ئەدەبىيات توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە
ئەدەبىيات توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە
بارلىق پەنلەر ئومۇملاشتۇرۇلۇپ تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، جۇغراپىيە قاتارلىق پەنلەر تەبىئىي پەنگە كىرىدۇ.
ئىجتىمائىي تۇرمۇش، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرگە، كىشىلەرنىڭ ئىدىيە، كۆز قاراشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئەدەبىيات، سەنئەت، تارىخ، سىياسەت قاتارلىق پەنلەر ئىجتىمائىي پەنگە كىرىدۇ.
ئەدەبىيات، گۈزەل سەنئەت (رەسىم)، مۇزىكا، ئۇسسۇل، ھەيكەلتىراشلىق، بىناكارلىق... قاتارلىق پەنلەر ئومۇملاشتۇرۇلۇپ سەنئەت ئىلمى دەپ ئاتىلىشىدا ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى، ئەكس ئەتتۈرۈش ئوبيېكتى، ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىكى ئوخشاشلىق ۋە ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىدىن تاشقىرى، جەمئىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىكى ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاشلىقى نەزەردە تۇتۇلغان. ئەمدى ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئىلىم ھېسابلىنىشىدا بىر - بىرىدىن كەسكىن پەرقلىنىدىغان، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى ئاساس قىلىنغان. دېمەك، ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ تىل ئارقىلىق ئوبراز يارىتىپ، ئىجتىمائىي رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇڭا ئەدەبىيات تىل سەنئىتى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇلۇغ يازغۇچى ماكسىم گوركى: «ئەدەبىياتنىڭ بىرىنچى ئامىلى تىل، ئەدەبىي ئەسەرلەردە تىل ياردىمى بىلەن ئوبرازلار، تىپلار، خاراكتېرلار يارىتىلىدۇ. تىل ياردىمى بىلەن رېئال ۋەقەلەر، تەبىئەت مەنزىرىلىرى ۋە تەپەككۇر جەريانلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ» دېگەنىدى. سەنئەتنىڭ باشقا تۈرلىرى – گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا، ئۇسسۇل، ھەيكەلتىراشلىق ۋە بىناكارلىق سەنئىتى قاتارلىقلاردا بولسا، رەڭ، سىزىق، تاۋۇش، رىتىم، ئاھاڭ، ھەرىكەت، مېتال، ياغاچ، تاش قاتارلىق ئۆزلىرىگە خاس ۋاسىتىلەر ياردىمى بىلەن ئوبراز يارىتىلىپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ.
ئەدەبىياتنىڭ تىل سەنئىتى دەپ ئاتىلىشى ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەرەققىياتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. ئەڭ دەسلەپكى ئەدەبىي ئەسەرلەر تىلنى قورال قىلىپ شەكىللىنىشكە باشلىغاندىن تارتىپ، ئىنسانلار مەدەنىي ھاياتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشى ئىنسانلار مەدەنىي ھاياتىنى بېيىتتى، بۇنىڭ بىلەن ئەدەبىيات تەرەققىي قىلىپ، ئۇنىڭ تىلى ئومۇمىي خەلق تىلىدىن پىششىقلانغانلىقى، ئۇقۇمدارلىقى، كۆركەملىكى بىلەن پەرقلىنىدىغان بولدى، سەنئەتلىك ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك ھالدا روشەنلەشتى. نەتىجىدە، مەخسۇس ئەدەبىي ئەسەر تىلى گۈزەل تىل سۈپىتى بىلەن سەنئەت سەۋىيىسىگە كۆتۈرۈلگەن تىل بولۇپ قالدى.
ئەدەبىيات ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئوبراز ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئاڭ فورمىسى (شەكلى) بولۇپ، ئىجتىمائىي رېئاللىقنىڭ كىشىلەر مېڭىسىدىكى ئىنكاسىنىڭ مەھسۇلى. ئۇ رېئال تۇرمۇشنى تىل ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىپادىلەپ، كىشىلەرگە گۈزەللىك تەربىيىسى ۋە ئىدىيىۋى تەربىيە بېرىدىغان تىل سەنئىتى.
ئەدەبىيات باشقا پەنلەرگە قارىغاندا ئەكس ئەتتۈرۈش ئوبيېكتى ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئەدەبىياتنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى – رېئال تۇرمۇشنى بەدىئىي ئوبراز ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈشتە.
تەبىئىي پەن ۋە باشقا ئىجتىمائىي پەنلەردە ئوبيېكتىپ رېئاللىقنىڭ بىر قىسمى، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ مەلۇم بىر تەرىپى، مەلۇم جىسىمنىڭ ھەرىكەت شەكلى، قانۇنىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ، ئەكس ئەتتۈرۈش دائىرىسى چەكلىك بولىدۇ. ئەدەبىيات ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ يىغىندىسى بولغان ئادەملەرنى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەر خىل شەيئىلەرنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. يەنى كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنى، ئادەملەرنىڭ سىرتقى قىياپىتىدىكى ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئىچكى دۇنياسىنى، ئادەم بىلەن ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي مۇھىت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئەكس ئەتتۈرۈش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ.
ئەدەبىي ئەسەرلەردە كونكرېت ئادەملەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىش - ھەرىكەت، پائالىيەتلىرى، ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرى تەسۋىرلىنىدۇ.
بەزى چۆچەك، مەسەللەردە خىلمۇ خىل جان - جانىۋار، ئۇچار قۇش، ھايۋانات، ھەتتا ئاجايىپ - غارايىپ نەرسىلەر تەسۋىرلەنسىمۇ، ئۇلار ئادەملەشتۈرۈلگەن بولىدۇ، ئادەملەرگە ئوخشاش سۆزلىتىلىدۇ. دېمەك، ماھىيەتتە يەنىلا ئادەملەر تەسۋىرلىنىدۇ. تەبىئەت مەنزىرىسى تەسۋىرلەنگەن بەزى ئەدەبىي ئەسەرلەردىمۇ، گەرچە تەبىئەت مەنزىرىسى تەسۋىرلەنگەندەك قىلسىمۇ، ماھىيەتتە يازغۇچىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشقا بولغان كۆز قارىشى ۋە ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن بولىدۇ. دېمەك، ئەدەبىياتنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈش ئوبيېكتى – ئادەم، بۇ ئەدەبىياتنىڭ يەنە بىر خاس ئالاھىدىلىكىدۇر.
ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئەدەبىيات تۇرمۇشنى تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بەدىئىي ئوبراز ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئوبراز ئەدەبىياتنىڭ تۇرمۇشنى ئىپادىلەشتىكى ئالاھىدە شەكلىدىن ئىبارەت. ئوبراز بولمايدىكەن، بەدىئىي ئەدەبىياتمۇ بولمايدۇ. شۇڭا ئەدەبىيات تۇرمۇشنى ئۆزىگە خاس ئۇسۇل – ئوبرازلىق تەپەككۇر ئۇسۇلى بويىچە تونۇشنى ۋە ئىپادىلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. باشقا پەنلەر رېئاللىقنى ئومۇملاشقان چۈشەنچە، فورمۇلا، قائىدىلەر ئارقىلىق چۈشەندۈرسە، ئەدەبىيات شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى ۋە قانۇنىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان كونكرېت ۋەقە، ھادىسىلەرنى تاللىۋېلىپ، ئۇنى روشەن خاسلىققا، يۈكسەك ئومۇملۇققا ئىگە ئوبراز ئارقىلىق كونكرېت، جانلىق ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئالىملار ئىسپاتلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، قائىدە سۆزلەش ئارقىلىق كىشىلەرنى قايىل قىلسا، يازغۇچى، شائىرلار تەسۋىرلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئوبراز يارىتىش ئارقىلىق كىشىلەرنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدۇ. دېمەك، ئەدەبىياتنىڭ تۈپ خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بىرى ئوبراز يارىتىش.
ئەدەبىياتنىڭ ئىجتىمائىي رولى
ئەدەبىيات كىشىلىك تۇرمۇشتا ئىجتىمائىي ئەھمىيىتى ۋە رولى ناھايىتى چوڭ بولغان بىر پەن. ئۇنىڭ رولى دۇنيانى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى بىلىش، ئەخلاق ۋە ئىدىيىۋى تەربىيە بېرىش، كۆڭۈلنى شاد قىلىش ۋە گۈزەللىك (ئېستېتىك) تۇيغۇسىنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ.
ئەدەبىيات كىشىلەرنىڭ تەبىئەتنى تونۇشى ۋە چۈشىنىشى، شۇنداقلا ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى تونۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىنسانلار تۇرمۇشى ۋە ئادەملەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىنى تونۇشتىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەدەبىيات ئارقىلىق كىشىلەر ئادەملەرنىڭ مەنىۋى دۇنياسى، خاراكتېرلىرى ھەققىدىمۇ مول تونۇشقا ئىگە بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق قانداق ياشاش، قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈش، ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن ئۆزىنى قانداق تاكامۇللاشتۇرۇشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
ئەدەبىيات ئۆزىنىڭ تەبىئىتى بويىچە كىشىلەرنى مەنىۋى جەھەتتە يۈكسىلىشكە يېتەكلەپ، ئەخلاق - پەزىلەت، ئىنسانلىق جەھەتتە كۈچلۈك تەربىيىگە ئىگە قىلىدۇ. تۇرمۇشتىكى ناتوغرا ئىشلارغا، رەزىللىكلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش يوللىرىنى ئۆگىتىدۇ ۋە كىشىلەرنى ۋەتەنپەرۋەرلىك، خەلقپەرۋەرلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك، ئادالەتپەرۋەرلىك، قەھرىمانلىق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت گۈزەل خۇلقلۇق ئەخلاق - پەزىلەت روھىدا تەربىيىلەيدۇ. شۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئەدەبىياتنى تۇرمۇش دەرسلىكى دېسىمۇ بولىدۇ. مانا بۇ ئەدەبىياتنىڭ تەربىيىۋى رولى.
يازغۇچىلار ئۆز ئەسەرلىرىدە تۇرمۇشنى ئەينەن، قۇرۇق، بىر تەرەپلىمە ھالدا يازماستىن، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بەلگىلىك ئىدىيىسى ۋە ھېسسىياتىنى سىڭدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشقا بولغان كۆز قارىشى، باھاسى ۋە مۇھەببەت – نەپرەت ھېسسىياتلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. ھەق – ناھەق چۈشەنچىسىنى ۋە خۇشاللىق، غەزەپ، قايغۇ، شادلىقلىرىنى تۇرمۇش رېئاللىقىغا سىڭدۈرۈپ ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتى ۋە روھىي دۇنياسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ئۆزىنى، ئۆزى ياشاۋاتقان شارائىتنى ئۆزگەرتىشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ. بۇ بولسا ئەدەبىياتنىڭ گۈزەللىك بەخش قىلىش رولى بولۇپ، ئەدەبىياتقىلا خاس بولغان خۇسۇسىيەتتۇر.
ئەدەبىياتتىن باشقا ئاڭ فورماتسىيىلىرى بىلىم ۋە تەربىيە بېرىش رولىنى ياخشى ئورۇندىسىمۇ، گۈزەللىك تەربىيىسى بېرىش جەھەتتە ئاجىزلىق قىلىدۇ. ئەدەبىيات بۇ جەھەتتە ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ. رېئال تۇرمۇشتا كىشىلەر گۈزەللىكنى ھېس قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، لېكىن بۇ ئىقتىدار ھەممە كىشىدە ئوخشاش بولمايدۇ. ئەدەبىيات ئۆز خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن، كىشىلەرنىڭ گۈزەللىكنى ھېس قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن زوقلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە ۋە يۈكسەك سەنئەت ئىشتىياقى ۋە ساغلام گۈزەللىك كۆز قارىشىنى يېتىلدۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئەدەبىياتنىڭ تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى
بىر مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن ئەدەبىياتىنى دەۋر جەھەتتىن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازما ئەدەبىيات دەپ ئىككىگە؛ تەتقىق قىلىش ۋە ئەكس ئەتتۈرۈش ئوبيېكتى، مەزمۇنى ۋە رولى جەھەتلەردىن ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى ۋە ئەدەبىيات ئىلمى دەپ ئىككىگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
يازما ئەدەبىيات دەۋرنى ئۆلچەم قىلىپ، كلاسسىك ئەدەبىيات، يېقىنقى زامان ئەدەبىياتى، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى دەپ ئۆچكە بۆلۈنىدۇ. ئەدىبنىڭ رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈشتىكى پوزىتسىيىسى، مۇناسىۋىتى، ئىپادىلەش ئۇسۇلى، ئوبراز يارىتىش ئالاھىدىلىكى، تىل جەھەتتىكى خاسلىقلىرى ئېتىبارى بىلەن لىرىك (شېئىرىي) ئەسەرلەر، ئېپىك (پروزا، نەسرىي) ئەسەرلەر، دراماتورگىيە (سەھنە ئەسەرلىرى)، نەسر (سەنۋېن)، كىنو سىنارىيىسى قاتارلىق بەش چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
(تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 1 - يىللىق «ئەدەبىيات» دەرسلىك كىتابىدىن ئېلىندى)