم » درامىسىدا ئابدۇللا شاتىرى رولىنى ئويناپ چىققاندىن سىرت ، يەنە «غۇنچەم »، « گۈلنىسا»، « ئارشىن - مال ئالان » درامىلىرى ۋە شېكىسپىرنىڭ « گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق» دېگەن درامىسىدا رول ئالغان . 1958 - يىلى 5 - ئايدا شىنجاڭ كىنو ستۇدىيىسى (ھازىرقى تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسى ) گە يۆتكىلىپ ،شاڭخەي تەرجىمە كىنۇ ستۇدىيىسىگە ئۈچ يىللىق ئوقۇشقا بارغان .

ئەخمەتچان مامۇتنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان كىنولارغا ئاۋاز بېرىش ھاياتى مانا مۇشۇنىڭدىن ئېتىبارەن باشلانغان بولۇپ شاڭخەيدە ئوقۇغان مەزگىلدە ، ئەڭ بۇرۇب ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلنىغان « دېڭىز ئەرۋا ھى »، « پارتىيە قىزى »، « خىيسەن تېغىدىكى زەربىدارلىق ئۇرۇشى »، « ليۇباۋدىكى ھېكايە »، « نەيلىك ناخشا » ، « تۈرمىدىكى غەزەپ ئوتى»، « يېرىم كېچىدىكى سوغۇق » ، « جىمجىت ئورمانلىق »، « تۆمۇر يول پارتىزانلىرى » ، « ئۇچقۇچىلار مۇسابىقىسى »قاتارلىق ئون فىلىمىگە ئاۋاز بېرىشكە قاتنىشىپ ، بۇ فىلىملەردە باش رول ۋە ئاساسىي روللارغا ئارۋاز بەرگەن . غەيرەت - شىجائىتى تازا ئۇرغۇپ تورغان ،يەنىمۇ كۆپلىگەن فىلىملەرگە ئاۋاز بېرىش ئالدىدا تۇرغاندا ، شۇ ۋاقىتتا مەملىكەت مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ،بىر - بىرىگە ئۇلىنىپ كەلگەن سىياسىي ھەرىكەتلەر تۈپەيلىدىن ، كەسىپداشلىرى بىلەن بىللە شىنجاڭغا سىياسىي ھەرىكەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن قايتۇرۇپ كېلىنگەن.ئۇ شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن. 1958- يىلى 10- ئايدىن باشلاپ باشتىن - ئاخىرى تەڭرىتاغ كىنو ستۇديىسىنىڭ تەرجىمە فىلىم بۆلۈمىدە ئىشلەپ ، 1996 - يىلى 1 -دەرىجىلىك ئارتىس ئۇنۋانى بىلەن دەم ئېلىشقا چىقتى .

ئۇ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان « قەھرىمانىڭ جاسارىتى » فىلىمىدە ئازادلىق ئارمىيە رازۋېدكا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى زىڭتەي، « مەڭگۈ ئۈزۈلمەس رادىئو دۇلقۇنى» فىلىمىدە پارتىيىمىزنىڭ يەرئاستى رادىستى لى شيا، « خۇيزۇ خەلق قوشۇنى » دا باش قە ھرىمان مابىنزەي، « قىزىل ئاياللار قوشۇنى » دا خوڭ چاڭچىڭ قاتارلىقلارنىڭ ئاۋازىنى بىرىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى . 1965 -يىلى زاڭزۇلار تۇرمۇشىدىن ئىشلەنگەن ھېكايە فىلىم « نوڭنۇلار » دا ئۇنىڭغا ئەكسىيەتچى لاما تۇدىڭ گېگەننىڭ ئاۋازىنى بېرىش تەقسىم قىلىندى . بۇ ئۇ شۇ چاغقىچە تۇنجى قېتىم يولۇققان، چۈشىنىش تەس بولغان بىر پېرسوناژ ئاۋازى ئىدى . « بۇددا دىنى را ھىبلىرنىڭ خاراكتېرنى قانداق ئېچىپ بىرىش، ھېسىسىياتىنى قانداق ئىپادىلەش كېرەك ؟ ئۇنىڭ ئالدىغا باش قاتۇرۇشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە بولۇپ قويۇلدى . بۇ چاغدا ئۇ دەر ھاللا داڭلىق كومېدىيە ئارتىس ئەمەت ئۆمەرنىڭ ئېسىگە ئېلىپ ، بۇ پېشقەدەم ئۇستازدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ باردى . ئەمەت ئۆمەر ئۇنىڭغا خارەكتېر يارىتىش جەھەتتىكى تەجرىبىلىرنى قىزغىنلىق بىلەن سۆزلەپ بەرگەندىن سىرت ، جەمئىيەتتىكى دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ھەرىكىتنى كۆزىتىشنى تەۋسىيە قىلدى ، ئەخمەتچان مامۇت بۇ پېشقەدەم ئارتىسنىڭ كۆرسەتكىنى بۇيىچە جەمئىيەتنى ئارىلاپ ،ئاخىر بۇ فىلىمدىكى ئەكسىيەتچى لامانىڭ ئاۋازىنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەردى .

ئاپەتلىك ئون يىلدا ئۇمۇ زىيانكەشلىكنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىپ رىيازەت چەكتى.

1976 - يىلىدىن كېيىن ئۇ ئاۋاز بېرش زالىغا قايتىدىن كىرىپ ، « ئىگىلىك يارىتىش»، « دوختۇ بېتيۇن» ، « قارا ئۈچ بۈرجەك » قاتارلىق نۇرغۇن فىلىملەرگە ئاۋاز بەردى . بولۇپمۇ ئۇنىڭ «سەرگەردان »فىلىمىدىكى راگونات ،يۇگۇسلاۋىيە فىلىمى « كۆۋرۈك » تىكى پارتىزانلار باشلىقى يولۋاسقا بەرگەن ئاۋازى تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇلدى

ئەخمەتچان مامۇت 1981 - يىلدىن باشلاپ رەسمىي ھالدا ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان فىلىمىلەرنىڭ رېژىسسورى بولۇپ ئۆزى بىۋاسىتە « تويلىشىش سۈرىتى » ، « تۇمانلىق شەھەر »، «پەۋقۇلئادە سالاھىيەتلىك ساقچى ئەمەلدار »، « شىجياجۇاڭنى ئازاد قىلىش »، « مەخپىي بۆلۈم ھەرىكەتتە»، « يېشىل ياقۇتلۇق تۇمار» ، « ھىجران يېشى» ، « فاڭ شىيۈي» ، «تەييار تاپنىڭ يېڭى تەرجىمىھالى»، « جىنايەتنىڭ باش - ئاخىرى »، « (فرانسىيىنىڭ) ، « ئالتۇن قازغۇچىلار پىرى» ، «خىسلەتلىك ئۆرمە چاچ »، « تىنچسىز قۇمباغ » ، « شياۋلىن ئۆسمۈرلەر گۇمپىسى » ، « ئالوڭنىڭ قانلىق ئېلىشىشى» قاتارلىق 60 قا يېقىن فىلىمنىڭ ئاۋاز رېژىسسورلۇقىنى ئۆتىدى ۋە مۇھىم روللارغا ئاۋاز بەردى

ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ئېكرانغا يۈزلىنىپ ، «ئىككى ئەۋلاد»، يىراقتىكى ئۇچقۇنلار »، « يول باشلغۇچى»، « غىرىپ - سەنەم »، « تىنچسىز قۇمباغ »، ئېمىي كىنو ستۇىيىسى ئىشلىگە تۆت قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى « جەسەت ساندۇقنىڭ سىرى» قاتارلىق كىنو تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئالدى

ئۇ رېژىسسورلۇق قىلغان «تەييار تاپنىڭ يېڭى تەرجىمىھالى» فىلىمى 1985 - يىلى سېنتەبىردە ئاپتونوم رايون بويىچە ئېچىلغان « ئاز سانىلق مىللەتلەر تىلىغا تەرجىمە قىلىش خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكىتىپ ، ئىلغار شەخىسلەر ۋە مۇنەۋۋەر تەرجىمە فىلىملەرنى مۇكاپاتلاش يىغىنى »دا مۇنەۋۋەر تەرجىمە فىلىمى مۇكاپاتىغا ، ئۆزى ئىلغار شەخىس مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولدى .

شىنجاڭ كىنو فىلىم تەرجىمە سېپىدىكى تۇنجى ئەۋلاد تۆھپىكار ھېسابلانغان ئەخمەتچان مامۇت 1958 - يىلىدىن 1996 - يىلى دەم ئېلىشقا چىققانغا قەدەر 500 دىن ئارتۇق فىلىمگە ئاۋاز بېرىپ ، شىنجاڭ كىنو تەرجىمىچىلىكى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى ، ئۇ ھازىر گەرچە سالامەتلىكى دېگەندەك ياخشى بولمىسىمۇ ، يەنىلا كىنو تەرجىمە خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە .

ئۇ ھازىر جۇڭگو كىنوچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، جۇڭگو كىنوچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى 1- دەرىجىلىك تەرجىمە فىلىم رېژىسسورى [1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]