Jump to content

ئەخمەت ئىمىن ئەسەرلىرىدىن

ئورنى Wikipedia

ئەخمەت ئىمىن ئەسەرلىرىدىن


ئادىمىيلىك  بۇرچ  


ئالدىمىزدا ئىككى يول تۇراتتى، مەن ئوڭ تەرەپتىكى يولنى تاللىدىم، ئۇ سول تەرەپنى كۆرسەتتى. مەنمۇ جاھىل، گېپىمدە چىڭ تۇردۇم. مەن:

- ئۇنداق بولسا ئىككىلىمىز بىلگەن يولىمىزدا ماڭايلى، - دېدىم. ئۇ كۈلدى ۋە:

- ياق، سەن بىلەن بىللە ماڭاي، - دېدى.

كېتىۋاتىمىز، كېتىۋاتىمىز، بىز چۈشكەن ئۆي كۆرۈنىدىغاندەك ئەمەس... ئۇ ماڭا قاراپ كۈلدى ۋە كەينىگە بۇرۇلدى. مەن ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدىم. ئۇزۇن ماڭمايلا بىز چۈشكەن ئۆيگە يېتىپ كەلدۇق. مەن خىجىللىق ئارىلاش ئۇنىڭغا:

- سېنىڭ تاللىغان يولۇڭ توغرا تۇرۇپ نېمىشكە مېنىڭ كەينىمدىن ماڭدىڭ؟

ئۇ مۇنداق جاۋاپ بەردى:

- مېنىڭ كەينىڭدىن ماڭغىنىم خاتالاشقانلىقىڭنى ئۆزۈڭگە تونۇتۇش؛ ئۆزۈمنىڭ يولىغا كېتىۋەرمىگىنىم، توغرا يولغا سېنىمۇ بىللە ئېلىپ مېڭىش. دوستىنى ياكى سۆيگۈنىنى ئازغۇن يوللارغا سېلىپ قويۇش ئادىمىيلىك بۇرچ  ئەمەس.


بۈركۈتنىڭ كۈلكىسى

دالىدا كېيىكنىڭ چىرىپ كەتكەن بىر تاپى ياتاتتى . قاغا-قۇزغۇنلار ئولىشىپ كېلىپ تاپنىڭ گۆشىنى يېيىشكە باشلىدى . ئۇلار ئۆزىچە مەززە قىلىپ ، ھەتتا تاماقلىرىنىمۇ چاكىلدىتىپ كەتتى .

كۆكتە ئەگىپ يۈرگەن بۈركۈت ئۇلارنىڭ ھالىغا كۈلدى :

- ھەيرانمەن ، ئۆزى يىقىتمىغان كېيىكنىڭ قانچىلىك لەززىتى باركىن ؟!

1991-يىلى 4-ئاي


باي ۋە گاداي

روھى گاداي باي — گاداي باي .

روھى باي گاداي — باي گاداي .

1997-يىلى 5-ئاي


دوستۇمغا

     تەشتەكتىكى گۈلنى دورىما ، دوستۇم . ئۇ باشقىلارنىڭ ھىممىتىدىن ئايرىلسا سولىشىپ تۈگەيدۇ .

     تاشنى يېرىپ چىققان ئۇرۇقنى ئۈلگە قىل ، دوستۇم . ئۇ ئۆز-ئۆزىنى يارىتىدۇ .

1991-يىلى 11-ئاي


ئىزدىنىش

     گۈزەللىك ۋەسلىگە يېتىش ئۈچۈن مەھلىيالىق دەرياسىدا تاھىردەك ئاقىمەن . لېكىن ، مېنىڭ ئىزدەيدىغىنىم زۆھرەنىڭ ۋەسلى ئەمەس . ئىزدەيدىغىنىم ، ھاياتلىق ئېقىنىدا ئاز-ئازدىن ئۇچرىغان گۈزەللىكلەرنىڭ غايىۋى مۇجەسسەملىكى .

1991-يىلى 3-ئاي


ئىنسان خىتابى

     كۈندۈز قۇياشىم بىلەن يورۇق ، كېچە قاياشىم بىلەن يورۇق .

     ئەل ئالدىدا دائىم بولسىلا يۈزۈم يورۇق ، بۇ ئۆمرۈم بولار پارلاق ، ئۆلسەم ھەم گۆرۈم يورۇق .

1991-يىلى 11-ئاي


بۇلبۇلنىڭ جاۋابى

     مەن بۇلبۇلدىن سورىدىم :

     — تۈن بويى گۈلنى چاقىرىپ توختىماي سايراپ چىققانىدىڭ ، ئەمدى ئۇ ئويغانغاندا سايرىماي توختاپ قالدىڭغۇ ؟

     — ئويغانغانلارنىڭ قۇلاق تۈۋىدە سايراۋېرىشنىڭ ھاجىتى يوق ، - دېدى بۇلبۇل جاۋاب بېرىپ ، - مېنىڭ ۋەزىپەم غەپلەتتىكىلەرنى ئويغىتىش .

1999-يىلى 9-ئاي


خار ۋە ئەزىز

     سەن ئۆزۈڭگە تېگىشلىك بولمىغان نەرسىنىمۇ تالىشىسەن ، شۇڭا سەن غالىب .

     ئۇ ئۆزىگە تېگىشلىك نەرسىنىمۇ ئۆتۈنىدۇ ، شۇڭا ئۇ مەغلۇپ .

     لېكىن ، سەن غالىبلىقىڭ بىلەن خار ، ئۇ مەغلۇپلۇقى بىلەن ئەزىز .

1991-يىلى 11-ئاي


شەپەرەڭ ۋە پەرۋانە

     شەپەرەڭ قاراڭغۇنى سۆيۈپ ياشاشنى خالايدۇ .

     پەرۋانە نۇرنى قۇچاقلاپ ئۆلۈشنى خالايدۇ .

1999-يىلى 10-ئاي


ئارزۇ

     مەن كۈچلۈكنىڭ قولىدا زاكون تايىقى بولۇپ قېلىشتىن كۆرە ، ئاجىزنىڭ قولىدا ھاسا بولۇشنى خالايمەن .

1999-يىلى 10-ئاي


ئۆزگىنى كۆرسىتەر ، ئۆزى كۆرۈنمەس

     ئۆزى كېسەلمىسىمۇ ، پىچاقنى كېسەلەيدىغان قۇدرەتكە ئىگە قىلغان تاش .

     ئۆزى ماڭمىسىمۇ ، پۇتنى توغرا يولدا ماڭغۇزغان باش .

     پىچاق تاشسىز ھامان كېسەلمەس .

     ئاياغ باشسىز ھامان كېزەلمەس .

1999-يىلى 9-ئاي


ھاياتلىق دۇنياسى

     ئا: مەن ھاياتلىق دۇنياسىنى پايانى يوق چوڭ سەھنىگە ئوخشىتىمەن .

    ب: توغرا ، تاماشىچىلىرىمۇ ئۆزىمىز ، ئارتىسلىرىمۇ ئۆزىمىز .

     ئا: مەسىلە كىمنىڭ قانداق رول ئېلىشىدا   رولنى قانداق ئېلىشىدا ، شۇنداقمۇ ؟

     ب: شۇنداق ، لېكىن ھاياتلىق دۇنياسىنىڭ سەنئەت سەھنىسىدىن تۈپ پەرقلىنىدىغان يېرى ، ئۇنىڭ تەبىئىيلىكىدە ، ئۇنىڭ ھېچقانداق رېژىسسورنىڭ ئىرادىسىگە بېقىنمايدىغانلىقىدا !

2003-يىلى 6-ئاي


قىز — كىتاب

     سەن كىتابقا ئوخشايسەن ، سۆيۈملۈك قىز ، خۇددى مەيدەمگە تېڭىۋالىدىغان كىتابقا .

     راست ، سەن كىتابقا ئوخشايسەن ، سېھىرلىك قىز ، كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇمىسا ، تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان كىتابقا !

2003-يىلى 6-ئاي


سۇۋادان تېرەك ۋە بۆلجۈرگەن

     سۇۋادان تېرەك : مەن شۇنچە بۈيۈك قەد كۆتۈرۈپ تۇرىمەن . سەن يەردىن باغرىڭنى ئالالمايسەن . نېمىشقا كىشىلەر ساڭا ئېگىلىدۇ-يۇ ، ماڭا گىدىيىدۇ ؟

     بۆلجۈرگەن : سەن بۈيۈكتە بولغىنىڭ بىلەن مېۋىسىز ، مەن تۆۋەندە بولغىنىم بىلەن مېۋىلىك .

1984-يىلى 12-ئاي


 سۆڭەكتىن زۇۋان

     مەن باشقىلار غاجاپ تاشلىۋەتكەن سۆڭەكنى قولۇمغا ئالدىم . سۆڭەكتىن ئۇشتۇمتۇت زۇۋان كەلدى :

     — ئەي ئىنسان ، مېنى تاشلىۋەت ، مەن سېنىڭ ئەمەس ، ئىتنىڭ رىزقى .

1984-يىلى 12-ئاي


ماڭا يول قويۇڭلار

     سەن چايناپ بەرگەن ناننى يەۋېرىپ زېرىكتىم ، ئاپا ، ئۆزۈمنىڭ چايناپ يېيىشىگە يول قوي .

     قولۇمدىن يېتىلەپ مېڭىشىڭدىن تويدۇم ، دادا ، ئۆزۈمنىڭ مېڭىشىغا يول قوي .

     چۈنكى ، ناننى چاينىيالايدىغان ، يولنى تاپالايدىغان بالىنى ئارتۇقچە ئاياش ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىك ، شۇنداقلا ئۇنى كەمسىتىش بولىدۇ .

1990-يىلى 10-ئاي


چېقىن ۋە ئاي

     چېقىن : مەن چېقىلسام كېچىنى سەندىن ئۆتە يورىتىۋېتىمەن . لېكىن ، كىشىلەر نېمە ئۈچۈن سېنى :《تۈننىڭ چىرىغى》دەيدۇ-يۇ ، مېنى دېمەيدۇ ؟

     ئاي : چۈنكى ، سېنىڭ يورۇقۇڭ بىردەملىك ، مېنىڭ ئەبەدىي .

1984-يىلى 12-ئاي


چېچىلاڭغۇلۇق ۋە بىرلىك

     — ئەي قۇم ، سېنى بورانلارنىڭ ئۇچۇرۇپ كېتىشى نېمىلىكتىن ؟

     — چېچىلاڭغۇلۇقتىن .

     — ئەي تاش ، بورانلاردا مەزمۇت تۇرۇشۇڭ نېمىلىكتىن ؟

     — بىرلىكتىن .

1984-يىلى 12-ئاي


ئۈنچە ۋە ئۇرۇق

     — مەن يەرگە چۈشۈپ كەتسەممۇ قىزلار تېرىپ بوينىغا ئېسىۋالىدۇ . سېنى بولسا ، تاغاردىن ئېلىپ يەرگە چاچىدۇ ، قارا ، زادى قايسىمىز بەختلىككەنمىز ؟ - دېدى ئۈنچە ئۇرۇققا گىدىيىپ تۇرۇپ .

     — سەن ئۆزگىنىڭ بوينىدا ساڭگىلىغىنىڭچە پارقىراپ تۇرۇۋېرىسەن ، مەن بولسام يەرنىڭ تېگىدىن ئۆسۈپ چىقىۋېرىمەن . قېنى ، ئېيتقىنا ، مېنىڭ مېۋىلىرىمنى قىزلار مەڭزىگە ياققىنىدا سەن بەختلىكمۇ ، مەن بەختلىكمۇ ؟

1984-يىلى 12-ئاي


قىش قۇياشى

    ئۆزى گۈزەل بولسىمۇ مېھرى سوغۇق ، ھەرقانچە نۇرلانسىمۇ تەپتى ئوچاقتىكى چوغچىلىك يوق .

1991-يىلى 9-ئاي


مايمۇن ئويناتقۇچىنىڭ جاۋابى

     مەن مايمۇن ئويناتقۇچىدىن :

     — مايمۇننى ئۇسسۇلغا سالالايدىغانلىقىڭنىڭ كارامىتى نەدە ؟ - دەپ سورىدىم .

     — كارامىتىم ، - دەپ جاۋاب بەردى مايمۇن ئويناتقۇچى ، - سول قولۇمدىكى كەمپۈت بىلەن ئوڭ قولۇمدىكى قامچامدا .

1991-يىلى 10-ئاي


ئەجەبا …

     ئەجەبا ، ۋىسالنىڭ ئالتۇن ئوردىسىغا كىرمەك ئۈچۈن ، ھىجران بالاسى تېمىپ تۇرغان ئاي پالتىلار بىلەن ھەسەت يالاسى يالتىراپ تۇرغان نەيزىلەر چاپرىسىدىن ئۆتمەكلىك شەرتمۇ ؟!

1991-يىلى 10-ئاي